روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3964|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى بولسىڭىز ئوينىغىلى قويۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى بولسىڭىز ئوينىغىلى قويۇڭ
9 o8 f! l( ^8 M- m( \$ n# B9 t3 A8 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:9 k3 ~. r* Z% Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
▲ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى پىروفېسسورلىرى يېقىندا ئامېرىكا رادىيۇ-تېلىۋىزىيە تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ «بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قارشى تۇرغانلىق ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىش ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىقتۇر« دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىزنىڭ مۇلاھىزە قىلىۋاتقىنىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار ئەمەس، بەلكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان، تەربىيەلىنىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانداق ئۆگىنىشنى بىلىدۇ، لېكىن ئارىسىدىكى بىر قىسمى قانداق ئويناشنى بىلمەيدۇ. ئاتا - ئانىلار، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، پىسخولوگلار، نېرۋا كېسەل مۇتەخەسسىسى ۋە سىياسىيونلار بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يېتىشتىن ئىلگىرى ئالىدىغان تەربىيەنى ئويناش تىپىدىكى تەربىيە ياكى ئىقتىدار يېتىشتۈرۈش تىپىدىكى تەربىيەدىن ئىبارەت ئىككى تىپقا بۆلگەن. # m* E6 z& W" i) ~# f8 y* lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
▲بالىڭىزنىڭ بالىلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز ئويناش تىپىدىكى تەربىيەنى تاللاڭ؛دېمەكچىمىزكى بالىڭىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇلارنى ئوينىغىلى قويۇڭ. ئويناش نېمە ئۈچۈن ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا قوللاشقا ئېرىشىلمەيدۇ؟ بۇ پەقەت بالىلارغا تەڭ ياشتىكىلەر بىلەن يېقىنلىشىش پۇرسىتى بېرىش ئۈچۈنغۇ. ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئوقۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. ئۆزىنىڭ ھاياجېنىنى بېسىۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش ئىنسانلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىدۇر. باشقىلارنىڭ قارىشىنى تونۇپ يېتەلەيدىغان بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ. پىسخولوگلار بۇنى »مەقسەت نەزەرىيەسى« دەپ ئاتايدۇ، بۇ ئۆز قارىشى، ئېتىقادى ۋە ئارزۇيىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىش دېگەنلىك. تۆت ياشلىق بالا باشقىلار ياغاچتىن كۆڭۈل قويۇپ تىزىپ چىققان قەلئەنى ئۆرۈۋەتكەن ياكى 20 ياشلىق بىرى باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ئويلاپ دەرسخانا سۆھبىتىنى ئىگىلىۋالغاندا، ئۇلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمىدى، دېگەن ئورتاق تونۇشقا كېلىشىمىز مۇمكىن.
- G) e5 C; C  J9 M6 S* |  zئويۇن تىپىدىكى دەرسنىڭ ياخشى يېرى شۇكى، كىچىك بالىمۇ باشقىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە تەجرىبىلىرىنى كۆزىتەلەيدۇ ۋە ئۆگىنەلەيدۇ. ئىقتىدار يېتىشتۈرۈش تىپىدىكى دەرسنى بەزىدە كىشىلەر »ئۆلۈك ئوقۇتۇش« دەپ زاڭلىق قىلىدۇ. چۈنكى كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئېنىقكى، بۇنداق ئۇسۇل بويىچە تەسىس قىلىنغان ئالاقە مۇھىتىدا بالىلارنىڭ ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى ئۆگىنەلىشى ناتايىن. مەسىلەن: ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار ئىككى خىل دەرسخانىدىن تىيىننىڭ ئۆچەككە كىرىشى توغرىسىدىكى بىلىمگە ئىگە بولالايدۇ، ئىقتىدار يېتىشتۈرۈش تىپىدىكى دەرسخانىدا، بالىلاردىن تاپشۇرۇق ئىشلەش، سېۋەتتىكى شەمشاد غوزىسىنى ساناش، تىيىنغا رەڭ بېرىش تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن. ئويۇن تىپىدىكى دەرسخانىدا بالىلار تىيىنغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلىشى، «تىيىن نېمە ئۈچۈن شەمشاد ئۇرۇقى يىغىدۇ» ياكى تىيىننىڭ نېمىشقا تۈكى بولىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئاندىن بالىلار ھەمراھلىرى بىلەن تىيىنغا ئۇۋا ياساپ بېرىشى مۇمكىن، ئۇلار بۇ ئارقىلىق سان ئۇقۇمى، ئۆلچەش ۋە بىناكارلىققا لازىملىق باشقا قائىدىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، يەنە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش بىلەن ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشنى ئۆگىنىدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلىگەن بالا كۆپرەك يەككە ۋەزىپىنىلا تاماملايدۇ، لېكىن ئويناش تىپىدىكى دەرسخانىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمراھلىرى، دەرسلىك ۋە ئوخشىمىغان ئىدىيەلەر بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ. قۇرۇلمىنى چۆرىدىگەن، ئوقۇتقۇچىلار تەشكىللەپ ماسلاشتۇرغان ئويۇن خاراكتېرلىك تەلىم - تەربىيە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
+ v* B3 v2 N7 i▲ بىر تەجرىبىدە تۆت -بەش ياشلىق بالىلار چوڭلار بىلەن رول ئېلىش ئويۇنى ئوينىغان، نەتىجىدە بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە قانائەت قىلىش ئىقتىدارى بايقالغان. باشقا نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىمۇ بۇنداق قىزىقارلىق ئويۇنلار بىلەن ئۆزىنى تىزگىنلەش ئارىسىدىكى باغلىنىش ئىسپاتلانغان. بالىلار ئويۇن ئويناش ئارقىلىق تەرتىپكە رىئايە قىلىشنى، قانائەت قىلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىشنى، مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشنى، نىشانىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىشنى، چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشنى ۋە ئۈمىدسىزلىككە بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنەلەيدۇ. بالىلارغا باشقىلارنىڭ ئايىغىنى كىيىپ ماڭغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرساق، بالىلاردا ھېسداشلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيمىز، ھېسداشلىق ئەقىل ۋە ئىجتىمائىي ھېسسىيات جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. نۇرغۇن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خادىملار دائىم يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى نەتىجىسى ئەلا ئىختىساسلىقلار دېيىشىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى ئىستۇدېنتلاردىن «تەييار تۇرۇش» نى، كىتاب -دەپتەردىكى بىلىملەردىن ھالقىش، كىشىلەر بىلەن ئاكتىپ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.$ y( m: J& W$ T8 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
▲ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەش ياشلىق بالىغا نىسبەتەن بۇنداق تونۇشلار ئويناشنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئاساستا ئىجاد قىلىش، سوئال سوراش، دوراش، ئارزۇ ۋە بەھرىمەن بولۇشتىن باشلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئوينىشىنى چەكلىگەنلىكىمىز، ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىش ھوقۇقىنى چەكلىگەنلىكىمىزدۇر. بۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئالىي مەكتەپكە كىرگەندە، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ دۇنياغا ماسلىشىش پۇرسىتىنىمۇ چەكلەيمىز.
- z/ M! l7 _# ~$ k3 R1 M  p) @# p

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +10 ئىناۋەت +10 تەڭگە +10 بايلىق +6 تۆھپە +3 يىغىش سەۋەبى
سەلكىن01 + 8 + 8 + 8 + 5 + 3 ياقتۇردۇم
نۇرقۇت + 2 + 2 + 2 + 1 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-8 21:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى ھەقىقەتەن كۆپرەك ئوينىغلى قۇيۇش كېرەك، كۆپرەك جايلارنى ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ شەيئىلەرنى تۇنۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىم.
ۋاقتى: 2012-6-13 10:22:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز دىگەن ئۈسۈلنى قوللۇنۇپ بالامنى ياراملىق ئادەم قىلايچۇ!!!!!
ۋاقتى: 2012-6-13 11:17:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى  كارىل ۋېتىرنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەش دەستۇرى، سېتىنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش دەستۇرى .....قاتارلىق كىتاپلارنى ئۇقۇپ پايدىلنىشقا ئەرزىيدۇ.

باھا سۆز

تەۋسىيەلىك تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن.  ۋاقتى: 2012-6-14 01:30
ۋاقتى: 2012-6-14 01:17:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىما ئىكەن ، مائارىپمىزدىمۇ دەرسخانلاردا سىناپ باقسا چۇقۇم ئۈنۈمى ياخشى بۇلدۇ
ۋاقتى: 2012-6-14 01:37:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى ئويۇن ئويناشقا قويۇپ بېرىشتە يىراقتىن كۆزىتىش، ياندىن يېتەكلەش، قاتنىشىش شەكلى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەپەككۈر ئىقتىدارىنى قوزغايدىغان ئىجادىي ئويۇنلارغا كۆپراق تەشكىللەش لازىم. قارىماققا، بالىلار بىلەن ئويناۋاتقاندەك قىلساقمۇ، ئىجادىي سۇئاللار ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلۈكسىز پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئويلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىلىم سەۋىيىسىنى تاكاممۇلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. شۇنداقلا، ئاتا- ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى- مۇھەببەتنى تېخىمۇ چىڭىتالايمىز...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-28 10:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش