باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1339 
  •    ئىنكاس 
       12 

زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
awral
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11056

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   45 (قېتم)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 21
 سائەت
دەرىجىسى:
21 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-22
ئاخــىرقىسى:2012-08-27

(بۇ ئەسەرنى مەلۇم بىر دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۆز شەخسىي بىلوگىدا ئېلان قىلغان ئىكەن، مەن ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم، بۇ يازما مۇشۇ ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى ئادىرسىنى مەنبە ئۇلانمىسى قىلىپ ئەسكەرتىلگەن شارائىتتا باشقا ھەرقانداق مۇنبەرگە يۆتكەلسە بولىدۇ.) 5o 5DG  
LKcp.i  
j>;1jzr2}  
N [3Y~HX!q  
بىز زىيالىلارنى قەدىرلەيمىز. ئۇلارنىڭ خەلققە يول باشلىغۇچىلار ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى مۇتلەق ئېتراپ قىلىمىز. ئۇنداقتا ئۆزىمىزدىن سوراپ باقتۇقمۇ- زىيالىلار كىملەر؟ ئىلگىرى بىز يازغۇچىلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم زىيالىلىرىمىز دەپ قارىغان ئىدۇق. ئەدەبىي يازغۇچىلىرىمىز جەمىئەتتىكى ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ خەلقىمىزغا چىقىش يولى تېپىپ بېرىدىغان شەخسىيەتلەر دەپ قارىلىپ، ئىككى يازغۇچىنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيىسى مەزكۇر يازغۇچىلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان قەلەم ئىگىسىنىڭ تەرىپىنى تۇتىشى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر جەمىئىتى ئىجدىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا نەچچىگە بۆلۈنۈپ كېتىش ھادىسىسى ئومۇملاشقان ئىدى. ئىلىم دۇنياسىدا بۇ نورمال ھالەتتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما بىزنىڭ ئۆزىمىز ياقتۇرغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە قارشى ئىدىيىدىكى يازغۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قەلەمدە ھەتتا ھەرىكەتتە ھۇجۇم قىلىدىغان ھادىسىلەر يۈز بەرگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىلىرىدىن مەدەت ئالغان يازغۇچىلىرىمىزمۇ كۈرىشىنى <باتۇرلۇق> بىلەن داۋام قىلاتتى. شۇ زاماننىڭ مەھسۇلى بولغان يازغۇچى-ئوبزورچى رىقابىتىنىڭ ۋەكىللىك خارەكتېرىگە ئىگە ئۇزۇن يىللىق پەرھات تۇرسۇن – يالقۇن روزى كۈرىشى جەمىئىتىمىزنىڭ پىكىر دۇنياسىنى خاتا يولغا باشلاپ، يېزا قىشلاقتىن تارتىپ چوڭ شەھەرلەرگىچە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بىز يازغۇچىلارنىڭ يۇقارقىدەك ئىجدىمائىي مەسىلىلەردىكى تەھلىلى ۋە مەيدانىنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزنى بەكلا كېچىكىپ سورىدۇق. شۇنداق، كېچىكىپ بولسىمۇ ئاخىرى سوئال سورايدىغان ئادەم چىقتى ۋە يۇقارقىدەك ھادىسىلەر سەل بېسىققاندەك قىلدى. يازغۇچىلىرىمىزمۇ جەمىئىتىمىزدىكى ئىجدىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغاندا سەل ئېھتىيات قىلشنى ئۆگەندى. J5Zz*'av'  
kI!@J6  
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا يېڭى بىر شەكىل پەيدا بولغان بولۇپ، چەتئەلدە تۇرۇپ ۋە ياكى چەتئەلگە بېرىپ كېلىپ ماقالە ئېلان قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە بۇ خىل ئېقىم بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ خىل تۈردىكى ماقالىلار ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ياختۇرۇپ ئوقۇلىدىغان ئورۇنغا ئۆتتى. ئىلگىرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تورلاردا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلىگەن بولسا، كېيىنچە بۇ ئېقىمنىڭ مەھسۇلى بولغان كىتاپلارمۇ نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ كىتاپلارنىڭ ئەڭ ئالدىنى <موسكىۋا خىياللىرى>دىن باشلاپ سانىساقمۇ، <يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام>،<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>، <ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە> دېگەندەك كىتاپلارمۇ يېزىلغان بولدى. ئەمدى بولسا بۇ يېڭىچە ئېقىمنىڭ ۋەكىللىك شەخىسلىرىگە ئايلىنىۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا يېڭىچە تەسىر قوزغىدى. بۇ زىيالىلارنىڭ ئىلگىرىكى ئېقىمنى بېسىپ چۈشۈپ يېڭىچە تەسىر قوزغىيالىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىئىتىگە يېڭىچە پىكىر، ئىدىيىلەرنى تونۇشتۇرغانلىقى سەۋەپلىكلا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان چەتئەل ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ دىپلوملىرىنىڭمۇ بولغانلىقى ئىدى. ئەمما چىقارغان بۇ ھۆكۈمىمىزنىڭ پۈتۈنلەي تولۇق بولمىغانلىقىنى ئەختەم ئۆمەرنىڭ <يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام> ناملىق كىتابىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، دېمەك ھۆكۈمنىڭ چالا قالغان يېرى: بۇ زىيالىلارنىڭ چەتئەلنى (قىسقا مەزگىل بىر قېتىم بولسىمۇ) كۆرگەن بولىشىمۇ مۇھىم ئىدى. يەنى خەلقىمىز ئىلگىرى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىچە پىكىرلەرنى، يېڭى جۇغراپىيەنىڭ ئۆزگىچە تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشنى ياقتۇرغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئېقىم يۇقۇرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، جەمىئىتىمىزدە بەلگىلىك تەسىرگە ئېرىشتى. ئەمما بۇ ئېقىمنىڭ <مودا>غا ئايلانغىنىغا خىلى يىللار بولغان بولسىمۇ، بۇ تۈردىكى ئەسەرلەر، كىتابلار ۋە يازمىلار توغۇرلۇق سوئال سورايدىغان زىيالى چىقمىدى. شۇ سەۋەپلىك بۇ ئېقىم، <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمى توغۇرلۇق سوئال سوراش پېقىر ئاددىي سىتۇدېنتقا چۈشتى. Gr&e]M[l  
h%u!UHA  
سوئالىمغا كېلىشتىن بۇرۇن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن، مەن بىر زىيالى ئەمەس. كېيىن زىيالى بولۇش غايەممۇ يوق. مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. يەنى مېنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىم ئىلىم دۇنياسىدىكى بىر ئىزدەنگۈچى، ئۆگەنگۈچى. شۇنداق بولغان ئىكەن، تەبىئىي ھالدا ئاكادىمىيەنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى، پىرىنسىپلىرى مەن ھەم ئەمەل قىلىدىغان ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتىلاردۇر. شۇ سەۋەپلىك زىيالىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىقىمىز بولغان ئاكادىمىيەنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە پىرىنسىپلىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، سوئالىمنى ئوتتۇرىغا تاشلىماقچىمەن. D=z="p\  
K<::M3eQ  
ئەسلىي سوئالىمىزغا كېلىشتىن بۇرۇن، <زىيالىلارنىڭ ھەممىمىز ئېتراپ قىلغان  ئورنى، خەلققە يول باشلىغۇچى بولۇشتىكى سەۋەبى نېمە؟ >دېگەن سوئالغا جاۋاپ تېپىۋېلىشىمىز لازىم. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئەڭ بالدۇر ئويغانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى نەزەرىۋىي ئاساسىي ئۇلارنىڭ بىلىمى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆز ساھاسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرگەنلىكى ۋە ئىزدەنگەنلىكى ئۇلارنىڭ تەجىربىسىدۇر. ئۇلار ئاشۇ بىلىمى ۋە تەجىربىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۆز ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەۋجۇت مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تاپقۇچىلاردۇر. ئەمىسە ئويغىنىش دېگەن قانداق بولىدۇ؟ ئويغىنىش بىر مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تولۇق چۈشۈنۈش، ۋە ئۇنىڭغا ھەسسە قوشىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى كۆرۈش دېمەكتۇر. زىيالىلار، يېڭى پىكىر ئادەملىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى كۆرۈپ يەتكەن مەسىلىلەر ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسقا تايانغانلىقىدەك ھەقىقىتى بىلەن ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويغۇچىلاردۇر. ئەگەر بىر زىيالىي مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلمىي ئاساسقا تايىنىپ چىقارغان ھۆكۈملىرىدىن ۋاز كەچسە، بۇنداق زىيالىي ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئەڭ كۈچلۈك قورالى بولغان پىكرىنى ساتقان كىشىدۇر. بۇنداق شەخسىيەتنى ئىلىم دۇنياسىدا زىيالى دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى ئىلىم دۇنياسىدا تەشۋىقات ۋە سەپسەتىگە ئورۇن يوق. زىيالىلارنىڭ جەمىئەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خەلق تەرىپىدىن قەدىرلەنگەنلىكىمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى بىلەن يەكۈنلىگەن ھۆكۈمىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقى ۋە ئۆز پىكىرىنى، تومتاق قىلىپ ئېيتقاندا، قەلىمىنى ساتمىغانلقىدىدۇر. klAlS%  
*rw6?u9I  
بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنجىسى زىيالىنىڭ مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن دادىللىقىنىڭ يوقالغان-يوقالمىغانلىقى. ئىككىنجى نۇقتا زىيالىلارنىڭ تەھلىل قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ ئۆز ساھەسى بولۇپ-بولمىغانلىقى. zL}`7*d:v  
_u6N aB  
ئۇنداقتا بىز تىلغا ئېلىۋاتقان زىيالىلار دادىللىقىنى يوقاتتىمۇ؟ ياكى پىكرىنى، قەلىمىنى ساتتىمۇ؟ ياق، ئۇلار ئۆزى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان ساھەلىرىدىكى ئۆزى ھېس قىلغان بىلىم، پىكىر، قاراشلارنى ۋەتىنىدىكى خەلقىگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر جەمىئىتىنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىغا يېڭى پىكىرلەر، بىلىملەر بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى كىملىك مەسىلىسى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ. LNR1YC1c  
zQ,M795@EA  
ئىككىنجى نۇقتىغا كەلسەك، زىيالىلار ئۆز ساھەسىدىن چىقىپ باشقا ساھەدىكى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆز ساھەسى بولمىغان بۇ ئىلىمگە قارىتا ئىلمىي نەرەرىۋىي ئاساسىنىڭ ۋە تەتقىقات تەجىربىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىنىپ كۆرىشى كېرەك. بۇنىڭغا مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم. يېقىندا مىسرانىم تورىدا مەزكۇر تور شىركىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتنى كۆردۈم. سۆھبەتتە جالالىدىن بەھرام ئەپەندى شۇنداق بىر ھۆكۈم چىقىرىدۇ: jf1GYwuW*  
XSN=0N!GB  
- زەھەر (خىروئىن) چەككۈچىلەر ئۇنى تاشلىغۇچە ھايۋاندۇر. H)Me!^@[D  
qTbc?S46pt  
بۇ ھۆكۈم نېمىگە ئاساسلىنىپ چىقىرىلدى؟ ئەگەر دارۋىنىزىمچىلار بۇ ھۆكۈمنى كۆرسە، ھەممە ئىنسانلارنىڭ مايمۇندىن يېتىلگەنلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇ ھۆكۈمنىڭ بىر قىسمىنى قوللىشى مۇمكىن. ئەمما خىروئىننىڭ ئىنسانلارنىڭ مايمۇن دەۋرىدىلا مەجۈت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش دارۋىنىزىمچىلارغا يېڭى تېما بولۇپ تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ھېچقانداق بىئولوگىيە ۋە ياكى ئاناتومىيە ئىلمىنىڭ تەتقىقاتچىسىمۇ ئىنساننىڭ زەھەر چېكىشىنى ھايۋانغا باغلىيالماسلىقى تەبئىي. ئەگەر يۇقارقى ھۆكۈم تىلغا ئېلىنغان ئىلىملارغا ئاساسەن ئەمەس بەلكى ئەخلاق ئۆلچىمىدە چىقىرىلغان بولغان تەقدىردە (شۇنداقلىقىغا ئىشىنىمەن)، جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق ۋە پەلسەپە ئىلىملىرىدىكى قايسى ئاساسقا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇ ھۆكۈمنى چىقارغانلىقى سورىلىشى كېرەك. ئەگەردە بۇنداق سوئال سورالمىغىنىدا، بۇ ھۆكۈم توغرىسىدا ئويلىنىش ئوقۇرمەنگە قالىدۇ. يەنى ئوقۇرمەن شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ئەدەبىي يازغۇچىنىڭ ساھەسى ۋە كەسپىي دائىرىسى بولسا تۇرمۇشنى كۈزۈتۈش ۋە بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق ئىجدىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئىلىم قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يۇقارقىدەك چىقارغان ھۆكۈملىرى بولسا پەقەت ئۆزىنىڭ ياكى ئەسىرىدە يارىتىلغان مەلۇم ئوبرازىنىڭ كۆز-قارىشى بولۇپ، پەقەت جەمىئەتتە شۇنداق قاراشنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنىلا كۆرسىتىدۇ. ھەرگىز ئۇ قاراشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ئىلمىي ئاساسنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولمايدۇ. يەنى تەتقىقات تېمىسى زىيالىنىڭ ئۆز ساھەسى بولىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىدۇر. XABP}|aWK  
V8WSJ=-&  
ئەمدى <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىمىزغا قايتىپ كېلەيلى. بۇ ئېقىمدىكى زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟ ئالدى بىلەن مەزكۇر ئېقىمدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ژانىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى. نەسىرمۇ؟ ياق، ھېكايىمۇ؟ياق، پوۋسىتمۇ؟ ياق، رومانمۇ؟ ياق. شېئىرمۇ؟ بەزىدە شۇنداق، ئەمىسە كۆپىنچە ئەھۋالدا نېمە؟ ماقالە. قانداق ماقالە؟ ئىلمىي ماقالىمۇ؟ ياق. ئەمىسە قانداق ماقالە؟ مەنچە بولغاندا ساياھەت خاتىرىسى تەسىرات ماقالىسى ياكى ئەدەبىي خاتىرە ۋە ياكى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى. ئۇنداقتا بۇ تۈردىكى يازمىلارنىڭ ئىلمىي قىممىتى نەردە؟ بۇ تۈردىكى يازمىلارنىڭ ئىلمىي قىممىتى بۈگۈنچە يوق، ئەمما كەلگۈسىدە تارىخچىلار بۇ زىيالىلىرىمىزنىڭ شەخسىي ھاياتى توغرىسىدا ئىزدەنسە، بۇ يازمىلار ھەقىقەتەن ئىلمىي قىممەتكە ئېرىشىدۇ. ئەمىسە ئۇلارنىڭ يازمىلىرىدىكى تەتقىقات تېمىسى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى نېمە؟ ئۇلارنىڭ يازمىلىرى ئۇيغۇر جەمىئىتىدىكى كىملىك مەسىلىسىنى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان، ياشىغان، ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغان دۆلەتلىرىدىكى جەمىئەت بىلەن ئۇيغۇر جەمىئىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەزكۇر تېما ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇنداقتا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز تەتقىقات ساھەسىمۇ؟ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆز ساھەسى ئەمەس، بەزىلىرى تەبئىي پەن تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، پەقەت ئىجدىمائىي پەن ساھەسىدىكى بوشلۇقنى ھېس قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك بۇرچىنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېما ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بەزىلىرى ئىجدىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى بولسىمۇ، تارىخ، جۇغراپىيە، تىلشۇناسلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئەھلى، مەزكۇر تېمىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنسانشۇناسلىق ۋە جەمىئەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئەھلى ئەمەس. ھاۋاي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچىسى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندى <ئۇيغۇرلاردا ئىجدىمائىي ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىلىرى> دېگەن ماقالىسىدا كۆرسەتكىنىدەك، بىزدە يالغۇز ئىجدىمائىي پەندىلا ئەمەس، بەلكى كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانشۇناسلىق ۋە جەمىئەتشۇناسلىق ئىلىملىرىدا كىرىزىس مەۋجۈت. بۇ ئىلىملار بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تەتقىقاتچىلىرىمىزنى ساناش ئۈچۈن قول بارمىقىمىز يېتىپ ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا بىزنىڭ كىملىك مەسىلىمىزنى ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلىشىمىزدىن قانچىلىك ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ؟ تەبىئىيكى بۇ ئىزدىنىشلىرىمىزدە ئىلمىي نەزەرىيە ئاساسىغا ئۇيغۇن بولمىغان نۇرغۇن نۇقسانلار مەۋجۈت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئاكادىمىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەرخىل خاتالىقلارمۇ ھەم مەۋجۈت. گەرچە مېنىڭ كەسپىم بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئاكادىمىيەنىڭ ئاساسىي قائىدە-تۈزۈملىرى، پىرىنسىپلىرى ئارقىلىق <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ ۋەكىللىك خارەكتېرىدىكى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئاكادىمىك خاتالىقلارنى مىسال شەكلىدە بېرىپ ئۆتەي؛ iT| 7**+3  
=a+ } 6  
ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: c V MRSp  
B:UM2Jl  
مەنچە ئەگەر مىللەتلەرنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە خاسلىقنى بىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزگىچىلىكتىن زوقلىنىش دائىرىسىدە چەكلەنسە مۇۋاپىق. 1. ئۇيغۇر تۈركىيلىككە سېلىشتۇرۇلسا بولامدۇ؟ مەنچە بولمايدىغان يېرى يوق، ئەمما نېمىنى سېلىشتۇرىمىز، نېمە مەقسەدتە سېلىشتۇرىمىز، شارائىت ئامىلىنى قانداق ئويلىشىمىز، قانداق ئۆلچەمنى قوللۇنۇپ سېلىشتۇرىمىز دېگەنلەر ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى سېلىشتۇرغان ئەختەم ئۆمەر يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلدىمۇ؟ ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى مۇكەممەل چۈشنەرمىدى؟ بۇلارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئاپتۇرنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى. ئاپتۇر ئەسىرىدە بىر تۈرك ئايالنىڭ كوچىدا لاي بولغان ئۆزىنىڭ ۋە قىزىنىڭ ئايىقىنى چوڭ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال پاكىزە سۈرتكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇنى تۈركلەرنىڭ ئاڭلىق، پاكىز، جامائەتنىڭ تازىلقىنى ئاسرايدىغان پەزىلەتلىرىگە مىسال قىلىدۇ. ئۇيغۇرنى بۇنىڭ قارشىسىغا قويۇپ ئەخلەت چىلەكلىرى تەييار تۇرسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلايدىغان، كوچىلار يېڭىلا تازىلانسىمۇ پاكىزلىككە ھىچ رۇئايە قىلمايدىغان، ئاممىۋىي تازىلىق ئېڭى ئاجىز قالاققا چىقىرىپ ئەيىپلەيدۇ. مەن ئالتە ئاي تۈركىيەدە بولدۇم، ئىستانبول، ئەنقەرە، ئىزمىر، قاتارلىق شەھەرلەرنى كەزدىم، لېكىن ئەختەم ئۆمەر كۆرگەن مەنزىرىنى پەقەت كۆرەلمىدىم. ئەكسىچە ئەنقەردە تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقان قىز يىگىتلەرنىڭ تاماكا قالدۇقىنى خالىغانچە كوچىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى، ساقچىلار ئىشتىن چۈشكەندە قىزىل ئاي مەيدانىدا كاۋاپچىلارنىڭ ئىس چىقىرىپ كاۋاپ پۇشۇرىۋاتقانلىقىنىنى، پۇتبول مۇسابىقىسىدە تەرەپتارلىرى يېڭىلسە ئورۇندۇقلارنى چېقىۋەتكەنلەرنى كۆردۈم f<rn't{  
@x!+_z  
ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ يەردە تولىمۇ توغرا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما، دەلىل كەلتۈرۈشتە ئاكادىمىيە قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان خاتالىق سادىر قىلىدۇ. يەنى ئاپتور ئەختەم ئۆمەرنىڭ چىقارغان تۈركلەرنىڭ پاكىزلىقى ئادىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاشتا ئەختەم ئۆمەر مەزكۇر ھۆكۈمنى چىقىرىشتا سادىر قىلغان ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىدۇ. بۇنى ئاكادىمىيىدە بىرىنجى تەسىراتنى ئاساس قىلىپ ئىندىۋىداللىقنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈرىۋېلىش دەيمىز. يەنى ئەختەم ئۆمەر راستلا شۇنداق لاي ئايىقىنى سېلىۋەتكەن ئايالنى كۆرگەندۇ، ئەمما بۇ بىر ئايال ھەرگىزمۇ پۈتۈن تۈرك مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس. ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ خاتالىقى بولسا، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئالتە ئاي ئىچىدە شۇنداق ھادىسىنى كۆرمىگەنلىكىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ئۆز ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ. ئەمىسە ئالتە ئىچىدە ئەگەر شۇنداق بىر ھادىسىنى كۆرگەن بولسىچۇ؟ بەلكىم ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھۆكۈمىنى توغرا دەپ خۇلاسىلىگەن بولاتتى. تۆۋەندىكى پارچە ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىلىق بولماق ئاسانمۇ ناملىق ماقالىسىدىن: Nr*X1lJ6  
GNrRc3dr$  
تانىيە ئىسىملىك روسسىيەلىك بىر دوستىمىز بار ئېدى. ئۇنىڭ دادىسى ئەرمەنىيىلىك، ئانىسى روس بولۇپ ئۆزىنى ئەرمەن دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ يولدىشى خارۋارد مەكتىپىمىزنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىدا دوتسىنىت بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بەكلا قىزىقاتتى. ئامېرىكىدىكى يىللاردا ئۇلار بىلەن ناھايىتى قويۇق ئارىلاشتۇق. بىر كۈنى تانىيە ئۆيىگە لازىملىقلارنى توردىن زاكاس قىلىپتۇ. نېمە ئۈچۈنكىن لازىمەتلىكلەر ۋاقتىدا كەلمەي كېچىكىپ قاپتۇ. مال يەتكۈزگۈچى يىگىت قايتا-قايتا كەچۈرۈم سوراپ مالنى تاپشۇرۇۋاتقاندا تانىيە يىگىتكە چېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۆيدە باشقا ئىشقا مەشغۇل خارۋارد بۇنى ئاڭلاپ يىگىتتىن ئايالى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپتۇ. ئاندىن ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن، “ ئايالىم روسسىيەدىن كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى. ئۇ ئامېرىكىلىق ئەمەس، شۇڭا سىزگە دەپ سالغانلىرىنى كۆڭلۈڭىزگە ئالماڭ“ دەپتۇ. تانىيە ئېرىدىن نېمىشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورىسا ئۇ ”ئامېرىكىلىقلار ئادەتتە بىرسى تۇنجى قېتىم بىر ئىشنى خاتا قىلىپ سالغاندا بۇنچە قاقشاپ، ئەيپلەپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ ئۇنى چېچىلىپ ئىيپلەپ كېتىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. مۇلازىمىتىدىن رازى بولمىغان بولساڭ بېرىشكە تىگىشلىك تاپان ھەققىنى بەرمىسەڭلا، ياكى مۇلازىمەتتىن رازى بولمىغانلىقىڭنى شىركەتنىڭ توردىكى پىكىر ئېلىش سەھىپىسىگە يېزىپلا قويساڭ بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار سەندەك باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ۋارقىراپ، قورقۇتۇپ ئىتىراپ قىلغۇزمايدۇ. پەقەت خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى ئۈنسىز ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.“ دەپتۇ u&TXN;I,p  
Np$&8v+en  
ئاپتور بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا كۆرگەن بىر ھادىسىسى ئارقىلىق پۈتۈن ئامېرىكىلىقلارنىڭ خارەكتېرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارماقچى بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمنى رەت قىلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى توغرا كۆردۈم. ئامېرىكىدىكى كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى توردا تارقىتىلىدىغان سىياسىي ۋە ئىجدىمائىي تاراتقۇسى ياش تۈركلەر پىروگراممىسىنىڭ 2011-يىلى 14-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ دېرىكتورى سىتىۋ جوبس شۇ يىلى 9-ئايدا ئۆز شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان موبىلمې توغۇرلۇق ئېچىلغان يىغىننى <ماڭا بىرەرسىڭلار موبىلمې نىڭ نېمە قىلىش ئۈچۈن لاھىيەلەنگەنلىكىنى دەپ بېرەمسىلەر؟> دەپ باشلايدۇ ۋە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاغزىنى بۇزۇپ <ئەمىسە بۇ ھاراملىق نېمە ئۈچۈن لاھىيەلەنگىنى بويىچە ئىجرا قىلمايدۇ؟!> دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئالما شىركىتىنىڭ موبىلمى تۈرىگە مەسئۇل بولغان ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمىنى شۇ يەردىلا ئىشتىن بوشىتىدۇ. دېمەك ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا سىتىۋ جوبس تېخى ئامېرىكىلىق بولۇپ بولالمىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ يۇقاردا چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئانالىز قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. eGpKoq7a  
}><[6Uz%  
تۆۋەندىكى پارچە ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ مۇكەممەل جەمىئەت ۋە كەمتۈك ئىنسان دېگەن ماقالسىدىن: ~G=EQ]a  
#6D>e~>n  
مۇكەممەل تۈزۈم ھەممە ئىنساننىڭ قىلىقلىرىنى توغرا يولغا سېلىپ بولالامدۇ؟ ياق. مەكتىپىمىزدىكى بىر كۇتۇپخانا كېچەيۇ كۈندۈز تاقالمايتتى. بىر جۈمە كۈنى كەچتە چىقسام مۇلازىم سىتۇدېنت ”يېرىم سائەتتىن كېيىن تاقايمىز، شۇڭا بىنادىن ئايرىلىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمىز“ دەپ قالدى. ئاتايىن كەلگەن ۋاقتىمغا ئاچچىقىم كېلىپ ھارغىن، نارازى قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيۈمگە قايتتىم. نەچچە يۈز ئادەم سىغىدىغان بارلىق ئەسلەھەلىرى تولۇق كۈتۈپخانىدا پەقەت ئۈچ تۆتەيلەنلا بار ئېدۇق. ئىككىنجى جۈمە كۈنى كەچتە يەنە شۇ مۇلازىم قىز ئوخشاش گەپنى تەكرارلىدى. كۈتۈپخانىدىكى بەش ئالتەيلەننىڭ كۆپىنچىمىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىكەنمىز. قارىسام ھەممىسى كېتىش تەييارلىقىغا چۈشتى. پەقەت مەن دائىم ئوخشاش ئورۇندا ئولتۇرغىنىنى كۆرىدىغان بىر ئامېرىكىلىقلا جايىدىن مېدىرلىمىدى. ئۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ قىمىر قىلماي ماقالەمنى يېزىشقا داۋام قىلدىم. بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرسەم ھېلىقى ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى ھېلىقى بىزنى قوغلىغان مۇلازىم قىزغا ۋارقىرىغىلى تۇرۇپتۇ. ”مەن مىڭ تەستە تاپقان پۇلۇم بىلەن بۇ يەردە ئوقۇيمەن، سەنلەر كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا كىنو كۆرۈپ كۈتۈپخانىدا نۆۋەتچى بولۇۋاتىمەن دېگەن باھانە بىلەن سائىتىگە 13 دوللار ھەق ئېلىشىسەن. نېمە بىزنى قوغلايسەن. سەن بىزنى بىلمەيدۇ دەمسەن. سەن يېرىم سائەت بۇرۇن تاقاپ كەتكەن بىلەن بىر سائەتنىڭ پۇلىنى ئالىسەن، سەنچە بۇ توغرىمۇ؟“ ھېلىقى قىز شەلپەردەك قىزىرىپ باشقا گەپ قىلالمىدى. ئەسلىدە بۇ قىز يېرىم سائەت بۇرۇن ”ئىشتىن چۈشىمەن“ دېگەننى باھانە قىلىپ كۈتۈپخانىدىكىلەرنى قوغلايدىكەن. كېيىنكى نۆۋەتتە كېلىدىغان مۇلازىم سىتۇدېنت ئىشقا كېلىپ ”كۈتۈپخانىدا ئادەم يوق“ دېگەننى باھانە قىلىپ قايتىپ كېتىدىكەن. مۇئاشنى بولسا ئىككىلىسى تىيىننى كەم قىلماي ئېلىۋېرىدىكەن (4ZO[Ae  
(5th   
ئاپتور ئەسىرىدە يەنە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يالغان سۆزلەشتىنمۇ ياخشى پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئۆزى كۆرگەن ھادىسىلەرنى دەلىل قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىدەك تۈزۈمى مۇكەممەل بولغان دۆلەتتىمۇ ئىنسانلار يەنىلا نۇقسانلارنى سادىر قىلىدۇ دېگەن خۇلاسىغا كېلىدۇ. بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشتىن بۇرۇن، نېمە توغۇرلۇق مۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك. مۇكەممەل جەمىئەت دېگەن نېمە؟ دىندار كىشىلەر جەننەت دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن. دېمىسىمۇ، مۇكەممەل جەمىئەت دېگەن ئۇقۇم بەكلا ئابستىراكىت ئۇقۇم بولۇپ، مۇكەممەل جەمىئەتنىڭ شەكىللىنىش ئۈچۈن ئىجدىمائىي مەسىلىلەر ئاز نۇقتىغا چۈشۈرۈلگەن، باي-كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى پەرق كىچىكلىتىلگەن، ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتى ياخشىلانغان، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى تۆۋەن بولغان، جىنسي- ئېرقىي، دىنىي ۋە مىللىي كەمسىتىش يوق بولغان…. دېگەندەك ئامىللار بولىشى كېرەك.  بەزى شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جەمىئىتى بۇ ئۇقۇمنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئامىللىرىنى ئۆزىدە قىسمەن نامايەن قىلغان. ئەمما كۆپ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا جەمىئىتىنىڭ بۇ ئۇقۇمغا يېقىن كېلىشى قىيىن. ئەمىسە ئامېرىكا جەمىئىتى قانداق؟ ئامېرىكا جەمىئىتىنىڭ نۇرغۇن ئىجابىي تەرەپلىرى بولسىمۇ ئەمما مۇكەممەل جەمىئەت دېگەن تېرىمنى تولدۇرۇشقا تېخى قادىر ئەمەس. =6=:OId  
5|pF*8*  
ياشاش شارائىتى olxxs(  
emrA!<w!W  
ئامېرىكىلىق مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچى مايكىل مورنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى <قالاق، ئىپتىدائىي> تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان كۇبادىكى ئىنسانلارنىڭكىدىن تۆۋەن. QE)zH)(  
z8{-I@+`  
ئاياللار 4~FRE)8  
`]6<j<',  
ئامېرىكىدىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان ئى.گ. گىراف خانىمنىڭ ئامېرىكا ئىستىقبالى ناملىق تور گېزىتىدە ئامېرىكا مەركىزى تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن نەقىل ئېلىپ يېزىشىچە، 2001-يىلى 9-ئايدىن 2012-يىلى 6-ئايغىچە ئامېرىكىنىڭ تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئەسكەر ۋە پۇقرالار سانى مۇنداق ئىكەن: دۇنيا سودا مەركىزىدە ئايروپىلان سوقۇلىشىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 3073، ئافغانىستاندا ئۆلگەن ئەسكەر سانى 2002، ئېراقتا ئۆلگەن ئەسكەر سانى 4486. 2001-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئامېرىكىدا يولدىشى ياكى ئوغۇل دوستى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئايال سانى 11766 بولۇپ، تېررورچىلىققنىڭ قۇربانى بولغان خەلق ۋە تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىدىن كۆپ ئىكەن. r`EjD}2d  
Y[}A4`  
جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى 2?Jw0Wq5D  
Z~-N'Lt{  
ئامېرىكىدا جىنايەتچىلەر نىسبىتى ھەر 100،000 نوپۇسقا 730 بولۇپ دۇنيا بويىچە جىنايەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسقا بولغان نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەتتۇر. iZeql1O  
ZOa|lB (,  
بايلار-كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى پەرق BU??}{  
eh]sye KBj  
ئامېرىكا بايلار-كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ چوڭلۇقىدا 2011 –يىلى دۇنيا بويىچە تۆتىنجى ئورۇندا تۇرغان. 6<fG; :  
NjEi.]L*fX  
ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ يۇقارقى ماقالىلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈملەرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى مۇنازىرە قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتا ئاساسلانغان دەلىللەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەنى مەزكۇر ماقالىلاردا بېرىلگەن دەلىللەر پەقەت ئاپتورنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردە ئوقۇش، ياشاش جەريانىدا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تەجىربىلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇنى ئىلىم دۇنياسىدا تۇنجى تەسىراتتىن كەلگەن ھىكايىۋى دەلىل دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ خىل دەلىللەردە خۇددى يۇقارقى ماقالىلاردا تىلغا ئېلىنغىنىدەك ئىندىۋىداللىقنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈرىۋېلىشتىن ئىبارەت تىپىك نۇقساندىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىر زىيالىنىڭ مەقسىدى بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش بولسا، بۇنى ئۆز دۆلىتىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارقىلىق ئورۇندىغىلى ۋە تەتقىقات دائىرىسىدىكى ئىككىنجى دۆلەتكە بېرىپ ئۆز بىلىمىنى تاكامۇللاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ ھازىرقى مەدەنىي، ئىجدىمائىي، سىياسىي ئەھۋالىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن شۇ ئوبىكتنىڭ تارىخىنى پۇختا ئۆگەنگەندىن سىرت، شۇ مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم. بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گاردنېر بوۋىڭتون بىلەن ئىلى پىداگۇكىكا ئىنىستىتۇتىدا بىر يىل ئىنگىلىزچە دەرس ئۆتۈش جەريانىدا قوشۇمچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان نىك خولدستوكنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ئەسەرلىرىدىكى غايەت زور پەرق تىپىك مىسال بولالىشى مۇمكىن. aHpZhR| f$  
},JJ!3  
تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىدىكى زىيالىلارنىڭ ئاساسىي مەقسىدىنىڭ ئۆزىنىڭ چەتئەلدىكى تۇرمۇش تەجىربىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىلھام بېرىش ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. يەنى ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئۇيغۇر جەمىئىتىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى باشقا بىر مەدەنىيەتكە (غەرپ مەدەنىيىتىگە) سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار جەمىئىتىنى ئۈمىدلەندۈرۈش بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي غايىسىدۇر. ئەمما سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئىنتايىن نازۇك ئۇسلۇپ بولۇپ، سېلىشتۇرىلىۋاتقان ھەر ئىككىلى ئوبىكت ئۈستىدە مۇكەممەل بىلىم ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىش تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئىزدىنىشىمىز ئىلمىي دەلىللەردىن چەتنەت كەتكىنىدە، ئەسەرلىرىمىز باشقىچە سەلبىي ئۈنۈم يارىتىشى مۇمكىن. زىيالىلىرىمىزنىڭ يۇقۇرىقىدەك دەلىل بېرىشتىكى نۇقسانلارغا كۆز يۇمىشىدىكى سەۋەپ بولسا، ئۇلارنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىملىكىنى ئېنىق شەرھىيلىيەلمىگەنلكى ۋە بۇنىڭغا سىياسىي قىيداش پىسخىكىسىنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىدۇر. T9Juq6|  
!Pnjr T  
بىز ئالدى بىلەن بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزگە ئىزاھات بېرىش ئۈچۈن مۇنداق سوئالغا دۇچ كېلىمىز: بىزدىكى كىملىك كىرىزىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كىملىك كىرىزىسىمۇ ياكى مەدەنىيەت كىملىكى كىرىزىسىمۇ؟ دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىرى بۇ نۇقتىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر ئىككىلى قاراشنىڭ ھىمايىچىلىرى بار. Q]N&^ E  
v]F4o1ckk  
ئەگەر بىز جەمىئەتنىڭ شەكىللىنىش تەرتىۋىگە قارايدىغان بولساق، ئالدى بىلەن بىر قەۋمنىڭ مەدەنىيىتى بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئاۋال شۇ قەۋمنى مىللەت شەكلىدە تەشكىل قىلىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت كىملىكى بولماي تۇرۇپ، باشقا ئىجدىمائىي ياكى سىياسىي كىملىكىنىڭ بولىشىنى كۈتۈش خاتالىقتۇر. شۇڭا بىزنىڭ نۆۋەتتە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان كىملىكىمىز دەل بىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمىزدۇر. نۆۋەتتىكى كىرىزىسنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمىزگە شەكىللەندۈرىۋاتقان خىرىسنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋالغاندىن كېيىن، <چەتئەلگە باغلاپ يېزىش> ئېقىمىنىڭ مەزكۇر ئەندىزىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئۇسلۇبىدىكى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلمىي خاتالىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى تەرغىپ قىلىشنى ئاشقۇنلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋېتىدىغان بولۇپ، مەن بۇنى ياخشى نىيەتلىك سەپسەتە دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ خىلدىكى سېلىشتۇرۇلغان مەدەنىيەتنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنىڭ كۈچلۈك تەرغىپ قىلىنىشى ئۇيغۇر جەمىئىتىدە ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ مەزكۇر سېلىشتۇرۇلغان ئىجابىي مەدەنىيەتكە ئوخشايدىغان تەرەپلىرىنى قېزىش دولقۇنى پەيدا قىلىپ، مەدەنىيەت كىملىكى خىرىسقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر مىللىتىگە ئۆز مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن قانداقتۇر بىر مەدەنىيەت ئۇنىڭ كىملىكىنى ۋەيران قىلغۇچى مەدەنىيەت ۋە قانداقتۇر يەنە بىر مەدەنىيەت ئۇنىڭ كىملىكىنى قۇتقازغۇچى مەدەنىيەت دەپ قارايدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك پىكىرنى تارقىتىش رولىنى ئويناپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە بولسا كىرىزىسقا ئۇچرىغان مەدەنىيەت كىملىككە نىسبەتەن ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەرقانداق مەدەنىيەت ئۇنىڭغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل بولۇپ قالىدۇ. }a~hd*-#  
bK~Toz< k  
خۇلاسە &*+$38XE^  
0g|5s  
مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، زىيالىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قانداق قىلىپ ئۇيغۇر جەمىئىتىگە تۆھپە قوشۇش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. مەركىزى تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى بۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ بوستانىغا ئايلاندى. مەزكۇر ئورگاننىڭ پەخرىي رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشتىن سىرت يەنە بىر قانچە كىتاپنى ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ مەزكۇر ئورگاننىڭ تورىدا ئېلان قىلدى. مەنچە بۇ بىر ئۈلگە يارىتىدىغان ھەرىكەت. چۈنكى ئەدەبىي رومان، پوۋسىت، ھېكايە قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان كىتاپلار بىلەن قورشالغان ئۇيغۇر جەمىئىتىگە ھەممىمىز ئۆز كەسپىمىز-ساھەيىمىزدىكى نادىر ئىلمىي كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق قەلبى بىلىم ئۈچۈن چاڭقىغان خەلقىمىزگە بولۇپمۇ ياشلىرىمىزغا ئەڭ ئۈنۈملۈك ياردەم قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەردى.
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-22, 23:32
 
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3540
 سائەت
دەرىجىسى:
3540 سائەت 230 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-06-19
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-23

تىما مەزمۇنىنى تولۇق كۆرۈپ چىققاندىن ،مىنىڭمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ ،ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغۇم كەلدى.مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا ياشايمەن.17يىلنىڭ ئالدىدا بىرقىتىم ئۈرۈمچىگە بىرىپ-كەلگىنىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا،سىز دەك ۋە سىز ماقالىڭىزدە ئىسمىنى ئاتىغان ،ئېلىم تەھسىل قىلىش ۋەساياھەت پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ چەتئەللەرنى كېزىپ«پۇلىنىڭ بارىدا شەھەر كۆرۈش،چىشىنىڭ بارىدا گۆش يىيىش»شەرىپىگە ئىرىشەلىگەنلەرنىڭ ئالدىڭىزدا مەن(شۇنداقلا زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر ئاھالىسى)«قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك» ياشاپ كىلىۋاتقانلار ئوخشايمىز. {?lndBP<  
سىلەرچەتئەللەردە ئۆزۈڭلارنىڭ كۆرگەن-بىلگىنىڭلارنى ئۆز ھىس-تۇيغۇڭلار بويىچە ،ھەرخىل نام بىلەن ،ھەرخىل تارقىتىش ۋاستىلىرى بىلەن بىزدەك قارا قورساقلارغا تۆكمە قىلىپ ساتىسىلەر.بۇنىڭغا «مەيلى،سۆزلىۋالسۇن،تاز تارغاققا،گاچا گەپكە ئامراق،كۆڭلى خۇش بوپ قالار» دىدۇق.ئوخشاش بىردەريانى بىرىڭلار «چوڭقۇر» دىسەڭلار،يەنە بىرىڭلار«ئۇ يالغان گەپ قىلدى،ئۇ دەريانىڭ سۈيى ئوشۇققا كەلمەيدۇ» دىدىڭلار.كۆڭلىمىزدە«مەيلىلا،بۇلارنىڭ بىرسىنىڭ بويى بەك ئېگىز،بىرسىنىڭ بەك پاكار بولسا،شۇنداق تۇيۇلغان ئوخشايدۇ،بىز ئوتتۇرىدىن چىقىپ،ئۇدەريانىڭ سۈيى تىزغا كىلىدۇ دەپ چۈشىنەيلى»دەپ ئويلىدۇق. T=YVG@fm?  
قىسقىسى ،بەزى ئىشلاردا سىلەردەك كاتتا يەرلەردە ئوقۇغانلارنى خىجىل قىلىشنى خالىمىدۇق.راست گەپنى قىلغاندا بىزنى ھىلى ئۇيانغا،ھىلى بۇيانغا دومىلاتسا بولىۋىرىدىغان توپمۇ-تاۋۇزمۇ،ئىشقىلىپ بىرنەرسىلەرگە ئوخشىتىپ قالغانلىقىڭلاردىن بىزارلىق ھىس قىلدۇق. >Du=(pB  
يىقىندىن بۇيان قۇلاقلار خىلى ئارام تىپىپ قالغان.ئەمدى سىز نىمە دىمەكچى؟سىزمۇ  بىزگە داپ چىلىپ بىرىپ پىرە ئوينىتاي دىمەيدىغانسىز؟ AjEy@ /  
تۆۋەندىكى بىربىرىگە زىت يازمىلىرىڭىزغا قاراپ بىقىڭ: 4Lg,J9  
u3qx G3  
1.«ئىككى يازغۇچىنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيىسى مەزكۇر يازغۇچىلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان قەلەم ئىگىسىنىڭ تەرىپىنى تۇتىشى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر جەمىئىتى ئىجدىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا نەچچىگە بۆلۈنۈپ كېتىش ھادىسىسى ئومۇملاشقان ئىدى.» B /uaRi%  
55s5(]`d  
2.«ئەختەم ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيىلىكنى مۇكەممەل چۈشنەرمىدى؟ بۇلارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋۋال ئاپتۇرنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا قاراپ باقايلى. ئاپتۇر ئەسىرىدە بىر تۈرك ئايالنىڭ كوچىدا لاي بولغان ئۆزىنىڭ ۋە قىزىنىڭ ئايىقىنى چوڭ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال پاكىزە سۈرتكەنلىكىنى يازىدۇ. بۇنى تۈركلەرنىڭ ئاڭلىق، پاكىز، جامائەتنىڭ تازىلقىنى ئاسرايدىغان پەزىلەتلىرىگە مىسال قىلىدۇ.» (rhlK}C  
plPPf+\  
3.«مەن ئالتە ئاي تۈركىيەدە بولدۇم، ئىستانبول، ئەنقەرە، ئىزمىر، قاتارلىق شەھەرلەرنى كەزدىم، لېكىن ئەختەم ئۆمەر كۆرگەن مەنزىرىنى پەقەت كۆرەلمىدىم. ئەكسىچە ئەنقەردە تاماكا چېكىپ كېتىۋاتقان قىز يىگىتلەرنىڭ تاماكا قالدۇقىنى خالىغانچە كوچىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى، ساقچىلار ئىشتىن چۈشكەندە قىزىل ئاي مەيدانىدا كاۋاپچىلارنىڭ ئىس چىقىرىپ كاۋاپ پۇشۇرىۋاتقانلىقىنىنى، پۇتبول مۇسابىقىسىدە تەرەپتارلىرى يېڭىلسە ئورۇندۇقلارنى چېقىۋەتكەنلەرنى كۆردۈم » \azMF}mb  
A^FkU  
بىرىنچىسى سىزنىڭ تەھلىلىڭىز،ئىككىنچىسى ئەختەم ئۆمەرنىڭ كۆرگىنى،ئۈچىنچىسى بولسا سىزنىڭ كۆرگەنلىرىڭىز. \h3HaNC  
ئوخشاش بىر تۈركىيىنى كۆرگەن ،ئەمما ئوخشاش بىر شەھەرنى ئوخشىمىغان ئىككى نوقتىدىن كۈزەتكەندىن كىيىنكى تەسىرات ۋەھىسيات.بىرسىڭلار ماختايسىلەر،بىرسىڭلار چۆكۈرىسىلەر . 4>oM5Yf8  
مىنىڭ ئۈرۈمچى ھەققىدە 17 يىلنىڭ ئالدىدىكى تەسىراتىمنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى:« ئېگىز ئېمارەتلەر شەھەرنى زامانىۋىي تۈسكە كىرگۈزسە،ئارقا كوچىلاردىكى كونا ،خام خىشلىق ئۆيلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت،نامرات يىزىلىرىنى ئەسلىتەتتى. شەھەر مەركىدە سۇيى ئېقىپ تۇرىدىغان پاكىزە ئاممىۋى ھاجەتخانىلار بىلەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۇرگىدەك سىسىپ ،پۇراپ كەتكەن ئەخلەت دۆۋىلىرى رۇشەن سىلىشمۇرما بولۇپ تۇراتتى». &,<,!j)Jr  
خۇلاسەم: ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق،ئونبەشىنىڭ قاراڭغۇ ئىكەنلىكى بىزگىمۇ ئايان.ئەمدى بىزنى ئەخمەق قىلىۋەرمىسەڭلار!!! o_Z9\'u  

awral
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11056

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   45 (قېتم)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 21
 سائەت
دەرىجىسى:
21 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-22
ئاخــىرقىسى:2012-08-27
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-23

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، يۇقۇرىدىكى ئىنكاسنىڭ ساھىبى بولغان قېرىندىشىم. قارىغاندا ماقالىنى تولۇق ئوقۇماپسىز. سىز بەرگەن ‹بىر-بىرسىگە زىت› ئۈچ مىسالنىڭ بىرىنجىسى ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشى، ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجىسى بولسا، ئاپتورنىڭ ئابدۇۋەلى گۈلەن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىپ سىز دېگەندەك بىر كۆرگەن دۆلەتنى ماختاش ياكى ماختىماسلىقى توغرىسىدىكى مىسال. ئاپتور ئارقىدىن بۇ خىلدىكى ماختاش ياكى ماختىماسلىقنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ. &TRKd)wd  
:I7qw0?  
بۇ ماقالىنىڭ مەركىزى ئىديىسىنى مۇنداق دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ: <-N eusx%  
‹ماقالە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان زىيالىلىرىمىزغا خىتاپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارغا بېرىلگەن سىگنال: ئۆزۈڭلار كۆرگەن يەرلەرنى بىر كۆرۈش بىلەن چىقارغان خام خۇلاسەڭلار بىلەن ۋەتەندىكىلەرگە ساتماي، ئۆزۈڭلار ئوقۇغان كىتاپنى تەرجىمە قىلىپلا ۋەتەندىكىلەرگە ئەۋەتىڭلار، ۋەتەندىكى قېرىنداشلار ئۆزلىرى كۆرۈپ ئىلمىي خۇلاسە چىقارسۇن › دىن ئىبارەتتۇر. مەن شۇڭا بۇ ماقالىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم. 6{i0i9Tb  

matursun

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   107 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   609 (قېتم)
 تۆھپە:   529  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1171
 سائەت
دەرىجىسى:
1171 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-06-15
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-23

ھەقىيقەتەن ياخشى ماقالە ئىكەن مەن بۇماقالىنى يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يۇللاپ قويدۇم شۇلار بىرنەرسە دەپ باقسۇن دەيمەن ،
مەتتۇرسۇن ئېلى
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3540
 سائەت
دەرىجىسى:
3540 سائەت 230 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-06-19
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-23

ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ يەردە تولىمۇ توغرا پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما، دەلىل كەلتۈرۈشتە ئاكادىمىيە قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ozo8 Tr  
: R&tO3_F  
قىرىندىشىم  awral، يۇقۇرىدىكى قۇرلارنى ياخشى ھەزىم قىلماپتىمەن.ماقالىدىكى بەزى بىر تەپسىلاتلارنى ئوقۇپ ،كاللام قېيىپ قالغانلىقىغا ئىقرار بولدۇم.تۈزىتىمەن. u60l-  
ھەرگىزمۇ ئادىل مىجىتنىڭ ئىتوتىدىكى«خاتالىقنى تۈزىتىپ بولۇپ يەنە ئۆتكۈزسە بولىۋىرىدۇ»دىگەن يولداشتەك ئەمەس،بەلكى چىن كۆڭلۈمدىن تۈزىتىمەن! vT~a}  
ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلغىنىمنى كەچۈرۈڭ!
awral
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11056

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   45 (قېتم)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 21
 سائەت
دەرىجىسى:
21 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-22
ئاخــىرقىسى:2012-08-27
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-23

ھا ھا، ئەمىلىيەتتە ئاپتور ماقالىسىدا تېىرىملارنى ئىنگىلىزچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغانمۇ بىلمىدىم نۇرغۇنلىغان كالامپاي جۈملىلەر بار ئىكەن. شۇڭا ماقالىنى ئوقۇغاندا قايمۇقۇپ قېلىش نورمالدەك قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كەسپىي تىلشۇناسلىق بولمىغاندىكىن، ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ تىلى ۋە جۈملىسىگە قارىغاندا مەزمۇنى مۇھىم دەپ ئويلىدىم. qGqu/$bh  
yN.D(ZwF:  
سىزنىڭ ماقالىنى ئوقۇشتىكى كىچىك سەۋەنلىكىڭىز سەۋەپلىك يازغان ئىنكاسىڭىز ئەمىلىيەتتە جەمىئىتىمىزدە ئاپتور تىلغا ئالغان ‹ئېقىم› دىكى زىيالىلارنىڭ ئۇسلۇبىغا بولغان ئوخشىمايدىغان پىكىرنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەنمۇ ئۇ يازمىلار توغۇرلۇق جىق گەپلەرنى قىلماقچى بولساممۇ يەنىلا سۈكۈت يولىنى تاللىغان ئىدىم. مانا ئەمدى بۇ ماقالە بولسا كۆڭلۈمدىكى گەپلەركەن دەپ ئويللىدىم. P.:T zk6  
QFYy$T+W  
ئوتلۇق سالاملار قېرىندىشىم.
ansar514
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10116

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   26 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1620 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   160 (قېتم)
 تۆھپە:   160  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 197
 سائەت
دەرىجىسى:
197 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-04-02
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-23

گەپنىڭ نىگىزى ئىتراپ قىللى ياكى قىلمايلى جەميىتىمىزدە سۆزلەيدىغانلار ساماندەك،ماڭدىغانلار بولسا يوق دىيەرلىك.دىگەننىڭ نىمە ئەھمىيتى؟ بەكلا ئاز رولى بار.شۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەيپىنى يازغان ۋە ئارتۇقچىلقىنى يازغانلارنىڭمۇ ھەم قايسىنىڭ ئۆزى دىگەننى قىلغانلىقىنى كۆرگەن سىلەر؟ ئۆزى قىلمىغانغا ھىچكىم ئەگەشمەيدۇ.جەميەت ھازىر مەنپەت قوغلايدۇ.بىزنى سىياسيۇنلار شۇنداق سەنەمگە سىلىپ قويدى.جەميەتتىكى مەيلى قانداق ئىقتىساسلىق بولسۇن قايسىسىنىڭ بىركىشلىك مۇۋاپىق ئورۇنغا ئىرشىپ ئۇگەنگەنلىرنى ئەمەلىيەتتە چىقىرىپ ئۇتۇق قازانغىنى بار؟ناھايتى ئاز ساندا خالاس.شۇڭا مەيلى زىيالى ۋە مەيلى باشقا ساھادىكى جەميەت ئاڭ يۆنىلشىنى توغۇرلايمەن دىگەنلەر بولسۇن ئۆزىدىن باشلاپ ئەمەل قىلشى بەكلە زورور.قايسى يازغۇچى ئەتىدىن كەچكىچە يازدۇ يالىغاچ ئايالنى تۇزەيمەندەپ ،لىكىن قىز ئاياللىرى شۇنداق.سەت بولسىمۇ كونىلار ئاۋال ئۆزۇڭنىڭ ماڭقاڭنى ئىيىت ئاندىن باشقىلارنىڭ دەپ بىر گەپلىرى بار. W)cLMGet  
ئەگەر ماركىس يازغان كىتاپقا روسلار بىلەن خەنزۇلار ئەگىشىپ بازىرنى چىقىرۋەتمىگەن بولسا ئىدى ئۇ بىر ئەخلەت بولاتتى. x["  
ئەگەر قۇتاد غۇبىلىك ھەم ئەمەل قىلىنمىسا ئۇ بىر مەنىسىز بولدۇ خالاس. rgKn=8+a  
شۇڭا زىيالىلار ۋە يازغۇچى ئاكىلارغا شۇنى دەيمەنكى بۇرۇنقى زامانلاردىكى ئاچچىق قامچىلانغان ئەسەرلەردىن ئىبرەت ئالدىغانلاردىن ئۇ ئىبرەتنى دورايدىغانلار كۆپ.نىمىشقا؟ سەۋەبى مىللىتىمىزنىڭ ئومومىي كەيپىياتىدا قورسىقىدا بىلىم خىلى بار لىكىن ئۇنى ئىشقا سىلىشقا جۇرئەت يوق.شۇڭا دەيمەنكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى بەكلا قۇرۇق.شۇڭا ئۇلارغا ئاۋۋال روھ ئويغىتىدىغان ئۇلگىلەر لازىم. <v k$eB8EC  
ئەمەليەتچىل بولايلى!
sirlik0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10772

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3300 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   330 (قېتم)
 تۆھپە:   330  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3052
 سائەت
دەرىجىسى:
3052 سائەت 188 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-10
ئاخــىرقىسى:2013-05-01
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-23

   بىزنىڭ ھازىرقى بۇ ھالىتىمىزدە روھ ئويغىتىغان دورا ياساپ ئىچىسەكمۇ يەنىلا ھالىمىز مۇشۇ ، ئەدىبلىرىمىز ، رەھىبىرى كادىرلىرىمىز پاڭ ھالەتتە . باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى سىلىشتۇرغۇدەك ھازىر بىزدە نە ھال ، ئەدبىلىرىمىزنىڭ قەلىمى دۆلەت ھالقىمىسىمۇ تەۋەرىمىزدە تەۋرەنسىمۇ يازغۇدەك ئۈلگە قىلغۇدەك ئىشلار بەك  جىق . بەش قول تەڭ بولمىغاندەك ھەر دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ رۇشەن پەرقىلەر بار . ئەدىپلىرىمىز ھەق سۆزلەپ ئاپتۇنۇم رايوننىڭ بۇرۇنقىسى بىلەن ھازىرقسىنى سىلىشتۇرسىمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . تەڭسزلىكلەرنى دادىلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ قەلەم تەۋرىتدىغانلار جىق بولسا ئويغنىدىغانلار جىق بولۇپ بۇ ھالدا قالمايىتتۇق .
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   408 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22466 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2001 (قېتم)
 تۆھپە:   1950  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17005
 سائەت
دەرىجىسى:
17005 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-24

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  sirlik0999 كە 2012-08-23 19:42ئەۋەتىلدى  : 3LW[H+k  
   بىزنىڭ ھازىرقى بۇ ھالىتىمىزدە روھ ئويغىتىغان دورا ياساپ ئىچىسەكمۇ يەنىلا ھالىمىز مۇشۇ ، ئەدىبلىرىمىز ، رەھىبىرى كادىرلىرىمىز پاڭ ھالەتتە . باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى سىلىشتۇرغۇدەك ھازىر بىزدە نە ھال ، ئەدبىلىرىمىزنىڭ قەلىمى دۆلەت ھالقىمىسىمۇ تەۋەرىمىزدە تەۋرەنسىمۇ يازغۇدەك ئۈلگە قىلغۇدەك ئىشلار بەك  جىق . بەش قول تەڭ بولمىغاندەك ھەر دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ رۇشەن پەرقىلەر بار . ئەدىپلىرىمىز ھەق سۆزلەپ ئاپتۇنۇم رايوننىڭ بۇرۇنقىسى بىلەن ھازىرقسىنى سىلىشتۇرسىمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن . تەڭسزلىكلەرنى دادىلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ قەلەم تەۋرىتدىغانلار جىق بولسا ئويغنىدىغانلار جىق بولۇپ بۇ ھالدا قالمايىتتۇق . xl2g0?  
Mm#[&j[Y  
(WE,dY+.  
كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېزىز قېرىندىشىم! $Ha%Gr  
مەن بۇ كەمگىچە نۇرغۇن يازما يوللۇدۇم. بۇلارنىڭ بەزىسىدە  مۇدھىش تەتۈر ئېقىمغا، دەھشەتلىك ئۆلۈم پۇراۋاتقان رەزىل ئىجتىمائىي تۈزۈمگە شىددەتلىك ئوت ئاچىدىغان يازمىلارنى يېزىپ مىللەتنى ئويغۇتىدىغان سەپتە مەردانە تۇرغان ۋە ئەكسىيەتچى زوراۋان كۈچلەر بىلەن مۇرەسسەسىز ئېلىشقان  ئابدۇلقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ل.مۇتەللىپ ....قاتارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى تىلغا ئېلىپ تۇرىمەن. ~lw<799F6  
بىزنىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىمىزدا قانچىلىك جاسارەت بار؟ ھە دىگەندە ئاۋام خەلقنى نادانلىقتا ئېيىپلاشنىلا بىلىدۇ-يۇ، شۇ نادانلىقنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ ئۇنىڭغا مۇناسىپ پىكىر قىلىشتىن بەدەر قاچىدۇ........ ئالايلۇق، دىيارىمىزدا «قوش تىللىق مائارىپ» يۈرگۈزۈلگىلى 10 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. ئېتى ئۇلۇق بۇ ھەرىكەت تۈپەيلى ئەۋلاتلىرىمىز قانچىلىك خورلۇققا دۇچ كەلدى، بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتكە قانچىلىك پىكىر تەكلىپ بىرەلىدى؟ نىمىشكە بىزنىڭ بالىلىرىمىز خاس ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىش، بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؟ زادى نىمە ئۈچۈن ئىنگىلىز، رۇس، خەنزۇ تىللىرىدا بىلىم ئالغىلى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئالغىلى بولمايدىكەن؟ تارىختا دۇنيانى پارلاق مەدەنىيەتكە يىتەكلىيەلىگەن ئۇيغۇر ئەجەبا بۈگۈنمۇ مۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسمىكەن؟  زادى نىمە ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كېلىپ بۇ مەسىلىنى تېز تۇتۇپ ھەل قىلمايمىز؟ <*Y'lV  
«ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشكە ياردەم بىرىش» شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تۈركۈم-تۈركۈم قىزلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كىتىلدى ۋە ئاتا-ئانا مىھرىدىن مەھرۇم قىلىندى. ھەتتا نۇرعۇن پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ بولدى . بۇنىڭغا نىمە ئۈچۈن يوللۇق پىكىر تەكلىپ قويۇشقا بولمايدۇ؟ بىز ئۆز ماكانىمىزغا سىغمامدىكەنمىز؟ |4Ha?W  
يازساڭلار مانا مۇنداق مەسىلىلەرگە باغلاپ يېزىڭلار. ئاۋام خەلقنى ئېيىپلاشتىن نومۇس قىلىڭلار! ئۇلار سىلەرگە ئاش -نان، كىيىم-كېچەك بىرىۋاتىدۇ، تۇزكورلۇق قىلماڭلار! قۇرۇق سەپسەتە سېتىپ ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىغان ياسىما گەپلىرىڭلارنى يىغىشتۇرىۋېلىڭلار! )( bxpW  
تېخى تەپ تارتماي غەرپ مەدەنىيىتىنى ماختاپ كېتىدىغان ئازغىندىلارمۇ بار ئىكەن!...........

ئانا تىلىم -- جان تىلىم
sayit
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9853

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   110 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5747 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   575 (قېتم)
 تۆھپە:   575  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 287
 سائەت
دەرىجىسى:
287 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-22
ئاخــىرقىسى:2013-05-29
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-26

مەن يىقىننىڭ ياقى كۆرگەن ئەڭ ياخشى ئىنكاس، مانا  sirlik0999    ،abdulquddus ،  مۇشۇ ئىككەيلەن نىڭ ئىنكاسى بوپتۇيارايسىلا . zWIeHIt  
\*"`L3  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى