روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2832|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ياردەم لايىقىدا بولسۇن! !!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەر بىر ئادەم ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قەدەم بېسىشتىن بۇرۇنلا ، تەغدىر ئۇنىڭغا ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى ۋە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى يۈكلىگەن بولىدۇ . دىمەك – ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىزنىڭ ئىمكانىيىتى بارلاردىن ياردەم سوراش ھوقۇقىمىز ، ئىمكانىيىتى يوقلارغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار . كىشىلىك ھايات پەقەت ئۆز – ئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى — قانداق ئەھۋالدا ياردەم سوراش ، قانداق ئەھۋالدا ياردەم بېرىش .
4 I6 A+ x& j0 z$ I
. z$ D! M" g0 _ياردەم سوراش :
- f# B9 }8 C2 A9 o8 e0 a& I% A5 |2 yتۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئادەمنىڭ تەكرار ياردەمگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى تولىمۇ ئاز ، ھەتتا يوق .
1 D- x: T: \) u7 O4 G" ]بىرىنچى ؛ ھورۇنلۇققا ئادەتلەنگەنلەر - بەزىلەر بار قۇدۇقنىڭ بويىدا تۇرۇۋىلىپ باشقىلارنىڭ سۇ تارتىپ ئىچكۈزۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار تۆگە مىنىۋىلىپ تۆگە ئىزدەيدىغان ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ياردەم سوراش ئۈچۈن چوقۇم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قۇربىتى يېتىدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇشى ۋە تىرىشچانلىقىڭىز ئۈنۈم بەرمىگەن بولۇشى لازىم . ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ياكى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن ، ئازراقلا ھەرىكەت قىلسىڭىز قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغان ئەھۋالدا باشقىلاردىن ياردەم سوراش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ . ھەر قانداق ئادەمنىڭمۇ بۇنداق ئەھۋالدا ياردەم بەرمەسلىكى ، ھەتتا نەزەر سالماسلىقى نورمال ئىش .6 }/ z7 r, U! n, k; gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككىنچى ؛ ئېلىشنى بىلىپ قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغانلار - بەزىلەر بار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ئۇدۇل باشقىلارنىڭ ئۆيىگە چاپىدىغان ، ئەمما باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەيدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار ياردەم قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيدىغان ( خۇددى باشقىلارنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرىتىپ قويغاندەك ) ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن – ئالماقنىڭ بەرمىكى بار . ياردەمگە ئېرىشكەن ئىكەنسىز ، جەزمەن تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشىڭىز كېرەك . بولمىسا كىيىنكى نۆۋەت مۇھتاج بولغىنىڭىزدا ئاسمان يىراق ، يەر قاتتىق بولۇپ قالىدۇ .1 F  N, k) @) N% f( kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈچىنچى : باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغانلار : بەزىلەر بار باشقىلاردىن ياردەم سورىغاندىمۇ كىبىر كۆرسىتىدىغان ؛ يەنە بەزىلەر بار باشقىلار ياردەملىشىپ ئىشىنى قىلىپ بېرىۋاتسا ، بىر ياندا تۇرۇپ بويرۇق سوقىدىغان ؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن – ھەر قانداق بىر نورمال ئادەم ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن ۋە ئۆزى ھۆرمەت قىلغان كىشى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلسا جېنىنى قۇربان قىلالىشى مۇمكىن . بىراق ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان ، مەنسىتمىگەن كىشى ئۈچۈن كىيىمىگە چاڭ قۇندۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ . ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئىكەنسىز ، ياردەم قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا بىر دەرىجە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشىڭىز كېرەك . باشقىلار ياردەم قىلىۋاتقاندىمۇ ھەم قولىڭىزدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشىڭىز كېرەك . چۈنكى ئۇ سىزنىڭ مالىيىڭىز ئەمەس ، بەلكى سىزنى مۈشكۈلاتتىن قۇتقۇزغۇچى .
% _! U1 b, f: C" X8 m! Jياردەم بېرىش9 @% E8 L: [/ x% C- {% C6 V- Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
: ياردەم بېرىش – كىشىلىك دۇنيادا ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ھېساپلىنىدۇ . ئاددىيغىنە بىر ياردەم ئۈزۈلمەس بىر رىشتىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى مۇمكىن . كىچىككىنە بىر ياردەم ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشكۈچىنىڭ قەلبى ئىللىسا ، ئۇنىڭ رەھمەت سۆزى ئارقىلىق ياردەم بەرگۈچىنىڭ دىلى سۈيۈنىدۇ . ئەمما ياردەم بېرىشنىڭ مەقسىدى ۋە ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا ، ئۇ ھالدا مۇھتاج كىشى ئۆزى كۈتكەن ياردەمگە ئېرىشەلمەستىن ، بەلكى دىلى ئازار يەپ قېلىشى مۇمكىن . ياردەم بەرگۈچى بولسا ياردىمىگە لايىق رەھمەت سۆزىنىڭ ئورنىغا ، ئۆزىگە پېشكەلچىلىك تېپىۋىلىشىمۇ مۇمكىن . شۇڭا ياردەممۇ جايىدا ، ئورۇنلۇق بولسۇن .
  A" H( t/ u+ c* h5 ?9 B8 j4 Bبىر كىشى بىر تاغار يۈكنى تولىمۇ تەستە يۈدۈپ دۆڭدىن چىقماقچى بولغاندا ، سىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلماق ئۈچۈن تاغارنىڭ بىر بۇرجىكىنى تۇتۇپ يوقىرىغا كۆتۈردىڭىز . ئويلىمىغان يەردىن تاغارنىڭ ھېلىقى سىز تۇتقان بۇرجىكى يىرتىلىپ ئىچىدىكى نەرسىلەر چېچىلىپ كەتتى … ئىشىنىمەنكى ، سىز مۇشۇ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىز بىلەن چوقۇم تاغاردىن چېچىلغان نەرسىلەرنى بىرمۇ بىر تېرىپ بېرىشكە ، بۇزۇلغان بولسا تۆلەپ بېرىشكە مەجبۇر بولدىڭىز . ئۇنىڭغا ياندىشىپ بىر مۇنچە تاپا – تەنە بار تېخى ………. ئوبدان بولدى ! كىم سىزنى ياردەملىشىشكە چاقىرغان ؟
) r! H9 j" t+ j/ v+ sبىر سودىگەر تونۇشىڭىزنىڭ دۇكىنىغا كىرىشىڭىزگە ئۇ جىددىي ئىشى چىقىپ قېلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى ھەم بىر ئاز ھايال بولۇپ قالدى . ئۇ كەلگىچە سىز دۇكانغا قاراپ تۇردىڭىز . خېرىدار كەلسە ئانچە – مۇنچە سودا قىلىپ ، پۇلنى غەللىگە سېلىپ قويدىڭىز ھەقىچان ……3 y: w+ {+ c* \) ^* Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىراق ئۇ قايتىپ كېلىپ دۇكىنىدا بىر نەرسە يوقتەك ھېس قىلىپ قالدى . ياكى غەللىسىدىكى پۇل كەملەپ كەتكەندەك ھېس قىلدى …… ئۇ سىزدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى . بىراق سىز ھېچنىمىگە چېقىلمىغان تۇرسىڭىز نىمىشقا تۆلىگۈدەكسىز ؟ ھالبۇكى بۇ يەردە سىزگەھېچنىمىگە چېقىلمىغان تۇرسىڭىز نىمىشقا تۆلىگۈدەكسىز ؟ ھالبۇكى بۇ يەردە سىزگە گۇۋاھ بولىدىغان ھېچكىم يوق . دەردىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۈتۈپ تۇرۇپ تۆلەشكە مەجبۇر بولىسىز …… بۇمۇ ئوبدان بولدى . كىم سىزنى « دوست » ىڭىزنىڭ دۇكىنىغا قاراپ بەرسۇن دەپتىكەن ؟ كىم سىزنى دۇكاندىكى ماللارنى ساناپ – تىزىملاپ ئۆتكۈزۈۋالمىسۇن دەپتىكەن ؟9 W' C9 H% i+ [. c$ [1 ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ . بىراق باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ، ياكى باشقىلار سىزدىن رەسمىي يوسۇندا ياردەم سورىغاندا ئاندىن ياردەم قىلىڭ . ھەرگىزمۇ باشقىلاردا سىز چوقۇم شۇنداق قىلىشقا تېگىشلىكتەك , باشقىلارنىڭ سىزدە ھەققى باردەك تۇيغۇ بېرىپ قويماڭ .& G5 \) B5 q! `  [' Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
+ [8 z3 T; Y+ Z# b% F! Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەزكۇر يازمىنىڭ مۇئەللىمگە بەرگەن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايتىمۇ چوڭقۇر بولغاچ ، تۇرمۇش بىلوگىدىن كۆچۈرۈپ كىلىندى .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-18 00:07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-3-18 10:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ، ئىشنىڭ يولى شۇ.
! |/ c! i. g) o3 h& P5 \
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قۇيغاندەك ئىش بۇلغان ئۇخشايدۇ دەپتىمەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-26 09:15

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش