روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2390|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قۇربان ئابلىمىت؛مېھىر-مۇھەببەت ئەڭ ئۇلۇغ تەربىيەدۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-25 18:17:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مېھىر-مۇھەببەت ئەڭ ئۇلۇغ تەربىيەدۇر4 Y0 e' n" A  s, }! D8 t! Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

. @) `5 I) z1 v" Mقۇربان ئابلىمىت
( Z) s4 t$ A! [/ m* k. o+ _  J8 N7 I: x  W6 a$ V, L: Y& T, p" l: zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
« بالىلار ئۆز نۆۋىتىدە ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئاتا-ئانىلار قولىدىكى ئامانىتىدۇر.بىراق ئۇ شۇنداق بىر ئۇلۇغ ئامانەتتۇركى،ئۇ ھەرقانداق قىممەتلىك ئالتۇن–جاۋاھىراتلاردىن گۈزەل ۋە سۈيۈملۈك بولۇپلا قالماي،تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.»      - p" P: T# E4 l) q4 ?3 _, {% Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ـــــ « سېتنا خانىمنىڭ پەرزەنىت تەربىيەسى» ناملىق كىتابتىن., c+ H* f; W1 ~* U# F: N# h. ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  X/ N4 k6 F! M$ [7 ?7 f/ Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
       ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا دۇنيادا تۇنجى ئائىلىنى ئاپىرىدە قىلغاندىن تارتىپ، ئائىلە ئەڭ مۇقەددەس جاي سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىپ كەلدى. ئائىلە - مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى تارىخى مۇساپىسى باشلانغان جاي. شۇڭا، ئائىلە تەربىيەسى- مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمىئىيەت تەربىيەسىنىڭ ئاساسى ھىساپلىنىدۇ. بىز دائىم سەبىي بالىلارنى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز، بۇ ئاق قەغەزگە نېمىلەرنى سىزىش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئەخلاق ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى، گۈزەللىك قارىشى...قاتارلىق تەرەپلەرگە باغلىق. بولۇپمۇ ئائىلە ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشى پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەلىنىپ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينايدۇ. روس پىداگوگى سوخۇملىنىسكىي: «ئىنسان بېشىدا ئۆلۈم، قېرىلىق، يامان پەرزەنتتىن ئىبارەت ئۈچلا كۈلپەت بولىدۇ» دېسە، يەنە ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «پەرزەنت تەربىيەلەش-بەخت يارىتىشتۇر» دېگەن ھېكمەتنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن. مەن يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چۇڭقۇر چۆكۈش، ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق بۈگۈنكى دەۋردىكى ئائىلە تەربىيەمىزدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسلىلەرنى بايقىدىم. ئاز ساندىكى بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى سەلبىي تەسىرلەر تۈپەيلىدىن نابۇت بۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئېچىشتى...مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا  پاتتىم. ئوقۇتقۇچىلىق مەسئۇلىيىتىمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم.
4 o6 a9 `8 t9 u: o1 B( Rئائىلە تەربىيەسىنىڭ موھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىگى  c0 K- k; O' f3 f( e0 [. x7 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئائىلە- ئىنساننىڭ تەۋەللۇتگاھى ۋە تۈنجى دەرسخانىسى. ئاتا-ئانا پەرزەنتلەرنىڭ تۈنجى ئۇستازى. لېكىن بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىسىغا قانداق تەربىيە قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مىجەزى چۇس بولۇپ، بالىلارنىڭ ئالدىدا دائىم قوپال، سەت گەپلەرنى قىلىدۇ. ھەدىسىلا بالىلارنى ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ، قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنداق قوپاللىقى بالىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تىلدىكى قوپاللىق بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىنى بۇلغايدۇ. نەتىجىدە بالىلارمۇ بۇنداق سەت گەپلەرنى قىلىدىغان، بۇنداق گەپلەر دائىم تەكرارلانسىمۇ خىيالىغا كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلارغا قىلىنغان سەت گەپلەر بەزىدە تراگېدىيەلىك ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ  كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، ھەرقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنى سۆيىدۇ، ياخشى بولسۇن دەيدۇ، ئەمما سۆيۈش، تەربىيە ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغاچقا ئوخشىمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.
1 F6 t: _' W; D/ I1 V, j0 F4 V    ئائىلىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا دائىم ئىناقسىزلىق كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرسە، بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ روھى ساغلاملىقى ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى، بۇنداق قاباھەتلىك ئائىلىدە بالىلار بالىلارغا خاس شوخلۇقلىرىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىش، ئۆگىنش، ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئائىلىدە ئىللىقلىق بولمىغاچقا بالىلار مېھىر-مۇھەببەتكە قانمايدۇ. بالىلار ئادىمىيلىك قەدىر-قىممەتكە ئىرىشەلمىگەچكە، ئۇلاردا پەزىلەت كەمچىل بولىدۇ. دادا تەرسا، ئاچچىقى يامان، ئوسال خۇيلۇق بولسا، قىزلار «ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، ئوغۇللاردىن بىزار بولىدۇ. ئانا ھازازۇل، بىشەم بولسا ئوغۇللار «ئاياللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئەسكى ئوخشايدۇ» دەپ قاراپ بۇ خىل ئاڭ بىلەن چوڭ بولۇپ، قىزلاردىن بىزار بولىدۇ. نەتىجىدە بالىلار ياشلىق مەزگىلىدە توي قىلىپ بىر-بىرىنى چۈشىنىپ بولغىچە، قەلبىدىكى تۈنجى تەسىرات بويىچە مەسلىلەرگە مۇئامىلە قىلىپ، ئاسانلا ئاجرىشىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. ئائىلە باي ياكى نامرات بولسۇن، ئۇنىڭدىكى ئازغىنە خوشاللىق بۇ ئائىلىدىكى بارلىق قەلبلەرنى ئىللىتالايدۇ. ئەكسىچە، كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك ۋە جىدەل-ماجرا ئوخشاشلا ئائىلىدىكى ھەممە ئەزانىڭ قەلبىنى غەش قىلىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئائىلىدە بىر-بىرىنى قەدىرلىسە، ھۆرمەتلىسە ئاندىن ئائىلە ئىناق بولىدۇ. بالىلار ئازادە ئۆگىنىش مۇھىتىغا ئىرىشىدۇ. ئىناق ئائىلە بولغاندىلا، ئاندىن ئىناق، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ! I5 i. T% A: [  u% fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   ئاتا-ئانىلارنىڭ خىلمۇ-خىل ناچار ئادەتلىرى شۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ نۇرمال ئۆسۇپ يېتىلىشىگە پاسسپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ تازىلىققا ئېتىبار بەرمەسلىكى، يالغانچىلىقى، غەيۋەتخورلۇقى، ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى...قاتارلىق ئىللەتلىرىنى بالىلار كۈندە كۆرگەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا بۇ خىل ناچار ئادەتلەرنى ئادەتتىكى كىچىك ئىش دەپ بىلىدۇ. بالىلار ئاسانلا بۇ خىل ناچار ئادەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بىلىم ساپاسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەخلاق ساپاسى يۇقىرى بولسا بالىلار بۇنىڭدىن ئۈلگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئەخلاق ئەقىلدىكى كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلايدۇ، ئەمما ھەر قانداق نەرسە ئەخلاقتىكى كەمتۈكلۈكنى تۇلۇقلىيالمايدۇ. 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن پەيلاسوپ، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق داستانىدا؛
/ K& f8 H8 S/ C7 r  E7 C                             ئېرىغسىزنى ئادەم يۇيۇر سۇ بىلەن،
7 O: P8 I# C% B$ l# c1 Z- e' j                             سۇ بۇلغانسا يۇيۇپ بولۇر نە بىلەن.+ c7 G5 @6 g+ g  g& W8 {  rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دەپ يېزىپ پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانا پەزىلىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغان.2 I: T) {. @& t$ nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈنكى دەۋردە ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلىشى كۆپىيىپ بارماقتا. بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى ئائىلە ئەخلاقىنىڭ چەكلەش، ئائىلە ئەزالىرىنى ئويۇشتۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى كۆپەيمەكتە. 3 V/ F8 V' B) C* a% Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىر قەدەر مۈكەممەل دەپ قارالغان ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلار تەربىيەلەشنى ئۆزىدىن باشلاپ بالىلارغا ئۈلگە بولىدۇ. ئائىلىدە بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا بالىلارغا مەسلىھەت سېلىپ، بالىلارنىڭ شۇ ئائىلنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندا بالىلاردىن ئەپۇ سورايدۇ. دېمۇكراتىك، مەدەنىي، ئائىلە موھىتى يارىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىگىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلۇغۋار كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنى دادىل باشلىيالايدۇ.
7 I  M3 B0 ]6 {. J' |$ e. k5 Xمەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇش مەسلىسى
; }1 \' G7 t  ~مەكتەپ تەربىيسى ئائىلە تەربىيسىنىڭ داۋامى ۋە تولۇقلىمىسى بولماستىن،يەنە بىر ئالاھىدە تەربىيە شەكلى. بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسى ئىككى قوتۇپقا بۆلۈنۈپ كەتتى. كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيەلەش مەكتەپنىڭ ئىشى دەپ قارىسا، مەكتەپ ئاتا-ئانىنىڭ ئىشى دەپ قارىدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلانمىدى. بۇنداق مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ھادىسىنىڭ زىيىنىنى يەنىلا بالىلار تارتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى جەھەتتىن ساغلام ۋە نورمال ئۆسۈپ-يېتىلىشى ھەر خىل تەسىرلەرگە ئۇچراپ، بالىلار دەرستىن قاچىدىغان، ئۆگىنىشتىن بىزار بولىدىغان، كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقىنى ئويلىشىپ يۈرمەيدىغان، بىردەملىك خۇشاللىق ئۈچۈن باش-ئاخىرىنى ئويلىماي ئىش قىلىپ، يولدىن چىقىپ كەتكەنلەر قاتارىغا كىرىپ قېلىپ، ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىدىغان، ئائىلە، مەكتەپتىن ئالالمىغان خۇشاللىق، كۆڭۈل ئازادىلىكنى كەيپ-ساپا، ئويۇن-تاماشا، مۇھەببەتلىشىش، تورخانىلاردىن ئىزدەيغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. مەكتەپ تەربىيسى ئائىلە تەربىيسىنى ماسلاشتۇرۇش ئەمدى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. بۇ خىزمەتنى بىز قىلمىساق باشقىلار قىلمايدۇ ھەم قىلالمايدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىق بىزگىلا بىرىلگەن ئالى ھوقۇق ۋە ئۇلۇغ مەسئۇلىيەت.
! e4 J: {+ J5 G! P, j# n بالىلارنى ئاتا-ئانىلار بەك چۈشىنىدۇ، بىراق ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايدۇ. بۇ يەردىكى مەسلە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن ئالدىراپ دوست بولالمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ دوستى بولالايدۇ. ھەم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى «ھەممىنى بىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا «جەمىئىيەتتىكى بالىلار بىلەن ئارىلاشماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دەيمىز. بالىلارغا جەمىئىيەتنى چۈشىنىش پۇرسىتى بەرمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بالىلاردا بەلگىلىك جەمئىيەت چۈشەنچىسى بولمىغاچقا، ھېچقانداق يىتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. مەكتەپ تەربىيسى بىلەن ئائىلە تەربىيسى ئارىسىدا بوشلۇق پەيدا بولدى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاتا-ئانىلار بىلەن سىردىشىپ، بالىلارنى چۈشىنىشنى خالىمىدى. بۇنىڭ  بىلەن بالىلارنى قايىل قىلىپ، تەربىيە بىرىشىمىز نەتىجىسىز بولدى. بىزنىڭ تەربىيەمىز ئائىلە تەربىيەسى بىلەن بىرلىشەلمەسلىكتەك قىسمەتتىن قۇتۇلالمىغاچقا دېگەندەك ئۈنۈملۈك بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلىرىمىزنىڭ تەربىيە ئۇسۇللىرى دوگمىلاشتى.تەربىيەدە شەكىلۋازلىققا يول قويۇلدى. شۇڭا بالىلار ھەدىسىلا يالغان سۆزلەيدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ تەربىيەسى ئائىلە تەربىيەسىدىكى كەم قالغان تەرەپلەرنى تولۇقلىيالمايلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ قۇرغاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا تېخىمۇ جىددى ئويلىنشقا  تېگىشلىك سوئال بولۇپ تاشلاندى. & W5 `. g7 u9 H' `$ g7 sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بالىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى بىرەيلى
! a) p+ L- `6 B( Pئائىلە ۋە مەكتەپلەردە نۇرغۇن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىمايدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان بولۇپ كەتكەنلىگى، شەخسىيەتچىلىكى، ھورۇنلىقى... قاتارلىق ئىللەتلىرىنى سۆزلەپ قاقشاپ يۈرۈشلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.« نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالنى ئۆزىمىزگە قويمايمىز. : l/ C! t6 B+ |- {/ s# [" Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار بالىلارغا قانداق كۆيۈنۈش، قانداق تەلەپ قويۇش مەسىلىسىدە بالىلارنىڭ ماددىي ئىھتىياجىنى كۆپرەك ئويلىشىپ ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى بىلىشكە، قىزىقىشىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بەرمەۋاتىدۇ. نەتىجدە ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسدا چۈشىنىش كەم بولغاچقا، تەربىيە ئۈنۈمسىز بولىۋاتىدۇ. بالىلار ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن ئۈمىد، جەمئىيەت ئۈچۈن كەلگۈسىنى ياراتقۇچىلار بولۇپلا قالماي، يەنە بىر مىللەتكە نىسبەتەنمۇ شۇ مىللەتنىڭ خىلمۇ-خىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قالغۇچى ۋە ئۇنى كەلگۈسىگە ئۇزاتقۇچىدۇر.بىز بۇ نوقتىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىمىز ھەم «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دەپ شۇئار توۋلاپ قويۇپ، ئەمىلى ئىش قىلماۋاتىمىز. ئوقۇتقۇچىلار ئىنسانىيەتنىڭ پەن-مەدەنىيىتىنى تارقاتقۇچى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۇل سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىنسانلاردۇر. ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا،«ئۆزىنىڭ بالىسىنى سۆيۈش ئادىمىيلىك، باشقىلارنىڭ بالىسىنى سۆيۈش ئەۋلىيالىق» دېگەندەك ئوقۇتقۇچىلار ئەۋلىيالىق سۈپەتكە يېقىنلاشىلىساق ئاندىن ھەقىقي ئوقۇتقۇچى بولالايمىز. ھازىر مەكتەپلەردە قىلىدىغان ئىشلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپەيدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى ئېغىرلاشتى. ئۇلارنىڭ ۋاقتى مەنىسىنى يوقاتتى. مەدەنىي جەمىئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭى بىر ئاز تۆۋەنلەپ، ئىقتسادىي ئاڭ يۇقىرى ئۇرۇنغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى سۇسلاشتى.  مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپلەردە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا قالدى. ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم بىلەن قارىمايدىغان، خۇشاللىقىغا جۈر بولمايدىغان، نەتىجىنى كۆرۈپ، جەرياننى كۆرمەيدىغان، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ، ئەيىبلەيدىغان، قانداق ئۆگۈنىشنى ئۆگەتمەي بېسىم قىلغاچقا، بالىلار ئۆزىنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقنى بىلەلمەي، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان پىسخىك كېسەلگە گىرىپتار بولدى. ' b9 `0 j4 T% O3 F7 Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «ئائىلە» ناملىق كىتابىدا: «ئوقۇتقۇچى بىلەن ئانا، مەكتەپ بىلەن ئائىلە- مىللەت ساپاسىنىڭ ھەقىقىي قېلىپى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بىز مەكتەپ ۋە ئائىلىدە بالىلارغا بالىلارچە نەزىرىمىز بىلەن قارايلى. بىزدىن سۆيۈلۈشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بالىلار، بولۇپمۇ، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بالىلار، يىتىم بالىلارنى مېھىر-مۇھەببەتكە ئىرىشتۈرەيلى. بالىلار بالىلىق تۇيغۇسىغا قېنىپ چوڭ بولسۇن، بىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىگىمىزنى، تۇرمۇشنىڭ ئالىجاناپلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى تاپسۇن. ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقى باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغانلىقىدا. شۇڭا بىز ھەممەيلەن بالىلارغا ھەقىقي مېھرى-مۇھەببىتىمىزنى بىرەيلى. بالىلارنى چىن مېھرىمىز بىلەن سۆيەيلى، بالىلارنىڭ قەلبى مېھىر- مۇھەببەتكە تولسۇن! چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت ئەڭ ئۇلۇغ تەربىيەدۇر.2 ^" H, _) q8 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

+ o$ f& U3 k: j" M, \9 E+ l- b" n# i! v7 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2015-12-29 03:40:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەرخىل ماقالىڭىزنى ئوقۇپ، سىزنىڭ روھلان سېپىگە يېڭىدىن قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدىم ۋە چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم. تاتلىق شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ يۈرگەن ئىدىم، ئېسىل ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇش پۇرسىتىگىمۇ نائىل بولدۇم. روھلاندا بىرگە تىرىشايلى، سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-10 10:25

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش