چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
RFL*qd4 3<&:av3 كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى
rP4T;Clout GK}52,NM بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى
:')[pO_FW* X%'z 6. باپ جەسەت دۆۋىسى
RRt(%Wm* /xk7Zq كىمىنى توختۇتۇپ ئەتراپقا نەزەر سالدۇق ، مىنىڭچە بۇ جاي ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بۆلىكى بولسا كىرەك . مىنىڭچە بولسا ھىچنىمىگە قارىماي كەينىمگە قايىتقۇم بار. بىراق ... كەنجى تاغام سائىتىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن: " بۇ ئۆڭكۈر ھەقىقەتەن كىرىش بار چىقىش يوق جاي ئىكەن ، پىقىر كەنجى غوجام << ئالتۇن قىزىش >> ھاياتىمدا غەلىتە ئىشلارنى ئاز كۆرمىگەن ، بىراق بۇنداق غەلىتە ئۆڭكۈرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن " دىدى .
mITB\,,G كەنجى تاغام پەنزېگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " بىراق بۇ ھىلىقى قىرىنىڭ ئىيىتقان سۆزى ، راستىنلا كىرگەن ئادەمنى كېمىچىلا ئىلىپ چىقىپ كىتەلەمدۇ ؟ بۇنى دەلىللەشكە ھازىر ئامال يوق ، جەسەت ئۆڭكۈرى ، ئۇنداقتا ئالدىمىزدا چوقۇم بىز بىلمەيدىغان خەتەر بىزنى ساقلاۋاتىدۇ ، بەلكىم ئالۋاستى تىمىغا يولۇقارمىز ياكى سۇ ئالۋاستىسى كېمىمىزنى ئۆرىۋىتەر ؟ " دىدى .
XYo,5- ئاكۈي خۇرسۇنغان ھالدا : " ئۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ؟ " دىدى .
",b:rgpRp " ئومومەن ھەرقانداق ھادىسىنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار ، بىزنىڭ بۇ قىتىملىق << ئالتۇن قىزىش >> ھەركىتىمىزدە قەۋرىگە يىتىپ بارالماي تۇرۇپ بىر مۇنچە غەلىتە ئىشلرغا يولۇقتۇق ، بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن كىپەن ئوغۇرسى جىندىن قورۇقمايدۇ ، جىندىن قورۇقسا كىپەن ئوغۇرلىيالمايدۇ . بىزنىڭ بۇ ئوقەتنى قىلىدىغانلارغا ئاشۇنداق غەلىتە ئىش - ھادىسىلەر ئۇچۇرمىسا تىخى خۇماردىن چىقمايدۇ " دىدى كەنجى تاغام ھەمدە بىر تەرەپتە يۈك تاقلار ئارىسىدىن قوش سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى چىقىرىپ قاراۋاتقان پەنزېگە قاراپ : " ھازىر قولىمىزدا يۇقرى پەن تىخنىكىلىق جانىۋار بار ، بۇرۇنقى پىشقەدەم << ئالتۇن قازغۇچى >> لارغا قارىغاندا قوغدىنىش ئىقتىدارىمىز خىلىلا ياخشى ، ئەگەردە سۇ ئالۋاستىلىرىغا يولۇقۇپ قالساق ،....... سىكەي... ئاۋال ئۇلارنىڭ بىشىنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتىپ بىر نەرسە دەيلى " دىدى . ئاكۈينىڭ پۈتكۈل بەدىنى تىترەپ تۇتۇپ كەنجى تاغامغا : " كەنجى بىگىم ، سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىز ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى سەپەرۋەرلىك نۇتىقىمۇ ياكى جىن ھىكايىسىمۇ ؟ مەن تازا ئاڭقىرالماي ... ؟؟" دەپ سورىدى .
}/a%-07R كەنجى تاغام مىلتىقنىڭ زاتورىنى تارتىۋەتكەندىن كىيىن ئاكۈيگە قاراپ تۇرۇپ : ' سەن توخۇ پوقى ،مىنىڭ يۈزۈمنى قويماي تۆكۈپ بولدۇڭ ، قانداقسىگە بۇنداق يارىماس تۇغۇلۇپ قالغانسەن ؟ ئاناڭنى ، كىلىشتىن بۇرۇن پو ئىتىپ ئۆزۈڭنى < جۇڭگۇلۇق رامبۇ > دەۋاتمامتىڭ ؟ " دىدى ھەمدە قولىدىكى مىلتىقنى بوتۇلكىغا سۇنغاچ : " بۇ جانىۋار ئۇلاپ ئىككى قىتىم ئوت ئاچالايدۇ . ئىتىپ بولۇپلا ئوق ئالماشتۇرۇش لازىم ، ئوقى چاچما ئوق ، ئارلىق يىراق بولسا ئۆلتۈرۈش ، يارلاندۇرۇش كۈچى قالمايدۇ ، ئامال بار قارغا ئىلىپ ئاندىن ئوق ئۈزۈڭ " دىدى .
.H)H9cmf قوش سىتوۋۇللۇق ئوق تاپانچىسى ماڭا نىسپەتەن ناھايتى تونۇش ، ئالى مەكتەپتىكى ۋاختىمدا تىخى ئۆلكىلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئۇچار تەخسە ئىتىش تۈرىدە مۇكاپاتقىمۇ ئىرىشكەن . شۇڭلاشقا مەنمۇ بىر تال مىلتىقنى قولۇمغا ئىلىپ تەييارلىق ھالىتىدە تۇردۇم . كەنجى تاغام بىلەن ئاكۈي قوللىرىغا قاتلىنىدىغان گۈرجەكنى ئىلىپ پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى ، مەن ، پەنزې ، بوتۇلكا ئۈچىمىز قولىمىزغا قۇرال ئىلىپ كېمىنىڭ ئاستا ئالغا ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ ھىلىقى يىشىل نۇر چىقىۋاتقان جەسەت دۆۋلەنگەن جايغا قاراپ ئۈزۈپ كەتتۇق .
%l7[eZ{Y كان چىرىغىنىڭ ئاجىز نۇرى ئاستىدا مەن تۇيۇقسىز بۇ ئۆڭكۈر كۆلىمىنىڭ كىڭىيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . يىشىل نۇر بىلەن ئارلىقىمىز بارا - بارا يىقىنلاۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتتا مەن بوتۇلكىنىڭ پەس ئاۋازدا سۆزلىگىنىنى ، ئۇلاپلا پەنزېىنىڭ " ئاناڭنى ... " دەپ ئىغىزىنى بۇزۇپ تىللىغانلىقىنى ، ئاخىرىدا بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنتۇپ كىتىشىم مۇمكىن بولمىغان بىر مەنزىرىنى كۆردۈم .
uE's&H ئۆڭكۈرنىڭ يىشىل نۇرلۇق بۆلىكى باشقىچە ئوچۇقچۇلۇق بولۇپ ئادەم كۈچى بىلەن كولىغانلىقنىڭ ئىزناسى كۆرىنمەيتتى .
Nj>6TD81u تار سۇ يولىمۇ بۇ جايدا ئۆزگۈرۈپ كىچىك بىر دەرياغا ئايلانغان ئىدى . كىچىك دەريانىڭ سۇ ئۈستىگە چىقىپ قالغان دۆڭ جايلىرىدا يىشىل نۇر چىقىرىۋاتقان چىرىگەن جەسەتلەر دۆۋلەنگەن ئىدى . بىراق ئارلىق بىر ئاز يىراق بولغاچقا ئادەمنىڭمۇ ياكى ھايۋاننىڭ جەسىتىمۇ پەرىق قىلغىلى بولمايتى ، بىز يىقىنلاپ قارىساق ، سۆڭەكلەرنىڭ ئنتايىن رەتلىك قويۇلغانلىقىنى ، لىكىن دەريانىڭ قىرغىقىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئىنتاھىن رەتسىز ئىكەنلىكىنى ، ھەرقانداق شەكىلدىكىسىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە تىخى تولۇق چىرىپ بولالمىغان جەسەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ، بۇ جەسەتلەرنىڭ نىپىز كۈلرەڭلىك بىر نەرسىگە ئورالغانلىقىنى كۆردۇق . شۇ ۋاقىتا بىر نەچچە جەسەت بۈرگۈسى جەسەتلەر ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ بىزگە قاراپ غەلىتە بىر ئاۋاز چىقرىۋاتاتتى . بىراق ئۇلارنىڭ تىنى كېمە بىشىدىكى < ئۇرۇش ئەسىرىمىز > گە قارىغاندا خىلىلا كىچىك ئىدى . كىچىكرەك جەسەت بۈرگۈسى ئەمدىلا جەسەتنىڭ يىنىغا كىلىشىگە چوڭراقى دەرھال كاپلا قىلىپ چايناپ يۈتىۋەتتى .
Fv~lasW[ " بۇ جەسەتلەر يۇقارقى ئىقىندىن ئىقىپ كەلگەندەك تۇرىدۇ ، كۆپچىلىك ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەردىن ئىھتىيات قىلىڭلار " دىدى كەنجى تاغام .
,{0Y:/T' " قاراڭلار ! " دىدى ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ بۇلۇڭىنى كۆرسىتىپ . ھەممىمىز ئاكۈي كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ئۇ يەردە سۇس يىشىل رەڭلىك نۇر چىچىۋاتقان خىرىستالدىن ياسالغان جەسەت ساندۇقىنىڭ ئازراق قىسمىنىڭ ئۆڭكۈر تىمىنىڭ قاپ ئوتۇرسىغا كىرگۈزۈلۈپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق . شۇنداقلا قارىسا خۇددى ھاۋادا لەيلەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . ئارلىق يىراق بولسمۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ئاق كىيىملىك بىر ئايالنىڭ ياتقىنىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى . " ئاۋۇ تەرەپتىمۇ بار ئىكەن " دىدى پەنزې ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ . ھەقىقەتەن يەنە بىر تەرەپتىكى ئوخشاش جايدا بايامقىغا ئوخشاش شەكىلدىكى يەنە بىر خىرۇستال جەسەت ساندۇقى بار ئىدى . بىراق بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىچىدە جەسەت يوق، قۇرۇق ئىدى .
c[Fc3 " بۇ جەسەت ساندۇقى ئىچىدىكى جەسەت قىنى ؟ " دىدى كەنجى تاغام خۇرسىنىپ تۇرۇپ .
ukR0E4p ئاكۈي : " كەنجى بىگىم ، مۇردىمۇ يە ؟ مىنىڭچە بۇ يەردە مۇردا بولىشى ناتايىن ؟! " دىدى .
c u/"=]D " دىققەت قىلىڭلار ، بىرەر گۇمانلىق نەرسە كۆرسەڭلارلا ئوق چىقىرىڭلار " دىدى كەنجى تاغام ئەتراپنى كۆزۈتۈپ .
]U>MYdGWb بۇ ۋاقىتتا كىمە دەريا ئىقىمىغا ئەگىشىپ يۆلۈنۈشنى ئۆزگەرتىپ بىر چوڭ قۇرام تاشنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈشىگە ئاكۈي قورۇققىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى . بىز نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي بىشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىساق ئالدىمىزدىكى قۇرام تاش ئۈستىدە بىر ئايال بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇراتتى . مەن سەپسىلىپ قارىسام بۇ ئايال ئاق رەڭلىك قۇش پىيىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن بىر يىپىنچا ئارتىۋالغان بولۇپ ، قاپقارا چىچى بىلىگە چۈشەتتى . مەن ئۇنىڭ كىيىم – كىچەك ، زىبۇ – زىننەتلىرىدىن كۆرۈپ يەتتىمكى بۇ ئايال بۇ ئايال غەربى جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئىدى . مەن گىلىمغا قاپلىشىپ قالغان نەرسىنى كۈچەپ يۈتۈپ : " جەسەت بۇ يەردە ئىكەن " دىدىم .
JqzoF}WH كەنجى تاغام پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ : "توختات ، توختات ، ئاكۈي ، سومكىدىكى ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› نى ئەكەل ، قارىغاندا بۇ نەچچە مىڭ يىللىق مۇردا ئوخشايدۇ ، 1923 – يىلىدىكىسىنى تاپ ، ھازىرقى ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› ئۇنىڭغا كار قىلماسلىقى مومكىن " دەپ ۋارقىرىدى .
V8n {k' تاغام يەنە بىر قىتىم ۋارقىرىغان بولسىمۇ لىكىن ئاكۈيدىن ھىچقانداق سادا كەلمىدى . مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا قارىسام ئاكۈي ئاللىقاچان ئىغىزىدن ئاق كۆپۈك چىقىرىپ تارتىشىپ قالغان ئىدى . ئەگەر ھازىرقى ئەھۋال بۇنچىلىك خەتەرلىك بولمىغان بولسا مەن ئاللىقاچان قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىغان بولاتتىم .
..`c# O& كەنجى تاغام ئاكۈينىڭ بۇ " ئىجادىيتى " نى كۆرۈپ پەنزېگە ۋارقىراپ: " پەنزې سەن بىرىپ تاپ ، ئاناڭنى مۇشۇ ئاچچىقىمدا بىكار ماۋۇ يارىماسىنى مۇردىغا تاشلاپ بىرىمەن " دىدى ھەمدە پەنزې ئۇزاتقان ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› نى قولىغا ئىلىپ ئالقىنىغا بىرنى تۈكۈرۈپ ماڭا قاراپ : " چوڭ جىيەنىم ، بىر دەمدىن كىيىن كەنجى تاغاڭنىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ قوي ، ‹‹ مىڭ يىللىق مۇردا ›› دىگەن ئاسان تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ، ئەگەر ئىش ئەپلەشمەي قالسا سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن كاللامغا قارىتىپ ئوق ئىتىپ مىنى تىزرەك ئۇ دۇنياغا ئۇزۇتۇپ قوي " دىدى .
oZ%uq78#[% مەن تاغامنىڭ يىڭىنى تارتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا : " تاغا ئىشەنچىڭ بارمۇ – يوق " دىدىم . ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتمىدىم . چۈنكى مەن ئىلگىرى بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق كىنولاردا بۇنداق ئۇزۇن چاچلىق قاملاشقان ئايال مۇردىلار ئۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى . بەلكىم بىردەمدىن كىيىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ : " ئاكىلار ، سىلەرنى بەك ئۇزۇن ساقلىاپ كەتتىم ، ماڭا ھەمرا بولۇپ پاراڭلىشىڭلار ! " دەمدۇ تىخى .
8&@=Anc&q بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا كەنجى تاغامغا : " ‹‹ قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقى ›› ئادەتتىكى مۇردىلارغا بولىدۇ ، بىراىق ئالدىمىزدىكى ‹ ساھىپجامال › غا كار قىلماسمىكىن ، مەن بىر تەرەپ قىلاي " دەپلا چوڭ بىر سومكىدىن لاتىغا يۆگەلگەن ئۇزۇن بىر نەرسىنى چىقاردى . بۇ نەرسە كەنجى تاغام ئالدىنقى قىتىم ماڭ ئىيىتقان ھىلىقى نىمە ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ئىدى . بوتۇلكا ئۈستىدىكى لاتىنى يىشىپ ئىچىدىن قاپقارا قەدىمى خەنجەرنى چىقاردى . قارىغاندا بۇ ‹‹ قارا ئالتۇن ›› دىن ياسالغان خەنجەر بولسا كىرەك . بوتۇلكا قەدىمى خەنجەرنى ئۆزىنىڭ سول بىلىكىگە قارىتىپ يەڭگىل بىرنى سۈرۈپلا دەرھال كىمە بىشىغا بىرىپ قىنىىنى سۇغا ئىقىتىشقا باشلىدى . بىر نەچچە تامچە ئىقىتىشىغا " شار – شۇر " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىرمۇنچە جەسەت بۈرگۈسى جەسەت ئىچىدىن قىچىپ چىقىپ جىنىنىڭ بارىچە كىمىمىزدىن يىراقلاپ قىچىشقا باشلىدى . بىردەمدە سۇنىڭ ئىچىدىكى ، دەريا قىرغىقىدىكى جەسەتلەر ئىچىدىكى جەسەت بۈرگۈلىرى نەلەرگىدۇر غايىپ بولغانتى .
E^-c,4'F شۇ ھامان بوتۇلكا قانغا بويالغان قولىنى كۆتۈرۈپ ھىلىقى ساھىپجامال مۇردىغا تەڭلىۋىدى ، ھىلىقى مۇردا دەرھاللا تىزلاندى . مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران بولغىنىمدىن ئاستىنقى ئىڭىكىم چۈشۈپ قالغىلى تاس قالدى . بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا بىزگە قاراپ : " تىز ماڭايلى ، ھەرگىزمۇ ئارقاڭلارغا قارىماڭلار !!! " دەپ ۋارقىرىدى .
1n`[D&?q گەرچە مىنىڭ بۇ ‹‹ ساھىپجامال ›› نىڭ چىرايىنى شۈنچىلىك كۆرىۋالغۇم بولسىمۇ بوتۇلكىنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇنىڭغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم . كەنجى تاغام بىلەن پەنزې جىنىنىڭ بارىچە پالاق ئۇرۇپ كىمىنى تىزراق ھەيدەشكە تىرىشىۋاتاتتى . ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق . بىز ئاخىرى سۇ يولىنىڭ بارا – بارا تارىيىپ دەسلەپتىكى ئۆڭكۈرگە كىرگىنىمىزگە ئوخشاش تار بىر چىقىش ئىغىزىنىڭ ئالدىمىزدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۇق .
ko}& X= بىز يەنە كىمىنى ھەيدەپ ،چىقىش ئىغىزى قىلىپ كولانغان تار ھەم پاكار ئوغرى ئۆڭكۈرىگە كىردۇق . بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزەمنى ئەقىللىق چاغلاپ ھىلىقى ‹‹ ساھىپجامال ›› نىڭ يۈزىگە قارىغىلى بولمىسا سۇدىكى ئەكىس سايىسىنىغۇ كۆرۈشكە بولار ؟ دەپ ئويلاپ سۇغا قاراپلا قورۇققۇنۇمدىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم . سۇدىكى ئەكىس سايەمدە نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر نەرسە مىنىڭ مۈرۈمگە يامىشىۋاتاتتى . مەن كونتۇرۇللۇقۇمنى يوقۇتۇپ ئارقامغا بۇرۇلۇپ ۋارقىراي دىيشىمگە ئارقا مىڭەم بىر زەربىنى تۇيغاندەك بولۇپ كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى.
?AFb& ^2'Y=g> /g uVA داۋامى بار ........
~ikp'5 5]i#l3") كونا دەريا قىنى تەرجىمىسى .
s4Ja y!A >9w^C1" " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى " ، 1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " 1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - باپىنى كۆرۈش ئادىرسى :
>.SO2w http://anatuprak.com/kipan/ KLe6V+ki* 1k!gR جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .
,U9j7E<4 bHTf{=