باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1342 
  •    ئىنكاس 
       12 

زىيالىلىرىمىز نېمە يېزىۋاتىدۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
marjanbulaq

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   555 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31661 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3106 (قېتم)
 تۆھپە:   3076  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12341
 سائەت
دەرىجىسى:
12341 سائەت 399 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-25
ئاخــىرقىسى:2013-05-30
ئاپتورنىڭلا10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-26

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  awral كە 2012-08-23 11:51ئەۋەتىلدى  : qeVfE_<  
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، يۇقۇرىدىكى ئىنكاسنىڭ ساھىبى بولغان قېرىندىشىم. قارىغاندا ماقالىنى تولۇق ئوقۇماپسىز. سىز بەرگەن ‹بىر-بىرسىگە زىت› ئۈچ مىسالنىڭ بىرىنجىسى ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشى، ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجىسى بولسا، ئاپتورنىڭ ئابدۇۋەلى گۈلەن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىپ سىز دېگەندەك بىر كۆرگەن دۆلەتنى ماختاش ياكى ماختىماسلىقى توغرىسىدىكى مىسال. ئاپتور ئارقىدىن بۇ خىلدىكى ماختاش ياكى ماختىماسلىقنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ. !;q&NHco  
+rd|A|hRq  
بۇ ماقالىنىڭ مەركىزى ئىديىسىنى مۇنداق دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ: 8]M;T>n[  
‹ماقالە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان زىيالىلىرىمىزغا خىتاپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارغا بېرىلگەن سىگنال: ئۆزۈڭلار كۆرگەن يەرلەرنى بىر كۆرۈش بىلەن چىقارغان خام خۇلاسەڭلار بىلەن ۋەتەندىكىلەرگە ساتماي، ئۆزۈڭلار ئوقۇغان كىتاپنى تەرجىمە قىلىپلا ۋەتەندىكىلەرگە ئەۋەتىڭلار، ۋەتەندىكى قېرىنداشلار ئۆزلىرى كۆرۈپ ئىلمىي خۇلاسە چىقارسۇن › دىن ئىبارەتتۇر. مەن شۇڭا بۇ ماقالىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم. #xsE3Wj-X  
{f/~1G[M  
F~R;n_IJ  
    راستىمنى دېسەم ، مەن ئۇ دەرىجىدە يوقۇرى سەۋىيەلىك بىرسى ئەمەس. ئەگەر مەن ئوقۇغان كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ ئەمەس، تەرجىمە قىلماي ۋەتەنگە ئەۋەتسەممۇ چىگرىدىن بىرسىنىمۇ كىرگۈزمەيدۇ. ئەمما بەزى كىتاپلارنى ئۆزلىرى تارقىتىدۇ، بەزى كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ بېسىلىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. R1adWBD>  
   مەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ئىسىملىك ئىككى قىسىملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى يۈزلەرچە قېتىم ئاڭلىغان ئىدىم. ئەختەم ئۆمەرنىڭ مەخسىدىنى بىلمەيمەن ئەمما بۇ ئەسەر مېنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈشۈمگە تۈرتكە بولدى. دۇنيادا ئېزىز دىيارىمىزدىنمۇ باشقا يەرلەرنىڭ، دۆۋلەتلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ بارلىغىنى ئۆگەندىم. مېنى ھاياجانلاندۇردى، مېنى ئويغا سالدى، مېنى ئۈمۈتلەندۈردى، ماڭا ئىلھام بەردى. ZQ4p(6a   
    يېقىن بىر دوستۇم بار بولۇپ، 55 ياشلاردا بىر دادىسى بار ئىدى. ئۇ كىشى ئۇ لىنتىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئاڭلىدى. ئۇ ئادەم 70 ياشلاردا ۋاپات بولدى. ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەمنىڭ بېشىدىكى ئۈنئالغۇدا ئۇ لىنتا بار ئىكەن. يەنى ئۇ ئۈنئالغۇنى دوستۇم دادىسىغا پەقەتلا ئۇ لىنتىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ كىشى پەقەت ھاياتى بويىچە ئاشۇ ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ئىسىملىك لىنتىسىنىلا ئاڭلىغان ئىكەن. دىمەكچىمەن، ئۇ ئەسەر خەلقنىڭ دەل كۈتكىنىدەك يېزىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەر بولۇشى مۇمكىن. |7'df&CA  
    يەنە بىرسى يازغۇچىلار 3-4 ئاي ياكى 6-7 ئايلىق كۆرگەن، بىلگەن تەجرىبىسىگە ئاساسەن يازىدۇ مەنچە بۇ ۋاقىت بەكمۇ ئاز. مەسىلەن، 75 مىليون نوپۇسلۇق تۈركىيەدە 50 كە يېقىن پارتىيە بار. بۇلارنىڭ كۆزقارىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا شۇنچە كۆپ پارتىيەلەر قۇرۇلغان. بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىددىيەسى بىر خىل بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئون ئادەم 10 خىل يازىدۇ. بىرخىل سۆزلەيدىغان ياكى يازىدىغان ئىشلار ئاساسەن كومۇنىستىك دۆۋلەتلەردە كومۇنىزىم ئىددىيەسى سىڭدۈرۈۋېتىلگەن كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىلىشى مۇمكىن. شۇڭا مەنچە بولغاندا ھەممە كىشىلەرنىڭ پىكرىنى، چۈشەنچىسىنى، كۆزقارىشىنى، ئىلمى يەكۈنلىرىنى ھۆرمەت قىلىش كېرەك.
 
ئۇخلىغان مىللەت يا ئۇخلار
ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنار
awral
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11056

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   45 (قېتم)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 21
 سائەت
دەرىجىسى:
21 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-22
ئاخــىرقىسى:2012-08-27
ئاپتورنىڭلا11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-26

دوستۇم مارجان بۇلاق، توغرا دەيسىز، ھەركىم ھەرخىل يېزىشى كېرەك ۋە ھەركىمنىڭ قارىشى ۋە ئىلمىي يەكۈنى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. ئەمما، ھەركىم ئۆزىنىڭ يەكۈنىنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويالىشى ھەم كېرەك. ماقالىنى تولۇق ئوقۇدىڭىزمۇ بىلمەيمەن. ئاپتورنىڭ دەۋاتقىنىمۇ شۇ: ئىلمىي ئاساسى بار يەكۈن چىقىرىڭلار، ئىلمىي ئاساسىڭلار ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل بېرىڭلار (خاسلىقنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈرىۋالىدىغان ھىكايىۋى دەلىل بولمىسۇن). ئەلىۋەتتە، ئىلىم دۇنياسىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئادەم ساماندەك بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ساھەسىدە شۇ ساھەنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئېتراپ قىلغان بىر يېڭى ئىلمىي خۇلاسە چىقىرالىغانلار ساناقلىقلا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتورنىڭ، ئەگەر ئۆز ئىلمىىي تەتقىقات ساھەرىڭلاردا بىرەر خۇلاسە چىقىرالمىساڭلار، شۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي (تەرەپسىز، ھېسيات قوشۇلمىغان، ئىلمىي دەلىلگە تايانغان) كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىڭلار دېگەن قارىشى تولىمۇ ئورۇنلۇق. مەسىلەن مېنىڭ كەسپىم كومپىيوتېر، ئاللاھ خالىسا كومپىيوتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمگە سۇنالىسام دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم. چۈنكى بىز سىرتتىكى ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار دۇنيانىڭ پەن مائارىپى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، شۇڭا. خەلقىمىزنى بۇ تۆپىلىكتىن باھالىماي، بەلكى ئۆزىمىز ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىدا تەقدىم ئېتەلىسەك، بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۆز كەسپىي ساھەيىمىزدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇيغۇر جەمىئىتى توغرىسىدا بىر نەرسە يازماقچى بولساق، جەمىئەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدىن خەۋەردار بولىشىمىز ۋە خۇلاسىمىزگە بېرىلىدىغان دەلىلگە دىققەت قىلىشمىز لازىم. بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان پىكىردۇر. ئامال بار، ۋاقتىڭىز يەتسە ماقالىنى بىر ئوقۇپ چىقسىڭىز، ئاندىن ئۇنىڭغا قوشۇلمايدىغان يەرلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز. (ئالدىنقى ئىنكاسلاردا يازغىنىمدەك، بۇ ماقالە نەق مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم بوپتۇ، شۇڭا قوشۇلىدىغان ۋە قوشۇلمايدىغان نۇقتىلىرىڭىزدا پىكىر ئالماشتۇرساق). Z+*9#!?J  
ئامانلىقلار قېرىندىشىم.
ABAYTARIM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11163

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1300 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   130 (قېتم)
 تۆھپە:   130  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 152
 سائەت
دەرىجىسى:
152 سائەت 48 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-26
ئاخــىرقىسى:2013-06-24
ئاپتورنىڭلا12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-27

ھەجىقەتەن ئېسىل ماقالا ئىكەن . مۇنبەر مۇشۇنداق ماقالىلارنى باش بەتتىن ئالدىراپ يۆتكىمىسە دېگەن ئۈمىددىمەن .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى