روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 10618|ئىنكاس: 21
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

班班通نىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى قانداق بولسا بولار؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
班班通نى ھازىر تورلاردا ۋە ئەمىلى خىزمەت داۋامىدا ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، مەسىلەن، سىنىپلارنى تۇتاشتۇرۇش، سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش، سىنىپلار ئارا، سىنىپلار راۋان....دىگەندەك ، دىمەكچى بولغىنىم ، مۇشۇ 班班通دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش ھەققىدە تىل-يېزىق ئورگانلىرى بىرەر ئاتالغۇنى بىكىتتىمۇ-يوق، ئەگەر بىكىتمىگەن بولسا قانداق ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق، مېنىڭچە بولغاندا "سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش " دىيىش ئەڭ مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن،  باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنى ئورتاقلاشساق دەيمەن؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2015-2-1 14:08:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە تورلاشقان سىنىپ دەپ ئالساق توغرا بۇلارمىكىن دەيمەن. بولسا تىل-يېزىق كومىتېتى بىر ئىسىم قويۇپ بەرسە ياخشى بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2015-2-1 14:10:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورلاشقان سىنىپ دەپ يېزىپ ساپتىمەن، سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش دېمەكچى ئىدىم، سىزمۇ شۇنى توغرا دەپ قاراپسىز.
ۋاقتى: 2015-2-1 15:31:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىپلار ئارا تور سىستېمىسى دەپ تەرجىمە قىلساق بولامدىكىن .
ۋاقتى: 2015-2-1 20:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە تىل-يېزىق كومتېتىنىڭ بولغىنى ياخشى، ئەمما ئۇلار  دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ بولالمايۋاتىدۇ. يەنى بىردە بىرەر ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ، ئاللىبۇرۇن  ئاساسەن مۇقىملىشىپ بولغاندا، ئاندىن ئۇنى باشقا بىر نام بىلەن ئاتاشنى بېكىتىپ ئاتالغۇ مۇجىمەللىكى پەيدا قىلىش رولىنى ئۆتەۋاتقان ئەھۋاللار خېلى بار.  مەسىلەن، ئۈندىدار دېگەن بۇ نامنى بىزگە شۇ كومتېتتىكىلەر ياساپ بېرەلىدىمۇ؟!
& w7 C, ^* N# @" j3 H( K  مېنىڭچە،班班通 نى تورلاشقان سىنىپ دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى ئاتالغۇ مەزمۇنلۇق، ئىخچام،ئاتاشقا قولاي ۋە راۋان بولۇشى كېرەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-1 21:29:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر قاتار تەرجىمىلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنىلا شۇ "سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش"دىيىش ئەڭ مۇۋاپىقتەك ھىس قىلىۋاتىمەن، قېنى باشقىلارمۇ بىر نەرسە دەپ باقساڭلارچۇ؟ بۇنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى نۆۋەتتە مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىدى!
ۋاقتى: 2015-2-2 10:28:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 13:29  : R+ i7 d( ?" v2 j0 z) Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) f" E/ \7 P2 Z) t8 ]; F; o& mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يەردە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ، 班班通 نى  مەيلى  «تورلاشقان سىنىپ» ياكى «سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش» دەپ ئاتايلى،  لېكىن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزدا نوقۇللا شۇ بىرىكمە شەكلىدىلا ئىشلىتىلمەي،  باشقا سۆزلەر بىلەن بېرىكىپ قوللىنىلىدۇ، ئايرىممۇ قوللىنىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىز ئۇنى ئەمەلىي تىل شارائىتىدا ھەر ئىككى خىل تىل شارائىتىغا ماس كېلىدىغان قىلىپ بېكىتمىسەك، تىل مۈجىمەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن:* {( s( s! U9 q$ ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  «بۈگۈن تورلاشقان سىنىپتا ئوچۇق  دەرس ئۆتۈلىدۇ» دېگەن جۈملىنى ھەرگىزمۇ  « بۈگۈن سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش ئوچۇق  دەرس ئۆتۈلىدۇ» دېگىلى بولمايدۇ.  ئەمما «مەكتەپلەردە سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى» دېگەن  جۈملىنى  «مەكتەپلەردە تورلاشقان سىنىپ خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى»  دېيىش تامامەن مۇمكىن.  يەنە بىر جەھەتتىن ئاتالغۇلار ئاساسەن ئىسىم خاراكتىرىدە  بولىدۇ.  شۇڭا« تورلاشقان سىنىپ» دەپ ئالغاندا ئاتالغۇ مۈجىمەللىكى كېلىپ چىقمايدۇ. مېنىڭ يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان قارىشىم دەل مۇشۇ ئىنچىكە تىل قائىدىسىگە ئاساسلىنىپ چىقىرىلغان يەكۈن.4 [% a8 [: p! k: C+ T4 [( W5 K" I/ Q' Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
   قېنى، باشقا كەسىپداشلارمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا بولىدۇ. چۈنكى :« ئەگەر سېنىڭ دېگىنىڭ توغرا بولسا، بىز سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە ئىش قىلىمىز»-ماۋزېدوڭ.

باھا سۆز

پىكرىڭىز خېلى ئۇرۇنلۇق ھەم سالمىقى بار، بىراق يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىغاندا تورلاشقان سىنىپ دەپ ئالساق ئەسلى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-16 13:11
ۋاقتى: 2015-2-2 11:08:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇم بىر دوستۇم ئىلگىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن خەۋەردە  班班通 نى  شۇنداق چىرايلىق بىر ئىسىم بىلەن ئاتىغانلىقىنى ، لېكىن ئەتىسى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مەنمۇ شۇ ئۆلچەملىك نامنىڭ تېزرەك ئومۇملىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھازىر يەنە 光网校园 دىگەن ئاتالغۇمۇ چىقىۋاتىدۇ. 2020 - يىلىغىچە تاماملايدىغاندەك تۇرىمىز.
ۋاقتى: 2015-2-2 11:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇرۇن مۇشۇ ھەقتەبۇ تېما روھلان تورىغا يوللىنىپ بولغان. مەن شۇ چاغدا " سىنىپ كېزەر ئۈسكۈنىسى"  ياكى " سىنىپ كېزەر" دىگەن  پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋاقتى: 2015-2-2 12:04:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز پوسكام ناھىيىسىدە "تورلاشقان سىنىپ" دەپ ئاتاپ كىلىۋاتىمىز. ھەم بۇ ئىسىم ئوموملاشقىلىمۇ بىر يىلدىن ئىشىپ قالدى، مىنىڭچە مۇشۇ ئىسىم ئەڭ مۇۋاپىق، "سىنىپلارنى تورلاشتۇرۇش" دىسەك ئىسىم بولماي پىئىل بولۇپ قالىدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-5-31 21:41

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش