روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3050|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پەرۋاز ژۇرنىلى - بالىلارنىڭ يېقىن دوسىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹‹پەرۋاز ››ژۇرنىلى بالىلارنىڭ يىقىن دوستى
6 {& P  }) u7 v/ d- n+ d! vئەخمەتجان ئابلىز0 Y( k# m) G* @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىسىمدە شۇنداق تۇرۇپتۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا ،بۇرۇن ‹‹ئۈمىد چېچەكىلىرى›› نامىدا چىقىدىغان ،ھازىر  ‹‹پەرۋاز›› نامى بىلەن نەشىر قىلىندىغان  بالىلارنىڭ ئەڭ يىقىن ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلى بىلەن دوسىتلۇق زەنجىرىنى باغلىغان ئىدىم.ھازىر باللىقىم بىلەن ئاللىقاچان خۇشلىشىپ،ياشلىق دولقۇنلىرىدا ئۈزىۋاتقان ،ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش يولىدا ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ كىلۋاتقان بولساممۇ ،لىكىن ‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى بىلەن بولغان دوسىتلۇق رىشىتىم ئۈزۈلگىنى يوق. ‹‹پەرۋاز ›› ژۇرنىلىنىڭ ھەربىر سانىلىرى  قۇلۇمغا تەگكەندە خۇشاللىقىمىدىن شۇنداق  ئىخلاس بىلەن ھەربىر سەھىپلىرىنى ئۇقۇپ چىقىمەن. ‹‹پەرۋاز ››ژۇرنىلىنىڭ بەت،سەھىپىلىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكىدىن مول ، رەڭدار بولۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كىتىمەن. مانا مۇشۇ چاغلاردا ، ئەينى يىللارنى ئىخىيارسىز ئەسلەپ قالىمەن.  بىلەمسىز؟ ئاشۇ  يىللاردا ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇش بىزدەك تەكلىماكاننىڭ سىرلىق ۋادىلار، يىشىل بوستانلىقلىرىدا ياشاۋاتقان بالىلار ئۈچۈن ئەڭ تەس ،بەسى مۇشكۈل ئىش ئىدى. مەكتەپ،ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلارىمىز بىز  بالىلار ئۈچۈن 60-70كىلومىتىر يىراقلىقىدىكى ناھىيە مەركىزىگە بىرىپ ،‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىغا مۇشىتىرى  بولۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لىكىن ژۇرنال نەشىرىدىن چىقىپ نەچچە ئايلارغىچە قولىمىزغا تەگمەيتى،  كۆزىلىرىمىز تەقەززالىق ئىچىدە پوچتىياليۇننىڭ يولىغا،قەلىبلىرىمىز ژۇرنالغا تەلمۇرەتتى. ژۇرنال قولىمىزغا تەكگەن ھامان قولدىن قولمىزغا  ئۆتكۈزۇپ سۆيۈپ ئۇقۇيتۇق، ژۇرنالنىڭ سەھىپىسى ،رەڭدار بەتلىرى ھەققىدە بەس-بەستە مۇنازىرە قىلشاتتۇق.ژۇرنالنىڭ رەڭدار بەت يۈزىدە نامايەن قىلىنغان ‹‹يېزىقچىلىق يېتەكچىسى››نى ئۇستاز تۇتۇپ ،ئۇنىڭدىن ماقالە يېزىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى ئۆگنىپ  مەكتەپ گېزىتى، سىنىپ گېزىتلىرىدە ماقالە-ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدۇراتتۇق؛‹‹قەلىب ئۈنچىلىرى››دە تەڭتۇشلارنىڭ تىمىسى سەرخىل،مەزمۇنى قىزىققارلىق ،تەسىرلىك،بىز  بالىلارنىڭ ئوماق، چۇچۇك  تىلى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلىرى  بىلەن   مول روھى  ئۇزۇق ئالاتتۇق.‹‹رۇجەك››تىن بىز تېخى  ئاڭلاپ باقىمىغان دۇنيادىكى  ئاجايىپ يېڭلىقلاربىلەن تۇنۇشىۋالاتتۇق؛‹‹ئەدىبلىرىمىز››بۇستانىدا بىز بالىلارنىڭ  ساغلاپ ئۆسۈپ يېتىلىپ ،ياراملىىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن  جاپالىق ئىشلەپ ،مەنىۋى ئۇزۇق بىرىپ كىلۋاتقان تاغا-ھەدىلەر بىلەن ئەسرالىشىپ ،ئۇلارنىڭ ئىسل-دۇردانە  ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ ،ئالەمچە شادىلىققا چۈمەتتۇق، ئۇلارنى  ئۇستاز تۇتۇپ كەلگۈسىدە ئۇلارغا ئوخشاش  بالىلار ئۈچۈن نادىر ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئەھىد قىلىشاتتۇق؛‹‹تىل-تىللادىن قىممەت›› سالۇنىدىن دۆلەت تىلى ،چەتئەل تىلى بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولۇپ ،كۆپ خىل تىل ئۆگىنىپ  كەلگۈسىگە مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا مۇۋاپىقىيەت بولاتتۇق؛‹‹كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر››دىن ئۆگنىش ، تۇرمۇش،ئائىلىدە ئۇچرىغان  قەلبىمىزدىكى تۈگۈنلەرنى يىشىپ ، ھاياتلىق مۇساپسىگە يىڭى قەدەم تاشلايتۇق؛‹‹خاسىيەتلىك ئۇيۇنلار›› ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ،ھازىرقى زامانىۋى ئۇچۇرلاشقان،ئىلىكتىرۇن  دۇنيا تەرىپىدىن  بۇغۇلغان ،ئۇنتۇلۇپ يۇقۇلۇشقا يۈزلەنگەن بىباھا قىممەتلىك  ئۇيۇنلارنى ئويناپ ، كۆڭلىمىزنى خۇش ،دىللىرىمىزنى شاد قىلىپ ئىناقلىق ، ئىتتىپاقىلىق گۈللىرىنى پۇرەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ،غالىپانە روھنى يىتىلىدۇرەتتۇق،‹‹مارجانبۇلاق›› لىرىك قايناق ھىسيات دۇنياسىغا باشلاپ، سۈپسۈزۈك  ئابى زامىزەملىرىدىن ، چاڭقىغان دىلىرىمىزغا مەلىھەم  بىرەتتى.‹‹تاغنىڭ ئارقىسدا تاغ بار›› سەھىپىلىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەت، مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ،دۆلەت ئەھۋالى، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ،مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئۇلارنى ئۆزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ  چىقاتتۇق- دە،مۇشۇنداق بەخىتيار زامانغا ئېرىشتۇرگەن ئۇلۇغ  ۋەتىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ ،ياخشى ئوقۇپ جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلايتۇق،‹‹ئەقىل ياشتا ئەمەس،باشتا›› ھىكايىلىرى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ،ئۇلاردىن ئۆزىمىزگە كۈچ-قوۋۋەت ئالاتتۇق.‹‹مەغرىبتە-مەشرىقتە ››جاھاننامە ئەينىكىدىن  بىز بالىلار دۇنيانىڭ  ئىلغار بولغان مائارىپ تەربىيسى بىلەن تۇنۇشۇپ، ئىجابى  تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلشقا تىرشاتتۇق،‹‹ كىم ئەقىللىق›› مەيدانىدا ئۆزىمىزنىڭ زىھىنى سىناپ ،بىر-بىرىمىز بىلەن بەسلىشەتتۇق،ئەقىل بەيگىسىگە چۈشەتتۇق، تەپەككۇر دولقۇنلىرىدا غۇلاچ كېرىپ ئۈزەتتۇق.8 i: c) g, P9 H! E! h/ {) `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قىسقىسى ،‹‹پەرۋاز›› ژۇرنىلى بىز بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى كۈچ، دىللىرىمىزنى يۇرتىدىغان مەشئەل، ئالغان ئىلگىرلىشمىزدىكى ماياك ئىدى. لىكىن ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ،شۇنى كۆرۇپ يەتتىمدىكى ، بالىلار تىلۋۇزۇر، كۆمپىيۇتىر قاتارلىق زامانىۋى ئىلىكتىرۇن دۇنياسىغا ئەسرا بولۇپ ،ئۆزنىڭ ئەڭ يىقىن دوسىتى ‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلىنى ئۇنتۇپ كىتىپتۇ، مەكتەپلەر بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ ،ئونۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۇرۇش  ئۈچۈن نەچچە مىڭ يۇەن چىقىرىپ بۇ ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ ،ژۇرنالنى  ھەرئايدا قولغا تەككۈزىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنى سۆيۈپ ئۇقۇيدىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ   يۇقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ. بالىلارنىڭ ئەڭ يىقىن دوسىتى‹‹پەرۋاز››ژۇرنىلى سومكىلاردا،ئۇستەللەرنىڭ تارتىمىلىرىدا ھەتتاكى ئەخلەت سىۋەتلىرىدە زارلىنىپ يىتىپتۇ.بۇ ئىش بىزنى ئېچىنىش ئىلىكىدە ئۇيلاندۇرماي  تۇرالمايدۇ؟ قىنى ئېيىتڭلارچۇ بالىلار! بىز مۇشۇنداق قىلساق پەرۋاز ژۇرنلىغا، پەرۋاز ژۇرنىلىنى رۇياپقا چىقىرىش يولىدا ئۈن –تىنسىز جاپاللىق ئىشلەۋاتقان تاغا-ھەدىلەرگە قانداقمۇ يۈز كىلەلەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئەجىر –مىھنەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى، ھەمىمىمىز ‹‹پەرۋاز››نى سۆيۈپ ئۇقۇيلى، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە مەنىۋى كۈچ  ئاتا قىلايلى.  2 _: a% ~1 u2 U% [+ pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

" e- M8 a5 k4 Z  T6 d: w2 ~0 s      
- y8 n& Z9 w, K' }2 p  (ئاپتۇر:يوپۇرغا  ئاخۇنلۇقۇم يىزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن )
  c' z' o9 A8 u, e- I! w
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 08:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش