كەچۈرۈڭلار كۆپچىللىك، بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى توغرىسىدا سورىماقچى ئىدىم، كەسىپ ئىگىلىرى تەلىم بەرگەي.
توۋەندىكىسى ماڭا ھاۋالا قىلغۇچى خەنزۇ ئاغىنەمنىڭ سۇئاللىرى:
تۆۋەندىكى سول تەرەپتىكىسى خەنزۇچە ئىسىملار، مەن ھازىر بۇ كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىنگلىزچىدە قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى، ئوڭ تەرەپتىكىسى مەن تۈرك تىلىدىكى كىشى ئىسىملىرىدىن تەرجىمە قىلغانلىرىم ۋە ھازىرقى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان تەرجىمىلەر، لېكىن بۇلارنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلمەيمەن، شۇڭا كۆپچىللىكنىڭ ياردەم قىلىشىنى سورايمەن:
迪力木拉提·巴吐尔 Dilmurat Batur
阿不都外力·阿不来提 Abduail Abulait
耶合亚·阿不力克木 Yahia Ablikm
巴力·买买提依力 Bari Mamatil
拜合提亚尔 Bahityar
依力汗木 Elham
木热合买提江·莫扎帕 Mirakhmadjon Muzaffar ئىلگىرى يەنە Mirahmetjan Muzepper دەپ تەرجىمە قىلىنغان، قايسىسى توغرا؟
تۆۋەندىكىلەرنىڭ رەسمىي ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى يوق ئىكەن، ياردەم قىلغايسىلەر:
吾提库尔·艾山
帕尔哈提·阿孜买提
依布拉音江
叶尔扎提
阿地力江
叶尔多斯
阿不都热扎克
木乎塔尔江
塔依尔
艾思哈
沙拉衣丁
祖力亚
艾尔帕提
伊拉木江.伊明
塔力哈尔
毛尔当
达吾提.切里牙孜旦
艾力哈木
ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى ئىككى ئىسىم تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى، بۇلارنىڭ ئىنگلىزچىسىلا باركەن، خەنزۇچىسى يوقكەن، بۇلارنىڭ خەنزۇچىسىنى سورايمەن:
Serkan Kirintili
Hayrettin Yerlikaya
يەنە، شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەر، مەسىلەن قازاق، ئۆزبېك قاتارلىقلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى بىلەن ئوخشاشمۇ؟
بىلمىدىم، دۆلەتنىڭ بىر قەدەر سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان شىنجاڭ كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش قائىدىسى ياكى شىنجاڭ كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە-ئىنگلىزچە سېلىشتۇرمىسى قاتارلىق كىتابلار بارمۇ-يوق؟
ياكى l=力,ra=热,m=木دېگەندەك سېلىشتۇرما جەدىۋەللىرىنى تاپقىلى بولامدۇ؟