ئەسسالام مۇنبەر ئەھلى ، ياشىمۇسىلەر ...
ChW0vIL` مەن بۈگۈن مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولدۇم . قالدى گەپنى كىيىنچە تۇنۇشۇپ چىقىشىپ قېلىش جەريانىدا دىيىشىۋالامىز ، مەزكۇر مۇنبەرنىڭ كۆڭلۈمدىكۈدەك مۇنبەر بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن. تۆۋەندە سىلەرگە ئىجادىئىي رۇبائىلىرىمدىن بىر قانچىنى سوۋغا قىلاي. مۇنبەرگە يوللىغان تۇنجى تېمام .
aK>9:{]ez bmm@oi 1. قىمار بىلەن ئۆتكەن كۈنۈڭ دوزاخ بىلەن تەڭداش كېلۇر ،
ئۇتقىنىڭ دۇنيا ئەمەس ، ساتقىنىڭ ۋىجدان - غۇرۇر .
ئەلمىساقتىن ھۆرمەتلىنىپ باققان ئەمەس قىمار دېگەن ،
ھېلىھەممۇ خەلقىم ئۇنى يەر بىلەن يەكسان بىلۇر .
%~;Q_#CR/K StDmJ] ?|8Tgs@+ i]-gO 2. ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتەر توخۇ - كەپتەر يەم بىلەن ،
نادان ئادەم بىر ئۆمۈر ئۆتەر مىسكېن غەم بىلەن .
بۇ تۇرمۇشتا پېشكەللىك ئەگىپ يۈرگەچ ئادەمنى ،
ھالاك بۇلۇر ئاخىرى گەر يۈرمىسە پەم بىلەن .
p)^:~ll yUSB{DLpla RsD`9>6) /C:'qhY, 3. تىل سالما ئاناڭغا ئۇ سېنى تۇغقان ،
قول سالما ئاتاڭغا ئۇ سېنى باققان .
تۇغۇلۇپ شۇنچىلىك ئادەم بولغۇچە ،
ئوتۇڭدا كۈل بۇلۇپ ، سۈيۈڭدە ئاققان .
D+)=bPMe ?iLd5 Z -h@0 1 :ky<`Jfr` 4. ھاياتلىق ئىنسانغا مەنسۇپتۇر بىر رەت ،
شۇ قارا تۇپراققا سېڭەر ئاقىۋەت .
تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئادەمدەك ياشاپ ،
ياراتقىن ئەل ئۈچۈن ھەقىقى قىممەت .
(K6`nWk2 e8 7-B1` w~U`+2a3 6{$dFwl 5. ۋاقىتنى توسۇشقا يوق ھەرگىز ئىمكان ،
چۈنكى ئۇ كۆرۈنمەي يۈرۈيدۇ پېنھان .
ئۇنۇتما بۇ دۇنيا بىزگە ساھىپخان ،
ياشلىقىڭ بىھۇدە ئۆتمىسۇن ئىنسان .
J4}\V$ysN :2pBv#\"qk E)JyKm. dn\F! 6. سۆيگۈ ئۇ يۈرەكتىن چاچرىغان ۋولقان ،
ھەم شۇنداق مۇھەببەت نەپرەتكە تولغان .
قەدىرلە سۆيگۈنى پەس كۆرمە ئەسلا ،
سەنمۇ ھەم بىراۋغا كۆيگەن زار بولغان .
mrC+J* 'f$L L{LU@.;1 /HuYduGdP __ مەنبە ____ ئۆز قەلىمىم . 2008.04.11.....كۈنى ، لەنجۇ .