چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر g?|Z/eVJ
b00$3,L
كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى 4$, W\d
,_H H8[&
بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى 0\"#Xa+}8
~9APc{"A
6. باپ جەسەت دۆۋىسى 4Dn&+=fq
&-o5lrq
كىمىنى توختۇتۇپ ئەتراپقا نەزەر سالدۇق ، مىنىڭچە بۇ جاي ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بۆلىكى بولسا كىرەك . مىنىڭچە بولسا ھىچنىمىگە قارىماي كەينىمگە قايىتقۇم بار. بىراق ... كەنجى تاغام سائىتىگە قارىۋەتكەندىن كىيىن: " بۇ ئۆڭكۈر ھەقىقەتەن كىرىش بار چىقىش يوق جاي ئىكەن ، پىقىر كەنجى غوجام << ئالتۇن قىزىش >> ھاياتىمدا غەلىتە ئىشلارنى ئاز كۆرمىگەن ، بىراق بۇنداق غەلىتە ئۆڭكۈرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن " دىدى . aaf}AIL.
كەنجى تاغام پەنزېگە قارىۋەتكەندىن كىيىن : " بىراق بۇ ھىلىقى قىرىنىڭ ئىيىتقان سۆزى ، راستىنلا كىرگەن ئادەمنى كېمىچىلا ئىلىپ چىقىپ كىتەلەمدۇ ؟ بۇنى دەلىللەشكە ھازىر ئامال يوق ، جەسەت ئۆڭكۈرى ، ئۇنداقتا ئالدىمىزدا چوقۇم بىز بىلمەيدىغان خەتەر بىزنى ساقلاۋاتىدۇ ، بەلكىم ئالۋاستى تىمىغا يولۇقارمىز ياكى سۇ ئالۋاستىسى كېمىمىزنى ئۆرىۋىتەر ؟ " دىدى . 0+1!-Wo
ئاكۈي خۇرسۇنغان ھالدا : " ئۇنچىلىك بولۇپ كەتمەس ؟ " دىدى . oB!Y)f6H1
" ئومومەن ھەرقانداق ھادىسىنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى بار ، بىزنىڭ بۇ قىتىملىق << ئالتۇن قىزىش >> ھەركىتىمىزدە قەۋرىگە يىتىپ بارالماي تۇرۇپ بىر مۇنچە غەلىتە ئىشلرغا يولۇقتۇق ، بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن كىپەن ئوغۇرسى جىندىن قورۇقمايدۇ ، جىندىن قورۇقسا كىپەن ئوغۇرلىيالمايدۇ . بىزنىڭ بۇ ئوقەتنى قىلىدىغانلارغا ئاشۇنداق غەلىتە ئىش - ھادىسىلەر ئۇچۇرمىسا تىخى خۇماردىن چىقمايدۇ " دىدى كەنجى تاغام ھەمدە بىر تەرەپتە يۈك تاقلار ئارىسىدىن قوش سىتوۋۇللۇق مىلتىقنى چىقىرىپ قاراۋاتقان پەنزېگە قاراپ : " ھازىر قولىمىزدا يۇقرى پەن تىخنىكىلىق جانىۋار بار ، بۇرۇنقى پىشقەدەم << ئالتۇن قازغۇچى >> لارغا قارىغاندا قوغدىنىش ئىقتىدارىمىز خىلىلا ياخشى ، ئەگەردە سۇ ئالۋاستىلىرىغا يولۇقۇپ قالساق ،....... سىكەي... ئاۋال ئۇلارنىڭ بىشىنى ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋىتىپ بىر نەرسە دەيلى " دىدى . ئاكۈينىڭ پۈتكۈل بەدىنى تىترەپ تۇتۇپ كەنجى تاغامغا : " كەنجى بىگىم ، سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىز ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى سەپەرۋەرلىك نۇتىقىمۇ ياكى جىن ھىكايىسىمۇ ؟ مەن تازا ئاڭقىرالماي ... ؟؟" دەپ سورىدى . RLLph
