تىل ۋە تەرەققىيات
"KY]2v. ].gC9@C:$i ئابدۇلقۇددۇس ھافىز
]RW*3X fvDcE]_%H كىرىش
6)Qe*S d[ce3':z مەلۇمكى ، ھازىر دۇنيادا 7000 خىلغا يېقىن تىل بار بولۇپ ، بۇلاردىن ئىنگىلىزچە ، فرانسۇزچە ( بۇنىڭ توغرا تەلەپپۇز شەكلى « فخانسۇزچە » بولۇپ ، بۇ ھەقتە ئايرىم توختىلىمەن ) ، ئەرەپچە ، ئىسپانچە ، نېمىسچە ، خەنزۇچە قاتارلىق يەتتە خىل تىل ب د ت نىڭ دائىملىق خىزمەت تىللىرى سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە تىللارنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى بارغانسىرى كېڭەيمەكتە.
a'\fS7aE0l جۈملىدىن پولشالىق دوكتۇر زامېنخوف تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان «ESPERANTO» نامىدىكى ئاتالمىش «دۇنيا تىلى»مۇ جىددىي ئەھمىيەت بىرىپ ئۆگىنىلىدىغان تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
d8f S79 رۇشەنكى ، مەيلى يۇقارقىدەك ئىمتىيازلىق تىللاردىن بولسۇن-بولمىسۇن، ئانا تىلىنى ئەركىن-ئازادە قوللىنالىغانلىكى مىللەتلەر ھەر ساھە ، ھەر كەسىپتە زور ئىلگىرلەشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە . چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئانا تىلىنى ھېچ قانداق توسالغۇغا ئۇچرىماستىن خاتىرجەم قوللىنالىغانلىغى ئۈچۈن روھى ئۈستۈن ، كۆڭلى ئازادە ھالدا تەپەككۈر ئۇچقۇرلىغى ۋە ئىپادە قۇلايلىغى بىلەن ئەركىن – ئازادە ۋە دادىل پىكىر يۈرگۈزۈپ ، مەسىلىلەرنى تېز – تېز توغرا بىر ياقلىق قىلالايدۇ ، ئەمەسمۇ ؟
YW-Ge شۇڭا ئۇلارنى قوللىنىۋاتقان تىللىرىدىن ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىش ، ھەتتا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئانا تىلىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش چىكىدىن ئاشقان مەنتىقىسىزلىك ، ھەتتا ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ئاياق – ئاستى قىلىشتەك كەچۈرگۈسىز جىنايى قىلمىش ھېساپلىنىدۇ ،ئەلبەتتە !
?~~,?Uxw! ئەمما ھازىرقى مەسىلە ، كۆپلىگەن مىللەتلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا بېقىندى ئورۇندا تۇرۇپ قالغانلىغى سەۋەپلىك تىل – يېزىق قوللۇنۇش ئەركىنلىگى تۈرلۈك بانايى – سەۋەپلەر بىلەن ھەرخىل چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىغى ئۈچۈن ، بۇ مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىيىتىدە زور چېكىنىش ھادىسىسى پەيدا بولماقتا. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېغىر ھالدا گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە .
#!M;4~Sfx كۆرىدىغان بولساق ، نامدا « قوش تىل مائارىپى » دېيىلگەن بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلىشى قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغان تەتۈر ئېقىم پەيدا بولۇپ ، دەرسلەر ئالىي مەكتەپلەردىلا ئەمەس ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ خەنزۇچە ئۆتىلىدىغانلىغى سەۋەپلىك ، مۇندىن بۇرۇن سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز ئۇيغۇرچە بىلەن تۈرلۈك ساھەلەر بۇيىچە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ۋە كاتتا تۆھپىلەرنى يارىتىپ خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا كاتتا شان – شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ۋە ئالاھىدە ئەتۋارلىنىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ، شۇنداقلا سان – ساناقسىز شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان شان - شۆھرەتلىك ھۆرمەتلىك ئالىملىرىمىز ، پروفېسسور ۋە دوكتۇرلىرىمىز ئەمدى «خەنزۇ تىلىدا دەرس بىرەلمىدى» دېگەن تۆھمەت سەۋەبىدىن « تاشلاندۇق مال » ھېساپلىنىپ سىنىپقا كىرىشتىن مەھرۇم بولىدىغان ھەتتا خىزمىتىدىن قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ، بۇ تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەرباپلىرىمىز قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىپ يۈرەك ۋە يۇقېرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ كۈتۈلمىگەندە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار يۈز بەردى ....!!!
Gh{vExH@5( بۇ يەردە شۇنىمۇ قاتتىق ئېچىنىش بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمەنكى ، مانا شۇ ئاتالمىش « قوش تىللىق مائارىپ » دېيىلگەن ساختا ھەرىكەت نەتىجىسىدە ، باي ناھىيىسىنىڭ مىرچىغ يېزىسىدىكى بىر مەكتەپنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش نەتىجىسى « 0 » بولغان !!!
]P(_d'} ئەمدى قارايدىغان بولساق ، بەزى مەكتەپلەردە دەرسلەر ئويغۇرچە ئۆتۈلگەنگە يارىشا سۇئاللار ئۇيغۇرچە چىقىرىلماي خەنزۇچە چىقىرىلغان . بۇنىڭغا نارازى بولغان ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمگە : « بىزگە دەرسنى ئۇيغۇرچە ئۇتۇپ ئىمىتھاننى خەنزۇچە ئالساڭلار قانداق بولىدۇ ؟» دېسە ، مۇئەللىمى « ئۇنى مەن ئۇقمايمەن . بىزگە نىمە ئورۇنلاشتۇرسا شۇنى قىلىمىز ! » دەپ ۋارقىراپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن سىنىپ بۇيىچە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەر بەكمۇ كۆپ بولغان ، ئەمما بۇ ئەھۋال بىلەن ھىچ كىمنىڭ كارى بولمىغان . ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا دەرس ۋاختىدا ئۇخلاپ قالىدىغان خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان .......!!!
ljj}XJQ مۇنداق مىساللارنى تۈركۈملەپ كەلتۈرۈشكە بولىدۇ !!!
J.npv1F شۇنداق قىلىپ ، بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ تىل – يېزىغىنى قوللانساق ھىچ قانداق ئىشقا يارىمايدىغان « كېرەكسىز مال » غا ئايلىنىپ قېلىۋاتىمىز !!!
;jpsH?3g ئەمدى قارىساق، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى دەرسلىگىنىڭ ئوقۇتۇلىشىدا بەزى ئىسلاھاتلار بولىۋېتىپتىمىش.
B976{;QvXV ئۇنداقتا زادى بىز ۋە بىزنىڭ تىل – يېزىغىمىز پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا شۇنچىۋالا تۇسالغۇمىدۇ ؟؟؟ نىمە ئۈچۈن تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى ئانا تىلىمىزدا ئوقۇيالمىغۇدەكمىز؟
]1n=O"vE زادى ئوبدانراق ئويلۇنۇپ كۆرەيلى، ئىنگىلىز، رۇس ، خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر بىلىم ئىگەللەشتە ئۆز تىلىنى قوللىنىشنى 1-5 پىرسەن، باشقا تىللارنى قوللىنىشنى 95-99 پىرسەنگە يەتكۈزۈپ ئېلىپ بارغانمىدۇ؟؟؟
d+Jj4OnP ئەمەلىيەت شاھىتكى ، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس!
b\9}zmG[u ئەمىسە بىزنىڭ تىل-يېزىغىمىز زادى نىمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا چەتكە قېقىلىدۇ؟
c4n]#((%a زادى ئۇيغۇر تىل – يېزىغى ھەقىقىتەن ئىلمىي قىممىتى يوق ، تارىخىي رولىغا ئەھمىيەت بىرىشكە ئەرزىمەيدىغان تىل – يېزىقمىدۇ ؟؟؟
iOzY8M+N( تارىخىي ھەقىقەت ۋە مەۋجۇت پۇلاتتەك ئەمىلىيەت ، بۇنىڭغا قەتئىي ھالدا « ياق !!! » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ !!!
,XNz.+Ov ئەلبەتتە شۇنداق !
x0_$,Tz@ ــــ بىزنى ۋە بىزنىڭ تىل ــ يېزىغىمىزنى « تۇسالغۇ » دەپ قاراش ۋە بىزنىڭ ئىلىم ئەرباپلىرىمىزنىڭ دەرس مۇنبەرلىرىدە خاس ئانا تىلىنى قوللىنىشىنى چەكلەپ ، قوللانسا« گۇناھـكار » ھېساپلاپ ئىلىم – مەرىپەت ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش ، ھەتتاكى پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلىۋېتىش ـــ بىز ئۈچۈن قاتتىق ۋىجدان ئازابى چەكتۈرگەن ۋە چەكتۈرىۋاتقان ھاقارەتلىك ھادىسەكى ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتتا مۇتلەق ئۈستۈنلىگىمىزنى ئەبەدىي ساقلىيالايدىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئەبەدىي زور تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان ئېقىل ــ پاراسەتلىك ، چىدام ــ جاسارەتلىك مىللەت ئىكەنلىگىمىزدىن ئىبارەت ھەقىقەتنىمۇ ھەرقانداق بانايى ــ سەۋەپلەر بىلەن يوق قىلىۋېتىش ئەسلا ۋە ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ۋە مەن قۇياشنىڭ نۇرىدەك پارلاق ئىلمىي ھەقىقەتنىڭ ھۆكمى بىلەن شۇنى ئېيتىشقا ئىمانىم كامىلكى ، بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىل – يېزىغىمىز يۇقېرىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقئارالىق ۋە باشقا خىل تىللاردىن ( جۈملىدىن شۇ تىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېزىقلاردىن ) زادىلا قالغۇچىلىگى يوق تىل – يېزىق بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇشتا ھەر قانداق تىل – يېزىقنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرالىغان ۋە مەڭگۈ تۇرالايدىغان ئالەمشۇمۇل ئىلمىي قىممەتكە ۋە ئۇلۇقۋار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە شۇڭا قوللىنىلىش قىممىتى ئاجايىپ يۈكسەك ھەقىقىي دۇنياۋىي تىل - يېزىقتۇر !!!
F%pYnHr< مۇشۇ تىل – يېزىقنىڭ ئېگىسى بولغان ئۇيغۇرلار بولسا تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ھەقىقىي جاسارەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە داھىيانە يىتەكچىسىدۇر !!!
7 xm>+( باشقا تىللارنى بىلىشى بىلەن ئۆزىنى كاتتا چاغلاۋاتقانلار بۇ ھەقىقەتنى ياخشى بىلىپ قېلىشى، قىلغان قىلىقلىرىدىن قاتتىق نومۇس قىلىشى كېرەك !
8n^v,s > ئەلبەتتە ، بىر تىل - بىر ئىنسان ، بەلكى بىر دۇنيا . شۇڭا، باشقا تىللارنى ئۆگۈنۈشمۇ ياخشى ئىش ، بۇ جەھەتتە بايرىغىم رۇشەنكى ، ئەگەر دۇنيادا مەۋجۇت 7000 خىلدىن ئارتۇق تىلنى تامامەن بىلىپ كىتەلىسىڭىز ، بۇ تېخىمۇ ياخشى ، مەن % 100 قوللايمەن ، بەلكى مۇنداقلارنى بېشىمغا ئېلىپ كۆتىرىمەن . ئەمما ئانا تىلنى قەدىرلىمەسلىك ، ئانا تىلىنى قوللىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ، جۈملىدىن ئانا تىلىنى قوللىنىشنى نومۇس ، باشقا تىللارنى قوللىنىشنى شەرەپ ، دەپ بىلىش ئۇچىغا چىققان ۋىجدانسىزلىق ، ئىمانسىزلىق ، نومۇسسىزلىقتۇر!
{ 'Db مەن بۇ ماقالەمنى مانا شۇ جەھەتتىكى پىكىر ــ چۈشەنچىلىرىمنى شەرھىلەش يۈزىسىدىن يازغان بولۇپ ، كونكېرىتنى قىلىپ تۆۋەندىكىدەك تېمىلار بۇيىچە بايان قىلىنىدۇ:
xr*hmp1 1. پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى ؛
2'zYrdem 2. ئۇيغۇر تىل – يېزىغىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى توغرىسىدا ؛
E/</ 1) ئۇيغۇر تىل – يېزىغىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى؛
Z;bg;@r| 2) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى توغرىسىدا ؛
fH/J8< 3) باشقا بەزى تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا ؛
|lOHP A 3 . تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلار ؛
,dM}B- 1.پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى
pPNU0]/ i+)9ItZr شۇ بىر پارلاق ئىلمىي ھەقىقەت پۈتكۈل ئىلىم دۇنياسىغا ئاياندۇركى، ئىنسانىيەتنىڭ ياۋايىلىق دەۋرىدىن مەدەنىي ھاياتقا ئۆتىشى ، ئەينى ۋاختتا ئىنسان دېگەن ئۇلۇغۋار نامۇ - شەرىپىگە مۇناسىپ ھالدا «ئىنسانىي مەدەنىيەت» باسقۇچىنى باشلىغانلىغىنىڭ رۇشەن بىشارىتى ، ئەلبەتتە .
a.r+>44M ئۇنداقتا ، ئالەمگە ئاپىرىدە بولغان 7000 خىلدىن ئارتۇق تىلدا سۆزلىشىدىغان ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى قانداق ؟ ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىي ھايات سەۋىيىسى قانداق ؟
FCu0)\ ئەتراپلىق ۋە چۇڭقۇر ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان چۈشەنچىلەر بۇنىڭ نۇرغۇن تارىخىي جەريانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى ۋە تۈۋەندىكى سېخىمىلىق باغلىنىشتىكىدەك ئىكەنلىگىنى رۇشەن كۆرسەتتى :
<lj;}@qQ<
Ydw04WEJ دىققەت قىلىڭ ! ــ بۇ سېخىمىدا uygur دېگەن بىر ئاتالغۇ بار ! gn>qd6P دېمەككى، بۇ سېخىما ، باشقا جەھەتلەردىن تاشقېرى ، ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنىڭمۇ پۇلاتتەك شاھىدىدۇر .
hP1H/=~ بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەنكى ، ئىنسانلارنىڭ يارىلىشى توغرىسىدا ئىككى ئالەملىك راھەت – پاراغىتىمىزنىڭ بۇيۇك دەستۈرى ئۇلۇق قۇرئانى كېرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ : « ئى ئىنسانلار ! سىلەرنى بىز ھەقىقىتەن بىر ئەر ، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت ) بىر ئاتا ، بىر ئانىدىن ياراتتۇق ، ئۆز - ئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق ، ھەقىقىتەن ئەڭ تەقۋا بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر ( يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولىشى نەسەپ بىلەن ئەمەس ، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ ) ، ئاللاھ ھەقىقىتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر .» ( 49 – سۈرە «ھۇجۇرات» ، 13 – ئايەت ) .
XN@F6Gj بۇ ئايەتى كېرىمدىن مەلۇمكى ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر.
/T53"+7:0 ئۇنداقتا:
UE2!,Z, 1) ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ ئانا ماكانى ھەقىقىتەن «مۇ» قىتئەسىمىدى ؟ 2) ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇپ تارقىلىش ئەھۋالى قانداق بولغان ؟
G1t{a: بۇ جەھەتتە ئۇلۇق قۇرئانى كېرىمدە بىرەر ئىزاھات بېرىلمەي، پەقەتلا: « شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى( يەنى ، مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى) ، تۇرىۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى . ( ئادەمگە ، ھەۋۋاغا ، ئىبلىسقا ) « بىر – بىرىڭلار بىلەن ئۈچەكەشكەن ھالدا ( جەننەتتىن يەر يۈزىگە ) چۈشۈڭلار ، يەر يۈزىدە ۋاختلىق ( ئەجىلىڭلار توشقىچە ) يەرلىشىڭلار ۋە نىئمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار ، دېدۇق . ئادەم پەرۋەردېگارىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۈناھىنىڭ كەچۈرىلىشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقېلىق بىلدۈرۈلدى) . ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى .ئاللاھ ھەقىقىتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مىھرىباندۇر.» (سۈرە «بەقەرە» ، 36 - 37 - ئايەتلەر ).» دېيىلگەن.
Dp)5u@I شۇڭا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئاتا – ئانىسى بولغان ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا ئانىمىز زېمىننىڭ قەيىرىگە چۈشۈرۈلگەنلىگى ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆپۈيۈش ئورنى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەمما تېخىچە مۇئەييەن بىر قاراش مەۋجۇت بولمىغاچقا، مەن پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا ياشاش ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلىش جەريانىنى يىپ ئۇچى قىلىپ مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن چەكلىنىمەن .
n*UD0U}` خەيرىيەت ، شۇنداق قىلىپ ئەمدىكى سۆزۈمگە كەلسەم ، ئاشۇ سېخىمىدا كۆرۈنگەن « مۇ » غا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەتقىقاتى ئۈچۈن 50 نەچچە يىللىق ھاياتىنى سەرپ قىلىپ پۇلاتتەك دېلىللارنى توپلىغان ئىنگىلىز تارىخشۇناسى، ئارخېئولوگ جەيمز چېچۋورد (James Churchward ) ( بەزىلەر خاتا ھالدا جېيمس چېچۋارد، جامېس چۇچۋارد، دەپ يېزىشىۋاتىدۇ . بۇ توغرۇلۇق ئايرىم توختىلىمەن) نىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت تەخمىنەن بۇنىڭدىن 200 مىڭ يىل بۇرۇن « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغانلىغى سۆزلىنىدۇ.
W+v7OSd92
#nTzn2 (جەيمز چېچۋورد)
G4=R4'hC ئاپتور بۇ كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىغىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
`1AVw]k ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز . ئاپتور ، « مۇ قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار « بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى» نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىگىنى ۋە ئىلىم – پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىگىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ - خىل گۈل – نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى » دەپ كۆرسىتىدۇ .
1{TmK9U تۈۋەندىكى خەرىتىگە قاراڭ :
T$p!IRPt
_$g2;X > مانا بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم – پەن ، مەدەنىيەت – سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
!^~^D< بۇ جەھەتتە ئاپتور ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىگى توغرىسىدا شۇ كىتاۋىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرقىي ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر ...سىلاۋيانلار ، تېۋتونلار ، كېلىتلار ، ئىرلاندىيىلىكلەر ، برېتونلار ۋە باسىكلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى < ئۇيغۇر > دېگەن يىلتىزدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنلەر. برېتونلار، باسىكلار ۋە ھەقىقىي ئىرلاندىيىلىكلەر ياۋرۇپاغا كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماگېنتلىق ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.»
,".1![b ئاپتور كىتاۋىدا زامانىمىزدىكى ھىندىستانلىقلار ۋە پارسلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى مۇنداق شەرھىلىگەن : « ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي - جەنۇبىدا تاغلار ھاسىل بولغاندىن كېيىن ، ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرى ، ئېمپىرىيە ھالاك بولۇپ 8 ــ 10 مىڭ يىلدىن كېيىن تەنتەنىلىك رەۋىشتە قايتا تارىخىي سەھنىگە چىقتى . ئۇلار داۋانلار ئارقېلىق تۈزلەڭلىكلەرگە يول ئېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ تاغلاردىكى ماكانلىرىنى تۆت تۈركۈم بولۇپ تاشلاپ كېتىشتى . ... تاغلاردىن بىرىنچى تۈركۈمدە ھىندىقۇش تاغلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار چۈشكەن . ،... بۇلار كېيىن ھىندۇ ــ ئارىيانلار سۈپىتىدە مەلۇم بولدى . .... بۇ كۆچۈش مىلادىدىدن ئىلگىرىكى 2000 - 1800 - يىللىرى باشلىنىپ ، مىلادىدن 1500 - يىلى ئاياقلاشقان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان بۇ ھىندۇ – ئارىيانلار نەچچە يۈز يىل داۋامىدا ، ئاۋغانىستان ۋە كەشمىر ئارقىلىق ، ھىندىستان ۋادىلىرى يۆنىلىشىدە ئالغا ئىلگىرلەپ ، ئاخىرى ئۇ يەرلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرغۇنلىرى بولغان ناگا – مايالارنى سىقىپ چىقىرىپ ، پۈتكۈل شىمالىي ھىندىستاننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى . ... بۇ ، ھىندىستاندا ھەممىلا يەرگە تارقالغان ھازىرقى ئىنسان تىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ كەلدى . تەخمىنەن شۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىدىراق ياشىغانلىرى ، پەس داۋانلار ئارقىلىق ئىران دالاسى بىلەن پارىس قولتۇغىنىڭ شەرقىي - شىمال قىرغىقىدىكى رايۇنلارغا چۈشكەن . بۇ ئۇيغۇرلار كېيىنرەك پارسلار دەپ ئاتالدى . ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئوڭاي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا ، ئەرمەنىستان ۋە زاگروس تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى مىدىيە دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتى . بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار بولسا مىدىيانلار نامىنى ئالدى . مىدىيانلارمۇ ، پارسلارمۇ « مۇ قۇرۇقلىغى » دا ياشىغان « ئاخ رايا » قەبىلىلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئارقىلىق پەيدا بولغان ئارىيانلاردۇر . ئۇلار يانىلا تىنچ ئوكياندىن ئۆتۈپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپادا ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلغان بۇيۇك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . بۇ خەلقلەرنىڭ ئىرقى تەئەللۇقلىغى ، تىلى ۋە دىنى بىر - بىرىگە ناھايىتى ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ . ئۇلار ئەزەلدىنلا بىر خەلق تۇرسا ، باشقىچە بولىشى مۇمكىنمىدى ؟ »
;\[n{< ئەلبەتتەكى ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ھىندى ، پارس مىللەتلىرىنىڭ تىلى ، ئۆرپ – ئادەتلىرى ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، چىراي شەكلى ، بەدەن تۈزۈلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلار بىزنى ئاپتور « قېدىمقى قۇرۇغلۇق مۇ » ناملىق كىتاۋىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارغا قارىتا سالماق مۇئامىلىدە بولۇشقا ئىندەيدۇ .... !
7gX#^YkE+k ئاپتور بۇ كىتاۋىدا « ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدىكى ۋەتىنى (« مۇ قۇرۇغلۇقى » ) بارلىق قېدىمقى يېزىقلارنىڭ ئاچقۇچى » دەپ يېزىپ ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاكىت - دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « سېھىرلىك يېزىق » توغرۇلۇق توختالغىنىدا ئۇيغۇرلارنى دەرھاللا تىلغا ئېلىپ ، « ئۇيغۇرلار بولسا ئادەتتە سانلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تىك ياكى تۈز سىزىقلاردىن پايدىلانغان،...» دەپ كۆرسىتىدۇ .
w"A.*8Iu ئاپتور « مۇنىڭ قۇتسال سىمۋوللىرى » ناملىق كىتاۋىدا بولسا : « پۈتكۈل مۇ مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئاساسلىق ھالدا تاللىغان . ....... ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقات ، بىلىم ، ئىجتىمائىي ھايات ، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسان بىلەن كائىنات ئارىسىدىكى قۇرۇلمىلار جەھەتتىن قالدۇرۇپ كەتكەن ئاساسلار ناھايىتى توغرا »، دەپ يازىدۇ .
dF@m4U@L مەلۇمكى ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ۋە تۇنجى ماكانى توغرۇلۇق ياۋرۇپا تارىخچىلىرى قېدىمقى مىسىر ، ۋاۋىلون ، گرىتسىيە ۋە رىم ئېمپىرىيىسى ، ئاندىن قالسا جۇڭگۇ ۋە ھىندىستاننى تىلغا ئېلىشىدۇ .
QD2;JI2 ئەمما جەيمز چېچۋود 50 يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىلىك مېۋىسى بولغان « ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى » ناملىق كىتاۋىدا بۇنى رەت قىلىپ ، مۇنداق دەيدۇ : « ئۇيغۇرلار مۇندىن 20000 يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتنىڭ يۇقېرى پەللىسىگە يەتكەن . ئۇلار ئاسترونومىيە ، كانچىلىق توقۇمىچىلىق ، ئارخېولوگىيە ، ماتېماتىكا ، يېزا ئېگىلىگى ، يېزىق ، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا پەنلەرنى بىلەتتى . ئۇلار يىپەك ، مېتال ۋە ياغاچتىن ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى تەييارلاشقا ماھىر ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برۇنزا ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسايتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر مەدەنىيىتى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن . قېدىمىي گرېك ، خالدېي ، ۋاۋىلونلار ، پارسلار ، مىسىرلىقلار ۋە ھىندىلارنىڭ مەدەنىيىتى قېدىمىي « مۇ » دەۋرىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان .» ( ئۇيغۇرچە نەشرى ، 14 – بەت )
xaPaK- شۇنىڭغا ماس ۋە ئۇيغۇن رەۋىشتە ، تۈركىيىنىڭ «ئەرگىنەقۇن» (Ergine Qun) گېزىتىدە مۇھەررەم قىلىچ تەرىپىدىن «شىئەندە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەلئىھرامى ( پىرامىدالىرى) » ناملىق بىر پارچە ناھايىتى قىممەتلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، ئاپتور بۇ ماقالىسىدە ، « ئۇيغۇر رايۇنىدا بايقالغان ، ياسىلىش دەۋرى مىسىر ئەلئىھرامىدىن 100 نەچچە يىل بۇرۇن بولغان ، مىسىردىكى ئەلئېھرامدىن تېخىمۇ ئىگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولغان ئەلئېھرامنى ياسىغۇچى خەلق ھەقىقىي ئۇيغۇر تۈركلىرىدۇر . بۇ رايۇنغا كىرىش جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي چەكلەنگەن . چۈنكى بۇ ئەلئېھراملارنىڭ ئىچىدە پروتو - تۈرك (Proto - Türk) يازمىلىرى مەۋجۇت . بۇ رايۇنغا ھەتتا ئارخېئولوگلارنىڭ كىرىشىگىمۇ قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ . چۈنكى بۇ سىرلىق ئەلئېھراملار دۇنيا تارىخىنىڭ قايتا يېزىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر جۇڭگۇ چېگرىسى ئىچىدىكى شىئەندىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىنلىشەن تېغى ئۈستىدە قېدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان 100 دىن ئارتۇق كىچىك ئەلئېھراملار ۋە ئىگىزلىگى 300 مىتىردىن ئىگىز ئەلئېھراملار مەۋجۇت . بۇ ئەلئېھراملارنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ئۈچۈن 1994 – يىلى شەنشى رايۇنىدا بىر تەتقىقات ساياھىتى ئېلىپ بارغان گىرمانىيىلىك ئالىم ھارتۋېگ ھاۋستوف ئۆزىنىڭ رەسىم ئالبومىدىن بىر قانچە رەسىمنىڭ خەلققە كۆرسىتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان . ھاۋستوفنىڭ قارىشىچە ، ئەلئېھراملارنىڭ بىنا قىلىنىش تارىخى ئەڭ ئاز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500 يىللار ئەتراپىدىدۇر . بۇ رايۇننىڭ چەكلەنگەن رايۇن قىلىنىپ ئېلان قىلىنغانلىغى سەۋەپلىك ئەلئېھراملارنىڭ ئىچىدىكى مىسىر ئەلئېھراملىرىدىنمۇ يۇقېرى تېخنىكا بىلەن مۇميالاشتۇرۇلغان جەسەتلەر ۋە قېدىمقى تۈركچە يازمىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ » دېيىلگەن .
\5&-U@ تۈۋەندىكى رەسىملەر مانا شۇ ئەلئېھراملارنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى :
`RF0%Vm~t
W(gOidKKz
!_yWe مانا مۇشۇنىڭ ئۈزىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ، ئىلىم – پەن ، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت – سەنئەت جەھەتتە قانچىلىك ئىلگىرى ئىكەنلىگى ۋە قانچىلىك ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەنلىگىنى ناھايىتى رۇشەن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
lG1\41ZxB دەل شۇنداق بولغاچقا ، ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ئورخۇن ۋادىسىدىن تېپىلغان مىلادى Ⅸ ئەسىرگە تەئەللۇق ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدا دېيىلگەندەك « ... مىلادى Ⅸ ئەسىردىن باشلاپ يېزىق قوللۇنۇشقا باشلىغان » ، « ئۇلار مىلادى 840 – يىلى ئۇرخۇن ۋادىسىدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەندە قېدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىنىمۇ بۇ رايۇنغا بىللە ئېلىپ كەلگەن » بولماستىن ، بەلكى « مۇ قۇرۇقلىغى » دەۋرىدىلا دۇنياغا كەلگەن ۋە يېزىق قوللۇنۇشنى ئەڭ بالدۇر باشلاپ مەدەنىيەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان ئېقىل-پاراسەتلىك بۇيۇك مىللەتتۇر!
k1.h |&JJN ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن باشلاپلا يېزىق قوللۇنۇپ سەلتەنەتلىك مەدەنىيەتلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ ئىنسانىي ياشاشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىۋاتقاندا ، باشقىلار خىلمۇ – خىل دەت – تالاش ، جەڭگە – جىدەللەر بىلەن ئاۋارە ئىدى ، ھەتتا بەزى مىللەتلەر ئىشتان كىيىشنى بىلمەي ياۋايى ھايۋانلاردەك ياشىۋاتاتتى . ..... بۇ ھەقتە تۈركچە ئىشلەنگەن « بوز قىرنىڭ ئويغىنىشى » ناملىق خەرىتىدە تەپسىلى چۈشەنچىلەر بىرىلىپ ، ئۇيغۇرلارغا نىسپىتەن ، « ئۇرۇش – جىدەلنىڭ ئورنىغا ئەدەبىيات » ماۋزۇسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل ئىنسانىي ھاياتنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغانلىغى ، قەدىمى تەككەنلا يەردە ئىلىم – مەرىپەت گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىغى قىزغىن مەدھىلىنىپ ، « .... شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار تۈرك ، مۇڭغۇل قەۋملىرى ئىچىدە بۇيۇك ، ئىلغار بىر قەۋم ئىكەنلىگىنى نامايان قىلدى ، چىڭگىزخان زامانىغا كەلگەندىمۇ ئۇلار قەۋملەرنىڭ تەربىيىچىلىرى بولغان ئىدى . .... » دېيىلىدۇ . بۇ سۆزگە ناھايىتى يېقىن ھالدا فرانسىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسياشۇناس تارىخچى گراسېر ئەپەندىمۇ 1930 – يىللىرى يازغان « يايلاق ئىمپېرىيىلىرى » ناملىق كىتاۋىدا قېدىمقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختۇلۇپ ، « ئۇيغۇرلار تۈرك ، مۇڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ يانىلا تەربىيىلىگۈچىلەردىن ئىدى » دەپ يازغان بولسا ، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى دېنىس سنور ئەپەندى 1960 – يىللىرى يازغان « ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسيا » ناملىق كىتاۋىدا ئۇيغۇرلارنى « تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھېچ قايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يىتەلمىگەن » دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. دەرۋەقە تارىختا چىڭگىزخاندەك قۇدرەتلىك جاھانكەشتلەرمۇ بىلىم ۋە ئېقىل – پاراسەتتە ئۇيغۇر كاتىپ – باخشىلىرىنى ئۇستاز تۇتقان ۋە ئۇيغۇر يېزىغىنى ئۆگۈنۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېزىغى مۇڭغۇللارنىڭ دۆلەت يېزىغى بولۇپ قالغان ئىدى.
tgR4C#a ئىلىم ھەقىقىتىگە ئوتتەك مۇھەببەتلىك يەنە قانچىلىغان ئالىملارمۇ باركى ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ناھايىتى يۈكسەك باھالارنى بەرگەن . بۇلاردىن شۋېتسىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس گۇننار يارىڭ « ئۇيغۇر تىلى » ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى يازغان بولسا ، گېرمانىيىلىك پروفېسسور گابائىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، دىنىي ئېتىقادى ، تىل - يېزىغى ۋە مەدەنىيەت – سەنئىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغانكى ، ئۆمۈرۋايەت تۇرمۇشلۇق بولماي ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك ئىلمىي نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ « قېدىمقى ئۇيغۇر تىلى » ، « قېدىمقى تۈركىي تىللار » ، « ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى» ...... قاتارلىق 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ئەسىرى ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە تەقرىزلىرى بار .
/WxCsQn ئۇلاردىن باشقا تۈرك ئالىم ، پروفېسسورلاردىن مەشھۇر پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى ( بۇ كىشى تۈرك ئېينىشتىيىنى ، دەپمۇ ئاتىلىدىكەن ) ، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئاخمەت جافەر ئوغلى .... قاتارلىقلارمۇ ئويغۇرلا ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغى توغرىسىدا ناھايىتى تەسىرلىك بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان بولۇپ ، بۇلاردىن پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ : « ئوقۇغان ۋە كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن ، بىر دۆلەتنىڭ ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى تارىختا تۇنجى قېتىم نامايان قىلغانلار ئۇيغۇرلاردۇر .. .... ئوسمانلىق مىڭ يىل بۇرۇن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينۇتۇپ كىلىپ دۆلەت قۇرغان بولدى . ئات مىنىپ قىلىچ ئوينۇتۇپ كەلگەن بىر مىليون كۆچمەننىڭ ساغلام مۇئەسسەلىرى بىلەن 600 يىل دۆلەت قۇرالىغىنى نەدە بار؟ ئۇ شەكىلدە ، مەسىلەن ئاۋارلار كىلىپ ياۋرۇپانى تۇمانغا ئايلاندۇرىۋەتتى . ئەمما 50 يىلدىن كېيىن ئاتلىرى ۋە باشقا ھىچ نىمىلىرى قالماي تۈگەشتى.... » ، « بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ياخشى تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان ئەمەس ، ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان مىڭلىغان مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئون مىڭلىغان ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلدۇرۇش لازىم . » ( تەتقىقاتچى يازغۇچى تۇرغاي تۈپەكچى ئوغلى : « پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى ۋە تۈركچە » ، 289 - 290 – بەتلەر ) .« تارىختا بۇيۇك بىر تەجرىبە ۋە مەدەنىيىتىمىز بار . ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن بۇيۇك مەدەنىيەتلىرىمىز بار . بىز ئاسيادىن ئۇنداق ئىككى مىليۇن كۆچمەن سۈپىتىدە كەلمىدۇق . ئۇنداق قۇرۇلغان ئىمپېراتۇرلۇق 600 يىل داۋام قىلالامدۇ ؟ » ، « ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى . ئىنساننىڭ باياشاتلىقى ، ھۇزۇرى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سورىغانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر . باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئاخىرىدا ئوسمانلىقلارمۇ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرغان . » ( شۇ كىتاپ ، 252 – بەت ) ، « تۈرك دۇنياسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن قەرزدار . ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . دۇنيا بۇيىچە ئىنساننىڭ بەخت – سائادەتلىك بولىشىنى ئالدىنىقى رەتتە قويغان دۆلەت باشقۇرۇش ئېڭىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى ، نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋە تېخنىكىنى ، ئەڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ۋە سۇغۇرۇش ۋە بوستانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇلار ئىجات قىلغان . ئوسمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇيۇك مۇۋاپپىقىيەتلىرى مانا شۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ... 20 يىل بۇرۇن ياپۇنىيىدىكى جىددىي ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا ياپۇنلارنىڭ دىققىتى قوزغالدى . ھازىر ئۇلار تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى . بىز ياپۇنلار بىلەن بىرلىشىپ « ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى » نى قۇرىشىمىز لازىم . ئوسمانلىق ئارخىپ بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم قوشۇنى يېنىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ، يېزىغى ۋە تارىخى بۇيىچە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنى تېزلىكتە يېتىشتۈرىشىمىز لازىم .» ( شۇ كىتاپ ، 283 – بەت )
*!m\%*y{ ئويغۇرشۇناس ئالىم ئاخمەت جافەر ئوغلىمۇ « تۈرك تىلى تارىخى » ، « قېدىمقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » ناملىق كىتاپلىرىدا ئويغۇرلا ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغى توغرۇلۇق كەڭ سەھىپە ئاجرىتىپ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن . بۇ يەردە قىسقىچە كۆرىدىغان بولساق ، « 5 – ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى ئۆز قەبىلىلىرى بىلەن ، خېلى كىيىن بولسا قوشۇلغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن سىياسى بىرلىكنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تارقىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان .» ( « تۈرك تىلى تارىخى » ( 150 – بەت ) ، « ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ باي مەزمۇندىكى تۈرك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن .» ( شۇ كىتاپ ، 169 – بەت ) ، دەيدۇ ئاخمەت جافەر ئوغلى .
_spW~"|G ئەمدى ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونا مەدەنىيەت مېنىستىرى نامىك كەمال زەيبەك ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ : « .... تۈركىيىدە قوللىنىلىۋاتقان ‹ئۇيغارلىق› سۆزىنىڭ ئەسلىسىمۇ ‹ئۇيغۇرلۇق› تۇر . .... « ھازىرقى زامان تارىخى » ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەڭ كۆپ 6 – 7 مىڭ يىل كەينىگە قايتۇرۇپ سۈمەرلەر بىلەن باشلىنىدۇ . ... ئەمما تارىخنى تېخىمۇ كەينىگە سۈرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارمۇ بار . مەسىلەن ، « مۇ » ( MU ) ئۇيغارلىغى ناملىق ئىلمىي ماقالىنى كۆرىدىغان بولساق ، ئۇنىڭدا ، بۈگۈن ياشىۋاتقان دۇنيامىزغا 12 مىڭ يىل بۇرۇن ھاكىم بولغان ، دۇنيانى باشقۇرغان بىر ئىمپېراتۇرلۇق بار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ئىمپېراتۇرلىغىدىن ئىبارەت ..... دېگەن ئۇلۇق ئىلمىي ھەقىقەت ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان » ، « قوللىنا – قوللىنا ئۆگۈنۈپ قالغان ئاشۇ « ئۇيغارلىق » دېگەن سۆزگە بىر قاراپ باقايلىمۇ ؟ بۇنىڭ ئەسلىسى « ئۇيغۇرلۇق » تۇر . «ئۇيغۇرلۇق» دېگەن سۆز بىرئاز ئۆزگەرتىلىش ئارقېلىق مانا شۇنداق «ئۇيغارلىق» دېيىلىدىغان بولۇپ قالغان . ... بۇ ئۇيغۇرلار زادى كىم ؟ ... نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇق ؟ چۈنكى ، مۇندىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى ئاسيا ۋە ياۋرۇپانى ئۇيغۇرلار باشقۇرغان ۋە پۈتكۈل خەلقلەرگە «ئۇيغارلىق» نى ئېلىپ كەلگەن ئىدى . بىلىنگەن پۈتكۈل مەدەنىيەتلەرنىڭ تۇنجى مەنبىئىمۇ ئۇيغۇرلار ئىدى . .... ئاتا تۈرك نىمە دېدى ؟ خوش ، تارىخىي قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر ئۇيغۇرلارنى نەگە باغلايدۇ ؟ جەيمز چېچۋود « مۇ ئۇيغارلىغى » دەيدۇ ۋە « مۇ قىتئەسى » قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئاتا تۈركمۇ يۇقېرى قابىلىيىتى ، ئالاھىدە سەزگۈ كۈچى ۋە ھەقىقىي ئىلمىي تەھلىللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسيادا ياشىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . 50 مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسيادا بىر – بىرىگە تۇتاش دېڭىزلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىچكى دېڭىز بار ئىدى . بۇ ئىچكى دېڭىزنىڭ ئەتراپىدا كۆركەم بىر مەدەنىيەت ( ئۇيغارلىق ) بار ئىدى. بۇ ئۇيغارلىق ئامېرىكا قىتئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتكۈل دۇنيانى ئىدارە قىلدى ، تەسىرلەندۈردى ۋە ئۇيغارلىقنى تارقاتتى. .... » ( نامىك كەمال زەيبەك : « ئاناتولىيەگە قاچان كەلدۇق ؟ » )
@'~7O4WH يەنە ، مەشھۇر تارىخشۇناس مورگان ئەپەندى : « دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەريا ۋادىسىغا كۆمۈگلۈكتۇر . قاچان شۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرىمۇ شۇ چاغدا ئېچىلىدۇ .» دېگەن بولسا ، رۇس ئالىمى كۇزنىتسوف : « ئوتتۇرا ئاسيانى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئوچىغى دەيدىكەنمىز ، شۇ مەدەنىيەتنى ياراتقۇچىلار ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئونۇتماسلىقىمىز كېرەك .» دەپ ئالاھىدە ئىزاھلايدۇ .
,6EFJVu\ ئەمدى تۈۋەندىكىلەرنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ :
|uIgZ|7[ « قەشقەرنىڭ تارىخى موسكىۋانىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن . بىز رۇسلار ياكى سلاۋىيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ئورمان ھاياتىمىزنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرۇپ ، سىلاۋىيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاختىمىزدا ، سىلەر ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان شەھەرلىشىپ بولغان شانلىق يۇقېرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدىڭلار .... ( رۇس تۈركلوگ ئالىمى د . ۋاسلىيېفنىڭ نەبىجان تۇرسۇن بىلەن بولغان سۆھبىتىدىن ) ، « ئۇيغۇرلار قېدىمقى ۋاقتلاردا ئوتتۇرا ئاسيادىكى يۇقېرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان شەھەر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلق ئىدى » ( مەشھۇر رۇس ئالىمى مالوف) ( يەنە شۇ « سۆھبەت » كە قاراڭ ). ئامېرىكىلىق مەشھۇر رۇس شەرقشۇناس گ . ۋېرسادسكى : « ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئوتتۇرا ئاسيا تارىخىدىكى رولى سىياسىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەردە ئالاھىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك بولغان ئىدى . ئۇلار جۇڭگۇدىن تاكى كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردىكى سودا يولىنى كونترول قىلىپ ، جۇڭگۇ مەدەنىيىتى بىلەن ھىندى – ياۋرۇپا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلەردە ۋاستىچىلىق رول ئوينىدى . » دەپ ھۆكۈم قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئورنى ۋە رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى . ئالىم ۋاسلىيېف « سۆھبەت» داۋامىدا مانا شۇلارنىمۇ قوشۇمچە قىلىش بىلەن ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، « ئەگەر ھازىر دۇنيادىكى 40 نەچچە دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان ۋە ئالدىنقى ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خۇلاسسىلىرىنى بىر – بىرلەپ ئېيتىپ ئولتۇرساق گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ . قىسقىسى سىلەر ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇلۇق خەلق . بۇ ، تارىخىي ۋە ئىلمىي يەكۈن .... » ( « سۆھبەت » كە قاراڭ )
9< |nJt ئەمدى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11– ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئالىمى ، تۈركىلوگ مەھمۇت قەشقېرى ئالەمشۇمۇل شاھ ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى يېزىپ ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تىلى ، مەدەنىيىتى ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاجايىپ قىممەتلىك چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شەرق مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ تۇنجى باسقۇچىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىرىنچى ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئىدى . « تۈركىي تىللار دىۋانى » ياۋرۇپا ئىلىم – پەن ئالىمىدە ، بولۇپمۇ تۈركىلوگىيە ساھەسىدە زور ۋەقە ھېساپلانغان ئىدى . بۇ ھەقتە يېزىلغان نېمىسچە ، ۋېنگىرچە ، رۇسچە ئىنگىلىزچە كىتاپ ۋە ماقالىلار ھەددى – ھېساپسىز . خۇسۇسەن ، نۆۋەتتە « تۈركىي تىللار دىۋانى » سەۋەپلىك ئالىمنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ئۈچۈن ب د ت بۇيىلنى مەھمۇت قەشقېرىنىڭ خاتىرلىنىش يىلى قىلىپ بېكىتتى !
,Qh9}I7;C مەشھۇر شائىر ، تىلشۇناس ۋە خەتتات مىرزا ئەلىشىر ناۋايىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇقۋار تىل ئىكەنلىگى توغرىسىدا « ئىككى تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە » ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ ، ئۆزىنى تىپ قىلغان ھالدا شەرق مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىشقا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلغان ئىدى .
1)BIh~1{p يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 – ئەسىردە ياشىغان بۇيۇك مۇتەپەككۈر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ چوڭ ھەجىملىك داستان « قۇتاتقۇ بىلىك » ( بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم ) نى يازغان بولۇپ ، بۇ ئەسەر ئىلمىي ۋە بەدەئىي قىممىتى بىلەن جاھان مەدەنىيىتى سەھنىسىدە ئىنسانىيەت تەپەككۈرىنىڭ ئىسىل دۇردانىلىرىدىن بولغان مەشھۇر شاھ ئەسەرلەر قاتارىدا ئۇزۇندىن بۇيان پەخرى ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە . يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەسىرىدە ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش ، بىلىم ، ئېقىل – پاراسەت ۋە ئەخلاقنى ئىززەتلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىجتىمائىي غايىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ . بۇ ئەسەر تىل ۋە شېئىرىي ئۇسلۇپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 11 – ئەسىردىلا خېلى يۇقېرى سەۋىيىگە يەتكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ .
wqasI@vyu ئەمدى كۆرسەك ، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك ئېقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ئەنگۈشتىرى ، ــ ئالەمگە مەشھۇر 12 مۇقامنىڭ يۈرەكلەرنى تىترىتىدىغان كۈي – نەزمىلىرى كۆز ئالدىمىزدا تەسۋىر يېتىشمەس جەزبىدارلىقى بىلەن ياڭراپ تۇرۇپتۇ !
n48%Uwa, يەنە كۆرسەك ، مۇندىن 2 – 3 مىڭ يىللار بۇرۇن ئاسيا – ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىغى ئوتتۇرىسىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا جۇڭگۇدىن رىمغىچە بولغان كەڭ رايۇنلار ۋە نۇرغۇن مەمىلىكەتلەر ئوتتۇرىسىدا سىياسى ، ئىقتىسادى ، سودا مۇناسىۋىتى ، دوستانە بېرىش – كېلىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە يەرلىك ئاھالىلار تەرىپىدىن ‹ كارۋان يولى › دېيىلسە ، تارىختا ئوينىغان مىسلىسىز كاتتا رولىغا ئاساسەن ‹ دوستلۇق يولى › ، ‹ ئالتۇن كۆبرۈك › دەپ تەرىپلەنگەن ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ يولنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىسىگە ئاساسەن گىرمانىيىلىك فېردىنانت فون رىچتخوفىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم « يىپەك يولى » دېيىلگەن يولمۇ بار .
5,#aN}v#? ئۇنىڭدىن باشقا دۇنياغا مەشھۇر « ئات ئۈستى مەدەنىيىتى » مىزمۇ بار .... !!!
,CP&o بۇ يەردە ئەمدى شۇنىمۇ ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەنكى ، 2005 - يىلى 2 - ئايدا ئەنگىلىيىدە ئەنگىلىيە خان جەمەتى سەنئەت ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن « تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىڭ يىللىق سەپىرى » تېما قىلىنغان كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ كۆرگەزمە 1930 – يىلىدىن بۇيان لوندوندا ئويۇشتۇرۇلغان ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە ھېساپلىنىدۇ . كۆرگەزمىگە كۆك تۈرك ، ئۇيغۇر ، سەلچۇق خانلىغى ۋە ئوسمانىيە ئېمپىرىيىسىگە ئائىت تارىخىي يادېگارلىقلار قويۇلغان ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئائىت 370 پارچە ئاسارە – ئەتىقە كۆرگەزمە قىلىنغان . بۇلار نيۇيوركتىكى مىتروپولىتان مۇزىيى ، پېتېرسبورگدىكى ھېرمىتاگې مۇزىيى ، پارىژدىكى لۇر مۇزىيى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ئەسەرلەردىن توپلانغان . كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىي يادىگارلىقلار ئەڭ كۆپ بولۇپ ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مىڭ ئۆي رەسىملىرى ، تۇرپان ۋە قۇمۇل قاتارلىق يەرلەردىن تېپىلغان قېدىمقى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېكىستلەر ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان ئۆلۈكلەر كىتاۋى ، ئىرىق بىتىك ، ئوغۇزخان داستانىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، ۋىيانا دۆلەتلىك مۇزىيخانىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قۇتاتقۇبىلىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ، بېرىتانىيە مۇزىيخانىسىدىن تاللانغان ئۇيغۇرچە تېكىستلەر ۋە ھەرقايسى مۇزىيخانىلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدىكى نۇرغۇن مەدەنىي يادىگارلىقلار بار بولۇپ، كۆرگەزمىدە بىرىنچى سەپكە ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىلغان !!!
e8U6D+jY بۇ جەھەتتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارغا تۈۋەندىكى ئادرېس ئارقىلىق تۇلۇق ئېرىشكىلى بولىدۇ :
>f:OU," http://www.turks.org.uk/index.php?pid=8 3Lm7{s?=Z- ئەمدى تۈۋەندىكىلەرنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ :
<.U(%`| خەلقارادىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى:
4p&YhV7j)o blmY=/] 1.چوقان ۋەلىخانوۋ(1837-1865 ، قازاق ): «چوقان ۋەلىخانوۋ ماقالىلەر توپلىمى»؛
^o[(F<q چوقان ۋەلىخانوۋ ھازىرقى روسىيەگە قاراشلىق سىبىرىيىدىكى ئومىب شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ، قازاق . ئۇ چار روسىيە ھۆكۇمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە ئەينى ۋاقىتىتكى ئۇيغۇر دىيارىغا كىلىپ نۇرغۇن تەكشۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىلىپ بارغان.
Bi`m +ob 2. ن.م. پىرژىۋالىسكى(1839-1888 ، رۇس) : «ئوسسورىيە»(سىبىرىيەنى تەكشۇرۇش دوكلاتى) ؛
$sb `BS «زەيساندىن يولغا چىقىپ قۇمۇل ئارقىلىق شىزاڭ، خۇاڭخىنىڭ باش ئىقىنىغا بىرىش»(تەكشۇرۇش دوكلاتى)؛ .
N3&n"w _d 3. ۋ. بارتولد (1869-1930 ، رۇس ) : «مۇڭغۇل ئىستىلاچىلىرى دەۋرىدىكى تۇركىستان»،« ئوتتورا ئاسىيا تارىخى ھەققىدە ئومۇمىي ئەسەرلەر»، «تۇرك-مۇڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە فىلولوگىيىسى – ئوتتورا ئاسىيا، يىراق شەرق»،«شەرقشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەر»،« يەتتە سۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى »،«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېكىسپىدىتسىيە دوكلاتى »، « تۈركىستان »،« موڭغۇللار ئىستىلاسىدىن ئىلگىرىكى تۈركىستان »،« قىرغىزلار »، « تۈركى ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخى » ؛
RsnFjfb' 4. ۋ.ۋ.رادلوف (1837-1918 ، رۇس ) : «سىبىرىيە»، «سىبىرىيىدىكى قەدىمقى ئىزلار»، «تۇركى تىللار دىئالىكت لوغىتىنىڭ سىناق نوسخىسى»، «ھەرقايسى تۇركى قەبىلىلەرنىڭ ئىغىز ئەدىبىيات ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ؛
AfJ . SNE 5.س.ئى.مالوف(1880-1957 ، رۇس ) : «قەدىمقى تۇركى ۋەسىقىلەر»، «سىرىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولىگىيىسى ۋە سىنتاكسىس»، «ئالتۇن يارۇغ»، «قۇمۇل شىۋىسى»، «لوپنۇر شىۋىسى» ؛
}EJ'tio] 6. پ.ك. كوزىلوف(1863-1935 ، رۇس ) : «مۇڭغۇلىيە ئامدۇ ۋە ئۇلۇك شەھەر قاراخوتو»؛
)"&\S6*! 7. ئا. ن. بىرنىشتام (1910-1956 ،رۇس ) : «ھونلار تارىخىنىڭ ئوچىرىكى»، « 6-،8-ئەسىرلەردىكى ئۇرخۇن-ئىنساي تۇركلىرىنىڭ ئىجتىمائى-ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى»، «يەتتەسۇ ئارخىلوگىيە توپلىمى»، «ئۇغۇزخان رىۋايىتىدىكى تارىخى ھەقىقەت» ؛
4 moVS1 8. ئا.ن. كىروپاتكىن ( رۇس ): «قەشقەرىيە»؛
2D"\Ox 9. ئى.ي. بىچۇرىن ( رۇس ، 20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار»؛
Qh,Dcg2ZM" 10. ئا.م. شىرباك ( رۇس ، 20-ئەسىر) : «تىلشۇناسلىقتا ئالتاي قىياسى»،«شىنجاڭدىن تىپىلغان 10-،13-ئەسىرلەردىكى تۇركچە تىكىستلەرنىڭ گىراماتىكىسىدىن ئوچىرىكلار»،«يىڭىدىن بايقالغان رونىكچە تىكىستلەر» ؛
m95;NT1N/g 11.باسكاكوف ( رۇس ، 20-ئەسىر) : «ئالتاي تىللىرى»، «تۇركى تىللار»؛
1/vcj~|)t 12. د.ئى.تىخونوۋ ( رۇس ، 20-ئەسىر) ؛1966 - يىلى « 10- 14- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەۋر تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. يەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى مالياۋكىن 1983- يىلى « 9- 12- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى » دىگەن ئەسەرنى يازغان بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى 1988- يىلىدىن باشلاپ تىخۋىنىسكى ۋە لىتۋىنىسكىلارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە كوللېكتىپ ھالدا كۆپ توملۇق « قەدىمقى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ تۆت تومنى نەشردىن چىقاردى.
q-nM]Gm بۇ ئەسەردە غەرپتىكى ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى توم ئالتىنچى باپىدا قەدىمقى يۇنان، رىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن زور مىقداردا پايدىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ پەقەت خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللارغىلا تايىنىدىغان تارىخچىلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى.
Y)9]I6n7 13.س.ۋ. كىلياشتورنى (20-ئەسىر) : «قەدىمقى تۇرك يىزىقىدىكى ئابىدىلەر» ؛
-TKQfd 14. ئا. گ. مالىيۋكىن(20-ئەسىر): «8-ئەسىردىكى تۇرپان خاندانلىقى»، «9-ئەسىرنىڭ كىينكى يىرىمىدىكى گەنسۇ ئۇيغۇرلىرى ۋە تاڭغۇتلار» ، «840-848-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە جوڭگو»، «9-،12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ؛
Tz 2<# pLR 15. ۋ.م. ناسىلىۋ (20-ئەسىر) : «ئۇرخۇن-يىنسەي يادىكارلىقلىرىنىڭ تىلى»، «ئۇرخۇن يىزىقىدا خاتىرلەنگەن تۇركى تىلدىكى يادىكارلىقلار» ؛
t 4tXLI;' 16. ن.ف. كاتانوف (خاكاس تۇركلىرىدىن كىلىپ چىققان) : <كۇن چىقىش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى>؛
4@ =l'Fw 17. ياكۇبوۋىسكى : 1947- يىلى « ئەرەپ، پارىس مەنبەلىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى (9- 10- ئەسىرلەر) » دىگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ماقالىسىدا ئەرەپ ۋە پارىس تىلىدىكى يازما ماتېرىياللار ئارقىلىق تۇرپاندىكى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 9- 10- ئەسىرلەردىكى تارىخىنى بايان قىلغان.
T0Zv. 18.گىرۇم گىرژىمايلو: « جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ساياھەت خاتىرىلىرى». بۇ ئەسەرنىڭ 2- تومىدا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىنىڭ ئۆتكەن دەۋرلەردىكى تارىخى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. بۇ ئەسەردىمۇ يۇقېرىدا تىلغا ئېلىنغان گىرىگورىيوۋنىڭ ئەسىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارتارىخى ھەققىدىكى ماتېرىياللار كىرگۈزۈلۈش بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرلەرگە بىرمۇ-بىر ئىزاھ يازغان؛
yct^AN|% 19. پىراۋۇسلاۋىيە ئېپىسكوپى بىچۇرىن : « قەدىمقى ۋەھازىرقى زاماندىكى جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى » ۋە « قەدىمقى شىرقى تۈركىستاننىڭ مىللەتلەر تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار »؛
hu''"/raM 20.بىرېتسچنېيدېر : « ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار» ؛
)4/227b/( 21. دوسسان : « موڭغۇل تارىخى ـــ چىڭگىزخاندىن تۆمۈرلەڭگىچە » ( ئۇيغۇرلار تارىخىغا چېتىلىدۇ).
]>\!} \R< ياپۇنىيە:
K\]I@UTwq 1. نىشى توكوجىرو(1847-1912) : «ئوتتورا ئاسىيا خاتىرىلىرى» ؛
sVJwe\! 2.ئوتانى كوئول(1876-1948) : «غەربى يۇرتنىڭ ئارخىلوگىيىلىك رەسىم شەجەرىسى»، «يىڭى غەرپكە ساياھەت» ؛
60u}iiC@ 3. خىنوتسۇ تومۇ (1866-1920) : «ئىلى خاتىرىلىرى» ؛
zIjUfgO/M 4. ماتسۇدا توشىئو (1903-1983): «كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، «ئوتتورا ئاسىيا تارىخى»، «قەدىمقى تەڭرى تىغىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى»؛
qf2;yRc& 5.ئومىمورا خىروشى(20-ئەسىر): «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى تىلخەت ۋە ھۆججەتلەر توپلىمى».
j*aYh^ 6. نىشىخاما جۇنتارۇ(20-ئەسىر) : «قەدىمقى دۇنخۇاڭ پۇتۇكلىرى»، «ئۇيغۇرچە بۇددا كىلاسسىك ئەسەرلىرى»، «غەربى رايون مەدىنىيىتىگە دائىر ماتىرىياللارنىڭ رەتلىنىشى ۋە تەتقىقات» ؛
7>Oa, \ 7. يامادا نوبو (20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ شەرھى»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە توختام ۋەسىقىلەر توپلىمى»،«قەدىمقى ئۇيغۇرچە سودا-سىتىق توختامنامىلىرىنىڭ فورماتى»، «ئىستامبۇل ئۇنۋىرسىتىتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان غەربى يۇرتقا ئائىت يادىكارلىقلار»، «ئوتانى ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ئىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ مۇندەرىجىسى» ؛
>nL9%W}8M 8. مورى ماسائو(20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇرچە قانۇن ۋەسىقىلەرگە ئائىت مەسىلىلەر»، «قەدىمقى ئۇيغۇرچە تەكلىك سىتىش توختامنامىسى»، «بۆگۇخان ۋە قۇجۇ»، «ئۇرخۇن يادىكارلىقلىرىنىڭ تونۇلىشى»، «ئەلشىر ناۋايى»؛
0G.y_<= 9. ئودا يوتىن(20-ئەسىر) : «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى سەككىز يۇكمەك ھەققىدە ئىزدىنىش» ؛
"T_OLegdK 10.كودارا كوگى(20-ئەسىر) : «شىۋىتسىيە مىللى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق تىزىملىكى» ؛
K(M@#t1_& 11.شۇگايتو ماساخىرو(20-ئەسىر): قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىقلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى»،«بۇيۇك بىرىتانىيە مۇزىيىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار» ؛
gZs UX^% 12.خامادا ماسامى(20-ئەسىر،چاغاتاي ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتچىسى) : «زەپەرنامە»(كۇچا دىھقانلار ئىنقىلابى توغرىسىكى ئەسەر ۋە بۇ توغىرلىق تەتقىقات)، «تارىخى ئەمىنىيە»، «غازات دەرمۇلۇك چىن ھەققىدە»، «ئىلى كىرزىسى ۋە ئۇيغۇرلار»، «خوتەن تارىخى» ؛
AS#D9o 13. مانۇ ئىيجى (20-ئەسىر) : «بابۇرنامىنىڭ سىھرى كۇچى»، «تارىخى رەشىدى»،«بابۇر ۋە ھىرات» ؛
DNy1} 3wg 14.مورىيا سوتاكائو (20-ئەسىر) : «دۇنخۇاڭدىن تىپىلغان يۇەن دەۋرىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇرچە بۇددا راھىپلىرى يازمىلىرى» ؛
n?QpVROo\ 15.خانىدا تورو(20-ئەسىر) : «تاڭ سولالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەتقىقات»، «تۇركلەر ۋە بۇددا دىنى»، «ئۇيغۇرچە بۇددىزىم كىلاسسىك ئەسەرلىرى»، «غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى»، «تۇرپاندىن تىپىلغان مانى مۇخلىسلىرى تىلاۋەتنامە پارچىسى» ؛
AFqut گېرمانىيە:
G([!(8&2Y 1.ئالبىرت فون لىكوك (1860-1930) : «شىنجاڭنىڭ مەدىنىيەت خەرىتىسى»، «شەرقى تۇركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى»، «ئىدىقۇت» ؛
I\0mmdi73 2.ئا. گرونۋىدىل (1856-1935) : «قەدىمقى كۇچا»، «گىرىتسىيە، تۇركىستاندىكى قەدىمقى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى»؛
ZZa$/q" 3. فون گابائىن (1901-1993 ، ئايال) : گېرمانىيەلىك ئاننى فون گابائىن (1901- 1993) پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى، دىنى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىدى ۋە بۇ ھەقتە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇستازى ۋ. باڭ بىلەن بىرلىشىپ 6 توملۇق « تۈركچە (ئۇيغۇرچە) تۇرپان تېكىستلىرى » ۋە « قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى < سامىتسو ئاچارىنىڭ تەرجىمھالى> (شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى) » دىگەن ئەسەرلەرنى تەييارلىدى. 1941- يىلى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسىرى « قەدىمقى تۈرك تىلى (ئۇيغۇر تىلى) گىرامماتىكىسى » دىگەن ئەسەرنى يازدى. 60- يىللاردىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە سەنئىتىگە قاراتتى ھەم بۇ جەھەتتە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرى 50- يىللىرىنىڭ بېشىدا « قەدىمقى تۈركلەر ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى »، « ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى »، « تۈرك ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇددىزىم »، « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلنامىسى »، « ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇددىزىم »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى »، « تۇرپاندىن بايقالغان بۇيۇملاردىكى مەتبەچىلىك تېخنىكىسى »، « ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرمۇش » (ئىككى توم)، « ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىققا كىرىش » قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇيغۇر سەنئەت تارىخى ھەققىدە ئابىدە خاراكتىرلىك ئەسەر « ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىم سەنئىتى » ۋە «ئۇيغۇرچە يېزىلغان بۇددا سۇترالىرىدىكى ياغاچ ئويما قىستۇرما سۈرەتلەر ھەققىدە تەتقىقات » قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقتى.
7b_Ihv 4. ئومىلىيان پرىتساك (20-ئەسىر) : «تۇركى ئەدىبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»، «قاراخانىلار دۆلىتى»، «ئۇغۇز يابغۇ ئىمپىرىيىسىنىڭ ۋەيران بولىشى». «قارلۇقلاردىن قاراخانىلار دۆلىتىگىچە» ؛
FshQ OFW 5. ج. ماركۋارد (20-ئەسىر) : «قەدىمقى تۇركلەردە يىلنامە»، «كومانلار» ؛
VvwQz#S 6.ئىمىرساك (20-ئەسىر) : «ساك تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ئۇستىدە تەتقىقات»، «ئۇدۇن يىزىقىدىكى ئالتۇن يارۇق نومى»؛
8u::f`vi 7. ھىرمان ۋامبىرى (20-ئەسىر) : «چاغاتاي تىلى ھەققىدە تەتقىقات»، «سەمەرقەنت تارىخى»؛
iaR^] |7_ 8. ۋىللى بانگ (20-ئەسىر) : «تۇركچە تۇرپان تىكىستلىرى» ؛
{)eV) 2a y?-wjJS> روسىيە ۋە گىرمانىيەدىن باشقا ئەللەر .Lrdw3( ku*|?uF 1. سىتانسىلاس ژولىن(1797-1873، فىرانسىيە) : «شەرقى تۇرك تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار» ؛
+:2(xgOP.V 2.ئاۋرىل سىتەيىن (1862-1943 ، ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى ۋىنگىرىيىلىك) : «غەربى رايون»،«غەربى رايون ئارخىلوگىيىسى»؛
GYiUne$ 3.ۋ.تومسىن(1842-1927، دانىيە) : «ئۇرخۇن-ئىنساي يادىكارلىقلىرىنى يىشىپ ئوقۇشتىن دەسلەپكى نەتىجە» ؛
#(@dN+ 4.سىىۋىن ھىدىن(1865-1952، شىۋىتسارىيە) : «ئوتتورا ئاسىيانى كىسىپ ئۇتۇش»،«جوڭگونىڭ غەربى شىمالىنى تەكشۇرۇشتىن دوكلات»، «1899-1902- يىللاردا ئاسىيانى تەكشۇرۇشتىن ئىلمى نەتىجىلەر» ؛
17G7r\iNYq 5.گۇننار يارىڭ (1907-؟ شىۋىتسىيە) :«ئوتتورائاسىياھەققىدە چۆچەك رىۋايەتلەر»، «ئۇيغۇرشۇناسلىق»، «ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتىغا ئائىت ماتىرىياللار»، «شىۋىتسىيىدىكى تۇركشۇناسلىق»، «جەنۇبى شىنجاڭدىكى شىۋىتسىيە مىسسىونىرلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە تىلغا ئىلىنغان ئىتنۇگىرافىك مەسىلىلەر»، «ئوتتورا ئاسىيادىكى تۇركى خەلقلەرنىڭ ئەن-بەلگىلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەر»، «قەشقەرگە قايتا سەپەر»؛
]?U:8% 6. ئىدۋار يۇھاننىس(1865-1918 فرانسىيە) : «غەربى تۇرك تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار»،«مانى دىنىنىڭ جوڭگوغا تارقىلىشى» ؛
9dw02bY` 7. رىبنى گىروت(1906-1968 ، فرانسىيە) : «تۇرك خانلىقىنىڭ مەڭگۇ تاشلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە»؛
L[+65ce%* 8. دابرى دې تىرسانت(1826-1893 ، فرانسىيە) : «جوڭگو يايلاقلىرى ۋە غەربى يۇرتتىكى ئىسلام دىنى»؛
c0Jf 9. مونىك مائىلارىد(20-ئەسىر،فرانسيەلىك ئايال تەتقىقاتچى) : «كۇچاردىكى قەدىمقى ئىزلار»، «غەربى يۇرتتىكى مىڭ ئۆي ۋە ئىمارەتلەر»، «قەدىمقى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ماددى مەدىنىيىتى» ؛
c*!bT$]~\ 10.لېگېتى (20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە) : «ئاتىللانىڭ نەسەپنامىسى ۋە ھونلاردىكى تۇنگۇس نامى»، «تۇرك تىلىنىڭ لوغەت فوند تارىخى» ؛
[HIg\N$I8C 11.ك.بروكىلمان(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە): «قەدىمقى تۇركىستان ئىتنۇگىرافىيىسى»،«مەھمۇد قەشقىرى بايانىدىكى 11-ئەسىردىكى تۇركى تىللار ۋە قۇۋملار»؛
dvsOJj/b 12.ۋ. گروسىت(20-ئەسىر، فرانسىيە) : «يايلاق ئىمپىرىيىسى» ؛
<s-_ieW' 13. جەيمز ھامىلتون(20-ئەسىر، ئامىرىكا): «بەش دەۋرگە ئائىت ئۇيغۇر تارىخى ماتىرىياللىرى»، «ئىككى تىكىن ھىكايىسى ھەققىدە»، « 9-،10- ئەسىرلەرگە ئائىت قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى»، «9-،10- ئەسىرلەرگە ئائىت تۇركچە-سۇغدىچە دۇنخۇاڭ تىكىستلىرى» ؛
QsI>_<r 14.ژان پول روكسى(20-ئەسىر، فرانسىيە) : «ئالتاي تىللىرىدىكى مىللەتلەردە سىرلىق ھايۋان ۋە ئۇسۇملۇكلەر»،«ئالتاي تىللىق مىللەتلەردىكى ئۇلۇم-يىتىم»، «تۇرك ۋە مۇڭغۇل تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنلىرى» ؛
kvSSz%R~ 15.ج. كىلاۋسىن(20-ئەسىر، ئەنگىلىيە) : «تۇرك ۋە مۇڭغۇل تىللىرى تەتقىقاتى»، «13-ئەسىردىن بۇرۇنقى تۇركى تىللارنىڭ ئىتمولوگىيە لوغىتى» ؛
X>F/0/ 16. خ.ۋ.بىل(20-ئەسىر،ئەنگىلىيە) : «ئۇدۇن تىكىستلىرى» ؛
~oT0h[< 17.ك.سىزىگىلد(20-ئەسىر،ۋىنگىرىيە): «تۇركى تىللىق ئۇرۇق قەبىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىدىكى بۇلۇنۇش»، «كاۋكاز ھونلىرى ۋە ئاۋارلار»، «قارلۇقلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى» ؛
,_YCl09p( 18.د.سىنوز(20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە، ئورال-ئالتاي ئىلمى جەمىيىتىنڭ سابىق رەئىسى) : «تۇركچە بۇددا ھۆججەتلىرىنىڭ ئومومى مۇندەرىجىسى»،«5-ئەسىردە مىللەتلەرنىڭ كۇچۇشلىرى»، «ئۇغۇزخان داستانى ھەققىدە»، «تۇرك ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخى رولى» ؛
SLz^Wg._ 19.ن.ئىسىدۇ (20-ئەسىر، ۋىنگىرىيە) : «790-791-يىللىرىدىكى بەشبالىقتىكى ئۇيغۇر ۋە تۇبۇتلەر» ؛
|/ZpZ7 20. بازىن (20-ئەسىر، فرانسىيە) : « قەدىمقى تۇركلەردە كالىندارچىلىق» ؛
rq}ew0&/ 21. چارلىز بولگىر (فىرانسىيە): «ياقۇپبەكنىڭ تەرجىمىھالى»؛
;% !'K~ 22. ھامىلتون (ئەسلى ئامېرىكىلىق بولۇپ، 1974 -يىلى فرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن ، فرانسىيەلىك تارىخشۇناس) 1954- يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى « بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار » دىگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. ئارقىدىن 1971- يىلى ئۇ يەنە « دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى » دىگەن ئەسىرى ئارقىلىق تۈرك ئەدەبىياتشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. 1983- يىلى يەنە ئىككى توملۇق بۈيۈك ئەسىرى « دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ھەققىدە تەتقىقات » دىگەن ئەسىرى ئارقىلىق فىرانسىيە دۆلەت دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە مەخسۇس ئەسەلەردىن باشقا يەنە نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە بولغىنى « توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات » دىگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ؛
04:^<n+{ 23.سامولىن (ئامېرىكىلىق ئالىم) : 1964- يىلى « 12- ئەسىردىن بۇرۇنقى شەرقى تۈركىستان » دىگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى، ئۇ بۇ ئەسىرىنى 1961- يىلى يازغان دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى « تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۈركلىشىشى » دىگەن ئەسىرىگە ئاساسەن يازغان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؛
tQz-tQg 24.كوردىر : (فىرانسىيەلىك خەنزۇشۇناس ) . ئۇنىڭ « جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى » دىگەن ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى تومىدا پۈتۈنلەي دىگۈدەك تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر تارىخى؛
|53Zg"! 25.گىرېئوسسېت : (فرانسىيەلىك ئالىم ) : « يىراق شەرق تارىخى » ۋە « بوزقىر ئېمپىرىيىلىرى »؛
cL< 26. گۇبېل ( فرانسۇز) : ئۇ ، 1739- يىلى ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان « موڭغۇل تارىخى » ناملىق ئەسەرنى يازغان؛
Po(9BRd7 27. دېگۇيگىنىس : (فرانسۇز) « ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە تەتقىقات » ، تۆت توملۇق كاتتا ئەسەر « ھۇنلار، تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى »
ga6M8eOI 28.كىلاپروت: 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پارىژدا نېمىس تىلىدىكى مەشھۇر ئەسىرى « ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقى ھەققىدە تەتقىقات »ى ئېلان قىلىندى،
JQi)6A?J vUvIZa تۇركىيە =d.Z:L9d (ئۇيغۇر جەمىيتىگە بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەرلەر بىرىلدى)
3iR;(l} !d&K,k 1. كازىمبىك ئەلى(19-ئەسىر، تۇركىيەدە تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ بارغان تەتقىقاتچى): «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەتقىقات» ؛
sZFjkfak 2.ئەھمەت رىفات : «تۇركى تىللار دىۋانى» (تۇنجى بولۇپ مەزكۇر ئەسەرنىڭ تۇركچە نوسخىىسنى چىقىرىپ، دىۋانشۇناسلىققا ئاساس سالغۇچى)؛
$cSrT)u: 3.زەكى ۋەلىدى تۇغان(20-ئەسىر): «بىرونىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى شىمالدىكى مىللەتلەر»؛
SwV0q 4. رىشىد رەھمەت ئارات(20-ئەسىر) : «تۇرك تىلىدىكى تۇرپان يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمقى تۇرك ھوقۇق ۋەسىقىلىرى»، «قەدىمقى تۇرك شىئىرىيىتى» ؛
pD eqBO 5.رىشات گەنجى: «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ؛
U_wn/wcLS 6.سىناش تىگىن: «ئۇيغۇر يىزىقىدا يىزىلغان قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت يەر ھۆججەتلىرى» ؛
fOdkzD, 7ئەھمەت ئاتەش: «فارابى ئەسەرلىرى مۇندەرىجىسى» ؛
%kxq" =3 8.يۇسۇپ زىيا : «11-،12- ئەسىرلەردىكى قاراخانىلار ۋە ماۋەرائۇننەھىر ئىسلام ھوقۇقچىلىرى» ؛
B-@6m 9.كۇپرۇلزاد مۇھەممەت فۇئاد : «قاراخانىلار ياكى خاقانىيە دۆلىتى»
{W)Kz_ 10. خەلىل ئىنالچىق: «قۇتاتقۇ بىلىكتە تۇركى ۋە ئىران يۇرتدارچىلىق نەزىرىيسى ۋە ئەنئەنىلىرى» ؛
M$B9?N6 11.ئىبراھىم كافەس : «قۇتاتقۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ مەدىنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى» ؛
j#f+0 aEo!yea قوشۇمچە: j&6,%s-M`a خەلقارادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئالاقىدار بەزى ئىلمىي ئورگانلار
#g#vDR! 5Q#;4 1. ۋىنگىرىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى كۇتۇپخانىسى
e6z;;C@'G 2. گىرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنۋىرسىتىتى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۇلۇم
m2E$[g 3. پارىژ مىللى كۇتۇپخانىسى
orVsMT[A 4. ئەنگىلىيە بۇيۇك بىرىتانىيە مۇزىيى
H%t/-'U? 5. روسىيە سان پىتىربورگ مۇزىيى
hb9e6Cc 6. ياپۇنىيە توكيو دۆلەتلىك مۇزىيى
%C\Q{_ AS 7. شىۋىتسىيە مىللى مۇزىيى
\{AxDk{z# 8. ئامىرىكا خارۋارد ئۇنۋىرسىتىتى ئوتتورا ئاسىيا ئىلمى جەمىيىتى
IMIZ#/ 9. ئامىرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرسىتىتى ئاسىيا تىل-ئەدىبىيات فاكولتىتى تۇركى تىللار تەتقىقات ئورنى
j/4N 10.ئامىرىكا ھىندىئانا ئۇنۋىرسىتىتى ئورال-ئالتايشۇناسلىق فاكولتىتى ئوتتورا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى
gP"p7\( 11.ئىستامبۇل ئۇنۋىرسىتىتى كۇتۇپخانىسى
* t6XU 12.قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى
,mEFp_a+ 13.تاشكەنت شەرقشۇناسىلىق تەتقىقات يۇرتى
!4GGq 14.ئۆزبىكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى «ئەبۇرەيھان بىرونى» شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى
["- pylhK &dF$:$'s بەزى كونكىرت مەسىلىلەرگە ئائىت تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇر ئىگەللىمەكچى بولغان تورداشلار ھۆرمەتلىك ياۋۇز ئەپەندىمنىڭ تۈۋەندىكى تېمىسىنى زىيارەت قىلىڭلار:
^29w@* }^Be^a<ub "غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى"
;<`F[VZau http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=401 XIh2Y\33ys "ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ..."
/AV[g^x2 http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=226 F+,X%$A#? تۇران تىكىن ئەپەندى يوللىغان "گىرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى" :
)QE7$|s http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=59 q4{Pm $OW ——— بۇ ماقالە ئىسلام يۇلى تور دۇنياسىسىدىن كۆچۈرۈلدى ،
'$pT:4EuGq ئەسلى ماقالە ئادرىسى :
http://islam.blogbus.com/logs/34564995.html "}Kvx{L8 )tR5JK} AV مانا شۇنداق .
/:v+:-lU <HM\ZDo@P ئەمدى بىز ئوبدانراق ئويلۇنۇپ كۆرەيلى ، بۇ ئىنكاس ۋە قىسقا بايانلار زادى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىل - يېزىغىنىڭ ئالەمشۇمۇل تارىخىي رولى ۋە كاتتا شان – شەرىپىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلىمامدۇ ؟
(A O]f fBU زادى ، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان ئالاھىدە يېتىلگەن تەپەككۇر يۈكسەكلىگى ۋە تاكاممۇللاشقان ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت يارىتىش ئىقتىدارى بولمىغان بولسا پۈتكۈل ئىنسانلارنى مانا شۇنداق ھەيرانە – ھەس قىلغۇدەك شانلىق تارىخىي مۆجىزىۋىي نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىنمىدى ؟
,\!4A زادى ، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان ئالاھىدە يېتىلگەن تەپەككۇر يۈكسەكلىگى ۋە تاكاممۇللاشقان ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت يارىتىش ئىقتىدارى بولمىغان بولسا ئەنە شۇنداق شانلىق تارىخىي مۆجىزىۋىي نەتىجىلەرنى ئىپادىلىيەلەيدىغان يېزىقلارنى ئەڭ بالدۇر ئىجات قىلالىشى ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنى ھەيرانە – ھەس قىلغۇدەك مۆجىزىۋىي مەدەنىي ئىلگىرلەشلەرنى داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىنمىدى ؟
Ze~$by|9f زادى ، ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ مانا شۇنداق يۈكسەك ئىنسانىي خارەكتىرىنىڭ رۇشەن ئىپادىلىنىشىگە ئىمكان بېرىدىغان ئاجايىپ مۇكەممەل ۋە گۈزەل تىل – يېزىق ئىقتىدارى بولمىغان بولسا دۇنيا ئالىملىرىنىڭ شۇنچىۋالا دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىيالىشى ، بەلكى يۈكسەك مەدھىيە تۈسىنى ئالغان قىممەتلىك باھالىرى مەيدانغا كېلىشى مۇمكىنمىدى ؟
)V~Fl$A زادى ، ئەگەر ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق تەڭداشسىز يۈكسەك قابىلىيىتىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇش ئىمكانلىرىغا داۋاملىق ئىگە بولغان بولسا مائارىپ ، مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات – سەنئەت ، پەن – تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردە ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشماسلىغى مۇمكىنمىدى ؟
q9o =,[ زادى ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغىغا بىرىلگەندەك مانا شۇنداق يۈكسەك مەدھىيىۋىي باھالار يەنە قايسى مىللەت ۋە قايسى تىل – يېزىققا بىرىلگەن ؟؟؟
!t "uNlN بارمۇ ؟؟؟!!!
j[NA3Vj1P تارىخ شاھىتكى ، يوق ، يوق ، يوق !!!!!!
[M_pf2Y ۋە بىز ئۇيغۇرلار ھېچ بىر زامان بۇ ئىنسانلىق ئالىمىدە ھېچ بىر مىللەتنىڭ ئارقىسىدا خۇددىي پۇتى بوغۇلغان تەتەيلەردەك ياكى پۇتى كۆيگەن تۇخىلاردەك تەمتىلەپ مېڭىپ، ھە دىگەندە« ياردەم! » دەپ ۋاقىرايدىغان ، ياردەم بولمىسا ھىچ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغان ئاجىز،ئىقتىدارسىز ، بىچارە مىللەتلەردىن بولغان ئەمەس ھەم مەڭگۈ بولمايمىز !!!
*}R5=r0 چۈنكى بىزنىڭ قېنىمىزدا جەنابىي ئاللاھ ھىكمەت بىلەن سىڭدۈرۈىۋەتكەن جوشقۇنلۇق ، ئەقلىي قابىلىيىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان ھاياتى كۈچ ، دەھشەت قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان قارىغايدەك خىسلىتىمىز ۋە شۇ خىسلىتىمىز بىلەن ئۇچقۇر توسۇن ئاتلىرىمىزنى زەپەردەستلىك بىلەن مەغرۇرانە مىنىپ پايانسىز سامانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ جەڭگاھلاردا ئوت چىقىرىۋىتەلەيدىغان ، ئىمانسىز جاھانكۆز بەد – بەخت بۇلاڭچى شۇم، ياۋۇز مەلئۇنلارنى چىر – چىر چىقىرىۋىتەلەيدىغان جاسارىتىمىز بار ! 1958-يىلىدىكى «جۇڭگۇ-ھىندىستان ماجراسى» بىلەن پەيدا بولغان ئۇرۇشتا ئۇيغۇر ئاتلىق پولكىنىڭ قانداق شىددەت بىلەن جەڭ قىلغانلىغىنى ئوبدانراق ئەسلەپ كۆرۈڭ!
u^a\02aV[ بىزنىڭ قېنىمىزدا پاكلىق ، ساداقەت ، ئاقكۆڭۈللۈك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئىمان ، ئوتلۇق ۋىجدان ئوقچۇپ تۇرىدىغان ھەقىقىي كىشىلىك تۇيغۇلىرىمىز بار !
y?O{J!U بىزنىڭ قېنىمىزدا قۇۋلۇق – شۇملۇق ۋە بۇلاڭچىلىق بىلەن بىراۋنىڭ ھەققىنى يالماپ يەۋىلىشتەك لەنىتى ئۆلگۈر شەيتان نەپسىلىككە قىلچىمۇ ئورۇن بەرمەيدىغان ، ھالال – ھارامنى پەرق قىلىپ نومۇس ۋە ۋىجدان بىلەن ياشاشنى ئەڭ ئەۋزەل كۆرىدىغان ئالىجاناپ ئىنسانىي تۇيغۇلار بار !
`%AFKmc^; بىزنىڭ قېنىمىزدا ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئاسى ــ گۇناھكارلىرىنى ، لەنىتى خائىن ، ساتقىن ۋە جاسۇسلىرىنى رۇشەن پەرق قىلىپ ، تۇغۇلغىنىغا جاق تويغۇزۇپ قان قاخشىتىپ ، قان يىغلىتىپ جازالىيالايدىغان سەزگۈرلۈك ۋە جاسارەت بار !
Y M{Q)115 بىزنىڭ قېنىمىزدا مانا شۇنداق گۈزەل ئىمانىي تۇيغۇلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىۋاتقان پاك ئاللاھ سۆيگۈسى بار !
lz\{ X بىزنىڭ لۇغەت ــ قامۇسلىرىمىزدا مانا شۇنداق ئىنسانىي خارەكتىرىمىزنى مۇكەممەل ئىپادىلەشكە تامامەن قادىر ۋە يېتەرلىك بولغان مەنىسى كۆركەم سۆز – ئاتالغۇلىرىمىز بىلەن تولغان پۈتمەس ــ تۈگىمەس بىلىم خەزىنىمىز بار ، ئىنشا ئاللاھ !
,e+.Q#r*Y دېمەككى ، بىزنىڭ تارىخىمىز ــ يۈكسەك تەرەققىيات ، ئالىي شان - شەرەپ ۋە بۇيۇك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئۇلۇقۋار مىللەتنىڭ تارىخى ، ـــ باشقىلارنىڭ كەينىدە تاشپاقىدەك مىسىلداپ ماڭمىسا ياشىيالمايدىغان ، ھە دىگەندە كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاپ سۈيقەست ، ھىلە – مىكىر ئىشلىتىپ ئىنسانىي جىنايەت ئىشلەش بىلەن بەنت بولىۋاتقان ۋە شۇ جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ لەنەت - نەپرىتىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان رەزىللەرنىڭ تارىخى ئەمەس !!!
Z)'jn8?P ھەقىقەتنى تۇنىمىغۇچىلار ۋە ئىنكار قىلغۇچىلار بۇ رېئاللىقنى ھەر قانچە قىلسىمۇ ئەسلا ۋە ئەسلا يوقېتىۋىتەلمەيدۇ . چۈنكى ، « تارىخ ــ بىر مىللەتنىڭ قېنىنى ، ھەققىنى ، مەۋجۇدىيىتىنى ھىچ بىر زامان ئىنكار قىلمايدۇ . » ( مۇستافا كامال ئاتا تۈرك ) .
6nt$o)[ شۇنىڭ ئۈچۈن بىز جەنابىي ئاللاھ مەڭگۈلۈك مۇقەددەس ئانا تىل سۈپىتىدە ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك ئانا تىل - يېزىغىمىزنىڭ ئالەمشۇمۇل قۇدرىتىنى ئىزچىل ھالدا ئەبەدىي جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن كاللىمىز كىتىشىدىنمۇ قورقماي جېنىمىزنى پېدا قىلىشىمىز ــــ بۇ ئىنسانلىق ئالىمىدىكى مەڭگۈلۈك شان – زەپەرلىك تارىخىي ، پاك ئىمانىي ۋە ئوتلۇق ۋىجدانىي بۇرچىمىزدۇر !!!
&<@{ d 2T5@~^:7u (داۋامى تۈۋەندە)
:i0xer O/_}O_rR hDmtBdE