ئەسسالام مۇنبەر ئەھلى ، ياشىمۇسىلەر ...
#cG479X" مەن بۈگۈن مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولدۇم . قالدى گەپنى كىيىنچە تۇنۇشۇپ چىقىشىپ قېلىش جەريانىدا دىيىشىۋالامىز ، مەزكۇر مۇنبەرنىڭ كۆڭلۈمدىكۈدەك مۇنبەر بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن. تۆۋەندە سىلەرگە ئىجادىئىي رۇبائىلىرىمدىن بىر قانچىنى سوۋغا قىلاي. مۇنبەرگە يوللىغان تۇنجى تېمام .
-0da"AB )K>@$6H+2 1. قىمار بىلەن ئۆتكەن كۈنۈڭ دوزاخ بىلەن تەڭداش كېلۇر ،
ئۇتقىنىڭ دۇنيا ئەمەس ، ساتقىنىڭ ۋىجدان - غۇرۇر .
ئەلمىساقتىن ھۆرمەتلىنىپ باققان ئەمەس قىمار دېگەن ،
ھېلىھەممۇ خەلقىم ئۇنى يەر بىلەن يەكسان بىلۇر .
Gc!8v}[7J =awO63j> IWo~s chmJ| 2. ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتەر توخۇ - كەپتەر يەم بىلەن ،
نادان ئادەم بىر ئۆمۈر ئۆتەر مىسكېن غەم بىلەن .
بۇ تۇرمۇشتا پېشكەللىك ئەگىپ يۈرگەچ ئادەمنى ،
ھالاك بۇلۇر ئاخىرى گەر يۈرمىسە پەم بىلەن .
|QOJ9~hxD (Q8?) MlK`sH6 }FiN 7# 3. تىل سالما ئاناڭغا ئۇ سېنى تۇغقان ،
قول سالما ئاتاڭغا ئۇ سېنى باققان .
تۇغۇلۇپ شۇنچىلىك ئادەم بولغۇچە ،
ئوتۇڭدا كۈل بۇلۇپ ، سۈيۈڭدە ئاققان .
Z/kaRnG[@t ioNa~F& - (_e=3$ uy _i{Y| 4. ھاياتلىق ئىنسانغا مەنسۇپتۇر بىر رەت ،
شۇ قارا تۇپراققا سېڭەر ئاقىۋەت .
تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئادەمدەك ياشاپ ،
ياراتقىن ئەل ئۈچۈن ھەقىقى قىممەت .
ZoON5P> Mq:'-` ]vQ?]d?>a d&T6p&V$ 5. ۋاقىتنى توسۇشقا يوق ھەرگىز ئىمكان ،
چۈنكى ئۇ كۆرۈنمەي يۈرۈيدۇ پېنھان .
ئۇنۇتما بۇ دۇنيا بىزگە ساھىپخان ،
ياشلىقىڭ بىھۇدە ئۆتمىسۇن ئىنسان .
"Z 2Tc) 8| e$ n!ZP?]FR [Ba2b: l6v 6. سۆيگۈ ئۇ يۈرەكتىن چاچرىغان ۋولقان ،
ھەم شۇنداق مۇھەببەت نەپرەتكە تولغان .
قەدىرلە سۆيگۈنى پەس كۆرمە ئەسلا ،
سەنمۇ ھەم بىراۋغا كۆيگەن زار بولغان .
gJPDNZ*6pk z/0yO@_D/q e-iYJ? oB0 8 __ مەنبە ____ ئۆز قەلىمىم . 2008.04.11.....كۈنى ، لەنجۇ .