روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2770|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا قايتۇرۇش جەريانىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن بۇ يەردە ئۆزەمنىڭ پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ھەقىقى ئىسىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۇش جەريانىم بىلەن پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا قايتۇرۇش جەريانىمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن،بۇندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم پۇل تۆلەش گۆھىرىنى ھەقىقى ئىسىمنى  تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ۋە پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى پۇلىنى ئالماقچى بولغان دوسىتلارغا تەجرىبە بولسۇن.
1 M, E1 i- Y9 h$ T* k& Hمەن پۇل تۆلەش گۆھىرىنى تىزىملاتقىلى بەلكىم 2-3 يىللار بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن،ئېسىمدە يوق،تاۋباۋ تورىدىنمۇ نۇرغۇن قېتىم مال ئېلىپ بولدۇم، ھەقىقى ئىسىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى تور سودىسى قىلسام،قۇرۇلۇش بانكا كارتامدىن پۇل چىقىم قىلاتتىم(مائاشنى مۇشۇ بانكىدىن ئالىمەن،ھەم يانفۇن بانكىسى،تېلىفۇن بانكىسى،تور بانكىسىنىڭUقالقىنى،قىسقا ئۇچۇر بېجىرگەن)، پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى پۇلنى ئېلىشتا سودا سانائەت بانكىسىدىكى كارتامغا قايتۇراتتىم(چۈنكى پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى ئىسمىم بىلەن سودا سانائەت بانكىسىدىكى ئىسمىم بىلەن بىردەك،يەنى ئىسىم فامىلەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا چېكىت يوق،قۇرۇلۇش بانكىسىدىكى ئىسمىم بىلەن بىردەك ئەمەس،يەنى ئىسىم فامىلەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا چېكىت بار)،مەن بۇ ئاۋارىچىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن ھەممىنى قۇرۇلۇش بانكىسىغا باغلىماقچى بولدۇم،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقى ئىسمىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزسەم ئاندىن پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى ئىسمىمنى ئۆزگەرتەلەيدىكەنمەن(مەقسەت: پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى ھەقىقى ئىسمىم بىلەن قۇرۇلۇش بانكىىسىدىكى ئىسمىمنى بىردەك قىلىش)،  ئەمما كۆپ قېتىم سىناپ پەقەتلا ھەقىقى ئىسىمىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزەلمىدىم(ئاتايىن رەسىمخانىغا بېرىپ كىملىگىمنى 扫描قىلىپ كەلگەن) ، ھەقىقى ئىسىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندە بىر يۇئەندىن تۆۋەن سوممىنى پۇل تۆلەش گۆھىرىگە قايتۇرسام،«سىزنىڭ تولدۇغان ئۇچۇرىڭىز توغرا،ئەمما سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز ئاھالىلار سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تەكشۇرۇش مەركىزىدە يېڭىلانمىغان بولۇشى مۇمكىن»دەپلا ئەسكەرتىپ تۇرىۋالدى ،شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئارقىلىق ھەقىقى ئىسىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش دىگەننى تاللاپ،كىملىكتىن باشقا نوپۇسنىڭ باش بېتىنى ۋە مېنىڭ ئۇچۇرۇم بار بەتنىڭ رەسىم نۇسخىسىنى يوللاپ بەردىم،بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پۇل تۆلەش گۆھىرىمگە قارىسام،ھەقىقى ئىسمىم تەستىقتىن ئۆتۈپتۇ(ئەمدى قۇرۇلۇش بانكىسى مائاش كارتامدىكى ئىسىم فامىلەم ئوخشاش بولدى!،يەنى چېكىت بار بولدى) ،پۇل تۆلەش گۆھىرىدە 400يۇئەندىن يۇقىرىراق پۇل بار ئىدى، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كارتىىسىغا ئاغدۇرۇپ بېقىش ئۈچۈن  بانكىنى قوشۇش دىگەن تۈردىن ئۇچۇرنىڭ ھەممىسىنى تولدۇرۇپ يانفۇن نومۇرى تولدۇرغان يەرگە كەلگەندە دەلىللەش نومۇرىنى يوللاش دىگەننى چەكسەم سىزنىڭ يانفۇنىڭىز بىلەن بانكىدا قالدۇرۇلغان يانفۇن نومۇرى بىلەن بىردەك ئەمەس دەپلا تۇرىۋالدى(مەن يانفۇنۇمنىڭ نومۇرىنى ئۆزگەرىتمەي ئىشلىتىۋاتقىلى 6يىلدىن ئاشتى،قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئۇچۇرىنى تولدۇرغاندا مۇشۇ يانفۇن نومۇرىنى تولدۇرغان،بانكىنىڭ قىسقا ئۇچۇرى نورمال كېلىدۇ،يانفۇن بانكىسىمۇ ئاپتوماتىك تونۇيدۇ،بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس) ،يانفۇن نومۇرىنىڭ دەلىللەش نومۇرىدىن قۇتۇلماي زادىلا قوشقىلى بولمىدى،ئەمدى سودا سانائەت بانكىسىدىكى كارتامنى سىناپ بېقىش نەزىدە  0.5يۇئەننى سودا سانائەت بانكا كارتامغا ئاغدۇردۇم،ئەمما پۇل كارتامغا ئاغدۇرۇلماي 48 سائەتتىن كېيىن پۇل تۆلەش گۆھىرىگە قايتىپ كەلدى،سەۋەبى:سودا سانائەت بانكىسىدىكى ھىساپ ئاچقۇزغان ئىسم فامىلەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويۇلمىغان،پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى ھەقىقى ئىسىمنى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى ئىسم فامىلەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويۇلغان ئىدى(ئەمدى پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى ئىسىم فامىلەم بىلەن سودا سانائەت بانكا كارتامدىكى ئىسىم فامىلەم ئوخشاش بولمىدى) ،بۇنى كۆرۈپ شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى ،ئاۋارىچىلىقنى ئازايتىمەن دەپ ئاۋارىچىلىق تېپىۋالغانلىغىمغا،ئەمدى دۈشەنبە كۈنى سودا سانائەت بانكىسغا بېرىپ ئىسىم فامىلەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېكىت قويدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلمىسام بولمىدى(بانكا خادىملىرىغا نىمە دەپ سەۋەپ توقۇشۇمنى ئۇقمىدىم)،يەنىلا شۇ سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتسىغا ئاغدۇرىدىغان بولدۇمدە(ئەسلى ئىشلەتمەيدىغان سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى كۆزدىن يوقىتاي دەپ ئويلىغان).  تۇنجى قېتىم پۇل تۆلەش گۆھىرىدىكى ھەقىقى ئىسىمنى  تەستىقتىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان دوسىتلار بۇ مەسلىنى ئويلىشىپ قويۇڭلار،مەندەك ئاۋارىچىلىققا قالماڭلار!    !    ! 5 C+ L2 l1 U4 ~8 i- m/ R* aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىزگۈ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-12 14:04  
2 \2 G' }6 T. A# M7 s  ^! h
* l% r1 F5 z! L! J+ d
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-23 05:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش