روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2601|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەن ئۆزگەردىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئانارگۈل ئابباس
, k( N- ]2 A5 E$ ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بويۇم ئېگىز بولغاچقا دائىم ساۋاقداشلىرىمنى بوزەك قىلىپ دەپتەر – قەلەملىرىنى تارتىۋالاتتىم. قىزبالا ئىكەنلىكىمگە قارىماي ئوغۇللار بىلەن ئۇرۇشاتتىم. شۇڭا، ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇئەللىمدىن تەنقىد ئاڭلايتتىم. تەنقىد ئاڭلاپ بولۇپلا ساۋاقداشلىرىمدىن ئۆچۈمنى ئالاتتىم. بارا – بارا مەكتەپتە ‹‹ئۇرۇشقاق›› دېگەن نامىم تارالدى. ساۋاقداشلىرىم ماڭا يېقىنلاشمايدىغان، مەن بىلەن ئوينىمايدىغان بولدى. باشقىلار ئارىغا ئالمىغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم. ئۆگىنىش نەتىجەممۇ تۆۋەنلەپ كەتتى.
% V5 I6 m3 T6 B, X, A4 _& u& n      تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم. قەددىمنى قايتىدىن كۆتۈرمەكچى بولغان بولساممۇ يەنىلا ‹‹ياغلىق قاپاق›› بولۇپ قالغاچقا بوشىشىپ كەتتىم. سىنىپ مەسئۇلىمىز رەتلىك كىيىنىدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان تولىمۇ مېھرىبان قىز ئىدى. ئۇ مېنىڭ جىمغۇرلىقىمغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، بىر كۈنى مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ:
. l$ D9 E% q5 \( N7 X' u. A      – سىڭلىم، نېمىشقا دائىم چۈشكۈن يۈرىسىز، نېمە گېپىڭىز بولسا قورۇنماي ئېيتىڭ، – دېدى.
7 o3 F7 H& }9 i8 T& _; X      باشقىلارنىڭ ‹‹سىڭلىم›› دەپ يېقىملىق چاقىرىشىنى ئاڭلاپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ بۇ سۆز ماڭا تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلاندى. ئىختىيارسىز ‹‹پاڭڭىدە›› يىغلىۋەتتىم ۋە بولغان ئىشلارنى مۇئەللىمگە سۆزلەپ بەردىم.
/ [8 }- r! q% z$ U7 e: T, C      – سىز ھەممىنى قايتىدىن باشلاپ ساۋاقداشلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭ. مەن سىزگە ئىشىنىمەن ھەم سىزدەك غەيرەتلىك سىڭلىمدىن پەخىرلىنىمەن، – دېدى مۇئەللىم.! k( }$ X0 _) ~/ u1 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      – ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭىزگە رەھمەت، مەن چوقۇم تىرىشىمەن، – دېدىممەن. ئەتىسى ئۆزلىكۈمدىن سىنىپنىڭ ‹‹بۇلۇڭ قىرائەتخانىسى››نى رەتلەپ قويدۇم. ساۋاقداشلىرىم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراشتى. شۇ كۈندىن باشلاپ تاپشۇرۇقلىرىمنى تولۇق ئىشلەيدىغان، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل تەكرار قىلىدىغان، ئائىلە ئىشلىرىغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەملىشىدىغان، سەھەر كېلىپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۈستەللىرىنى پاكىز تازىلاپ قويىدىغان بولدۇم. پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتىم. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە ئۈچ تۈردە بىرىنچى بولۇپ سىنىپىمىزغا شەرەپ كەلتۈردۈم. بىرقانچە ساۋاقدىشىمنى تەشكىللەپ مەھەللىمىزدىكى ياشانغان كىشىلەرنىڭ ھويلا – ئاراملىرىنى تازىلاپ بەردىم. ساۋاقداشلىرىم ماڭا بارا – بارا يېقىنلاشتى.
9 P; [) t9 Q) T+ f. O  k4 B(ئاپتور يەكەن ناھىيەسى مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 5 – سىنىپتا)0 |) U' a+ q. K, |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-3-31 14:54:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىمۇ ئۆزگىرىش بەك چوڭ مۇشۇ كۈنلەردە
ۋاقتى: 2012-4-3 01:59:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا ئۆزگىرىش ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلىمەكتە، بىزمۇ ھەم شۇنداق. پەن -تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، رىقابەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان، ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئۆزگەرمىسەك قاچان ئۆزگىرىمىز؟ سىڭلىم ئانارگۈلنىڭ بۇ نوقتىنى ئالدىن چۈشىنىپ يەتكىنىگە رەھمەت!...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-17 06:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش