ئاپتورنىڭ ‹زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟› ناملىق ماقالىسىنى
/read.php?tid=16893 يوللاپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىنى كۆردۈم ۋە رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇنىمۇ يوللاپ قويدۇم. بۇ ماقالىمىمۇ مەنبەسى مۇشۇ ئانا تۇپراق مۇنبىرىكى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن شارائىتتا ھەرقانداق مۇنبەرگە يۆتكەلسە بولىدۇ.
TecWv@. S^{tRPF%d J|CCTXT <كىتاپ ئوقۇمايدىغان> ئۇيغۇرلار
p~OX1RBI ~h$H@&5 qdo_YPG ]CX^!n p+V::O&&r d>wG6Z, | زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟ ماۋزۇلۇق ماقالەمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى كىتاپ تەرجىمە قىلىش توغرىسىدا چىقارغان خۇلاسەمگە نىسبەتەن بەزى سوئاللارنى تاپشۇرىۋالدىم. بۇ ماقالە نېمە ئۈچۈن ئىلمىي كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئىككى مەدەنىيەتنى سېلىشتۇرۇپ ئىلھام بېرىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا (ۋەتەن ئىچىدىكى ياشلىرىمىز ئۈچۈن) ئۈنۈملۈك ياردەم بولالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارىشىمغا ئىزاھات بېرىش ئۈچۈن يېزىلدى.
Si68_]:^ TIxlLOs -------------
i}@5<&J +f,I$&d.V 'grb@+w( #-/_J? <ئۇيغۇرلاردا كىتاپ ئوقۇش ئادىتى يېتىلمىگەن> دەيدىغان گەپنىڭ جەمىئىتىمىزدە خېلى بازىرى بار. بۇ توغرىسىدا كۆپلىگەن زىيالىلىرىمىز كۆپ ئەسەرلەرنى يازدى. مەن ئالدىنقى (زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟ ماۋزۇلۇق) ماقالەمدە <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىدىكى غەرپ مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغۇچى زىيالىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى غەرپ مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلقىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇ ئېقىمدىكى بەزى زىيالىلىرىمىزمۇ يۇقارقى بازارلىق قاراشقا نىسبەتەن يەنە ئۆز ئۇسلۇبى بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ بالىلىرىغا كىچىكىدىن باشلاپ كىتاپقا ھەسەل سۈركەپ يالىتىدىغان ئادىتى بارلىقىنى دەلىل سۈپىتىدە بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمىئىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەكچى بولدى. بۇ يەردە بىرىنجى بولۇپ توختىلىدىغىنىم، يەھۇدىيلار راستىنلا شۇنداق كىتاپقا ھەسەل سۈركەپ بالىلىرىغا يالىتامدۇ؟ ئەگەر راستلا ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدە شۇنداق ئۆرپ-ئادەت بولسا، ئۇلار بالىلىرىغا نېمە كىتاپنى يالىتىدۇ؟ ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە ياكى تەبىئىي پەن كىتابىمۇ؟ بۇ توغرىسىدىكى قىسقىچە ئىزدىنىشىمدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە.
h8P_/.+g|V d4o_/[ ۋىكىپېدىيا تورىدىكى يۈزەكى تونۇشتۇرۇش سەۋيىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، 16-ئەسىردە ياشىغان يەھۇدىي رەبباي (ئىسلامدىكى ئىمامغا ئوخشاش دىنى مەنسەپ) خاييىم بېن يۈسۈف ۋىتالنىڭ يازغان ئەسىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۇستازى ئىسھاق (بېن سۇلايمان) لۇرىيا ئاشكىنازى (16-ئەسىردە ئوسمان ئىمپىراتورلىقى زىمىنى بولغان گالىلى رايونىدا ياشىغان داڭلىق يەھۇدىي دىنىي ئالىمى ئىكەن) ئۆز ئوغلى لاگ بائۆمەرنىڭ چېچىنى بىر مۇراسىم بىلەن كەسكۈزگەن ۋە شۇندىن كېيىن بۇنداق ئوغۇل پەرزەنتنىڭ چېچىنى كېسىش يەھۇدىي دىنىنىڭ بەزى مەنسەپلىرىدە كىچىك شەكىلدىكى مۇراسىم شەكلىنى ئالغان ئىكەن. ئەمما بۇ خىل ئادەت 18-ئاخىرىدا رەسمىي دىنىي مۇراسىم شەكلىگە كىرگەن بولۇپ، بەكلا تارقاق مەزھىپىدە بۇ خىل ئادەت بار ئىكەن. يەھۇدىي دىنىنىڭ ھارىدى مەزھىپى بولسا بۇ خىل مۇراسىمغا كۈچلۈك شەكىلدە قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. پەقەت ھاسىدىك مەزھىپىدىلا بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى ئۈچ ياشقا كىرگەندە، دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىشنى باشلايدىكەن. بۇ كۈن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن خاتىرلىنىدىغان بولۇپ، ئۈچ ياشلىق ئوغۇلنىڭ چېچى كېسىلىدىكەن ۋە ھەرىپلىرىگە ھەسەل سۈركەلگەن يەھۇدىي دىنىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى بولغان تەۋرات ئوغۇلنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدىكەن. ئوغۇل تەۋرات ھەرىپلىرىنى ئوقۇغاچ ھەسەلنى يالايدىكەن. بۇ يەردە بىز ئۈچ خۇلاسىگە ئېرىشىمىز. بىرىنجى، بالىلىرىغا كىتاپقا ھەسەل سۈركەپ يالىتىدىغان ئادەت ھەممە يەھۇدىيلارغا خاس ئەمەس بەلكى بىر كىچىك دىنىي مەزھەپنىڭ ئادىتى ئىكەن. ئىككىنجى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئادىتى بولماستىن پەقەت ئىككى ئەسىر ئىلگىرى شەكىللەنگەن، بىردەك ئېتىراپ قىلىنمىغان ھادىسە ئىكەن. بىر مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغۇچى ئامىلنى شۇ قەۋمنىڭ تارىخى دەپ قارايدىغان بولساق، 2000 يىل ۋەتەنسىز يۈرگەن يەھۇدىيلاردا بالىلىرىغا دۆلەت بايرىقىنى پارچىلاپ يېگۈزۈش ئادىتى بولسىمۇ نورمال ھادىسە بولغان بولاتتى. ئاخىرقى خۇلاسىمىز، ئۇلارنىڭ ھەسەل سۈركەپ يالاتقان كىتابى ھەرقانداق بىر كىتاپ بولماستىن، بەلكى دىنىي كىتابى ئىكەن. بۇنىڭ مۇسۇلمانلاردىكى ئۆز پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى قۇرئاندىن بىرەر ئايەتنى يادلاپ ياكى ئوقۇپ بەرسە ئۇنىڭغا تاتلىق-تۈرۈملەرنى مۇكاپات قىلىپ بەرگىنىدىن نېمە پەرقى بار؟ بۇ يەردە چىقىرىلغان خۇلاسە سوئالىمىز بولسا، يەھۇدىيلارنىڭ بىر مەزھىپىدىكى بۇ دىنىي ئۆرپ-ئادىتىنى ئۇيغۇر جەمىئىتىگە ئىلھام بېرىشتە مىسال قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ نېمە ئىلمىي ئاساسى بار؟
x)T07,3: aq8mD^j -& ,62BZyT,T, HK<oNr.d52 ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئوقۇماسلىقى توغرىسىدا توختىلىشتىن بۇرۇن، دۇنيانىڭ كىتاپ ئوقۇش ئەھۋالىغا قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. مەنبەلەردە پەقەت ھەر يىلى ھەر قايسى دۆلەتلەردە جەمىئىي قانچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلىنغانلىقىلغا دائىر ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، جوڭگۇ، رۇسسيە ۋە گىرمانىيە ئەڭ كۆپ كىتاپ نەشىر قىلىنغان ئالدىنقى بەش دۆلەت ئىكەن. ئەمما كىمنىڭ ئەڭ كۆپ كىتاپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، نەشىر قىلىنغان كىتاپ سانىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسقا بولغان نىسبىتىغا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. بۇ ھەقتە ئېنىق تەتقىقات نەتىجىسىنى تاپالمىدىم، ئەمما ئىككى پارچە خەۋەرنىڭ بىرىدە ئىسلاندىيە، يەنە بىرىدە رۇسسىيە كىشى بېشىغا كىتاپ ئوقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەت دەپ يېزىلىپتۇ. بۇكماركىت تورىنىڭ ئىستاتىستىكىسى 2002-يىلىدىكى سىفىرلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاۋۇستىرالىيە دۇنيانىڭ كىشى بېشىغا ئەڭ كۆپ كىتاپ ئوقۇيدىغان دۆلىتى دەپ خۇلاسىلىنىپتۇ. بۇ خىل مۈجىمەل شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئەھۋالىنى ئېنىق ئۆگىنىش قىيىن بىر ئەھۋالدۇر. ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي تۇرۇپ، بىز بۇ توغرىسىدا بىر خۇلاسە چىقىرالمايمىز. يەنە بىر نۇقتا بولسا، <ئۇيغۇرلار قانداق كىتاپنى ئوقۇيدۇ، قانداق كىتاپنى ئوقۇمايدۇ؟> دېگەن سوئالغا جاۋاپ تېپىشتۇر.
oHrx$>W] 1 w9Aoc x2+M0 }g KQ.cd]6 ئىنگىلىزلاردا <كىتاپقا مۇقاۋىسىغا قاراپ باھا بەرمە> دەيدىغان گەپ بار. بۇ تەمسىلنى تەمسىل قىلىنىۋاتقان كۆچمە مەنىسىدە قوللانماي، ئەسلى مەنىسىدە قوللانساق، ئەسلى مۇھىم ئامىلنىڭ كىتاپ مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، غەرپ دۇنياسىدىكى كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى سېلىشتۇرۇشتا، تەبىئىيكى، ئىككى مۇھىتتىكى مەۋجۈت بولغان كىتاپلارنىڭ مەزمۇنىنى ئاۋال ئويلىشىشىمىز كېرەك. غەرپ دۇنياسىدا ئەدەبىي ئىجادىي ئەسەرلەردىن سىرت تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت، تەنتەربىيە، ھەبىي، ئاستىرونومىيە، خىمىيە، فىزىكا، ماتېماتىكا، ئىقتىساد، سىياسەت… جۈملىدىن بىز كاللىمىزغا كەلتۈرەلىگەن ھەممە تېما توغۇرلۇق كىتاپ بار. ئۇيغۇرلار بولسا مەزمۇن جەھەتتىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان كىتاپ قورشاۋىدا بولۇپ، ناھايىتى چەكلىك دائىرىدىكى ئىلمىي كىتاپلار بىلەن ئۇچرىشالايدۇ. ئۇ ئىلمىي كىتاپلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ <پەمىدۇرنى قانداق تېرىيمىز؟> ، <تورتنى قانداق ياسايمىز؟>، <قورداقنى قانداق ئېتىمىز؟> ، < تېراكتورنى قانداق رېمونت قىلىمىز؟> دېگەندەك تېمىلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولغاچقا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئىلىم دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىمۇ ھەم ئىلىم دۇنياسىدىن چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز كەسپىگە دائىر ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان ماتېرىيال كەمچىللىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىنىشى ئىسپاتتۇر.
@m"P_1`* 7,3v,N| '8fL)Zk 5VW*h بۇ خىل ئەھۋالدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى نېمە قىلىشى كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش قىممىتىنى ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئورنىنى قوغداپ قېلىشقا تۆھپە قوشالايمىز؟ مەنچە، كەسپىي ماتېرىيال سۇنۇش ئارقىلىق. يەنى، ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى كەسپىي خادىملار ئۆز كەسىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان ماتېرىياللارنى بىزنىڭ ۋاستىمىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلغىنىدا (ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، چەتئەل تىلىدىن تەرجىمە قىلىنمىغۇچە خەنزۇ تىلىدىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ماتېرىياللارنى نەق ۋاقتىدا ئۇيغۇر تىلىدا كۆرەلىگىنىدە)، گەرچە كەسپىي خىزمەت ئورنىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنالمىسىمۇ ئەمما دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايمىز چۈنكى بىزنىڭ كىتاپلىرىمىزمۇ مەزمۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەسەل سۈركەلگەن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. غەرپ دۇنياسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى، كېلون تېخنىكىسى، پەرزەنت تەربىيلەش، تۈركىي تىللاردىكى ئوخشاشلىق، ئىقتىسادىي ساھەدە غەلبە قىلغانلارنىڭ سىرى، شىركەت باشقۇرۇشتىكى تەدبىرلەر، دۇنيادىكى ھەربىي كۈچلەر، غەرپنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسى، كومپىيوتېر تېخنىكىسى،… قاتارلىق تېمىلار مەزمۇن قىلىنغان كىتاپلار ئۇيغۇر تىلىدا ھازىر بولسا، سىزچە ئۇيغۇرلار يەنىلا <كىتاپ ئوقۇماس>مۇ؟
i- r y5x pw1&WP&?3 z@J;sz ]}dAm S/ [7SR2^uf<j =k22f`8ew مەن ئالدىنقى ماقالەمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىر قانچە كىتاپنى ئىنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ ھەممىمىزگە ئۈلگە ياراتتى. ئەمما بۇ تېخى زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا ئومۇملاشىمغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ تور كۈتۈپخانىسغا قارايدىغان بولساق، ۋەتەندىكى خەلقىمىز شىنخۇا كۈتۈپخانىسىدىن سېتىۋالالايدىغان كىتاپلارنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەگەر ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە ئەڭ ئۈنۈملۈك تۈردە ياردەم قىلىش ۋە ئۇيغۇر تىلىغا بولغان ئېھتىياجنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ئۆزىنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانىغا يېڭى بىر تۈرنى قوشقان بولسا، يەنى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسگە ئەزا بولغان چەتئەلدىكى ھەر كەسىپتىكى زىيالىلار ئۆزىنىڭ كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك نادىر كىتاپلارنى ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان پىروگرامىسىغا ئايلاندۇرغان بولسا، بۇ يولدا ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاكادىمىيە مەسئۇللىرى ھەر يىلى ھەرقايسى كەسىپلەر بويىچە تەرجىمە قىلىنىدىغان كىتاپلارنىڭ سانىنى ئالدىن پىلانلاپ شۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئەزالىرىغا تاپشۇرۇپ ۋە بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل تۇتۇپ ئىزچىللىققا ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، تەرجىمە قىلىنغان كىتاپلار ئى-كىتاپ شەكلىدە تەييارلىنىپ، ئاكادىمىيەنىڭ تور كۈتۈپخانىسىغا قويۇلسا ياكى ۋەتەندىكى مۇنبەرلەرگە يوللانسا بارلىق خەلقىمىز بۇ كىتاپلارنى كۆرەلەيدىغان شارائىت ھازىرلىغان بولاتتۇق. بۇ خىل شارائىت ھازىرلانغىنىدا، سىزچە خەلقىمىز <كىتاپ ئوقۇمايدىغان مىللەت> دېگەن قالپاقتىن قۇتۇلۇشنىڭ قەدىمىنى باسقان بولمايتتىمۇ؟