^qtJcMK+hq
pYj} نادانلىق + بىلىمسىزلىك = ھالاكەت ?:7.3{|Aq
t?FPmbjv
دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، جەمئىيەت بىلىملىك، ئىخساسلىق كىشىلەرگە تېخىمۇ مۇھتاج بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نەچچە ئون يىللىق ئېغىز تارىخى دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ھەر خىل توسالغۇلار تۈپەيلىدىن نادانلىقنىڭ، بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى - ئۆزى تونۇش، پەن – تېخنىكا بىلەن قوراللىنىپ، ئىلىم- پەن بىلەن كۈچلىنىپ، تۈرلۈك ساھەلەردە تەرەققىيات يولىغا مېڭىش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى، ھالبۇكى، كۆپىنچىمىز ھازىر كۈن ئۆتسىلا، قورساق تويسىلا شۈكرى- قانائەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. نىمىلەرنى يوقۇتۇپ، نىمىلەرەە ئېرىشكەنكىمىز بىلەن ھېسابلاشماۋايتىمىز. بىزدىكى بىلىمسىزلىك، نادانلىق بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئەللەيلەپ، ھالەكەت پاتقىقىغا پاتۇرىۋاتىدۇ. بىز ئەقلىمىزنى ئىشلىتىدىغان، ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سالىدىغان چاغلارنى ئەھمىيەتسىز، بىمەنە، چاكىنا ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئاتا- بۇۋىللىرىمىز جاپالىق يىللاردا قالدۇرغان ئالەمگە مەشھۇر مىراسلىرىمىز بىلەن بولىشىچە ماختاندۇق، ئۇلارنىڭ روھىدىن پەخىرلەندۇق-يۇ، ئۆزىمىز ئەۋلادلىرىمىزغا ئانچە-مۇنچە قىممەتكە ئىگە كىچىكىنە مىراس قالدۇرۇپ قويۇشنى ئانچە ئويلاپ كەتمىدۇق. توغرىسى، ئويلاشقا ئەقلىمىز يەتمىدى. بىز ئەقلىي ناكارلىق، روھى ناباپلىق تۈپەيلى، قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ياشاشقا كۈتۈپ كەتتۇق. بىز ئەقلىمىزنى باشقىلاردەك بىلىشكە، بىلىم ئىگىلەشكە ئىنتىلمەي ھاياتلىق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئۆزىمىز ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ھىچ ئەھمىيتى يوق ئىشلارغا سالجىدەك چاپلىشىۋالدۇق. بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ئالى مەكتەپ قوينىغا كىرىشكە مۇيەسسەر بولغان ئازغىنە ئوغۇل قىزلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى ئويۇن- تاماشاغا بەك بېرىلىپ، ئوقۇش مۇددىتىنىڭ پۈتۈشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ، 60 نومۇر ئۈچۈن ھەر خىل رەڭۋازلىق، شەكىلۋازلىقلارنى قىلىشىپ، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى تانساخانا، قاۋاقخانا، رېستۇرانى، دېسكوخانا، بەزمەخانىلاردا ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئازغىنە بىر قىسىم ئوغۇل- قىزلىرىمىز پۈتۈن زېمىننى بىلىم ئىگىلەشكە قارىتىپ، ۋىجىدانى بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن بىلىم ئىگەللۋاتقان بولسىمۇ ئۇلاربىلەن نادانلىق، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بىز خەقنىڭ ئېھتىياجى ھەل بولۇپ كىتەلمەۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە يۈزلىنىش، ئۆزىمىزنى چۈشۈشتىن ھوقۇش كۈندۈزدىن قورقاندەك قورقىۋاتقاندەك قىلىمىز. ئالى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئوغۇل- قىزلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىدىن يىراقلاپ، ئەسلىنى ئۇنتۇپ،ئۆزلىگىندىن ئايناقلاپ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى سېستىۋاتىدۇ، مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۈكىۋاتىدۇ، ئاتا- ئانىللىرىنى زار-زار قاخشىتىۋاتىدۇ. پەندى- نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالماي ئاخىر ئۆزلرىنى ھالاكەت ھاڭغىمۇ تاشلاۋاتىدۇ. ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىرلىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدىنمۇ مىشچانلار چىقىپ، كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالدۋاتىدۇ. بىر قىسىم مۇتەسسىپ قاراشتىكى ئاتا-ئانىلار باللىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋىلىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا، ھەر خىل ھۈنەرلەرگە بېرىۋاتىدۇ، ئۇششاق تىجارەتلەرگە سېلىۋاتىدۇ. ئەھۋال شۇنداق بولغاندىكىن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ يېزا قىشلارقلاردىكى خۇراپى قاراشلار، ناچار خائىشلار دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ باللىرىنى ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە ئۇيغۇر مائارىپ نېمە بولماقچى؟ ساۋاتسىزلىقنى تەلتۈكۈس تۈگەتتۇق، دەپ ئۈنلىرىمىز پۈتۈن قالغىچە ۋاقىراپ چاقىراپ، بار سالدۇقيۇ، يەنە بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئۆز ئىسمىنىمۇ ئوڭلاپ يازالمايدىغانلار نۇرغۇن، بۇنىڭ بىلەن ھېچىكىمنىڭ كارى بولماۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئادەملىرىمىز «ئۇيغۇر» دېگەن چىرايلىق ئىسمىنىمۇ دىيەلمەي «ئۇرغۇي» دەپ يۈرىۋىرىشىۋاتىدۇ. بەزى ساۋاتلىق زىياللىرىمىز خەت يازغاندا ئىككىلەنمەي« ئۇرغۇي» دەپ يېزىشىۋاتىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالماسلىقتىن، توغرا يازالماسلىقتىنمۇ ئارتۇق نۇمۇس بارمۇ ئىنسانغا؟ ئەتىراپقا قاراپ، نېمىشقا يۈزىمىز قىزارمايدۇ؟ بىزنىڭ يېزىقىمىز پەيدا بولغاندا، ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىككەنلىكىنى بىلىمەي يۈرۈشكەن يېزىقى يوقلار تېخى يېقىندىلا يېزىققا ئېرىشىپ بىزدىن ھالقىپ كېىتىۋاتىدۇ؟ بىز نېمىشقا قاشاڭ ئىشەكتەك قۇلىقىمىزنى يۇپۇرۇپ يۈرىمىز، ئىزدەيمەيمىز، ئۆگەنمەيمىز، باللىرىمىزنى ئوقۇتمايمىز؟ مەكتەپتىن چىقىرىۋالىمىز؟ كەلگۈسىمىز، كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا باش قاتتۇرىمايمىز؟ ... iwfH~
wx^1lC2 نادانلىق بىزنى ئەقلىمىزنى بولغاپ، ئازاپنى سەمەس، ھىچ نەرسىگە ئىرەنشىمەس قىلىپ قويمۇسۇن؛ بىلىمسىزلىك بىزنى ھالاكەت پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويمىسۇن. بىلىمسىزلىك بىلەن نادانلىق بىرلىشىپ بىزنى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئاپپىرىپ قويمسۇن. بىز جان ھەلقۇمغا يەتكەندىلا ئۆزىمىزنىڭ خاتا قىلغانلىقىمىزنى بىلىپ بولىشىچە جار سالىدىغان ،تىپىرلايدىغان خەق. 5ZjM:wrF|
i+|/V[ ئۇيغۇر مىللىتى ئىلگىرى مەيلى پەن-مەدەنىيەت، مەيلى پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا بولسۇن، تارىختا خېلى زور تەسىرگە، بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ھازىر قانداق بولىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن كاىرى بولغانلار تەقدىرىمىز، كەلگۈسىمىز توغرىسىدا باش قاتتۇرىۋاتقانلار، قايغۇرىۋاتقانلار، ئۈنسىز ياش تۈكىۋاتقانلار، ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يۈرەك قېننى سەرپ قىلىۋاتقانلار سانىۋالغۇدەكلا بولغاچقا« يالغۇز ئاتىنىڭ چېڭى چىماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەندەك بۇلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق ئورۇنلاشلارنىڭ ئۈنۈمى دېگەندەك بولمايۋاتىدۇ. ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، كەلگۈسى توغرىسىدا ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر ئىزدىنىشى، ئەستايدىل، ئەتىراپلىق ئويلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، مىللىتىمزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئېغىز ئېچىش تەسكە توختايدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەم ئۈچۈن بىلىم ۋە ئەقلدىنمۇ ئارتۇق بايلىق، روھىنى تۈۋرۈك، كۈچ-قۇدىرەت يوق.ئەگەر شۇ كىشى ئۇنى ئۆز ئىلى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى بىلسە.بىلىمگە ساختىلىق، كۆز بۇيامچىلىق قىلغان ھەر قانداق بىر كىشى، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى ھامان كۈلپەتلىك بولىدۇ.ئىسىمىزدە بولسۇن،پەقەت بىلىملا بىزنىڭ ئەقىل بولىقىمىزنى ئېچىپ، نادانلىق پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. 5Y5N
tj: >o#D ئۇيغۇر مائارىپىمىزنى باشقا مىللەتلەرنىڭ مائارىپىغائوخشاش خەلىقئاراغا، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. لېكىن بىز پايدىلىق پۇرسەت، پايدىلىق شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلالمايۋاتىمىز. «مائارىپنىڭ ۋەيرانچىلىقى- مىللەتنىڭ ۋايرانچىلىقى، مىللەتنىڭ ۋايرانچىلىقى، پۇقرانىڭ قۇللۇقى» بولىدىغانلىقىنى، ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئەقىللىق، ياراملىق، ۋىجدانلىق ئۆسۈپ يىتىلىشىدە، مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا، مائارىپ تەربىيىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەگى- تەكتىدىن تونۇپ يىتەلمەيۋاتامدۇق قانداق؟ بىز بەزىدە قابائەتلىك چۈش كۆرۈپ ئويغاندەك كاللىمىزنى سىلكىدۇقيۇ، يەنە تۈزۈك ھەركەتكە كېلەلەمىدۇق. كېتىپ- كېتىپ قايناپ قويدۇقيۇ، ئۇزاق ئۆتمەيلا قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قويغاندەك جىمىپ كەتتۇق. ~./M5P!\
rk `]] مەلۇم شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سۈپەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ، بىر، باشلانغۇچ، مەكتەپتىكى ئالتە نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ خەت ئىملاسىنى كۆرگەندە ھەممىسىلا «ھەبىبۇللا» دېگەن ئىسمىنى توغرا يازالمىغان. تەكشۈرۈش ئۆمىكى بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ باشلىرىنى چايقاشقان،ئەلەم بىلەن ئېغىز تىنىشقان ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىنى بۇ ئىسمىنى يېزىپ ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ قويۇشنى دېگەن، ئەپسۇسلىنارلىقى، كۈلكىلىك يىرى شۇكى مەكتەپ مۇدىرى دوسكىغا «ھېبىللا» دېگەن خەتنى ئەگرى-بۈگرى يېزىپ چىقىپ، نومۇس قىلماي؛ - سىلەر نەچچە ۋاقتىڭىزنى ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق دەرس ئۆتۈپ كىلىۋاتامسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئالدىڭلار 20 نەچچە يىللىق، ئارقىڭىلار 5-4 يىللىق ئوقۇتقۇچى، قاراڭلار، كۆزۇڭلارنى يوغان ئېچىپ، تازا كۆرىۋىلىڭلار؛ مانا مۇنداق يازىدۇ- دەپ دوسكىدىكى « ھېبىللا» دېگەن خەتنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىشخانا ئىچىدە كۈلكە كۆتۈرۈلگەن، بۇ كۈلكىلەرنىڭ ئىچىدە ئەلەملىك، مەسخىرلىك، ھەسىرەتلىك، ئازاپلىق كۈلكىلەرمۇ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي كۆتۈرۈلگەن كۈلكىلەرمۇ بار ئىدى. `3vt.b
gP=@u. - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھالى مۇشۇ تۇرسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولماقچىدى؟ ^ %x7:
AeEF/* - ئىست بۇلارغا بىرىلىۋاتقان مۇئاشقا، ئىست! SI;SnF'[7
k5)e7Lb( - بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇۋال! MU~nvs;:
-;U3$[T,J7 تەكشۈرۈش گورۇپپىسى يەنە بىر مەكتەپكە بېرىپ، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسنى تېڭشىغان، ئوقۇتقۇچى دەرس باشلاشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلاردىن سىناق ئېلىشقا باشلىغان. }"AGX
<9Pf]G= - 5- نومۇر ، بۈگۈن سەندىن ساناش ئالىمەن. !S[7IBk%
]39A1&af} يەتتىگە نۆلنى كۆپەيتسە قانچە بولىدۇ؟ B#(2,j7M
=#{i;CC% - نۆل بولىدۇ. ]73BJ
qEB]Tj e[ - دۆت، كالۋا سەندىن يەتتىگە نۆلنى كۆپەيتسە قانچە بولىدۇ دەپ سوراۋاتىمەن. {;ur~KE
){XG%nC - نۆل بولىدۇ، مۇئەللىم. P7kb*
Y7`i~K; - ھو ئەقلىگە ئىت سىيىۋەتكەن دۆت، ئاناڭنىڭ بىر نىمىسىگە ئۆگەنمىدىڭمۇ؟ ئولتۇرقاقباش! j%OnLTZ
:1\QM'O - 15 نومۇر، يەتتىگە نۆلنى كۆپەيتىسە قانچە بولىدۇ؟ 3QzHQU
]Vgl - نۆل بولىدۇ. aqAWaO
JOJ?.H&su - ھەي قاپاق كاللا، سېنىڭ سىنىپ باشلىقى بولغىنىڭ قېنى؟ يەنە بىر سوراي: نۆلنى يەتتىگە كۆپەيتسە قانچە بولىدۇ؟ zE\@x+k.
CJu3h&Rp - ئوخشاشلا نۆل بولىدۇ. GwaU7[6
ghd*EXrFH - ئاناڭنىڭ بىر نېمىسى بولار! *eo<5YUHt
-w:F8k ~ مۇئەللىم بۇ سۇئالنى 10 نەچچە ئوقۇغۇچىدىن سورغان ھەممىسى توغرا جاۋاپ بىرىپ تىل- دەشنام ئاڭلىغان. ئوقۇتقۇچى ئاچچىق بىلەن يەنە سۆزلەشكە باشلىغان. < l%3P6|
-] .Y"; -دۆتلەر، كالۋا بولاقنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ساراڭلار، قاباقباشلار، ئاتا-ئاناڭنىڭ بەرگەن نىنىنى پوق ئىتىشنى بىلىشسەنمۇ؟ ئاڭلاپ، ئىسىڭدە ئوبدان ساقلاش، يەتتىگە نۆلنى كۆپەيتىسە يەتتە بولىدۇ، نۆلگە يەتتىنى كۆپەيتسە ئوخشاشلا يەتتە بولىدۇ. uZ(j"y
=?/RaK/w دەرس تىڭشاۋاتقانلار باشلىرىنى چايقاشقىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتكەن. مەن يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى كەڭ ئۇمۇملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدىكى بۇ ئەھۋللارنى ئۇققاندىن كېيىن نېمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم. بىر روھى ھالىتى نورمال ئادەم، بىر كۆيۈمچان ئۇستازنىڭ ئاغزىدىن يۇقىرقىدەك زەھەرلىك، بىمانە سۆزلەر قانداق چىققاندۇ- ھە! مەن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۈرۈشتە قىلسا، ئۇنىڭ دادىسى كىچىكىرەك بولسىمۇ ئەمەلدار ئىكەن. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىنى پۈتتۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن. دادسىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ بولغاچقا ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلۇشۇپتۇ، يەنە كېلىپ رەسمى، تېخى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلىك دىملومى بار ئىكەن. بۇنداقلار بىزنىڭ بۇ يەردە خېلىلا كۆپ، باشقا كەسپىلەرنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولغانلارمۇ نۇرغۇن، ئەھۋال شۇنداق بولغاندىكىن ئويغۇر مائارىپىمىز قانچىلىك تەرەققى قىلماقچى؟ بىر سالا ساۋات ئوقۇتقۇچى بولىۋاتسا، ئوقۇتقۇچىلىق سالايتى يوقلا دەرس مۇنبىرىدە دەرس ئۆتىۋاتسا مائارىپ قانچىلىك ئىلگىرى ناپار؟ قانچىلىك يۈكسىلەر؟ بىزدە« مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا›› دەيدىغان چوڭقۇر مەنىگە ئىگە سۆز بار. ئوقۇتقۇچىلار مىللەتنىڭ ئاقارتقۇچىللىرى، ئۇلارنىڭ ساپاسى، ئەخلاق-پەزىلىتى، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى بىلەن چامبەرچەس باغلىنىشلىق. دەۋەر كۈندىن- كۈنىگە جىددىلىك،تەخىرسىزلىك ئېلىپ كىلىۋاتقان، مىللىتىمىز، خەلقىمىز خىرىسغا دۈچ كىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە ھەر بىر ئادەم بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار ۋىجدان، مەسئۇلىيەت، بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىشكە، يېڭىلىق يارىتىشقا، ياراملىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ چىقىشقا يۈرەك قېننى سەرپ قىلىشى كېرەك. مانا بۇ خەلق ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى، بۇرچى. دۇنيا كىچىكلا بىر كەنىتكە ئايلىنىپ قىلىۋاتقان ،بۈئەۈنكى رىقابەت دەۋرىدىمۇ ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك،نادانلىق شىللىمىزگە مىنىۋالسا بۇ قانداق بولغىنى؟ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز 19- ئەسىرنىڭ ئاخىردىن باشلاپلا ئاقارتشى ھەققىدە چوقان كۆتۈرگەن،ئەمەلى ئىش قىلغان ئەمەسمىدى؟ 21- ئەسىردىكى ئۇيغۇر مائارىپىدىكى يۇقىرقىدەك خەتەرلىك ئۆسمۈرلەرنى ۋاقتىدا دورا بىرىپ داۋالىمىسا ياكى كىسىپ تاشلىۋاتمىسەك مائارىپ سۈپىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىغا خائىنلىق قىلىپلا قالماستىن ماڭىدىغان يولىمىزنى تاپالماي قالىمىز،قولىمىزدىكى ئازغىنە رىسقىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز. dT9!gNvQ
v8xNtUxN «ي» 37 ياش، ئەر، ئۇيغۇر، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومى ئالغىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ خىزمەتكەئورۇنلىشالماي دېھقانچلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدىن بوشانغان ۋاقىتدىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى گىزىت- ژورناللاردا 40 پارچىدىن ئارتۇق پوۋسىت، ھېكايە ئېلان قىلدۇردى. يەن نۇرغۇن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى خىزمەت ئىزدەپ يۈرۈشمەكتە.بەزىللىرى ئۈمىدسىزلىنىپ يامان يوللارغا كىرىپ كەتمەكتە،ئاتا-ئانىسىنڭ،ئەجدەتلىرىنىڭ يۈزىنى تۆكمەكتە. بۇنىڭ ئەكسىنچە، باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرمىگەن بىر قىسىملار بولسا ئارقا- ئارقىدىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ،مۇنبەرلەردە دەرس ئۆتۈپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئېغىر دەرجىدە تەسىر يەتكۈزمەكتە.شۇنداق، بۇ دۇنيا تەتۇر قىسمەتلەرگە تولغان دۇنياكەن. ئادەم سۇ بويىدا تۇرۇپمۇ چاڭقاقلىقىنى قاندۇرالمىسا، قازان بېشىدا تۇرۇپمۇ قورسىقىنى تويغۇزالمىسا ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ، خورلۇق ئۈستىگە ئازاپ، خورلۇق ئۈستىەە خورلۇق بولىدىكەن. بىلىم ئىگىللىرى خارلىنىپ، بىلىمسىزلەر ئەتىۋارلىنىدىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ئىشلىرى ئۇزاققا بارماي ھەممىنى ئەنسىرتىدىغان، باش ئاغرتىدىغان ئەڭ پاجىئەللىك مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. مىللىي مائارىپنىڭ تەقدىرى، بالىلارنىڭ كەلگۈسىەە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە كەلگەندە كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشى، بىلىپ تۇرۇپ، بىلمەس بولىۋېلىش تولىمۇ نومۇسسىزلىق، پەسكەشلىك، ۋىجدانسىزلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە! Xbb('MoI63
OO:^#Mvv5 ساۋاتسىزلىق ھىلىھەممۇ دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىكى خەلقنىڭ ئىچىدە خېلىلا ئېغىر، سەۋەبى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا كۆز بويامچىلىق بولغانلىقىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىقىۋېلىش ھادىسىسى ئېغىر بولغانلىقىدا، يېزا، كەنت مەسئۇللىرىنىڭ تەكشۈرۈش گورۇپپلىرى كەلگەندە پاي-پىتەك بولۇشۇپ، ئالدىن زۆرۈر بولغان ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى پۇختا قىلىپ، تەكشۇرۇش كەتكەندىن كېيىن سەل قارىغانلىقىدا. بۇنداق كۆز بۇيامچىلىق، ئالدامچىلىقلارنىڭ مىللتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قانچىلىق زىيان يەتكۈزۈىدىغانلىقىنى مۆھتىرەم يەرلىك خاقانلار ھەرگىزمۇ ئويلاشمايدۇ. مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ساۋاتسىزلارنى باشقۇرماق، گەپكە كىرگۈزمەك، بۇيرىغاننى قىلدۇرماق ئوڭاي بولۇپ، تۈگنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يىتىلىگەندەك بىر ئىش. بىر قىسىم قارا قورساق باشلىقلارنىڭ قورقىدىغىنى بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەر؛ بىلىمى بارلار ئۇلار ئۈچۈن توسالغۇ، كۈشەندە. ئەقىللىق كىشىلەر ئۇلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ. توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەر ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەتىراپىدىكىلەرگە تونۇشۇش ئۈچۈن جان دىلى بىلەن تىركىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق چاغدىمۇ بىزنىڭ مائارىپقا كۆز بۇيامچىلىق قىلىشىمىز نېمە دېگەن نادانلىق، بىغەزەرلىك، دۆتلۈك- ھە؟ بىزنىڭ كۆڭلى قارىلارنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ، مائارىپقا ئالدامچىلىق قىلىشىمىز كۆز بۇيامچىلىق قىلغانلىقىمىز تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزىمىزنى ئالدىغانلىق، ئۆزىمىزنىڭ كۆزىنى بويىغانلىق، مىللىتىمىزنى، كەلگۈسى ئەۋلادلىرمىزنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەنلىك بىلەن باراۋەر ئىش. "38ya2*
D{aN_0mT « ئىككى ئاساسان»نى ئۆتكۈزۈۋېلىش جەريانىدا ئالدىن پۇختا تەييارلىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەر تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسىمىنى كۆز بۇيامچىلىق، يالغانچىلىق قىلىشقا سەرىپ قىلغان. شۇنداق بولغاچقا 1280 نوپۇس بار بىر كىچىك كەنتتە مەكتەپ بېشىغا توشقانلار 280 نەپەر، بۇنىڭ ئوقۇشتىن سىرت قالغىنى 137 نەپەر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار 132 نەپەر بولۇپ، مەكتەپتە ئۇقىۋاتقىنى 61 نەپەر، 15 ياشتىن ئاشقان ساۋات چىقىرىش ئوبىكتىلىرى ئىچىدىكى ساۋاتسىزلار 339 نەپەر بولغان بۇ سان – سىفىرلار ئادەمنى چۆچىتىدۇ، ئازاپلايدۇ. بىز كىچىكىنە كەنتىنىڭ ئەھۋالى شۇ تۇرسا، ئانا تۇپراقتىن باشلىنىپ يەنە ئانا تۇپراققا سىڭىپ كىتىدىغان ئانا دەريا- تارىم ۋادىسىدىكى ناھىيە(شەھەر)، يېزا، قىشلاقلاردا مۇشۇنداق ئوقۇشتىن سىرت قىلىۋاتقان، ساۋاتسىزلىقنى يۈدۈپ يۈرىۋاتقان نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى،نەچچە ئونمىڭ مەكتەپ سىرتىدا قالغان بالا، نەچچە ئون مىڭلىغان ساۋاتسىز ئۇيغۇر باردۇ؟ ..... D$RQD{*
"gD)Uis يۇقىرىدىكى سانلار، خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك مەدەنىيەت بىلەن ياشاۋاتقانلىقى، مائارىپقا قانچىلىك ئىتىبار بىلەن قارۋاتقانلىقى، قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ قانچىلىك ئارقىدا قالغانلىقى ئۈچۈن ئەينەك. شۇنداقلا، مىللىي غورۇرى بار، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللىي ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاددىسى، قانداق ياشاش توغرىسىدا ئازىراق بولسىمۇ باش قاتۇرىدىغان ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا ساللاتى، ئېغىر ئۇھ، تارتۇراتتى، خىجىل قىلاتتى. بۇ سانلار بىر قىلىچ ئىدىكى، ئالدىمىزدىكى بۇ قىلىچنى يوقاتمىساق بىز ھامان بۇ قىلىچتا چېپلاتتۇق، بۇ سانلار بىر قارار قىسمەت ئىدىكى، بىز ئۇ سانلارنى يوقاتمساق بىزنى ھالاك قىلاتتى. بۇ سانلار بىر قۇياش ئىدىكى ئويغاق ئادەملەر ئۈچۈن قانداق قىلىش لازىملىقىنى، مىللەت ئۈچۈن قايسى يولدا مېڭىش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيتى. yH8N 8
5]&vs!wH نۇرغۇن يىللاردىن بىرى بۇ خەلق تۈرلۈك سىياسى چاقىرىقلار، مەدەنىيەت يوقۇتۇش ئىنقىلاپلىرىنىڭ تەسىرىدە شۇنچە بىچارە ھالەتكە كىلىپ قالغان. ئۇلار تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت، جەبرى-زۇلۇم دەستىدە ئۆزىنىڭ قاياققا مېڭىۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمىگەن، ئۆزىگە كىمىنىڭ يول باشلاپ مېڭىۋاتقانلىقى بىلەن تېخىمۇ ھېسابلاشماس بولۇپ قالغان. نادانلىق، بىلىمسىزلىك، قالاقلىق، نامراتلىق ئۇلارنى شۇنداق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان. بۇ خەلق نادانلىقتىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار يەنە نامراتلىقتىن نادانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. بىلىمسزلىك ئۇلارنى نادانلىق، نامراتلىقنىڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىغا ئىتتىرىۋىتىۋاتاتتى. ئۇلار ئۆزىنى قوغداشنى بىلمەيتى، چۈنكى ئۇلار قانۇننى بىلمەيتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىكى ئاتا-بۇۋىلىردىن مىراس بولۇپ قالغان دولقۇنلۇق قان سۇسلاپ، كۆكرەك قەپەزلىرىنى تىشىۋەتكۈدەك يۈرەك ساداسى يوقالغانتى. كۆزلىرىدكى كۆك بۆرىنىڭ كۆزىدىللا بولىدىغان كۆپكۈك نۇر ئاللاقايقالارغىدۇر ئۈچۈن كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تولىمۇ مىسكىن، ئاجىز بىر خىرەلىك ئىگىلىگەن ئىدى. شۇڭا ئويغۇنۇش- ئىلىم-پەندە ئويغىنىش كېرەك ئىدى. ئۇيقۇلۇقتا كۆرگەن چۈش مەيلى قانچىلىك شىرىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر،ئۇ بەربىر چۈش ئىدى. ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قىلچىلىك ئىزنا قالمايتى. شۇڭا بىز تاتلىق سۈت ئويقۇمىزدىن ئويغۇنايلى، بۈگۈنكى ئۇيقۇمىز ئەتىكى ھالاكىتىمىز بولۇپ قالمىسۇن. چۈنكى ھاياتلىق ئالىمىدە ھەر بىر ئادەم ئۆز نىسۋىسى ئۈچۈن شىددەتلىك رىقابەت قاينىمىغا ئۆزىنى ئاتتى. شۇڭا ھەر بىر كىشى ئۆزى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىى، چۆچىرىنى خام ساناپ كۈن ئۆتكۈزۈىدىغان تەييار تاپلىقتىن يىراق قېچىشى لازىم. /?jAG3"
/2&