باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5493 
  •    ئىنكاس 
       18 

تارىخىي چىنلىقمۇ، توقۇلمىمۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5963
 سائەت
دەرىجىسى:
5963 سائەت 327 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-29
— تېما باشقۇرغۇچى AnaTuprak تەرپىدىن نادىرلاندى. (2013-04-17) —

تارىخىي چىنلىقمۇ، توقۇلمىمۇ؟ Cf%)W:Q9  
^(6.P)$  
ياسىنىجان سادىق چوغلان  
                                   r4_ c~\jH  
مۇھەررىر ئىلاۋىسى :                                                                               1M<'^(t3d  
جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىلىم ۋە مەنىۋى زوقىمىزنىڭ بۇلىقى بولغان تۈرلۈك - تۈمەن كىتابلار نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر مەنىۋىيىتىگە زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر مەلۇم بىر كىتابنى ياكى مەلۇم ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن كىتابتىكى پېرسوناژ، ۋەقە، مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىدۇ، مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. بۇ ھەقتە ئەسەر ئاپتورى بىلەن پىكىرلەشكۈسى، ئايدىڭ بولمىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئاپتوردىن سورىغۇسى كېلىدۇ. بىراق ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. تەھرىراتىمىز ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ‹‹ ئەدىبلىرىمىزدىن سورايدىغانلىرىم ›› سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىماقچى. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ رايونىمىزدىكى ھەر قانداق بىر ئەدىبتىن سورايدىغان سوئاللىرى، ئېيتىدىغان كۆڭۈل سۆزلىرى بولسا تەھرىراتىمزىغا ئەۋەتىشىنى سورايمىز. تەھرىراتىمىز بار تىرىشچانلىقى بىلەن ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تېگىشلىك جاۋاب بېرىدۇ ۋە  بۇ سوئال - جاۋابلارنى  ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىدۇ، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ سەھىپىمىزگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.                                                                                       h3JIiwv0!  
                                                                                 6%:'2;xM  
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياسىنجان سادىق چوغلان :                                   O-:~6A  
مەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئوقۇرمەن. ئەدەبىيات خەزىنىمىزنى بېيىتىپ كېلىۋاتقان ئىجتىھاتلىق يازغۇچىلىرىمىز قاتارىدا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىمۇ سۆيۈپ ئوقۇيمەن. بولۇپمۇ سىز كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان ‹‹ جاللات خېنىم ›› ، ‹‹ باھادىرنامە ›› قاتارلىق ئەسەرلىرىڭىز ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور زىلزىلە، قىزىقىش قوزغىدى. بۇ ئەمگەكلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ‹‹ شىنجاڭ ياشلىرى ›› ژۇرنىلىنىڭ خەيرلىك قەدىمى سۈپىتىدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ‹‹ ئەدىبلەردىن سورايدىغانلىرىم ›› سەھىپىسى ئارقىلىق مۇشۇ ئەسەرلىرىڭىز ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىمنى سورىغۇم بار.               )b5MP1H  
‹‹ جاللات خېنىم ›› رومانىڭىزدىكى باش قەھرىمان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ناھايىتى دانا، يىراقنى كۆرەر، كەسكىن ۋە ئىرادىلىك ئايال سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ باشتىن - ئاخىر ئاشقۇن سوپىلارغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ، ھەققانىيەتنى ياقىلايدۇ. ئەمما 18- ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر تارىخچى، مەدەنىيەت ئەربابى مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ‹‹ تەزكىرەئىي ئەزىزان ›› ناملىق كىتابىدا مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنى ناھايىتى قانخور، تەكەببۇر، جاھالەت ھامىيسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. ئويلايمەن، مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي سەئىدىيە خاندانلىقىغا خېلى يېقىن دەۋردە ياشىغان، شۆھرەتلىك تارىخچىدۇر. سىز مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ئوبرازىنى ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىز ئاساسىدىلا ئىجابىي قىلىپ ياراتتىڭىزمۇ  قانداق؟                                   ,"*[T\u  
‹‹ باھاردىرنامە ›› رومانىڭىز ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننىڭ كۆپلۈكى، ئەسەردىكى تارىخىي سەھنىنىڭ كەڭلىكى، ھەجمىنىڭ چوڭلۇقى نۇقتىسىدىن ھازىرغىچە يېزىلغان ئۇيغۇر رومانلىرى ئىچىدە يېگانە ئەسەر بولۇپ قالدى ۋە ‹‹ تۇلپار مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشىپ، مۇناسىپ قەدىرلەشكە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى چىن قەلبىمدىن مۇبارەكلەيمەن. سوئالىم، چاغاتاي خانلىقى ۋە تېمۇرىيلار ئىمپېرىيەسى دەۋر تېما قىلىنغان بۇ رومانىڭىزدا ھەقىقىي تارىخ قانچىلىك، بەدىئىي توقۇلما قانچىلىك؟  ‹‹  بابۇرنامە ›› ، ‹‹ تارىخىي رەشىدىي ›› قاتارلىق بىرىنچى قول تارىخ كىتابلىرىدىن قانچىلىك پايدىلاندىڭىز؟  ئوتتۇرا ئاسىيالىق قەلەمكەشلەر يازغان، ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان شۇ دەۋر تارىخىغا بېغىشلانغان ‹‹ ئۇلۇغبېك خەزىنىسى ›› ، ‹‹ يۇلتۇزلۇق تۈنلەر ›› ، ‹‹ ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر ›› ، ‹‹ نەۋايى ›› ... قاتارلىق ئەسەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانچىلىك؟ مەسىلەن : سىز ئۇلۇغبېك ئوبرازىنى ياراتقاندا، ئۇنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقلىرىنىمۇ يېزىپسىز. ئەمما ‹‹ ئۇلۇغبېك خەزىنىسى ›› دە ئۇلۇغبېك ناھايىتى ئادىل ، خەلقپەرۋەر، رەھىمدىل ھۆكۈمران سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ھەقىقىي ئادەملەر توغرىسىدىكى ئەسەرلەردىمۇ شۇنداق تۈپتىن ئوخشىمايدىغان خاراكتېر بولسا، كىتابخانلارنى قايمۇقتۇرامدۇ قانداق؟                                                     mEE/Olh W  
‹‹ باھادىرنامە ›› سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ. ‹‹ جاللات خېنىم ›› بولسا، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زاۋال پەيتىگە بېغىشلانغان رومان. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەسەر يېزىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟                                                         bD49$N?>  
مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئەدەبىيات - سەنئەت، ئاخبارات - نەشرىيات ئىشلىرىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىز كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلىنغاندىن باشقا، ئاۋازغا ئېلىنىپ ئېلېكتىرونلۇق شەكلىدە نەشر قىلىنىدىغان، رادىيو ئىستانسىلىرىدا ئاڭلىتىلىدىغان، ئىنتېرنېت تورلىرىدا تارقىتىلىدىغان بولدى. گەرچە بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل نەشر نۇسخىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن شەخسلەرنىڭ ئەسەر ئاپتورىدىن ئىجازەت ئالماسلىقى، ھەق بەرمەسلىكى سەۋەبلىك بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ ھەقتە سىزنىڭ قارىشىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟                                                                                       t1Cyyb  
ـ كورلا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن: غېنى قۇربان |s s_<  
"9R3S[  
باشتىكى سوئالىڭىز ھەققىدە بىر قانچە قېتىملىق رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە  ژۇرنال سۆھبەتلىرىدە خېلى تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەنىدىم، شۇنداقتىمۇ يەنە ئىزاھات بېرەي : سىز تىلغا ئالغان مۆھتەرەم ئەللامە مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك قەلىمىگە مەنسۇپ ‹‹ تەزكىرەئىي ئەزىزان ›› نى تەچچە قېتىملاپ ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. شۇ تاپتا سىزگە ئاۋۋال مەزكۇر كىتابنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشىر قىلغان نۇسخىسىنىڭ 61-، 62- بەتلىرىدە جاللات خېنىمغا مۇناسىۋەتلىك بېرىلگەن بايانلاردىن ئۇچۇر بېرەي : ‹‹ ئافاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن قەشقەر ياغدۇغا دەپنە قىلىندى، خانىم پادىشاھ پەرزەنتلىرى بىلەن ياركەنددە، غوجا يەھيا قەشقەردە بەر قارار بولدى. بىر نەچچە مۇددەتتىن كېيىن خانىم پادىشاھ ياركەنددىن بارلىق ئۆلىما - ئۆمەرالىرى بىلەن قەشقەرگە مازار زىيارىتىگە كەلدى. يەھيا غوجام ئالدىغا چىقتى، ئاندىن بىللە تۇپراق بېشىغا باردى، غوجا يەھيا شەھەر ئىچىدە بولۇپ، مازارغا بېرىپ خانىمغا سالام قىلدى. بىر كۈنى ياركەندنىڭ ئەئلىمى مىرزا بارات غوجا يەھيانىڭ قېشىغا كېلىپ دېدىكى : ‹‹ يا غوجا يەھيا، مەملىكەتنى تۇتۇش مۈشكۈلدۇر، خانىم پادىشاھ ئايال كىشى، ئۇنىڭ بىلەن مەملىكەتدارلىق قىلغىلى بولماس، مازاقلار كۆپتۇر، بۇ تەرەپ قىرغىز، ئۇ تەرەپ قالماق، سىز پايتەخت ياركەنددە خان بولۇپ ئولتۇرسىڭىز، خانىم پادىشاھ شاھزادىلەر بىلەن سەر مازاردا دۇئاگۇي بولۇپ ئۆتسە دۈشمەن قول سالالماس، ئاندىن مەملىكەتدارلىق قىلغىلى بولاتتى ›› دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى. غوجا يەھيا ئېيتتىكى : ‹‹ بۇنداق قىلسام خەلق ماڭا ئاتىسى ئۆلمەك بىلەن شەھەر تالىشىپتۇ دەپ تەنە قىلىشىدۇ. ›› مىرزا بارات ئېيتتىكى : ‹‹ مەملىكەت خاراب بولۇر، نۆۋەت قولدىن كېتۇر، كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان پايدا بەرمەس. ›› بۇ چاغدا موللا ساقى خەۋەر تېپىپ بۇ مەسلىھەتكە قاتناشتى، ئۇنىڭ خوتۇنى بۇ مەسلىھەتنى ئاڭلاپ خانىم پادىشاھقا يەتكۈزدى. خانىم پادىشاھ ئاڭلاپ بەتگۇمان بولۇپ، غوجا يەھيانى ئۆلتۈرۈشنىڭ پېيىگە چۈشتى. نەچچە كىشىنىڭ قولىغا تىغ بېرىپ، تەييار بولۇشقا بۇيرۇدى. ئەتىسى ئەتىگەندە غوجا يەھيا كەلدى، خانىم پادىشاھ دەرغەزەپكە كېلىپ، ئاچچىق بىلەن ئېيتتىكى : ‹‹ ئى غوجا سىزدىن نە لازىمدۇركى، مەن مۇندا ( مازاردا ) قونغايمەن، سىز شەھەر ئىچرە پاراغەت بىرلە قونغايسىز، مەن سىزنىڭ ئىككىنچى ئانىڭىز تۇرسام، بىر نەچچە كۈن مەن يانغۇچە ئىشىك بېقىپ كېچە - كۈندۈز ياتمىسىڭىز، بۇ نىچۈك بىئەدەپلىكتۇر ؟ ! سىزلەرنىڭ قايسى ئاتىڭىزلەر پادىشاھ بولۇپ كەلگەن؟ بىزلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا دۇئاگۇي بولۇپ كەلگەن ئەمەسمىدى ؟ شۇنداق تۇرۇپ خانلىق دەۋاسى قىلماق بىمەنىلىك ئەمەسمۇ ؟ ›› غوجا يەھيا كايىش بىلەن ئېيتتىكى : ‹‹ مەن ھەزرەتكە، سىزلەرگە خىزمەتتە بولۇرمەن دەپ كاشغەردە ئولتۇرغان ئىدىم، خىلۋەتتە دۇئاگۇيلۇق قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. ›› بۇ ھالەتتە لىتىپ بىكاۋۇل دەپ بىر كىشى بار ئىدى، بىلدىكى ئىش ئۆزگەردى، دەرھال ئىشارەت قىلدى، غوجىنى چاققانلىق بىلەن كانارىغا ئالدى. شۇ سائەتتە خانىم ياركەندە تامان ماڭدى، ياركەندگە بارغاندىن كېيىن بىر كېچىسى دىۋانىلەر مىرزا بارات ئەئلەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.                                                                         9I.="b=J)  
ئەلقىسسە غوجا يەھيا ئافاق غوجا ۋاپاتىدىن ئالتە ئايدىن كېيىن خانىم پادىشاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى، ئۈچ ئوغلى بار ئىدى، ئىككىسىنى ھەم ئۆلتۈردى، بىر ئوغلى غوجا ئەھمەدنى قاچۇرۇپ تۆشۈك تاغدا ساقلىدى ... ››                                                                               $g#%  
خوش، بوۋىمىز مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئۆزى ياشىغان ئەينى دەۋردە بىزگە پەقەت مۇشۇنچىلىكلا مەلۇمات بېرەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ دەۋردە ئافاق غوجىنىڭ كېيىنكى مۇرىتلىرىنىڭ تەسىرى يەنىلا چوڭ ئىدى. تەزكىرەئىي ئەزىزاننى سىزمۇ ئوقۇپسىز، مۇلاھىزە قىلىپ باقتىڭىزمىكىن، تەزكىرىدە ئافاق غوجا ناھايىتى ئۇلۇغلىنىپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىبەتكە بېرىپ دالاي لاما بەشىنچى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغانلىقى، ھەم شۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن غالداننى بۇ زېمىنغا باشلاپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي رېئاللىقنىمۇ چاندۇرماي بايان قىلىپ بەرگەن. جاللات خېنىم ھەققىدىكى يۇقىرىقى بايانلارمۇ ئاشۇ چاندۇرماي قىلغان بايانلارنىڭ بىر قىسمى. بۇنىڭدىن مېنىڭ چۈشەنچەم شۇكى : بىرىنچى ، ھەر قانداق ھۆكۈمدار ئۆزىنىڭ تەخت - سەلتەنىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن. جاللات خېنىم ( مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ئانىمىز ) مۇ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئەڭ چوڭ خەۋپ سانالغان يەھيا غوجا ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن. جاللات خېنىم دېگەن بۇ ھاقارەت نامنى ئەينى دەۋردە ئۇنىڭغا خەلق ئەمەس، ئۇنىڭدىن ھاكىمىيەت تالىشىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن غوجا - ئىشانلارنىڭ بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس؛ ئىككىنچى، بۇنىڭدىن يەنە بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە جاللات خېنىم ئافاق غوجىغا تەگكەن بولسىمۇ، ئافاق غوجا جان - جەھلى بىلەن تەرغىب قىلغان ئىشقىيە سۈلۈكىگە كىرمىگەن، كىرگەن بولسا ئىدى، يەھيا غوجىنى ئۆلتۈرۈش تۈگۈل ھاقارەت قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئەينى دەۋردە ئاۋام ئارىسىدا قارغىشقا كېتىمىز، يامان بولىدۇ، دەپ غوجا ئەۋلادىغا تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتى؛ ئۈچىنچى، جاللات خېنىم ئەزەلدىن ئافاق غوجا ۋە ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنى كۆزگە ئىلغان ئەمەس، ئەگەر كۆزگە ئىلغان بولسا ئىدى، يەھيا غوجىغا : ‹‹ سىزنىڭ قايسىبىر ئاتا - بوۋىلىرىڭىز پادىشاھ بولۇپ ئۆتكەن ئىدى ؟ سىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىڭىز بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا دۇئاگۇيلۇق قىلىپ ئۆتكەن ئەمەسمىدى؟ شۇنداق تۇرۇپ خانلىق تەلەپ قىلىشىڭىز بىمەنىلىك ئەمەسمۇ ؟ ›› ، دېگەن گەپنى قىلمايتتى؛ تۆتىنچى، جاللات خېنىم ئۆزىنىڭ سەئىدىيە خان جەمەتىنىڭ ھەقىقىي پۇشتى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنەتتى ۋە ئۆزىنى قانۇنلۇق تەخت ئىگىسى دەپ ھېسابلايتتى.                                                                     o3%Gc/6%  
wVw3YIN#  
ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ، قېنى مەن ‹‹ جاللات خېنىم ›› ئوبرازىنى ئۆز تەسەۋۋۇرۇمغا تايىنىپلا يارىتىپتىمەنمۇ ياكى ئۇنىڭ تارىخىي ئاساسى بارمىكەن ؟                                                                                             |8V+(Vzl  
ئىككىنچى سوئالىڭىزغا كەلسەك، ‹‹ تارىخىي رەشىدى ›› ، ‹‹ بابۇرنامە ›› قاتارلىق كىتابلارغا سېلىشتۇرغاندا، ‹‹ باھاردىنامە ›› دە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي چىنلىق ھەققىدە سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى سەمىمىيىلىك بىلەن تەۋسىيە قىلىمەنكى، مۇمكىن بولسا ‹‹ باھادىرنامە ›› نى ئوقۇشتىن ئاۋۋال ئاشۇ ئىككى شاھانە ئەسەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ئاندىن ‹‹ باھادىرنامە ›› نى ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇ چاغدا سىز بايا تىلغا ئالغان ‹‹ باھادىرنامە ›› دە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەقىقىي تارىخنىڭ چىنلىق دەرىجىسىگە ھۆكۈم چىقىرالايسىلەر.                                                     kjjO<x?&*  
ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئۇ كىتابلار ئاساسەن ئۇلۇغبەگ، نەۋايى، بابۇر، ھۇمايۇن ۋە ئەكبەرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان بىيوگرافىك رومانلار ھېسابلىنىدۇ. بۇلار ‹‹ باھادىرنامە ›› يازماي ئۆتۈپ كېتىدىغان تارىخىي شەخسلەر ئەمەس. ‹‹ باھادىرنامە ›› دە ئاشۇ تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تەپسىلىي يېزىشقا تىرىشتىم. ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلار رومانلىرىدا يازغان تەپسىلاتلاردىن باشقا يازمىغان ياكى ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەن تەپسىلاتلارنىمۇ تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا يېزىپ چىقتىم. مەسىلەن : ئوتتۇرا ئاسىيالىق يازغۇچىلار يازغان بابۇرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان رومانلاردا پەقەت بابۇرنىڭ ئاتا جەمەتىگە تەپسىلىي ئورۇن بېرىلىپ، ئانا جەمەتىگە ئورۇن بېرىلمىگەن ياكى ئورۇن بېرىشنى خالىمىغان. ‹‹ باھادىرنامە ›› دە بۇ تەرەپلىرى تەپسىلىي يېزىلدى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، مەن بوۋىمىز ئەلشىر نەۋايىنى ‹‹ باھادىرنامە ›› گە قىستۇرالمىدىم. سەۋەبى : بوۋىمىز ئەلشىر نەۋايى ياشىغان سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيىتى رومانىمدا يانداش ۋەقەلىك سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن، نەۋايىنى قەستەن كىرگۈزسەم، بىرىنچىدىن، روماننىڭ بەدئىيلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن؛ ئىككىنچىدىن، بۇ ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ شۆھرىتىگە مۇناسىپ تەسۋىرلىيەلمەي نۇقسان يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىدىم، شۇڭا نەۋايى ھەققىدە ئاز - تولا ئۇچۇر بېرىش بىلەنلا كۇپايىلەندىم.       K]Ed-Tz8QZ  
ئۇلۇغبەگكە كەلسەك باھادىرنامىدە  ئىمكان بار تەپسىلىي يېزىشقا تىرىشتىم. ھېس قىلدىڭىزمىكىن باھادىرنامىدىكى ئۇلۇغبەگنىڭ ئادىللىقى، رەھىمدىللىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، ئىلىم سۆيەرلىكى، پەم - پاراسەتلىكى ‹‹ ئۇلۇغبەگ خەزىنىسى ›› دىكى ئۇلۇغبەگدىن يۇقىرى تۇرسا تۇرىدۇكى، ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ.  ئەمما شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئۇلۇغبەگ يالغۇز مەرىپەتپەرۋەر ئالىم بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئەلنىڭ ھۆكۈمدارىدۇر. ئويلاپ بېقىڭ، تارىختا قايسى بىر ھۆكۈمدار قىلىچىدىن قان تامدۇرماي سەلتەنەت سۈرەلىگەن ؟ ھەقىقىي ئادەملەر ھەققىدە ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشىمىغان ماكاندا، ئوخشىمىغان يازغۇچىلار ئونلاپ، ھەتتا يۈزلەپ رومانلار يېزىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ رومانلاردىكى مەلۇم ۋەقە ياكى سەرگۈزەشتىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن، كىتابخانىلارنىڭ قايمۇقۇپ قېلىشى ناتايىن. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسى ئۇنچە ئاددىي، سەۋىيەسى ئۇنچە تۆۋەن ئەمەس. بەلكىم ئاشۇ ئوقۇرمەننىڭ ئاشۇ تارىخىي رېئال شەخسكە نىسبەتەن بىلىشى يازغۇچىدىن مول بولۇشىمۇ مۇمكىن.                                                                                               }&EPH}V2n  
‹‹ باھادىرنامە ›› سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ. ‹‹ جاللات خېنىم ›› بولسا، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ زاۋال پەيتىگە بېغىشلانغان رومان. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەسەر يېزىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ دېگەن سوئالىڭىزغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى، يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىم ھەققىدە داۋراڭ قىلىشتىن جاق تويغانمەن، مېنى ھەر قاچان بەدىئىي تەپەككۇر ئالىمىدە ياشاۋاتىدۇ، دەپ ئويلىسىڭىزلا بولدى.                                                                     eV}Ow`~I5  
ئەڭ ئاخىرقى سوئالىڭىزدا كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەپسىز. تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشى، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشى، يانفون ئىقتىدارىنىڭ شىددەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ قولايلىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى، رادىيو پىروگراممىلىرىنىڭ سەرخىللىشىشى... سەۋەبلىك، كىشىلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردىن، نۇقۇل كىتاب - ژۇرناللار ئارقىلىقلا زوق ئالىدىغان ئادىتى تۈپتىن ئۆزگەردى. ئۇلار ئاتايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشتىن، رومانلارنى رادىيودىن ئاڭلايدىغان، ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىلىرىنى ئۈن تەخسى، بارماق دىسكىلارغا قاچىلىۋېلىپ خالىغان ۋاقتىدا ئاڭلايدىغان، تورغا چىقىپ مەلۇم تور بېكەتلىرىدىن ئوقۇيدىغان ياكى ئاڭلايدىغان ھالەت شەكىللەندى. بۇ ۋاستىلەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتىنى ھەقىقەتەن يۇقىرى كۆتۈردى. ئەمما ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىش شۇكى، مەيلى رادىيو ئىستانسىسىلىرى بولسۇن، مەيلى شەخسىي ئۈن - سىن شىركەتلىرى بولسۇن ۋە  ياكى ھەر خىل تور بېكەتلىرى بولسۇن، كۆپچىلىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ تارقاتقان ۋاقتىدا، ئەسەر ئاپتورلىرىدىن ئىجازەت ئېلىش، مۇۋاپىق ھەق بېرىش دېگەندەك ئەقەللىي قائىدىنى ئېسىگە ئېلىپ قويمىدى. باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بىلمەيمەن. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى ‹‹ باھادىرنامە ›› نى ئىجازىتىمنى ئېلىپ، ھەق بېرىپ ئاڭلاتقاندىن باشقا، باشقا تاراتقۇلار رومان، پوۋېست، ھېكايە، نەسىرلىرىمنى ئاڭلاتقاندا ياكى رادىيو دىرامىسى قىلىپ ئىشلىگەندە مەندىن ئىجازەت سوراپ قويمىدى. ئۈرۈمچى مىسران شىركىتى ‹‹ جاللات خېنىم ›› رومانىمنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بازارغا سېلىشتىن ئاۋۋال، ئىجازىتىمنى ئېلىپ، ھەق بەردى. شۇنىڭغا ئوخشاش شىركەت ياكى تىجارەت ئورۇنلىرى مەندىن ئىجازەت سورىمايلا ئەسەرلىرىمنىڭ ئاۋازلىق  ياكى يېزىق نۇسخىلىرىنى خالىغانچە تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلدى. سۈرۈشتۈرۈپ باقسام بىر قىسىم مەتبۇئات ئورۇنلىرى بىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى خالىغانچە رادىيودا ئېلان قىلساڭلار، ئاۋازلىق نۇسخىلىرىنى ئىشلىسەڭلار بولىدۇ، ئاپتورلارنىڭ سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ دەپتۇدەك. قانۇن بويىچە بولغاندا ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىش ھوقۇقى يوق ھەمدە ئاپتورلار بىلەن تۈزۈشكەن كىتاب نەشر قىلىش توختامىغا ئۆز ئالدىغا بۇنداق ماددىلارنى كىرگۈزۈۋېلىشى خاتا. كۆپ قىسىم يازغۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ ئىجازەتسىز، ھەق بېرىلمەيلا رادىيودا ئاڭلىتىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، سۈرۈشتە قىلىشتىن خىجىل بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەنچە ھەر قانداق ئادەم، ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ ئىگىسى ئۆز ئەمگىكىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قىلىشنى بىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى ۋاسىتە قىلىپ ئۆز ئەمگەك مېۋىسىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قوغداشىنى بىلىشى كېرەك. ئاشۇ بىر قىسىم رومان، پوۋېست، ھېكايە، نەسىرلىرىم رادىيودا ئاڭلىتىلغاندا، رادىيو دىرامىسى قىلىپ ئىشلەنگەندە، تۈرلۈك ئاۋازلىق نۇسخىلىرى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى قاتارىدا بازارغا سېلىنغاندا، ھەر خىل تور بېكەتلىرىدە قايتا ئېلان قىلىنغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتى، دەپ بىر تەرەپتىن خۇش بولسام، ئاشۇ تاراتقۇلارنىڭ بىر ئېغىز ئىجازەت سوراپ قويمىغانلىقىدىن، ئازراقمۇ ھەق بەرمىگەنلىكىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. بۇ ئەمگەكلىرىمنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قانداق قوغداشنى بىلەلمەي گاڭگىرىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق تاراتقۇلار ئەسەرلىرىمنى ( ئىلگىرى ئىجازىتىمنى ئالماي ئېلان قىلىپ بولغان ئەسەرلىرىمنى قايتا ئېلان قىلسىمۇ ) ئىجازەت ئالماي، ھەق بەرمەي ئېلان قىلىدىكەن. چوقۇم قانۇنىي يول بىلەن قەدىر - قىممىتىنى قوغداشقا تىرىشىمەن، شۇنداقلا ئاشۇ تاراتقۇلارنىڭ مېنى ۋە بارلىق يازغۇچىلارنى ھۆرمەتلىشىنى ۋە ئەمگەكلىرىمىزنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قىلىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ گەپنى قىلسام چوغلان پۇلنىڭ كويىغا چۈشكەن ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ، بەزى مەسىلىلەردە پۇل ھەقىقەتەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئەمما ھەر قانداق بىر ئەمگەكنىڭ قەدىر - قىممىتى پۇل بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان شارائىتتا، يازغۇچىلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشى كېرەك.                                                   -*+7-9A I  
مۇھەررىر : نۇرگۈل روزى ?v `0KF  
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىدىن O,XVA  

تېما تەستىقلىغۇچى : zulpikar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-09, 09:46
 
http//:www.uyqamus.com
miltiq
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17281

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   85 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   15 (قېتم)
 تۆھپە:   14  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6
 سائەت
دەرىجىسى:
6 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-08-19
ئاخــىرقىسى:2013-08-30
ئاپتورنىڭلا18- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

بۇ يىل يىل بېششىدىلا « باھادىرنامە » نىڭ كەينىگە ئۇلاپ يەنە ئىككى قىسىملىق رومان يېزىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانتىم . مەن « باھادىرنامە » نىڭ ئالتىنجى قىسمىنى ئوقۇپ تۇگەتكەندىلا بۇ رومان تېخى تۈگىمىگەندەك ، ئاپتور بۇ روماننىڭ ئاخىرىنى يەنە داۋاملشتۇرۇپ يازىدىغاندەكلا ھىس قىلغان . 71Q-_Hi  
اللاھ دىن ئاپتورغا تېخىما كۆپ مول - ھوسۇل ۋە ساغلاملىق تىلەيمەن .
atlla
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6112

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   16 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   820 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   82 (قېتم)
 تۆھپە:   82  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4
 سائەت
دەرىجىسى:
4 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-29
ئاخــىرقىسى:2013-08-21
ئاپتورنىڭلا17- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

ئەسسلام ئەلەيكۇم قىرىنداشلار   !!! مۇنازىرەڭلار  بەك  قىززىپتىغۇ    مىنىمۇ   قىتىۋالامسىلەر   ؟  مەنمۇ   ئۇ   كىتاپلارنى  ئۇقۇغان   بەك   ياخشى  تارىخى    ئۇلمەس ئەسەرلەر .  ياسىنجان  سادىق  «چۇغلان»  ئاكا....قۇلىڭىزغا  ئۇلۇغ  ئاللا  دەت   بەرمىسۇن.ئامال   بۇلسا   تىخىمۇ   كۇپرەك  ئۇيغۇر   تارىخىنى  قىزىپ  چىقىرىپ  بىز  ياشلارغا  ئەينەن  يەتكۇزۇپ  بەرسىڭىز    .    
ئىنسان  پەقەت  ئەۋلات  قالدۇرۇش   ئۇچۇنلا  ياشىمايدۇ؟
dilmurataksu
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16278

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   60 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   10 (قېتم)
 تۆھپە:   9  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1564
 سائەت
دەرىجىسى:
1564 سائەت 136 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-22
ئاخــىرقىسى:2013-07-10
ئاپتورنىڭلا16- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22

ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكىمىزنىڭ نادىر تارىخى رومانلىرى ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا ئويغانغان زېمىن، ئىز ، ئانا يۇرتلاردىن كېيىن يەنە بىر يېڭى يۇقىرى پەللىنى ياراتتى دەپ ئويلايمەن  .
silly
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15976

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   28 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1958 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   197 (قېتم)
 تۆھپە:   196  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16
 سائەت
دەرىجىسى:
16 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-06
ئاخــىرقىسى:2013-06-11
ئاپتورنىڭلا15- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

بەك ياخشى تىمىكەن...
barhan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2405

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   40 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2048811 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   162 (قېتم)
 تۆھپە:   132  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 980
 سائەت
دەرىجىسى:
980 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-16
ئاخــىرقىسى:2013-08-26
ئاپتورنىڭلا14- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-04

   باشقۇرغۇچىلارغا: 3s$vaV~(a  
   يېزىلغان ئىنكاسلاردىكى خەتلەرنىڭ قۇردىن قۇرغا كۆچۈرۈلۈشى مۇۋاپىق بولماي قاپتۇ. مەن خېلى ھەپىلىشىپمۇ ھەل قىلالمىدىم. مۇمكىن بولسا تۈزىتىپ قويۇلسا. يېزىقىمىزنى قەدىرلەشتە باشلامچى بولساق.ئاتىكاچىلىقىمنى كەچۈرۈڭلار!  
مەن - يەنىلا مەن!
barhan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2405

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   40 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2048811 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   162 (قېتم)
 تۆھپە:   132  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 980
 سائەت
دەرىجىسى:
980 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-16
ئاخــىرقىسى:2013-08-26
ئاپتورنىڭلا13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-04

   مەن ئۆزەمنىڭ ئارتۇق گەپ قىلغۇدەك قابىلىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكىمنى بىلسەممۇ، تەبىئىتىمدىكى ئاتىكاچىلىقنىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قالدىم. .E;}.X  
   مەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان يازغان «تارىخىي رەشىدىي» نى،زوھۇرىدىن مۇھەممەد بابۇر يازغان «بابۇرنامە » نى، پىرىمقۇل قادىرۇۋ يازغان «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر»،«ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇغان. ئەمما « تەزكىرەئى ئەزىزان» نى تۇنجى ئاڭلىشىم.  «تارىخىي رەشىدىي»،«بابۇرنامە » قاتارلىقلار تارىخىي ئەسەر.«يۇلتۇزلۇق تۈنلەر»،«ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر» قاتارلىقلار بولسا تارىخىي رومان.دېمەكچى بولغىنىم:تارىخىي ئەسەر(توغرىسى: تارىخىي خاتىرە) ھەقىيقى يۈز  بەرگەن ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھېكايە-رىۋايەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەينى دەۋردىكى رىئاللىقتىن ئۇچۇر بىرىدىغان بىرىنچى قول ماتىرىيالدۇر.(ئۇنىڭغا ئاپتۇرنىڭ خاھىشچانلىقى سىڭگەن بولىدۇ-ئەلۋەتتە.) تارىخىي رومان بولسا ئاشۇ بىرىنچى قول ماتىرىيال ئاساسىدا بەدىئىي ۋاستىلارنىڭ ياردىمى بىلەن، ئەينى دەۋردىكى تارىخىي رىئاللىققا ماس بەزى تۇقۇلمىلارنى قۇشۇش ئارقىلىق  ئەينى دەۋردىكى تارىخىي رىئاللىقنى جانلىق، ئوبرازلىق ، قىزىقارلىق  قىلىپ تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ئەدەبىي شەكىلدۇر. «باھادىرنامە» تارىخىي رومان . بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن «باھادىرنامە»نى ئوقۇسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
مەن - يەنىلا مەن!
ALhumar0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13068

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   799 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   80 (قېتم)
 تۆھپە:   80  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10
 سائەت
دەرىجىسى:
10 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-16
ئاخــىرقىسى:2013-05-23
ئاپتورنىڭلا12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-23

ناھايتى   ياخشى    تىما  بۇلۇپتۇ   .  چوغلان  ئاكىمىزنىڭ  تېنىنىڭ  سالامەت بۇلشىنى  ئۈمىد قىلىمەن .
85409
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15716

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   125 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   13 (قېتم)
 تۆھپە:   12  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 94
 سائەت
دەرىجىسى:
94 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-22
ئاخــىرقىسى:2013-08-25
ئاپتورنىڭلا11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-22

ئەسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، ئاللاھ ياسىن سادىق چوغلان ئاكىمىزنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن ، ئاللاھ خالىسا تېخىمۇ ياخشى تارىخىي رومانلارنى يىزىپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمەن ، ئاڭلىسام باھادىرنامە رومانىنىڭ قالغان ئىككى قىسىمىنى يىزىۋېتىپسىز ئىشىڭىزغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن! بولسا بىرەر يازغۇچىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ جوڭگو - ھېندىستان ئۇرۇشىدا كۆرسەتكەن باتۇرلىقىنى نامايەن قىلغان تارىخىي روماننى يىزىپ چىققان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى !
 
qaphun101
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5734

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   244 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12050 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1207 (قېتم)
 تۆھپە:   1207  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2836
 سائەت
دەرىجىسى:
2836 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-08
ئاپتورنىڭلا10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-05

ئاپىرىن .نۇرغۇن ساۋاتلارغا ئىگە بولدۇم .
101
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى