ئەسسالام مۇنبەر ئەھلى ، ياشىمۇسىلەر ...
DwXzmp[qWH مەن بۈگۈن مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولدۇم . قالدى گەپنى كىيىنچە تۇنۇشۇپ چىقىشىپ قېلىش جەريانىدا دىيىشىۋالامىز ، مەزكۇر مۇنبەرنىڭ كۆڭلۈمدىكۈدەك مۇنبەر بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن. تۆۋەندە سىلەرگە ئىجادىئىي رۇبائىلىرىمدىن بىر قانچىنى سوۋغا قىلاي. مۇنبەرگە يوللىغان تۇنجى تېمام .
mK3U*)A O]OZt,k( 1. قىمار بىلەن ئۆتكەن كۈنۈڭ دوزاخ بىلەن تەڭداش كېلۇر ،
ئۇتقىنىڭ دۇنيا ئەمەس ، ساتقىنىڭ ۋىجدان - غۇرۇر .
ئەلمىساقتىن ھۆرمەتلىنىپ باققان ئەمەس قىمار دېگەن ،
ھېلىھەممۇ خەلقىم ئۇنى يەر بىلەن يەكسان بىلۇر .
V9:h4] .".xNHR# eMPkk=V 4}:a"1P" 2. ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتەر توخۇ - كەپتەر يەم بىلەن ،
نادان ئادەم بىر ئۆمۈر ئۆتەر مىسكېن غەم بىلەن .
بۇ تۇرمۇشتا پېشكەللىك ئەگىپ يۈرگەچ ئادەمنى ،
ھالاك بۇلۇر ئاخىرى گەر يۈرمىسە پەم بىلەن .
(>THN*i V j\1HQ *@J GdFTKOq 3. تىل سالما ئاناڭغا ئۇ سېنى تۇغقان ،
قول سالما ئاتاڭغا ئۇ سېنى باققان .
تۇغۇلۇپ شۇنچىلىك ئادەم بولغۇچە ،
ئوتۇڭدا كۈل بۇلۇپ ، سۈيۈڭدە ئاققان .
R v61*F4 _w+ix9Fr? 9QaEUy*, v~>^c1: 4. ھاياتلىق ئىنسانغا مەنسۇپتۇر بىر رەت ،
شۇ قارا تۇپراققا سېڭەر ئاقىۋەت .
تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئادەمدەك ياشاپ ،
ياراتقىن ئەل ئۈچۈن ھەقىقى قىممەت .
,5jE9 c yq]-B ,^MA,"8 ShAI6j 5. ۋاقىتنى توسۇشقا يوق ھەرگىز ئىمكان ،
چۈنكى ئۇ كۆرۈنمەي يۈرۈيدۇ پېنھان .
ئۇنۇتما بۇ دۇنيا بىزگە ساھىپخان ،
ياشلىقىڭ بىھۇدە ئۆتمىسۇن ئىنسان .
MIPmsEdBi >jjuWO3T Gd$odKtI [xT2c.2__J 6. سۆيگۈ ئۇ يۈرەكتىن چاچرىغان ۋولقان ،
ھەم شۇنداق مۇھەببەت نەپرەتكە تولغان .
قەدىرلە سۆيگۈنى پەس كۆرمە ئەسلا ،
سەنمۇ ھەم بىراۋغا كۆيگەن زار بولغان .
8=x{>&Jr o0Qy?14T- -R4t 1bb~u/jU __ مەنبە ____ ئۆز قەلىمىم . 2008.04.11.....كۈنى ، لەنجۇ .