ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1083 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : نادانلىق + بىلىمسىزلىك = ھالاكەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 19
نادىر تېما: 28
يازما: 308
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە308دانە
شۆھرىتى: 799 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 11457 يۈەن
تۆھپە: 608 قېتم
ياخشى باھا: 529 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 5974(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:34دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:5974 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:316 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:491 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-12
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-29 09:40

1
تېما:نادانلىق + بىلىمسىزلىك = ھالاكەت
يوللىغۇچى:yulgun | يوللىغان ۋاقىت :2011-03-29 09:40 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:1083

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-29)
  3n,F5?! m  
e\)PGjSI  
نادانلىق + بىلىمسىزلىك = ھالاكەت 7H=/FT?e]  
  `~gyq>Ik2  
دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، جەمئىيەت بىلىملىك، ئىخساسلىق كىشىلەرگە تېخىمۇ مۇھتاج بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نەچچە ئون يىللىق ئېغىز تارىخى دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ھەر خىل توسالغۇلار تۈپەيلىدىن نادانلىقنىڭ، بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى - ئۆزى تونۇش، پەن – تېخنىكا بىلەن قوراللىنىپ، ئىلىم- پەن بىلەن كۈچلىنىپ، تۈرلۈك ساھەلەردە تەرەققىيات يولىغا مېڭىش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى، ھالبۇكى، كۆپىنچىمىز ھازىر كۈن ئۆتسىلا، قورساق تويسىلا شۈكرى- قانائەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. نىمىلەرنى يوقۇتۇپ، نىمىلەرەە ئېرىشكەنكىمىز بىلەن ھېسابلاشماۋايتىمىز. بىزدىكى بىلىمسىزلىك، نادانلىق بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئەللەيلەپ، ھالەكەت پاتقىقىغا پاتۇرىۋاتىدۇ. بىز ئەقلىمىزنى ئىشلىتىدىغان، ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سالىدىغان چاغلارنى ئەھمىيەتسىز، بىمەنە، چاكىنا ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئاتا- بۇۋىللىرىمىز جاپالىق يىللاردا قالدۇرغان ئالەمگە مەشھۇر مىراسلىرىمىز بىلەن بولىشىچە ماختاندۇق، ئۇلارنىڭ روھىدىن پەخىرلەندۇق-يۇ، ئۆزىمىز ئەۋلادلىرىمىزغا ئانچە-مۇنچە قىممەتكە ئىگە كىچىكىنە مىراس قالدۇرۇپ قويۇشنى ئانچە ئويلاپ كەتمىدۇق. توغرىسى، ئويلاشقا ئەقلىمىز يەتمىدى. بىز ئەقلىي ناكارلىق، روھى ناباپلىق تۈپەيلى، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ياشاشقا كۈتۈپ كەتتۇق. بىز ئەقلىمىزنى باشقىلاردەك بىلىشكە، بىلىم ئىگىلەشكە ئىنتىلمەي ھاياتلىق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئۆزىمىز ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ھىچ ئەھمىيتى يوق ئىشلارغا سالجىدەك چاپلىشىۋالدۇق. بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ئالى مەكتەپ قوينىغا كىرىشكە مۇيەسسەر بولغان ئازغىنە ئوغۇل قىزلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى ئويۇن- تاماشاغا بەك بېرىلىپ، ئوقۇش مۇددىتىنىڭ پۈتۈشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ، 60 نومۇر ئۈچۈن ھەر خىل رەڭۋازلىق، شەكىلۋازلىقلارنى قىلىشىپ، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى تانساخانا، قاۋاقخانا، رېستۇرانى، دېسكوخانا، بەزمەخانىلاردا ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئازغىنە بىر قىسىم ئوغۇل- قىزلىرىمىز پۈتۈن زېمىننى بىلىم ئىگىلەشكە قارىتىپ، ۋىجىدانى بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن بىلىم ئىگەللۋاتقان بولسىمۇ ئۇلاربىلەن نادانلىق، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بىز خەقنىڭ ئېھتىياجى ھەل بولۇپ كىتەلمەۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە يۈزلىنىش، ئۆزىمىزنى چۈشۈشتىن ھوقۇش كۈندۈزدىن قورقاندەك قورقىۋاتقاندەك قىلىمىز. ئالى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئوغۇل- قىزلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىدىن يىراقلاپ، ئەسلىنى ئۇنتۇپ،ئۆزلىگىندىن ئايناقلاپ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى سېستىۋاتىدۇ، مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۈكىۋاتىدۇ، ئاتا- ئانىللىرىنى زار-زار قاخشىتىۋاتىدۇ. پەندى- نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالماي ئاخىر ئۆزلرىنى ھالاكەت ھاڭغىمۇ تاشلاۋاتىدۇ. ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىرلىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدىنمۇ مىشچانلار چىقىپ، كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالدۋاتىدۇ. بىر قىسىم مۇتەسسىپ قاراشتىكى ئاتا-ئانىلار باللىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋىلىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا، ھەر خىل ھۈنەرلەرگە بېرىۋاتىدۇ، ئۇششاق  تىجارەتلەرگە سېلىۋاتىدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولغاندىكىن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ يېزا قىشلارقلاردىكى خۇراپى قاراشلار، ناچار خائىشلار دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ باللىرىنى ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە ئۇيغۇر مائارىپ نېمە بولماقچى؟ ساۋاتسىزلىقنى تەلتۈكۈس تۈگەتتۇق، دەپ ئۈنلىرىمىز پۈتۈن قالغىچە ۋاقىراپ چاقىراپ، بار سالدۇقيۇ، يەنە بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئۆز ئىسمىنىمۇ ئوڭلاپ يازالمايدىغانلار نۇرغۇن، بۇنىڭ بىلەن ھېچىكىمنىڭ كارى بولماۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئادەملىرىمىز «ئۇيغۇر» دېگەن چىرايلىق ئىسمىنىمۇ دىيەلمەي «ئۇرغۇي» دەپ يۈرىۋىرىشىۋاتىدۇ. بەزى ساۋاتلىق زىياللىرىمىز خەت يازغاندا ئىككىلەنمەي« ئۇرغۇي» دەپ يېزىشىۋاتىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالماسلىقتىن، توغرا يازالماسلىقتىنمۇ ئارتۇق نۇمۇس بارمۇ ئىنسانغا؟ ئەتىراپقا قاراپ، نېمىشقا يۈزىمىز قىزارمايدۇ؟ بىزنىڭ يېزىقىمىز پەيدا بولغاندا، ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىككەنلىكىنى بىلىمەي يۈرۈشكەن يېزىقى يوقلار تېخى يېقىندىلا يېزىققا ئېرىشىپ بىزدىن ھالقىپ كېىتىۋاتىدۇ؟ بىز نېمىشقا قاشاڭ ئىشەكتەك قۇلىقىمىزنى يۇپۇرۇپ يۈرىمىز، ئىزدەيمەيمىز، ئۆگەنمەيمىز، باللىرىمىزنى ئوقۇتمايمىز؟ مەكتەپتىن چىقىرىۋالىمىز؟ كەلگۈسىمىز، كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا باش قاتتۇرىمايمىز؟ ... _57i[U r  
 8*lVO2  
نادانلىق بىزنى ئەقلىمىزنى بولغاپ، ئازاپنى سەمەس، ھىچ نەرسىگە ئىرەنشىمەس قىلىپ قويمۇسۇن؛ بىلىمسىزلىك بىزنى ھالاكەت پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويمىسۇن. بىلىمسىزلىك بىلەن نادانلىق بىرلىشىپ بىزنى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئاپپىرىپ قويمسۇن. بىز جان ھەلقۇمغا يەتكەندىلا ئۆزىمىزنىڭ خاتا قىلغانلىقىمىزنى بىلىپ  بولىشىچە جار سالىدىغان ،تىپىرلايدىغان خەق. Sl{]Z,  
kJ{X5&,_  
ئۇيغۇر مىللىتى ئىلگىرى مەيلى پەن-مەدەنىيەت، مەيلى پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا بولسۇن، تارىختا خېلى زور تەسىرگە، بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ھازىر قانداق بولىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن كاىرى بولغانلار تەقدىرىمىز، كەلگۈسىمىز توغرىسىدا باش قاتتۇرىۋاتقانلار، قايغۇرىۋاتقانلار، ئۈنسىز ياش تۈكىۋاتقانلار، ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يۈرەك قېننى سەرپ قىلىۋاتقانلار سانىۋالغۇدەكلا بولغاچقا« يالغۇز ئاتىنىڭ چېڭى چىماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەندەك بۇلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق ئورۇنلاشلارنىڭ ئۈنۈمى دېگەندەك بولمايۋاتىدۇ. ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، كەلگۈسى توغرىسىدا ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر ئىزدىنىشى، ئەستايدىل، ئەتىراپلىق ئويلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، مىللىتىمزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئېغىز ئېچىش تەسكە توختايدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەم ئۈچۈن بىلىم ۋە ئەقلدىنمۇ ئارتۇق بايلىق، روھىنى تۈۋرۈك، كۈچ-قۇدىرەت يوق.ئەگەر شۇ كىشى ئۇنى ئۆز ئىلى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى بىلسە.بىلىمگە ساختىلىق، كۆز بۇيامچىلىق قىلغان ھەر قانداق بىر كىشى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى ھامان كۈلپەتلىك بولىدۇ.ئىسىمىزدە بولسۇن،پەقەت  بىلىملا  بىزنىڭ  ئەقىل بولىقىمىزنى ئېچىپ، نادانلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. cbNrto9  
y&UcTE2;%(  
ئۇيغۇر مائارىپىمىزنى باشقا مىللەتلەرنىڭ مائارىپىغائوخشاش خەلىقئاراغا، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. لېكىن بىز پايدىلىق پۇرسەت، پايدىلىق شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلالمايۋاتىمىز. «مائارىپنىڭ ۋەيرانچىلىقى- مىللەتنىڭ ۋايرانچىلىقى، مىللەتنىڭ ۋايرانچىلىقى، پۇقرانىڭ قۇللۇقى» بولىدىغانلىقىنى، ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئەقىللىق، ياراملىق، ۋىجدانلىق ئۆسۈپ يىتىلىشىدە، مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، مائارىپ تەربىيىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەگى- تەكتىدىن تونۇپ يىتەلمەيۋاتامدۇق قانداق؟ بىز بەزىدە قابائەتلىك چۈش كۆرۈپ ئويغاندەك كاللىمىزنى سىلكىدۇقيۇ، يەنە تۈزۈك ھەركەتكە كېلەلەمىدۇق. كېتىپ- كېتىپ قايناپ قويدۇقيۇ، ئۇزاق ئۆتمەيلا قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قويغاندەك جىمىپ كەتتۇق. l7nc8K  
[a`89'"z  
مەلۇم شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سۈپەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ، بىر، باشلانغۇچ، مەكتەپتىكى ئالتە نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ خەت ئىملاسىنى كۆرگەندە ھەممىسىلا «ھەبىبۇللا» دېگەن ئىسمىنى توغرا يازالمىغان. تەكشۈرۈش ئۆمىكى بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ باشلىرىنى چايقاشقان،ئەلەم بىلەن ئېغىز تىنىشقان ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىنى بۇ ئىسمىنى يېزىپ ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ قويۇشنى دېگەن، ئەپسۇسلىنارلىقى، كۈلكىلىك يىرى شۇكى مەكتەپ مۇدىرى دوسكىغا «ھېبىللا» دېگەن خەتنى ئەگرى-بۈگرى يېزىپ چىقىپ، نومۇس قىلماي؛ - سىلەر نەچچە ۋاقتىڭىزنى ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق دەرس ئۆتۈپ كىلىۋاتامسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئالدىڭلار 20 نەچچە يىللىق، ئارقىڭىلار 5-4 يىللىق ئوقۇتقۇچى، قاراڭلار، كۆزۇڭلارنى يوغان ئېچىپ، تازا كۆرىۋىلىڭلار؛ مانا مۇنداق يازىدۇ- دەپ دوسكىدىكى « ھېبىللا» دېگەن خەتنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىشخانا ئىچىدە كۈلكە كۆتۈرۈلگەن، بۇ كۈلكىلەرنىڭ ئىچىدە ئەلەملىك، مەسخىرلىك، ھەسىرەتلىك، ئازاپلىق كۈلكىلەرمۇ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي كۆتۈرۈلگەن كۈلكىلەرمۇ بار ئىدى. UXvUU^k"v  
V+(1U|@~  
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھالى مۇشۇ تۇرسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولماقچىدى؟ !g'kWE[  
fp^{612O?  
- ئىست بۇلارغا بىرىلىۋاتقان مۇئاشقا، ئىست! u $O`\=  
MAb*4e#  
- بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇۋال! IOhJL'r  
% Ya%R@b}  
تەكشۈرۈش گورۇپپىسى يەنە بىر مەكتەپكە بېرىپ، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسنى تېڭشىغان، ئوقۇتقۇچى دەرس باشلاشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلاردىن سىناق ئېلىشقا باشلىغان. G9v'a&  
5 nF46c  
- 5- نومۇر ، بۈگۈن سەندىن ساناش ئالىمەن. v]{F.N  
J'}G~rB<<  
يەتتىگە نۆلنى كۆپەيتسە قانچە بولىدۇ؟  ddK\q!0  
Jt ++3]  
-         نۆل بولىدۇ. WoV"&9y  
NTWy1  
- دۆت، كالۋا سەندىن يەتتىگە نۆلنى كۆپەيتسە قانچە بولىدۇ دەپ سوراۋاتىمەن. d6^:lbj  
I4XnJ[N%  
- نۆل بولىدۇ، مۇئەللىم. ^yLhL^Y  
]SC|%B_*  
- ھو ئەقلىگە ئىت سىيىۋەتكەن دۆت، ئاناڭنىڭ بىر نىمىسىگە ئۆگەنمىدىڭمۇ؟ ئولتۇرقاقباش! %g_ )_ ~  
dzQs7D}  
- 15 نومۇر، يەتتىگە نۆلنى كۆپەيتىسە قانچە بولىدۇ؟ `5Bv2 wlIV  
I q?n*P$  
- نۆل بولىدۇ. z+Guu8  
)n6,uTlOw  
- ھەي قاپاق كاللا، سېنىڭ سىنىپ باشلىقى بولغىنىڭ قېنى؟ يەنە بىر سوراي: نۆلنى يەتتىگە كۆپەيتسە قانچە بولىدۇ؟ 7@&mGUALO  
*sQ.y{  
- ئوخشاشلا نۆل بولىدۇ. ppo.#p0w  
`Ez8!d{MD8  
- ئاناڭنىڭ بىر نېمىسى بولار! H:EK&$sU  
$Zr \$z2  
مۇئەللىم بۇ سۇئالنى 10 نەچچە ئوقۇغۇچىدىن سورغان ھەممىسى توغرا جاۋاپ بىرىپ تىل- دەشنام ئاڭلىغان. ئوقۇتقۇچى ئاچچىق بىلەن يەنە سۆزلەشكە باشلىغان. 1`1jSx5}.  
^W(ue]j}o  
-دۆتلەر، كالۋا بولاقنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ساراڭلار، قاباقباشلار، ئاتا-ئاناڭنىڭ بەرگەن نىنىنى پوق ئىتىشنى بىلىشسەنمۇ؟ ئاڭلاپ، ئىسىڭدە ئوبدان ساقلاش، يەتتىگە نۆلنى كۆپەيتىسە يەتتە بولىدۇ، نۆلگە يەتتىنى كۆپەيتسە ئوخشاشلا يەتتە بولىدۇ. }3,4B -8!  
3dz{" hV  
دەرس تىڭشاۋاتقانلار باشلىرىنى چايقاشقىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتكەن. مەن يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى كەڭ ئۇمۇملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدىكى بۇ ئەھۋللارنى ئۇققاندىن كېيىن نېمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم. بىر روھى ھالىتى نورمال ئادەم، بىر كۆيۈمچان ئۇستازنىڭ ئاغزىدىن يۇقىرقىدەك زەھەرلىك، بىمانە سۆزلەر قانداق چىققاندۇ- ھە! مەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۈرۈشتە قىلسا، ئۇنىڭ دادىسى كىچىكىرەك بولسىمۇ ئەمەلدار ئىكەن. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىنى پۈتتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. دادسىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ بولغاچقا ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلۇشۇپتۇ، يەنە كېلىپ رەسمى، تېخى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلىك دىملومى بار ئىكەن. بۇنداقلار بىزنىڭ بۇ يەردە خېلىلا كۆپ، باشقا كەسپىلەرنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولغانلارمۇ نۇرغۇن، ئەھۋال شۇنداق بولغاندىكىن ئويغۇر مائارىپىمىز قانچىلىك تەرەققى قىلماقچى؟ بىر سالا ساۋات ئوقۇتقۇچى بولىۋاتسا، ئوقۇتقۇچىلىق سالايتى يوقلا دەرس مۇنبىرىدە دەرس ئۆتىۋاتسا مائارىپ قانچىلىك ئىلگىرى ناپار؟ قانچىلىك يۈكسىلەر؟ بىزدە« مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا›› دەيدىغان چوڭقۇر مەنىگە ئىگە سۆز بار. ئوقۇتقۇچىلار مىللەتنىڭ ئاقارتقۇچىللىرى، ئۇلارنىڭ ساپاسى، ئەخلاق-پەزىلىتى، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى بىلەن چامبەرچەس باغلىنىشلىق. دەۋەر كۈندىن- كۈنىگە جىددىلىك،تەخىرسىزلىك ئېلىپ كىلىۋاتقان، مىللىتىمىز، خەلقىمىز خىرىسغا دۈچ كىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە ھەر بىر ئادەم بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار ۋىجدان، مەسئۇلىيەت، بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىشكە، يېڭىلىق يارىتىشقا، ياراملىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ چىقىشقا يۈرەك قېننى سەرپ قىلىشى كېرەك. مانا بۇ خەلق ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى، بۇرچى. دۇنيا كىچىكلا بىر كەنىتكە ئايلىنىپ قىلىۋاتقان ،بۈئەۈنكى رىقابەت دەۋرىدىمۇ  ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك،نادانلىق شىللىمىزگە مىنىۋالسا بۇ قانداق بولغىنى؟ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز 19- ئەسىرنىڭ ئاخىردىن باشلاپلا ئاقارتشى ھەققىدە چوقان كۆتۈرگەن،ئەمەلى ئىش قىلغان ئەمەسمىدى؟ 21- ئەسىردىكى ئۇيغۇر مائارىپىدىكى يۇقىرقىدەك خەتەرلىك ئۆسمۈرلەرنى ۋاقتىدا دورا بىرىپ داۋالىمىسا ياكى كىسىپ تاشلىۋاتمىسەك مائارىپ سۈپىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىغا خائىنلىق قىلىپلا قالماستىن ماڭىدىغان يولىمىزنى تاپالماي قالىمىز،قولىمىزدىكى ئازغىنە رىسقىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز. rizjH+  
EXF]y}n  
«ي» 37 ياش، ئەر، ئۇيغۇر، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومى ئالغىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ خىزمەتكەئورۇنلىشالماي دېھقانچلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن بوشانغان ۋاقىتدىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى گىزىت- ژورناللاردا 40 پارچىدىن ئارتۇق پوۋسىت، ھېكايە ئېلان قىلدۇردى. يەن نۇرغۇن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى خىزمەت ئىزدەپ يۈرۈشمەكتە.بەزىللىرى ئۈمىدسىزلىنىپ يامان يوللارغا كىرىپ كەتمەكتە،ئاتا-ئانىسىنڭ،ئەجدەتلىرىنىڭ يۈزىنى تۆكمەكتە. بۇنىڭ ئەكسىنچە، باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمىگەن بىر قىسىملار بولسا ئارقا- ئارقىدىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ،مۇنبەرلەردە دەرس ئۆتۈپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئېغىر دەرجىدە تەسىر يەتكۈزمەكتە.شۇنداق، بۇ دۇنيا تەتۇر قىسمەتلەرگە تولغان دۇنياكەن. ئادەم سۇ بويىدا تۇرۇپمۇ چاڭقاقلىقىنى قاندۇرالمىسا، قازان بېشىدا تۇرۇپمۇ قورسىقىنى تويغۇزالمىسا ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ، خورلۇق ئۈستىگە ئازاپ، خورلۇق ئۈستىەە خورلۇق بولىدىكەن. بىلىم ئىگىللىرى خارلىنىپ، بىلىمسىزلەر ئەتىۋارلىنىدىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ئىشلىرى ئۇزاققا بارماي ھەممىنى ئەنسىرتىدىغان، باش ئاغرتىدىغان ئەڭ پاجىئەللىك مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. مىللىي مائارىپنىڭ تەقدىرى، بالىلارنىڭ كەلگۈسىەە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە كەلگەندە كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشى، بىلىپ تۇرۇپ، بىلمەس بولىۋېلىش تولىمۇ نومۇسسىزلىق، پەسكەشلىك، ۋىجدانسىزلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە! ~+d{:WY  
RX%)@e/@  
ساۋاتسىزلىق ھىلىھەممۇ دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىكى خەلقنىڭ ئىچىدە خېلىلا ئېغىر، سەۋەبى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا كۆز بويامچىلىق بولغانلىقىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىقىۋېلىش ھادىسىسى ئېغىر بولغانلىقىدا، يېزا، كەنت مەسئۇللىرىنىڭ تەكشۈرۈش گورۇپپلىرى كەلگەندە پاي-پىتەك بولۇشۇپ، ئالدىن زۆرۈر بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى پۇختا قىلىپ، تەكشۇرۇش كەتكەندىن كېيىن سەل قارىغانلىقىدا. بۇنداق كۆز بۇيامچىلىق، ئالدامچىلىقلارنىڭ مىللتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قانچىلىق زىيان يەتكۈزۈىدىغانلىقىنى مۆھتىرەم يەرلىك خاقانلار ھەرگىزمۇ ئويلاشمايدۇ. مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ساۋاتسىزلارنى باشقۇرماق، گەپكە كىرگۈزمەك، بۇيرىغاننى قىلدۇرماق ئوڭاي بولۇپ، تۈگنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يىتىلىگەندەك بىر ئىش. بىر قىسىم قارا قورساق باشلىقلارنىڭ قورقىدىغىنى بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەر؛ بىلىمى بارلار ئۇلار ئۈچۈن توسالغۇ، كۈشەندە. ئەقىللىق كىشىلەر ئۇلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ. توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەر ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەتىراپىدىكىلەرگە تونۇشۇش ئۈچۈن جان دىلى بىلەن تىركىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق چاغدىمۇ بىزنىڭ مائارىپقا كۆز بۇيامچىلىق قىلىشىمىز نېمە دېگەن نادانلىق، بىغەزەرلىك، دۆتلۈك- ھە؟ بىزنىڭ كۆڭلى قارىلارنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ، مائارىپقا ئالدامچىلىق قىلىشىمىز كۆز بۇيامچىلىق قىلغانلىقىمىز تۈپ يىلتىزىدىن  ئۆزىمىزنى ئالدىغانلىق، ئۆزىمىزنىڭ كۆزىنى بويىغانلىق، مىللىتىمىزنى، كەلگۈسى ئەۋلادلىرمىزنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەنلىك بىلەن باراۋەر ئىش. +8W5amk.P|  
Pr>05lg  
« ئىككى ئاساسان»نى ئۆتكۈزۈۋېلىش جەريانىدا ئالدىن پۇختا تەييارلىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەر تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسىمىنى كۆز بۇيامچىلىق، يالغانچىلىق قىلىشقا سەرىپ قىلغان. شۇنداق بولغاچقا 1280 نوپۇس بار بىر كىچىك كەنتتە مەكتەپ بېشىغا توشقانلار 280 نەپەر، بۇنىڭ ئوقۇشتىن سىرت قالغىنى 137 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار 132 نەپەر بولۇپ، مەكتەپتە ئۇقىۋاتقىنى 61 نەپەر، 15 ياشتىن ئاشقان ساۋات چىقىرىش ئوبىكتىلىرى ئىچىدىكى ساۋاتسىزلار 339 نەپەر بولغان بۇ سان – سىفىرلار ئادەمنى چۆچىتىدۇ، ئازاپلايدۇ. بىز كىچىكىنە كەنتىنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا، ئانا تۇپراقتىن باشلىنىپ يەنە ئانا تۇپراققا سىڭىپ كىتىدىغان ئانا دەريا- تارىم ۋادىسىدىكى ناھىيە(شەھەر)، يېزا، قىشلاقلاردا مۇشۇنداق ئوقۇشتىن سىرت قىلىۋاتقان، ساۋاتسىزلىقنى يۈدۈپ يۈرىۋاتقان نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى،نەچچە ئونمىڭ مەكتەپ سىرتىدا قالغان بالا، نەچچە ئون مىڭلىغان ساۋاتسىز ئۇيغۇر باردۇ؟ ..... GLESngAl  
WO{7/h</  
يۇقىرىدىكى سانلار، خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك مەدەنىيەت بىلەن ياشاۋاتقانلىقى، مائارىپقا قانچىلىك ئىتىبار بىلەن قارۋاتقانلىقى، قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ قانچىلىك ئارقىدا قالغانلىقى ئۈچۈن ئەينەك. شۇنداقلا، مىللىي غورۇرى بار، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللىي ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاددىسى، قانداق ياشاش توغرىسىدا ئازىراق بولسىمۇ باش قاتۇرىدىغان ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا ساللاتى، ئېغىر ئۇھ، تارتۇراتتى، خىجىل قىلاتتى. بۇ سانلار بىر قىلىچ ئىدىكى، ئالدىمىزدىكى بۇ قىلىچنى يوقاتمىساق بىز ھامان بۇ قىلىچتا چېپلاتتۇق، بۇ سانلار بىر قارار قىسمەت ئىدىكى، بىز ئۇ سانلارنى يوقاتمساق بىزنى ھالاك قىلاتتى.  بۇ سانلار بىر قۇياش ئىدىكى ئويغاق ئادەملەر ئۈچۈن قانداق قىلىش لازىملىقىنى، مىللەت ئۈچۈن قايسى يولدا مېڭىش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيتى. T{^P  
i-;#FT+ Xc  
نۇرغۇن يىللاردىن بىرى بۇ خەلق تۈرلۈك سىياسى چاقىرىقلار، مەدەنىيەت يوقۇتۇش ئىنقىلاپلىرىنىڭ تەسىرىدە شۇنچە بىچارە ھالەتكە كىلىپ قالغان. ئۇلار تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت، جەبرى-زۇلۇم دەستىدە ئۆزىنىڭ قاياققا مېڭىۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمىگەن، ئۆزىگە كىمىنىڭ يول باشلاپ مېڭىۋاتقانلىقى بىلەن تېخىمۇ ھېسابلاشماس بولۇپ قالغان. نادانلىق، بىلىمسىزلىك، قالاقلىق، نامراتلىق ئۇلارنى شۇنداق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان. بۇ خەلق نادانلىقتىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار يەنە نامراتلىقتىن نادانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. بىلىمسزلىك ئۇلارنى نادانلىق، نامراتلىقنىڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىغا ئىتتىرىۋىتىۋاتاتتى. ئۇلار ئۆزىنى قوغداشنى بىلمەيتى، چۈنكى ئۇلار قانۇننى بىلمەيتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىكى ئاتا-بۇۋىلىردىن مىراس بولۇپ قالغان دولقۇنلۇق قان سۇسلاپ، كۆكرەك قەپەزلىرىنى تىشىۋەتكۈدەك يۈرەك ساداسى يوقالغانتى. كۆزلىرىدكى كۆك بۆرىنىڭ كۆزىدىللا بولىدىغان كۆپكۈك نۇر ئاللاقايقالارغىدۇر ئۈچۈن كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تولىمۇ مىسكىن، ئاجىز بىر خىرەلىك ئىگىلىگەن ئىدى. شۇڭا ئويغۇنۇش- ئىلىم-پەندە ئويغىنىش كېرەك ئىدى. ئۇيقۇلۇقتا كۆرگەن چۈش مەيلى قانچىلىك شىرىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،ئۇ بەربىر چۈش ئىدى. ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قىلچىلىك ئىزنا قالمايتى. شۇڭا بىز تاتلىق سۈت ئويقۇمىزدىن ئويغۇنايلى، بۈگۈنكى ئۇيقۇمىز ئەتىكى ھالاكىتىمىز بولۇپ قالمىسۇن. چۈنكى ھاياتلىق ئالىمىدە ھەر بىر ئادەم ئۆز نىسۋىسى ئۈچۈن شىددەتلىك رىقابەت قاينىمىغا ئۆزىنى ئاتتى. شۇڭا ھەر بىر كىشى ئۆزى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىى، چۆچىرىنى خام ساناپ كۈن ئۆتكۈزۈىدىغان تەييار تاپلىقتىن يىراق قېچىشى لازىم. <"6\\#}VG  
 *U6+b  
مەلۇم پىداگوگىكا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى دۇككان ئېچىپ، دۇككانغا ئوقۇغۇچىلارغا لازىمەتلىك نەسىلەرنى سالغان، ھەتتا ھاراقمۇ سالغان. ئوقۇغۇچىلار كىرىپ ھاراق ئىچسە ئۇلار بىلەن تەڭ ئىچىشىپ بەرگەن. ئۆز سىنىپىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ھەم ئۇ دەرس بىرىدىغان باشقا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دائىملىق خېرىدارى بولغان ئۇ دائىملىق خېرىدارلىرىغا سائەتلىك سىناش، ئىمتىھان دېگەنلەردە ئالاھىدە ئىتبار قىلغان ياكى سۇئاللاردىن « ئالدىن مەلۇمات» بەرگەن. ئۆزىدىن مال سېتىۋالمىغان ئوقۇغۇچىلار ھەر قاماپلار بىلەن باپلىغان،ئۇلاردىن ئۆچ ئالغان. (3$DUvx7  
iLJ@oM;2  
يەنە بىر ئوقۇتقۇچى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بىر قىز ئوقۇغۇچىنى ئۆزىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلسا ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا ھاياسىزلىق قىلىشقا ئورۇنغان . دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالى كىرىپ قىلىپ ئائىلە بۇزۇلۇشتەك ئېغىر پاجىئە كىلىپ چىققان. ئۇماق ئىككى بالا تىرىك يېتىملەرگە ئايلانغان. ئادەمدە ۋىجدان بولمىسا ئۇنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى بولسۇن!؟ غورۇرىغا قۇرت چۈشكەن، ئادىمىلىكنى ئۇنۇتقان، ئىمانى بولغانغان، روھى زەئىپلەشكەن نائەھلىلەردىن مىللەتكە بالا كەلسە كېلىدۇكى، قىلچىلىك پايدا يەتمەيدۇ. مىللەتنى روھىي گادايلىقتىن، ئەقىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان، مائارىپنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈگۈچىلەر ئەنە شۇنداق پەسكەشلىك، شوئارۋازلىق، شەكىلۋازلىق، غەيۋەنخورلۇق، چېقىمىچىلىق، پۇرسەتپەرەسلىك، ساتقىنلىق، خائىنلىق، ئەيشى- ئىشرەت، كەيپى- ساپا، كۆتۈرمىچىلىك... لەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۇرسا، باشقىلاردىن نېمە دەپ ئاغرىخۇلۇق؟ « بىر غايىلىك ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ كۆۋرۈك بولغانلىقتىدىن  خۇشاللىق ھىس قىلىشى كېرەك. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈكشكە تەكلىپ قىلىش ھەم ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ قويغاندىن كېيىن خوشاللىق بىلەن ئۇنى بۇزىۋىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ كۆۋرۈكىنى ياساشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك» (نىكوس، كانزانزاك) كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ قاراڭغۇ دىلدا بىلىم ئاتلىق مەشئەل ياندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى يۇرۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا گۈزەل ۋە ئالىجاناپ قەلىپ، يۈكسەك ئەقىدە، مەسئۇلىيەت ھەم بۇرۇچ تۇيغۇسى ھەم گۈزەل ئەخەلق بولۇش كېرەك. %FM26^  
P7zUf  
بىزنىڭ مائارىپ سېپىمىزدە ۋۇجۇدىدىن كىشىلىك ئەخلاقنىڭ ئىزناللىرىنى ئاقتۇرۇپمۇ تاپقىنى بولمايدىغان، بالىلىرىمىزدىكى، خەلقىمىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ، ۋىجدانى يىگىلەپ، روھى زەئىپلىشىپ كەتكەن ماڭقۇرۇتلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇنداقلا كىتىۋاتقانلارنى چاپۇتلاپ يىقىۋىتىدۇ. باشقىلار كۈلسە، ھۆكىرەپ يىغلايدۇ. ئوتۇق قازانغانلارنى بىر بانا تېپىپ، يەر – بىلەن يەكسەن قىلىۋىتىش ئۈچۈن شاپاشلايدۇ. ئەمەل تەمەسدە كۈچۈكلۈنۈپ، ھەر قانداق پەسكەشلىكتىن يانامايدۇ.... 1$.svR  
sbX7VfAR`  
بىزنىڭ باشقا ساھادىكى يالغانچىلىقلىرىمىز يەتمەيدىغاندەك مائارىپىمىزدىمۇ يالغانچىلىقنىڭ ئەۋجئ ئېلىشى كىشىنى چۆچىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدايدىغان ئەھۋاللار ئەدەپ كىتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئالدامچىلىق، سۈنئىلىك مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ پۇتلكاشاڭ ئېلىپ كىلىدۇ. ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ. مائارىپ ساختىلىقىنى، ئالدامچىلىقنى، كۆز بۇيامچىلىقنى، سۈنئىلىكنى پەقەتلا كۈتۈرمەيدۇ. بىز بولساق كۆتۈرمىسىمۇ كۆتۈرگىزىۋاتىمىز. i!8"T#  
OI6Mx$  
يېڭى ئەسىر- ئېلىكتىرۇن ئۇچۇر دەۋرى، شۇنداقلا بىلىم ئىگەلىكى دەۋىرى، ئىقتىدارلىقلار تاللىنىپ، ئىقتىداسىزلار شاللىنىدىغان، ئىخساسلىقلار رىقابەت قىلىدىغان. Li|~%E1  
&+@`Si=  
 بىز رىقابەت كەسكىن بولىدىغان مۇشۇنداق بىر يېڭى ئەسىرگە چالامەس، ئۇيقۇلۇق، ئويۇن-تاماشاغا مەپتۇن بولغان ھالدا كىرىپ كەلدۇق. ئازاپلىنىش تويغۇىمىز كاردىن چىققان، ۋىجدانىمىز، غۇرۇرىمىز، ئەركەكلىكىمىز يىگىلەپ كەتكەن، روھىمىز سۇلغۇن، زەئىپ، چۈشكۈنلەشكەن ھالدا كىرىپ كەلدۇق. مانا بۇنىڭ ھەممىسى بىلىمىزلىكىمىزدى بولغان، بىز ئۆزىمىزنى نامراتلىقتىن،بىقۇۋۇللىقتىن قۇتۇلدىرىمىز، دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز، مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز « بىلىمدا قېرىلىشىشى سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، بۈگۈن ئۆگەنگىنىمىز ئەتە كونىراپ، بۇ يىل ئۆگەنگنىمىز كېلەر يىل ئەسقاتماي» قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر جىددىي پەيىتتە بىلىم قۇرۇلمىمىزنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ، ئونىۋرسال ساپايمىزنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز زۆرۈر. &n_f.oUc  
%L]sQq,  
بىز نېمىشقا ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەي، تارىخىي مىراسلىرىمىزنى دەستەك قىلىۋېلىپ، ئاتا-بوۋىلىرمىزنىڭ جوۋىسىدا تەرلىنىپ، نادانلىق بىلەن بىلىمسىزلىك بىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ كېتىۋاتسىمۇ بىلمەي يۇرىۋىرىدىغانمىز؟ قاچانغىچە ئېچىنىشلىق ئېڭراپ، ھەسرەتلىك نالە قىلىپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرلىك كۈلكىسى ئاستىدا مۇجىلىپ، نەپرەتلىك، زەھەرلىك قاراشلىرىدا يەنجىلىپ يۈرىۋىرەرىمىز؟ دىپلۇم ئۈچۈن ئوقۇش نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ بىلىم ئېلىشقا سەل قاراش ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش بولماي-نېمە؟ ئۇيغۇر مائارىپى تەسىرى خېلى زور، قوشنا ئەللەرنىڭ دىققىتىنى تارقاتقان مائارىپ ئەمەسمىدى؟ بىزنىڭ دىيارغا قوشنا ئەللەردىن بىلىم تەسىل قىلغىنى كىلىدىغانلارمۇ بار ئەمەسمىدى؟ ھازىرچۇ، ھازىر قاندا بولىۋاتىدۇ؟! بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر مائارىپى كەسكىن رىقابەتكە، كىرزسقا، زىددىيەت- توقۇنۇشقا دۇچ كەلدى. بىز بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىمىز، ئېغىر- سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلەمدۇق يوق؟ >itabG-&  
<`=Kt[_BQ  
مائارىپقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. مائارىپقا كۆڭۈل بولۇش دۆۋلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، ھەر بىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بولمايغان مەجبۇرىيىتى. مائارىپ خىزمىتى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى، بىز مائارىپىنى تاشلىۋەتمەسلىكىمىز لازىم، مائارىپ قۇتقۇزغانلىق ئۆزىمىزنى قۇتقۇزغانلىق، ئەۋلادلارنى قۇتقۇزغانلىق، مىللەتنى قۇتقۇزغانلىق . &PL=nI\)  
N0^SWA|S  
  7- LjBlH  
[ بۇ يازمىنىyulgunدە2011-03-29 12:59قايتا تەھرىرلىد ]


كەلگەن جايى: چوققا
muhabbat
قالاشنى بىلسەڭ مۇزمۇ كۈيىدۇ
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا

UIDنومۇر: 5259
نادىر تېما: 0
يازما: 352
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە352دانە
شۆھرىتى: 1240 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 12420 يۈەن
تۆھپە: 1240 قېتم
ياخشى باھا: 1095 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1198(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1198 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:152 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:210 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:9 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-15
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-02
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-29 11:42

ھەقىقەتەن  شۇنداق ئىكەن ھازىر نىمە بۇلىشىۋاتىمىز ھېي   acke q#  
ھەقىقى ياخشى تىمىكەن ئاللا قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن


ھايات دىگەن شۇ بەزى كۈلۈپ بەزى يىغلاپ.
كەلگەن جايى: چوققا
dilxat
bu dunya bir konalgu, biz bolsah mehmandurmiz!
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
UIDنومۇر: 1608
نادىر تېما: 0
يازما: 272
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە272دانە
شۆھرىتى: 473 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 6300 يۈەن
تۆھپە: 438 قېتم
ياخشى باھا: 192 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 5548(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:32دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:5548 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:52 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:387 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:7 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-09-19
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-04
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-29 11:48

دىندىن ئايرىلغان ئەخلاق يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ، ھەييييييييييييييي، مەن بەزىدە تىخى باشلانغۇچنىڭ توۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم بىلەن پاراڭلاشقاندا ،راستىنلا  بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۇسىدىن ئەنسىرەيمەن!!!  


baxtax
assalamu alaykum azizlar!
كەلگەن جايى: چوققا
Ramizan
قالاشنى بىلسەڭ مۇزمۇ كۈيىدۇ
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا

UIDنومۇر: 5259
نادىر تېما: 0
يازما: 352
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە352دانە
شۆھرىتى: 1240 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 12420 يۈەن
تۆھپە: 1240 قېتم
ياخشى باھا: 1095 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1198(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1198 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:152 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:210 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:9 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-15
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-02
3 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-29 11:53

بەلكىم مۇشۇنداقلا  كىتىپ بارساق كىيىنكى ئىشلارنى بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ جۇمۇ.      


ھايات دىگەن شۇ بەزى كۈلۈپ بەزى يىغلاپ.
كەلگەن جايى: چوققا
tv
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
UIDنومۇر: 5105
نادىر تېما: 2
يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 419 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 4180 يۈەن
تۆھپە: 408 قېتم
ياخشى باھا: 344 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1276(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1276 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:74 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:217 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:9 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-08
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-02
4 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-29 14:22

      ھەقىقەتەن ياخشى يوللانما بۇلۇپتۇ. مائارىپ مىللەتنىڭ ئۇلى، بىزگە مائارىپ بولمىسا بولمايدۇ. ھازىر ھاراقكەش ، قىمارۋاز، بىخود، پەقەت مائاش تاماسىدا قالغان ئۇقۇتقۇچىلار بەك كۆپلەپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى ئۇقۇتقۇچىلار كۆرگەن كىتابىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىچكەن ھارىقىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ماختىندىغانلارمۇ بار ئىكەن. mv/ Nz?  
    مىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم باللېرىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ۋەيران بۇلۇپ كېتىشىدۇر. لېكىن شىنجاڭدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئەمەس،بىر قىسىم بىخود ئۇقۇتقۇچىلار، باش چۈكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلېرىمىزنىڭ يۈزىگە داغ چۇشۇرۋاتىدۇ. بۇ مىتە،قۇرۇتلارنى مائارىپ سىپىدىن تازلىمىساق بولمايدۇ. [ 8WG  
    ھاراقكەش،زىناخور،قىمارۋاز،بىخود ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى مىللى مائارىپىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ زاۋالىدۇر.


كەلگەن جايى: چوققا
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
UIDنومۇر: 5105
نادىر تېما: 2
يازما: 122
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە122دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 419 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 4180 يۈەن
تۆھپە: 408 قېتم
ياخشى باھا: 344 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1276(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1276 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:74 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:217 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:9 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-08
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-02
5 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-29 14:39

      ئۇقۇتقۇچىلېرىمىزنىڭ قەلبىدە "تەۋپىق روھى" مەڭگۈ چاقناپ تۇرسىكەن دەيمەن... >T\^dHtz  
     "ئۇقۇتقۇچى_ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى" .بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىدىكەن ئۇقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ دۈشمىنى بۇلۇپ قالىدۇ.


كەلگەن جايى: چوققا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
UIDنومۇر: 5402
نادىر تېما: 0
يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ئەزا ھازىرغىچە9دانە
شۆھرىتى: 19 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 190 يۈەن
تۆھپە: 19 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 24(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:2دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:24 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:26 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:203 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:193 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-22
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-04-01
6 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-29 16:26

ھەممنې،بېر،تاياقتا،ھەيدگلېمۇ،بولمايدۇ،بېراق،ئاشۇنداقلانې،يوقتۇشمز،كېرەك،،


كەلگەن جايى: چوققا
ئۈمىدسىزلىك ئىرادىنى سۇسلاشتۇرىدۇ !!!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 860
نادىر تېما: 7
يازما: 1356
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1356دانە
شۆھرىتى: 2542 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 32600 يۈەن
تۆھپە: 2457 قېتم
ياخشى باھا: 1749 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1008(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:13دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1008 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:32 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:424 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:6 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-05
7 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-29 18:33

بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىپ باشقا بىر كۈنى ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ كۆرەي . eeOG(@@o(  
بۈگۈن ۋاقىت سەل قىستاپ قالغۇدەك . k6|/ik9C  
تەسىراتىمنى شۇ كەمدە قايتا تەھرىرلەپ يېزىپ قالدۇراي .  


كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
كەلگەن جايى: چوققا
قۇدرەتلىك بۇلاي دەيدىكەنسەن ،ئىلىم - مەرىپەت ئىگ ..
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 4816
نادىر تېما: 0
يازما: 176
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە176دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 240 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2381 يۈەن
تۆھپە: 209 قېتم
ياخشى باھا: 52 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 504(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:9دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:504 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:36 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:229 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:84 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-24
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-07-19
8 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-30 12:37

ھەممىسىشۇ  نادانلىق-بىلىمسىزلىك - شەھۋەت پەرەز .....ئىشقىلىپ  تىزىپ كەلسەك  بەك جېق دەپ قارايمەن . ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بەرگەي


پاتىھـــــــــ
كەلگەن جايى: چوققا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
UIDنومۇر: 5221
نادىر تېما: 0
يازما: 118
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 137 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1750 يۈەن
تۆھپە: 135 قېتم
ياخشى باھا: 12 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 520(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:9دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:520 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:20 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:212 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:190 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-03-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-04-04
9 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-30 15:35

ھەقىقەتەن نادىرلاشقا ئەرزىگۈدەك تىما ئىكەن ،مەن ئەجەپ كۆرمەپتىمەن دەيمەن نەچچە كۈننىڭ ياقى،ئەمما ئوتتۇرغا قىستۇرۇلغان ھىكايىدە مۇبالىغە بەكلا يۇقىرى پەللىگە چىقىپ كەتتىمۇ قانداق،ھەرقانچە بولسىمۇ .................................


ئاناتۈرۈك
كەلگەن جايى: چوققا
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 19
نادىر تېما: 28
يازما: 308
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە308دانە
شۆھرىتى: 799 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 11457 يۈەن
تۆھپە: 608 قېتم
ياخشى باھا: 529 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 5974(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:34دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:5974 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:316 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:491 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-12
10 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-03-30 17:28

نەقىل
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى anaturukدە2011-03-30 15:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : f3U#|(%(*  
ھەقىقەتەن نادىرلاشقا ئەرزىگۈدەك تىما ئىكەن ،مەن ئەجەپ كۆرمەپتىمەن دەيمەن نەچچە كۈننىڭ ياقى،ئەمما ئوتتۇرغا قىستۇرۇلغان ھىكايىدە مۇبالىغە بەكلا يۇقىرى پەللىگە چىقىپ كەتتىمۇ قانداق،ھەرقانچە بولسىمۇ ................................. m~r^@D  
@\Sa)  
ئوتتۇرىغا قىستۇرۇلغان ۋەقەلىك ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس ئەينەن پاكىت،ھىلىمۇ شۇلار مەن بىلەن ياشاۋاتىدۇ.ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.ئىش ھەققى ئېلىۋاتىدۇ،بالا تەربىلەۋاتىدۇ....


كەلگەن جايى: چوققا