روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5932|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، تىرىشچان باغۋەن - ئابدۇبەسىر شۈكۈرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
W020120326615212016573.jpg

+ e. q" i/ Y/ k9 d. Fھەركىمنىڭ قانداق ياشاش يولىنى تاللىشى ئۆزىگە باغلىق. قانداقلا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ لۇغىتىدە «مەسئۇلىيەت» دېگەن ئۇقۇم بولۇشى كېرەك. ھاياتلىقتا كۆپلەر ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ ھەم شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرىدىن گۈللەر ئۈنىدۇ، خەلقنىڭ ھۆرمىتى، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ، قەدىرلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەنە شۇنداقلارنىڭ بىرى. 
, G! T7 M  q- A. T$ Nئابدۇبەسىر شۈكۈرى 1964-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە مومىسىنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىلا كونا يېزىقتا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇشنى، بولۇپمۇ سوۋېت ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن «شېئىرلار» ناملىق كىتابنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى. ئابدۇبەسىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى، چاغاتاي تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشقان. ئۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتنى ھەقىقىي چۈشەنمەي تۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى يۈكسەلدۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىقاتقا كىرىشكەن.
9 m5 x; W4 L0 m# cئۇ ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تۈركولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىدىن 72 پارچە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتقا ئائىت ماقالىلىرىدىن «ئۇيغۇر خەلق داستانى ‹ئاق ئۈلۈمبەردىخان› ۋە شامان دىنى»، «تۇتېمنىڭ مەنىۋى ئاساسى ھەققىدە»، «‹ئوغۇزنامە› ۋە ‹ماناس›»، «يېڭى پلاتونىزم ۋە مىستىتىزم»، «شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىنىڭ مەشھۇر تەسەۋۋۇپ شائىرى قۇل خوجا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرى»، «‹كۆزگۈ› نىڭ شامانىزىمدىكى مەدەنىيەت مەنىسى» قاتارلىقلار يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە . ئۇ يەنە «قۇياش ۋە چۆچەك»، « ‹ئوۋ تاماشاسى›دىن تۇغۇلغان ئوي»، «سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ يارقىن ئوبرازى»، «غورا خىياللار»، «پىنھان قەلب سىزغان سۈرەتلەر»، «پاكىز سەھرانىڭ بىغۇبار ناخشىسى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ پەلسەپەۋى ئىدىيەسى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى»، «ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن ئوبزور - ماقالىلىرىنى يېزىپ، «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
1 o+ n4 F  X1 ?+ \ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز ھەققىدە ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردە ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى دەپ تونۇپ، خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنى، ئاتاقلىق رۇس تۈركولوگى كىلياشتورنىينىڭ «تۈرك - رونېك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنى، مەشھۇر تۈركولوگ تالات تېكىننىڭ «ئورخۇن ئابىدىلىرى» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «‹پالنامە› ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىندى. «نۇتۇق ۋە نۇتۇقشۇناسلىق» ناملىق كىتابى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. ) c/ b) X* x; M7 W5 U6 I: [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ياپونىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەشكە قاتناشتى، بۇ جەرياندا چەت ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن تۈركولوگلار بىلەن تونۇشۇپ، كېيىن ئۇلارنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلەتتى. مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار بۇ تىنماس باغۋەنگە نۇرغۇن شان - شەرەپ ئاتا قىلدى. 1993-يىلى «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ئوبزور مۇكاپاتىغا، 1994-يىلى «غورا خىياللار» ناملىق ماقالىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، 1995-يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بويىچە «نادىر تەتقىقات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 
4 f8 a/ ~" ~, n& B0 q- `ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ھازىر خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. ; L# s$ U2 H! W7 N9 Q- ], s7 fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +14 ئىناۋەت +13 تەڭگە +11 بايلىق +10 يىغىش سەۋەبى
tulpar2 + 5 + 5 + 6 + 5 ياخشى تېما
نۇرقۇت + 9 + 8 + 5 + 5 ياخشى تېما

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-3-28 21:30:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاقلىق ئالىم، تەتقىقاتچى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئاكىمىزنىڭ ھاياتى  پائالىيىتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى  ھەققىدە مۇپەسسەل چۈشەنچە بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.; M* G& c, q5 zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2012-9-15 22:42:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى  ئاكىمىزنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ۋە ئىجادىي ئەمگەكلىرى توغرىسىدا تۇلۇق خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا ئالەمچە تەشەككۇر !
ۋاقتى: 2012-9-26 17:29:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتقىقاتچى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئاكىمىزنىڭ ھاياتى  پائالىيىتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى  ھەققىدە مۇپەسسەل چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، ئىلگىرى پەقەت ئېكران يۈزىدىلا كۇرۇش ئىمكانىيتى بولغان ئىدى ،مانا ئەمدى خېلى كۆپ نىمىلەرنى بىلىۋالدىم.ئانا تىل ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ھارماس تۇلپارىڭىزنى داۋاملىق چاپتۇرىشىڭىزغا تېلەكداشمەن!!!!!!2 j0 z) |, ?, v; s7 P/ R  U+ P3 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ۋاقتى: 2012-10-18 21:42:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىنى تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىنى قايتا تۈزىۋاتىدۇ ...2013 - يىلدىن باشلاپ رەسمى ئىشلىتىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم .
ۋاقتى: 2012-10-22 17:38:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن قۇشۇۋاتقان تۈھپىسى ناھايىتى چوڭ.7 S  b1 Q' ], K0 y; Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن بۇ كىشىگە ئۇزۇن ئۈمۈر تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2012-11-11 12:27:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  كىشى بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى ئۇلۇغ بىر زات ،بۇ كىشى ھازىر ئانا تىل ئوقۇتۇشىمىز ئۈچۈن يۈرەك باغرىنى ئاتا قىلىۋاتقان بارلىغىنى ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا ئاتىغان...............ئۇلۇغ بىر زات.........
ۋاقتى: 2014-5-6 19:55:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازغۇچىمىزنىڭ ئ‍ۇبزۇرلېرىنى ياقتۇرۇپ ئ‍ۇقۇيمەن.
5 Y1 M. ?4 V. E" C7 |. SAndroid  يانفۇندا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-5-6 21:01:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆھتىرەمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك يار بولغاي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-5 05:33

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش