پۇلات ئالېمدار ، ئەلى جاندان ، ئىپى قارا خانلى بىر شەخىس يەنى تۇغۇلغاندىكى ئىسمى ئىپى قارا خانلى ، بېقىلىشقا بەرگەندىن كىيىنكى ئىسمى ئەلى جاندان ، دۆلەت تەرىپىدىن قۇيۇلغان ئىسمى – پۇلات ئالېمدار. كىنودىكى سالاھىيتى – تۈركىيە ئالاھىدە خەۋېپسىزلىك قىسمىنىڭ ، خەلقئارا مەلۇم تارمىقى يەنى ئارېسلان ئاكبېي يىتەكچىلىكىدىكى ئەترەتنىڭ ئالاھىدە خادىمى .دۆلەتكەقاراشلىق ئالاھىدە خادىم. 0H/)wy2ym

[} zzG@g,J
ئارېسلان ئاكبېي –پۇلات ئالېمدارنىڭ ئۇستازى ، يىتەكچىسى ، ئالاھىدە ھۇقۇقلۇق خادىم. 3) قارا خۇجا دۇغۇ بېك – تۈركىيە جۆمھۆريىتى خەۋىپسىزلىك قىسمىنىڭ ئىستانبولدىكى پىشقەدەم قۇرغۇچىسى ، باش ئاساسى ، دۆلەت ئەربابى ھەم يۇقارقى ئىككىيلەننىڭ باشلىقى . 4) سۇلايمان چاكېر – ئىستانبول شەھىرىدىكى قارا جەمىئەت كاتتىبىشى ، كارخانىچى،غەيرى ھۇقۇدارلار سېستىمىسىنىڭ تەشكىلى قىسمى،5) مامات يەنى مېماتى باش ئەسلىدە، سۇلايمان چاكېر قول ئاستىدىكى ئاتامان، سۇلايمان چاكېرنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى ، سۇلايمان چاكېر ئۆلگەندىن كىيىن ، پۇلات ئالېمدارنى ئۇستاز تۇتۇپ شۇنىڭغا ئەگەشكۈچى . 6) دۇران ئىممى تاغا – پۈتۈن ئىستانبۇل شەھىرىدە قارا جەمىئەت ئىشىلىرىنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغان ،كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرىنجى قول كاتتىباش، ۋەتەنپەرۋەر ، مەرىد -مەردانە شەخىس7) سەيفۇ تاغا- دۇران تاغىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى ، سۇلايمان چاكېر ، پۇلات ئالېمدار ،مېماتى باش قاتارلىقلارنىڭ جەمىئەت ئىشلىرىدىكى مەنىۋى ۋە ھەرقايسى جەھەتتىكى ئۇستازى بۇلۇپمۇ مېماتىنى تەربىيلەشتە زور ئەجىر سىڭدۈرگەن. 8) ئابدۇلھەي تۈركىيە خەۋىپسىزلىك قىسمىنىڭ ، مەلۇم تارمىقىدا ۋەزىپە ئۈتەۋاتقان ، ئالاھېدە خادىم ، كىيىن ئارسلان ئاكبېينىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇيىنچە پۇلاتنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ياردەمگە ئەۋەتىلگەن 9)گۈللى ئېرخان – سەيفۇ تاغىنىڭ سېڭلىسىنىڭ ئوغلى ، پۇلات ئالىمدار تەرىپىدىن ياردەمچىلىككە تاللانغان، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىمۇ ئېرخان . 10) نېۋزات ،پۇلات ئالېمدارنىڭ قوغدىغۇچىسى ، ئەسلى ئىسمىمۇ نېۋزات ، ئىنىقسىز بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ كىشى مەخسۇس ھۈكۈمەت ھەربىيلىردىن بۇلۇپ ، ھازىرقى دۆلەتلىك ۋەزىپىسىمۇ، كىنودىكى پۇلات يەنى ئەمىليەتتىكى نىجاتى شاشمازنى قوغداش. 11) دىل ھېكمەت – پۇلات ئالېمدارنىڭ يەنى ئىلگىركى ئەلى جانداننىڭ ئەڭ يېقىن، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىسى ،12) ئېلىف ئيلۇل – پۇلات ئالېمدارنىڭ ياخشىى كۈرىدىغان ۋە ئۇمۇ ياخشى كۈرىدىغان قىز دوستى. 13) ئېرران ئېيلۇل – ئېلىف ئېيلۇلنىڭ ئىنىسى ۋە پۇلاتنىڭ ئەگەشكۈچىسى. 14) ئۆمەر ئاتا – پۇلات ئالېمدارنىڭ بېقىۋالغان ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەقىقى ئاتىلىق مىھرى يەتكۈزگەن دادىسى . 15)نەزىفە ئانا – ئۆمەر ئاتىنىڭ ئايالى ، پۇلات ئالېمدارنىڭ بېقىۋالغاب ھەقىقى مىھىربان ئانىسى16) جانان ، ئېلىف ئېيلۇلنىڭ دوستى، ئادۇۋكات ،17) تۇنجاي كانتارجى - باج خادىمى ، مەھمۇت قارا خانلى تەرىپىدىن يىتىشتۈرۈلگەن. 18) مېھمەت ياكى مەھمۇت قارا خانلى- دۆلەتنىڭ غوللۇق ھۇقۇقدارى ، پۇلات ئالېمداريەنى ئىپىنىڭ ئۆز ئاتىسى . پۈتۈن تۇركىيەدىكى قارا جەمىئەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ،ئەتكەسچىلىكنىڭ ، قانۇنسىز كاراخانىچىلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاستېرىتىتىن ئۆز كېڭىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۈرۈش شەرتى ئاساسىدا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچى ، زىيانداش شەخىس. 19) قېلىچ – مەھمۇت قارا خانلى كېڭىشىدىكى ، قارا خانلىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى )نەرگىز خانىم – پۇلات ئالېمدارنىڭ تۇغقان ئۆز ئانىسى ، مەھمۇت قارا خانلىنىڭ ئايالى. 21)سۈفىيە قارا خانلى –پۇلات ئالېمدارنىڭ ئۆز سېڭلىسى ، مەھمۇت قارا خانلىنىڭ كىچىك قىزى. 22) لەززىيا – قارا خانلى كېڭىشىدىكى غۇللۇق قۇرال ئەتكەسكىچىسى ، سۇلايمان چاكېرنىڭ قېينىئاتىسى . 23)نەسىرىن چاكېر – لەززىيانىڭ چوڭ قىزى ، سۇلايمان چاكېرنىڭ ئايالى . 24) مېرال يىلماز – لەززىيانىڭ كىچىك قىزى ،25) ئورخان – لەززىيانىڭ باش قۇلى ،26) خېسراۋ ئاغا – قارا خانلى كىڭىشىدىكى غوللۇق زەھەر ئەتكەسكىچىسى . 27) شاخمۇز- خېسراۋ ئاغىنىڭ باش قۇلى ،28) نازلى – خېسراۋنىڭ ئاغىنىڭ قىزى . 29) تېستېر نەجىمى – مەھمۇت قارا خانلىنىڭ ئىشەنچىلىك سول قۇلى ، زەھەرلىك دورا ئەتكەسچىسى ، ياغاچچىلىق ۋە قۇشخانا تېجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى . 30) نېزامېدىن – دۆلەتنىڭ كاتتا ئادۇۋكاتى، سىياسى قانۇن مەكتۋىنىڭ ئاتاقلىق ئۇقۇتقۇچىسى ، دۆلەت باش خائىنى ، قارا خانلى كېڭىشىدە قانۇنغا دائىر ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ31) ساموئىل – تالانىتلىق دېپلومات ، قارا خانلى كېڭىشىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتكە مەسئۇل . 32) تۇمپۇلاچى مېھمەت – قارا خانلى كېڭىشىگە كاندېدات كىرگەن ئەزا ، قىمارخانا ،ئىشراتخانا ئىشلىرىغا مەسئۇل. 32) ئىففىكچى نەدىم – بانكېر ، نەخ پۇل ئوبورىت قىلغۇچى . 33) ئەبىدىن تۇنجاينىڭ باش قۇلى ، ئەسلى ئىسمىمۇ ئەبىدىن 34 ) ئېردال كۇمۇلۇجى – كىنودىكى بىردىنبىر بىنورمال شەخىس ، دەسلىۋىدە تۇنجاينىڭ قۇلىدا تۇرغان ، ئۇنىڭ دادىسى خېسراۋ تاغىنىڭ قۇلىدا زەھەر ياسايدىغان تېخنىك. 35) ئايىشە خانىم – ئېلىفنىڭ ، ئېرراننىڭ ئانىسى . QdrZi.qKH
كورىتلار ۋادىسى دىگەن كىنو نامىنىڭ مەنىسى ۋە قىسقىچە مەزمۇنى
Yu$QL@
بۇ كىنو نامى بەلكىم دەسلەپ ئاڭلىغان كىشىگە ، تۇركىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردىستان ۋە كورد مىللىتى ئولتۇراقلاشقان رايۇندىكى ،تۈركىيە ئىش پائالىيتى بۇلىشى مۇمكىن دىگەندەك خاتا تۇيغۇر بىرىشى مۇمكىن. چۈنكى ،مەنمۇ كۈرۈشتىن بۇرۇن مۇشۇنداق تۇيغۇدا بولغان ، لىكىن بۇ ئۇنداق مەنىدىكى سۆز ئەمەس بۇلۇپ ، ئەسلىدە بۇ يەردە «كورد سۈزى بىلەن تۈرىكچە كۇرىت سۈزى » ئاھاڭ جەھەتتە خاتا ئىستىمال قىلىنغان ، كۇرىت سۈزىنىڭ بىزچە مەنىسى بۆرە دىگەن سۆزدۇر. ئەمدى كىنودىكى باش قەھىرىمان ، پۇلات ئالېمدار ئەڭ ئاۋۋال مەخپى پىلان «كۇرىتلار ۋادىسى » ھەرىكىتىگە، ھۆكۈمەتتىن تاللانغان شەخىس بۇلۇپ،«كۇرىتلار ۋادىسى » دىگەن ناممۇ ، ئەسلىدە ھۈكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت پىلانىنىڭ نامىدۇر. پۇلات ئالېمدار يەنى ئېلىپ قېچىلغان ئىپى قاراخانلى ،ئالدىن پىلان بۇيىنچە ،ئەڭ مۇنەۋۋەر شەخىس ئۆمەر جاندان مۇئەززىن (ئۇ ئەمىليەتتە مۇئەززىن بۇلۇپلا قالماي ، شۇ دەۋىرىگە نىسبەتەن كاتتا دىنى ئۆلىما ، ئالىم ،پەيلاسۇپ، ) گە پىلان بۇيىنچە تاپشۇرۇلىدۇ، ئىپى قارا خانلىنىڭ (يەنى پۇلات ئالېمدار)ئەلى جاندان نامى بىلەن بىقىشقا تاپشۇرۇلۇشتىكى سەۋەب ، چۇقۇم ياخشى ئائىلە تەربىيىسىگە ئىگە قىلىنىش سەۋەبىدىن بولغان بۇلۇپ، ئۇنى كچىكىدىن باشلاپ ئۆمەر ئاتىدەك ئىلىملىك ، پەزىلەتلىك قىلىپ يىتىشتۈرۈش ، ياخشى ئۇقۇتۇش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە خادىم قىلپ يىتىشتۈرۈپ ،مەزكۇرھەرىكەت پىلانى«كۇرىتلار ۋادىسى»گە خىزمەت قىلدۇرۇش ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن پۇلات ئالېمدار(ئىپى قارا خانلى ، ئەلى جاندان)نىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائى ھاياتى، پۈتۈنلەي ھۈكۈمەت پىلانى بۇيىنچە ئالدىن ئۇرۇنلاشتۇرغان ، ئىنتايىن مەخپى ھالەتتىكى مۇكەممەل پىلان بۇلۇپ ،بۇ پەقەت ئارېسلان ئاكبېيغىلا تاپشۇرۇلغان ئىدى، شۇ سەۋەبتىن پۇلات ئالېمدار (ئىپى قاراخانلى، ئەلى جاندان) 30 ياشقا تولغاندا ، تۈركىيىنىڭ كوسوۋىدىكى ئەلچىخانىسدا ئەلچى نامى بىلەن چەتئەلدە ھەربىي ۋەزىپە ئۈتەيدۇ . ھەرىكەت ۋاقتى پىشىپ يىتىلگەندىن كىيىن ، ئەلى جاندان كوسوۋۇدىكى ھەربى ۋەزىپىسىدىن ياندۇرۇپ كىلىنىپ ، ئارېسلان ئاكبىينىڭ بىۋاستە ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن ،ئەسلىدىكى ئىسمى ئەلى جاندان ۋە يۈزىنى ئۆزگەرتىدۇ. ھەمدە پۇلات ئالېمدار نامى بىلەن ، ئىستانبۇلدىكى ئەڭ كاتتا قارا قۇل ، ۋىجدانلىق ئىش قىلىدىغان ۋە قارا جەمىئەت ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلغۇچى – دۇرران ئىممى تاغىنىڭ جىيەن پەرزەنتى سالاھىيتى بىلەن، ئارېسلان ئاكبېي يەنى ھۈكۈمەت تەرىپىدىن مەزكۇر ھەرىكەت يەنى «كۇرىتلار ۋادىسى» گە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ كىشىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئىسمى بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك دۆلەت تەرىپىدىن «پۇلات ئالېمدار » دەپ قۇيۇلۇپ ، «گىرمانىيەدە ياشىغان ، كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن ، ئەسلىدە دۇران ئىممىنىڭ جىيەنى ئىدى » دىگەن باھانە بىلەن باشلىنىدۇ. ئەسلىدە ھۈكۈمەتنىڭ مەزكۇر «كورىتلار ۋادىسى » نامىدىكى ،مەخپى ھەرىكەت پىلانى تۈزۈلگەن ۋاقىت ، دەل ئىپى قارا خانلى (پۇلات ئالېمدار) نى، كىچىك ۋاقتىدا ئېلىپ قاچقاندا تۈزۈلگەن بۇلۇپ، قاتتىق مەخپىيلىكى بىلەن ئارىسلانغا تاپشۇرۇلغان . چۈنكى بۇ ھەرىكەتتە يوق قىلىنىدىغان ئاساسلىق نىشان ، دۆلەت مەنپەتىنى كۆزگە ئىلماي ،بار جەھلى بىلەن ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى جاھانگىر كۈچلەرنىڭ تۈركىيەنى ، ھەر قايسى جەھەتتىن كونتېرول قىلىشتىن ئىبارەت ،رەزىل مەقسىدىگە قول چۇماقچى بۇلۇپ كەتكەن . دۆلەتتىمۇ يۇقىرى خىزمەت ئىشلەۋاتقان ، چەتئەل ياردىمى بىلەن بارچە ئەتكەسچىىك ، زەھەر سودىسى، قۇرال ياراق ئەتكەسچىكى ، ھەرخىل سودا ۋە ئىشىراتخانا ، ئادەم سودىسى قاتارلىق رەزىل قىلمىشلارغا يېشىل چىراق يېقىپ بىرىۋاتقان . شەخىس مەھمۇت قارا خانلى (ئىپى قاراخانلى ۋە پۇلات ئالېمدارنىڭ ئۆز دادىىسى ،ئارىسلاننىڭ ئىلگىركى خىزمەتدىشى)ۋە ئۇنىڭ كېڭىشى بۇلۇپ، بۇ ئادەمنى يوق قىلىش ۋەزىپىسنى، ھۈكۈمەت پۈتۈن تۈركىيەدە، دەل ئۇنىڭ پەرزەنتى ئىپى قارا خانلى(پۇلات ئالېمدار) دەپ بىكىتكەن ، چۈنكى – بۇنداق بولغاندا بىر رەزىل ئاتىنى، ئۆز پەرزەنتى ئارقىلىق يوق قىلىش دۆلەتنىڭ ناھايتى ئالدىن كۈرەرلىكى بۇلۇپ ، بۇ جەھەتتە دۆلەتنىڭ ھەقىقى مەنپەتى ئەگەر ئاتا -بالىنىمۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى مەنپەتىگە ئاساسەن، قارىمۇ- قارشى قىلىشنى بەلگىلىسە ، ئۇنى چۇقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان كۈچىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئەمەلگە ئاشاتتى. جۈملىدىن، پۇلات ئالېمدارنىڭ بالىلق ۋاقتىدىن تاكى ئۈسۈپ چوڭ بۇلغۇچە بولغان ھەممە ئىشلىرى ، تەربىيلىنىشى ، ، ياشاش پىلانى ھەمدە بارلىق ئاساسلىق ئىشلىرى يەنى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە خادىمى بۇلۇپ ، دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى تاكى پۇلات ئالېمدار ئۈزى ھىس قىلغان ۋاقىتقىچە (يەنى ئارېسلان ئۆلگەن دەقىقىغىچە) ھۈكۈمەتنىڭ پىلانلىنىشى بۇيىنچە ئېلىپ بېرىلغان . بۇ يەردە ئۇنداق تاسادىپى ياكى تەبىئى بولغان ھېچقانداق بىر ئىش يوق.شۇ سەۋەبتىن ، ئۇنىڭ دۇرران تاغىنىڭ يېنىغا ئۇرۇنلاشتۇرغاندىن كىيىنكى دەسلەپكى ۋەزىپىسى بولسا ، مەھمۇت قارا خانلى كېڭىشى بىلەن مۇناسېۋىتى بار دەپ قارالغان ، مەرىد ، كەسكىن قارا جەمىئەت ئاتامانى يەنى دۇرران تاغىنىڭ ئۆز قۇلى بىلەن تەربىيلىگەن پەرزەنتى باراۋىردىكى شەخىس- سۇلايمان چاكېر بىلەن ئەڭ قۇيۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ، قەدەممۇ-قەدەم ، چاكېرنى يىپ ئۇچچى قىلپ تۇرۇپ ، مەھمۇت قارا خانلىنىڭ ئۇۋىسىنى بىتجىت قىلىپ ، ھەممىنى يۇقىتىش ئىدى. دەل مۇشۇ سەۋەب بىلەن بىز « كۇرىتلار ۋادىسى »فىلىمىنى قانداقتۇر تۇرمۇش ياكى ھەرىكەتلىك فىلىم دەپ قارىماستىن ، بىر خىل جەلىپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغان ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىغا ، مىللەتپەرۋەرلىك تۇنۇشىغا ، دۆلەت قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ، خەلقئارا سىياسەتكە ۋە ئوتتۇرا شەرىق ۋەزىيىتىگە ئائىت دۇنياۋى مەسىلىلەرنى يۇرىتىشقا ، تۈركىيە ئالااھىدە خادىملىرىنىڭ ،شۇنداقلا بىر جەمىئەتتىكى شۇنداق غەيرى سېستىمىلاردىكى يەنى قارا جەمىئەتنىڭ ، بىر پۈتۈن جەمىئەت ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى چۈشىنىشكە ، تۈرىك دۇنياسىنىڭ قىممەت قارىشىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، يۇرىتىپ بەرگەن بىرخىل ئۇمۇمى ۋەزىيەت تۇغىرسىدىكى فىلىم دەپ قارىشىمىز لازىم. قىستۇرۇپ ئۈتۈش مۇھىم .

بۇ سىنارىيىنى پۈتتۈرۈپ چىقىرىشقا باش سەۋەب بولغان، ۋە ھازىرقى «كۇرىتلار ۋادىسى پۇسۇ يەنى تۇزاق » فىلىمىگە باش رېژىسورلۇق، فىلىم چىقارغۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رازى شاشماز –( مەزكۇر فىلىمنىڭ بېشىدىكى بىر نەچچە قىسىمدا چىقىدىغان ئەلى جاندان رۇلىنى ئالغان كىشىنىڭ ئۈزى ) ، ئىستىداتلىق سىنارىيە يازغۇچىسى بۇلۇپ ، بۇ كىشى دەل پۇلات ئالېمدار رۇلىدىكى يەنى ئەمىليەتتىكى نىجاتى شاشمازنىڭ، بىر تۇغقان ئاكىسى ھىسابلىنىدۇ. كىيىنچە بۇ سېنارىيىنىڭ جىددى ئىھتىياجى ۋە ئەمىلى شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، تۇركىيەدىكى داڭلىق سىياسى ئەسەرلەرنى يازغۇچى ، سىياسى رومانلار بىلەن تۈركىيە جەمىيتىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ياش ئىستىدات ئىگىسى باھادېر ئۆزدېنىر تەكلىپ قىلىندى . ھەمدە سىياسەت تەتىقاتچىسى مەھمۇت تۈرگۈتمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ، بۇ مەشھۇر سېنارىيە «كورىتلار ۋادىسى » نامى بىلەن باشلانغان چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرنىڭ سىناريىسىنى ،ھازىرغىچە ئىشلەپ كەلمەكتە. ھەم مۇشۇ يەردە بۇ فىلىمنى ئەڭ بۇرۇن قوللاپ ، چىقىرىشقا ئاساس ياراتقان ، تۈركىيە فانا فىلىم شىركىتىنىى قۇرۇپ چىققان ، داڭلىق رىژوسورى ئوسمان سىناۋ ئەپەندى بىلەن كىيىنكى قىسىملىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان داڭلىق رېژىسور مۇستافا شەۋكى دۇغان ئەپەندىمنىڭمۇ، بۇ كىنوغا كەتكەن قان تەرى ناھايتى زور ئىكەنلىكىنى مۇئەييەلەشتۈرۈشىمىز زۈرۈر. بۇ تەرىپىنى بىز سېنارىيە ۋە فىلىم ئىشلەشتىكى ئەۋزەللىك قىسمىدا قايتا توختىلىمىز. I`f5)iF?0
كىنودىكى مۇھىم ئوبرازلار ھەققىدە چۈشەنچە . T-LX>*
پۇلات ئالېمدار . r~z'QG6v/
پۇلات ئالېمدار كىم ؟ ئۇنىڭ فىلىم ئوبىرازىدا ئەكىس ئەتكەن ئارتۇقچىلىقلىرى نىمە ؟ g<N;31:c\
بىز ئاۋۋال بۇ كىنودىكى باش قەھىرمان پۇلات ئالېمدار ئوبىرازىنى چۈشنىشتىن بۇرۇن ، بۇ ئوبىرازنى شۇنداق ياخشى ياراتقان رىئاللىقتىكى ھەقىقى كىشىنىڭ يەنى ئاكتېيورنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تۇنۇشىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم . پۇلات ئالېمدار رۇلىنى بىز ماقالىمىزنىڭ بېشىدا – نىجاتى شاشماز دەپ ئەسكەرتىپ ئۆتكەنئىدۇق . ئۇنداقتا بىز رىئاللىقتىكى نىجاتى شاشماز نىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىلكىگە قاراپ باقايلى. بىز بۇ يەردە تورداشلارنىڭ بىر قەدەر ئەتىراپلىق چۈشىنىشى ئۈچۈن ، بىر قاتار قىستۇرما سۈرەت ۋە خەرىتلەرنى كىرگۈزدۇق. تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە خاتا كەتكەن تەرىپىنى دەلىل بىلەن تۈزىتىپ بىرىشىگە مۇھتاجمىز. مۇھەممەد نىجادى شاشماز - ئابدۇقادېر شاشماز ( يەنى بۇ سۆزنىڭ بىزچە مەنىسى يەنى شاشماز سۈزىنىڭ ، تىرەن، باتۇر، قورىقماس دىگەن مەنىدە ) نىڭ ئوغلى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ماتىرىيالىنى تۈۋەندىكى ئۆز تور بېتىدە بىرىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئىزاھلايمىز. Vu,e]@
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1971-يىلى 15 –ئاپرىل .(ئۆزىنىڭ تورىدا 1971-يىلى دەپ بىرىلگەن بولسا پانا فىلىم تور بېتىدە 1969-يىلى 15 يانىۋار دەپ بىرىلگەن، ئەسكەرتىش – Aralıkسۈزىنى باشقا دوسلارنىڭ ئىزدەپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن) تۇغۇلغان يۇرتى – تۈركىيە جۆمھۈريىتى ئېلازىگ، باسكىل( Baskil,Elazığ )( يەنى بەزى بىكەتلەردە ئەلئازىق دەپ ئېلىنغان. ئەسلى تۈرىك تىلىدا Elazığ، خەنزۇچىسى诶拉泽 قېلىپ يېزىلىدۇ) بۇلۇپ. تۇركىيەنىڭ شەرقى قىسمىغا يەنى شەرقى قىسمىدكى قارا سۇ دەرياسىنىڭ چۈشۈش ئېغىزى بولغان، كابانسۇ ئېغىزدىكى كۆلنىڭ جەنۇبى گىرۋىكە جايلاشقان ، مەنزىرسى گۈزەل شەھەردە دۇنياغا كەلگەن ، تۈۋەندە بۇ يۇرىت رەسىملىرى ۋە خەرىتىدىكى ئورنى بىرىلدى. wRvh/{xB
\_ V*Cs
پۇلات ئالېمدارنىڭ يۇرتى ئېلازىگە مەنزىرلىرى
يەنە بىر كۈرۈنىش ئېلئازىگ
بوي ئىگىزلىكى – 1.73 مېتېر . «كۇرىتلار ۋادىسى » «كۇرىتلار ۋادىسى ئىراق »«كۇرىتلار ۋادىسى پۇسۇ »قاتارلىق، تۇركىيەنىڭ مۇنەۋۋەر خەلقئارالىق فىلىملىرىدىكى باش
قەھىرىمان، پۇلات ئالېمدارنىڭ رۇلىنى ،مۇۋەپىقىيەتلىك يارىتىپ ئۈزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان، تۇرك ئارتىسىنىڭ تۇلۇق ئىسمى- مۇھەممەت نىجاتى شاشماز بۇلۇپ ، ئۇ ئابدۇقادېر شاشمازنىڭ ئۇغلىدۇر . ئۇ ئەينى ۋاقىتتا كانادادا ساياھەت كەسپىنى تاللاپ ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ،ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىغا كىلىپ 7 يىل خىزمەت ۋە ئۈگىنىش ئىشلىرىدا بولغان ، نىجاتى شاشمازنىڭ ئامىركىدا تۇرغان ۋاقتىدىكى قىلغان ئىشلىرى توغىرىسىدا ئىنىق مەلۇمات يوق. پەقەت ئۇنىڭ 7 يىل تۇرۇپ 2001-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەنلىكى(بەلكىم تۇغقانلىرى بىلەن كۈرۈشۈش ،يۇرتىنى يوقلاش سەۋەبى بولسا كىرەك ) قەيىت قىلىنىدۇ .( ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بەزى بىكەتلەرنىڭ خەۋىرىدە ،ئۇنىڭ ئامىرىكىدا تۇرغان ۋاقتىنى 6 يىل دەپ ئىزاھلايدۇ، ئەمما ئۆز تور بىكىتىدە 7 يىل بولغاچقا مەن ئەسلى مەنبەسىگە ھۆرمەت قىلىپ شۇنى ئىشلەتتىم ). شۇنداق سەۋەب بىلەن، 2001يىلى تۈركىيەگە يىنىپ كەلگەن نىجاتى شاشماز ، ئانا يۇرتىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاياقلاشتۇرۇپ ، ئامىرىكا سەپىرىگە ئاتلىناي دەپ تۇرىۋاتقان مەزگىلىللەردە ، ئويلىمغان يەردىن ئامىركىدا" 11-سىنتەبىر" تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بىرىپ ، ئامىرىكىنىڭ چەتئەل پۇقىرالىرىنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىدىكى پۇقىرالىرىنىڭ ، چىگىرىدىن كىرىپ چىقىش ئىشلىرىدىكى بەلگىلىمىسى ئۆزگىرىپ ، ئامىركىغا كىرىپ- چىقىشىنى چەكلەيدۇ. بۇ جەھەتتە ئىسلام ئەللىرىدىكى پۇقىرالارغا قارىتىلغان تەدبىر تېخىمۇ كەسكىن بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ فاسفورتى بىردەك توختۇلۇپ،ۋاقتىنچە ھۈكۈمەت تەكشۈرۈپ ، خۇلاسە چىقارمىغۇچە بىكار قىلىنىدۇ ، شۇ خىل سىياسەت سەۋەبلىك ،ئىسلام دۆلىتى ھىسابلانغان تۈركىيە پۇقىراسى نىجاتى شاشمازنىڭمۇ فاسفورتى بىكار قىلىنىدۇ .

نەتىجىدە ئۇ ئامىرىكا سەپىرىنى بىكار قىلىپ ، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە كىلىپ ،بىر سۇغۇرتا شىركىتى ئاچىدۇ. ئۇ سۇغۇرتا شىركىتى ئېچىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇنىڭ بىر تۇغقان ئاكىسى رازى شاشماز، ئىستانبولدىكى كىنو-فىلىم ئىشلەيدىغان شىركەت يەنى ھازىرقى فانا شىركىتىنىڭ ،بۇرۇنقى ئورنىدا ، خىزمەت قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىركەتتە رىژىسورلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۈركىينىڭ داڭلىق رىژىسورى ئوسمان سىناۋ ئەپەندى، ئۈزىنىڭ ۋەزىيەت توغىرىىسىدا بىر سىياسى مەزمۇندىكى كىنو ئىشلەش ئۇيى بارلىقىنى ، بۇنىڭغا بىرەر ياخشى ئەسەر تاپالماي قېلىۋاتقىنىنى رازى شاشمازغا ئېيتىدۇ، ھەممىزگە ئايان "11-سىنتەبىر ۋەقەسى " يۈز بەرگەندىن كىيىن ، پۈتۈن دۇنيا سىياسىتىدە باشقىچە ھالەت شەكىللەندى. ئامىرىكا ئۈزىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەنپەتىنى كۆزلەپ ، تېروروزىمغا بىر پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى چېتىۋىلىپ ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا ئازار بەردى. ئىسلام ئەللىرىگە يەنى ، ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئەرەپ ئەللىرىگە قارىتا ،دىپلۇماتىك سىياسەت جەھەتتىنمۇ زور چەتكە قاقىدىغان بىر قاتار قۇبۇل قىلغۇسىز ھەرىكەتلەرنى قىلدى، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ،ئافغانىستان ئۇرۇشى ، ئىراق ئۇرىشىنى قوزغاپ ، ئوتتۇرا شەرىقتە مىسلى كۈرۈلمىگەن، ئاپەت خارەكتىرلىك، قىلمىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. شۇنداق پەيىتتە، تۈركىيە ھۈكۈمىتىنىڭمۇ سىياسى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىشى يۈزبەرگىنى ئەمىليەت ئىدى. رازى شاشماز مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ " كۇرىتلار ۋادىسى "تىمىسىدىكى، بۇ سناريىسىنى يېزىپ چىقىپ ، ئوسمان سىناۋغا كۆرسەتكەندىن كىيىن ، ئوسمان سىناۋ ئەپەندى بۇ قەدەر قىزىقارلىق ، جەلىپ قىلىش كۈچى زور ، ئەسەرگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بىرىدۇ ،بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، بۇ ئەسەرگە قاتتىق مەھلىيا بۇلۇپ قالىدۇ ، ھەم ئۈزى باش بۇلۇپ ، بۇ ئەسەرنى كىنو قىلىپ ئىشلەشكە بەل باغلايدۇ، دەپ ئۆتكىنىمىزدەك شۇنداق ۋاقىتلاردا، نىجاتى شاشماز ئۆز ئاكىسى رازى شاشمازنىڭ ۋاستىسىدا ئوسمان سىناۋ ئەپەندى بىلەن تۇنۇشۇپ قالىدۇ . بۇ يىگىتنى كۆرگەن ئوسمان ئەپەندى ،ئۇزاقتىن بىرى خىيال قىلىپ كىلىۋاتقان مەزكۇر فىلىمنىڭ باش رولىغا، قانداقتۇر تۈركىيەدىكى داڭلق كەسپى ئارتىسلارنى ( پۇلات ئالېمدارنىڭ رۇلىغا )تەكلىپ قىلماستىن ، مۇشۇ يىگىتنى تەكلىپ قىلىدۇ . ئاكتىيورلۇق ئىشىدىن تۇلۇق خەۋىرى بولمىغان ،نىجاتى شاشماز بۇ تەلەپنى دەمالىققا قۇبۇل قىلمايدۇ . ئەمما بىر قاتار ئەمىلى شارائىتنى ۋە سىناريىنىڭ تۇلۇق قىسمىنى كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن بۇ شەخىس رۇلىنى ئېلىشقا كۆزيىتىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئايدىن كىيىن ئوسمان سىناۋ ئەپەندىمگە ،ئاكىسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇ فىلىمگە قاتنىشىش تەكلىۋىگە ماقۇللۇق بىلدۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەممە تەييارلىق پۈتكەندە ، 2003-يىلى 15-يانۋار بۇ فىلىمنىڭ بىرىنجى قىسمى سۈرەتكە ئىلىنىشقا باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ئىشلىنىۋاتىدۇ . دەل مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشنى بېشىدن كەچۈرگەن بۇ يىگىت ،نىجاتى شاشماز فىلىم قۇيۇلغاندىن كىيىن ،پۈتۈن تۈركىيە جەمىيتىدە بىراقلا باش كۈتۈرۈپ چىقىپ ، تۈركىيە خەلىقىنىڭ ئەڭ كۈڭۈل بۈلىدىغان قىززىق تىمىسىغا ئايلاندى. بۇ فىلىم تارقىتىلغاندىن كىيىن پەقەت تۇركىيە جەمىيتىدىلا ئەمەس پۈتۈن ئىسلام ئەللىرى ۋە تۈرىك ئەللىرىگە تارقىلىپ زور داغدۇغا قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنياۋى تىللاردىن ئىنگىلىز تىلى ،نىمىس تىلى ھەم ئەرەپ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ كىيىن ياۋۇرپا ئەللىرىدىمۇ تۈرىك جەمىيتىنىڭ مۇستەقىل ئىددىيىسىگە ھەقىقەتەن شاھىت بۇلالىغان قىياپەتتە، ئىشلەنگەن مەزكۇر فىلىمگە ۋە ئارتېسلارغا بۇلۇپمۇ نىجاتى شاشمازغا يۇقىرى باھا بەردى. فىلىمگە قاتناشقان ئارتىسلارنىڭ ، بۇلۇپمۇ باش قەھىرىمان پۇلات ئالېمدار رۇلىدىكى نىجاتى شاشمازنىڭ ئىناۋىتى پۈتۈن دۇنياغا تارالدى. ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇردېغىنى –نىجاتى شاشماز بۇ رولنى ئېلىپ مۇۋەپىقىيەت قازانغاندىن كىيىن ئۇنىڭ پۈتۈن تۈركىيە خەلقى بىلىدىغان ھەقىقى ئىسمى نىجاتى شاشماز تاشلىنىپ قېلىپ، پۇلات ئالېمدار نامى بىلەن باشقىدىن تۇنۇلدى، ھەتتا تۈركىيە زۇڭلىسىنىڭ ئايالى يەنى تۈركىيە باش خانىم ئامىنە ئەردۇغان خانىممۇ بۇ يىگىتنى قۇبۇل قىلپ كۈرەشكەندە پۇلات ئىسمى بىلەن ئاتاپ ئۇنىڭ تۈركىيە جەمىيتىدىكى سەل چاغلىىغۇسىز رۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. پەقەت تۈركىيە بىلەنلا چەكلەنمەستىن پۈتۈن ئىسلام ئەللىرى ۋە تۈرىك دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى تەبىقە شەخىسلىرىنىمۇ ھەم جەمىيەتتىكى ھەر ساھەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئادەملەرنىڭمۇ كۈڭۈل تۈرىدىن ئۇرۇن ئېلىپ ، بىراقلا ھەقىقى نام قازاندى . ھازىر پۈتۈن ئوتتۇرا شەرىق ، ياۋۇرپا ، مەركىزى ئاسىيا، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ،ئەرەپ ئەللىرى قاتارلىق ياۋۇرۇ –ئاسىيا رايۇنىدا، نىجاتى شاشمازنى يەنى پۇلات ئالېمدارنى تۇنۇمايدىغان ھېچقانداق ئادەم بولمىسا كىرەك. بۇ فىلىم پەقەت ئىجتىمائى ئۈنۈم يارىتىش بىلانلا چەكلەنمەستىن ،يۇقىرى بولغان ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتتى . يەنى، فىلىمنىڭ بىر بۈلىكى بولغان "كۇرىتلار ۋادىسى ئىراق" فىلىمىگىلا سېلىنىغان 10مىليۇن دوللارغا يىقىن مەبلەغ ،23 مىليۇن دوللارلىق پايدا بىلەن چىقىرۋىلىنىپ، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا 33 مىليۇندىن دوللاردىن ھالقىغان ئقتىسادى دارامەتنى، پەقەت پانا –فلىم شىركىتىگىلا يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلان ۋە تەشۋىقات ساھەسىدىمۇ، نىجاتى شاشمازنىڭ يارقىن ئوبىرازى ئىپادىلەنگەن رەسىملىرى كۆپلەپ بارلىققا كىلىپ ، بۇ شەخىسنىڭ ھاياتىنى تامامەن ئۆزگەرىتتى.

سەمىمى ، كىچىك پېئىل نىجاتى شاشماز بۇ جەھەتتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ" مەن بۇ قەدەر تۇرمۇشۇمنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ، ھازىر كۈنلىرىم بىلەن ئىلگىرى كۈنلىرىمنى سېلىشتۇرۇش ئىنتايىن قىيىن ، مەن پەقەت ئانا يۇرتۇم ئېلئازىگدا ۋە ئەنقەرەدىكى بۇرۇن سۇغۇرتا تىجارىتى قىلغان جايلىرىمدا ، ئۆز ئىسمىم نىجاتى شاشماز بىلەن چاقىرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە جايدا ، يەنى ئىستانبول قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسدە، مىنى پۇلات ئالېمدار دەپ چاقىرىدۇ. مەن كۈرۈرمەنلەرنىڭ مىنى مۇشۇنچىلىك ياقتۇردىغانلىقىدىن مىننەتدار، ھازىر مىنى ئەتراپىمدىكى دوسلىرىممۇ پۇلات ئالىمدار دەپ چاقىرىدىغان بۇلۇشتى. مەن بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن،گەرچە پۇلات ئالىمدار ئوبىرازىنى ياراتقان بولساممۇ ، بىزنىڭ مۇشۇنداق شەخىسلىرىمىز ھەقىقى قەھىرىماندۇر ، مەنمۇ ئۈزۈم باش بۇلۇپ ئوبىرازىنى ياراتقان پۇلات ئالېمدارنى قاتتىق ھۆرمەتلەيمەن" . مانا بۇ بۇيىگىتنىڭ ئۈزى ھەققىدە ئېيىتقان سۆزلىرى. يەنە قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمىزكى، نىجاتى شاشماز ھازىر ئەرەپ، تۈرىك خەلقىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى.بۇلۇپمۇ تۈركىيە يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ يىقىندىن قوللىشىغا ۋە ھەتتا تۈركىيە ئەلباشى زۇڭتۇڭ ئەردۇغاننىڭ ماختىشىغا ، باش خانىم ئامىنە ئەردۇغاننىڭ بىۋاستە قۇبۇل قىلىشىغا ، ئابدۇللا گۈلنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ، ئىستانبۇل ۋالىيسىنىڭ ھەقىقى قوللىشىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇ سەۋەبتىن نىجاتى شاشماز ھازىر بۇرۇنقى ئاددى بىر پۇقىرادىن ،پۈتۈن تۈركىيە خەلقى تۇنۇيدىغان مەنىۋى قەھىرىمانغا ئايلانسا ،مەزكۇر قەھىرىمان پۇلات ئالېمدار ئوبىرازىنى ئىكىراندا مۇۋەپىقىيەتلىك ياراتقان نىجاتى شاشماز ئالاھىدە قوغدىلىدىغان نۇپۇزلۇق شەخىسكە ئايلاندى .


بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، ياۋرۇ –ئاسىيا رايۇنىدىكى مەزكۇر فىلىم مەستانىلىرى ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتكەن يىگىتلەر نەزىرىدە، كىنودا ئالغان ئەركەكتەك مەردانە ، ئەقىللىق ئوبىرازى ئارقىلىق ، سۈيۈملۈك ئاغىسىغا ئايلانسا ، مەزكۇر رايۇندىكى قىزلارنىڭ نەزىرىدە ، ئاق ئاتلىق شاھزادىسىنىڭ ئوبىرازىغا ئايلىنىپ بولدى. (ئەسكەرتىش بۇنى سىز پانا فىلىم تورىدىكى مۇنازىرىگە كىرىپ، نىجاتى شاشمازنىڭ تەرجىمىھالىگە ئاتاپ قايتۇرۇلغان 608 بەت جەمىئى 5472پارچە ئىنكاستىن ھىس قىلالايسىز). بىزنىڭ جەمىيتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ، بۇفىلىم تۇلۇق كىرىپ تەرجىمە قىلىنمىغىنى بىلەن ، تور ، ئىلان سودىسى قاتارلىق مۇھىم جەھەتلەردە، پۇلاتنىڭ يارقىن سىماسى چۈشۈرۈلگەن ئىلانلارنى، باش سۈرەتلەرنى ناھايتى كۆپ ئۇچىرىتىمىز. دىمەك بۇ رولنى ياراتقان شەخىس نىجاتى شاشماز بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق كاتتا نەتىجىلەرنى يارىتىش بىلەن بىرگە، يەنە داۋاملىق "كۇرىتلار ۋادىسى پۇسۇ (تۇزاق)"فىلىمىنى ئىشلەۋاتىدۇ. ھەم باھادېر ئۆزدىنىر پۈتتۈرۈپ چىققان كىنو سىناريىسى "كورىتلار ۋادىسى پەلەستىن "فىلىمىنى ،مۇۋەپىقىيەتلىك ئىشلەپ بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. دىمەك مەزكۇر شەخىس تۈرىك كىنوچىلىقى ۋە دۇنيا كىنوچىلىقىدا ئۈزىگە خاس بولغان تۈرىك قەھىرىمانى پۇلات
ئالېمدار ئوبىرازنى مۇۋەپىقىيەتلىك يارىتىپ، ھەممە ئىتىراپ قىلغان ، ئاسىيادىكى كاتتا شەخىسكە ئايلاندى. hrm<!uKn
تۈۋەندە تۈركىيە ئەلباشى ئەردۇغاننىڭ خانىمى يەنى تۈركىيە باش خانىمى ئامىنە ئەردۇغاننىنىڭ نىجاتىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىتلىرىدىكى سۈرەتلەر بىرىلدى.
نىجاتى شاشماز مۇۋەپىقىيەتلىك ياراتقان شەخىس پۇلات ئالېمدارنىڭ كىنودىكى ئارتۇقچىلىقى ۋە سالاھىيتى قانداق ؟ l n\qvD_
يۇقۇردا بىز رىئاللىقتىكى مەزكۇر فىلىم"كۇرىتلار ۋادىسى "فىلىمىدىكى پۇلات ئالېمدارنىڭ رۇلىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ياراتقان شەخىس نىجاتى شاشماز( يەنى مۇھەممەت نىجاتى شاشماز) توغىرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتتۈق ، ئەمدى بىز نەزىرىمىزنى كىنودىكى باش قەھىرىمان پۇلات ئالېمدارغا قارىتىپ باقايلى ، پۇلات ئالېمدار بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك "كۇرىتلار ۋادىسى " ھەرىكەت پىلانىدا يوق قىلىنىدىغان باش شەخىس مەھمۇت قارا خانلى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ تۇغۇلغاندا ئۇنىڭغا ئىپى قارا خانلى دەپ ئىسىم قۇيۇلغان ، بالىلىق ۋاقتىدا ( تەخمىنەن 4يېشىدىن 6 يېشىغىچە بولغان دەۋىرىدە )دۆلەت تەرىپىدىن ،ئىنتايىن مەخپى تۈستە ئېلىپ قېچىلغان .ئۇ ئېلىپ قېچىلغاندىن كىيىن ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇيىنچە، ئىستانبولدىكى مەلۇم دارلى تامغا يەنى شۇ دارلى تامدىكى ساباھەت خانىمغا تاپشۇرۇلغان. شۇنڭ بىلەن بىرگە ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە كۈزىتىشى ۋە بارلىق ئائىلىلەرنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنى سىتاستىكا قىلىپ ،ئىجتىمائى ئەھۋالىنى دەڭسەپ كۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ، شۇ رايۇندا ياشىغۇچى، پۈتۈن خەلق ئۈچۈن ئۆلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، ئەخلاق پەزىلەتتە ۋايىغا يەتكەن، دىنى ۋە ئىجتىمائى ئىلىم ساھەسىدە تۇنۇلغان ،ئىنتايىن مىھىرىبان، پەرزەنتى يوق بولغان ئائىلە، ئۈمەرجاندان مۇئەززىنىنىڭ ئائىلىسىگە ،ياخشى ئۈسۈپ يىتىلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن نىشانلانغان. ھەم مۇشۇ نىشان بۇيىنچە ساباھەت خانىم ۋە ئارېسلان ئاكبېينىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىنچە ئىپى قارا خانلى، ئۈمەر مۇئەززىن ئائىلىسىگە ئەلى ئىسمى بىلەن سالامەت تاپشۇرۇلۇپ بىرىلىدۇ. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسى مەقسەت: بۇ بالىنى ناھايتى ياخشى بولغان پەزىلەتلىك ، ئۈلگىلىك ئائىلىدە، ئائىلە تەربىيسىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىدى. نەتىجىدە ئەلى، ئۈمەر ئاتىنىڭ ۋە نەزىفە ئانىنىڭ بىردىنبىر يالغۇز پەرزەنتى بۇلۇپ بىقىلىدۇ، راستىن دىگەندەك، ئۇ بۇ جەرياندا گەرچە ئېلىپ قېچىلغاندىكى غۇۋۋا ئەسلىمىسىنى بەزىدە ئەسلەپ قالسىمۇ ،بۇ ئائىلىنىڭ ھەقىقى بىردىنبىر پەرزەنتىگە ئايلىنىپ ،بۇ ئائىلىدىكى پەزىلەتلىك، ئىلىم –سۈيەر، ياخشى مۇھىتىدا كۆزلىگەن نىشان ئۈچۈن ئۈزىدە دەسلەپكى تەربىيلىنىشنىڭ ئاساسىنى يىتىشتۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئارېسلان ئاكبېي بىۋاستە ئەلىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئۇستازىغا ئايلىنىپ ،ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت بىلدۈرۈش كىرەك بولغان، ۋەتەن سۈيۈش، مىللەت سۈيۈش، ئاۋامنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى تەربىيەنى چوڭقۇر سىڭدۈرىدۇ.

ئۇ مۇشۇ تەرىقىدە بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن ،بىۋاستە دۆلەتنىڭ پىلانى بۇيىنچە ئالاھىدە خادىملىققا تاللىنىپ ،ھەربى مەشىق ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت خادىمى بىلىشكە تىگىشلىك بارلىق بىلىملەر بىلەن تەربىيلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېڭىدا شەكىللەنگىنى "دۆلىتىم ئۈچۈن،مىللىتىم جاندىن پىدامەن "دىگەن غايە بۇلۇپ ، ئۇ ھاياتىدىكى مۇھىم دەۋىر " بىر قانچە يىللىق تەربىيلىنىش ۋە ھەربى مەشىق ، جانبازلىق بىلىملىرى ، كۆپ دۆلەت تىللىرىنى ئۈگىنىش ،شۇنداقلا ئالاھىدە مەرگەنلىك بىلىملىرىنى مەشىق قىلىش "تىن ئىبارەت بارلىق قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ۋە ئۇقۇۋاتقان تەرەپلىرىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەيدۇ. بۇنى پەقەت دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ئارېسلان ئاكبىيلا بىلەتتى ۋە شۇ ئۇرۇنلاشتۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ سالاھىيتىنى بېقىپ چوڭ قىلغان مىھىربان دادىسى ئۆمەر ئاتا ۋە مىھىربان ئانىسى نەزىفە خانىم ، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن قىزى ئېلىف ئېيلۇل ۋە جان-جىگەر دوستى ھىكمەتمۇ پەقەت بىلمەيىتتى. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت ئەنقەرە سىياسى قانۇن مەكتىۋىدە ئۇقۇغان ، كوسوۋۇدا ياردەمچى دېپلۇمات دىگەن كىچىككىنە ئىككى خىل ئۇچۇر ئىدى. ھەممە پۇرسەت پىشىپ يىتىلگەندىن كىيىن ،ئارېسلان ئاكبىيغا ئاخىرى "كۇرىتلار ۋادىسى " ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قۇيۇش توغىرىسىدىكى ، z&WtPSyGj
دۆلەتنىڭ مەخپى بۇيرۇقى چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارېسلان ئاكبىي ئەلىنى كوسوۋۇدىن ياندۇرۇپ ئەكىلىپ ، مەزكۇر ھەرىكەت پىلانىنى ۋە چۈشكەن بۇيرۇقنى ئىجىرا ئېتىش زۈرۈر ئىكەنلىكىنى ، بىرىنجى قەدەمدە ئۇنىڭغا ئەلى جانداننىڭ پۈتۈن ھاياتى ئاخىرلاشقانلىقى، ئۇنىڭ پۇلات ئالېمدار سالاھىيتى بىلەن مەزكۇر "كۇرىتلار ۋادىسى "ھەرىكىتىگە قاتنىشىدغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. {#ynN`tLyF
بۇ ھەرىكەتكە كىرىشتە ئەلىگە ئېغىر كىلىدىغان تەرەپ ، ئۇ پۈتۈن خاتىرىسىدىن ۋاز كېچىپ ،پۇلات ئالېمدار نامىدا ئىش قىلغاندا، بارلىق ئەسلىمىلىرى –يەنى ئاتا-ئانىسى ،سۆيگەن قېزى، دوسىت بۇرادەر يارەنلىرى ھەممىسىنىڭ تۇلۇق يوق بۇلىشى بۇلۇپ ، قىلماي دىسە ئۇنى "دۆلەت ،مىللەت ئۈچۈن ئىسسق جىنىم پىدا " دىگەن غايە قېينايدىغان بۇلۇپ، بۇ يىگىت مىللەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ ئالى مەنپەتى ئۈچۈن يەنىلا ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى قۇبۇل قىلىپ ، بۇ ھەرىكەتكە پۇلات ئالېمدار سالاھىيتى بىلەن كىرىشىدۇ. فىلىمنىڭ باشلىنىش تۈگۈنچىسى ،مۇشۇ ئاساسى مەسىلە بۇلۇپ ، پۈتۈن فىلىمدە پۇلات ئالېمدارنىڭ بۇ ھەرىكەتنى ئۇرۇنلاش جەريانىدا دۇچ كىلىدىغان تۈرلۈك خىرىسلىرى ، ئارلىشىدىغان ئادەملىرى ، ئۇ ياشىغان قارا جەمىئەت ئادەملىرى ئىچىدىكى تۈرلۈك ھايات كارتىنىلىرى ۋە ئۇ ھەل قىلىدىغان ئەمەلى قىيىنچىلىقلار ، ھەم ئىجتىمائى ھاياتىدىكى، ئۈزى ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئاتا-ئانىسى ، مۇھەببىتى دوسلىرى بىلەن ئارلىشىپ ئۈتۈش جەريانىدىكى يىڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇللىرى تەبىئى بىرلەشتۈرلۈپ ، پۇلات ئالېمدارنىڭ ھەقىقى ئەركەكتەك ، ۋېجدانلىق، باتۇر، كەسكىن، قابىليەتلىك ، تەشكىلچان ،ئەخلاقلىق، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ھەرقانداق يامان ۋەزىيەتتىن ئاسان چىقىپ كىتەلەيدىغان ، ئەزىمەت سۈپەت بىر ئالاھىدە خادىم ئوبىرازى نامايەن قىلىنىدۇ
lH;V9D^
ئادەمنى ئەڭ تەسىرلەندۈرۈپ قايىل قىلىدىغىنى -پۇلات ئالېمداردىكى ساداقەتمەنلىك، باتۇرلۇق، تەشكىلچانلىق، ئەخلاق، ۋاپادارلىق،قەھىرمانلىق جەھەتتە يىتىشكەن
كەمكۈتسىز ئوبىرازى بىلەن بىرگە بىر دۆلەت ئالاھىدە خادىمىدا بۇلۇشقا تىگىشىلىك مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلايدىغان ئىنتىزامچان ئىستىل ،ھەمدە دادىل ئۆز ئالدىغا ~_-]>SI
مۇستەقىل قارار چىقىرالايدىغان ئەزىمەت سۈپەت خارەكتىر بۇلۇپ، ئۇ بۇخىل تالانتىنى،ھەر قەدەمدە بىر نامايەن قىلىپ ، ئەڭ ئاخىرى ھەممە دوسىتلىرى ۋە دۈشمەنلىرى ئالدىدا يۈكسەك ئىناۋەت تاپىدىغان كاتتا رىئاللىقى ھىسابلىنىدۇ. بىر پۈتۈن كىنودا پۇلاتنىڭ مۇنداق خارەكتىرىنى ئىپادىلەيدىغان تەرەپلىرى ناھايتى كۆپ. شۇنداقتىمۇ بىز تۈۋەندىكى بىر قاتار مىساللارنى كەلتۈرمەكچىمىز. 1)ئۇ دائىملىق تەكىتلەيدىغان "ھەممە ئىشنىڭ ۋە ھەممە نەرسىنىڭ ئاخىرىنى ئويلىغان قەھىرمان بۇلالمايدۇ"دىگەن قەھىرمانلىق قارىشى تۇلىمۇ ئۆزگىچە، تەۋەككۈلچى قىزىققان تۈرىك خەلىقىنىڭ قەھىرمان تۇنۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن . 2) ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئۆز-ئارا بېغىشلاستىكى تۇنۇشىنى ئەسكەرىتكەندە "ماڭا بىرئۈچۈن بىرى ئۈلىدىغان ئادەملەر ئەمەس بەلكى بىرى ئۈچۈن بىرى ياشايدىغان كىشىلەر لازىم" دىگەن تەلىۋىدىن ، ئادەملىرىدە يىتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك مۇھىم قۇربان بىرىشنىڭ نىمىلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. 3)دۈشمەنلىرىگە تۇتقان پۇزىتيسىيەسىدە "مەن ئۈچۈن ھاياتىڭ ئارقىلىق خىزمەت قىلمىساڭ ئۈلۈمىڭ ئارقىلىق خىزمەت قىلىسەن" دىگەن مەغرۇر سۆزلىرىدىن، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئالدىدا قەتئى تەمىتىرمەيدىغان ، تۇلۇق ئىشەنچىگە ئىگە ئەزىمەتلىكىنى كۈرىۋىلىشقا بۇلىدۇ. 4)ئۇنىڭ ساداقەتمەلىكىنى ئۇ قىلىۋاتقان سۆزدىن ئەمەس بەلكى ئىشتىن تېخىمۇ ئىنىق كۈرىۋىلىشقا بۇلىدۇ . يەنى ئۇ دەسلەپ پىلان بۇيىنچە سۇلايمان چاكىرنىڭ يېنىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ بىلەن ناھايتى يىقىن ئاغا-ئىنىلەرگە ئايلىنىپ كىتىدۇ، بۇلۇپمۇ پۇلاتنىڭ يۇقىرى ئىستىداتى، باتۇرلىقى، ئەقىلنىڭ پاكىزلىكى ، ناھايتى ياش ساداقەتمەنلىكى –مەزكۇر مەردانە ، قارىماققا قاتتىق چۇس مىجەز بولغىنى بىلەن دىلى ناھايتى يۇمشاق، مىھىربان، غورۇرلۇق ئاتامان سۇلايمان چاكىرغا ناھايتى يېقىپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن سۇلايمان چاكىرنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ تىگىدە، بۇ يىگىتنىڭ ھەقىقى ئىشەنچىلىك ئوبىرازى يىتىلىپ ، ئۇنىڭغا تۇلۇق ئىشىنىدۇ، ھەم پۇرسەت تاپسىلا پۇلات بىلەن بىرگە كۈڭۈل ئېچىش ۋە ھەرخىك پائالىيەتلەردە دائىم بىللە بۇلىدۇ. بۇنداق ئىسىل پەزىلەتتىن تەسىرلەنگەن پۇلاتمۇ بۇ كىشىنى ناھايتى يىقىن قېرىندىشى سۈپىتىدە كۈرۈپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا جان دىلى بىلەن ياردەملىشىدۇ. سۇلايمان چاكىر ھايات ۋاقتىدا كېڭەش تەرىپىدىن ، ئىستانبول شەھىرىنىڭ ھەممە قارا جەمىيەت كۈچلىرىگە تۇلۇق ئاتامانلىق قىلىش ۋەزىپىسى چۈشكەندە ، بۇ شەھەردىكى باشقا قارا جەمىئەت گوروھلىرىمۇ چۇقۇم پارچە ھالەتتىن بىرىكىپ ، سۇلايمان چاكىرنىڭ ئىتائىتىگە كۈنۈش بەلگىلەنگەنئىدى. ئەمما بۇ شەھەرنىڭ جەنۇبىنى كونتىرول قىلىپ كىلىۋاتقان ،جەرراھ پاششالىق ئاكا-ئۇكىلار بۇ ئىشتىن باش تارىتىدۇ. نەتىجىدە سۇلايمان چاكېر ئۇرۇنلاشتۇرىشىنى قىلچە كۆزگە ئىلماستىن ، ئۈزىنى كاتتا ساناپ ،سۇلايمان چاكىرغا بىھۆرمەتسىزلىك نەزىرى بىلەن خىرىس قىلىپ ،تىرىسىگە پاتماي قالغاندا ،پۇلات ئالېمدارنىڭ بىر ئەينەك پارچىسى بىلەن مىت قىلماستىن ،بۇ ھۆرمەتسىزلىك قىلغان خالىدنىڭ ئىنىسىنى بۇغۇزلىۋىتىشى ، يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇلايمان چاكىرنى قەسىتلىگەن ۋە ئۇنىڭغا كۆنمىگەن كىشىلەرنىڭ يەنى 6 نەپەر ئاساسلىق ئۇنسۇرنىڭ جېنىنى ،دۆلەت بۇيرۇق قىلمىغان شارائىتتىمۇ ، سۇلايمان چاكىرنىڭ تىنى سۇۋۇپ بولغۇچە ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىشى ، بۇنىڭدىكى نەقەردەر ئۇلۇغ قەھىرمانلىق ۋە ئۆزى خالىغان پەيىتتە قىلالايدىغان ئەڭ كاتتا ساداقەتمەنلىك ھىسابلىنىدۇ. ھەم ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز-ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇغقان دوسىت يارەنلىرىگە تۇتقان كاتتا مۇھەببىتى ئادەمنى يەنىلا تەسىرلەندۈرىدۇ. پۇلات ئالىمدارغا بۇ يەردە بىر قانچىلىغان تۈستە باھا بىرىش تۇلىمۇ ئاجىزلىق، دىمەك لازىمكى ئۇ ھەقىقەتەن مۇۋەپىقىيەتلىك يارىتلىغان، قەھىرمانلىقنىڭ، باتۇرلۇقنىڭ ، ئەقلىچان ، ياش بىر تۈرىك ئەۋلادىنىڭ ئوبىرازىدۇر. 5) ئۆز قۇل ئاستىدىكىلەرگە تۇتىدىغان سۈرلۈك، مىھىربان، مەسئۇلىيەتچان پۇزىتسىيەسى ، بۇ يەردە بىز چۈشەنچىنى مامات يەنى مېماتى باشنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن چۈشىنىشمىز "پۇلات ئاغا شۇنداق ئادەمكى ئۆز يىقىنلىرىنىڭ ياكى ئۆزى ھۆرمەتلىگەن ئادەملىرىنىڭ ئىشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا قارشى چىقىدۇ ""پۇلات ئاغا سىلەرنى ياخشى ئادەم بولسۇن دەپ پۇرسەت ياراتتى، خۇدا ئالدىدا قەسەم بىرىڭلاركى، ئاغىمىزنى شەرمەندە قىلمىغايسىزلەر" دىگەندەك سۆزلىرىمۇ مىسال بۇلالايدۇ. 6)پۈتۈن تۇركىيەخەلقى پۇلات ئالىمدارنى ھەقىقى تۈركىيە قەھىرمانى دەپ قارايدۇ ، شۇ سەۋەبتىن بۇ شەخىسنىڭ مەنىۋى ئوبىرازىمۇ ھەقىقى تۈركىيە قەھىرمانىدۇر . قىسقى بۇ شەخىس ھەر قايسى تەرەپتىن ئۈلگىلىك شەخىستۇر. h~m,0nGO
ئارېسلان ئاكبېي ۋە دۇغۇبېك ئوبىرازى ھەققىدە تەھلىل . |DV?5>>
ئارېسلان ئاكبىي بولسا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە خادىملىرىنى يىتىشتۈرۈش ۋە شۇ خىزمەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش قارمىقىنىڭ پەۋقۇلئاددە خادىمى ، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاددى –ساددا ھالەتتىكى يۈرۈش تۇرىشى ۋە ۋەزىپە بىجىرىشتىكى ناھايتى كاتتا پاراسىتى ئادەمنى بەكرەك جەلىپ قىلىدۇ . ئۇنىڭ بىر پۈتۈن روھىدىن تۈركىيە ئالاھىدە خادىم مەھكىمىسىدىكى غوللۇق ئەزالارنىڭ، ناھايتى چىن ھالدىكى ئەمىليىتىنى كۈرىۋىلىش ئاسان. قىسقىسى، بۇ شەخىسنىڭ تالانتىغا شاھىت بۇلىدىغىنى ،ھەر ۋاقىت ئىشنى تۇلۇق پۇختا ئۇرۇنلاش ۋە ھەتتا ئۆزى ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىنكى ئىشلارنىمۇ، ھايات ۋاقتىدا ناھايتى ئەستائىدىل ۋە تەپسىلى ئۇرۇنلاشتۇرۋىلىش . ئاددى خەلق ئارىسىدا ياشاپ ، ئالاھىدە خىزمەتكە قۇماندانلىق قىلىش، باشتىن-ئاخىرى سالاھىيتىنى ناھايتى چىڭ ساقلاپ كىلىش. ئاددىيسى ھايات- ماماتىدىكى ئۈزىگە تەۋەللۇق قىلى ھاياتىنى دۆلەتكە مىللەتكە سەرىپ ئىتىشى ، ماماتىنى بولسا ئۆلگەندىن كىيىنمۇ دۆلەتكە ئاۋارىچىلىق تىپىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزىگە تەۋە قىلىش، ئۈزىنىڭ دۆلەت خادىمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت دەلىل ئىسپاتنىڭ ھەممىنى يۇقىتىپ ، ئۈن-تىنسىز قوشقان تۆھپىسى بىلەن كۇپايىلىنىشتىن ئىبارەت يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەر ئىرادىسىنى كۈرىۋىلىش مۇمكىن. ئەمدى دۇغۇبېك بولسا ئارېسلاننىڭمۇ ھەرىكىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان كاتتا دۆلەت ئەربابى بۇلۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى تۈركىيە خەلىقىنىڭ ۋە دۆلىتىنىڭ نەقەدەر پاكىزە ۋە نەقەدەر ساپلىقى ئادەمنى تېخىمۇ مەمنۇن قىلىدۇ. ئۇ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى دۆلەت مىللەت ئۈچۈن ئاتىغانلىقى ناھايتى چىن مەنىدە ئەكىس ئېتىپ، كىنوغا تېخىمۇ چىن ۋە ھەقىقى تۈس بىرىشكە سەۋەب بۇلىدۇ. `XhH{*Q"X
سۇلايمان چاكېر ۋە سىڭلىسى دەريا چاكىرھەققىدە .

سۇلايمان چاكېر ھەققىدە توختۇلۇشتىن بۇرۇن ، ئاۋۋال سۇلايمان چاكېر رۇلىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ياراتقان تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئارتىسى، ئوكتاي كانتارجى توغىرىسىدا ئازىراق توختىلىپ ئۈتۈش زۈرۈر. بىزنىڭ ھازىرقى جەمىيتىمىزدە ئوكتاي كانتارجى باش رول ئالغان" ئادانالىق" فىلىمى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، كەڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ياقتۇرۇپ كۈرۈلىدىغان فىلىمگە ئايلاندى. ئەمدى بۇ كىشىنىڭ بۇ ئۇبىرازىدىن باشقا مەزكۇر فىلىم "كۇرىتلار ۋادىسى "دىكى ئوبىرازىمۇ "ئادانالىق "فىلىمىدىكى ئوبىرازىنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ھەرگىز ئۇنىڭدىن قىلىشمايدۇ. نىمىشقا دىگەندە –گەرچە بۇ فىلىمنىڭ ئالدىنقى 44 بۈلىمىدە رول ئېلىپ ، قايتا پەيدا بولمىسىمۇ لېكىن شۇ 44 بۈلۈم ئىچىدە ئاساسلىق رولنى ئالغان ئوكتاي كانتارجى ،سۇلايمان چاكېر رۇلىنى شۇنچىلىك مۇۋەپىقىيەتلىك ياراتقانكى ،پۈتۈن كىنونى تەپسىلى كۈرۈپ چىققاندا، بۇ شەخىسنىڭ كۈرۈمەنلەرگە بىرىدىغان تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى ۋە ئۇنتۇلماستۇر. سۇلايمان چاكېرنى تىلغا ئېلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى -ئۇنىڭ چېھرىدىن ، مېھرىدىن ، چۇس مەردانە مىجەزىدىن ، ساداقەتمەنلىكىدىن ، ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن، قول ئاستىدىكىلەرگە تۇتىدىغان ئاجايىپ ئېسىل مۇئامىلىسىدىن، سىڭلى دەريانى ئانا –دادا ئورنىدا كۈرۈپ ھۆرمەتلىشىدىن ،ئېلىف ئېيلۇلنىڭ ئىنىسى يەنى ئېرران ئېيلۇلنى تۈرمىدە ئۆز قېرىنىدىشى كۈرۈپ تەربىيلىشىدىن ،پۇلات ئالىمدارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىنىسى سۈپىتىدە كۈرۈپ ھۆرمەتلىشىدىن ، مېماتى باشنى ۋىجدانى بىلەن ئۆز يېنىغا تارتىپ تەربىيلىشىدىن ، دۇرران ئىممى تاغا بىلەن سەيفۇ تاغىنى ئىنتايىن چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلىشىدىن ،دۈشمەنلىرىگە تۇتىدىغان ئىنتايىن كەسكىن ،ئوتتەك غەزىپىدىن ، ئادەم راستىنلا ھاياجانغا كىلىدۇ. قارىماققا فىلىمدە قارا جەمىيەت ئاتامانى بۇلۇپ چىققان سۇلايمان چاكېرنىڭ ، ھەقىقى سالاھىيتى يامان ئىش قىلىدىغان قانۇنسىز ئىشتەك كۈرۈنسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقى ھاياتىنى ئەسلىگەندە، ئۇنىڭ قەلبىدىن پاكىزە ، ئۇنىڭ قەلبىدىن ساپ، بىرەر مەردانە ئادەمنى ئۇچىرىتىش تەسكە توختايدۇ. فىلىمدىمۇ ناھايتى ئىنىق چىقىرىلغانكى –سۇلايمان چاكېر قانداقتۇر ئۈزى خالاپ ياكى چوڭ بىلىپ قارا جەمىيەت يۇلىغا ماڭغان بولماستىن ،ئۇنىڭ كىچىكىدىن ئۈسۈپ يىتىلگىچە بولغان ئارلىقتا ،ئۇنىڭغا تۇتۇلغان جەمىيەتتىكى ئادالەتسىز مۇئامىلە ۋە يىتىم غېرىپچىلىك تەبىئىيلا ئۇنى شۇ يولغا ماڭدۇرغان . ئەگەر سۇلايمان چاكىرنىڭ مۇشۇنداق ھاياتى ئارقا كۈرىنىشى بىزنىڭ جەمىيتىمىزدىكى خالىغان بىرشەخىسكە كەلسە ،دىمەك لازىمكى ئۇ شەخىسنىڭ ھاياتى چۇقۇم تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ھالەتكە مۇپتىلا بۇلىدۇ. فىلىمدە سۇلايمان چاكىر ئۈزىنىڭ مۇشۇنداق يولغا مېڭىپ قىلىش سەۋەبىنى مۇنداق ئۈچ ئىش بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. يەنى بىرنجىسى سۇلايمان چاكىرنىڭ دادىسنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئۈزى بىلەن نامازغا تاھارەت ئالغىلى تەرەدۇت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ، تۇنجى جەمىيەتتىكى ئادالەتسىز مۇئامىلە –ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرلىشى بۇلىدۇ، ئۇنىڭغا ياندىشىپلا كەلگەن ئانىسىنىڭ ئۇزاققا قالماي كىسەل سەۋەبى تۈگەپ كىتىپ ، سۇلايمان چاكىرنىڭ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن دەۋىردىلا بىر سىڭلىسى بىلەن يىتىم غىرىپلىق يۇلىغا كىرىپ قالىشى بۇلىدۇ.ئۈچىنجىسى بولسا سۇلايمان چاكىرنىڭ تۇرمىشىنى ئاز-تۇلا كۇچىدا نەرسە كىرەك سېتىپ قانۇنلۇق تىرىكچىلىك يۇلىدا بولغاندا ، ھۈكۈمەت ساقچىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىنتايىن زەھەرخەندە مۇئامىلە قىلىشى ، سۇلايمان چاكىر ھاياتىدا چوڭ بىلىدىغان ئەڭ مۇھىم شەخىس –ئۆز سىڭلىسى دەريا چاكىرنىڭ كۆز ئالدىدىلا قاتتىق تاياق يىيىشى ،ئۇ شۇنچە يالۋۇرسىمۇ توختالمىغان ساقچىنى ئەڭ ئاخىرى ۋىجدانى مەسئۇلىيەت يۈزسىسدىن پىچاقلىشى بىلەن ئۇنىڭغا كىچىكىدىلا ھۈكۈم قىلىنغان 20 يىلغا يېقىن قاماق جازاسى بىلەن بالا جىنايەتچى دىگەن نامى ئىككىنجى قېتىملىق ھايات يۇلىنى ئۆزگەرتكەن بولسا ، ئۈچىنجىسى ئۆزگىرىش سۇلايمان چاكىرىنىڭ مەردانىلىكىدىن تەسىرلەنگەن دۇرران ئىممى تاغىنىڭ تەربىيلەپ چوڭ قىلغاندا ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كىرگەن سۇلايمان چاكىر، دۇرران تاغىنىڭ ئىنتايىن ئىللىق كۈلۈمسىرىشى بىلەن قۇلىدا كۈتۈرۈپ بولغا پىچاقنى تاشلىشى ،ئۇنىڭ قارا جەمىيەتتە ئەمەس بەلكى ۋەتەنپەرۋەر ئاتامان دۇرران تاغىنىڭ ھەقىقى مىھىرىدە يىتىلگەن شەخىس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىر پۈتۈن فىلىمنىڭ ئالدىنقى قىسمىلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سۇلايمان چاكىرسىز – بۇ فىلىم "كۇرىتلار ۋادىسى"غا باھا بىرىش سەل يەڭگىلتەكلىك ھىسابلىنىدۇ. سۇلايمان چاكىر ئوبىرازىنى مەن ئۈچ قىتىم كۈرۈش جەريانىدا شۇنداق ھەقىقى تەھلىل قىلدىمكى ئۇنىڭ فىلىمنىڭ بىرىنجى قىسمىدىلا چىقىدىغان ، زىيانداش شەخىسنى ئۈلتۈرۈش ئالدىدا دىيىلىدىغان مۇنداق بىر سۈزى بۇلۇپ ،يەنى ئۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان بۇ كىشى ئەسلى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرلىشى كىرەك بولغان مەھمۇت قارا خانلىنىڭ غالچىسى بۇلۇپ ، بۇنى ئارىسلان سۇلايمان چاكىرغا تاپشۇرىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا سۇلايمان چاكىر ھېلىقى غالچىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئالدىدا –ئۇنىڭغا" مەن كاتتا ئىشلارنى قىلغان ئادەممەن ،ئۆلتۈرسەڭ نامەرىتلىك قىلماي ئادەمدەك ئۆلتۈر "دەيدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن چاكىر بولسا " ئادەمدەك ئۈلۈش ئۈچۈن ئادەمدەك ياشاش كىرەك "دىگەن بىرلا جۈملە سۆزنى ھەدىيە قىلىدۇ .

شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ تاكى ئۈزى ئۈلۈش ئالدىدا ئېيىتقان "مىنىڭ ئۈلىشىم مەردانە بۇلۇش كىرەك ئىدى". ئەپسۇس مەن ئارىلاشقان دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ناھايتى پەسكەش كىشىلەر بولغاچقا – "ئۈلىمىم مىنىڭ ئىرادەمگە بويسۇنمىدى " دىگەن سۈزىدىكى ھايات –مامات قارىشى ئۇنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە ناھايتى مەردانە بىر ئەزىمەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ كاتتا ئىناۋىتىنى فىلىمدە پۇلات ئالېمدارمۇ ناھايتى ياخشى قىلىدۇ . ئۆمرىدە ئۆز ئۇستازى ئارىسلان ئاكبىيغا قاتتىق گەپ قىلمىغان پۇلات ئالېمدار ، پەقەت سۇلايمان چاكىرنىڭ قىساسىنى ئالغاندا ئۆلتۈرۈلگەن 6 ئادەم ئۈچۈن سۇراققا تارتىلغاندا شۇنچىلىك غەزەپلىك ۋارقىرايدۇكى" مەن قىساسىنى ئالغان ئادەم باشقا كىشى ئەمەس سۇلايمان چاكىر ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق كۈتۈپ ئولتۇرمايمەن ، مىنىڭ نەقەدەر ئازابلىق رىئاللىقنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىمنى چۈشىنشىڭىز كىرەك ئارىسلان . مەن بۇ دۆلەتتە ئىشلىمىسەم ئىشلىمەيمەنكى قېرىندىشىم سۇلايمان چاكىر ئۈلۈمىنىڭ جىنايەتچىلىرىنى يوق قىلمىغۇچە توختىمايمەن" مانا مۇشۇ مەزمۇندا قىلىنغان قاتتىق خىتابتىن ،ئارىسلانمۇ ناھايتى تەسىرلىنىدۇ . ھەم مېماتىنىڭ ئۆز ئاغىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل خا خالىدنى بۇغقاندىكى غەزىپى بىلەن ، ئۇنىڭ دائىملا "ئاغا "دىگەن ھۆرمەت سۈزىنى چۈشۈرمەسلىكى (ئۇ پۇلاتنىمۇ كۆپ ۋاققىتا ئاغا دىمەيدۇ بەلكى ئۇستا دەيدۇ ) ، ئايالى نەسىرىن چاكىرنى ۋە بالىلىرىنى ناھايتى ئۆز بىلىشى ، يەنە بىرجەھەتتىن سۇلايمان چاكىرنىڭ دۆلەتنى ۋە مىللەتنى چوڭ بىلىشى ئۇنىڭ ھۈكۈمەت سۇراقخانىسىدا تارىتقان ئازابىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن بولسا ھېچ ئىش يوقلۇقىنى ئەسكەرتىشى ، تۈركىيە جۆمھۆريىتى مىنىڭ ئۆز ئاتام ئوخشاش دىگەن قاراشلىرى ، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ سىڭلىسى بىلەن پۇلات ئالېمدار ۋە ئۇستازى دۇرران تاغا ۋە سەيفۇ ئاغىلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئىنتايىن يۇقىرى قىلىشى بىشىدا دىگەندەك بۇ شەخسىنىڭ بۇ رولنى ناھايتى ياخشى ئىلىشى بۇلۇپلا قالماي ، ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۆلمەس ئوبىراز سۇلايمان چاكىر ئوبىرازىنى ياراتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەم بۇ يەردە مۇنداق بىر ھەقىقى ئەسلىمىنى قىستۇرۇپ ئۈتىمەن، بۇ فىلىم تارقىتىلىپ ،سۇلايمان چاكىر قازا قىلغاندا كۈرىۋاتقان پۈتۈن تاماششىبىنلار شۇنچىلىك ئازابلانغانكى ھەتتا بەزىلىرى بۇ ئىشنىڭ راسىت يالغانلىقىغا كىنو فىلىم دەپ قارىماي ، راسىت ئىش دەپ قاراپ ، شۇ قەھىرمان ئۈلۈمىنىڭ سۈرۈشتۈرش ۋە ئۇنىڭغا كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بىرىش توغىرىسىدا مەھلىھەتلىشىپ كەتكەن. ئەمما قارىسا كىنو . دىمەك لازىمكى ئەمىليەتتە سۇلايمان چاكىر ئوبىرازىمۇ بۇ فىلىمدىكى يىتۈك نامايەندە. ئەمدى دەريا چاكىر سىڭلىسىمۇ ناھايتى مەردانە ، ئاقكۈڭۈل ، ئىسىل يارىتىلغان ئوبىرازدۇر. ھەم ئۇنىڭ ئامىراق ۋە دائىم دەيدىغان "نەقەدەر گۈزەل بۇ ئىستانبۇل "دىگەن سۈزىمۇ ئادەمنى ناھايتى قىزىقىشقا ۋە ئىپتىخارلىققا باشلايدۇ
\4L ur
دۇرران ئىممى تاغا بىلەن سەيفۇ تاغا ئوبىرازى . a(|6)w-
دۇران تاغىنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ئۇ فىلىمدە يەنى قىقىغىنە بىر نەچچە قىسمىدا پەيدا بۇلۇپ ، ئارېسلان ئاكبىينىڭ ئۆز قۇلى بىلەن ئېىۋىتىشى بىلەن تۈگەيدۇ. ئەمما بۇ شەخىس ئۆلۈش سەۋەبى شۇكى –دەل پۇلات ئالېمدار توغىرسىدىكى بارلىق سىرلارنى بىلىش بۇلۇپ ، بۇنى ئارىسلان ئۈزى دەپ بىرىپ ،ئۆزى ئېتىۋىتىشتىكى سەۋەب يەنىلا دۆلەت ، مىللەت ئۈچۈن ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى سىر ساقلاش سەۋەبىدىن بولغان . يەنى دۇرران تاغا دەپ ئۆتكەن سەيفۇ تاغا، سۇلايمان چاكىر ، پۇلات ئالېمدارنىڭ مۇشۇ يولىنى ئېچىپ بەرگەن ، مەنىۋى تۈۋرۈك. ئۇنىڭ ئۈلۈم ئالدىدا ئېيىتقان مۇنۇ سۈزى " ۋەتەن ئامان بولسۇن" ھەقىقى ئەركەكلىكنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدىن ئىبارەت.ھەم ئۈزى قىسقا ئىنتايىن مۇۋەپىقىيەتلىك ، كاتتا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلغان ئاجايىپ ئوبىراز ھىسابلىنىدۇ. !,$#i
ئەمدى سەيفۇ تاغا كىنودىكى ئەڭ مۇھىم بولغان پېرسۇناژلاردىن بۇلۇپ ، ياشلارنى تەربىيلەشتىكى ئۆلگىلىك كىشىدۇر. ئۇنى سۇلايمان چاكىر ۋە پۇلات ئالىمدارمۇ ناھايتى چوڭ بىلىدۇ . بۇلۇپمۇ مېماتى ئەڭ چوڭ بىلىدۇ. چۈنكى بىر پۈتۈن كىنودا پەقەت سەيفۇ تاغىلا بۇ ياشلارغا قاتتىق گەپ قىلالايدۇ ۋە قارا جەمىيەت تەدبىرلىرىنى ،ئۇسۇللىرىنى ئۈگىتىدۇ، ھەم ناھايتى ياخشى مىجەزلىك ئىسىل شەخىس بۇلۇپ ، بىزگە خۇددى كۈيۈمچان بىر ئاتىنىڭ ۋە قول ئاستىدىكى ياشلارنىڭ ئۇستاز كەبى تەسىرىنى بىرىدۇ . ئۇنىڭ ناھايتى يۇمۇرىستىك سۆزلىرى ، خاتا ئىش قىلغلاندا ھېچ قانچە يۈز قىلمايدىغانلىقى ، بىز بىلىدىغان پۇلات ۋە مېماتى ، ئېرخانلارنىڭ ئەڭ يىتۈك تەربىيچىسى ئىكەنلىكى ئادەمنى تۇلىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ . دىمەك سەيفۇ تاغا ناھايتى قەدىرلىك غورۇرنىڭ ۋە تۈرىك ئاقساقىلىنىڭ ئوبىرازىدۇر. u<Kowt<ci
مېماتى يەنى مامات باش بىلەن ئابدۇلھەي ئوبىرازى ھەققىدە
0+e=s0s.
بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەھۋالىنى مەن تۇلۇق تەسۋېرلىمىسەممۇ نۇرغۇن دوسلار بىلىدۇ ، پۇلات ئالېمدار قول ئاستىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىسلەر ۋە ناھايتى ساداقەتمەن قابىليەتلىك ، مەرىد- مەردانە شەخىسلەردۇر . بۇلۇپمۇ مېماتىنىڭ ساداقەتمەنلىكى ، ئۆز جېنىنى ئۆز ئاغىسى ۋە چۇڭى ئۈچۈن ئايىمايدىغان ، ھەقىقى ئىشىنىشكە بۇلىدىغان كاتتا پالۋان سۈپەت ئوبىرازى بىلەن مەرىد ئەزىمەتلىكى ، ئابدۇلھەينىڭ باتۇرلىقى ، ئاز گەپ قىلىدىغان خىسلىتى ، ئىشنى ناھايتى پۇختا قىلىدىغان، كەسكىن شىرمەت ئەزىمەتلىكى ،ھەر قانداق ئادەمنى سۈيۈندۈرمەي قالمايدۇ. يەنى بۇ ئىككى شەخىسنىڭ رۇلىغا چىققان گۇركان ئۇيغۇن ئەپەندى بىلەن كېنان كۇبان ئەپەندىمۇ ناھايتى تەسىرلىك شەخىسلەر بۇلۇپ ، ئابدۇلھەينىڭ ۋە مېماتىنىڭ تەسۋىرىسىز بۇ فىلىمنىڭ بارلىق تەرەپلىردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە ئىشلىنىپ كىلىۋاتقان "كۇرىتلار ۋادىسى " نامى بىلەن باشلانغان ھەر قانداق فىلىمدە بۇ ئىككى شەخىس مەۋجۇت، ۋە ئاساسلىق رولدا بۇلۇپ ، ئۇ يەنە بىر جەھەتتىن قەھىرمان سۈپەت تۈرىك ئەزىمەتلىرىگە ، تۈرىك
جەڭچىلىرىگە ، ساداقەتمەن دۇسلۇق ئوبىرازىغا ، ھەقىقەت ئۈچۈن ھەر قانداق جاپا –مۇشەققەتكىمۇ ئېرىنمەي كىرىدىغان ، تۈرىك ياش ئەۋلاتلىرىغا سىموۋىل قىلىنغان. pL"{Uqi
ئۆمەر جاندان مۇئەززىن ۋە نەزىفە ئاپا ئوبىرازى ھەققىدە . {^z73Gxt,
مىنىڭچە ئۆمەر مۇئەززىن يەنى پۇلاتنىڭ باققان دادىسى كىنودا تۈرىك خەلقىنىڭ ئەقىل –پاراسىتىگە ، ئەخلاقىغا ، دىنى ئىتىقاد قارىشىغا،ئىززەت ھۆرمىتىگە، ئەجداد روھىغا سىموۋىل قىلىنغان يارقىن تىپتۇر. ئۆمەر مۇئەززىن يەنە بىر ھىسابتا بىر مۇقەددەس ئاتىنىڭ ئوبىرازىنى يارىتىپلا قالماستىن ، جاپاكەش تۈرىك خەلىقىنىڭ ، تۈرىك خەلقى ئىتىقادىنىڭ ئەڭ پاكىزە ، مۇقەددەس غۇبارسىزلىقىنى ياراتتى، بۇ كىشى مەيلى دىنى بىلىم جەھەتتىن بولسۇن، ئىلىم جەھەتتىن بولسۇن ، تۇرمۇش تەجىربىسى جەھەتتىن بولسۇن، مىھىربانلىق جەھەتتىن بولسۇن ئەڭ ئۈلگىلىك شەخىس بۇلۇپ ، بىز بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ قانداق بىرخىل مەدىنيەت ئاستىدا بىزنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغىنىنى ۋاستىلىك بولسىمۇ كۈرەلەيمىز. ئۆمەر ئاتا بىر ھىسابتا تۈرىك خەلقى ئىچىدىكى ھەقىقى مەنىۋى قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ ، قىسقىسى بۇ ئوبىراز ناھايتى مۇۋەپىقىيەتلىك يارىتىلغان ،ئەڭ مۇھىم تىپتىن ئىبارەت. ئەمدى نەزىفە ئاپىغا كەلسەك كۆز ئالدىمىزدا يەنە بىر مىھىربان چىراق يانىدۇ. بۇلۇپمۇ بۇ نەزىفە ئانىنىڭ چىرايى تۇرقى ۋە پەزىلىتى ھەمممىسى شۇنچىلىك ئىسىسق بۇلۇپ ، سۆزلىردىن ، ئاقكۈڭۈلۈكىدىن ئۆزىمىزنىڭ بىر يىقىن ئادىمىمىزنى ئىختىيارسىز سېغىنىمىز. بۇ ئىككى كىشىنىڭ بۇنداق ياخشى ياراتقان تىپىنى بۇ يەردە راستىنلا ئىپادىلەش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. s/tLY/U/
ئېلىف ئىيلۇل ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسدىكى كىشىلەر ھەققىدە
w$:\!FImx
ئىلىف مەزكۇر فىلىمدە باش قەھىرمان پۇلاتنىڭ ياقتۇرغان قىزى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ناھايتى مۇھىم . چۈنكى بىر قەھىرماننىڭ نەزىرىدىكى مۇھەببەت بەرگەن قىزىنىڭ قانداق يۇسۇندا بۇلىشىمۇ يەنە بىرجەھەتتىن ،شۇ شەخىسنىڭ ھەقىقى خارەكتىرىنى بىكىتىشكە سەۋەب بۇلىدۇ . شۇنى ئىنىق ئېيتىشىمىز لازىم .ئىلىف خانقىز ناھايتى يىقىشلىق ، جاپاغا چىدايدىغان ، مۇھەببىتى ئۈچۈن ئۆز جىنىدىن كىچەلەيدىغان ، ھەقىقى بىرلا مۇھەببەتكەن سادىق بۇلۇشتا نامايەندە خارەكتىرلىك ئوبىراز ياراتقان ، نەمۇنىلىك قىز ھىسابلىنىدۇ . بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ چىنلىقى ناھايتى مۇھىم بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىنىڭ ھەممىسى ئادەمنى تۇلىمۇ ئويلاندۇرىدۇ . بىچارە قىزنىڭ ناھايتى ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئۈلۈپ كىتىشى ۋە ئۇنىڭ كۆز يېشىنىڭ دائىم قۇرۇماسلىقى بىلەن بىرگە كەلگەن ، ھاياتتىن ئۈمىد ئۆزمەيدىغان ، قاتتىق ئىرادىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلىنىدۇ. شۇڭلاشقا فىلىمدە بۇ قىز چاقنىڭ بىۋاستە ئىشلىرى پۇلات ئالېمدارنىڭ ئىشلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ . ھەم ئۇ ھەقىقى ئەقىدە بىلەن بىر ئىرادىنىڭ ، نازاكەتنىڭ يارقىن ئىپادىسى . ئەمدى كىنودىكى ئايىشەم خانىم بولسا ئىلىفنىڭ ئانىسى بۇلىشى سۈپىتى بىلەن ھەقىقى جاپاكەش بىر ئانىنىڭ ئوبىرازىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ياراتقان . ئىنىسى ئېرران بولسا بىرخىل ئىزتىراپلىق ھالەتتىن، سۇلايمان چاكىرنىڭ تەربىيسى بىلەن ناھايتى ياراملىق ئادەم بۇلۇش زۈرۈرلۈكىنى تۇنۇغان ، كىيىنچە پۇلاتقا
ئەگىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان ياخشى بىر ياردەمچىنىڭ رۇلىنى ياخشى يارىتىپ چىققان. S=_u3OH0
دىل ھىكمەت،جانان ۋە ئېرخان ۋە قىسمەن پۇلات ياردەمچىلىرى ئوبىرازى ھەققىدە . pUHgjwT'U
بۇ يەردە بىزگە تۇنۇشلۇق بۇ ئىككى شەخىس ئۈستدە توختالمىساق سەل قاملاشمايدۇ. ئەمدى ھىكمەت پۇلاتنىڭ كىچىكىدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ھەقىقى ئاغىنىسى ، ئۇنىڭ نەزىرىنىڭ كەڭ ، دۆلەت ۋە مىللەت تۇنۇشى ناھايتى ئۆزگىچە بۇلۇپ، ئەسلىدە بۇ شەخىسمۇ ناھايتى ئىلىملىك . ئەمدى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن پائالىيتى بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدىكى بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىلىرىمىز ھەققىدىكى تۇنۇشىمىزنى ئۆستۈرىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن ھەقىقى بىر جان-جىگەر دوسلۇقنى سىزەلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز دائىم پۇلاتنىڭ غۇللۇق ياردەمچىسىدىن بۇلغان گۈللى ئېرخاننى تىلغا ئالىمىز. ئېرخان ناھايتى يۇمۇرىستىك، ئىستىتىك تۇيغۇغا باي، گۈزەللىكنى سۈيىدىغان، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان ، ساداقەتمەن شەخىستۇر. ئۇ بۇ كىنوغا ناھايتى ياراشقان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى ، سۆزلىرى ، يۈرۈش تۇرىشى ، ئابدۇلھەيگە بولغان ھۆرمىتى ئادەمنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ . ئەسىلىدە بۇ شەخىسلەر تپغىرىسىدا مۇپەلسەلرەك توختىلىش لازىم ئىدى. بىراق شارائىت سەۋەبتىن مۇشۇنچىلىك توختىلىمىز. ئەمدى قىستۇرۇپ ئۈتىدىغىنىمىز پۇلاتنىڭ غوللۇق ياردەمچىلىرىدىن نېۋزات ۋە پەرمۇز قاتارلىقلار بۇلۇپ ، بۇلارمۇ ناھايتى قابىليەتلىك ياردەمچىلەردىن ئىبارەت. ئەمدى بۇ يەردە جانان ئادۇۋكات توغىرىسدا ئۇچۇر بىرىمىزكى بۇ ئادۇۋكاتمۇ ئىلىفنىڭ يىقىن ئاغىنىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ، دائىملا ئۇچىرايدۇ .ھەم مۇھىم پەيىتلەردە ئۈزىنىڭ رۇلىنى تۇلۇق نامايەن قىلىدۇ.
كۇرىتلار ۋادىسى پىلانىدىكى ئاساسلىق يۇقىتىلىدىغان نىشانلىق شەخىسلەر ھەققىدە h$&Tg_/'#D
بۇ يەردە بىز مەھمۇت قارا خانلى، قىلىچ ، لەززىيا ، خىسراۋ ئاغا ،تىستېر نەجىمى ، نىزامىدىن ئادۇۋكات ، سامۇئىل توغىرىسىدا توختىلىمىز. بىز بۇ يەردە ئەڭ ئاۋۋال ۋەتىنىگە ساتقىنلىق يۇلىنى تاللىغان مەھمۇت قارا خانلى ۋە دۆلەتكە ئاسىيلىق يۇلىنى تۇتقان نىزامىددىن ئادۇۋكاتنىڭ ئوبىرازىنى تۇلۇق تەسۋېىرلەپ بۇلالمايمىز. ئەمما ئۇلارنىڭ شۇنچە دەۋران سۈرۈپمۇ ئاخىرىدا ناھايتى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت(يەنى مۇھمۇت قارا خانلىنىڭ سۇلتان ئەھمەتتە پىچاقلىنىشى بىلەن نىزامىدىننىڭ سۇلتان ئەھمەتكە ئسىپ قۇيىلىشىدىن ئىبارەت) پاكىت بىلەن ئۆز ئانا ۋەتىنىگە ساتقىنلىق قىلغان شەخىسنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن چەكلىنىمىز. بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر شەخىس لەزىيا بىلەن خىسراۋ بۇلۇپ ، بۇلۇپمۇ لەززىيانىڭ بىر پۈتۈن ئائىلىسىدىكى نەسىرىن چاكىر ۋە مېرال يىلماز قاتارلىقلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمزدە بىز بۇ شەخىسىنىڭ ھەم ئىجابى تەرىپىنى ۋە سەلبى تەرىپىنى توغرا چۈشىنىمىز لازىم . يەنى لەززىيا بىر قيرال ئەتكەسچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر زىيانداش شەخىس ، ئەمما ئۆز ئادەملىرىگە يەنى بالىلىرىغا ، نەۋرىلىرىگە تۇتقان ھەقىقى ئاتىلىق بۇرىچىددىن ھەقىقى بىر مەسئۇلىيەتچان غۇرۇرلۇق ئاتا. ۋە ئۇنىڭ پات-پات ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەقىلگە تۇيۇنغان دۇنيا قارىشى ۋە پىشقان نەزەر دائىرىسى ، ھىيلىگەرلىكى راستىنلا ئادەمنى گاڭگىرىتىدۇ . شۇنداقتىمۇ بۇ كىنودىكى لەززىيانىڭ رۇلى ناھايتى زۈرۈر بولغان بىرخىل نامايەندە ھىسابلىنىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ھەقىقى تۈردىكى دەۋران سۈرگەن مەردانىلىقى ئادەمنىڭ قايىللىقىنى كەلتۈرىدۇ. قىسقىسى خىسراۋ بىلەن
لەززىيا بۇ گوروھتىكى بىرقەدەر كاتتا يارىتىلغان ئوبىرازلاردۇر. قىلىچنىڭ ساداقەتمەنلىكىمۇ ئادەمنى راستىنلا ئويلاندۇرىدۇ. {Dpsr` &
خەلىل ئىبىراھىم ، سۈفىيە قارا خانلى ۋە نەرگىزقاراخانلى ھەققىدە ku5|cF*%
بۇ ئۈچ شەخىس پۇلات ئۈچۈن بىر قەدەر ھۆرمەتكە سازەۋەر بۇلۇش بىلەن كۆزگە يۇلۇقىدۇ، يەنى نەرگىز خانىم پۇلاتنى تۇغقان ئۆز ئانىسى گەرچە مەھمۇت قاراخانلىدىن ئىبارەت ، خائىن ئائىلىنىڭ باش خانىمى بولسىمۇ ئەمما ئۇ پۇلاتقا بەرگەن سۈتى ۋە ئۆز ئانىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئانىنىڭ ھەقىقەتەن نەقەدەر ئۇلۇغ مۇھەببەت بىلەن پەرزەنىت سۈيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. ئەمدى سۈفىيە بولسا بىر قىزچاق بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دادىسىنىڭ جىنايەت كەبى ئىشلىرىنىڭ ھېچقاندىقىغا ئارىلاشمىغان سەبى ، تۈز قىزدۇر ، ئۇنىڭ ئوبىرازىمۇ ئادەمنى راسلا سۈيۈندۈرىدۇ .خېلىل ئىبىراھىممۇ ناھايتى ئاقكۈڭۈل ئىشەنچىلىك ئادەم بۇلۇپ، ئۇنىڭ پۇلاتقا بولغان ئامىراقلىقى ۋە ھۆرمىتى ، بۇ شەخىسنىڭ مۇھىم بولغان قۇتىنى ساقلاشقا تاپشۇرۇلۇشىدىن ، ھەقىقەتەن ئىشەنچىلىك ياخشى ئاتا سۈپەت ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. I{89chi
فىلىمدىكى بىر قەدەر غەلىتە ۋە ھەيران قالارلىق شەخىسلەر ھەققىدە \p(S4?I7
(1)تۇنجاي كانتارجى ۋە ئەبىدىن –مەن بۇ فىلىمدە ئەڭ ھەيران قالغان شەخىس تۇنجاي كانتارجى بىلەن ئەبىدىن بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ بىر-بىرگە شۇنچە ئامىراقلىقى ، بۇلۇپمۇ تۇنجاينىڭ پاكىزلىقى ، دائىملا قۇرئان ئايىتىنى ينىدىن ئاجىراتماي يۈرىدىغان توۋۋىغا ئالدىرايدىغان شەخىسلىكى بىلەن يامان نەرسىلەرنىمۇ ئەتكەس يۆتكەيدىغان زىت ئىشلىرى ، پۇلاتقىمۇ سادىق تەرىپى مىنى تېخىمۇ ئويلاندۇرىدۇ. دائىملا ئەبىدىدىننى تىللاپ تۇرىشى بىلەن ئەبىدىننىڭ ئۇنىڭغا قاتتىق ئامىراقلىقى يەنە بىر قىززىق نوقتا.تۇنجاينىڭ لەززىياغا بولغان يىقىنلىقىنىمۇ چۈشىنىش بىر قەدەر تەس . ئېشقىلىپ قانداق ئويلىمايلى تۇنجاينىڭ ئوبىرازىنىڭ بۇ فىلىمگە سىڭدۈرلىشى بۇ فىلىمغا تېخىمۇ بەدىئى زوق بەرگەن. ھەم ئۇ تىگىدىن پۇلاتنىڭ يىقىن سەپدىشىدۇر. (2) ئەردال كۇمۇرجى ۋە دادىسى – بۇ ئىككى شەخىسمۇ ناھايتى ئادەمنىڭ ئىددىيىسىدىن ئۆتمەيدىغان قىلىقى بىلەن كىنودا ئۇچىرايدۇ. ھەم بەزى ناچار قىلىقلىرى ئادەمنى سەسكىندۈرىدۇ. يەنى بۇلارنىڭ ناھايتى بىنورمال ھالەتتىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىمۇ ، يەنە بىرجەھەتتىكى بۇ كىنونىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان . (3) ئىففىكچى نەدىم – بۇ شەخىس دىگىنىمىزدەك بانكىر بۇلۇپ ، پۇل مال دۇنياسى ناھايتى كۆپ تۇرۇپ، ھەيدەيدىغان ماشىنىسىنىڭ كونىلىقى بۇكىشىنىڭ تاشتىن قاتتىق ، چىڭگىز شەخىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما بۇ كىشىدىكى سېلىق مۇئامىلە ئادەمنىڭ ناھايتى ئامىراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. (4) كېرۋى ۋە پالا ، بۇلارمۇ ناھايتى غەلىتە بىنورمال كىشلەردۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شەخىسلەر دۆلەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلىرى بۇلۇپ، ئاخىرى يەنىلا چوڭ ئىش ئەمەس كىچكىكىنە ئىشتا ، قاتتىق مەغلۇپ بۇلىدۇ. ئاچكۆزلىكى ئاخىرى بېشىغا چىقىدۇ. مىنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم ھازىرغىچە ھېلىقى پالانىڭ ئارېسلان ئاكبىينى ئۆلتۈرۋىتىشى بۇلۇپ، بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى مەنمۇ كىنودىن چۈشىنەلمىدىم. ئەسىلىدە نۇرغۇنلىغان ئارتىسلار بولغاندىكىن ھەممىسىنى تۇلۇق چۈشەندۈرەي دىگەن ، بۇنداق قىلسام مەزمۇنى تېخىمۇ ئارتىپ كىتىدىكەن، شۇڭلاشقا ئوبىرازلار تەھلىلىنى مۇشۇ يەرگىچە قىلماقچىمەن. قىسقىسى بۇ فىلىم ئوبىرازلىرىنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك يارىتىلىشى ئادەمگە راستىنلا باشقىچە زوق بېغىشلايدۇ. Qn$'bK2V
كىنو تەسىرى ۋە كىنو ھەققىدىكى خۇلاسە.
VeWh9:"bJ
يۇقۇردا مەزكۇر فىلىمنىڭ تۇنجى نۇسقىسى "كۇرىتلار ۋادىسى " ھەققىدە توختالدۇق. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىز بۇ كىنونى ئۆز تىلدا كۈرۈشكە مۇيەسسەر بۇلالمىغان بولساقمۇ لىكىن ، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرىدىغىنى ئەمىلى ھادىسە . شۇڭلاشقا بىز بۇ كىنونىڭ تەسىرى توغىرىسىدا ئازىراق توختالمىساق بولمايدۇ. بىز ئاۋۋال بۇ كىنونىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى تەسىرى توغىرىسىدا توختىلىپ ئۈتەيلى ، "كۇرىتلار ۋادىسى " فىلىمى ئىشلىنىپ كەڭ تارقىتىلغاندىن كىيىن ئۇزاققا بارمايلا پۈتۈن تۈركىيە جەمىيتىدە كاتتا تەسىر قوزغىدى ، بۇ تەسىر قانداقتۇر يۈزەكى تەسىر بولماستىن، ئىدىدىيە سېستىمىسدا پەيدا بولغان ھەقىقى تەسىردۇر،بۇنىڭدا كۈرىنەرلىك بولغىنى بىرلا ۋاقىتتا تەڭ قوللاش بىلەن تەڭ نارازى بۇلۇش ھادىسىنىڭ كۈرۈلگەنلىكىدە بولدى. يەنى قوللىغۇچىلار بولسا كىنودا ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مىللەتپەرۋەرلىك ئەكىس ئەتكەن. ئۇنىڭدا تۈركىيە خەلىقىنىڭ ۋۇجۇدى ئىنىق كۆرسىتىلگەن دەپ كۆرسەتسە ، نارازىلىق بىلدۈرگىچىلەر بولسا دەپ ئۆتكەن مۇشۇ تەرەپنى ئوخشاش مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ ئوخىشىمىغان تەرەپتىن پىكىر قىلىپ، كىنودىكى قۇراللىق تۇقۇنۇشنىڭ كۆپلۈكى ياشلارنىڭ ئىدىيىسىگە، بۇلۇپمۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دۇنيا قارىشىغا ، پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇخىل بەس مۇنازىرە شۇ دەۋىردە ئەڭ قىززىق نوقتىغا كۈتۈرلۈپ ، ھەتتا تۈركىيە ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن فىلىمنى قۇيۇش چەكلەندى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ بولدىكى، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلغا يىقىن بىر كىچىك شەھىرىدە ئادەمنى چۈچۈتگىدەك بىر قاتىللىق دىلوسى يۈز بەردى. يەنى بۇ دىلودا قاتىللىق قىلغۇچى نەدىم ئىسىملىك 23 ياشلىق كىچىك يىگىت بۇلۇپ، ئۇ مەزكۇر شەھەرنىڭ ئاتاقلىق ئادۇۋكاتىنى كۆپ- كۈندۈزدە قۇرال بىلەن ئېتىپ تاشلىدى. بۇ دېلونى سۇراق قىلىپ ، ئاخىرىدا ئىرىشىلگەن جاۋاب شۇ بولدىكى – بۇ يىگىت قاتىللىق قىلىش مۇدىدىئاسىنى " مىنىڭ بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەپ پۇلات ئاغامدەك بۇلۇش ئۈچۈن ئىدى " دەپ ئىزاھلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلو بىلەن فىلىم بىراقلا قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپ ، بىر پەسىلگىچە قۇيۇشتىن چەكلەندى. ئەمما چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە ئەلرايىنى سېتاستىكا قىلىش سەۋەبى بىلەن بۇ فىلىمنى قۇيۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ، فىلىمنىڭ ھەقىقى تەسىرىنى قۇبۇل قىلىش توغىرىسىدا تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە بۇ فىلىم ھازىرغىچە ئىشلىنىپ كىلىۋاتىدۇ. ئەمدى بىزنىڭ جەمىيتىمىزگە بۇ فىلىم كىرىپ كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ئۆز كىنوچىلىقىمزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇ ۆىنونىڭ تېخنىلىكىق قۇرۇلمىلىرىدىكى ئۆزگىچىلىكىنى ئازىراق بولسىمۇ بىلىۋىلىشىمىز زۈرۈر. پەقەت بىز ياخشىكەن دەپلا كۈرۈپ قويساق تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇلىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمىز گەرچە بۇنداق تەرەققى قىلىشقا خېلى دەۋىر بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىكى سىنارىيە يېزىقچىلىقى ، رىژىسورلۇق ۋە كىنو ئىشلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆزىمىزگە ماس كەلگەن تەرەپتىن ئازىراق قۇبۇل قىلىشىمىز لازىم. ھەم فىلىمدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقنى سۈيۈشتىن ئىبارەت، گۈزەل غايىدىن ئىجابى تەسىر ئېلىشىمىز كىرەك. يەنە بىر مۇھىم ئىش شۇكى –فىلىمنىڭ ئەڭ جېنى ھىسابلانغان، كىنو ئاخىرىدىكى "پۇلات ۋە پۇلات ئادەملىرىگە ئېچىلغان سوت" ئەڭ مۇھىم بۇلۇپ ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ،ھەر قانداق بىر مىللەت قەھىرىمانغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، ئۆز قەھىرىمانلىرىنى يۇقاتسا ،كىيىنكى ئەۋلات نىمە ئىش قىلىدۇ؟ ۋەتەننى سۈيۈش ھەر قانداق بىر شەخىسنىڭ ۋىجدانى بۇرىچى " دىگەن مۇھىم قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مانا مۇشۇنداق ئىسىل ئاڭنى بىزنىڭ ئۇيغۇر كىنو سىنارىيە يازغۇچىلىرىمۇ تاپالىشى مۇھىم. ئەمدى بىز خاتىمە ئورنىدا شۇنى ئىلگىرى سۈرمەكچىمىزكى، بۇ كىنو تۇغۇرلۇق يۇقۇردا دىيىلگەنلىرى ناھايتى يىتەرسىز ئاددىغىنە قىسمەن تەرەپلىرى. بۇ تېخى ھازىر قۇيىلىۋاتقان "كۇرىتلار ۋادىسى پۇسۇ (تۇزاق ) "فىلىمىمۇ ئەمەس.قىسقىسى بۇ كىنو تۈركىيە تارىخىدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا تارىخىدا قولغا كەلگەن ھەقىقى نەتىجە ھىسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ كىنو ھەققىدە ئوتتۇرغا قويغان قارىشىمىزدا يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ساقلانغانلىقى تەبىئى. ئەمما كىچىككىنە پايدىلىق تەرىپى سىزىلىسە مەن شۇنىڭدىن رازى. شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ بولسا، بۇ كىنونى بىرقىتىم كۈرۈپ چىقىشىنى ۋە مەن يۇقۇردا ئېيىتقان قاراشلىرىمنىڭ قانچىلىك ئەمىليەتكە يىقىن ئىكەنلىكىنى ھەقىقى بىر ئىسپاتلاپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ ،مەزكۇر
فىلىم ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز. bo=H-d|
مۇكاپاتلىق ئەسەر.
ئانا-تۇپراق تورى مىنىڭ ئانا ماكانىمدىكى تىرىشچان بالىلارنىڭ قىلغان ھەقىقى ئەمگىكى بولغاچقا ،بۇ قېتىمدا بىر كىشىلىك بولسىمۇ مۇنبەر پائالىيتىنى قوللاپ ،بۇتىمىنى
مۇشۇ سەھىپىگە يوللىدىم . قانداقتۇر كۈزۈم تۆت تەڭگىدە ئەمەس، ۋاقىت ئالدېراشلىق سەۋەبىدىن بۇ بىكەتكە ئەزا بولغىلى خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ بىرەلمىگەن . بۇ مىنىڭ ئاددىيغىنە سوۋغام. قېنى دوسلارنىڭ ئىجابى پايدىلىنىشغا تىلەكداشمەن b$'%)\('g
ئاپتۇر – قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا ھاجىغىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى . =78y*`L
x<l 5wh
پايدىلىنىش مەنبەلىرى ،كۈرۈپ بېقىڭلار. 7**zb"#y
–http://www.necati-sasmaz.com/showthread.php?t=25154 oc"p5Y3,Os
http://www.ziyouz.com/index.php?option=com_content&task=view&id=4165&Itemid=248 ,O:4[M !$w
@>z.chM;
http://www.kurtlarvadisi.com/index.php j/Kul}Ml\*
http://www.necati-sasmaz.com ^X#)'\T
_Q #[IH9
http://www.panafilm.com/tr/tr.html 7 :\J2$P
XyB_8(/E مەھمۇت قارا خانلى بىلەن نىزامىددىن ئۈلىدىغان سۇلتان ئەخمەت مەسچىدى ۋە مەيدانىنىڭ بىر كۈرۈنىشى
}Q[U4G \V~B+e
فىلىمدە كۆپ چىقىدغان كۈرۈنۈش ئىستانبۇل جىنى مەركىزى ئاسما كۈۋرۈكى <OiH%:G/1
* k\;G? WG3_(mM ئىلىف بىلەن پۇلاتنىڭ مۇھەببىتىگە گۇۋاھچى كۆلدىكى يىراقتىكى كۈرۈنىدىغان قۇرۇلۇش
Cf 202pF3y 2UR1T~r {#=o4~u%;H f. h3:_r f4`Nws-dP sCf)#6mI p=[I;U-#H .
X~*/ ~f 1k%HGQM{ G[d]t$f= ئامىنە ئېردۇغان خانىم ۋە نىجاتى شاشماز
يەنە بىر كۈرۈنۈش