)V9bI( v
pfI&E#:5 ۋىسال ئىزدەپ
يۇلغۇن OZ;*JR:
1 ybUaTD@?}b
چىڭقى چۈش، سەھرا قوينى تونۇر تەپتىدە يېلىنجايتتى. شەرۋانىگۈل ئىسسىق دەستىدىن ھوجرىدا ئۇياندىن – بۇيانغا تولغىنىپ ياتاتتى. دىمىقىنىڭ كۈچىدىن ئۇنىڭ جېنى ئىچىگە پاتمىغاندەكلا قىلاتتى. نېمىشقىدۇر ئىچىنى بىر كىم تاتىلاۋاتقاندەك ئازابلىناتتى. Oow2>F%_#
|Q>IrT ئېرىقىڭدا سۇ بارمۇ، T[j,UkgGo
چاڭقاقلىققا مەن تەشنا. rVsJ`+L
دەردىڭ بولسا ئيېت يارىم، Du){rVY^d
مەڭگۈ بولىمەن ئاشنا. CJI~_3+K
جىمجىتلىقنىڭ باغرىنى تىتىرىتىپ تۇيۇقسىزلا ئاڭلانغان مۇڭلۇق ناخشا شەرۋانىگۈلنى ئورنىدىن سەكرەپ دېگۈدەك تۇرغۇزىۋەتتى. ناخشىنىڭ مۇڭى قۇرغاق ۋۇجۇدىغا سىڭىپ، قەلبىدە جەزىرىدە بولىدىغان تەشنالىقىنى ئويغاتتى. 6LZ;T.0o
كۆرۈنمەيدۇ قارىسام، \nqS+on]
شىكەر كۆلدىكى توغراق. E1 f\%!2l
قېيداپ يۈرمە مېنىڭدىن، 00U> F
مەن ساڭا قەۋەت ئامراق. 5NLDYi@3
"بىچارە يەنە مېنى قوغلىشىپ مۇشۇ يەرگىچە كەپتۇ-دە؟!" شەرۋانىگۈل شۇنداق دەپ شىۋىرلىغىنىچە بېرىپ دېرىزە قاناتلىرىنى كەڭرى ئېچىۋەتتى. كۆزلىرىگە لىق ياش تولغانىدى، غېرىپسىنىش، يالغۇزسىراش ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى. n?K
W+1^4::+ ئۇنىڭ تۇرۇپلا باغقا چىققۇسى كەلدى-دە، بوسوغىدىن پۇتىنى ئېلىپلا تۇرۇپ قالدى. " بېغىمۇ يوقكەن بېششىڭنى يەيدىغانلارنىڭ، بېغى يوق دېھقاننى دېھقان دېگىلى بولامدۇ؟" ئۇ غودۇرىغىنىچە ئارقىسىغا يېنىپ بېرىپ، ياستۇقىنى ئېلىپ بېشىغا قويۇپ ئوڭدا ياتتى. كۆزلىرىدىن بىر خىل تەشنالىق، نارازىلىق ئۇچقۇندايتى. دىمىق بارغانچە ھەددىدىن ئېشىۋاتاتتى. " ئەركەك بولىدىغان بولسا، خوتۇن ئېلىپ بىرەر ھەپتە بولا-بولمايلا ئۆيدىن چىقىپ كېتەمدۇ ئۇ ماز " بىردىنلا ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ئىچى ئاچچىققا تولدى، ئۆكۈنۈش ، ھەسرەت يۈرىكىنى تاتىلاشقا باشلىدى. kz7(Z'pw
G<;*SYAb -بالام، چاي ئىچىۋىلىڭ،- ئىشىك ئېچىلىپ قېيىنئانىسى كىرىپ كەلدى. EDs\,f}
h3@v+Z<} -چاي ئىچكۈم يوق ئانىكا. @gXx1hEg
lCHO;7YHX -ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ قىزىم، يۈرۈڭ. 8|58 H
0Pi:N{x8 پىشايۋان سۇۇپىسىغا سېلىنغان داستىخان ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇلار ئۈن-تىنسىز چاي ئىچىشتى. R0
"i W"NFO -بالام،زېرىكىپ قالدىڭىز-ھە!- قېينئانا ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، داستىخاننى يىغىشتۇرىۋاتقان كېلىندىن سورىدى. uOdl*| T?
PXNh&N -ياق ئانىكا. 2*#|Nj=^
/%A*aGyIc -مەنمۇ ياش بولغان قىزىم، سىزنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن. QGmn#]w\\
Z!X0U7&U -ئازنىلىققا بېرىپ كېلەيمىكىن ئانىكا. `$aZ0+
#],&>n7' -بېرىپ كەلگىنىڭىزگە تېخى ئاران ئىككى كۈن بولدىغۇ؟ C#Iybg
03S]8l -ئانام چۈشۈمگىلا كىرىۋېلىۋاتىدۇ. *N'p~LJ
MfQ?W`Kop -ئاۋۇتاخۇن بولسا بىللە بېرىپ كەلگەن بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى، قىزىم. G<rHkt@[
oJ|j#+Ft شەرۋانىگۈل ئۈن-تىنسىز ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكىدە ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان بىر خىل بۇرۇختۇملۇق ئۇۋىسىدىكى ھەرىلەردەك قىمىرلايتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ نېمىشقىدۇر ئۈنىنى قويۇۋىتىپ يىغلىۋەتكۈسى كېپكەتتى. VUR |OV%
VrQmP "بىچارە ئۆزى بىلىدۇ، ياش ئەمەسمۇ، بالاممۇ ئاشۇرىۋەتتى، بىرەر ئاي خوتونى بىلەن بىللە بولۇپ ئاندىن كېيىن پۇل تاپقىنى بارسىمۇ بولاتتى. ھەپتە بولا-بولمايلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنى بولمىدى. كېلىن قىزغا كۆڭلى چۈشمىگەندىمۇ-يا؟ كۆڭۈل چۈشمىگىدەك قىز ئەمەس، كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ، دەيدىغان گەپمي بارغۇ؟ كۆڭلىدە باشقا شەيتان بولغىيمىدى-يە؟" شەرۋانىگۈلنىڭ قېيىنئانىسى شۇلارنى ئويلىغىنىچە بىردەم ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئانىنىڭ كۆڭلى پاراكەندە ئىدى. " ئۈلۈشكۈن ئازنىلىققا بارغاندا بىرەرىنى تېپىۋالدىمۇ-نېمە؟ بولمىسا بۈگۈن يەنە ئازنىلىققا بارىمەن دەمتى؟......" vJOw]cwq
Ob`d ئۇيقۇسى قاچقان شەرۋانىگۈل ھويلىغا چىقتى. ئاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا تەپسىلى زەن سالدى. ھېچكىم يوق. ھېچقانداق شەپىمۇ ئاڭلانمايتى. ئۇ ئەتراپتىن ئۆزىگە تونۇش بولغان بىر شەپىنى، تونۇش بىر ئاۋازنى پۈتۈن دېققىتى بىلەن تىڭشايتتى. تونۇش بىرسىنى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە قايناق بىر مۇھەببەت، قايناق بىر نەپرەت توختاۋسىز ئېلىشىۋاتاتتى. تۇرۇپلا ئىچى سىقىلاتتى، تۇرۇپلا يىغلىغۇسى كېلەتتى، تۇرۇپلا ۋارقىراپ ناخشا ئوقۇغىسى كېلىپ كېتەتتى. iaE^a^*
rJbf_]^ "بولدىلا، بۇنداق تۇرمۇشتىن جاق تويدۇم، مەن خالىغان نەرسىنى ماڭا بېرەلمىگەن بىرسىنى قانداقمۇ ئېرىم بار دەپ ياشايمەن......." `gf0l /d
n'kG] Q قىزىل گۈلمۇ گۈل ئىكەن، }"PU%+J
ئەتىر گۈلمۇ گۈل ئىكەن. (UvM@]B
مېنى تاشلاپ كەتكەنلەر، >A"v ed8
ئېرى كېتىپ تۇل ئىكەن. z(Pe,zES
"ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان توختەك، ماڭا ئاشىقلىقىڭنى بىلەتتىم، تىلىڭنى يېرىپ بىر نىمە دېمىدىڭ تازەك، ماڭىمۇ قىلدىڭ، ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ. ئۇچراشقاندا قىز بالىدەك قىزىرىپ يەرگە قاراپ تىرنىقىڭنى تاتىلاپ تۇرۇپ، ئېغىز ئېچىپ بىر نىمە دېمىدىڭ. ئېغىز ئېچىۋەتكەن بولساڭ، بۇ كۈنگە قالامتىم-مەن. مەجنۇنلاردەك سوكۇلداپ يۈرەمتىڭ سەن. مەن بىر نىمە دەي دېسەم ، قىز بالا ئىكەنمەن. شۇنداق بولسىمۇ نەچچە قېتىم شەپە بەردىم، بىلمىدىڭ سەن . دادامغۇ نەچچە قېتىم " قوشنىمىزنىڭ بالىسى توختاخۇن بەكمۇ ئىشچان، يېقىشلىق، ئوڭلۇق بالا بولدى جۇمۇ ئانىسى" دېگەن. بۇنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم يايراپ كەتكەن، ھەي ئېسىت لىڭتاسما........" *%fi/bimG
e2t-4}ww بىردىنلا ئۇنىڭ قەلبىدىكى سېغىنىش، تەشنالىق، غەزەپ-نەپرەت مۇنچاق-مۇنچاق ياش بولۇپ، چىرايلىق مەڭزىنى بويلاپ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى......... u:gN?O/G
+)<wDDC_ 2 >eqxV|]i
بەختىم قۇشى قايتىپ كىپ، 8I8F/47x
باش ئۈستۈمدە ئەگىيمۇ. !tMuuK?IL=
ساڭا كۆيگەن يۈرەكنى، K/b_22]CC
مۇزغا باسسام سەگىيمۇ؟! 6@e+C;j=
" كىسپۇرۇچ، ناخشىنى ياڭرىتىپ قويۇپلا قۇدۇققا چۈشكەن پاقىدەكلا يوقاپ كەتتىيا، ئوت ئۈستىگە ياغنى سېپىپ قويۇپ......." ئۇنىڭ بىردىنلا كىمگىدۇر بىرىگە بولغان غەزىپى ئىچ-ئىچىنى ئۆرتەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ھاياتى سۈكۈنات قاتلىمىدا تىنىمسىز تىپىرلاۋاتاتتى. روھى يۇلقۇنىۋاتاتتى. " ئېرى تۇرۇپ باشقا بىر ئەرنى ئويلاش ئېغىر گۇناھ، مۇھەببەتلىشىش نومۇسسىزلىق، ئاشنا ئويناش پەسكەشلىك......" v'qG26
Z!@~>i يۇقارقى مەھەللىدىكى سەمەت باينىڭ ئوغلى رىشىت كاللەكنىڭ پات-پات بۇ ئۆيدە پەيدا بولىشى، قېيىنئانىسى بىلەن نېمىلەرنىدۇر دەپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق كۇسۇرلىشىپ كېتىشى ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل ئەندىشە پەيدا قىلىپ قويدى. رېشىت كاللەكنىڭ ئۆزىگە يەۋەتكىدەك ئاچ كۆزلۈك بىلەن قارىشى ئۇنى ساراسىمگە سېلىۋەتتى. ئۇنىڭ مۆشۈك ياپىلاقنىڭكىدەك كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان شەھۋانى نۇرلار شەرۋانىگۈلنى ئەندىكتۈرىۋەتتى. ئۇ ھەر قېتىم رىشىت كاللەكنىڭ بۇ ئۆيدە پەيدا بولغاندا ئەزرائىلغا يولۇققاندەك ۋەھىمىگە، ساراسىمگە چۈشەتتى. =aj/,Q]
n'01Hh`0 بىزارلىقتىن بۇرۇختۇم بولۇپ كېتەتتى. كىملەرنىدۇر بىرىنى سېسىق تىللار بىلەن تىللىغۇسى كېلەتتى. ئۇنى كۆتىگە تېپىپ چىقىرىۋەتكۈسى كېلىپ كېتەتتى. qg!|l7e
_$f9]bab ئاق بېلىق ئاپئاق بېلىق، kc @[9eV
ئاپتاپتا ياتقانىڭ قېنى. /D^"X4!"
مېنى يامان دەپ يۈرۈپ، &f^l^K5:
ياخشىنى تاپقانىڭ قېنى. {]_r W/
" ھۇ بېشىنى يەيدىغان سەت تاز، كىم سېنى يامان دەپتۇ، باشقىلار مېنى ئېلىۋالغانغا كۆتۈڭنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالدىڭغۇ؟ قىز دېگەن بويىغا يەتتىمۇ، پىشقان قوغۇندەك كۆزى چۈشكەنلىكى ئادەمنىڭ يىگۈسى كېلىدىكەن. سېنىڭ مېنى ئۈزگىڭ بار ئىدى، ئۈزەلمىدىڭ، ئۈزەلمىگەندىكىن يېيەلمەيسەن........." ,0~9dS
!]fQ+ *X0g سۆيگۈنىڭ تەقەززالىق ئىلكىدە بېرىلگەن سىگىناللىرىدىن روھى تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپ دوقمۇشلىرىدا قېتىپلا قالدى. ناخشىنىڭ سېھرى كۈچى دىلنى مەستخۇشلۇق زەنجىرلىرى بىلەن زەنجىرلىدى. خىيالى چىگىشلەندى، چىرايىدىن، كۆزلىرىدىن مۇڭ-ھەسرەت تۆكۈلۈشكە باشلىدى. " توختەك دېگەن پەلپەتىش كالۋا يۈرىكىم دەرد-پىراقتىن ياش تۆكۈۋاتسا، سەن تىخى ھوزۇرلىنىپ ناخشا توۋلاۋاتىسەنغۇ دەلدۈش، بەغرەز، مەتۇ؟ ھەممىگە قادىر خۇدا گۇناھىمنى كەچۈرگىن، ئالدىڭدا چوڭ گۇناھكارمەن. ئېرىم تۇرۇپمۇ نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ئەمدى؟..... rBTeb0i?
R8UYP=Kp ئويلىغانسىرى ئۇنىڭ قەلبىدە مۇرەككەپ بىر خىل تۇيغۇ دولقۇنلايتتى. نەرە تارتاتتى. كۈچلۈك بىر ئوت يۈرىكىدە گۈپۈلدەيتى. كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك بىر خىل سېزىم قانلىرىدا ئۆزكەشلەيتى. بىردىنلا ئۇنىڭ لەۋلىرى تىترىدى، قانلىرى قىزىدى. ئاجايىپ بىر تەشنالىق، سېغىنىش پۈتۈن جىسمىغا يېيىلىۋاتاتتى. لەۋلىرى سۆيۈشكە ھەم سۆيدۈرۈشكە تەشنا بولۇۋاتاتتى. شۇ تاپتا كىمدۇر بىرلىرى ئۆز-ئارا كۇسۇرلىشىپ ئۇنى مازاق قىلىۋاتاتتى. " توي قىلىپلا ھەپتە ئۆتە-ئۆتمەيلا ئېرى تاشلاپ چىكەتكىنىگە قارىغاندا، مەسلە چىققان گەپ پاسكىنىدىن........" ، " ئاڭلىدىڭلارمۇ چوكانلار، بۇ قىز ئەمەس چوكانكەن، ئېرى بۇ خورلۇققا چىدىماي ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپتۇ....." بىردىنلا ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكچىللىرى ئېيچىشىپ، كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولۇپ مەڭزىنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى. " تۈفى سەندەك ئەركەك بولغىچە، پۇل جىنى چاپلىشىۋالغان مەرەز، شۇ ئەر بولدىمۇ ئەمدى؟ يا زەردىسى بولمىسا، يا..........." +sx 8t
=w5O&( شەرۋانىگۈل ئەرلەر توغرىسىدا يەنە نېمىلەرنى ئويلاركىن، بىراق بىردىنلا دەرۋازا قېقىلدى. شەرۋانىگۈل بېرىپ دەرۋازىنى ئاچتى، ئاچتىيۇ ھودۇققىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ ئالدىدا رىشىت كاللەك سەت ھېجايغىنىچە كۆزلىرىنى مولۇننىڭ كۆزلىرىدەك پارقىرىتىپ تۇراتتى. sf| ke9-3
U{$1[,f -ياخشىمۇسىز شەرۋانىگۈل؟- چوكاندىن ئەھۋال سورىدى رىشىت كاللەك يەۋىتىدىغاندەك بىر خىل نەزەر بىلەن كۆزلىرىگە قادىلىپ تۇرۇپ. ;k86"W
9cx =@ -ياخشى، بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى؟ `)h6j)xiQ
ai^4'{#zi -ئىشىم بولمىسا بۇ يەردە ماڭا نېمە بارتى؟ ئۆيگە باشلىمامسىز؟ (ihP`k-.
hv$m4,0WB -ئۆيدە مەن يالغۇز، سىزنى باشلىيالمايمەن. p|/j4@-h
vhT_=:x -يوق بولسا تىخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ .LRxP#B
G>Em!4h -نېمانداق پەلپەتىش سۆزلەپ يۈرۈيسىز، تېتىقسىزلىشىپ. 5q<zN
hc$@J}` -سىزنىڭ ئىشقى – پىراقىڭىز مېنى......... xaKstp
4oXb Pr> -مازلاشماي ئاستا كېتىۋىلىڭ، بىرەرسى كۆرۈپ قالسا سۆز-چۆچەك بولىدۇ. z&$/EP-
iY/KSX^~O -قېنى، ئۇنداق بولسا ئۆيگە كىرىپ قىلغۇلىقىمىزنى قىلايلى. D;F{1[s(
;ggy5?>Qu -نېمانداق تېتىقسىز، ماز ، ھەزىلەك ماۋۇ. _#qe#
^2M!*p&h ....-شەرۋانىگۈل شۇنداق دەپلا دەرۋازىنى ياپماقچى بولىۋىدى، رىشىت كاللەك ياپقىنى قويماي، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بېزەڭلەرچە قادىلىپ تۇرۇپ: ZAg;q#z j
L,-u.vV -مۇشۇنداقلا قۇرۇق يولغا سالامسىز؟ h[ 6hM^n
<qiICb)~ -كەت دېگەندىكىن كەتمەمسەن ساراڭ، ئىتمۇ چاغ دېسە كېتىدۇ جېنىدا. 6;uBZ&g
Y%vP#>h -سىزنىڭ دەردىڭىزدە ساراڭ بولساممۇ، ئىت بولساممۇ مەيلى، ۋىسالىڭىزغا يەتسەملا........ hBCR]=']
z(d4)z 8'6 -تولا ئەزمەڭنى ئەزمەي، مازلاشماي يوقىلەۋا ھەزىلەك. j3P RAe
Nz]aaoO4 -تىللىسىڭىزمۇ مەيلى، يۈزۈمگە تۈكۈرسىڭىزمۇ مەيلى چىدايمەن، قانچە ئالسىڭىز ئېلىڭ، مۇرادىمغا يەتكۈزۈپ قويسىڭىزلا مەن سىزدىن ھېچنىمىنى ئايىمايمەن. !yCl(XT
gO{W#% -ھەممە ئادەم سېنىڭ سىڭلىڭما پۇل بەرسىلا ئىشتان سېلىپ بېرىدىغان، يوقال دېگەندىكىن يوقال ماز پاينەك. zlX!xqHj
)K.R\]XR -مۇرادىمغا يەتمەيلا كېتەمدىم، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن. [xS5z1;
i0&)N,5_ -نېمانداق رودۇپاي نېمە سەن.....؟ W,'3D~g8
B(EtXB9 -خەپ سېنى قولغا كەلتۈرمەيدىغان بولسام، - رىشىت كاللەك شەرۋانىگۈلنى ئىندەككە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىغا تەن بەرگەندىن كېيىن، سالپايغىنىچە دەرۋازا ئالدىدىن كېتىپ قالدى. "]9_Fv
u>In(7\ شەرۋانىگۈل ھوجرىسىغا كىرىپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. خورلۇق، ئەلەمدىن يۈرىكى مۇجۇلۇپ، روھى تېنىدىن چىقىپ كەتكەندەك ئۆكۈنۈش ئىچىدە تىپىرلايتتى. ھوجرىسى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ ئۆڭكۈردەك قورقۇنچىلىق، يىرگىنىشلىك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ھەممىدىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى ئۆمۈچۈك تورلىرىدەك چىرمىۋالغانتى. ئۇ ئىچ-ئىچىدىن جىلە بولۇپ، ئەلەمدىن يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغانتى. " سەن بولساڭ، ماڭا بۇ خورلۇق يوقتى ھەزىلەك، لېكىن سەن پۇل ئۈچۈن بارىڭنى ئاتىۋەتكەچكە مېنى ئۇنتۇپ كەتتىڭ. خوتۇن ئالغىنىڭ ئېسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. سەندەك مەسئۇلىيەتسىز خۇمسىلار دەستىدىن نۇرغۇن قىز-چوكانلار تاپتىن چىقىپ كەتتى. :EaiM J_=
{9,R@>R يېزىلارنى تاشلاپ شەھەرلەرگە بېرىۋىلىپ، بۇزۇقچىلىققا ماكان تېپىۋىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈزىنى تۆكتى، تۆكۈۋاتىدۇ. ۋىجدان، غورۇر، ئىمان-ئىتقادنى ئاياغئاستى قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ. ھۇ ۋىجدانى يىگىلەپ كەتكەن دەلتە، سەن پۇل تاپىمەن دەپ يۈرگەن بىلەن ماۋۇ يەردە باشقىلار ھالاللاپ ئالغان خوتونىڭنى جايلايمەن دەپ يۈرۈيدۇ......ساڭا پۇل كېرەك بولسا، ماڭا پاكلىق كېرەك........" zhhGqz[K
%!W6<ioW قاتتىق ئىسسىق دەستىدىن يەرلەر قاغجىراپ چاك-چاك يېرىلغانىدى. مايسىلار ئۇسساپ قۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. خامان دۆۋىللىرى ھېلىلا ئوت ئېلىپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. تومۇزغىلارنىڭ چىرىلداشلىرىدىن، قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرىدىن چوڭقۇر بىر چاڭقاقلىق، تەشنالىق كېلەتتى. بۇ يەرگە يۇقۇرىدىن كېلىدىغان سۇمۇ كۈندىن-كۈنىگە ئازلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ سۈيىنى باشتىكىلەر ئوغۇرلاپ تۇتۇۋالاتتى.بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە ھەممە نېمىنىڭ ئوغرىسى ئاۋۇپ كېتىۋاتاتتى. بەزى ئوغرىلار دېھقانلارنىڭ قان-تەرىنى ئوغۇرلايتى، بەزى ئوغرىلار ئىشچىلارنىڭ، مەدىكارلارنىڭ ئەجرى-مېھنىتىنى ئوغۇرلايتتى.بەزى ئوغرىلار ھېسيات ئوغۇرلايتى. رىشىت كاللەكتەك ناپاك ئوغرىلار شەرۋانىگۈلدەكلەرنىڭ پاكلىقىنى ئوغۇرلايتى ۋە ئوغۇرلاش ئۈچۈن تىنىمسىز تىپىرلايتى........ IFkvv1S`
jm~mhAE# 3 =54Vs8.
-شەرۋانىگۈل، ھەي شەرۋانىگۈل! 939]8BERt
0fZ:")&4, -ھە، مانا. ,$ho2R),Fn
ox03c -ئۆيدە سۇ تۈگەپتۇ، سۇ ئەكىرىۋىتىڭە قىزىم. y_;]=hEL
cS. 7\0$ -مانا ھازىر. iDyMWlV
u-]vK ئۇ خوشياقماسلىق بىلەن ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭغا تويى بولغاندىن تارتىپ كۈنلەر تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلغاچقا، ھېچ ئىشقا خوشياقماس بولۇپ قالغانىدى. بوخچىسىنى كۆتۈرۈپلا چىقىپ كېتەي دىسە تىخى، چىقىپ كەتمەي دىسە تىخى، كۆڭلى ھىچ نەرسىدىن سۇ ئىچمىگەن. پات-پات نۇرغۇن سۇئاللار ئۇنىڭ ئالدىدا گىدىيىپ تۇرغان، ۋىجدانى بىلەن غورۇرى ئىسيان كۆتۈرۈپ ئارام بەرمىگەن. ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا غەليان كۆتۈرگەن غەزەپ-نەپرىتىنى، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش تولىمۇ مۈشكۈل. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەۋجۈتلىقى ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ كەتكەنىدى. " كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ دەپتىكەن كونىلار، چىداي ئەمدى. بۇ كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشار بىر كۈنى....... " 'Y~8_+J?
z_)OWWdN شەرۋانىگۈل ھويلىغا چىقىپ چايخانىغا كىردى-دە، ئىككى چىلەكنى ئىلىپ چىقىپ ئەپكەشنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئىلغۇچقا ئېلىپ، دولىغا سالغىنىچە دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ مەھەللىنىڭ سەل چېتىگىرەك جايلاشقان بۇلاققا قاراپ كېتىۋاتاتتى. بۇلاقنىڭ ئەتراپى بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، دەرەخزارلىق مىڭ مودىن ئاشاتتى. ھاۋاسى تولىمۇ سالقىن بولۇپ، ھازىر شەھەرلىكلەر چىقىپ سەيلە-ساياھەت قىلىدىغان،سالقىندايدىغان جايغا ئايلانغانىدى. ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئۆز تەبىئىيلىكىنى يوقاتماي كېلىۋاتاتتى.مانا ئەمدى نۇرغۇنلىغان ئەخلەتلەر، پاسكىنىچىلىقلار بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغاشقا باشلىدى. بۇ زىمىندا ئۆز تەبىئىيلىكىنى ساقلاپ قالغان بىرەر پاك جاي قالمايدىغان بولدى. ئادەملەر تەبىئەت بىلەن ئوينىشىشقا باشلىدى. مانا بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن ئويناشقانلىقى ئىدى. بۇلاققا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپى قويۇق سۆگەتلىك ئىدى. نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ قەدىمىي سۆگەتلىك تولىمۇ ھاۋالىق، سالقىن ئىدى. ياشلار جۈپ-جۈپى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپ كېتەتتى. بۇ سۆگەتلىك ياخشى – يامان ئىشلارنى قوينىغا ئېلىپ كېتەتتى. 'b?#4rq}
KqG/a شەرۋانىگۈل بۇلاق بېشىغا كەلدى. يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى ئىككى ئېرىققا يۆلىنىپ،مەھەللىنىڭ تۆۋىنىگە قاراپ قىشمۇ ياز ئېقىپ تۇراتتى. ئۇ مۇزدەك بۇلاق سۈيىدە يۈز-كۆزلىرىنى راسا بىر يۇيۇپ ھوزۇرلانغاندەك بولدى-دە، بىردەم ئارام ئېلىپ سەگىۋېلىش ئۈچۈن ئولتۇردى. @ ~0G$
)- Wn'C'Z -ۋىيەي نېمىش قىلىپ يۈرۈيسىز، ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرۈپ. 4F1.D9u
h>mBkJ{ -كېلە جېنىم بولالماي قالدىم،-يېقىن يەردىن ئاڭلانغان يۇقارقى سۆزلەر شەرۋانىگۈلنىڭ دىققىتىنى تارتتى. %Hl:nT2M
,/[dmoe -ئاغرىپ كەتتى، بوشراق، ۋايجان! قولىڭىزنى تارتىڭە،نېمانداق مۇجىيسىز، ماڭا جان لازىم ئەمەسمۇ؟ قېلىن. w;h\Y+Myyk
MU^xu&MB -مەن بولالماي قالدىم. $uIwRG<
dq+7K -ۋىيەي، سىز بەك ھېسياتچان ئىكەنسىز، كۆزلىرىڭىز بەز مارىغان مۈشۈكنىڭ كۆزلىرىدەك پارقىراپ كېتىپتۇ. *9U4^lJjn
QVZ6;/ -كېلە جېنىم. #uR q] 'P
w|UKMbRMU] -ئاغزىڭىز بەك پۇراپ كېتىپتۇ. tV}ajs
S|5lx7 -لەۋلىرىڭ بەكمۇ تاتلىق جۇمۇ سېنىڭ! gm%bxr@X~
p(b1I+! -نېمىش قىلىپ يۈرۈيسىز، قولىڭىزنى تارتىڭ. ]bU'G$Qm&s
(R|FQdH -مەن بولالماي قالدىم، ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن، تېز بولە. %JH_Nw.P
E1 gTrMo -بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ. YM/3VD
0-; P&m!! -مەنمۇ بىكارغا دېمىدىمغۇ، قانچە ئالىسەن؟ 3V!&y/c<
lJ1xx }k{U -100كوي. zc~xWy+
I=Dk'M -تەڭ خەجلەيلى. r!gCh`PiK
R*#Q=_ -قويىڭە غوجام ئادەمنى ئاۋارە قىلماي. [zd-=.:+M[
-T6%3>h -ھە بولاپتۇ، ئالساڭ ئالە،مانا........ $466?oI
:m)?+ -نېمىش قىلىىپ يۈرۈيسىز ئادەمنىڭ قىدىقىنى كەلتۈرۈپ، سىز بەكمۇ قېلىن ئىكەنسىز، گاچ-گاچ بولىڭە مىسىلدىماي......... /YR$#&N2
GQNiBsV " ھۇ ئەسلى-ۋەسلىنى ئۇنۇتقان، ئادىمىيلىك غورورىنى يوقاتقان پاسىقلار،ئەخلاقنى،ئادىمىيلىك قىممىتىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان پاسكىنىلار، تاپتىن چىقىپ كەتكەن رەسۋالار ، بۇ يەرنىمۇ بۇلغىۋىتىشىدىغان بولدۇڭ-دە،ئەمدى.........." ] 6B!eB!
:AGQkJb ئۇنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇۋىرىشكە تاقىتى تۈگىگەنىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قەدەملىرىنى ئىتتىك-ئىتتىك يۆتكەشكە باشلىدى. @h3)!#\N
=Ji:nEl]z -قۇچاقلاشلىرىمدىن يۈرىكىڭىز خېلى سۇ ئىچكەندۇ؟ rP_)*)
;& +75n -تازا قانمىدىم. _=#mmZkq
mD3#$E!A1 -پۇلىڭىز بولسىلا قاندۇرۇپ قويىمەن. 9b6h!(
(""&$BJQ| -............. *1Q?~
j*}xe'# " خىق تۈفى پاسكىنىلار........"ئۇ قەدەملىرىنى تىز-تىز يۆتكەيتتى. بۇ يەردىن تېزراق چقىپ كېتىش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. " نېمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان؟ ئادەملەر ھەجەپ تاپتىن چىقىپ كەتتىيا، ئادەملەرنىڭ ئۆزە مېڭىشىنى،سۆزلىشىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھايۋانلار بىلەن ئارىلىقىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇلۇپ بولغاندەك قىلىدۇ. ئادەملەردىكى ئىنساپ ، مېھىر – ۋاپا ، مۇھەببەت -ساداقەت، ئەدەپ-ئەخلاق،ھايا......دېگەنلەر كۈندىن-كۈنىگە يىگىلەپ كېتىۋىتىپتۇ.....شۇڭا ھەر كۈنى دېگىدەك ھەر خىل ھادىسلەر بولۇپ،ئادەملەر بالا-قازاغا يولۇقىۋاتىدۇ، مانا بۇ ئەخلاقسىز ئادەملەرگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى........" iDr0_y*t
(X/JXu{ ئاتۇشۇڭغا بارغىچە، X*@Sj;|m
ۋاق-ۋاق بىلەن كېچىڭىز. ="4 )!
مېنى ئوتقا سېپ قويۇپ، `fXcW)
ئاغرىمامدۇ ئىچىڭىز. n7vi@^lf(
يېقىنلا يەردىن ئاڭلانغان ناخشا-تونۇش ئاۋاز شەرۋانىگۈلنىڭ يۈرىكىگە ھاياجان،سېغىنىش ئوتى يېقىۋەتتى. ئۇ ئىككى تەرەپتىكى سۆگەتلىككە بويۇنداپ قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ دەردمەن يۈرىكى تېز-تېز سوقۇۋاتاتتى. نېمىشقىدۇر بۇقۇلداپ يىغلىۋەتكۈسى كېلىۋاتاتتى. دەردمەن ئادەم ئەڭ يېقىن كىشىسىنى كۆرگەندە يىغىدىن خالى بولالمايدىغان ئوخشايدۇ. ئۇ ئاخىرى ئۆزى بىر كۆرۈۋىلىشقا تەشنا بولغان كىشىنى ئۇچراتتى،ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. o'G")o
x\WKsc -توختەك، ھەي توختەك.......-يوغان بىر تۈپ سۆگەتكە يۆلىنىپ ئولتۇرغان چوڭقۇر خىيالغا غەرق بولغان توختى تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ،ئورنىدىن سەكرەپ دېگۈدەك تۇردى-دە، ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلەرنىڭ ئىگىسىگە تىكىلىپلا قالدى. بۇ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىش ئۇنى تەمتىرىتىپ قويغانىدى. SX#ATf6#
:v#3;('7 -ئوبدان تۇردىڭمۇ توختەك؟ h8Gp>b
nL9m{$Zv -سەنچۇ؟ z?7pn}-
5=eGiF;0\ -بولدى ئەھۋال سورىما، بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟ AyddkjX
c}QjKJ-c -سېنى دەپ، سېغىنىپ، ۋىسال ئىزدەپ شۇ ....... h<[ o;E
."dmL= -ۋىسال ئىزدەيدىغان ئادەم بۇرۇن نېمىش قىلغان؟ f5AK@]4G
N]gdS]pP2{ -ئەمدى شۇ......مەن......ئەمدى...... 7^=O^!sa
qm2 -بولدى،ھەممىسى تۈگىدى. ,u/GA<'#M
0Db#W6*^ -ياق،تۈگىمىدى،سەن ئاجرىشىپ كەت،مەن سېنى ئالىمەن. L]cZPfI6
ULj'DzlfH -ئەمدى مۇمكىن ئەمەس،مۇشۇ گەپنى مەن توي قىلمىغاندا دەيتتىڭ،ئەمدى كېچىكتىڭ. 1t6VS 3
1d,;e:=j -نېمىشقا؟ 3+rud9T
rfku]A$ -بىلمەيمەن. Ou>L|#=!
x8+W9i0[1 -شۇڭا ئاجراشقىن. )OpB\k
&;I=*B~kE$ -ياق، بۇ يەردىن كەتكىن ، مېنى ئىزدىمە. 3Uw}!>`%
KsZd.Rf=@ -يۈرگىن، بولمىسا ھازىرلا سېنى ئېلىپ قاچاي. 6HeZ<.d&
n o).70K -قولۇمنى قويۇپ بەر، نامەرەم بولىدۇ، گۇناھ بولىدۇ. مەن كىرىپ كېتەي، باشقىلار كۆرۈپ قالسا سۆز-چۆچەك بولىدۇ. IWc?E
Qv4g#jX{ -مەن چىدىمىدىم شەرۋان، پەقەت چىدىمىدىم، يۈرىكىم دەرتكە توشۇپ كەتتى. كۈنۈم كۈن ئەمەس، سەن ئەرگە تېگىۋالغاندىن بۇيان. 4K{<R!2I
/1OzX'5f -چىدا، چىدىماي ئامال يوق، بىزنىڭ رىسقىمىز قوشۇلماپتىكەن. :s(vn Ie^
J)yNp,V شۇ تاپتا ئىككى يۈرەك، ئىككى ۋۇجۇدتا توسۇن تايدەك شاش ھېسلار،چۆچۈش،ھودۇقۇش، ئەنسىرەش،تەشۋىشتەك خىلمۇ-خىل تۇيغۇلار دولقۇنلايتتى.كۆزلىرىدە سېھىرلىك بىر گۈلخان لاۋۇلدايتتى. >d1gVBhk
=gG_ %]``R -ماقۇل ئەمسە، مەن كىرىپ كېتەي. باشقىلار كۆرۈپ قالماستا خوشلىشايلى. <S/`-/=2
z^xrB$8 u -شەرۋان بىردەم تۇر، پاراڭلىشايلى، ھېچ بولمىغاندا بەش مېنۇت بولسىمۇ تۇرغىن. _hK83s4
gtizgUS7 -ياق، بىر مىنۇتمۇ تۇرالمايمەن، خەير-خوش. ?=C?3R
}1N$4@ -قاچان كۆرۈشەلەيمىز ئەمدى، ئاران بىر ئۇچراشقاندا تۇر دېسەم تۇرمىدىڭ. X^pxu6nm-
T!GX^nn*O -بىز ئەمدى كۆرۈشمەيلى. UD0via
v&.`^O3W -نېمىشقا؟ hN~]$"@2
^\Bm5QkS -سەن بولساڭ بويتاق، مەن بولسام ئەرلىك. `vkNp8|
a{?`yO/ 2 -ئېرىڭدىن ئاجراش،مەن سېنى ئېلىۋېرىمەن، سېنى بەخىتلىك قىلىمەن........ }Pu|%\
[# X:!xcl -بولدى سۆزلىمە، خەير-خوش. aD2+9?m
xB&kxW.; -خوش......... t>04nN_@,s
n@3(bl5{ ھەر ئىككىسىنىڭ لەۋلىرى تىترىدى. يىگىتنىڭ كۆزلىرى چوكاننىڭ ئارقىسىدىن چەكچەيدى. يۈرىكى، پۈتۈن ئوي-خىيالى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى. يىگىت بىردىنلا ئۆزىنى روھى تېنىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى........ IEi E6z]L(
X>i`z c|f)k:Q
un+U_|>c 4 /ae]v+
QlbhQkn
*{5L*\AZ شەرۋانىگۈل كېچىچە زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئازاپ ئۇنىڭ شادلىقىنى تىنىمسىز قىلىچلاۋاتتى. ئۇ ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا ئۇخلاپ قالدى. ئۇ چۈش كۆردى. بىر قارىسا تونۇشتەك، يەنە بىر قارىسا ناتونۇشتەك بىر يىگىت ئۇلارنىڭ ھويلىسىدىكى تېرەك ئۇچىغا چىقىۋېلىپ ناخشا ئوقۇۋاتقانمىش، ناخشا شۇ قەدەر مۇڭلۇق، شۇ قەدەر ھەسرەتلىكمىش: ^k&T