كەنجى تاغام مىلتىقنىڭ زاتورىنى تارتىۋەتكەندىن كىيىن ئاكۈيگە قاراپ تۇرۇپ : ' سەن توخۇ پوقى ،مىنىڭ يۈزۈمنى قويماي تۆكۈپ بولدۇڭ ، قانداقسىگە بۇنداق يارىماس تۇغۇلۇپ قالغانسەن ؟ ئاناڭنى ، كىلىشتىن بۇرۇن پو ئىتىپ ئۆزۈڭنى < جۇڭگۇلۇق رامبۇ > دەۋاتمامتىڭ ؟ " دىدى ھەمدە قولىدىكى مىلتىقنى بوتۇلكىغا سۇنغاچ : " بۇ جانىۋار ئۇلاپ ئىككى قىتىم ئوت ئاچالايدۇ . ئىتىپ بولۇپلا ئوق ئالماشتۇرۇش لازىم ، ئوقى چاچما ئوق ، ئارلىق يىراق بولسا ئۆلتۈرۈش ، يارلاندۇرۇش كۈچى قالمايدۇ ، ئامال بار قارغا ئىلىپ ئاندىن ئوق ئۈزۈڭ " دىدى . 7neJV
قوش سىتوۋۇللۇق ئوق تاپانچىسى ماڭا نىسپەتەن ناھايتى تونۇش ، ئالى مەكتەپتىكى ۋاختىمدا تىخى ئۆلكىلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئۇچار تەخسە ئىتىش تۈرىدە مۇكاپاتقىمۇ ئىرىشكەن . شۇڭلاشقا مەنمۇ بىر تال مىلتىقنى قولۇمغا ئىلىپ تەييارلىق ھالىتىدە تۇردۇم . كەنجى تاغام بىلەن ئاكۈي قوللىرىغا قاتلىنىدىغان گۈرجەكنى ئىلىپ پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى ، مەن ، پەنزې ، بوتۇلكا ئۈچىمىز قولىمىزغا قۇرال ئىلىپ كېمىنىڭ ئاستا ئالغا ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ ھىلىقى يىشىل نۇر چىقىۋاتقان جەسەت دۆۋلەنگەن جايغا قاراپ ئۈزۈپ كەتتۇق . ed5oN^V.<
كان چىرىغىنىڭ ئاجىز نۇرى ئاستىدا مەن تۇيۇقسىز بۇ ئۆڭكۈر كۆلىمىنىڭ كىڭىيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . يىشىل نۇر بىلەن ئارلىقىمىز بارا - بارا يىقىنلاۋاتاتتى . بۇ ۋاقىتتا مەن بوتۇلكىنىڭ پەس ئاۋازدا سۆزلىگىنىنى ، ئۇلاپلا پەنزېىنىڭ " ئاناڭنى ... " دەپ ئىغىزىنى بۇزۇپ تىللىغانلىقىنى ، ئاخىرىدا بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنتۇپ كىتىشىم مۇمكىن بولمىغان بىر مەنزىرىنى كۆردۈم . `Rq|*:LV
ئۆڭكۈرنىڭ يىشىل نۇرلۇق بۆلىكى باشقىچە ئوچۇقچۇلۇق بولۇپ ئادەم كۈچى بىلەن كولىغانلىقنىڭ ئىزناسى كۆرىنمەيتتى . ;u(*&vRqr^
تار سۇ يولىمۇ بۇ جايدا ئۆزگۈرۈپ كىچىك بىر دەرياغا ئايلانغان ئىدى . كىچىك دەريانىڭ سۇ ئۈستىگە چىقىپ قالغان دۆڭ جايلىرىدا يىشىل نۇر چىقىرىۋاتقان چىرىگەن جەسەتلەر دۆۋلەنگەن ئىدى . بىراق ئارلىق بىر ئاز يىراق بولغاچقا ئادەمنىڭمۇ ياكى ھايۋاننىڭ جەسىتىمۇ پەرىق قىلغىلى بولمايتى ، بىز يىقىنلاپ قارىساق ، سۆڭەكلەرنىڭ ئنتايىن رەتلىك قويۇلغانلىقىنى ، لىكىن دەريانىڭ قىرغىقىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئىنتاھىن رەتسىز ئىكەنلىكىنى ، ھەرقانداق شەكىلدىكىسىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە تىخى تولۇق چىرىپ بولالمىغان جەسەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ، بۇ جەسەتلەرنىڭ نىپىز كۈلرەڭلىك بىر نەرسىگە ئورالغانلىقىنى كۆردۇق . شۇ ۋاقىتا بىر نەچچە جەسەت بۈرگۈسى جەسەتلەر ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ بىزگە قاراپ غەلىتە بىر ئاۋاز چىقرىۋاتاتتى . بىراق ئۇلارنىڭ تىنى كېمە بىشىدىكى < ئۇرۇش ئەسىرىمىز > گە قارىغاندا خىلىلا كىچىك ئىدى . كىچىكرەك جەسەت بۈرگۈسى ئەمدىلا جەسەتنىڭ يىنىغا كىلىشىگە چوڭراقى دەرھال كاپلا قىلىپ چايناپ يۈتىۋەتتى . 3'6 UvAXFH
" بۇ جەسەتلەر يۇقارقى ئىقىندىن ئىقىپ كەلگەندەك تۇرىدۇ ، كۆپچىلىك ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەردىن ئىھتىيات قىلىڭلار " دىدى كەنجى تاغام . kq(><T
" قاراڭلار ! " دىدى ئاكۈي ئۆڭكۈرنىڭ بۇلۇڭىنى كۆرسىتىپ . ھەممىمىز ئاكۈي كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ئۇ يەردە سۇس يىشىل رەڭلىك نۇر چىچىۋاتقان خىرىستالدىن ياسالغان جەسەت ساندۇقىنىڭ ئازراق قىسمىنىڭ ئۆڭكۈر تىمىنىڭ قاپ ئوتۇرسىغا كىرگۈزۈلۈپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق . شۇنداقلا قارىسا خۇددى ھاۋادا لەيلەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . ئارلىق يىراق بولسمۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ئاق كىيىملىك بىر ئايالنىڭ ياتقىنىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى . " ئاۋۇ تەرەپتىمۇ بار ئىكەن " دىدى پەنزې ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ . ھەقىقەتەن يەنە بىر تەرەپتىكى ئوخشاش جايدا بايامقىغا ئوخشاش شەكىلدىكى يەنە بىر خىرۇستال جەسەت ساندۇقى بار ئىدى . بىراق بۇ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىچىدە جەسەت يوق، قۇرۇق ئىدى . S}hd, "I
" بۇ جەسەت ساندۇقى ئىچىدىكى جەسەت قىنى ؟ " دىدى كەنجى تاغام خۇرسىنىپ تۇرۇپ . _~CJitR3
ئاكۈي : " كەنجى بىگىم ، مۇردىمۇ يە ؟ مىنىڭچە بۇ يەردە مۇردا بولىشى ناتايىن ؟! " دىدى . )S4ga
" دىققەت قىلىڭلار ، بىرەر گۇمانلىق نەرسە كۆرسەڭلارلا ئوق چىقىرىڭلار " دىدى كەنجى تاغام ئەتراپنى كۆزۈتۈپ . q[P> s{"
بۇ ۋاقىتتا كىمە دەريا ئىقىمىغا ئەگىشىپ يۆلۈنۈشنى ئۆزگەرتىپ بىر چوڭ قۇرام تاشنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈشىگە ئاكۈي قورۇققىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى . بىز نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمەي بىشىمىزنى كۆتۈرۈپ قارىساق ئالدىمىزدىكى قۇرام تاش ئۈستىدە بىر ئايال بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇراتتى . مەن سەپسىلىپ قارىسام بۇ ئايال ئاق رەڭلىك قۇش پىيىدىن تىكىلگەن ئۇزۇن بىر يىپىنچا ئارتىۋالغان بولۇپ ، قاپقارا چىچى بىلىگە چۈشەتتى . مەن ئۇنىڭ كىيىم – كىچەك ، زىبۇ – زىننەتلىرىدىن كۆرۈپ يەتتىمكى بۇ ئايال بۇ ئايال غەربى جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئىدى . مەن گىلىمغا قاپلىشىپ قالغان نەرسىنى كۈچەپ يۈتۈپ : " جەسەت بۇ يەردە ئىكەن " دىدىم . ZBY}Mz$
كەنجى تاغام پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ : "توختات ، توختات ، ئاكۈي ، سومكىدىكى ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› نى ئەكەل ، قارىغاندا بۇ نەچچە مىڭ يىللىق مۇردا ئوخشايدۇ ، 1923 – يىلىدىكىسىنى تاپ ، ھازىرقى ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› ئۇنىڭغا كار قىلماسلىقى مومكىن " دەپ ۋارقىرىدى . M^HYkXn[
تاغام يەنە بىر قىتىم ۋارقىرىغان بولسىمۇ لىكىن ئاكۈيدىن ھىچقانداق سادا كەلمىدى . مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا قارىسام ئاكۈي ئاللىقاچان ئىغىزىدن ئاق كۆپۈك چىقىرىپ تارتىشىپ قالغان ئىدى . ئەگەر ھازىرقى ئەھۋال بۇنچىلىك خەتەرلىك بولمىغان بولسا مەن ئاللىقاچان قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىغان بولاتتىم . [bo"!Qk%
كەنجى تاغام ئاكۈينىڭ بۇ " ئىجادىيتى " نى كۆرۈپ پەنزېگە ۋارقىراپ: " پەنزې سەن بىرىپ تاپ ، ئاناڭنى مۇشۇ ئاچچىقىمدا بىكار ماۋۇ يارىماسىنى مۇردىغا تاشلاپ بىرىمەن " دىدى ھەمدە پەنزې ئۇزاتقان ‹‹ قارا ئىشەك تۇيۇقى ›› نى قولىغا ئىلىپ ئالقىنىغا بىرنى تۈكۈرۈپ ماڭا قاراپ : " چوڭ جىيەنىم ، بىر دەمدىن كىيىن كەنجى تاغاڭنىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ قوي ، ‹‹ مىڭ يىللىق مۇردا ›› دىگەن ئاسان تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ، ئەگەر ئىش ئەپلەشمەي قالسا سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن كاللامغا قارىتىپ ئوق ئىتىپ مىنى تىزرەك ئۇ دۇنياغا ئۇزۇتۇپ قوي " دىدى . Si~wig2
مەن تاغامنىڭ يىڭىنى تارتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا : " تاغا ئىشەنچىڭ بارمۇ – يوق " دىدىم . ئەمىلىيەتتە مەن ئۇنچىلىك قورقۇپ كەتمىدىم . چۈنكى مەن ئىلگىرى بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كۆرگەن قورقۇنۇچلۇق كىنولاردا بۇنداق ئۇزۇن چاچلىق قاملاشقان ئايال مۇردىلار ئۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى . بەلكىم بىردەمدىن كىيىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ : " ئاكىلار ، سىلەرنى بەك ئۇزۇن ساقلىاپ كەتتىم ، ماڭا ھەمرا بولۇپ پاراڭلىشىڭلار ! " دەمدۇ تىخى . +ru `Zw5,
بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا كەنجى تاغامغا : " ‹‹ قارا ئىشەكنىڭ تۇيىقى ›› ئادەتتىكى مۇردىلارغا بولىدۇ ، بىراىق ئالدىمىزدىكى ‹ ساھىپجامال › غا كار قىلماسمىكىن ، مەن بىر تەرەپ قىلاي " دەپلا چوڭ بىر سومكىدىن لاتىغا يۆگەلگەن ئۇزۇن بىر نەرسىنى چىقاردى . بۇ نەرسە كەنجى تاغام ئالدىنقى قىتىم ماڭ ئىيىتقان ھىلىقى نىمە ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ئىدى . بوتۇلكا ئۈستىدىكى لاتىنى يىشىپ ئىچىدىن قاپقارا قەدىمى خەنجەرنى چىقاردى . قارىغاندا بۇ ‹‹ قارا ئالتۇن ›› دىن ياسالغان خەنجەر بولسا كىرەك . بوتۇلكا قەدىمى خەنجەرنى ئۆزىنىڭ سول بىلىكىگە قارىتىپ يەڭگىل بىرنى سۈرۈپلا دەرھال كىمە بىشىغا بىرىپ قىنىىنى سۇغا ئىقىتىشقا باشلىدى . بىر نەچچە تامچە ئىقىتىشىغا " شار – شۇر " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىرمۇنچە جەسەت بۈرگۈسى جەسەت ئىچىدىن قىچىپ چىقىپ جىنىنىڭ بارىچە كىمىمىزدىن يىراقلاپ قىچىشقا باشلىدى . بىردەمدە سۇنىڭ ئىچىدىكى ، دەريا قىرغىقىدىكى جەسەتلەر ئىچىدىكى جەسەت بۈرگۈلىرى نەلەرگىدۇر غايىپ بولغانتى . 6?US<<MQ
شۇ ھامان بوتۇلكا قانغا بويالغان قولىنى كۆتۈرۈپ ھىلىقى ساھىپجامال مۇردىغا تەڭلىۋىدى ، ھىلىقى مۇردا دەرھاللا تىزلاندى . مەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەيران بولغىنىمدىن ئاستىنقى ئىڭىكىم چۈشۈپ قالغىلى تاس قالدى . بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا بىزگە قاراپ : " تىز ماڭايلى ، ھەرگىزمۇ ئارقاڭلارغا قارىماڭلار !!! " دەپ ۋارقىرىدى . (dNF)(wn
گەرچە مىنىڭ بۇ ‹‹ ساھىپجامال ›› نىڭ چىرايىنى شۈنچىلىك كۆرىۋالغۇم بولسىمۇ بوتۇلكىنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇنىڭغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم . كەنجى تاغام بىلەن پەنزې جىنىنىڭ بارىچە پالاق ئۇرۇپ كىمىنى تىزراق ھەيدەشكە تىرىشىۋاتاتتى . ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق . بىز ئاخىرى سۇ يولىنىڭ بارا – بارا تارىيىپ دەسلەپتىكى ئۆڭكۈرگە كىرگىنىمىزگە ئوخشاش تار بىر چىقىش ئىغىزىنىڭ ئالدىمىزدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۇق . g]44|9x(W
بىز يەنە كىمىنى ھەيدەپ ،چىقىش ئىغىزى قىلىپ كولانغان تار ھەم پاكار ئوغرى ئۆڭكۈرىگە كىردۇق . بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزەمنى ئەقىللىق چاغلاپ ھىلىقى ‹‹ ساھىپجامال ›› نىڭ يۈزىگە قارىغىلى بولمىسا سۇدىكى ئەكىس سايىسىنىغۇ كۆرۈشكە بولار ؟ دەپ ئويلاپ سۇغا قاراپلا قورۇققۇنۇمدىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم . سۇدىكى ئەكىس سايەمدە نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر نەرسە مىنىڭ مۈرۈمگە يامىشىۋاتاتتى . مەن كونتۇرۇللۇقۇمنى يوقۇتۇپ ئارقامغا بۇرۇلۇپ ۋارقىراي دىيشىمگە ئارقا مىڭەم بىر زەربىنى تۇيغاندەك بولۇپ كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى. :&z!o"K
SV ~QH&0'
dXY}B=C
داۋامى بار ........ S$wC{7?f
5>1c4u`x
كونا دەريا قىنى تەرجىمىسى . d--6<_q
OaN"6Ge#
" كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى " ، 1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " 1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - باپىنى كۆرۈش ئادىرسى : MM@&Q