ئىگىسى: erdewil

كالا سۈتى ئىچىشنىڭ 11 خىل پايدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4424
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2195
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىم سۈرىدۇ،شۇڭا ئىچمەيمەن

UID
11145
يازما
125
تېما
25
نادىر
2
جۇغلانما
1125
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 12:17:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمدىن سۈت ئىچىش بىلەن ئانچە خۇشۇم يوق ئىدى،شۇڭا مەنمۇ ئىچمەيمەن،ئانا سۈتىنىڭ پايدىسىنى جىقراق سۆزلەڭلار

تىرىشچان ئەزا

نادانغا نەسھەت ق

UID
3368
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
870
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 17:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىإالدىم. رەەمەت سىزگە!

UID
6514
يازما
139
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1420
تىزىملاتقان
2010-10-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 20:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇت بىز ھەر كۇنى ئىچىدىغان ئەڭ مۇھىم مەىسۇلات . داۋاملىق ئىچىپ تۇرغىنىمىز مىنىڭچە ياخشى.

كۆيۈمچان ئەزا

4تادۇ ئۇيغۇر تېب

UID
8092
يازما
45
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1606
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 20:30:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈت سېتىۋېلىش ۋە ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشكە تىگىشلىك ئىشلار:

سۈتنى پاكىز ، سالقىن ۋە ھاۋالىق جايدا پاكىز فار-فور قاچىلاردا ساقلاش كېرەك . مىس ، تۆمۈر ، ئاليۇمىن قاچىلارغا قاچىلىماسلىق كېرەك . ئەگەر سۈت سۈزۈك ئىدىشلارغا قاچىلاپ قويۇلسا 24 سائەت ئىچىدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىن C ۋە باشقا مۇھىم تەركىبلەر بۇزۇلۇپ كېتىدۇ . پۇرىقىمۇ ئۆزگىرىدۇ .



سۈت ئىچكەندە بېراقلا كۆپ ئىچىۋەتمەي ، يۇتۇم - يۇتۇمدىن ئىچىش كېرەك . بىر قېتىم سۈت ئىچىپ تۆت سائەت ئۆتمىگۈچە قايتا سۈت ئىچمەسلىك كېرەك . سۈت ئىچكەندىن كېيىن چۈچۈمەل نەرسىلەرنى يېمەسلىك ، گۆش يەپلا ئارقىسىدىن سۈت ئىچمەسلىك كېرەك . يەنە گۆشنى كۆپ يەيدىغانلارغا سۈت مۇۋاپىق كەلمەيدۇ . سۈت ئىچكەندە قورسىقى ئېسىلىدىغان ، ئىچى سۈرىدىغانلار سۈتكە ئازراق سودا قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ . قورساق بەك ئاچ ۋاقىتتا سۈت ئىچمەسلىك كېرەك ، بولمىسا ئاشقازاننى بۇزىدۇ .

سۈت سېتىۋېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك :

بىرى ، بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت تالقانلىرى يېغى ئايرىلمىغان سۈت تالقانلىرى ۋە ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تالقىنى دەپ ئىككى ىىل بولىدۇ . يېغى ئايرىلمىغان سۈت تالقىنى يېڭى سۈتنى ھىم جايدا مىكروبسىزلاندۇرۇپ قىزىتىپ ، سۇسىزلاندۇرۇپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ . بۇ خىلدىكى سۈت تالقىنىدا يېڭى سۈتتىكىدەك ياغ ، ئاقسىل ، ۋېتامىن ، ۋە سۈت قەنتلىرى پۈتۈنلەي ساقلىنىدۇ . بۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ، بۇ خىل سۈت بالىلار ، ئۆسمۈرلەر ئېگىز جايلاردا ، كان ئاستىدا ، يۇقىرى ھارارەتلىك جايلاردا ئەمگەك قىلغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ . لېكىن ، بوۋاقلارغا بېرىشتە 1:4 نىسبەتتە سۇ  قوشۇپ ئاندىن بېرىش كېرەك . بەك قۇيۇق بېرىلسە پايدا قىلمايلا قالماي ، بەلكى بالىلارنىڭ مېڭە ئۇششاق قان تومۇرلىرىنى يېرىۋېتىپ ، قاناش ، تارتىشىپ قېلىش ۋە بىھۇشلۇق كېسەللىك ھالەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ .  ئىككىنچى خىلى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تالقىنى بولۇپ ، ئۇنى ياساش ۋاقتىدا ساپ سۈتنىڭ ياغلىرىنى ئايرىۋېتىپ ، باشقا ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قالدۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىدۇ . شۇڭا تەركىبلىرىدە ياغ ئاز ، ئوڭاي ئېرىيدۇ ۋە ئاسان ھەزىم بولىدۇ . بۇنداق سۈت ئاشقازان ئۈچەيلىرىدە كېسەللىك بار ، ھەزىم قىلىشى ناچار ، ھەرىكەتلىك تومۇرلىرى قاتقان ۋە قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرگە مۇۋاپىق  كېلىدۇ .  

سۈت تالقانلىرىنى سېتىۋالغاندا سۈت رەڭ ، دانلىرى بىر خىل خۇشپۇراق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك . ئەگەر كاللەكلەشكەن ، پۇرىقى ئۆزگەرگەن بولسا ، بۇنداق سۈت بۇزۇلغان سۈت ھېسابلىنىدۇ .

ھاياتلىق دەستۇرىدىن ئېلىندى


سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار



     بىرىنچى، ماتېرىيالغا دىققەت قىلىش. سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ساپ سۈت دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىنكى مەھسۇلات. ئەمما يەنە بەزى سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتى سۈت تالىنىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. بۇنى بىز‹‹ ئەسلىگە قايىتقان سۈت››دەيمىز. ساپ سۈتنى تالقانغا ئايلاندۇرۇش داۋامىدا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى چوقۇم بەلگىلىك دەرىجىدە ئازىيىشى مۇمكىن. شۇڭا ئېلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سۈت مەھسۇلاتى سۈت تالقىنىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىشلەنگەن بولسا، بۇ جەريان ئۇنىڭ ئورالمىسىغا ئېنىق يېزىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن.

     ئىككىنچى، ئاقسىل مىقدارىغا دىققات قىلىش. ھەر 100مىللىمېتىر يېڭى كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ئۈچ گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. 100 مىللىمېتېر سۈت تەركىبىلىك ئىچىملىكلەر تەركىبىدە بولسا بىر گرام ئاقسىل بولىدۇ. باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر، يەنى كالتسىينىڭ مىقدارى يېڭى كالا سۈتىنىڭكىدىن خېلىلا ئاز بولىدۇ. شۇڭا سۈتتىن ئىشلەنگەن ئىچىملىكلەرنى ساپ سۈت ئورنىدا كۆرىشكە بولمايدۇ. قېتىق قاتارلىق ئېچىتىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىغا باشقا تەركبلەر قوشۇلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئاقسىل تەركىبى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ .

   ئۈچىنچى، ياغ تەركىبىگە دىققەت قىلىش . بازاردىكى سۈت مەھسۇلاتلىرنىڭ ياغ تەركىبىنى تولۇق ياغ تەركىبلىك سۈت، ياغ تەركىبى قىسمەن ئايرىلغان سۈت ۋە ياغ تەركىبى تولۇق ئايرىۋېتىلگگەن سۈت قاتارلىق ئۈچ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. سۇيۇق ھالەتتىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى مىسالغا ئالساق، ھەر 100مىللىمېتېر ساپ سۈت تەركىبىدە ئۈچ گىرامدىن 3.3 گرامغىچە ياغ بولىدۇ. قىسمەن ياغ تەركىبلىك سۈت مەھسۇلاتىنىڭ تەركىبىدىكى 3 دىن 2 قىسىم ياغ ماددىسى ئايرىۋېتىلگەن بولدۇ. يەنى تەركىبىدىكى ياغ تەركىبى 100مىللىمېتىردا بىر گرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ ياغ تەركىبى ئايرىۋېتىلگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىدا بولسا ياغ تەركىبى بەك ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك.

      تۆتىنچى، تەمىگە دىققەت قىلىش . بازاردىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، تەمىمۇ ھەرخىل. مېۋە تەملىك، شاكىلات تەملىك ۋە تاتلىق سۈت مەھسۇلاتلىرنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولدۇ. گەرچە ھەرخىل مېۋە تەملىك سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىچىشلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مېۋە تەمى تەبئىي مېۋىدىن كەلگەن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا بازاردا ھازىر ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاشۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىمۇ بار، مەسىلەن: ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، كالتسىي ياكى تۆمۈر ماددىسى قوشۇلغان سۈت دېگەندەك، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاشۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى ئوزۇقشۇناس ياكى دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئىستېمال قىلغان ياخشى.

سۈتنىڭ تېرىگە بولغان بىرقانچە پايدىلىق رولى


ياز كۈنلىرى كۈن نۇرى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، سىرتتا كۆپرەك تۇرۇپ قالساق تېرە كۆيۈپ كىتىدۇ. تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتسە سوغۇق سۈتنى كۆيگەن ئورۇنغا سۈرتسەك بولىدۇ. ئۇندىن باشقا تېرە داغ بولسا يېڭى سۈت بىلەن دوختۇر ئىسپىرتىنى ئۈچتەن بىر نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېرىدىكى داغقا سۈركىسەك بولىدۇ. مۇسكۇل، پەي سوزۇلۇپ يارلانسا ئىسسىق سۈتنى سۈركىسەك شىپا بولىدۇ. كالا تەمىرەتكىسى بار كىشىلەر، كالا سۈتىنى كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ4 -- 5 مىنوت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن قازاندىكى سۈتنى ئېلېۋېلىپ، قازاندا قالغان بىر قەۋەت ئاق پەردىنى قىرىپ ئېلىپ، تەمرەتكە ئورۇنغا سۈركىسەك، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاسىر بولسا، سۈتكە ئۇششاق سوقۇلغان پىيازنى قوشۇپ، ئىككى ھەپتە سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ.

شامالداشتىن بولغان بۇرۇن ياللۇقىنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى مۇنداق: سامساق سۈيى بىلەن پىياز سۈيىگە ئازراق سۈت قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇن ئىچىگە تىمىتساق بولىدۇ. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ نىسبىتىنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆيدۈرۈپ ئاغرىق ھېس قىلمىغىدەك تەڭشىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.
بالا كېچىسى يۈتەلسە ، بىر پىيالە سۈتكە ھبىر دانە تۇخۇم ۋە بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككىگە بۆلۈپ، يېرىمىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچۈرۈپ، يەنە يېرىمىنى بالا كېچىسى يۆتەلگەندە قىزىتىپ ئىچكۈزسە شىپا بولىدۇ.


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى
4تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى.

www.4tadu.com

UID
11306
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
632
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-1
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 00:23:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كالا سۈتىنىڭ ئانا سۈتىدىنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە مەڭگۈ ئىشەنمەيمەن.بۇ دېگەنلىكىم<<چوڭلارمۇ ئانا سۈتى ئىچىڭلار>>دېگەنلىك ئەمەس،ئەلۋەتتە.ئەمما،بالىلار ئانا سۈتىگە قانسا بولاتتى........

UID
11282
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
929
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 17:53:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكيالىنىڭ ئىنكاسى تىمىنى تولۇقلاپتۇ، مەنمۇ ئانچە مۇنچە ئىچىپ قويىمەن بۇ سۈتنى، بۇلۇپمۇ بالىلارغا سۈت بەرگەننىڭ چۇقۇم پايدىسى بار دەپ قارايمەن، خەنزۇلارنىڭ، ياپۇنلارنىڭ  بەدەن سۈپىتىنىڭ بارغانسىرى ياخشىلىنۋاتقانلىقى  بۇنىڭ بىر مىسالى.

كۆيۈمچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
2387
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1763
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 12:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپ سۈتلىنىمۇ تاپقىلى بولامدۇ ھازىر!

UID
29436
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 11:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوچكە سۈتى ئىچىمەن......

UID
31798
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-3-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 06:27:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش