بۇ 8قەۋەتتىكىmaxal20 يوللىغان 2011-05-07 01:18 غا قارتىلغان :
ئادەتتە پاسپورت ۋە ۋىزىلاردا خەنزۇچە پىنيىننى ئىشلىتىدىغۇ دەيمەن. مەن ئوخشىمايدىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم تېخى جۇڭگو پاسپورتىدا. دېمەكچى ئۆلچەملىك يېزىلغىنىنى... بۇ بىر چوڭ مەسلە..
تامامەن ئۇنداقمۇ ئەمەس.مەن ئىچكردە،مىنىڭ پاسپورتتىكى ئسمىمنى ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بويىچە يازدۇردۇم،بۇنىڭغا 20يۈەن ئىزاھلاش(备注)ھەققى تۆلىدۈم(ئسمىمىزنىڭ خەنچە يىزىلىشىنى ۋە خەنچە پىنيىنىنى ئۈچۈنجى بىتىدە ئىزاھلاپ بىرىدۇ).دوستلىرىممۇ شۇنداق يازدۇردى،ئەلۋەتتە مەندىن بۇرۇنقىلار خەنچە يازدۇرۇپتىكەن.خىلى مۇنازىرلىشىپ ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بويىچە يازدۇردۇم.كىيىن دوسىتلارغىمۇ شۇنداق قىلىڭلار دىسەم ،ئۇلارمۇ شۇنداق يازدۇردى.ھازىر پاسپورت بىجىرگىلى بارغان بالىلاردىن جىق گەپ سورىمايلا ئسمىنى قايتا-قايتا ئملا تەكشۈرۈشنى تەكىتلەپ،بىز خاتالىق يوق دىگەندىلا"بولدى،خەۋرىمىزنى كۈتۈڭ "دەپ ئشمۇ پۈتىدىغان بولدى. جۈملىدىن بىز پاسپورتتا ئسمىمىزنى ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بىلەن قوللاندۇق.
تىمىغا كەلسەك مەن گۈلەننىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن،ئسمىمىزنى ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بىلەن قوللانغىنىمىز ئەۋزەل."ې،ى"نى"i"بىلەن،"ئە"نى"E“بىلەن يازدۇق.باشقا ھەرپلەرنى ”ULY“بىلەن ئوخشاش يازدۇق.