-
تىزىم نۇمۇرى:13302 -
- تىزىم ۋاقتى:2012-12-28
- ئاخىرقى كىرگىنى2014-01-08
- تور ۋاقتى:1929سائەت
-
- تېمىسى165
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى13997
- شۆھرىتى1404
- تۆھپە1399
- كۈمۈش تەڭگە1555
- ياخشى باھا1555
- بىلوگدوستلاشقورال
| — بۇ تېمىنى AnaTuprak ئۇنۋىرىسال پىروگراممىلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2013-02-23) — | | | | ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانى T(+*y 6a{b%e` "j}fcrlG9 :YmFQ>e? m&6)Vt =l}XKl-> مەلۇمكى ، تىل بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتتىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ، ئەڭ مۇھىم بەلگۈسى . كۆپىنچە مىللەتلەرنىڭ تىللىرى ئۆز ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن دىئالىكىت ۋە شىۋىلەرگە ئايرىلسىمۇ ، يەنىلا بىر يىتەكچى ئەدىبى تىل ئارقىلىق بىر ئىتنىك نام ئاستىغا ئۇيۇشۇپ تۇرىدۇ . كۆك تۈرۈك ۋە ئۇيغۇر مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ قېلىپلاشقان ھەممە مەدىنىيەتلىك تۈركى خەلىقلەرگە ئورتاق ئەدىبى تىللىق رودىنى ئاتقۇرۇپ كەلگەن ، قەدىمقى ئۇيغۇر تىل مەدىنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۈركى تىل ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تاكى 1924-يىلغىچە مەۋجۈت بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭدىن كىيىنكى بىر ئەسىرلىك جەرياننى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر، ئۇزبېك مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىكى يىڭى سەھىپە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . mH4Jl1S& مەزكۇر ماقالىدا ؛ ئۇيغۇر نامنىڭ تارىختا مىللەت نامى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۈركى خەلىقلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك قەبىلەۋى سىياسى كۈچنىڭ نامى سۈپىتىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ، تارىخ سەھنىسىدىن يوقۇلۇش جەريانى ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزلەشتۈرۈش ئېھتىياجى ۋە يېقىنقى زامان غەرىپ ئىلمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قايتا تونۇش جەريانى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرىدە يىڭىچە مائارىپ ، يىڭىچە جۇغراپىيىۋى نام ۋە ئىتنىڭ ناملارنى قوبۇل قىلىش جەريانى ، ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى باشلاپ بەرگەن يېزىق ئىسلاھاتى ۋە يىڭى ئەدىبى تىل يارىتىش ۋە مىللى مەتبۇئاتنى بەرپا قىلىش تەسىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى نۇقتىلىق سۆزلىنىدۇ . I h 19&D سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ۋە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ ، بىر پۈتۈن سىياسى گەۋدىدە ، يەنى ئۇيغۇر نامىغا ئۇيۇشۇش جەريانى 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تولۇق تاماملاندى دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ خىل قاراش مەلۇم چەكلىمىگە ئىگە ، چۈنكى كۇچانى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى تاكى 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۆز مۇستەقىللىغى ۋە بۇددا ئىتىقىدىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى ، قارا قىتانلارنىڭ قاراخانىلار خانلىقىنى ۋەيران قىلىشى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بوي سۇندۇرۇشى بىلەن قاراخانىلار دەۋرىدىن باشلانغان ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توساق ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئېتىقاد بىرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا قىتانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتترۇرا ئاسىياغا قىلغان ھەربى يۈرۈشلىرى ئەسلىدىكى قاراخانىلار خانلىقى زىمىنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىۋىنى تېخمىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن ئىدى . Uv=hxV[7y 11-ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قەبىلە ۋە مىللەت تەركىۋى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىدى ، بۈيۈك ئالىم مەخمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا شۇ چاغدىكى ئاساسلىق غول ئانا تۈركى قەبىلىلەرنىڭ 20 ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلۇشۇش تەرتىۋىنى يازمىچە ۋە خەرىتە ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ . تۈركلۈك چەك چېگىرىسى ئىنىق ئايرىلغان بۇ 20 قەبىلىنىڭ پەقەت يەتتىسىنىلا ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدە ( توخسى ، ياغما ،چىگىللەر ئىلى دەريا بويلىرىدا . چارۇقلار مارالبېشى ئەتراپىدا ، چۇمۇللار يارىش تۈزلەڭلىكى ئەتراپىدا ، ئۇيغۇرلار كۇچارنىڭ شەرقىدىكى بەش شەھەردە ، ئارامۇت ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايدا دەپ ) كۆرسىتىدۇ . zT _[pa)O` مەخمۇت قەشقەرى رىم (ئاناتولىيا) دىن تاكى جۇڭگو چېگىرىسىگىچە بولغان بارلىق تۈركى تىللىق قەبىلىلەرنى ئوموملاشتۇرۇپ تۈرك دەپ ئاتىسىمۇ لېكىن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ 11- ئەسىردىكى مىللەت قارشىدا تۈرك دىگەن چوڭ ئىتنىك نام ئاستىدا يەنە ئۈچ چوڭ سىياسى كۈچ (تۈرك ، ئوغۇز ، ئۇيغۇر ) بار ئىدى . |z.Z='` سىياسى كۈچلەرنىڭ بىرىنجىسى تۈرك ، مەخمۇد قەشقەرى بەزى سۆزلۈكلەرنى ئىزاھلىغاندا ، مەسىلەن ئازرۇق باشقا ، بۆلەك - ئوغۇزچە ، تۈركلەر بۇنى ئازىن دەيدۇ دىيىش ئارقىلىق تۈركنى ئوغۇزلارغا قارشى قويىدۇ ، دىۋاندا مۇنداق مىساللار خېلى بار . يەنە بىر جايدا « شۇڭا مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن ، ئەڭ زېرەكلىرىدىن ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۈپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم . تۈرك ، تۈرۈكمەن ،ئوغۇز ، چىگىل ،ياغما ۋە قىرغىزلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم» . بۇ يەردە مەخمۇد قەشقەرى ''تۈرك'' نى بىرمۇنچە قەبىلىلەر قاتارىدا سانايدۇ . بىراق دىۋندا تۈركنىڭ سۆزىنى ئىزاھلىغاندا بىرلىك ھەم كۆپلۈك مەنىلىرىدە كېلىدىغانلىقى ، كۆپلۈك بولۈپ كەلگەندە نوھ ئەرۋاھلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . 0tah$;ce مەخمۇد قەشقەرىنىڭ نەزىرىدىكى تۈركلەر زادى كىم ؟ مەخمۇد قەشقەرى ''تۈرك'' دىگەندە قەبىلەۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ ، ئولتۇراق تۇرمۇشقا بالدۇر كۆچكەن ، خاقانىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئەدىبى تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلىقنى كۆرسىتىۋاتامدۇ ؟ بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . ئىككىنچى چوڭ سىياسى كۈچ ئوغۇزلار ، مەخمۇد قەشقەرىنىڭ دىۋاننى يېزىش سەۋەبىگە توختالغىنىمىزدا ، «كىشىلەرنىڭ ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن ، شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى ، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم» دەيدۇ . «پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگۈلىرىنى ، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە ،'' تۈرك تىلىنى ئۈگىنىڭلار ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋاملىشىدۇ دىگەن ئىكەن » دەيدۇ . يەنە ئوغۇز سۆزىگە تەبىر بەرگەندە ، تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى ، ئوغۇزلار ، تۈركمەنلەردۇر ، ئۇلارنىڭ 22 ئۇرۇغى بولۇپ ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگۈسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار... بىرىنجىسى ۋە يېتەكچىسى قىنىق . زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىن- دۇر ... دەيدۇ . & | |