روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2660|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوغلۇم، ساڭا كىتاب سېتىۋالدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3 r( G5 ~: o1 |% B& ^" ?ئوغلۇم، ساڭا كىتاب سېتىۋالدىم1 Q2 S% E& x2 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
- |. g1 |2 [' P' Y( P) dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى
  @1 Y) D' ?2 q' `" p( I(ئاپتور: ئاقسۇ كەلپىن ناھىيە چىلان يېزا مەركىزىي مەكتەپتە)
, [- g/ H% S0 F0 E , s% S# V+ u$ R# O$ Y0 u: Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوغلۇم، ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن بولساڭمۇ قەلبىمنى سۆيۈندۈرىدىغان چۈچۈك تىللىرىڭ بىلەن «پۇل يىغىش» تەك بالىلارچە تىلىكىڭنى ئىزھار قىلىشىڭ، ھەيرانلىقتىن ئۈركىگەن خىيال كەپتىرىمنى قاناتلاندۇردى.
9 |6 O; X4 g- {, Kجاۋابسىز قالدۇرۇلغان سوئالىڭدىن تەئەججۈپلەنمە، ئوغلۇم.
6 i9 E& x  ]" V9 g. Wئىقتىساد رىقابىتى مىنۇت-سېكونتلاپ ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بۈگۈنىمىزدە «پۇل يىغىش»-ھەممە ئادەم جان-جەھلى بىلەن ئىنتىلىۋاتقان ئورتاق تېما. شۇنداقتىمۇ ئۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئاپئاق قاردەك قەلبىڭدە ئۇشتۇمتۇت شەكىللىنىشى تېخى بالدۇر ئىدىغۇ؟  J8 }$ W: L0 x5 [# [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چۈنكى ئىنسان مۈكەممەللىكىنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى پەقەت پۇل بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ، ئوغلۇم.
8 A. `8 |$ o5 _+ A2 u9 Xدەل شۇ سەۋەبلىك نېمە مەقسەتتە پۇل يىغىشنى ئويلاپ قالغانلىقىڭنىمۇ سوراشقا پېتىنالمىدىم، گويا «پۇل ھەممىگە قادىر» دەۋېتىشىڭدىن ئەنسىرىگەندەك ئارىسالدىلىق ئىچىدە...1 Q, l3 _. n, P4 v- a% b8 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوغلۇم، «سەن پۇل يىغىش» قا باشلىدىڭ. تەلىپىڭ بويىچە كىچىككىنە بىر ساندۇقمۇ ياسىتىپ بەردىم., b" T$ X" C3 V( R# Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىككى مو، بەش مو، بىر يۈەن... پۇللىرىڭ ئاستا-ئاستا كۆپىيىۋاتاتتى.
1 C) v6 d+ ^8 S$ a$ ?  Hئاتىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس بۇرچى ئۆز پۇشتىدىن بولغان يۈرەك پارىسىنىڭ ئىنسانىي ئۆزلۈك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە شوتا بولۇش ئەمەسمىدى؟!
, K* x& Y7 w* j. X6 N+ J2 jپەرزەنتكە مەسئۇل بولۇشتەك بۇ مەڭگۈلۈك ئەنئەنە بۈگۈنكى بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىزنىڭ روھىي خاتىرىسىدىن ئۆچۈرۈلۈشكە يۈزلىنىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە، پات-پات ئەينەككە قارايدىغان بولۇپ قالدىم، ئوغلۇم. خۇددى ساقال-بۇرۇتلۇرۇم تۇيۇقسىزلا يىتىپ كېتىدىغاندەك...+ ^2 o% i, J) O2 |1 }7 B2 cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ-مەندىكى ئەنسىرەش! مەندىكىلا ئەمەس بەلكى ئانا تۇپراققا ھەقىقىي ئاتىلىق سالاھىتى بىلەن مەزمۇت دەسسەپ يۈرۈۋاتقان، سانسىزلىغان ئاتىلاردىكى ئەنسىرەش. شۇڭلاشقىمىكىن، سەن «پۇل يىغىش» قا تۇتۇنغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا سېنى كۆزىتىش ئىستىكىم ئويغاندى، ئوغلۇم.
9 l$ J6 a. @6 Oكۈنلەر ئۆتكەنسېرى پۇللىرىڭ كۆپەيمەكتە ئىدى، پۇللىرىڭ كۆپەيگەنسېرى نېمىشقىدۇر ئىلگىرىكى ئەركە قىلىقلىرىڭ سۇسلىشىشقا يۈزلىنىپ، نېمىگىدۇر تىكىلگىنىڭچە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتەتتىڭ. بەلكىم ئۆز ئوربېتىسىدىن ھالقىپ كېتىۋاتقان ئەسەبىي قىزغىنلىق ۋە ساددا تەلپۈنۈشۈڭنىڭ قارا تۇمانلىرى بالىلىق دۇنيايىڭنىڭ سۈزۈك ئاسمىنىنى خىرەلەشتۈرۈپ ئۈلگۈرگەن بولسا كېرەك.: Y- X- c! z* K, c6 |5 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«شەيتاننى ئۇسۇلغا سالغانمۇ پۇل»-دەيدۇ كونىلار.
. Z1 I, Z- H/ O. |3 _3 dشۇ تاپتا ئۆزۈڭدىن يىراقلاپ كېتىۋاتاتتىڭ، ئوغلۇم. يۇمران قەلبىڭنىڭ مۇنبەت ئېتىزلىقىدا باراقسان كۆكلەۋاتقان «شۇمبۇيا» نىڭ يۈرىكىمگە نەشتەردەك سانجىلىپ، تۇيغۇمدىكى گۈزەل كېلەچەكنىڭ  تۇتۇق جىيەكلىرىنى قان رەڭگىدە بويىماقتا ئىدى.
2 N9 `6 l2 i; a- J* c* Nدەر ھەقىقەت، ئاشكارىلانمايدىغان سىر بولمىغىنىدەك، سەن ئاقىۋەت ئۆزۈڭنى ئاشكارا قىلدىڭ ئوغلۇم.
" h+ A* ]' w' q2 t4 g8 z-دادا، كۆپ پۇل يىغسام قوشنىلارنىڭكىدەك ئاپئاق پىكاپ سېتىۋېلىپ، بۇ يەردىن كېتەيلى-ھە؟!* `$ R; D! G& c9 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مانا بۇ سەندىكى مەزگىلسىز بىخلانغان «پۇل يىغىش» ۋەسۋەسىسىنىڭ رېئال پاكىتى ئىدى. «تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» ئىدى ئوغلۇم، ئەسلىدە...
- Y% i: M+ c- h+ |2 ?5 k2 Z$ G. bئوغلۇم، «ئۇنداق قازانغا، مۇنداق چۆمۈچ» دەيدۇ، يەنە كونىلار.
. _8 I# }% @* H& {/ Y& i2 wئەنە قاراپ باققىنە ئوغلۇم. تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىتاب، ئىشكاپىمىزدىكى رەت-رەت تىزىلغان كىتابلارغا. ئاللىقانداق بىر خىل سېزىم تۈپەيلى خىجىللىقتىن قەلبىم تىنىمسىز ئۆرتەنسىمۇ، ساڭا چىن يۈرۈكۈمدىكى سۆزۈمنى ئېيتاي:
3 k/ Q& d2 }% V, y; T3 q5 tئەسلىدە، كىتاب ئىشكاپىمدىكى ئەڭ سەرخىل كىتابلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى رېتىگە تىزىلىشقا مۇناسىپ، تولىمۇ مۇھىم بىر قانچە كىتابنىڭ ئورنى بوش قالغانىكەن ئەمەسمۇ؟!
& n) J5 Z: }& |) d' t1 @! nمېنى كەچۈرگىن، ئوغلۇم. گەرچە ئۇ كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا قۇربۇم يەتسىمۇ، يەنىلا سېنىڭ «پۇل» لىرىڭنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. چۈنكى مەن سەن ئۈچۈن كىتاب سېتىۋالدىم، ئوغلۇم.; G6 `& @. Q. d; D, Y3 l: z# _+ R# ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب بارلىق ئەقىل-پاراسەتنىڭ يىلتىزى، ھەرقانداق بايلىقنىڭ مەنبەسى. كىتاب ئارقىلىق ئاقىل-پاراسەت چىنارىنى باراقسان كۆكلىتىپ، تىللا تۆكىلىدىغان خاسىيەتلىك دەرەخكە ئايلاندۇرۇش-بايلىققا ھېرىسمەنلىكىمىزدەك تەملىك چۈشىمىزنىڭ رېئاللىققا يول ئالغان تۈنجى ھەم مەڭگۈلۈك قەدىمىدۇر!
7 S( {* F4 h9 aقابىلىيەتسىز ئاتىنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئۈچ ئەۋلاد زىيان تارتىدۇ دېگەندەك، كەلگۈسىڭنىڭ جىنايەتكارىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئاۋۋال «كىتاب» دېگەن بۇ مەنىۋى ئۇزۇق ئۇرىقىنى قەلبىڭ ئېتىزلىقىغا چېچىش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور تەسەللىي.) t8 ]; \3 E2 H" H( p( k" K% dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە، ئۇيغۇرلاردا كىتابنى ئەڭ مۇقەددەس بايلىق سۈپىتىدە يىغىپ توپلاش ۋە ساقلاش ئادىتى خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار پەرزەنتلىرىگە قانداقتۇر پۇل-مالنى ئەمەس، ئەكسىچە ھەر بىر قۇرىغا رەڭدار تەبىئەتنىڭ دىلنى نۇرلاندۇرغۇچى سىر-ھېكمەتلىرى يوشۇرۇنغان كىتابنى مەنىۋىي مىراس سۈپىتىدە قالدۇراتتىكەن. بىراق، ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ گۈل تاجى بولۇشقا مۇناسىپ، ئائىلىدىكى مەرىپەت مۇھىتى تۇرمۇش قىستاڭچىلىقىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىتاب ساقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، دەبدەبىلىك سۆز-جۈملىلەردىن ئۇستاتلىق بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ، كۆزلىرىمىزنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىغان ، «نەپىس» ۋىۋىسكىلار ئارىسىدىن «كۇتۇپخانا» دېگەن بىر خەتنى كۆزگە چېلىقتۇرۇش مۇمكىنچىلىك دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىۋاتىدۇ.( R. c) g7 Z+ P( K* b! x- G* p% fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كىتاب-ئەقىلنىڭ ئوزۇقى. ئۇ سېنى ئۈمىدسىزلىك قايناملىرىدىن تارتىپ چىقىپ، تەسەۋۋۇر قاتلىمىڭ ۋە پىكىر چوڭقۇرلۇقۇڭنى مەنە تويۇندىلىرى بىلەن لىقلاپ، ئىقتىدار ساپايىڭنىڭ داتلاشماس بىسىنى خىرۇستالدەك پارقىراقلىققا ئىگە قىلىدۇ.
0 G" Y8 Q8 a# ?: B9 o0 R! Nكىتاب-دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرىغا جاسارەت بىلەن يۈزلىنەلەيدىغان ساياھەت كېمىسى. ئۇ ئۈمىدسىزلىك چىرماپ ئالغان ئازاب كېچىلىرىدىكى روھىي بىچارىلىكىڭگە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ، سېنى كۈتىۋاتقان نۇرانە قىرغاققا بىخەتەر يەتكۈزەلەيدۇ.
1 q( N$ u) t1 F1 V8 E6 @8 Wگەرچە، ساڭا ئۆزۈڭ رازى بولغۇدەك دەرىجىدە مال-دۇنيا مىراس قالدۇرالايدىغان بايلىق ساھىبىلىرىدىن بولمىساممۇ، كىتاب ئىشكاپىمدىكى مەنىۋىي مىراسلىرىمنىڭ ھامان سېنى سۆيۈندۈردىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. پەقەت كىتاب ئارقىلىقلا ئۆتمۈش بۈگۈنگە ئۇلىنىپ، بۈگۈن كېلەچەككە ئۆز خاسلىقى بىلەن يېتىپ بارالايدۇ ئەمەسمۇ؟!
+ @) a" F4 E6 {5 p$ i, y: i" ^مېنى كەچۈر، ئوغلۇم!& H- g' \& x  bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بالىلارچە خىياللىرىڭ تۈرتكىسىدە يىغقان «پۇل» لىرىڭغا ئۆزۈمنى، شۇنداقلا سېنى دەپ كىتاب سېتىۋالدىم. سەنمۇ كىتاب سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋال.9 F* V; F3 n5 D. O6 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
$ p+ {: u( D" U4 s5 ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-28 12:01:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە!!!
ۋاقتى: 2014-4-28 18:42:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھەممە نەرسىدىن كەچسەم كېچىمەنكى كىتاب دېسە جېنىم بىرلا چىقىدۇ. شۇڭا يورت- يۇرتلارغا بارسام ھامان كىتابخانىلارنى ئارىلىماي قويمايدىغان ئادىتىم بار. مەرھۇم دادامنىڭ ئىزىنى بېسىپ، تېخى مەكتەپكىمۇ كىرمىگەن بالىلىرىمغا ئاتاپ بۇ يىل «تارىم غۇنچىلىرى» قاتارلىق ماتېرىياللارغا مۇشتەرى بولدۇم، يەنە بۇ يىلقى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە كىتاب ئېلىپ بېرىشنىمۇ ئۇنتىمىدىم.
7 b5 V. L3 U! O( k8 V6 y- V* Qكىتاب- قەلبىمدە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز يۈكسەك ئورۇنغا ئىگىكى، دادامدىن ئايرىلىپ ئائىلىمىزگە كۈلپەت ياغقان، جىمىي ئالەم زىمىستان بولۇپ تۇيۇلغان ئەشۇ كۈنلەردە كىتاب ماڭا ھەمراھ بولغان ھەم مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق بۈگۈنكى نىجاتلىق يولىنى تاپقان ئىدىم.
2 _0 Z( l7 F; t% n9 fكىتاب ھەققىدە سۆزلىسەم ئۆزۈمنى پەقەتلا تۇتىۋالالمايمەن، كۆپچىلىكنىڭ ئارتۇقچە ۋاقتىنى ئالماي......
ۋاقتى: 2014-4-28 23:06:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھەر قېتىم ئاقسۇغا بارسام، ئوغلۇم ئۈچۈن 2-3 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كىتاب تاللاپ سېتىۋالىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-28 23:08:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب بىزنىڭ ئەڭ ياخشى مەنىۋى ئوزۇقىمىزدۇر .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 20:30

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش