[ qx[ 0
D@4sq^|2 ۋىسال ئىزدەپ
يۇلغۇن Xdtyer%
1 QopA'm
چىڭقى چۈش، سەھرا قوينى تونۇر تەپتىدە يېلىنجايتتى. شەرۋانىگۈل ئىسسىق دەستىدىن ھوجرىدا ئۇياندىن – بۇيانغا تولغىنىپ ياتاتتى. دىمىقىنىڭ كۈچىدىن ئۇنىڭ جېنى ئىچىگە پاتمىغاندەكلا قىلاتتى. نېمىشقىدۇر ئىچىنى بىر كىم تاتىلاۋاتقاندەك ئازابلىناتتى. &A!?:?3%O
FX,kmre3 ئېرىقىڭدا سۇ بارمۇ، thK4@C|X4
چاڭقاقلىققا مەن تەشنا. >o,l/#z
دەردىڭ بولسا ئيېت يارىم، DT#F?@LG(
مەڭگۈ بولىمەن ئاشنا. 5|_El/G
جىمجىتلىقنىڭ باغرىنى تىتىرىتىپ تۇيۇقسىزلا ئاڭلانغان مۇڭلۇق ناخشا شەرۋانىگۈلنى ئورنىدىن سەكرەپ دېگۈدەك تۇرغۇزىۋەتتى. ناخشىنىڭ مۇڭى قۇرغاق ۋۇجۇدىغا سىڭىپ، قەلبىدە جەزىرىدە بولىدىغان تەشنالىقىنى ئويغاتتى. :F`-<x/
كۆرۈنمەيدۇ قارىسام، T6M=BkcP
شىكەر كۆلدىكى توغراق. R.P|gk
قېيداپ يۈرمە مېنىڭدىن، n>k 1D
مەن ساڭا قەۋەت ئامراق. ,LftQ1*;
"بىچارە يەنە مېنى قوغلىشىپ مۇشۇ يەرگىچە كەپتۇ-دە؟!" شەرۋانىگۈل شۇنداق دەپ شىۋىرلىغىنىچە بېرىپ دېرىزە قاناتلىرىنى كەڭرى ئېچىۋەتتى. كۆزلىرىگە لىق ياش تولغانىدى، غېرىپسىنىش، يالغۇزسىراش ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى. Of.%rpgy
-?vII~a9y ئۇنىڭ تۇرۇپلا باغقا چىققۇسى كەلدى-دە، بوسوغىدىن پۇتىنى ئېلىپلا تۇرۇپ قالدى. " بېغىمۇ يوقكەن بېششىڭنى يەيدىغانلارنىڭ، بېغى يوق دېھقاننى دېھقان دېگىلى بولامدۇ؟" ئۇ غودۇرىغىنىچە ئارقىسىغا يېنىپ بېرىپ، ياستۇقىنى ئېلىپ بېشىغا قويۇپ ئوڭدا ياتتى. كۆزلىرىدىن بىر خىل تەشنالىق، نارازىلىق ئۇچقۇندايتى. دىمىق بارغانچە ھەددىدىن ئېشىۋاتاتتى. " ئەركەك بولىدىغان بولسا، خوتۇن ئېلىپ بىرەر ھەپتە بولا-بولمايلا ئۆيدىن چىقىپ كېتەمدۇ ئۇ ماز " بىردىنلا ئۇنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ئىچى ئاچچىققا تولدى، ئۆكۈنۈش ، ھەسرەت يۈرىكىنى تاتىلاشقا باشلىدى. fq4[/%6,O
m4x8W2q -بالام، چاي ئىچىۋىلىڭ،- ئىشىك ئېچىلىپ قېيىنئانىسى كىرىپ كەلدى. %2,'x
/Xf_b.ZM& -چاي ئىچكۈم يوق ئانىكا. &3CC |
K.r"KxCm| -ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ قىزىم، يۈرۈڭ. x=YV*
_;'<}a پىشايۋان سۇۇپىسىغا سېلىنغان داستىخان ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇلار ئۈن-تىنسىز چاي ئىچىشتى. OKV/=]GS
EK2mJCC| -بالام،زېرىكىپ قالدىڭىز-ھە!- قېينئانا ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، داستىخاننى يىغىشتۇرىۋاتقان كېلىندىن سورىدى. u#)ARCx ,w
^E]y >Y -ياق ئانىكا. @XQItc<
\V%l.P4>e -مەنمۇ ياش بولغان قىزىم، سىزنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن. *IQQsfL)
Jk}Dj0o -ئازنىلىققا بېرىپ كېلەيمىكىن ئانىكا. &`I 7aP|
U0@Qc}y -بېرىپ كەلگىنىڭىزگە تېخى ئاران ئىككى كۈن بولدىغۇ؟ 2P,{`O1]
WPDi)UX -ئانام چۈشۈمگىلا كىرىۋېلىۋاتىدۇ. >SW c
s_%LU:WC -ئاۋۇتاخۇن بولسا بىللە بېرىپ كەلگەن بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى، قىزىم. w=kW~gg
o]TKL'gW شەرۋانىگۈل ئۈن-تىنسىز ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكىدە ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان بىر خىل بۇرۇختۇملۇق ئۇۋىسىدىكى ھەرىلەردەك قىمىرلايتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ نېمىشقىدۇر ئۈنىنى قويۇۋىتىپ يىغلىۋەتكۈسى كېپكەتتى. P2fiK
J;GYo|8 "بىچارە ئۆزى بىلىدۇ، ياش ئەمەسمۇ، بالاممۇ ئاشۇرىۋەتتى، بىرەر ئاي خوتونى بىلەن بىللە بولۇپ ئاندىن كېيىن پۇل تاپقىنى بارسىمۇ بولاتتى. ھەپتە بولا-بولمايلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنى بولمىدى. كېلىن قىزغا كۆڭلى چۈشمىگەندىمۇ-يا؟ كۆڭۈل چۈشمىگىدەك قىز ئەمەس، كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ، دەيدىغان گەپمي بارغۇ؟ كۆڭلىدە باشقا شەيتان بولغىيمىدى-يە؟" شەرۋانىگۈلنىڭ قېيىنئانىسى شۇلارنى ئويلىغىنىچە بىردەم ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئانىنىڭ كۆڭلى پاراكەندە ئىدى. " ئۈلۈشكۈن ئازنىلىققا بارغاندا بىرەرىنى تېپىۋالدىمۇ-نېمە؟ بولمىسا بۈگۈن يەنە ئازنىلىققا بارىمەن دەمتى؟......" &Y jUoe
ZmAo9>'Kg ئۇيقۇسى قاچقان شەرۋانىگۈل ھويلىغا چىقتى. ئاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا تەپسىلى زەن سالدى. ھېچكىم يوق. ھېچقانداق شەپىمۇ ئاڭلانمايتى. ئۇ ئەتراپتىن ئۆزىگە تونۇش بولغان بىر شەپىنى، تونۇش بىر ئاۋازنى پۈتۈن دېققىتى بىلەن تىڭشايتتى. تونۇش بىرسىنى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە قايناق بىر مۇھەببەت، قايناق بىر نەپرەت توختاۋسىز ئېلىشىۋاتاتتى. تۇرۇپلا ئىچى سىقىلاتتى، تۇرۇپلا يىغلىغۇسى كېلەتتى، تۇرۇپلا ۋارقىراپ ناخشا ئوقۇغىسى كېلىپ كېتەتتى. X86r`}
B3Da w/G "بولدىلا، بۇنداق تۇرمۇشتىن جاق تويدۇم، مەن خالىغان نەرسىنى ماڭا بېرەلمىگەن بىرسىنى قانداقمۇ ئېرىم بار دەپ ياشايمەن......." |-`-zo4z
)St`}qu; قىزىل گۈلمۇ گۈل ئىكەن، HQGH7<=Om
ئەتىر گۈلمۇ گۈل ئىكەن. \{.c0
مېنى تاشلاپ كەتكەنلەر، `%_(_%K
ئېرى كېتىپ تۇل ئىكەن. md;jj^8zj
"ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان توختەك، ماڭا ئاشىقلىقىڭنى بىلەتتىم، تىلىڭنى يېرىپ بىر نىمە دېمىدىڭ تازەك، ماڭىمۇ قىلدىڭ، ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ. ئۇچراشقاندا قىز بالىدەك قىزىرىپ يەرگە قاراپ تىرنىقىڭنى تاتىلاپ تۇرۇپ، ئېغىز ئېچىپ بىر نىمە دېمىدىڭ. ئېغىز ئېچىۋەتكەن بولساڭ، بۇ كۈنگە قالامتىم-مەن. مەجنۇنلاردەك سوكۇلداپ يۈرەمتىڭ سەن. مەن بىر نىمە دەي دېسەم ، قىز بالا ئىكەنمەن. شۇنداق بولسىمۇ نەچچە قېتىم شەپە بەردىم، بىلمىدىڭ سەن . دادامغۇ نەچچە قېتىم " قوشنىمىزنىڭ بالىسى توختاخۇن بەكمۇ ئىشچان، يېقىشلىق، ئوڭلۇق بالا بولدى جۇمۇ ئانىسى" دېگەن. بۇنى ئاڭلاپ يۈرەكلىرىم يايراپ كەتكەن، ھەي ئېسىت لىڭتاسما........" l,ic-Y1
R c بىردىنلا ئۇنىڭ قەلبىدىكى سېغىنىش، تەشنالىق، غەزەپ-نەپرەت مۇنچاق-مۇنچاق ياش بولۇپ، چىرايلىق مەڭزىنى بويلاپ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى......... p%-;hL!
\kP1 Jr 2 q0KGI/5s4+
بەختىم قۇشى قايتىپ كىپ، 8iC9xSH[%
باش ئۈستۈمدە ئەگىيمۇ. 6ag0c&k
ساڭا كۆيگەن يۈرەكنى، />O.U?
مۇزغا باسسام سەگىيمۇ؟! WO=P~F<