روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2528|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بالىلاردا پۇل ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ  ئۆگۈنىشىگىلا ئېتىۋار بېرىپ، بالىلىرىنىڭ ئەمىلىيەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان پۇل ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارايدۇ. بۇنداق داۋاملاشقاندا، بالىلارنىڭ قورامىغا يەتكەندىن كېيىنكى مالىيە باشقۇرۇش ئېڭى ئاجىزلاپ، بۇ ھەقتىكى ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئادەمدىكى مالىيە باشقۇرۇش ئېڭىنىڭ % 50  ئى  ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا يېتىلدۈرگەن  پۇل ئېڭىغا باغلىق بولىدىكەن. ئۇنداقتا بالىلاردا توغرا  پۇل ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟2 w4 y( U. b6 W* cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بالىلارنى پۇل ئامانەت قويۇشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك: نىشان بولغاندىلا ئاندىن تىرىشىش يۆنىلىشى ئايدىڭلىشىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پۇل ئامانەت قويۇش نىشانىنى تۇرغۇزۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. مەسىلەن، بالىلارغا ئۈچ ئايدىن كېيىن يىغقان پۇلىغا  نىمە سېتىۋېلىش كېرەك ياكى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانداق ئىگىلىك تىكلەش دېگەنلەرنى ئالدىن پىلانلاتقۇزۇش لازىم.  مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنى پۇلنى تېجەشكە، پىلانلىق خەجلەشكە ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.
8 Z3 r: E* u2 E$ A% j8 q/ p, h, V$ ]تاللاشنى ئۈگىتىش كېرەك: نۇرغۇن بالىلار پۇلىغا زادى نىمە سېتىۋالسا  بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، قارغۇلارچە پۇل خەجلەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئەگەر بالا بىرنەچچە خىل نەرسە سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان بولسا، ئاتا- ئانىلار ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنى ئۆز ئېھتىياجى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئەڭ زۆرۈر بولغىنىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بالىلار ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ پۇل خەجلەشنى ئۆگۈنىۋالىدۇ.
* g  r% Y9 M$ [8 ^بالىلارنى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، پۇلنىڭ قانداق كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك: ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىسلەر "ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار  تەتىل مەزگىللىرىدە ئىشلىشى كېرەك، ئۇلار ئىشلەش ئارقىلىق ئەمگەكنىڭ تەمىنى تېتىپ، پۇل تېپىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەبىئىي پۇل تېجەيدىغان بولىدۇ " دەپ قارايدىكەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2010-11-1 11:58:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بالىلاردا پۇل ئېڭى يىتىلمىسە چوڭ بولغاندا پۇت دەسسەپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر گەپ بۇلۇپ قالىدۇ.بالىلار كىچىك ۋاقتىداھەپتىلىك پۇلنى بىراقلا بېرىپ،ھەپتىگە يەتكۈزەلمىسە پۇل بەرمەي ئادەتلەندۈرسە ،ئۇيۇنچۇق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى پۇل يىغىشقا رىغبەتلەندۈرۈلسە ئۈنۈمى چۇقۇپ ياخشى بولىدۇ.مىنىڭ ئۇسۇلۇم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 07:53

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش