روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2722|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۇچۇرلىردىن قانداق پايدىلاندىم؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-12-28 09:47:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۇچۇرلىردىن قانداق پايدىلاندىم؟# q7 E, r$ U- V4 G2 k) Q1 m2 Aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دۇنيا ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانىيەت خىلى بۇرۇنلا ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، بىزدەك يىزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەتكە نىسبەتەن زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۇسكۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش ناھايىتى تەس. زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۇسكۇنلىرى كومپېيوتىر، كۆلەڭگۈ چۇشۇرۇش ئاپىراتى، كۆلەڭگۈ چۇشۇرۇش ئىكرانى، پىروكسىيە ئاپاراتى، يىراق مۇساپىلىق مائارىپ ئۇچۇرلىرى، تور ئۇچۇرلىرى، باشقىلار ۋە ئۆزىمىزنىڭ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭكىنى ئۆگىنىپ ئۆز ئەمەلىيتىمىزگە ئاساسەن تەييارلىغان دەرس لايىھەلىرىمىز(يۇمشاق دىتاللار) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4 l# J# m/ s5 l3 ^: j" Dيىراق مۇساپىلىق مائارىپ(ئىچىۋىتىلگەن مائارىپ) ــ رايۇنلار ئارا ئارىلىق ئىچىۋىتىلگەن مائارىپ بولۇپ، يىراق شەھەر-بازارلار ئارىسىدىكى ئارىلىق مائارىپ تورى ئارقىلىق يىقىنلاشتۇرۇلغان، ياكى ئۆگەنگۇچىلەر بىلەن ئۆگەتكۈچى ئارىسىدىكى ئۇزۇق مۇددەتلىك ئالاقە، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆگىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۇ ئادەملارگە يۇزلەنگەن مائارىپ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ." f0 F, e: }& l1 b- Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەكتىۋىمىزگە سەپلەنگىنى  3-خىل ئەندىزىدىكى ھازىرقى زامان يىراق مۇساپىلىق مائارىپ ئەسلىھەلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.. y: a$ x9 w" P4 I1 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىرقى زامان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى مەكتىۋىمىزگە كەلمەستىن بۇرۇن مەن قوللانغان ئەڭ زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى سىن ئالغۇ، ئۇن ئالغۇ، تېلىۋىزور، ئوپتىك دىسكا قويغۇچ(VCD)، سايە چۇشۇرۇش ئاپىراتى قاتارلىقلار بولۇپ، يۇقارقى ۋاستىلاردىن پايدىلانغان ۋاقتىمدا تەييارلىغان دەرسلىكلەر، ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۇزۇلگەن بىلىملەر پەقەت دەرسلىك كىتاپتىكى مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلىنەتتى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلۇمدا(مىتودىمدا)، كەسپى بىلىم سەۋىيەمدە ئىلگىرلەش كۆرۇلمىدى. مۇنداقچە ئىيىتىقاندا، بۇ خىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆتۈلگەن دەرىسلەر گەرچە ئاددى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىغا قارىغاندا ئۈنۈمى باردەك كۆرۈنسىمۇ، لىكىن يەنىلا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئەستە ساقلىشىدا بەلگۈلىك كەمتۈكلىكلەر ساقلاندى.
, Z" {( g3 m" b6 pسىن ئالغۇ، ئۇن ئالغۇ، تېلىۋىزور، ئوپتىك دىسكا قويغۇچ(VCD) قاتارلىقلاردىن پايدىلانغاندا، ماگىنىتلىق دىسكا ۋە ئوپتىك دىسكىلارنى ئۆز يىنىمدىن پۇل چىقىرىپ سىتىۋالاتتىم ياكى ئىجارىگە ئالاتتىم، سىتىۋالغان ماگىنىتلىق دىسكا ۋە ئوپتىك دىسكىلارنى ساقلاشنى بىلمىگەچكە ئاسان بۇزۇلۇپ كىتەتتى، ئىجارىگە ئالغان ماگىنىتلىق دىسكا ۋە ئوپتىك دىسكىلارنىڭ ئىجارە ۋاقتى توشۇپ كىتەتتى، قايتا ئىجارىگە ئىلىشقا توغرا كىلەتتى، مىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىم بۇنداق ھەسسىلەپ پۇل تۆلەشنى كۆتۇرەلمەيتى، بەزى ۋاقىتلاردا ئاپىراتلار بۇزۇلۇپ قالاتتى، سايە چۇشۇرۇش ئاپىراتىدىن پايدىلانغىنىمدا ئەينەك ياكى سۈزۇك سۇلىياۋلارنىڭ ئۇستىگە خەتلەرنى، شەكىللەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يازاتتىم، سىزاتتىم، سىزغان رەسىم-شەكىللەر ئۆلچەمسىز بولۇپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا بىلىۋىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ماتىريال مەنبەسى يىتەرسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار كۆرۇپ باقمىغان شەيئىلەرنى چۇشەندۇرۇشتە خىلى زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم. شەيئىلەرنىڭ سان ۋە سۈپەت ئۆزگۇرۇش جەريانىنى ھەركەت ئارقىلىق چۇشەندۇرۇشكە قەتئى مومكىن بولمىدى. بۇنداق ئۆتۇلگەن دەرسلەردىن ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس مەنمۇ بىزار بولدۇم.
) j6 t5 _3 J$ n6 P2005-يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ تۇركۇم-تۇركۇملەپ ئىلىپ كىلىنگەن ھازىرقى زامان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى يۇقارقى ئەھۋاللارنى پۇتۇنلەي ئۆزگەرتتى. بۇنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە دەرس ئۆتىشىمگە پايدىسى زور بولدى. بور، دوسكا، دەرسلىك كىتاپ ۋە مورتومدىنلا پايدىلىنىپ ئۆتىلىدىغان ئەنئەنىۋى دەرسخانا ئوقۇتىشىدىن، كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش ئورنىدا PowerPoint يۇمشاق دىتاللاردىن پايدىلىنىپ، دەرسلىك كىتاپنى ئاساس قىلىپ، دەرس لايىھەلىرىنى تۈزۇپ چىقتىم، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆتۇلگەن دەرسلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىش كۈچى ياخشى بولۇپ، سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرىشىغا پايدىسى زور بولدى. لىكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن مېنىڭ Powerpoint تىنلا پايدىلىنىپ ئۆتكەن دەرسلىرىم دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئىشىپ بىرىۋاتقان بىلىش دائىرىسىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. مەن ئۆزلۇكسىز تۇردە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تۇرلۇك تەربىيلەش كۇرۇسلىرىغا قاتناشتىم ۋە ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى كومپېيوتىر ئاساسى كۈچلۇك بولغان كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەچ كۈرۈسلارغا قاتنىشىپ، ئوقۇتۇش يۇمشاق دىتالى ئىشلەشكە ياردىمى بولىدىغان  Flash ۋە Awuzoer قاتارلىق يومشاق دىتاللارنى ئۆگىنىپ، كومپېيوتىر، كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپاراتى، پىروكسىيە ئاپىراتى قاتارلىق ۋاستىلارنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىمدە جانلىق ئىشلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا تىرىشتىم.
8 L/ F1 `8 Y3 K6 Nئاۋاز، سۈرەت، ھەركەت ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇلگەن بۇ خىل ۋاستىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەسىرى خىلى چۇڭقۇر بولدى، ھەر بىر سائەتلىك دەرستە يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش، ئوقۇتۇش نىشانىنى بەلگىلەش، دەرسنىڭ مۇھېم-قىيىن نوقتىلىرىنى ئىنىق بەلگىلەش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار پائالىيتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تاپشۇرۇق بىرىش قاتارلىق  ياردىمى ئىنتايىن چوڭ بولدى.
. l% x  l9 f' hمەن بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپلا قالماي، سۇنئى ھەمرادىن تارقىتىلغان تۈرلۇك مائارىپ ئۇچۇرلىرىدىن ئۆزۇم ئىھتىياجلىق بولغان ماتىرياللارنى كۆرۇپ چىقتىم، بۇ ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىچە شەكىل، يىڭىچە مەزمۇندىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن ۋاختىدا خەۋاردار قىلدىم. ئۆزۇمنىڭ كەسپى بىلىم سەۋىيىمنى ئۆزلۇكسىز تولۇقلاپ، يېڭىلاپ ماڭدىم. نەتىجىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقى بارغانسىرى ئاشتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىكى نەتىجىسىمۇ كۆرىنەرلىك يۇقۇرى كۆتۇرۇلدى.
& W5 k+ I! g8 e2 K& l# Gمەن دەرىسخانا ئەمەلىيىتىمدە يىراق مۇساپىلىق  مائارىپ ئۇچۇرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە Internet تورىدىن پايدىلىنىپ، دەرسكە مۇناسىۋەتلىك رەسىم، خەۋەر، ئىلمى ماقالە... قاتارلىقلارنى توردىن چۈشۈرۈپ، دەرىسخانا ئەمەلىيىتىمدە جانلىق قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ دائىرلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلدىم. دەرسلىكتىكى ھەل قىلالمىغان مەسلىلەرنى ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۈنۈملىك ھەل قىلدىم. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتىدۇ.
8 E$ q4 d. G$ M; J2 G0 R, D0 @5 eمەن ھازىرقى زامان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشتا ئالدى بىلەن مائارىپ تورىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، رايۇنىمىز ۋە مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىي شارائىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، يىزا مائارىپ شارائىتىغا ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلارغا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش دائىرىسىنى، قىزقىشىنى ئاساس قىلىپ، قىزىقارلىق قىلىپ ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىسىسى بىلىشتىن ئەقلى بىلىشكە ئۆتۈشىگە ئاساس سالدىم. شەكىل ئۆزگەرتىش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ھەركەت جەريانىنى ئاددى شەيئى-ھادىسىلەرنى ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىغا يىقىن بولغان، ئوقۇغۇچىلار كۆرۇپلا ھېس قىلالايدىغان شەكىل، رەسىم ۋە ھەركەتلەرنى تۇتقا قىلىپ، مۇرەككەپ شەيئى، ھادىسلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا گەۋدىلەندۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەستە قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ چۇشەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بەردىم. ( F9 e7 {1 R5 K& n) D5 K: Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
خۇلاسىلىغاندا مەن ھازىرقى زامان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلانغان بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقى، ئۆگىنىش نەتىجىسى كۈندىن-كۈنگە يۇقۇرى كۆتۇلۇپلا قالماي، ئۆزۇمنىڭ كەسپى بىلىمىم ۋە ئونۋىرسال بىلىمىم يېڭىلىنىپ ۋە تولۇقلىنىپ مىڭىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى توپلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ دائىرلىك بىلىم بىرىپ، يىراق مۇساپىلىق مائارىپ بايلىقىدىن يەنىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشىمەن.
# M6 R; S" C; O/ i' }مەنبە:شىرنە ئوقوتوش ماتىرىياللىرى ئامبىرى ،ماتىرىيال تەمىنلىگۈچى : ئابدۇۋاھاب ئابلىز
9 a( c4 c) w" v. Q" V1 A' }0 c5 Q; V; s7 c4 c! nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ماس قەدەمدە ئەۋەتىلدى Tursun007نىڭ مىكرو بلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 09:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش