روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3030|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خەت كۆپەيتىش دۇكىنى ئېچىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن، مەن روھلان مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرگىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ، لېكىن بىرمۇ تېما يوللاپ باقماپتىمەن، شۇ ۋەجىدىن ئۆزۈم قىزىقىدىغان ھەم شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان كەسىپتىن ئازراق تەجىربىلىرىمنى سۆزلەش ھەم ئوخشاش كەسىپتىكىلەرگە ئازراق بولسىمۇ بىلىدىغانلىرىمنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك بۈگۈنكى تېمامدا خەت كۆپەيتىش دۇكىنىنى قانداق ئېچىش، قانداق راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن. ( مەن بەكمۇ ناتىقلاردىن ئەمەسمەن، شۇنداق بولسىمۇ توغرا چۈشىنىپ تېمامنى تولۇق كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن)
! w6 {# `  J1 _* V: Sئۆزۈم خەت كۆپەيتىش دۇكىنى ئېچىۋاتقىلى مانا توپتوغرا 4 يىل بولۇپتۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى يەكۈنلىگەن ئاساستا ھەرقايسى خەت كۆپەيتىش دۇكىنى ئاشقان قېرىنداشلىرىمغا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىلار بويىچە تەرەققى قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن. 7 h# F0 p/ ^3 n  \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1. خەت كۆپەيتىش دۇكىنى ئاچقان كىشى چۇقۇم يۈكسەك بولغان ئىرادە بىلەن تىرىشچانلىقنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ توختىماي ئىزدىنىشى، كومپىيوتىر ئاساسىنى پۇختىلىشى ، ياخشى بولغان كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرىشى كېرەك. . {+ t( X, F% T1 B* K. Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىز كومپىيوتىرغا قىززىققۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى كومپىيوتىر ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلەلمەيمىز. كەچلىكى كېچىلەپ ماتىريال ئىزدەپ ئىزدىنىمىز، كۈندۈزلىرى ۋاقتىدا ئورنىمىزدىن تۇرالماي دۇكاننى ئىشلىگۈچى خادىملارغا تاشلاپ كۈن تىك چۈشكەندە دۇكانغا بېرىپ ئىشلەيمىز. بۇنداق قىلىش بىر بىمەنىلىكتۇر.  يۇقارقى جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈشتىن ئاۋال بىز چۇقۇم كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.  تەۋسىيە قىلىدىغىنىم شۇكى : مەيلى سىز كېچىلەپ ماتىريال كۆرۈڭ ياكى كۈندۈزلىرى ئىشلەپ چارچىغان بولۇڭ، چۇقۇم ئەتىگەنلىكى سەھەردە تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمىشىڭىزنى پىلانلىشىڭىز ۋە ناشتىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك. سۆزلىرىم گەرچە ئاددى ھەم قۇلاققا دائىم ئاڭلانغان بىمەنە سۆزلەر بولغان بولسىمۇ، خەت كۆپەيتىش دۇكىنى ئاچقانلار ئىچىدە مۇنۇ ئىككى خىل تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ تا ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۋاتقانلار ساناقلىق.
3 f6 B# ~4 E& C  b$ b2. دۇكىنىڭىزنىڭ تۈر جەدىۋېلىنى تۈزۈپ چىقىڭ . 0 L* s% P6 @7 }. Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۇرغۇن خەت كۆپەيتىش دۇكىنى ئاچقان دوسلىرىمىزنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ سىز نىمىش قىلىسىز دىسە پەقەت قولدا ساناقلىق بولغان تۈرلىرىنى دەپ بېرىدۇ. قالغان تۈرلەر تېخى پىلانغا كىرگۈزۈلمىگەن . بولسا ھەربىر ئاچقان تۈرلىرىڭىزگە بىردىن پىلانلاش ئېلىپ بېرىڭ. پىلانلاش ئېلىپ بارغاندىلا شۇ كىرگۈزگەن تۈرىڭىزنىڭ سىزگە قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقىنى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى بارلىقىنى تۇنۇپ يىتەلەيسىز.  ; a7 Q+ @3 ?% t" O9 s" x: j) \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3. باشقۇرۇش ئىلمى ئۆگۈنۈڭ - _7 `% \. n( k( Y6 U, A& N2 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
باشقۇرۇش ئىلمى ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك بولغان بىلىمدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىساد باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى باشقۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش، تۈر باشقۇرۇش، مەبلەغ باشقۇرۇش ..... قاتارلىق ھەرخىل باشقۇرۇش تۈرلىرى بولىدۇ.  سىز بەزىدە ئويلاپ يىتەلەمسىز ؟ سىز بۇ دۇكاننى ئېچىپ نىمە قىلماقچى ؟ پۇل تېپىپ تەرەققى قىلماقچىمۇ ياكى تەرەققى قىلىپ پۇل تاپماكچىمۇ ؟ بۇ مەسىلىگە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئاسانلا ئىنكاس بىلدۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى يەكۈنلىمەك ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. ھازىرقى خەت كۆپەيتىش دۇكىنى ئاچقۇچىلار قانداق قىلىپ پۇل تېپىپ، قانداق قىلىپ تەرەققى قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ بىلەلمەيۋاتىدۇ... ( ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىگەنلىكىم ئەمەس ) بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ ۋە نىشانىغا قارىتا كۈندىلىك پىلانىڭىز بولسۇن. سىز دۇكان ئېچىپ نىمە قىلماقچى ؟ بىر ئۆمۈر كومپىيوتىر ئالدىدا ئۆزىڭىز ئولتۇرۇپ پۇل تاپماقچىمۇ ؟ قانچىلىك ئولتۇرالايسىز ؟  بىز دۇكان ئاچقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەرگىز دۇكاندا ئۆزىمىزنىڭ تېخنىكىسىغا ئاساسەن پۇل تېپىش ئەمەس. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر مىنۇتلىرىنى ، ئىگىلىكىمىزنى، ئائىلىمىزنى، ئىقتىسادىمىزنى، ئادەم كۈچىمىزنى پىلانلىغۇچىلاردۇرمىز.  سىز قايسىنى قىلالىدىڭىز؟  مەنمۇ مانا 4 يىل دۇكان ئېچىپتىمەن. ئەمدىلىككە كەلگەندە مەن نىمە ئۈچۈن بۇ دۇكاننى ئاچىمەن دىگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالىدۇ. مەن مۇشۇ پۇل ئۈچۈن دۇكان ئاچىمەن دىگەن چەمبىرەكتە ئايلىنىپ يۈرىۋاتقىلى 4 يىل بولۇپتۇ. تەجىربىلىرىمنى يىغىنچاقلاپ ئۆتمۈشۈمگە نەزەر سېلىپ باقسام، مەن دۇكاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپتىمەن، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمنى ئۆزگەرتەلمەپتىمەن، ھاياتىمنى پىلانلىماپتىمەن. بەلكىم سىزمۇ ئۆزىڭىزدىكى يۇقارقى كەمچىلىكلەرنى ھېس قىلغانسىز...  گەپنىڭ قىسقىسى بىز تەرەققى قىلىمىز دەيدىكەنمىز ، چۇقۇم ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، پەقەت تېخنىكا جەھەتتىلا ئۆزىمىزگە يۇقىرى تەلەپ قويماستىن، ئونۋېرسال ساپا، باشقۇرۇش ئىقتىدارى جەھەتتىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىشىمىز كېرەك. : q' \0 D0 x  S* \$ G% wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4.  ئىقتىسادنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوماتلاشقان دۇكان سېستىمىسى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. & I: H+ `3 X+ P7 t  c7 L" tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نۇرغۇن ياشلىرىمىز دۇكان ئاچقاندىن ھازىرغا قەدەر ئۆزىمىزنى دۇكاننىڭ شەخسى ئىگىسى ۋە دۇكاندىن كىرگەن كىرىمنى شەخسى كىرىم دەپ ھېسابلايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئويلىغانلىرىمىز تۈپتىن خاتا. بىزمۇ دۇكانغا خىزمەتچى يۈزىسىدە ئىشلەيمىز.  چۈنكى دۇكاندىكى ھەربىر كىرگەن كىرىمنىڭ ھەممىسى پەقەت سىزگىلا تەئەللۇق ئەمەس. دۇكاندا 2 شاگىرىت بولغان بولسا شۇلارنىڭمۇ دۇكانغا ئەجرى بولىدۇ.  شۇڭلاشقا دۇكاننىڭ كىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ، خالىغانچە خەجلەش خاتا ئىدىيىنىڭ باشلامچىسى. بىز چۇقۇم دۇكاندىكى ھەربىر كىرگەن كىرىمنى ئاپتوماتىك ھالدا ھېسابلايدىغان سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈرىشىمىز، ئىقتىسادنى سىتاستىكىلاپ، كەلگۈسىدىكى تۈر پىلانلىرىمىزغا مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا خەت كۆپەيتىش دۇكىنىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. 6 g: [! Z' E0 U: M) }1 Wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5. دۇكان تۈزۈلمىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەكلىمە ئىچىدە كونتورول قىلغان ئاساستا قاتتىق تۈزۈم ھالىتىگە يەتكۈزۈش، بۇنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن چۇقۇم شۇ تۈزگەن تۈزۈملىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئاۋال ئۆزىمىز ئەمەل قىلىشىمىز، ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز زۆرۈر. ئۆزىڭىزگە خاس تۈزۈم قېلىپىڭىز بولسا ئۆزگىچىلىك ئىچىدە تېز تەرەققى قىلالايسىز.   o9 Y; X8 ?7 s& L' V" g$ _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6. خىزمەتچى خادىملارنى قەرەللىك تەربىيىلەش، تاللاش ۋە شاللاش تۈزۈلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. خەت كۆپەيتىش دۇكىنى ئاچقان نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئاساسلىقى سودا شارائىتىغا ئاساسەن شاگىرىت قۇبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغان، بۇ جەرياندا تەربىيىلىگەن شاگىرىتلار تېخنىكا جەھەتتە يىتىشىپ چىققاندىن كېيىن دۇكاننى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىغان ئىشلار نۇرغۇن. بۇ ئىشلار دۇكان ئاچقان ھەربىر ياشلىرىمىزغا ئايان. بىز قانداق قىلغاندا تەربىيىلىگەن شاگىرىتلىرىمىزنى تۇتۇپ قالالايمىز؟ ئۇلارغا زادى نىمە كېرەك ؟ ئۇلار نىمەئۈچۈن بىزدىن تەلىم ئالىدۇ ؟ بۇ نوقتىنى چۇقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.  مېنىڭ دۇكىنىمغا شاگىرىتلىققا كىرىدىغان ياشلار بەكمۇ كۆپ، لېكىن ئۆگۈنۈپ بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلارمۇ كۆپ. ئۇلار ئۆگۈنۈپ بولۇپ دۇكىنىڭىزدىن چىققاندىن كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟ بۇ بىزگە نامەلۇم ! شۇڭلاشقا دۇكانغا شاگىرىت ئالغاندا چۇقۇم شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئاتا-ئانىسى بىلەن تولۇق پىكىرلىشىش كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ نىشانلىرىمىزنى، پىلانلىرىمىزنى ۋە دۇكان تۈزۈلمىسىنى ئۇلارغا سىڭدۈرىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بىز تەربىيىلىگەن شاگىرىتلار بىز بىلەن بىر نىيەتتە تەرەققى قىلالايدۇ.
5 T1 m- r. t& e! w
0 B- j/ R& k+ L1 H8 H; |مەن يۇقاردا بىز دۇكان ئاچقۇچىلاردا يۈز بېرىۋاتقان 6 تۈرلۈك كەمچىلىك ۋە تولۇقلىمىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتۈم. بۈگۈنچە يۇقارقى مەزمۇنلار بىلەن تېمامنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. ئەگەر مۇشۇ تۈردە باش قاتۇرۋاتقان، چىقىش يوللىرىنى تاپالمايۋاتقان ياشلىرىمىز بولسا بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ئۆز-ئارا پىكىرلىشىش ۋە ئورتاقلىشىش ئارقىلىق كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلاشساق بولىدۇ. ئەگەر تېما مەزمۇنلىرى جەھەتتە سىز ئويلىغاندەك پىكىر ئوتتۇرغا قويۇلمىغان ھەمدە خاتا ئىدىيە سادىر بولغان بولسا  پايدىلىق تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ زىيانلىق تەرەپلىرىنى كەڭچىلىك بىلەن توغرا چۈشىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. 6 W2 q( @' }' U  w# D$ zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئالاقىلشىش  ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۈندىدار نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇشنى توغرا كۆردۈم، پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلار بولسا ئۈندىدار نۇمۇرىمنى قۇشۇۋالساڭلار پىكىرلەشسەك بولىدۇ.    ) {- m1 D! q  T/ m3 ^& P; c7 P; ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۈندىدار نۇمۇرۇم : 13345326552     ئۈندىدار نامى : دىلناۋا ( لاتىنچە ھەرىپ )

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +70 ئىناۋەت +40 تەڭگە +50 بايلىق +50 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 70 + 40 + 50 + 50 + 10 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2015-2-16 13:38:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك تەجىربىلەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە تەشەككۈر.
ۋاقتى: 2015-2-16 14:18:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بەكمۇ ياخشى بوپتۇ ،ماڭىلا يوللىغاندەك يوللاپسىز ،كۆپ تەشەككۈر!
ۋاقتى: 2015-2-16 14:47:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مانا مۇشۇنداق ئەمەلى تەجرىبە، ساۋاقلار كەمچىل بولىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق تەجرىبە ساۋاقلارنى يوللاپ، ئورتاقلىشىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2015-2-16 16:24:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى مەزمون  يوللاپسىز   ئەمىلي  تەجرىبىنى  سۆزلەپسىز  
ۋاقتى: 2015-2-16 16:51:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەمىلىي يېزىلىپتۇ . مېنىڭ دۇكىنىمدا خەت ئۇرۇش  ۋە ماتېرىيال كۆپەيتىش ئىشلىرىمۇ بار . بىلىۋالدىم .
ۋاقتى: 2015-2-16 22:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەمەلىي تەجىربىلەردىن خەۋەردار بۇلۇشمۇ تەس بۇپ كەتتى ھازىر.رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-18 04:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش