- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 206
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 206
- تىزىملاتقان
- 2014-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-12
- UID
- 60891
- يازما
- 206
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 206
- تىزىملاتقان
- 2014-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-12
- توردا
- 51 سائەت
|
karakhan يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 23:27 
ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيەت مەركىزى قەدىمىي شەھەر دەپ ...
مەن بۇ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن. دېمىسىمۇ قەشقەر تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ يۈكسەك تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشلەرگە ئېرىشكەن. ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بىر ئەسىرىدە ئەنگىليەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مەدىنيەت، تەتقىقات يىغىلىشىدا ياپونىيەلىك بىر ئالىم ئەنگىليەلىك بىر ئالىمغا: ئەگەر سىزنىڭ قايتا تۇغۇلۇش پۇرسىتىڭىز بولغان بولسا نەدە تۇغۇلۇشنى ئۈمۈت قىلاتتىڭىز دەپ سورېغان سوئالىغا ئەنگىليەلىك بۇ ئالىم مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئىنسانىيەت مەدىنيىتىگە يۈكسەك تۆھپە قوشقان تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن تەرەققى قىلىپ شانلىق مەدىنيەت تۆھپىلىرى بىلەن دۇنيا ئەھلىنى ئۆزىگە تارتقان ئۇيغۇر دىيارى شىنجاڭدا تۇغۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم دېگەن. دېمەك بۇنىڭدىنلا بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنيەت چەمبىرىكىنىڭ مەركىزى قەشقەر دېگەن قاراش كېلىپ چىقىدۇ. لىكىن ئۆزۈمنىڭ تورلاردا كۆرگەن ۋە قەشقەرگە بېرېپ ھېس قىلغىنىم : قەشقەرنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئادەمگە تولىمۇ مېھرى سوغۇق تۇيۇلىدىكەن. بۇرۇنقىدەك مېھرى ئىسسىق ھالىتىدىن ئەسەر قالماپتۇ. كۆۋرۈكبېشى، نوبېشى، كوزىچى يار مەھەللىسى، قەشقەر سىفەن ، كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنڭ ئەتراپىدىكى قەدىمقى قۇرلۇشلارنىڭ، مەدىنيەت ئىزنالىرىنىڭ ئورنىنى ياسالمىلىق بىلەن زىننەتلىگەن قۇرلۇشلار ئاپتۇ. بۇرۇنقى تەبىئى، چىن بولغان مەدىنيەت پۇرقى ھۆسنىنى يوقاتقان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا قەشقەرنىڭ بۇرۇنقى تەبئىيلىكى يوقاپ سۈنئىيلىشىپ كېتىپتۇ.
پۇتۇنلەي ساختىلىق، ياسالمىلىق ئارلىشىپ كېتىپتۇ. شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم، بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا قەشقەر ھازىر ياش تۆكېۋېتىپتۇ دېسە توغرا بولغۇدەك |
|