تارىخىي چىنلىقمۇ، توقۇلمىمۇ؟ ~.dmfA{
A<+veqb4
ياسىنىجان سادىق چوغلان
8ph*S&H مۇھەررىر ئىلاۋىسى :
v&8%t 7| جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىلىم ۋە مەنىۋى زوقىمىزنىڭ بۇلىقى بولغان تۈرلۈك - تۈمەن كىتابلار نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر مەنىۋىيىتىگە زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر مەلۇم بىر كىتابنى ياكى مەلۇم ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن كىتابتىكى پېرسوناژ، ۋەقە، مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىدۇ، مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. بۇ ھەقتە ئەسەر ئاپتورى بىلەن پىكىرلەشكۈسى، ئايدىڭ بولمىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئاپتوردىن سورىغۇسى كېلىدۇ. بىراق ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. تەھرىراتىمىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ‹‹ ئەدىبلىرىمىزدىن سورايدىغانلىرىم ›› سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىماقچى. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ رايونىمىزدىكى ھەر قانداق بىر ئەدىبتىن سورايدىغان سوئاللىرى، ئېيتىدىغان كۆڭۈل سۆزلىرى بولسا تەھرىراتىمزىغا ئەۋەتىشىنى سورايمىز. تەھرىراتىمىز بار تىرىشچانلىقى بىلەن ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تېگىشلىك جاۋاب بېرىدۇ ۋە بۇ سوئال - جاۋابلارنى ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىدۇ، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ سەھىپىمىزگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
&* Aems{- q#mw#Uw- ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياسىنجان سادىق چوغلان :
Avc9W[4 مەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئوقۇرمەن. ئەدەبىيات خەزىنىمىزنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان ئىجتىھاتلىق يازغۇچىلىرىمىز قاتارىدا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيمەن. بولۇپمۇ سىز كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان ‹‹ جاللات خېنىم ›› ، ‹‹ باھادىرنامە ›› قاتارلىق ئەسەرلىرىڭىز ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور زىلزىلە، قىزىقىش قوزغىدى. بۇ ئەمگەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلىنىڭ خەيرلىك قەدىمى سۈپىتىدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ‹‹ ئەدىبلەردىن سورايدىغانلىرىم ›› سەھىپىسى ئارقىلىق مۇشۇ ئەسەرلىرىڭىز ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىمنى سورىغۇم بار.
da,Bnze0 ‹‹ جاللات خېنىم ›› رومانىڭىزدىكى باش قەھرىمان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ناھايىتى دانا، يىراقنى كۆرەر، كەسكىن ۋە ئىرادىلىك ئايال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ باشتىن - ئاخىر ئاشقۇن سوپىلارغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ، ھەققانىيەتنى ياقىلايدۇ. ئەمما 18- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر تارىخچى، مەدەنىيەت ئەربابى مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ‹‹ تەزكىرەئىي ئەزىزان ›› ناملىق كىتابىدا مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ناھايىتى قانخور، تەكەببۇر، جاھالەت ھامىيسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. ئويلايمەن، مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي سەئىدىيە خاندانلىقىغا خېلى يېقىن دەۋردە ياشىغان، شۆھرەتلىك تارىخچىدۇر. سىز مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ئوبرازىنى ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىز ئاساسىدىلا ئىجابىي قىلىپ ياراتتىڭىزمۇ قانداق؟
#7Pnw.s3zz ‹‹ باھاردىرنامە ›› رومانىڭىز ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننىڭ كۆپلۈكى، ئەسەردىكى تارىخىي سەھنىنىڭ كەڭلىكى، ھەجمىنىڭ چوڭلۇقى نۇقتىسىدىن ھازىرغىچە يېزىلغان ئۇيغۇر رومانلىرى ئىچىدە يېگانە ئەسەر بولۇپ قالدى ۋە ‹‹ تۇلپار مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشىپ، مۇناسىپ قەدىرلەشكە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى چىن قەلبىمدىن مۇبارەكلەيمەن. سوئالىم، چاغاتاي خانلىقى ۋە تېمۇرىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋر تېما قىلىنغان بۇ رومانىڭىزدا ھەقىقىي تارىخ قانچىلىك، بەدىئىي توقۇلما قانچىلىك؟ ‹‹ بابۇرنامە ›› ، ‹‹ تارىخىي رەشىدىي ›› قاتارلىق بىرىنچى قول تارىخ كىتابلىرىدىن قانچىلىك پايدىلاندىڭىز؟ ئوتتۇرا ئاسىيالىق قەلەمكەشلەر يازغان، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان شۇ دەۋر تارىخىغا بېغىشلانغان ‹‹ ئۇلۇغبېك خەزىنىسى ›› ، ‹‹ يۇلتۇزلۇق تۈنلەر ›› ، ‹‹ ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر ›› ، ‹‹ نەۋايى ›› ... قاتارلىق ئەسەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانچىلىك؟ مەسىلەن : سىز ئۇلۇغبېك ئوبرازىنى ياراتقاندا، ئۇنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقلىرىنىمۇ يېزىپسىز. ئەمما ‹‹ ئۇلۇغبېك خەزىنىسى ›› دە ئۇلۇغبېك ناھايىتى ئادىل ، خەلقپەرۋەر، رەھىمدىل ھۆكۈمران سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ھەقىقىي ئادەملەر توغرىسىدىكى ئەسەرلەردىمۇ شۇنداق تۈپتىن ئوخشىمايدىغان خاراكتېر بولسا، كىتابخانلارنى قايمۇقتۇرامدۇ قانداق؟
3O'6 Ae ‹‹ باھادىرنامە ›› سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ. ‹‹ جاللات خېنىم ›› بولسا، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زاۋال پەيتىگە بېغىشلانغان رومان. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەسەر يېزىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟
dpTeF`N مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئەدەبىيات - سەنئەت، ئاخبارات - نەشرىيات ئىشلىرىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىز كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلىنغاندىن باشقا، ئاۋازغا ئېلىنىپ ئېلېكتىرونلۇق شەكلىدە نەشر قىلىنىدىغان، رادىيو ئىستانسىلىرىدا ئاڭلىتىلىدىغان، ئىنتېرنېت تورلىرىدا تارقىتىلىدىغان بولدى. گەرچە بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل نەشر نۇسخىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن شەخسلەرنىڭ ئەسەر ئاپتورىدىن ئىجازەت ئالماسلىقى، ھەق بەرمەسلىكى سەۋەبلىك بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ ھەقتە سىزنىڭ قارىشىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟
z+k[HE^S ـ كورلا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن: غېنى قۇربان
9 :ubPqt X>$s>})Y باشتىكى سوئالىڭىز ھەققىدە بىر قانچە قېتىملىق رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە ژۇرنال سۆھبەتلىرىدە خېلى تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەنىدىم، شۇنداقتىمۇ يەنە ئىزاھات بېرەي : سىز تىلغا ئالغان مۆھتەرەم ئەللامە مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك قەلىمىگە مەنسۇپ ‹‹ تەزكىرەئىي ئەزىزان ›› نى تەچچە قېتىملاپ ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. شۇ تاپتا سىزگە ئاۋۋال مەزكۇر كىتابنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشىر قىلغان نۇسخىسىنىڭ 61-، 62- بەتلىرىدە جاللات خېنىمغا مۇناسىۋەتلىك بېرىلگەن بايانلاردىن ئۇچۇر بېرەي : ‹‹ ئافاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن قەشقەر ياغدۇغا دەپنە قىلىندى، خانىم پادىشاھ پەرزەنتلىرى بىلەن ياركەنددە، غوجا يەھيا قەشقەردە بەر قارار بولدى. بىر نەچچە مۇددەتتىن كېيىن خانىم پادىشاھ ياركەنددىن بارلىق ئۆلىما - ئۆمەرالىرى بىلەن قەشقەرگە مازار زىيارىتىگە كەلدى. يەھيا غوجام ئالدىغا چىقتى، ئاندىن بىللە تۇپراق بېشىغا باردى، غوجا يەھيا شەھەر ئىچىدە بولۇپ، مازارغا بېرىپ خانىمغا سالام قىلدى. بىر كۈنى ياركەندنىڭ ئەئلىمى مىرزا بارات غوجا يەھيانىڭ قېشىغا كېلىپ دېدىكى : ‹‹ يا غوجا يەھيا، مەملىكەتنى تۇتۇش مۈشكۈلدۇر، خانىم پادىشاھ ئايال كىشى، ئۇنىڭ بىلەن مەملىكەتدارلىق قىلغىلى بولماس، مازاقلار كۆپتۇر، بۇ تەرەپ قىرغىز، ئۇ تەرەپ قالماق، سىز پايتەخت ياركەنددە خان بولۇپ ئولتۇرسىڭىز، خانىم پادىشاھ شاھزادىلەر بىلەن سەر مازاردا دۇئاگۇي بولۇپ ئۆتسە دۈشمەن قول سالالماس، ئاندىن مەملىكەتدارلىق قىلغىلى بولاتتى ›› دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى. غوجا يەھيا ئېيتتىكى : ‹‹ بۇنداق قىلسام خەلق ماڭا ئاتىسى ئۆلمەك بىلەن شەھەر تالىشىپتۇ دەپ تەنە قىلىشىدۇ. ›› مىرزا بارات ئېيتتىكى : ‹‹ مەملىكەت خاراب بولۇر، نۆۋەت قولدىن كېتۇر، كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان پايدا بەرمەس. ›› بۇ چاغدا موللا ساقى خەۋەر تېپىپ بۇ مەسلىھەتكە قاتناشتى، ئۇنىڭ خوتۇنى بۇ مەسلىھەتنى ئاڭلاپ خانىم پادىشاھقا يەتكۈزدى. خانىم پادىشاھ ئاڭلاپ بەتگۇمان بولۇپ، غوجا يەھيانى ئۆلتۈرۈشنىڭ پېيىگە چۈشتى. نەچچە كىشىنىڭ قولىغا تىغ بېرىپ، تەييار بولۇشقا بۇيرۇدى. ئەتىسى ئەتىگەندە غوجا يەھيا كەلدى، خانىم پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ، ئاچچىق بىلەن ئېيتتىكى : ‹‹ ئى غوجا سىزدىن نە لازىمدۇركى، مەن مۇندا ( مازاردا ) قونغايمەن، سىز شەھەر ئىچرە پاراغەت بىرلە قونغايسىز، مەن سىزنىڭ ئىككىنچى ئانىڭىز تۇرسام، بىر نەچچە كۈن مەن يانغۇچە ئىشىك بېقىپ كېچە - كۈندۈز ياتمىسىڭىز، بۇ نىچۈك بىئەدەپلىكتۇر ؟ ! سىزلەرنىڭ قايسى ئاتىڭىزلەر پادىشاھ بولۇپ كەلگەن؟ بىزلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا دۇئاگۇي بولۇپ كەلگەن ئەمەسمىدى ؟ شۇنداق تۇرۇپ خانلىق دەۋاسى قىلماق بىمەنىلىك ئەمەسمۇ ؟ ›› غوجا يەھيا كايىش بىلەن ئېيتتىكى : ‹‹ مەن ھەزرەتكە، سىزلەرگە خىزمەتتە بولۇرمەن دەپ كاشغەردە ئولتۇرغان ئىدىم، خىلۋەتتە دۇئاگۇيلۇق قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. ›› بۇ ھالەتتە لىتىپ بىكاۋۇل دەپ بىر كىشى بار ئىدى، بىلدىكى ئىش ئۆزگەردى، دەرھال ئىشارەت قىلدى، غوجىنى چاققانلىق بىلەن كانارىغا ئالدى. شۇ سائەتتە خانىم ياركەندە تامان ماڭدى، ياركەندگە بارغاندىن كېيىن بىر كېچىسى دىۋانىلەر مىرزا بارات ئەئلەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
BKfkB[*F ئەلقىسسە غوجا يەھيا ئافاق غوجا ۋاپاتىدىن ئالتە ئايدىن كېيىن خانىم پادىشاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى، ئۈچ ئوغلى بار ئىدى، ئىككىسىنى ھەم ئۆلتۈردى، بىر ئوغلى غوجا ئەھمەدنى قاچۇرۇپ تۆشۈك تاغدا ساقلىدى ... ››
.:nV^+) خوش، بوۋىمىز مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئۆزى ياشىغان ئەينى دەۋردە بىزگە پەقەت مۇشۇنچىلىكلا مەلۇمات بېرەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ دەۋردە ئافاق غوجىنىڭ كېيىنكى مۇرىتلىرىنىڭ تەسىرى يەنىلا چوڭ ئىدى. تەزكىرەئىي ئەزىزاننى سىزمۇ ئوقۇپسىز، مۇلاھىزە قىلىپ باقتىڭىزمىكىن، تەزكىرىدە ئافاق غوجا ناھايىتى ئۇلۇغلىنىپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىبەتكە بېرىپ دالاي لاما بەشىنچى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغانلىقى، ھەم شۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن غالداننى بۇ زېمىنغا باشلاپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي رېئاللىقنىمۇ چاندۇرماي بايان قىلىپ بەرگەن. جاللات خېنىم ھەققىدىكى يۇقىرىقى بايانلارمۇ ئاشۇ چاندۇرماي قىلغان بايانلارنىڭ بىر قىسمى. بۇنىڭدىن مېنىڭ چۈشەنچەم شۇكى : بىرىنچى ، ھەر قانداق ھۆكۈمدار ئۆزىنىڭ تەخت - سەلتەنىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن. جاللات خېنىم ( مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ئانىمىز ) مۇ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئەڭ چوڭ خەۋپ سانالغان يەھيا غوجا ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن. جاللات خېنىم دېگەن بۇ ھاقارەت نامنى ئەينى دەۋردە ئۇنىڭغا خەلق ئەمەس، ئۇنىڭدىن ھاكىمىيەت تالىشىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن غوجا - ئىشانلارنىڭ بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس؛ ئىككىنچى، بۇنىڭدىن يەنە بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە جاللات خېنىم ئافاق غوجىغا تەگكەن بولسىمۇ، ئافاق غوجا جان - جەھلى بىلەن تەرغىب قىلغان ئىشقىيە سۈلۈكىگە كىرمىگەن، كىرگەن بولسا ئىدى، يەھيا غوجىنى ئۆلتۈرۈش تۈگۈل ھاقارەت قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەينى دەۋردە ئاۋام ئارىسىدا قارغىشقا كېتىمىز، يامان بولىدۇ، دەپ غوجا ئەۋلادىغا تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتى؛ ئۈچىنچى، جاللات خېنىم ئەزەلدىن ئافاق غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنى كۆزگە ئىلغان ئەمەس، ئەگەر كۆزگە ئىلغان بولسا ئىدى، يەھيا غوجىغا : ‹‹ سىزنىڭ قايسىبىر ئاتا - بوۋىلىرىڭىز پادىشاھ بولۇپ ئۆتكەن ئىدى ؟ سىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىڭىز بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا دۇئاگۇيلۇق قىلىپ ئۆتكەن ئەمەسمىدى؟ شۇنداق تۇرۇپ خانلىق تەلەپ قىلىشىڭىز بىمەنىلىك ئەمەسمۇ ؟ ›› ، دېگەن گەپنى قىلمايتتى؛ تۆتىنچى، جاللات خېنىم ئۆزىنىڭ سەئىدىيە خان جەمەتىنىڭ ھەقىقىي پۇشتى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنەتتى ۋە ئۆزىنى قانۇنلۇق تەخت ئىگىسى دەپ ھېسابلايتتى.
"3r7/>xy 3R=R k ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ، قېنى مەن ‹‹ جاللات خېنىم ›› ئوبرازىنى ئۆز تەسەۋۋۇرۇمغا تايىنىپلا يارىتىپتىمەنمۇ ياكى ئۇنىڭ تارىخىي ئاساسى بارمىكەن ؟
ALOS>Bi& ئىككىنچى سوئالىڭىزغا كەلسەك، ‹‹ تارىخىي رەشىدى ›› ، ‹‹ بابۇرنامە ›› قاتارلىق كىتابلارغا سېلىشتۇرغاندا، ‹‹ باھاردىنامە ›› دە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي چىنلىق ھەققىدە سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى سەمىمىيىلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەنكى، مۇمكىن بولسا ‹‹ باھادىرنامە ›› نى ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئاشۇ ئىككى شاھانە ئەسەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن ‹‹ باھادىرنامە ›› نى ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇ چاغدا سىز بايا تىلغا ئالغان ‹‹ باھادىرنامە ›› دە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەقىقىي تارىخنىڭ چىنلىق دەرىجىسىگە ھۆكۈم چىقىرالايسىلەر.
_>LI[yf{ ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئۇ كىتابلار ئاساسەن ئۇلۇغبەگ، نەۋايى، بابۇر، ھۇمايۇن ۋە ئەكبەرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان بىيوگرافىك رومانلار ھېسابلىنىدۇ. بۇلار ‹‹ باھادىرنامە ›› يازماي ئۆتۈپ كېتىدىغان تارىخىي شەخسلەر ئەمەس. ‹‹ باھادىرنامە ›› دە ئاشۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەپسىلىي يېزىشقا تىرىشتىم. ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلار رومانلىرىدا يازغان تەپسىلاتلاردىن باشقا يازمىغان ياكى ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەن تەپسىلاتلارنىمۇ تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا يېزىپ چىقتىم. مەسىلەن : ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلار يازغان بابۇرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان رومانلاردا پەقەت بابۇرنىڭ ئاتا جەمەتىگە تەپسىلىي ئورۇن بېرىلىپ، ئانا جەمەتىگە ئورۇن بېرىلمىگەن ياكى ئورۇن بېرىشنى خالىمىغان. ‹‹ باھادىرنامە ›› دە بۇ تەرەپلىرى تەپسىلىي يېزىلدى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، مەن بوۋىمىز ئەلشىر نەۋايىنى ‹‹ باھادىرنامە ›› گە قىستۇرالمىدىم. سەۋەبى : بوۋىمىز ئەلشىر نەۋايى ياشىغان سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيىتى رومانىمدا يانداش ۋەقەلىك سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن، نەۋايىنى قەستەن كىرگۈزسەم، بىرىنچىدىن، روماننىڭ بەدئىيلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن؛ ئىككىنچىدىن، بۇ ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ شۆھرىتىگە مۇناسىپ تەسۋىرلىيەلمەي نۇقسان يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىدىم، شۇڭا نەۋايى ھەققىدە ئاز - تولا ئۇچۇر بېرىش بىلەنلا كۇپايىلەندىم.
WC pCWtmy ئۇلۇغبەگكە كەلسەك باھادىرنامىدە ئىمكان بار تەپسىلىي يېزىشقا تىرىشتىم. ھېس قىلدىڭىزمىكىن باھادىرنامىدىكى ئۇلۇغبەگنىڭ ئادىللىقى، رەھىمدىللىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، ئىلىم سۆيەرلىكى، پەم - پاراسەتلىكى ‹‹ ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى ›› دىكى ئۇلۇغبەگدىن يۇقىرى تۇرسا تۇرىدۇكى، ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئەمما شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئۇلۇغبەگ يالغۇز مەرىپەتپەرۋەر ئالىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئەلنىڭ ھۆكۈمدارىدۇر. ئويلاپ بېقىڭ، تارىختا قايسى بىر ھۆكۈمدار قىلىچىدىن قان تامدۇرماي سەلتەنەت سۈرەلىگەن ؟ ھەقىقىي ئادەملەر ھەققىدە ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشىمىغان ماكاندا، ئوخشىمىغان يازغۇچىلار ئونلاپ، ھەتتا يۈزلەپ رومانلار يېزىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ رومانلاردىكى مەلۇم ۋەقە ياكى سەرگۈزەشتىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن، كىتابخانىلارنىڭ قايمۇقۇپ قېلىشى ناتايىن. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسى ئۇنچە ئاددىي، سەۋىيەسى ئۇنچە تۆۋەن ئەمەس. بەلكىم ئاشۇ ئوقۇرمەننىڭ ئاشۇ تارىخىي رېئال شەخسكە نىسبەتەن بىلىشى يازغۇچىدىن مول بولۇشىمۇ مۇمكىن.
JR_s-&