كۆرۈش: 16986|ئىنكاس: 26

كالا سۈتى ئىچىشنىڭ 11 خىل پايدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6683
يازما
47
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1757
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-28
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 11:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كالا سۈتى ئىچىشنىڭ 11 خىل پايدىسى

        دۇنيا ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەر 100گىرام كالا سۈتى تەركىبىدە70.5كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى، 3.4گىرام ئاقسىل،3.7گىرام ماي ۋە 125مىللىگىرام  ئەتراپىدا كالىتسىي بار بولۇپ، ھەزىم بولۇش نىسبىتى98~100پىرسەنتكە يېتىدىكەن. كالا سۈتىدە يەنە ۋىتامىن ب 2 (0.14مىللىگىرام،رىبوفلاۋىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)بىلەن ۋىتامىن ئا(24مىللىگىرام)مول بولۇپ،ئاقسىل تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۈرلۈك ئامىنو كىسلاتاسى بار ئىكەن. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە كالا سۈتى ‹‹ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول  يېمەكلىك››، ئىنسانىيەت ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى‹‹ئاق رەڭلىك قان››دەپ قارالماقتا.
   گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى كالا سۈتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتدا ئىسپاتلىنىشىچە، كىشىلەر ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە ئاز دېگەندىمۇ 11 خىل پايدىغا ئېرىشىدىكەن.
1.كالا سۈتىدە كالىي بار بولۇپ،قان بېسىم يۇقىرى چاغدا ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ تۇراقلىق ھالەتتە تۇرۇشىنى ساقلاپ،سەكتىنىڭ يۈز بېرىش خەۋىپىنى يېرىم ھەسسە ئازايتىدۇ. يەنە يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. يېمەكلكلەر تەركىبىدىكى زەھەرلىك مېتال ئېلىمنىت قوغۇشۇن بىلەن كادمىينىڭ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرلىشىنى توسىدۇ.
3.قېتىق بىلەن مايسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ،ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسىشىنى توسىدۇ.
4.كالا سۈتىدىكى تىروزىن بولسا سېروتونىن(قان زەردابى ماددىسى)نىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5. كالا سۈتىدىكى يود،سېنىك ۋە لېتسىتىن(فوسفاتىدىل خولىن)چوڭ مىڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.
6. كالا سۈتىدىكى تۆمۈر، مىس ۋە ۋىتامىن ئا قاتارلىقلارنىڭ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار بولۇپ، تېرىنى پارقىرتىدۇ ھەم تولغان كۆرسىتىدۇ.
7. كالا سۈتىدىكى كالتسىي سۆڭەكنى چىڭىتىپ،سۆڭەك يۇمشاپ كېتىش ۋە سۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
8. كالا سۈتىدىكى  ماگنىي يۈرەك ۋە نېرۋا سىستىېمىسىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
9. كالا سۈتىدىكى سىنىك جاراھەت ئېغىزىنىڭ تېز پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
10. كالا سۈتىدىكى ۋىتامىن ب 2 كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
11. كالا سۈتىدە L- ترىپتوفان قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان كالا سۈتى  ئىچىۋەتسە ئۇيقۇ كەلتۈرۈدۇ.
يۇقىرقىلاردىن باشقا ،ئالىملار 7-10ياشقىچە بالىلار ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە بىر خالتىدىن كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان ئاقسىلنىڭ%60ىنى،كالتسىنىڭ%75ىنى، فوسفورنىڭ%42ىنى، ۋىتامىن ب2نىڭ%75ىنى قاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.



ئۆمەرجان ئەمەت تەرجىمىسى

بۇ شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتىنىڭ<< ساقلىق-ساقلاش ژورنىلى>>نىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.

پۇلنى دەپ ئۇنداق قىلماڭ!!!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

ئۇنتۇپ كەت يۈرۈگ

UID
2561
يازما
621
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
20247
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 22:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئادەتتە سۈت ئىچىشكە ئامراق لىكىن كۆپ ئىچمەيمەن سەمرىپ كىتەمدىمەنكىن دەپ .سۈتنىڭ شىپالىق رولى كۆپكەن بولمىسا .

جاھاندا ئۆزۈڭدىن چوڭ كۆڭۈل يوق .

UID
8653
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
870
تىزىملاتقان
2011-1-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 00:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىسى كۆپكەن-ھە،بىلىۋالدۇق ،رەھمەت.

UID
4049
يازما
155
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
4980
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-25
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 10:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى ئۆيىمىزدىكى ئىنەكنى سىغىپ قازاندا قاينىتىپلا ئىچكەن سۈت بىخەتەر دەپ ئويلايتىم.زاۋۇتتىن چىققانلىرىنى بولسا ئىچمەيتىم. كىيىن ئۇقۇتقۇچىمىز مۇشۇ توغۇرلۇق سوئال سوراپ قالدى.زادى قايسىسى ياخشى دەپ،ھەممىمىز دىگۈدەك يىششىقلاپ ئىشلەنمىگنى ياخشى دىدۇق.ئۇقۇتقىچىمىز كۈلۈپ كىتىپ تەببىي كالا سۈتى تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان كىسەللىك مىكروبلىرى بار.پىششىقلاپ ئىشلەنگىنى بولسا مىكروپسىزلاندۇرۇلغان،ئەمما بەدەنگە زىيانلىق تەركىبلەر بار،شۇڭا قايسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس دىگەن ئىدى.
ئۇزۇن بوپتۇ سۈت ئىچىپ باقمىغىلى.

UID
2247
يازما
723
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 10:58:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى بۇۋاقلارغۇ كالىنى ئىمىپلا 2 ياشقا كىرىدۇ.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

UID
3254
يازما
97
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2529
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 11:22:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كالا سۈتىنىڭ پايدىسى كۆپ . لېكىن بازارلاردىكى كالا سۈتلىرىنى ئامال بار ئىچمەسلىكىمىز كېرەك . سۈت ياسايدىغان زاۋۇتلارغا بارغانلارنىڭ دىيىشىچە ، بىر خالتا سۈتكە ئاران بىر نەچچە تېمىم تەبىئى سۈت تېمىتىلىدىكەن . باشقىسى ئارىلاشما ، يەنى سۈتنىڭ تەركىبىدە بۇلۇشقا تىگىشلىك ماددىلارنى قوشىدىكەن . شۇڭلاشقا تەبىئى كالىدىن سېغىلغان سۈتلەرنى ئىچىشىمىز كېرەك . ئۆتكەندە تېخى قايسى بىر مۇنبەردە خالتىلىق سۈتنى ئەخلەت ئاياقلارنىڭ تەركىبىدىن ئايرىپ چىقىرىلغانلىقىنى ، ھۈكۈمەت تەرەپتىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئوقۇدۇم . بىز بىلىپ بىلمەي ئىچىۋاتقان سۈتلەر زادى ئىشەنچلىكمۇ ؟ مىنىڭچە ئەڭ ئىشەنچلىكى ئارمان سۈتلىرى .باشقىلىرى ، ھەتتا مەيچۈئېر سۈتلىرىگىمۇ ئىشەنمەسلىك كېرەك .
  مەن ئادەتتە تەبىئى سۈتنى ئىچىمەن . ھەركۈنى مەھەللىمىزگە يېزىدىن سېغىپ ئەكەلگەن تەبىئى سۈت ئەكىلىپ ساتىدىغانلار بار . شۇلاردىن كۈندە سېتىۋېلىپ ئىچىمەن . مۇشۇ خالتىلىق ، قۇتىلىق نەرسىلەرگە ھەرخىل ئارىلاشمىلارنى ئارىلاشتۇرىدۇ . شۇڭلاشقا مەيلى سۈت ، مەيلى ئىچىملىك ھىچقايسىسىنى ئىچمەيمەن . پەقەت ئۆيدىن ئايرىلغان ، تەبىئى ئىچىش ئىمكانىيىتى يوق چاغلاردىلا ئامال يوق .

UID
11177
يازما
232
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1763
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-18
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 17:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا تەبئى كالاسۈتىنىمۇ سۈزۈلدۈرۈپ ئىچسەك بولغۇدەكتە  [s:2]  [s:2]

UID
6361
يازما
20
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
940
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 18:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 5قەۋەتتىكىfayiza يوللىغان 2011-05-13 11:22 غا قارتىلغان  :
  كالا سۈتىنىڭ پايدىسى كۆپ . لېكىن بازارلاردىكى كالا سۈتلىرىنى ئامال بار ئىچمەسلىكىمىز كېرەك . سۈت ياسايدىغان زاۋۇتلارغا بارغانلارنىڭ دىيىشىچە ، بىر خالتا سۈتكە ئاران بىر نەچچە تېمىم تەبىئى سۈت تېمىتىلىدىكەن . باشقىسى ئارىلاشما ، يەنى سۈتنىڭ تەركىبىدە بۇلۇشقا تىگىشلىك ماددىلارنى قوشىدىكەن . شۇڭلاشقا تەبىئى كالىدىن سېغىلغان سۈتلەرنى ئىچىشىمىز كېرەك . ئۆتكەندە تېخى قايسى بىر مۇنبەردە خالتىلىق سۈتنى ئەخلەت ئاياقلارنىڭ تەركىبىدىن ئايرىپ چىقىرىلغانلىقىنى ، ھۈكۈمەت تەرەپتىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئوقۇدۇم . بىز بىلىپ بىلمەي ئىچىۋاتقان سۈتلەر زادى ئىشەنچلىكمۇ ؟ مىنىڭچە ئەڭ ئىشەنچلىكى ئارمان سۈتلىرى .باشقىلىرى ، ھەتتا مەيچۈئېر سۈتلىرىگىمۇ ئىشەنمەسلىك كېرەك .
  مەن ئادەتتە تەبىئى سۈتنى ئىچىمەن . ھەركۈنى مەھەللىمىزگە يېزىدىن سېغىپ ئەكەلگەن تەبىئى سۈت ئەكىلىپ ساتىدىغانلار بار . شۇلاردىن كۈندە سېتىۋېلىپ ئىچىمەن . مۇشۇ خالتىلىق ، قۇتىلىق نەرسىلەرگە ھەرخىل ئارىلاشمىلارنى ئارىلاشتۇرىدۇ . شۇڭلاشقا مەيلى سۈت ، مەيلى ئىچىملىك ھىچقايسىسىنى ئىچمەيمەن . پەقەت ئۆيدىن ئايرىلغان ، تەبىئى ئىچىش ئىمكانىيىتى يوق چاغلاردىلا ئامال يوق .
  


مىنىڭچە بۇ ئىنكاسىڭىز سەل ئىشىپ كىتىپتۇ، فىرىمانى سۈت ئەمەس دىسە ئىشىنىمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئوبدان بىلىمەن. مەن سۈت مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغىلى 3 يىلدىن ئاشتى، مىۋە تەملىك سۈتلەرگە خۇرۇچ قاتىدىغىنى راس ئەمما باشقا ساپ سۈت پەقەت ساپ سۈتتىن مىكروپسىزلاندۇرۇپ، قاچىلىنىدۇ .  مەن ئىچكىردە ۋە شىنجىاڭدا نۇرغۇن سۈت ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ فىرمىسىغا كىرگەنمەن. بەزىلىرىنىڭ كالا قوتانلىرى ئىشخانىسىدەكلا پاكىز... مىڭچە قايسىنى ياقتۇرسىڭىز ئىچسىڭىز بولۋىرىدۇ. گۇمانخورلۇق قىلىپ ئىچمىگەندىن ياخشىراق. مەن بىلىدىغان خەنزۇچە ماركىدىكى سۈتلەردىن <<伊利>>  سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەتلىك ئىسلام جەمىيىتى تەرپىدىن بىرىلگەن مۇسۇلمانچە ئىجازەتنامىسى بار ۋە پاكىزلىق موھىتىمۇ شۇ ئۆلچەمگە يىتىدۇ ئادەتتە مەن كۆرگەن زاۋۇتىدا كالىنى سېغىشتىن خالتىنىڭ ئېغى تىكىلگۈچە پۈتۈن جەريان ئاپتۇماتىك مەشغۇلات سىتىمىسى بولۇپ ئادەمنىڭ قولى تەگمەيدۇ.

http://balbal.blogbus.com

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1006
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42729
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
426 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-13 23:02:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈت دېسە ئىچىپ كېتىمەن بىرخىلدا. قىزلارغا بەك پايدىلىق ئىشقىلىپ.
خەق ئەتتىگىنى ئىچسە، مەن كەچلىكى ئىچىمەن، تاتلىق ئۇخلاي دەپ.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
5970
يازما
24
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
775
تىزىملاتقان
2010-9-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-23
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 11:13:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك كۆپ ئىچىمەن..كۈندە مومامنىڭ ئۆيىدە سۈتىنى ئۆزۈم ئاچىقىمەن..شۇڭا ھەمىمىدىن كۆپ ئىچىمەن..... سۈت ھەقىقەتتەن پايدىلىق...

بەخىت ئۆز قولىمىزدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش