ئىگىسى: mehzun

نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ دادىسى بىلەن سۆھبىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
30922
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-2-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 21:27:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەببىمىزدىن ھەممەيلەنگە نۇسىرەت ئىاتا قىلىشىنى تىلەيمەن..

تىرىشچان ئەزا

www.otturaasiya.org

UID
6915
يازما
34
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
924
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 14:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
888888 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-28 22:29
موھەممەت سلېھ ھاجېم ۇيغور خەلقېنېڭ پەخېرلېك ېسلامې ال ...

ماۋۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بىرىدىغانلار بارمۇ؟ بۇ تىلنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن...

باھا سۆز

mirzaulugbag  قازاقتىن بىرەنى ئەكەلمىسەك بولمىغۇدەك قارىغاندا !!  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 20:18:03

تىرىشچان ئەزا

www.otturaasiya.org

UID
6915
يازما
34
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
924
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 14:09:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ تىنىنى تېخىمۇ سالامەت، ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي...

UID
12515
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2011-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 19:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نۇتۇقتا سۆزلەنگىنى  كوكا-كولا ئىچملىكىنىڭ ئۆزى بولماستىن بەلكى مۇشۇ ئىچىملىككە سىموۋۇل قىلىنغان غەرب -مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى -دۇنياسى ،ئېدىلوگىيەسى ،دۇنيا-قارىشى ئېچىپ بېرىلگەن ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭ تەسىرىدە غەربلىشىپ كىتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئخچام ھالدا سۆزلەنگەن  بۇ تىما ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب مەدىنىيىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى،ئېدىلوگىيەسىنى زامانغا ماسلاشقان ھالدا توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.بۇ نۇتۇقنى ئاخىرغىچە سەۋىرچانلىق بىلەن تۇلۇق كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
                                         بىر ئەۋلاد كوكا-كولاسىمان مۇسۇلمانلار   
ئابدۇرېھىم .گىرىن ئىلگىرى رىم كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، بۇرۇن موناخلارنىڭ ياتاقلىق  مەكتىپىدە ئوقۇغان. ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئىزدەش جەريانىدا، ئۇ سەپەرگە چىققان، ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئوخشىمايدىغان دىن ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن تۇنۇشقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا دىنلارنى تەتقىق قىلىشقا ئىگە بولغان،  يەنى بۇددا دىنى، ھىندى دىنى، يىڭى دەۋىر ئېتىقادى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر قېتىملىق مىسىر سەپىرىدە،  ئۇ ئىسلامنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلغان، ھەمدە مۇسۇلمان بولۇشنى قارار قىلغان.
        مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ، ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئىزچىل ھالدا دىن تەشۋىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ  نۇتۇق سۆزلىگەن،  ئامېرىكا،  ھىندىستان،  سىرلانكا،  كانادا،  سىنگاپور،  پاكىستان،  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،  كۇۋايت، فىنلاندىيە، گۇيانا،  باربادوس قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان.  ر
ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋستىرالىيەدە نۇتۇق سۆزلەش   ئاۋستىرالىيە  غەربى ئاۋىستىرالىيە ئۇنۋىرىستىتى نۇتۇق
  
بىر ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىش بىلەن باشلايمىز  بىز پەقەت شۇ زاتقىلا ئىبادەت قىلىمىز ،شۇ زاتتىنلا ياردەم ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز . بىز ئاللاھتىن شۇ رەزىللىكتىن يىراق قىلىشىنى  ۋە شۇ رەزىللىك ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ئاقىۋەتتىن  ساقلىشىنى تىلەيمىز . ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھەرگىز ئازمايدۇ،ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەم ھەرگىز نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدۇ  مەن گۇۋاھلىق بىرىمەنكى بىر ئىلاھتىن باشقا بىر ئىلاھ بەرھەق يوقتۇر  يەنە گۇۋاھلىق بىرىمەنكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىدۇر  . ئاندىن ئەڭ ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ سۆزى  قۇرئان كەرىمدۇر  ئەڭ ياخشى يول مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر  ئەڭ يامان ئىش دىندا يىڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر  ھەمدە بۇ بىدئەتلەر بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە سىڭىپ كىرىپ بولدى  ھەر بىر ئىسلام ئەقىدىسىگە سىڭىپ كىرگەن بىدئەتنى بىز دىندىن تاشقىرى زىت دەپ سانايمىز  ھەم بارلىق بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر  ،بارلىق ئازغۇنلۇق گۇمراھلىقتۇر ،گۇمراھلىقنىڭ ھەممسى دوۋزىخىدۇر
بۇ يەردە بىر بوتۇلكا كوكا-كولا ئىچىملىكى بار  كوكا-كولا دېگەن نىمە ؟ مەن بىر ئوقۇپ باقاي :  كوكا- كولا شىركىتى ئىشلىگەن  ۋە قاچىلىغان يەنە شىركەت ئادرىسىنىمۇ يېزىپتۇ خېلى يامان ئەمەستەك تۇرىدۇ ..  يەنە بىزگە بۇ غەلىتە ئىچىملىكنىڭ  تەركىبىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىپتۇ  ۇ ئوبرازلىق لاھىيە ۋە چىرايلىق قۇتىدىن ئۆرگىلەي  ئۇنىڭدىكىسى پەقەت كاربون ئىككى ئوكسىدى  سۈيى خالاس  يەنە بىر بوتۇلكا گاز سۈيى   تەركىبىدە گاز ،شىكەر   1.5% رەڭ ماددىسى،يىمەكلىك كىسلاتاسى ،بەزى تەم تەڭشىگۈچ بار ئىكەن  ئەلۋەتتە ھازىر چاي ۋە قەھۋەدىن ئايرىغان بىئولوگىيەلىك ئاساستا ئىشلىتىدىغان بولدى   ۇرۇن كوكائىننى ئىشلىتەتتى بۇ نەرسە ناھايىتى قىزىقارلىق  بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز كوكا-كولانىڭ ئۆزى ئەمەس  بەلكى كوكا-كولا دېگەن بەلگە ۋەكىللىك قىلغان ۋە سىموۋۇل قىلغان مەزمۇندۇر  ئەلۋەتتە بۇ كوكا-كولا ئامىرىكا مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى ۋە  سىموۋىلى ھىسابلىنىدۇ  ناۋادا ئامىرىكا مەدەنىيىتىنى  بىر بەلگە بىلەن سىموۋۇل قىلغىلى بولسا  ئۇ ۋاقىتتا سىموۋۇل قىلغان بەلگە كوكا-كولا بولىدۇ بۇ ئىچىملىك ئامىرىكا مەدەنىيىتىگە سىموۋۇل قىلىنىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ  چۈنكى كوكا-كولا  ماتىريالىزىم مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر ھەم بۇ بىر خىل ئىستىمال مەدەنىيىتى  . بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ شۇئارى تۇرمۇشتىن بەھرى ئېلىش ئۈچۈن يەنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۇرمۇشتىن بەھرى ئېلىش ئۈچۈن  سەن پەقەت ئۆزۈڭنىڭ ھىسسىياتىنى ،ئېھتىياجىڭنى ۋە ھەۋىسڭنى قاندۇرىشىڭ لازىم  مۇۋاپىقىيەت ۋە خۇشاللىقنىڭ بىردىن بىر يولى ماددىي بايلىقلارنى ئىگەللەش ئارقىلىق ئۆزىنى قاندۇرۇش   بۇنى سېتىۋېلىش، ئۇنى سېتىۋېلىش ،بۇنىڭغا ئىگە بولۇش ،ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش   نىمىنى ياخشى كۆرسە شۇنى قىلىش ،نىمىنى يىگۈسى كەلسە شۇنى يىيىش ،نىمە ئىش قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىش   بى قىسقىغىنا ھاياتتا ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى قىلىش   ئەسلى چوقۇنۇشقا تىگىشلىك بولغان مەبۇد،ئىنسانلار ئەسلى بوي سۇنۇشقا،ئەگىشىشكە تىگىشلىك  بولغىنى ئاللاھ سۇنھانە ۋەتەئالا بولماستىن ئەكىسچە ئۆزىنىڭ ھىسسىياتى ۋە ھاۋايى ھەۋىسى بولۇپ قالدى  بىز بۇنى نەفسى-خاھىش دەپ ئاتايمىز..  ئەلھەۋە  شەخسىيەتچىلىك  ۋە نەفسى خاھىش  بۇ كوكا -كولا بۇ ھىسسىياتلارنى تەرىپلەشكە  ھەقىقەتەن مۇۋاپىق   ئۇ بۇ خىل تۇرمۇش پوزىتسىيەسىگىلا ۋەكىللىك قىلىپ قالماي  بۇ خىل ئىدىيەۋە بۇخىل دۇنيا قاراشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ  ھەم بىرلا ۋاقىتتا  قارىماققا بىرخىل چىرايلىق سىزنىڭ تۇرمىشىڭىزغا ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىدىغان  قاراشنى تەرغىپ قىلىدۇ  كوكا-كولا سىزگە نىمىنى ئېلىپ كىلىدۇ؟ سىز بىر يۇتۇم ئىچسىڭىز سىز دەرھال بىردەملىك  راھەتكە ئىرىشىسىز  بۇ خىل راھەت بولسا  ئۇ بىر خىل قانائەت  ،يەنى خۇشاللىق ھىس قىلىش ، كۈچكە تولغاندەك ھىس قىلىش  بۇ بولسا كوكا-كولا ئېلىپ كىلىدىغان ھىسسىيات بىر يۇتۇم ئىچىپ دەرھال مەمنۇنىيەت،ھاسىل قىلىش  ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ  ئۇنىڭدىن ئىرىشكىنىڭىز پەقەت قەنىت ماددىسى  ۋە ئازراق بىئولوگىيەلىك ئاساس خالاس
بەلكىم كولا سەۋەبىدىن بىر قېتىم كىكىرىشكە ناھىل بولالىشىڭىز مۇمكىن . لىكىن  ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سىزىم دەرھال  تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ  سىز دەرھال تۆۋەنلىگەنلىكىنى ھىس قىلىسىز خۇددى  سىز باشتا  ناھايىتى ھۇزۇرلانغانغا ئوخشاش  ناھايتى تىز كەيپىياتىڭىز چۈشكۈنلىشىدۇ  سىز يەنە بىر قېتىم ئۇ ھۇزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن  تېخىمۇ كۆپ كولا ياكى ئۇنڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىچىملىك ئىچىشكە مەجبۇر بولىسىز  يەنە بىر قېتىم ئۆزىڭىزنى غىدىقلاش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق  بىر خىل ھۇزۇردىن بەھرىمان بولىشىڭىز ئۈچۈن  سىز پەقەت توختىماستىن ئۇ ئىچىملىكنى ئىچىشىڭىز كىرەك  مانا بۇ ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى    ئەنە شۇ ھاۋايى ھەۋەسكە چوقىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى ئەنە شۇ ھىسسىيات بىلەن ئۆزىگە چوقىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ماھىيتى ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنىڭ بىرخىل ياشاش ئۇسۇلى  ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ..    ئۇلاردا ئىزچىل قانائەت تۇيغۇسى مەۋجۇت بولمىغان،قانائەت ھاسىل قىلىش ۋاقىتلىقلا بولغان  ۋاقىتلىقلا يۈكسىلىش   ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا كەلگىنى يەنىلا چۈشكۈنلۈك بۇ ۋاقىتلىق خۇشاللىقنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن  بىز تېخىمۇ كۆپ ئستىمال قىلىمىز،بىز ھەرخىل يوللارنى ئىزدەپ  ئۆزىمىزنىڭ نەپسىنى قاندۇرىمىز .لىكىن ئەمەلىيەتتە  نەفسى-خاھىشنى مەڭگۈ  قاندۇرغىلى بولمايدۇ بۇ بولسا ئىنسانغا بىرىلگەن بىر تەبىر . مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دەيدۇكى :«   ناۋادا ئادەم بالىسى تاغدەك ئالتۇنغا ئېرىشسە ، ئۇ تېخىمۇ كۆپرەك ئېرىشىشنى ئويلايدۇ .ناۋادا ئادەم بالىسىغا تاغدەك ئالتۇن بېرىلسە ئۇ تېخىمۇ كۆپرەك ئېلىشنى ئويلايدۇ   ئىسانلارنىڭ نەفسى مەڭگۈ قانمايدۇ تاكى ئۇ ئۆلگەنگە قەدەر .  بىزنىڭ نەفسىمىز مەڭگۈ قانمايدۇ
بىزنىڭ  قانائەت ھاسىل قىلغان ۋاقتىمىز بولسا  بىزنىڭ دەل ئۆلگەن ۋاقتىمىز . شۇڭلاشقا مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەت  ناۋادا بىز بۇنى مەدەنىيەت ،پەلسەپە ،ئىدىيە دەپ تەرىپلىسەك  بۇ مەدەنىيەتنىڭ شۇئارى  ھاياتلىقتا خۇشاللىققا ئىرىشىشنىڭ يولى  نەپسى خاھىشنى قاندۇرۇش يەنى جىسمانىي ،روھىي ،ئىدىيەدىكى نەپسىنى قاندۇرۇش مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىش بولسا  ماددىي بايلىققا ئېرىشىش ،ئەمەلىيەتتە بىزگە مەلۇمكى بۇ ھەرگىزمۇ  ئۇزۇن مەزگىللىك قانائەت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بىز ياخشى نەرسا يېڭى كىيىملەرنى سېتىۋالدۇق  يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ،يىڭى ماشىنا سېتىۋالدۇق  لىكىن بۇ خىل خۇشاللىق قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟  نەچچە سائەت  نەچچە كۈن بەلكىم نەچچە يىل  ؟؟؟  لېكىن ئۇنىڭدىن كىيىن   بىز تېخىمۇ قىممەت نەرسىلەرنى  ،تېخىمۇ چىرايلىق كىيىملەرنى،تېخىمۇ تىز يۈرۈيدىغان ماشىنىلارنى ئارزۇ قىلىمىز . بىز ھەرخىل خۇشاللىق،ھەرخىل ھاياجانغا ئىگە بولدۇق  بىز ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قىلىشقا كىرىشتۇق  لىكىن بىز ھەر دائىم تېخىمۇ بىزنى ھاياجان،غىدىقلاش ئېلىپ كىلىدىغان  نەرسىلەرنى ئىزدەيمىز خۇددى بەزى بىر كىشىلەر  نەپسى -خاھىشىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن  بىر كىچىلىك زىناخورلۇقنى ئىزدەيدۇ  ،ھايۋانغا ئوخشاش زىنا قىلىدۇ  لىكىن يەنىلا قانائەت ھىس قىلمايدۇ  چۈنكى سەن بىر قېتىم قىكىپ بولغاندىن كىيىن سەن يەنە باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆزۈڭنى غىدىقلاشقا،ھاياجانغا سېلىشقا مۇھتاج بولىسەن   شۇنىڭ بىلەن  كىشىلەر قەدەممۇ -قەدەم چۈشكۈنلىشىدۇ،شەيئىلەرگە ئاشىق بولۇش ،ئوپچا زىنا قىلىش، بەتچىۋازلىق   ئۆز ئايالى تۇرۇپ  ئۇنىڭ بىلەن قانائەت ھاسىل قىلماي  باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن ئىش -پەش تارتىشىپ يۈرۈش مانا بۇلار قانداق قىلغاندا  غىدىقلاشقا ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئىزدەشنىڭ مەھسۇلى بۇ ئەمەلىيەت سەن مەڭگۈ قانائەت ھاسىل قىلمايسەن  مەيلى قانچىلىك پۇلۇڭ بولسۇن سەن تېخىمۇ كۆپكە ئېرىشىشنى ، مەيلى سىنىڭ ئېھتىياجىڭ كۆپ بولسۇن تېخىمۇ كۆپكە ئېرىشىشنى  مەيلى سەن قانچىلىك گۈزەل بۇلساڭ  تېخىمۇ گۈزەل بولۇشنى ئارزۇ قىلىسەن  مانا بۇ ئەمەلىيەت   شۇڭلاشقا بىز پۈتكۈل غەرب دۇنياسىغا  نەزەر سالساق  بىز نىمىلەرنى بايقىدۇق ؟ بىز نۇرغۇن كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرىدىغان ئىشلارنى بايقىدۇق.پۈتكۈل مەدەنىيەت پۈتۈنلەي ئىستىمال قىلىشقا بىرىلىپ كەتكەن  بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى زادى نىمە ؟    نەتىجىسى دۇنيادا ناھايىتى ئازبىر قىسىم كىشىلەر ناھايىتى كۆپ بايلىقنى ئىستىمال قىلماقتا . 17%ئادەم دۇنيادىكى 70% بايلىقنى ئىستىمال قىلماقتا
  7 دەن بىر پىرسەنت ئادەم دۇنيانىڭ 70 پىرسەنت بايلىقىنى ئىستىمال قىلماقتا. بىزگە مەلۇم يامغۇرلۇق ئورمانلىقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا  مۇھىت بۇلغانماقتا ،دۇنيادىكى بىر قىسىم ئادەملەر ئاچارچىلىقتا قالماقتا ،بىر قىسىم ئادەملەر ئۆلۈم گىردابىدا تۇرماقتا  كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق تازىلىق ئەسلىھەلىرى پاكىزە ئىچىملىك سۈيى ،بىخەتەر يىمەكلىكى،ئاساسى داۋالنىش شارائىتى يوق   بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى قەيەردە يۈز بەرمەكتە ؟   ئاشۇ 3-دۆلەت ئەللىرى دەپ ئاتاۋاتقان دۆلەتلەردە يۈز بەرمەكتە   لىكىن سىز ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇ دۆلەتلەرنى تەتقىق قىلسىڭىز بىر قىسىم غەلىتە ئەھۋاللارنى بايقايسىز .  بەزى ئاتالمىش 3-دۇنيا ئەللىرنىڭ يىمەكلىك ئىكىسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز گەرچە ئۇلار ئاچارچىلىق تارتىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا يىمەكلىك ئىكىسپورت قىلماقتا  گەرچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە  يىتەرلىك داۋالاش  ئەسلىھەلىرى بولمىسىمۇ  لىكىن ئۇلار داۋاملىق داۋالاش ئەسلىھەلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان خام -ماتىرىياللارنى  ئىكىسپورت قىلماقتا . ئۇلارنىڭ تېخى چاپىنى تىزىدىن ئاشماي تۇرۇپ .گەرچە ئۇچچىسىغا كەيگۈدەك كىيىمى بولمىغان ھالەتتىمۇ  يەنە تېخى باشقىلارغا كىيىم ئىشلىمەكتە. بۇ يىمەكلىكلەر زادى قەيەرگە ئىكىسپورت قىلىنىدۇ ؟  بۇ خام -ماتىرىياللار،بايلىقلار قەيەرگە كەتتى ؟   شۇ مودا كىيىملەر زادى قەيەرگە كەتتى ؟ بۇ نەرسىلەرنى كىم ئىستىمال قىلىۋاتىدۇ ؟؟  ..    غەرب دۇنياسى،ئامىرىكا ،ئاۋىستىرالىيە،ياۋرۇپا    ئاشۇ نوپۇسى ئاز بىرقىسىم دۆلەتلەر  ئۇلار دۇنيا بايلىقىنى كونتىرول قىلماقتا  ،ئىستىمال قىلماقتا ،تالان-تاراج قىلماقتا .   نىمە ئۈچۈن ؟؟   چۈنكى كوكا -كولا مەدىنىيىتىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن ئۇ مەدەنىيەت ساڭا تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولۇشنى ئۆگۈتىدۇ   ئۇ بولسىمۇ كۆڭلى خالىغاننى قىلىش،ئۆزۈڭنىڭ ھايۋان كەبى تەبئىتىڭنى قاندۇرۇش بۇ بولسا بىر ھەقىقەت  بۇخىل جەمئىيەت بۇخىل مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر نامراتلىقتا ئۆتىشى كىرەك . ئۇلار چوقۇم سىياسىي ، ئىقتىسادىي،ئىدىيىدىكى قۇلچىلىقنى قۇبۇل قىلىشى كىرەك. چۈنكى غەرب كاپىتالىزىم  ماتىريالىزىم سىستىمىسى خەلقنى ئېكىسپالاتاسىيە قىلىپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدۇ يەنى ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن  يىمەكلىك،قىزىلما بايلىق ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە  ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ   ئاندىن كىيىن قايتىدىن قاچىلاپ ئىنتايىن يۇقىرى باھادا ساتىدۇ  بۇ بولسا كوكا-كولا مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيىتى ،بۇ ماتىريالىزىم پەلسەپەسىنىڭ ماھىيىتى  بۇلار بىزياشاۋاتقان بۇ دۇنياغا  خوجا بولماقتا. ئەمەلىيەت شۇكى غەرب جەمئىيىتى  ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلمىشىنى ھەرگىز توختاتمايدۇ  . ئۇلار ئۇرۇش قىلىش ، ئۇرۇشنى پىلانلاش ، ئۇرۇشقا قۇتراتقۇلىق قىلىش،خەلىقلەرنى ئۆلتۈرگەن ،بومباردىمان قىلغان ،قىرغىن قىلغان تەغدىردىمۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرى بىر  بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئاخىرقى نىشانغا يىتىش ئۈچۈن يەنى  سىياسىي،ئىقتىسادىي،ھەربىي جەھەتتە دۇنياغا خوجا بولۇش    نىمە ئۈچۈن ؟؟؟ ئامىرىكا زۇڭتىڭى بوش  ئېيىتقىنىدەك ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىك ياشاش ئۇسۇلىمىزنى قوغداش بۇلارنى ئۆزى ئېيىتقان. ئۇلارنىڭ  قىممەتلىك ياشاش ئۇسۇلى دېگىنى  بىز خالىغىنىمىزنى قىلساق بولىدۇ دېگىنى ...  خۇشالىققا ئىرىشىشنىڭ ئۇسۇلى  ئامالنىڭ بارىچە ماددىي بايلىق ئىگەللەش   دۇنيادىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈك -تىرىكى بىلەن كارىمىز يوق  پەقەت ئۆزىمزلا ئاتالمىش قىممەتلىك ياشاش ئۇسۇلىغا ئىگە بولساق بولدى مانا بۇ ئەمەلىيەت  !!   ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟؟ نىمىشقا بىر ئەۋلاد كوكا-كولاسىمان مۇسۇلمانلار دېگەن تىمىنى تاللىدۇق ؟    بىزنىڭ بۇ يەردە مۇزاكىرە قىلىۋاتقىنىمىز بۇ بىر مەيدان ئۇرۇش، بىر خىل توقۇنۇش ،بىر مەيدان ئىس تۈتەكۋە قۇرال بولمىغان بىر ئۇرۇش،دۇنيا قاراش ئوتتۇرىسىدىكى  توقۇنۇش،ئىدىيە ئاڭ ئۇرىشى، دۇنيا قارشى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بىر مەيدان ئىنسانلار تەبئىتىنىڭ نىمىلىكى توغرىسىدىكى   ئۇرۇش    ھاياتلىقنىڭ مەنىسى زادى نىمە؟؟؟  بىز نىمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولىمىز . ئىنسانلارغا نىسبەتەن  مۇۋاپىقىيەت ۋە خۇشاللىقنىڭ ھەقىقي مەنىسى زادى نىمە ؟؟ بۇ بىر مەيدان ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بىرىۋاتقان توقۇنۇش
        شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە بىر خىل دۇنيا قاراشنى،ئىدىيەنى بايقىدۇق بىرخىل پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ئوقۇمنى بايقىدۇق. ئۇ بولسا ئىسلام...   ئسلامنىڭ ئلگىرى سۈرىۋاتقىنى پۈتۈنلەي غەرب دۇنياسىغا ئوخشىمايدۇ  ئىسلام تەكىتلىگەن مۇۋاپىقىيەت ۋە خۇشاللىقنىڭ يولى ماددىي بايلىقنى ئىگەللەشنى مەقسەت قىلمايدۇ بەلكى ھەرخىل نەپسى-خاھىشنى قوغلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى قاندۇرۇشقا،تۇيۇقسىز ھاسىل بولغان قىززىقىش ۋە ھىسسياتقا ئەگىشىپ ئىش قىلىشقا بۇيرىمايدۇ ، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقي ئىھتىياجى ئۇلار بىلەن پەقەت ئوخشىمايدۇ ئەمەلىيەتتە ئىسلام ئاشۇ ئازغۇنلۇقتىكى ۋە غەزەپكە دۇچار بولىۋاتقان  كىشىلەرنىڭ  ئۆزىگە باشقا بىر مەبۇد تىكلىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.نەپسى -خاھىشقا چوقۇنغان ۋاقتىڭدا  سەن ئۇنى ئۆزۈڭگە مەبۇد قىلىۋالغان بولىسەن ئەمەلىيەتتە ئۇ سىنىڭ ئىتىقادىڭ ھىسابلىنىدۇ بىر خىل چوقۇنۇش بولىدۇ  ئەنە شۇ سىنىڭ ئىلاھىڭ، لىكىن ئۇ بىر باتىل ئىلاھ.   ئىسلام بىزگە شۇنى ئۆگۈتىدۇكى بۇ ئىنسانلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يولى ئەمەس چۈنكى بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەسلى تەبئىتى ئەمەس . ئىسلام بىزگە يەنە شۇنى ئۆگۈتۇدۇكى ئالەمنىڭ پەقەت بىرلا ياراتقۇچىسى بار ئۇ يەككە يىگانە ئاللاھتۇر ئاللاھ بۇ ئالەم ۋە بارلىق شەيئىنى ياراتتى بارلىق شەيئىلەر بۇنىڭ ئىچىدە...   ئۇ زات مەقسەتلىك ھالدا بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ ،بارلىق شەيئىلەرنى مەقسەتلىك ياراتتى ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى بار بۇنىڭ بىلەن بىر سۇئال پەيدا بولدى . بىزنىڭ يارىتىلىشىمىزدىكى مەقسەت زادى نىمە ؟؟؟  مەۋجۇت بولىشىمىزدىكى سەۋەب نىمە ؟؟؟ بىز خېلى كۆپ بولغان كوكا-كولا مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار كۆز قاراشلارنى مۇنازىرە قىلدۇق ،بىر خىل ماتىرىيالىزىم ئىدىيىسى   ئۇنداقتا ئىسلام بۇنى قانداق شەرھىلەيدۇ ؟   قۇرئان بىزگە نىمىنى ئۆگىتىدۇ؟ قۇرئان بىزگە شۇنى ئۆگۈتىدۇكى ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئالا بىزنى ئۇلۇغ بىر مەقسەتتە ياراتتى  قۇرئاندا ئاللاھ تائاللاھ:«مەن ئىساننى ۋە جىننى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈمگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتىم » دەيدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى  ئاللاھ بىزنى يارىتىشتىكى تۈپ مەقسەت پەقەت ئۆزى ئۈچۈن ئىبادەت قىلدۇرۇش   بەزى كىشىلەر   شۇنداقمۇ:..    مىنىڭ مەۋجۇت بولىشىمدىكى مەقسەت  پەقەتلا ئاللاھقا چوقۇنۇشمۇ  دەپ سورىشى مۇمكىن  بۇنداق بولىشى ئۇلارنىڭ چوقۇنۇش دېگەن ئۇقۇمغا بولغان  چۈشەنچىسىنىڭ نەقەدەر تار دائىردە ئىكەنلىكىدە.  ئۇلار ماتىرىيالىستىك  نەزىرىيە نۇقتىسىدىن چوقۇنۇش دىگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىدۇ بۇ نەزىريەلەرنىڭ ھەممىسى غەرىبنىڭ ئىجادىيىتى .غەربنىڭ ئىدىيىسى بويىچە بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىش ھىسابلىنىدۇ   ئۇلارنىڭ خىيالىدىكى چوقۇنۇش دېگەن سەن كۈندە بەش ۋاخ نامازغا بارساڭ ، ياكى ھەپتىدە بىر قېتىم چىركاۋغا بارساڭ ، ياكى سەن بەزى دىني مۇراسىمنى قىلىپ دىنني پائالىيەتكە قاتناشساڭ بۇلارنىڭ ئۆزى چوقۇنۇش بولىدۇ . لىكىن ئىسلامدىكى ئىبادەت دېگەن بۇ  ئۇقۇم  بىز چوقۇنۇش دەپ تەرجىمە قىلغان بۇ سۆز مول،تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە
           سەن قاتشاشقان ئاشۇ پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇندىن  تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئىسلامدىكى چوقۇنۇش دېگەن بۇ ئۇقۇم بىرخىل ئومۇمىييۈزلۈك تۇرمۇش ئۇسۇلى،بىر خىل مۇقەررەر بولغان ئىنساننىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىگەللىگەن ھىسابلىنىدۇ . ئۇيقۇدىن ئويغانغانغا قەدەر ئۇخلىغۇچە قەدەر ، ھەتتاكى ئۇخلىغان ۋاقتىڭدىمۇ  چوقۇنۇش دائىرىسىدە،ئىبادەت دائىرىسىدە  بولغان بولىدۇ  چوقۇنۇش،ئىبادەت سىنىڭ پۈتكۈل  ھاياتىڭنى ئىگەللىشى لازىم. بۇ نۇقتىنى قانداق قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ ؟؟؟  قانداق قىلغاندا پۈتكۈل ھاياتىمىزغا ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ ؟ ناۋادا بىز ئىبادەت دېگەن بۇسۆزنىڭ شەرھىيسىگە مۇراجىئەت قىلساق ئۇنداقتا بىز نىمىشقا ئاللاھنىڭ  بزنى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بىلىمىز  . ئۇ نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ ؟  ئىبادەت دېگەن بۇ ئەرەپچە سۆزنى بىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ياخشى كۆرگەن بارلىق ئىشلار دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ  بارلىق ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئەلا ياخشى كۆرگەن ئاللاھ خۇشال بولىدىغان  ئىشلارنى قىلىشنى  ئىبادەت دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ يەنى چوقۇنۇش ھىسابلىنىدۇ  مەيلى ئۇ قەلب جەھەتتىكى ۋە ياكى ئەمەلىيەتتىكى ھەركەت بولسۇن ...   قەلبتىكى ھەركەت دېگەن نىمە ؟؟؟  بەزى كىشىلەر شۇنداق سورىشى مۇمكىن قەلىبتىكى ھەركەت ئۇ شۇنداق بىر ھەركەتكى مەسىلەن : مۇھەببەت،ئۈمۈد،قورقۇش ،ھۆرمەت قىلىش ،ھەقىقىي ئىشىنىش ، تەۋەككۇل قىلىش، جىددىيلىشىش،يەنە راستچىللىق  بۇلارنىڭ ھەممىسى قەلىبتىكى ھەركەتنىڭ ئىپادىلىنىشى شۇڭا سەن تاقىتىڭنىڭ يىتىشىچە  قەلبىڭدىكى بارلىق ھەركەتنى جەزىملەشتۈرۈشىڭ كىرەك ئۇ ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ھەركەت بولىشى كىرەك . ئەمەلىيەتتىكى ھەركەت بولسا بارلىق بەدەننىڭ ھەركىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بارلىق ئىش ناماز،ياكى روزا ھەتتاكى ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت گەپ قىلىشىڭ يول مېڭىشىڭ ،  مۇشۇ بارلىق ئشلارنىڭ ھەممىسى  بەدەننىڭ ھەركىتى ھىسابلىنىدۇ  شۇڭا سەن تاقىتىڭنىڭ يىتىشىچە ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشىڭ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مېڭىشىڭ لازىم   ئىنساننىڭ بۇنداق ھەركەت قىلىشىدىكى سەۋەب پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىنسان ھەقىقىي رەۋىشتىكى  خاتىرجەملىك،تەڭپۇڭلۇق،خۇشاللىق،ۋە قانائەتكە ئىرىشەلەيدۇ پەقەت مۇشۇ بىرلا يول بار
        بۇنىڭدىن باشقا  ھەممىسى خۇددى كوكا-كولاغا ئوخشاش  بىر يۇتۇم ئىچسەڭ دەرھال تەسىر قىلىدۇ ساڭا بىردەملىك راھەت بەخىش ئاتا قىلىدۇ لىكىن بۇلار ھەرگىز ئۇنۇنغا بارمايدۇ ھەمدە ئوخشاش تىزلىكتە سىنىڭ كەيپىياتىڭنى بۇزىدۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ سىنى مەڭگۈ قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ خۇددى ئېزىتغۇ ساڭا قىسقا مەزگىللىك بەخىت ئېلىپ كەلگەندەك  خاتا ھىسسىيات بېغىشلايدۇ ئاشۇ ھاراققا مەست بولۇپ يۈرگەن كىشىلەر  ئاشۇ زەھەر، ياكى مەست قىلغۇچى دورىلارغا بېرىلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھىس قىلىشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى  مۇشۇ ئېزىق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ سەن ھاراق ئىچكىنىڭدە  زەھەر ياكى باشقا دورىلارنى ئىستىمال قىلغىنىڭدا   سەن ئاشۇنداق بىردەملىك  دەقىقىلەرگە ئېرىشەلەيسەن   بەلكىم سەن خىروئىن چەكسەڭ بىر كۈن ھوزۇرلىنىشىڭ مۇمكىن نەشە چەكسەڭ بەلكىم بىر نەچچە سائەت ھوزۇرلىنىشىڭ مۇمكىن. ئاشۇ ۋاقىتتا سەن  قىسقا مەزگىللىك خاتىرجەملىك ،خۇشاللىق ھىس قىلىسەن لىكىن مەسىلە قىسقا ۋاقىتتىن كىيىنلا بۇ راھەتتىن ئەسەرلا قالمايدۇ .يەنە بىر مەسىلە شۇكى  مۇشۇخىل سىزىمنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن سەن تخىمۇ كۆپ چىكىشىڭ،تېخىمۇ كۆپ ئۆزۈڭنى غىدىقلىشىڭ كىرەك مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ئۇلار ساڭا كار قىلمايدۇ لىكىن ئۇ ۋاقىتتا سەن ئاللىقاچان خۇمار بولغان بولىسەن  سەن مۇشۇ ھەۋەسنىڭ قۇلى بولىسەن  داۋاملىق چىكىسەن  گەرچە سەن ئۇنىڭ ساڭا ھېچ قانداق ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى  بىلگەن تەقدىردىمۇ سەن بۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ بولدۇڭ سەن خۇمار بولدۇڭ بىر چىكەرمەنگە ئايلاندىڭ  ئەمەلىيەتتە ئۇ ساڭا ھېچ نىمە ئېلىپ كىلەلمەيدۇ  ھەتتاكى ئاشۇ ۋاقىتلىق راھەتتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ لىكىن سەن بۇنىڭغا پېتىپ كەتتىڭ  چىكىنىشكىمۇ ئامالسىز قالدىڭ مانا بۇ ئەمەلىيەت  شۇڭا قارىماققا ئاشۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلەر،بىر بۆلۈك توغرا يولغا يۈز كەلتۈرمىگەنلەر،بىربۆلۈك ئاللاھ رىزالىقىنى ئىزدىمىگەنلەر ئۇلار قارىماققا خۇشالدەك تۇرىدۇ  ، ئۇلارخۇددى  ۋاقىتلىق بەخىت سۈرىگەندەك قىلىدۇ سەن  بەلكىم شۇلارنىڭ  ۋاقىتلىق بەخىت سۈرىگەن مىنۇتلىرىنى كۆرگەن بولىشىڭ مۇمكىن شۇنىڭ بىلەن سەن  ھە ... ئۇلار ھەممىسى خۇشال كىشىلەر،ئۇلار ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتىدۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ساپاسى ياخشى دەپ قالىسەن  لىكىن بۇ ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق تاشقى كۆرۈنىشى خالاس ئەمەلىيەتتە سەن بۇ خىل ھادىسىنى  يىتەرلىك ۋاقىت كۆزەتسەڭ ،ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزەتسەڭ شۇنى بايقايسەنكى ئەمەلىيەتنىڭ ئەسلى ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئۇلارنڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى بايقايسەن. يېقىندا ئەنگىلىيەدە مۇنداق بىر ئىش ئاشكارلاندى  ئەنگىلىيە سەھىيە مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ  نۇرغۇنلىغان ياش ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشنى باشلىغانلىقىنى  بۇ ئەنگىلىيەنىڭ مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان  ياش ئاياللارنىڭ زىيادە ھاراق ئىچىشنى باشلىغانلىقىنى بولۇپمۇ شۇ ئاياللارنىڭ ئاغزىدىكى تاماشاغا ئايلانغانلىقى ھازىر ئەنگىلىيە بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى  بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق ئېھتىيات قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى  ھاراق ئىچىش جىگەرنى زەخمىلەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ  قىزىقارلىق يىرى  يېقىندا بىر پارچە ماقالە ئۇچراپ قالدى گىزىتتا دىيىلىشىچە  ئىككى خىزمەتچى قىزنىڭ تەلىيىنىڭ يامان ئەمەس بولۇپ ياخشى خىزمەتكە ئېرىشكەنلىكى  لىكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ بىر ئىچەرمەن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى دىيىلىپتۇ   لىكىن قىزىقارلىقى شۇكى  نىمە ئۈچۈن ئۇلار ھاراق ئىچىدۇ ؟؟؟
          ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە نىمە سەۋەب بولدى ؟؟   ئۇلارنىڭ جاۋابى شۇكى تۇرمۇش شۇ قەدەر مەنىسىز،ۋە زىركىشلىك بىز ناھايىتى چۈشكۈنلۈك ۋە ئىچى سىقىلىش ھىس قىلدۇق قارىماققا دەقىقىلىق ئازادىلىككە ئېرىشىشنىڭ بىردىن بىر يولى  توختىماي ھۇزۇر ئېلىش دەپ چۈشەندۇق يەنى پەقەت ھاۋايى ھەۋەس قاينىمىغا غەرق بولۇپ خالىغاننى قىلىپلا ئاندىن بىردەملىكلا ئازادىلىك ھىس قىلدۇق دەپتۇ .  مانا بۇ ئۇلارنىڭ  گىزىتتا سۆزلەنگەن يۈرەك سۆزلىرى   ماشائاللاھ  .....  ئۇلارغا زادى نىمە بولدى ؟ ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتى بار يۇقىرى مائىشى،ئىسىل ئۆيى ، بەھرىلىنىدىغان ياخشى نەرسىلىرى بار  ئۇلارغا زادى نىمە بولدى ؟    نىمە يىگۈسى كەلسە شۇنى يەيدۇ،نىمە كەيگۈسى كەلسە شۇنى كىيىدۇ بۇ كىشىلەر يەنە نىمىشقا  مەنىسىزلىك ۋە زىركىشلىك ھىس قىلىدۇ؟     قانداق نەرسە ئۇلارنىڭ زادى مەنىسىز ۋە زىركىشلىك ھىس قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى؟ ناۋادا سەن بۇ مىسالغا دىققەت قىلساڭ نۇرغۇنلىغان ئوخشاش مىساللارنى بايقايسەن    كىشىلەر ئامالسىز  نىمە ئۈچۈن دەپ سورايدۇ   نىمىشقا بۇنچە كۆپ تولغۇما مۇزىكا چولپانلىرى ئۆزىنى ۋەيران قىلىش يولىغا ماڭدى ؟ زەھەر،ھاراق،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى ۋەيران قىلىۋاتقان  ناۋادا نام -ئاتاق  ،گۈزەللىكۋە پۇللار خۇشاللىقتىن دېرەك بەرگەن بولسا ئۇ چاغدا شۇ كىشىلەر دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال كىشىلەر ھېسابلانسا بولاتتى .  لىكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس   ئەمەلىيەت شۇنداق بولىدۇ دەپ خىيال قىلغانلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەكمۇ ئەمەس  چوقۇم بۇ يەردە بىر مەسىلە بار   مانا بۇ مەسىلە  دەل بىز دېمەكچى بولغان مەسىلە ناۋادا سەن چوڭقۇرلاپ كۆزەتسەڭ گەرچە بۇ كىشىلەر قارىماققا ناھايىتى خۇشال كۆرۈنسىمۇ قارىماققا ھايات پەيزىنى سۈرىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس   بۇخىل تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ھەرگىز ھەقىقىي مەنىدىكى  قانائەت ھاسىل بولمايدۇ ھەرگىز خۇشاللىق ھاسىل بولمايدۇ . ئۇ خۇددى  بىر ئىس -تۈتەككە ئوخشايدۇ  بەزىلەر بۇ ۋاقىتلىق مىنۇتلارنى بىر بىرىگە ئۇلاپ  ماددىغا ئېرىشىش ئارقىلىق  ئۇنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ قارىماققا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى خۇشال خۇرامدەك   لىكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار پەقەت خۇشال ئەمەس.ئەمما ئىسلام تەكىتلىمەكچى بولغان  بەخىتلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى بۇلارغا پەقەت ئوخشىمايدۇ  خۇددى بىزنىڭ دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەمەل ئارقىلىق  يەنى ئاللاھ سۇنھانەۋەتەئالا رازى بولىدىغان  ئاشۇ ئەمەللەر ئارقىلىق  ھەقىقي بەخىت ،قانائەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ  بۇلار ئىنسانلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن كەلگەن   ئىنسانلار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى بەخىتكە بولغان ئىنتىلىشىدىن ھەمدە ھەقىقي بەخىت ۋە قانائەتكە بولغان كۈچلۈك ئارزۇسىدىن  كەلگەن  ئىسلام كۆرسەتكەن ئاشۇ بەخىتكە ئىرىشكەن ھەرقانداق بىر كىشى ئۇ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ھەرقانداق زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ
         ئەڭ ناچار مۇھىتتا ھەم ياشىيالايدۇ  ئۇلار بىز دەۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق لازىمەتلىك بۇيۇملاربولمىغان تەقدىردىمۇ  ياشىيالايدۇ لىكىن سەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ  يەنىلا شۇ بەخىت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە  ياشاۋاتقانلىقىنى بايقايسەن .ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەر ،بەزى مۇسۇلمانلار يەنە ئاشۇ توغرا يولدىكى ئىسلامدىكى كىشىلەر بىر خىل ئالاھىدە مەۋقە ئىچىدە  ئۇلار يالغۇز ماددىي نەرسىلارنىلا قوغلىشىدىغانلاردىن ئەمەس  چۈنكى ئۇلار مەلۇم جەھەتتە ماددي نەرسىلەرنى بىرخىل توسالغۇ دەپ چۈشىنىدۇ  ماددىي ئاڭ ھەقىقىي خۇشاللىققا ۋە قانائەتكە ئىرىشىشكە توسالغۇ بولىدۇ  بۇ خىل بەخىت ۋە خۇشاللىق  ھەقىقي مۆئىمىنگە خاس دەپ چۈشىنىدۇ شۇڭلاشقا ھازىر ئەھۋال مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. ئىسلامنىڭ بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ئىدىيە جەھەتتە  ئسلامنىڭ غەرب مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن  دۈشمەن بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى  ئۇ ماتىريالىستىك كوكا-كولا مەدەنيىتىگە نىسبەتەن ئېلىپ كىلىدىغان غايەت زور تەھدىت  يەنى كوكا -كولا مەدىنىيىتىگە.....   نىمە ئۈچۈن ؟؟؟  چۈنكى ئەمەلىيەتتە كوكا-كولا مەدىنىيىتى ناھايىتى كىسەل قاپلاپ كەتكەن بىر مەدىنىيەت بۇخىل كىسەللىك ئالامىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولسا   ئەمەلىيەتتە ئۇ چوقۇم سىنىڭ  ئازابىڭ بەدىلىگە ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.  بۇ كوكا-كولا مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ خۇشال بولماسلىقىغا مۇھتاج  چۈنكى پەقەت خۇشال بولالمىغان كىشىلەرلا رەڭگارەڭ ماللارنى سېتىۋالىدۇ  خۇشاللىقتىن مۇستەسنا بولغان كىشىلەرلا  مۇزىكا ،كىيىم كىچەك ئارقىلىق ۋوللىۋودنىڭ ئويدۇرمىلىرىدىن،  ھاراقنىڭ مەس قىلىشىدىن ،تەنھەركەتلەر قاتارلىقتىن بىخۇدلاشقان  تۇرمۇشىنى  پەردازلايدۇ بۇ بەخىتسىز كىشىلەر مۇشۇ خىل پەردازلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىخۇدلاشقان  تۇرمۇشىنى  پەردازلايدۇ مۇشۇ بىرقىسىم نەرسىلەر ئۇلارغا بىردەملىك خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ  شۇڭا روھىي قانجىراپ كەتكەن كىشىلەر رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىدۇ  مانا بۇ ئەمەلىيەت.  مۇسۇلمانلار خۇشاللىقتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان كىشىلەر ئەمەس  ھەم يۈزەكى ھالدىلا خۇشاللىق ۋە بەخىت مۇشۇلا دىمەيدۇ  شۇڭا مۇسۇلمانلار غەرب  نەزىرىدىكى ياخشى ئىستىمالچىلار ئەمەس  ئۇلار ئۆزىدە بۇ رەڭگارەڭ نەرسىلەرنىڭ بولۇش بولماسلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ  ناۋادا ئۇلار شۇ نەرسىلەرگە ئېرىشسە  ئۇلارخۇشال بولىدۇ ئەگەر ئېرىشەلمىسە  ئۇلار  يەنىلا خۇشال  ئۇلارغا نىسبەتەن پەرقى يوق ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان مانا مۇشۇنداق بولىشى كېرەك .ناۋادا بىز ماددىي بايلىققا ئېرىشسەك بىر ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىمىز خۇشال بولىمىز ئەگەردە ئېرىشەلمىسەك يەنىلا ئوخشاش بىر ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىمىز ۋەخۇشال بولىمىز ئۇنداقتا سەن قانداق قىلىپ بۇ خىلدىكى مۇسۇلمان كىشىلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا قىززۇقتۇرىسەن ؟   ئۇلار چوقۇن سنىڭ ماللىرىڭنى سېتىۋالىدىغان كىشىلەر ئەمەستە ...  ئۇلار سىنىڭ شۇ ژۇرناللىرىڭنى سېتىۋالمايدۇ ،سىنىڭ مۇزىكىلىرىڭنى ئاڭلىمايدۇ،كىنولىرىڭنى كۆرمەيدۇ  چۈنكى ئۇلار ياخشى بىر ئىستىمالچىلار ئەمەستە ..!!    شۇڭا ئىدىيە جەھەتتە مۇسۇلمانلار غەرب مەدەنىيىتىگە تەھدىت ئەمەلدە  ھەتتاكى ئىقتىسادىي جەھەتتە  غەربكە بىرخىل خەتەر ھىسابلىنىدۇ چۈنكى غەرب مەدەنىيىتى كىشىلەرنىڭ بەخىتسىز بولىشىغا،  بىخودلاشقان ،قانائەتلەنمىگەن  بولىشىغا موھتاج   بۇ بىر  خىل ھەقىقىي تىنىچلىق،خاتىرجەملىك،بەخىت ئېلىپ كىلىدىغان  تۇرمۇش ئۇسۇلى بار سەن چوقۇم بىر بوتۇلكا كوكا -كولا ئىچىملىكى ئىچىپ قانائەت ھاسىل قىلىشىڭنىڭ،ياكى سىتىۋېن سېگالنىڭ مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىشىدىن كۆڭۈل خوشى ھاسىل قىلىشىڭنىڭ  ھاجىتى يوق  شۇنداققۇ ؟؟؟   ياكى سەن  مۇزىكا ئاڭلاپ،ياكى سورۇنغا قاتنىشىپ  كىچىچە ئۇسۇل ئويناپ  ئاندىن ئۆزۈڭنى خوش قىلىشىڭنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق چوقۇم  ئارمانى،پىركادىن قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشىڭ ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق  چۈنكى سەن بىلىسەن بۇلار سىنى ئازدۇرالمايدۇ شۇڭلاشقا بۇ كىشىلەر ياخشى ئىستىمالچىلار ئەمەس ئەمەلىيەتتە  بۇ بىر خىل ئىدىيىدىكى تەھدىت،غەرب مەدەنىيىتىگە بولغان ناھايتى بىر چوڭ تەھدىت  .شۇڭلاشقا بىز چوقۇم تۇنۇپ يىتىشىمىز كىرەككى بۇ بىر مەيدان ئىدىيە ئاڭ ئۇرۇشى بىزنىڭ كۆپچىلىكلىرىمىز  بۇ بىر مەيدان ئۇرۇش ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز  مۇسۇلمان ياكى غەيرىي مۇسۇلمانلار بۇنڭدىن مۇسستەسنا ئەمەس
        پەقەت  ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ھىس قىلمىغان خالاس  لىكىن مەن قەتئىي تۈردە جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى  غەربنىڭ شۇ پەردە ئارقىسىدىكى ئەربابلىرى بۇ نۇقتىنى تۇنۇپ يەتتى  ئاشۇ دۆلەت ئاتلىغان  گوروھلاردىكى كاتتىباشلار بۇ نۇقتىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتتى،ئۇلار بۇ تەھدىتنى كۆردى  پەقەت بۇ ئىسلامنىڭ  ھەقىقىي تۈردە پەيدا قىلالىغان تەھتىدى ئەمەلىيەتتە .ئسلام نۇمال خەلقگە ھەرگىز تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ ئەمەلىيەتتە دەل ئەكسچە  ئىسلام دىنىلا ئىنسانلارنىڭ  ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ بىردىن بىر ۋاستىسى. ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي خاتىرجەملىكۋە بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى لىكىن ئۇ ھەقىقەتەن مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.بۇلارلا ئەمەس ئىسلام ماددىي بايلىقنىلا تەرغىپ قىلمايدىغان بولغاچ ھەم  ماددىي ئاساس قىلغان  تۇرمۇش ئۇسۇلى ياكى ئىدىيە تۈزۈلمىسى  بولمىغاچ  ھەم سىياسى،ھەربىي تەرەپتىن ئېيىتقاندىمۇ ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىي كۈچ سىناش  رەقىبى  بولالمايدۇ .سەن ئۆلۈمنى خىيالىغا ئېلىپ قويمايدىغان ، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئادەمنى  قانداق قىلالايسەن؟ ناۋادا ئۆلۈش  ئاللاھنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بولسا ئۇلار خۇشاللىق بىلەن ھاياتىنى تەقدىم ئېتەلەيدۇ.ئىمان ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن سەن ئۇلارنى قانداق قىلالايسەن ؟؟؟!!!   سەن ئاشۇ پارە ئالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن قانداق قىلالايسەن؟؟  ئۇلار مال-دۇنياغا قەتئىي قىززىقمايدۇ   سىنىڭ ئاشۇ ئىقتىسادىي جازالىرىڭ ئۇلارغا قەتئىي تەھدىت ئېلىپ كىلەلمەيدۇ چۈنكى ئۇلار مال -دۇنياغا كۆز-قىرىنى سالمايدۇ سەن شۇنى كۆرۈسەنكى  گەرچە بۇ كىشىلەردە بەلكىم ئەڭ يىڭى ھەربىي ئەسلىھەلەر ئەڭ يىڭى قۇراللار بولماسلىقى مۇمكىن لىكىن ئۇلار ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە يەنىلا چوڭ تەھدىت ئىدىيە جەھەتتىمۇ ھەم شۇنداق ماتىريالىزمچە ئىدىيە -پىكىرنى ئازاد قىلىشنى ناھايىتى تەكىتلەيدۇ بىر خىل ناھايىتى ئەركىن چۈشەنچىلەر بىلەن كىشىلەرگە غەيرەت، ئىشەنچە بېغىشلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ  قارشىلىشىشقا ،غەرب جاھانگىرلىرىنىڭ  سىياسىي ۋە ئىدىيە جەھەتتە قۇل قىلىشىغا قارشى چىقىشقا ئۈندەيدۇ  ئۇ كىشىلەرگە جاسارەت بېغىشلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ   ئۇلار كۆمسەم پىشارمۇ ياكى ياپسام پىشارمۇ دېمەيدۇ چۈنكى بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئۆز خاھىشىنى ۋە ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان ئىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىلاھىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش مەن ھازىر ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ تارىخقا نەزەر سېلىپ باقاي مىنىڭچە بۇ بىر بۆلەك مەزمۇن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن يەنىلا مۇناسىۋىتى زىچ  ناۋادا بىز ئازراق  ئارقىغا قايتىپ  تارىخقا نەزەر سالساق ناھايىتى كۆپ قىزىقارلىق ئىشلارنى بايقايمىز  ئەمەلىيەتتە ناھايىتى پاجىئەلىك ئىشلار   ھازىرقى مۇسۇلمانلار تارىخنى تەتقىق قىلمايدۇ تارىخ ئۆگەنمەيدۇ بەلكىم مەن بۈگۈن  مەخسۇس خىرىستىئان دىنىنىڭ  تارىخىغا دىققەت قىلماقچى
        خىرىستىئان دىنى باشلىنىشتىنلا بىر كىچىك دىن ئىدى  ئاللاھ خالىسا مۇسۇلمانلار ئۇنى ھەق دىن دەپ بىلىدۇ . بۇ يەھۇدىلار رايۇنىدىن كەلگەن دىن  يەنى ھازىرقى ئىسرائىلىيە ياكى پەلەستىن رايۇنى  لىكىن ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدىلار رايۇنىنى رىم ئىمپىرىيىسى كونتىرول قىلاتتى  بىركىشى بولۇپ بىز ئۇنى پەيغەمبەر دەپ ئىمان كەلتۈرگەن كىشى ئىدى  ئۇ بىر پەيغەمبەر ئىدى  ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ بالىسى ئەمەس ئىدى ئۇنىڭ ئىسمى ئىيسا ياكى ئىيسا ئىبنى مەريەم  مەريەم ئىبنى ئىيسا يەھۇدىلارغا مەسىھ ئىدى  (.مەسىھ قۇتقازغۇچى دېگەن مەنىدە)  ئۇ  كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ھەق دىنىغا باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئىدى . كىشىلەر بىر يەككە -يىگانە ئاللاھقا چوقۇنىشى،ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىشى كىرەك ئىدى  بىز ھازىر خىرىستىئان دەپ ئاتاۋاتغان بىر دىن بار لىكىن نۇرغۇنلىغان غەرب ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن ھەمدە بۇنى قۇرئانمۇ بۇنى تەستىق قىلىدۇكى لىكىن بىز ھازىر دەۋاتقان خىرىستىئان دىنى  ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئەينى ۋاقىتتا تەرغىب قىلغان ئەھكاملارغا  تۈپتۈن ئوخشىمايدىغان بىر دىن ،پۈتۈنلەي باشقىچە بىر دىن.    بۇ دىن كىشىلەرنى بىر ئىلاھقا چوقۇنۇشقا ۋە شۇ ئىلاھنىڭ ئەمىرىگە بوي سۇنۇشقا دەۋەت قىلمايدۇ  ئەكىسچە ئۇ بىزنى ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا چوقۇنۇشقا ئۈندەيدۇ  ھەمدە بىزنى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى خۇدانىڭ ئۆزى دەپ  ئىشەندۈرمەكچى بولىدۇ ھەم ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈمى  بىزنىڭ بارلىق گۇناھىمىزنى يۇيىدۇ دەپ قارايدۇ بۇ ئەلۋەتتە بۈگۈن ئاساسلىق دېمەكچى بولغان تىمىنىڭ مەقسىتى ئەمەس  مەن خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالىمايمەن ناۋادا كىم ۋاقتىنى ئاجرىتىپ بۇ دىننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىكەن  ناھايىتى كۆپ غەلىتىلىكنى بايقايدۇ شۇنى بايقايمىزكى مىلادى 345-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى دىنسىز پادىشاھ كونىستانتىن  رىم پادىشاھى نىسىيەدە رىم ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى  ئۇ ھازىرقى تۈركيەنى كۆرسىتىدۇ مىلادى 345-يىلى  داڭلىق نىسىيە يېغىنىنى ئاچتى ئۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن  نەچچە يۈز يىل كىيىن بولغان ئىدى  شۇ قېتىملىق يېغىندا يەنى كونىستانتىن تەشكىللىگەن  يېغىندا بىر قانچە تاللانغان خىرىستىئان كاتتىباشلىرى ئامالسىز دىننىڭ تۈپ ئەھكاملىرىنى  تۈزەشكە ،ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىكنى تۈزەشكە ،ئىنجىلغا مۇناسىۋەتلىكنى تۈزەشكە قاتناشتى ھەمدە بارلىق خىرىستىئانلار چوقۇم   بىرلىكتە بۇنىڭغا ئىشىنىشنى تەلەپ قىلدى نىمە ئۈچۈن ؟؟؟!!  2مىڭ يىلدىن بۇرۇن ياشىغان بىر دىنسىز پادىشاھ نىمە ئۈچۈن خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى تۈزەشكە قاتنىشىدۇ ؟بىر دىنسىز پادىشاھ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟؟؟  چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا   خىرىستىئان دىنى رىم ئىمپىرىيىسىگە نىسبەتەن  بىر زور كۈچ ئىدى   كونىستانتىن  ناۋادا خىرىستىئان دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدە ئىختىلاپ بولۇپ تالىشىپ يۈرسە كونىستانتىننىڭ پۈتۈن ئىمپىرىيىسىنىڭ كۈچىنىڭ بىتچىت بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى  شۇڭلاشقا ئۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ بارلىق دىن ئەھكاملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولدى  بۇ يېغىننىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى خىرىستىئان مۇرتى  تۇنجى قېتىم ئامالسىز ئۇدىنسىزلار تۈزۈپ بەرگەن،بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئەھكاملارغا ئىشىنىشكە توغرا كەلدى كىيىن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان ئاسانازىياس نىزامى بولدى( AThanasius)يەنى ھازىرقى ئۈچ گەۋدە ،بىر تەن نەزىريەسى يەنى  ئەيسائەلەيھىسسالام ئىلاھتۇر ئۇ ئىلاھنىڭ بىر گەۋدىسى دىگەن قۇرۇق بىر سەپسەتە  ھەمدە شۇ  قېتىملىق يېغىندا  ئاتالمىش تۆت ئىنجىل كىتابى تاللىنىپ چىقتى  بۇ يەردە زادى نىمە ئىش يۈز بەردى ؟؟؟!! رىم ئىمپىرىيىسى بۇ قېتىملىق يېغىندىن كىيىن تۇيۇقسىز خىرىستىئان دىنىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى  مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسى دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر بولدى  لىكىن ھەقىقەتتە زادى نىمە ئىش يۈز بەردى ؟ بۇ بىر قىززىقارلىق بىر ئىش.  زادى خىرىستىئان دىنى رىم  ئىمپىرىيىسىنى بويسۇندۇردىمۇ ياكى رىم ئىمپىرىيىسى خىرىستىئان دىنىنى بويسۇندۇردىمۇ؟؟ ناۋادا سىزئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز  شۇنى بايقايسىزكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خىرىستىئان دىنىغا بولغان تەسىرىنىڭ  ئيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ رىم ئىمپىرىيىسىگە بولغان تەسىرىدىن چوڭلىقىنى بايقايسىز.ئەمەلىيەتتە مەن ئەينى ۋاقىتتا كاتولىك دىنى بىلەن تونۇشقىنىمدا مەن رىم ۋە گىرىتسىيە ئەپسانىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتاتتىم  تەتقىق قىلىش جەريانىدا  رىم ئەپسانىلىرىنىڭ مەن ئىشەنگەن كاتولىك دىنى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوخشاشلىقىنى بايقىدىم. رىمدا ئۈچ گەۋدە بىر تەندىن ئىبارەت بىر ئىلاھ سەپسەتە بار  1.sertanilias    2.sol Inviticus     3.Mithra  دىن ئىبارەت   
        Mithra   ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى ئۇ خۇدا دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھىنى يۇيىدىغان قۇتقازغۇچى   ئۇ 12-ئاينىڭ 25 كۈنى روجىستىۋا بايرىمىدا تۇغۇلغان   كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنسەكۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساق گۇناھتىن خالىي بولىمىز دەپ ئەقىدە قىلىدۇ  مانا بۇ  يىڭى ھاياتقا ئىرىشىشنىڭ يولى دەپ ئىشىنىدۇ رىملىقلار ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۈچۈن ئىبادەتخانىلارنى سالدۇرۇپ بەردى  ئۇ يەردە ئۇلار ئىبادەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ياردىم تىلەيدۇ شۇڭا سەن بۇ خىل تىلەك تىلىسەڭ بۇ خۇدادىن تىلە  ياكى سەن ئۇ خىل تىلەك تىلىسەڭ ئۇ خۇدايىڭدىن تىل   كاتولىك دىنىغا ئوخشاش يۈتۈپ كەتكەن نەرسىنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن ساناتونىيە گە ئىبادەت قىلىدۇ،ئۆيدىن چىققاندا خەيرىلىك بولىشىنى تىلىسەڭ كىرىستوفىرغا ئىبادەت قىلىدۇ  سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولسا  سان لۇكاغا ئىبادەت قىلىشى لازىم   بۇ خۇددى  رىمدا ئوخشىمىغان ئىلاھ ئوخشىمىغان  ئىلاھقا ئىبادەت قىلغىنىدەك  بۇ ئوخشاش ئەمەسمۇ ؟؟  بۇ مەن بۇرۇن ئىشەنگەن كاتولىك دىنى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كىتىدۇ بىر مەزگىل ئۆتۈپ بۇ مەسىلىنى رەسمىي تەتقىق قىلىشغا باشلىغىنىمدا  مەن ھىس قىلدىمكى ھەقىقىي سەۋەبى خىرىستىئان دىنى ئۆزگەرتىلىپ  كىتىپتۇ  رىمنىڭ غەيرىي دىنى بىلەن قەتئىي پەرقى قالماپتۇ  دىنىي نەزىريەسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ كىتىپتۇ  ئۇلارنىڭ ئاشۇ دىني ئەھكاملىرىدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىماتىنى يېغىنچاقلىساڭ سەن شۇنى بايقايسەنكى رىمنىڭ غەيرى دىنى بىلەن خىرىستىئانلارنىڭ خىرىستىئان دىنى ناھايىتى ئوخشىشىپ كىتىدىكەن  ئاساسى جەھەتتىن پەرقى يوقكەن   بۇ مىنىڭ كوكا-كولا مۇسۇلمان ئەۋلادلارغا  مۇناسىۋەتلىك تىمىنى تەپەككۇر قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى  بىزكىشىلەرنىڭ ماشا ئاللاھ دېگىنىنى ئاڭلايمىز  بۇ سۆزنى چۈشەندۈرمەك تەس مەن بۇ يەردە بۇنى چۈشەندۈرۈپ  ئولتۇرماي   .. ماشائاللاھ.........  سەن بىلىسەنكى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى يامان بولدى   بۇ ۋەقەدىن كىيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى كۆردۈڭ  ھەقىقەتەن شۇنداق ..  ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان سان ساناقسىز كىشىلەر ئىسلامغا قايىتتى   ئەنگىلىيەدە،ئامىرىكىدا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەمدە مەتبۇئاتتىمۇ ئوقۇدۇم  11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن  بۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇسۇلمان بولدى چۈنكى ئۇ بۇ ئىش  ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىشىغا،قۇرئان ئوقۇشىغا،ئىسلام دىنىنىڭ نىمىنى تەرغىب قىلىدىغانلىقىنى بايقايقا تۈرتكە بولدى ئاندىن ئۇلار  ئىسلام دىنى ئاتالمىش كىشىلەرنىڭ دېگىنىدەك ئەمەسلىكىنى،بۇ تىرورىزىملىق،قانلىق ئۇرۇشنىڭ دىنى ئەمەسلىكىنى بايقىدى  كىشىلەر ئەسلىدە بۇنىڭ  ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى ئاخىرىدا ئۇ خۇشاللىق بىلەن ئىسلامنى قۇبۇل قىلدى  لىكىن مەن قايتىدىن تەپەككۇر ۋە تەھلىل قىلىپ   ھازىرقى ئەھۋالنى كۆزىتىپ ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىش ھەركەت ۋە نىشانىنى تەھلىل قىلسام  بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان رەھبەر ۋە ئالىملىرىمۇ بار  يەنە ئىچكىرلەپ  مۇسۇلمان ئەللىرى رەھبەرلىرى،ئالمىلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيىسىنى تەھلىل قىلسام مەندە بىر گۇمانى سۇئال پەيدا بولدى   ھەقىقەتەن بىز كۆرىۋاتقان غەربلىكلەر تۈركۈملەپ ئىسلامغا كىرىۋاتامدۇ ياكى بىز كۆرىۋاتقان بۇ ئىسلام تۈركۈملەپ غەربلىشىۋاتامدۇ ؟   كىشىلەر مۇسۇلمان بولدىمۇ ياكى ئىسلام تەدرىجى غەربلىشىۋاتامدۇ؟؟ راستىنلا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ سېپى زورىيىۋاتامدۇ ۋە ياكى ئەمەلىيەتتە بولسا بىز كوكا-كولاسىمان مۇسۇلمان ئەۋلادلارغا ئايلىنىپ قالدۇقمۇ؟!!   باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدۇ ،قارىماققا ئىسلامغا ئىتىقاد قىلىدۇ ئۇلارنىڭ دىيىشىچە قۇرئانغا ئىشىنىدۇ  ھەتتاكى كۈندە بەش ۋاخ نامازئوقۇيدۇ  ،رامىزاندا ھەم روزا تۇتىدۇ،ئۇلار ھەم زاكات بىرىدۇ  لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن سەن ئۇلارنىڭ ئىدىيە، ئەقىدە، نىشانلىرىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭدا  سەن ئۇلاردا  شۇنداق بىر ئەبجەشلىكنى بايقايسەن . ئۇلار بۇيەردىن ئازراق ئېلىپ  ئۇ يەردىن ئازراق ئالىدۇ ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەمدۇ؟؟!!!  ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىۋاتامدۇ؟؟!!  ياكى ئۇلار بىرخىل مۇرەسسىئەچىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتامدۇ ؟؟!!! بىرخىل ھەممىگە باپ كىلىدىغان ئامالنى ئىزدەۋاتامدۇ ؟!!قانداقسىگە بىز مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئاندىن داۋاملىق ئىستىمالچى بولۇپ يۈرسەك بولامدۇ؟؟!!  نىمشقا بىز داۋاملىق ئېقىمگە ئەگىشىمىز ؟؟  بۇ مەن تەپەككۇر قىلغان مەسىلە قېرىنداشلار...   ھازىر بىر كىسەل مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقالماقتا .  مۇنداق بىرخىل كىسەللىك بار
        ئىدىيە ۋە پىكىر جەھەتتىكى رەقىبلىرىمىز خۇشاللىق بىلەن تەرغىب قىلىپ تەشۋىق قىلىدىغان  بۇ ئۇلارنىڭ بىزنى نىمە ئۈچۈن ئىككى گوروھقا بۆلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى. ئۇ تەرەپتە بولسا ئاتالمىش مۆتىدىل مۇسۇلمانلار ،بۇ تەرەپتە ئەسلى دىن تەرغىباتچىلىرى بولغان مۇسۇلمانلار . غەرب دۇنياسى بىز مۆتىدىل مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلالايمىز دەپ ئويلايدۇ ئۇلار بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال  چۈنكى مۆتىدىل مۇسۇلمانلار كوكا-كولا مۇسۇلمانلار . كوكا-كولاسىمان مۇسۇلمانلار شۇنداق دەيدۇكى :   بىز مۇسۇلمانلار ،بىز ناماز ئۆتەيمىز لىكىن بىز خۇشاللىق بىلەن دىمكۇراتىزىمنى ھەممىدىنلا ئىناق، بىردەك دېگەن ئۇقۇمنى قۇبۇل قىلىمىز. بىز كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشمايدۇ دەپ قارايمىز.  بىز خۇشاللىق بىلەن بۇ سەپسەتىلەرگە ئەگىشىمىز  ھازىر بىز ئاياللارنى ئازاد قىلماقچى ھەمدە  شۇ غەربنىڭ تەشۋىق قىلغان ئۇسۇلى بويىچە ئاياللارنى ئازاد قىلماقچىمىز  ئەلۋەتتە ئۇ يەنە باشقا بىر تىما بىز خۇشاللىق بىلەن ئۆسۈم،رەنە قەرىزى،ۋە ئىتىراخۇانىيە ئالىمىز .مۇزىكا ۋە كىنودىن ھۇزۇرلىنىمىز چۈنكى بىز كوكا-كولا مۇسۇلمانلىرى ئەمەسمۇ؟!!!  بۇنىڭدىن باشقىلىرى ھەممىسى ئىسلام ئەسلى دىن تەرغىباتچىلىرى. ئىسلام ئەسلى دىن تەرغىباتچىسى دېگەن زادى نىمە دېگەن گەپ؟  ناۋادا سەن ھەقىقىي ئۇنىڭغا ئىتىبار بەرسەڭ شۇنى بايقايسەنكى ئەلۋەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ پىكىرى سەل چېكىدىن ئاشقان،بەزى كىشىلەر ئىسلام يول قويغان چەكتىن  ئېشىپ كەتتى ،بەزى كىشىلەر ئىسلام نامىدىن جىنايەت ئۆتكۈزدى ئۇ ئىسلامدىن كەلگەن ئەمەس مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى  ھېچ كىمنى خالىماقچى ئەمەس شۇڭلاشقا سەن مىنىڭ دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەن  لىكىن مۇشۇ  ئىسلام ئەسئىلىيەتچىسى دەپ ئاتالغان گوروھ  ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قارشى تۇرىدىغىنى نىمە ؟  سەن ئىچكىرلەپ چۈشىنىپ تەكشۇرسەڭ زادى نىمە ئىش يۈز بەردى  ئۇلارنىڭ مەسىلىسى زادى نىمە؟ ئۇلار زادى نىمە دېمەكچى ؟  ئۇلار دەيدۇكى : ئىسلام بىر پۈتۈن ياشاش ئۇسۇلى ، بىز چوقۇم ھەقىقي مۇسۇلمان بولىشىمىز كىرەك بىز چوقۇم ئائىلىمىزدە ئىسلامنى تۇرغۇزىشىمىز كىرەك شەخسى ئائىلە، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىمىزدا ئىسلامنى تۇرغۇزۇشىمىز كىرەك. مۇسۇلمان بولۇش پەقەت كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئۆتەش ئەمەس بەلكى قۇرئاندىكى بارلىق ھۆكۈمنى قۇبۇل قىلىش. بىزنىڭ چوقۇم تىرىشىپ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشىمىز،ئويلىغىنىمىز،قىلغىنىمىز ھەممىسى ئاللاھ رىزالىقى بولىشى كىرەك  بۇلار بىز تايىنىۋاتقان قائىدە-نىزاملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كىرەك   جىنايى ئىشلار قانۇنى،نىكاھ قانۇنى،خەلقئارا قانۇنى   ئىسلام بارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرئان ئاللىقاچان ئۆز ئىچىگە ئېلىپ بولغان چۈنكى ئىسلام بىر پۈتۈن ياشاش ئۇسۇلى دەيدۇ .   بۇ كىشىلەر ھازىر ناھايىتى خەتەرلىك كىشىلەر دىيىلمەكتە .غەربتىكى دۆلەتلەر ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىدىيە پىكىردىكى رەقىبلىرى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.كىشىلەر ئۇلارنى ئىسلام ئەسئىلىيەتچىلىرى دەپ ئاتايدۇ.  ئەمەلىيەتتە غەرب مەدەنىيىتى كوكا-كولا مۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئىسلامنى غەربكە يەتكۈزگىنى يوق بەلكى غەرب جەمئىيىتى ئاللىقاچان ئۇلارنى غەربلەشتۈرۈۋەتتى . ھازىر ئىسلامدا بىر خىل غەربلەشكەن قاراش باش كۆتۈرمەكتە. ھەمدە بۇخىل قاراشنىڭ بازىرى ناھايىتى ياخشى.گەرچە ئۆزىنى ئىسلام ئەسئىلىيەتچىسى دەپ ئاتىغان بەزى كىشىلەرنىڭمۇ  ئۇلار ئادەتتىمۇ ھەم  غەربنىڭ پىكىرىگە چوڭقۇر ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايقايسەن . راست گەپنى قىلسام ناۋادا سەن ئۆزۈڭدىمۇ ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بارمۇ يوق دەپ سورىساڭ مەندىمۇ بەلكىم كوكا-كولاسىمان مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىشى مۇمكىن  شۇنداق مەن راست دەيمەن مەنمۇ ئۆزۈمگە سەمىمىي بولىشىم كىرەك  گەرچەھازىر بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەۋېتىپ ئويلايمەنكى مۇشۇنداق قىىش باراۋەرمۇ؟   مەن بۇ يەردە بۇنى تەنقىدلەپ،ئۇنى تەنقىدلەپ  بەلكى ئۆزۈمدە نۇرغۇن كەمچىلىكلەر مەۋجۇت  بەلكىم ئىچىدىكى نۇرغۇن شەيئىنى ئۆزۈممۇ ياخشى كۆرىمەن ئەمەلىيەتتە مەنمۇ نۇرغۇن شەيئىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىتىراپ قىلىمەن غەربنىڭ نۇرغۇن نەرسىسىنى مەن ياخشى كۆرىمەن  بەزى شەيئىلەر بەلكىم  ئانچەگۈزەل ئەمەس  لىكىن پۈتۈنلەي ياخشى كۆرمىسە  بولمايدىغان  بولىشىمۇ ناتايىن  ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى ئىسلام ھەقىقەتەن گۈزەل ئىتىقاد ئۇ مۇكەممەل ئىتىقاد سەن تۇرمۇشتىكى بارلىق  گۈزەل شەيئىدىن بەھىرلەنسەڭ بولىدۇ،سەن بۇ دۇنيادىكى تاۋار، ۋە باشقا شەيئىلەردىن ھۇزۇرلانساڭ بولىدۇ سەندە بىر دانە ئىسىل ماشىنا بولسا بولىدۇ ،سەن كوكا-كولا ئىچسەڭ بولىدۇ بۇ چەكلەنگەن ۋە ھارام ئەمەس. سەن NIKE كەيسەڭ بولىدۇ،سەن Wrangler jeansماركىلىق پادىچىلار ئىشتىنىنى كەيسەڭ بولىدۇ بۇ چەكلەنگەن ئەمەس لىكىن مۇھىم نۇقتا شۇكى مەن ئالدىداسۆزلەپ ئۆتكەندەك بىز بۇنى ھاياتلىقتىكى خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى دەپ چۈشۈنىۋالماسلىقىمىز لازىم
        باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا بۇلارغا ئېرىشەلىسەك ناھايىتى ياخشى،ناۋادا ئىرىشەلمىسەك يەنىلا يامان ئەمەس.ناۋادا مىنىڭ بىر ئىسىل ماشىنام بولسا ئەلھەمدۇ لىللەھ  ئاللاھقا  رەھمەت ،ھەمدىلەر  بولسۇن لېكىن  ناۋادا بولمىسا يەنىلا ئاللاھقا رەھمەت  مەن يەنىلا قانائەت ھاسىل قىلىمەن  لېكىن قېرىنداشلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى شۇكى  ھازىرقى كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار بۇ خىل ھالەتتە ئەمەس  ئۇ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزمۇ ئەمەس  ناۋادا بىز ئاشۇ ئىسىل ماشىنىغا ئىگە بولالمىساق بىز خۇشال بولالمايمىز،ناۋادا ئۆزۈمىزنىڭ ئۆيى بولمىسا بىز خۇشال بولالمايمىز.ناۋادا كۆرۈنەرلىك  كىرىمىمىز بولمىسا بىز خۇشال بولالمايمىز  مانا بۇ دەل بىزنىڭ نەپسىمىزنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ سىگنالى  مانا بۇ ئەمەلىيەت ھەمشىرە بۇرادەرلەر .. بىز بۇ ئىشلاردا ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كىرەك بەزىدە ناھايىتى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىغان ئىشلار بار.  مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  شۇنداق ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ،بىزلارگە بىشارەت بەرگەن ئاگاھلاندۇرغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«  بۇ ئۈممەتكە نىسبەتەن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ئاللاھنىڭ دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىشى»   بىز ئۈچۈن دۇنيانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىشى،ھەمدە بىز ئاشۇ نەرسىلەر ئۈچۈن باشقىلار بىلەن تالىشىمىز، ئۆز- ئارا رىقابەتلىشىمىز ئاللاھنى خوش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى  پەقەت ئاشۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا...  ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  ئېيىتقاندەك نۇرغۇن ئىشلار بۇ كۈندە ئىسپاتلاندى پەيغەمبىرىمىز دەيدۇكى:«ئۇزۇنغا بارماي ھەر قايسى مىللەتلار بىرلىشىپ تۇرۇپ سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى  يۇتۇپ كىتىدۇ خۇددى سىلەر كىشىلەرنى كەچلىك تاماققا چاقىرغانغا ئوخشاش  شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر سورايدۇكى:«ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى..  ئۇ بىزنىڭ سانىمىزنىڭ ئازلىقىدىن بولغانمۇ؟؟»  ساھابىلەر ئويلايدۇكى بىزنىڭ سانىمزنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇپ ئۆزىمىزنى قوغداشقا ئامالسىز قالغانلىقىمىزدىن بولغان دەپ ئويلىغان ساھابىلەر مانا مۇشۇنداق ئويلىغان لېكىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :« ياق... سىلەرنىڭ سانىڭلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ  كۆپلىكىڭلاردىن خۇددى دېڭىزنىڭ كۆپۈكچىلىرىدەك كۆپ لېكىن سىلەر خۇددى كەلكۈن ئەخلەتنى ئېقىتىپ كەتكەندەك چېچىلىپ كىتىسىلەر»دەيدۇ.  .. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە :« ئالاھ سىلەرنىڭ ھەيۋىتىڭلارنى كۆتىرۋېتىدۇ » دەيدۇ  يەنى دۈشمىنىڭلار سىلەردىن پەقەت قورىقماس بولۇپ كىتىدۇ دېمەكچى ..  يەنە دەيدۇكى :« ئاللاھ ۋاھھاننى قەلبىڭلارغا سالىدۇ» ساھابىلەر يا رەسۇلىللاھ  ۋاھھان دېگەن زادى نىمە؟دەپ سورايدۇ . مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم  مۇنداق دەيدۇ :« دۇنيانى قوغلىشىپ،ئۆلۈمدىن قورقۇش» .  خۇددى بىزنىڭ ھازىر كۆرگىنىمىزدەك   دۇنيادا  1 مىليارد 6يۈزمىليۇن مۇسۇلمان ياشايدۇ  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىن ھىسابلىنىدۇ دۇنيادا ھەر بەش كىشىنىڭ بىرسى مۇسۇلمان  خۇددى دېڭىزنىڭ كۆپىكىگە ئوخشاش . بىز نىمىنى بايقىدۇق ؟؟!!
        بىز كۆرىۋاتىمىز  دۈشمەنلىرىمىز  زىمىنلىرىمىزنى ئېگەللەپ بولدى . ئۇلار بىزنىڭ نىفىت، بايلىقلىرىمىزغا خىرىس قىلماقتا . ئۇلار بىزنى سىياسىي ،ۋە ئىقتىسادىي قەھەتتىن كونتىرول قىلىۋاتىدۇ  ھەتتا شۇنداق دىيەلەيمىزكى ئۇلار  ھازىر تەدرىجى بىزنىڭ ئىدىيىمىزنى كونتىرول قىلماقتا.    نىمە ئۈچۈن ؟؟!!! چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ ئدىيىسى بويىچە تەپەككۇر قىلدۇق ،ئۇلارغا ئوخشاپ كەتتۇق . بىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تىز پۈكتۇق،ۋە ئەگىشىشكە باشلىدۇق.  بىز بۇ خىل تۇرمۇشنى ياخشى كۆرۈشكە،ئارزۇ قىلىشقا ، بۇخىل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلىدۇق . ھەمدە بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ بارلىق تەرىپىنى   خۇشاللىقنىڭ ماكانى ،  بەخىتنىڭ قورغانى دەپ ئويلاشقا باشلىدۇق بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .ئەمەلىيەت شۇكى بۇ دۇنيا پەقەت ۋاقىتلىق دۇنيا ،   بىز بۇ پىلانىتتا پەقەت ۋاقىتلىقلا تۇرىمىز .  بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ناھايىتىمۇ قىسقا . ئۇ دۇنيا  ھەقىقي مەڭگۈ،ھەم ئۆزگەرمەستۇر.مەن بەزى بىر يۇقارقىلارنىڭ ئالامىتى دەپ ھىس قىلغان ئىشلارنى  يېزىپ چىقتىم بەزىلىرىنى بىز كۆرەلەيمىز بەزىلىرى ئۆزىمىزدە مۇجەسسەملەشكەن. ئۇ بارلىق كوكا -كولاسىمان مۇسۇلمانلارنىڭ بەلگىسى  بىې ئىشنى مەن ئەسلى قىلىشنى ئويلىغان مەن راستىنلا بۇ كوكا-كولا قۇتىسىنى سىلكىمەكچى ئەمەس . ناۋادا مەن بۇ كولا قۇتىسىنى سىلكىپ ئېغىزىنى ئاچسام نىمە ئىش يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر .ئەگەردە سەن سىلكىپ تۇرۇپ ئاغىزىنى ئاچساڭ  پۇشششششششش قىلىپ ھەممە يەرگە چاچرايدۇ. بارلىق كولا ئېقىپ چىقىپ  ئازراق كولالا ئېشىپ قالىدۇ  پۈتۈن بەدىنىڭگە چاچرايدۇ  شىلمشىق سۇيۇقلۇق كىشىنى بىزار قىلىدۇ ساڭا ئېشىپ قالغىنى بەتتام سۇيۇقلۇق.   بۇ بىرىنجى سۇئال  بىز مۇسۇلمانلار شۇنىڭغا ئوخشايمىز   بەزىلەر كىلىپ بۇخىل نۇتۇق،ياكى ئۇخىل نۇتۇق سۆزلىدى ئۇ بىزنى قەلىبنى لەرزىگە سالىدىغان ھاياجانلىق نۇتۇق سۆزلىدى . نۇتۇقتىن كىيىن ھەممىمىز قېنى قىززىپ ھاياجانلانغانلىقىدىن كولاغا ئوخشاش پۇشششششش  قىلدى  . ئاندىن ئۈچ كۈن ياكى ئۈچ ئاي  ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاقراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن نىمە قالىدۇ ؟؟  ھېچ نىمە قالمايدۇ ئازراقمۇ ئىنتىلغۇدەك نەرسە قالمايدۇ  بىز مۇسۇلمانلار مانا مۇشۇنداق بولۇپ قالدۇق  خۇددى غەربلىككە ئوخشاش سىلەر بىلىسىلەر ئۇلار ناھايىتى ھىسسىياتچان  ئالدىغا دەسسەپ كەينىگە قاراپ ئۇنىڭغا ياردىم بېرىپ ياكى بۇنڭغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى  ئۇلارنىڭ قېنىنى قىززىتىپ simpson نىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ مۇشىنىڭغا ئوخشاش  لىكىن ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلار بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ ئەگىشىپ كىلىدىغىنى نىمە؟ كىيىنكى خەۋەر نىمە ؟ ئۇلار ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ بىز ھەممىمىز ھاياجان بىز  مۇھىتنى ئۆزگەرتىشنى نىيەت قىلىمىز بىز چوقۇم بىر ئىشلارنى قىلىشمىز كىرەك. بىز دۇنيانى قايتىدىن يىشىللىققا پۈركىشىمىز لازىم  بىز چوقۇم تاشلاندۇق قۇتىلارنى قايتا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىشىمىز كىرەك.   ياخشى قىلدىڭ بۇرادەر... بىز چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كىرەك   شۇنداق ئەمەلىيەت مۇشۇنداق. شۇڭا بىز قايتىدىن شۇئار چىقىرىپ قايتىدىن ھەركەت قوزغايمىز ۇ يىڭى ئىشلار خۇددى كوكا -كولاغا ئوخشايدۇ
           سىلكىپ ئاچساڭ  پۇششششش....   لىكىن نىمە ئېشىپ قالىدۇ ؟؟    مۇسۇلمانلار خۇددى  شۇلارغا ئوخشاش ھىىسىياتچان بولۇپ كەتتى،بىز بارلىق ئىشلاردا ھىسسىياتقا ئەگىشىمىز،بارلىق ئىشلارغا ھىسسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز  ئېچىنارلىق يىرى شۇكى بەزىدە ھىسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىش ناھايىتى قوپال بولىدۇ لىكىن بۇ ئىسلامنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس  مۇسۇلمان ھىسسىياتچان بولماسلىقى كىرەك ئەسلىدە مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە،ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولىشى كېرەك ئىدى  ھىسسىياتقا ئەگىشىشنى ھېچ قاچان ئىسلام تەكىتلىگەن ئەمەس   بىز پەقەت  ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىمىز  بەلكىم بىز ئامالسىز  نۇرغۇن سىناقلارغا،مۇشاقەتلەرگە دۇچ كىلىمىز لىكىن ئاللاھ بىزنى ساۋابلىق  قىلسا ئۇ چاغدا بىز  سەۋر قىلالايمىز بىز قارشىلىق كۆرسىتىشكە توغرا كەلگەندە   چوقۇم قارشى چىقىمىز لىكىن بۇ چوقۇم  ئاللاھنىڭ يولى ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە بولىشى كېرەك لىكىن بىز مۇشۇنداق قىلمايۋاتىمىز قېرىنداشلار....!!   بىز ناھايىتى ھىسسىياتچان كىشىلەر توپى بولدۇق بۇ ھەقىقەتلەر ھەمىمىزگە روشەن ئۇلار خەۋەردە بوسىنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا بىز ھەمممىزتىرىشىپ ئۇ يەرگە ئىئانە توپلىدۇق  ساخاۋەت بۇيۇملىرىنى ئەينى يىللىرى ياۋرۇپادىكى كىشىلەر نۇرغۇن ماللىرىنى ئۇ يەرگە ئېۋەتتى ھازىرمۇ ئۇ يەردە مەسىلە يىتىپ ئاشقۇدەك تۇرىدۇ   لىكىن كىشىلەر ھازىر ئۇلارغا نەزەر سالمايدۇ  ئۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر كوسوۋو مەسىلىسىگە نەزەر سالدى كوسوۋو مەسىلىسىدىن كىيىن چىچىنىيە مەسىلىسىگە نەزەر سالدى  ئۇلار قانداق بىر نىمىنى ئالدىمىزغا سۇنسا  بىز شۇنىڭغا ئىكاس قايتۇرىدىغان بولدۇق مانا بۇ ھىسسىياتلاشقانلىقنىڭ ئىپادىسى  مۇسۇلمانلار بۇنداق بولماسلىقى كىرەك ئىدى   بۇ بىزنىڭ ئىلمىسىزلىكىمىزدىن ھەم كۆزىتىشىمىزنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن بولغان بىز مۇشۇنداق ئەخمەق  بولۇپ كەتتۇقكى ھەتتاكى ئەقىدىمىزنمۇ ھەم شۇنداق   مانا بۇ بىرىنجى مەسىلە. مەن بۇ يەردە بەزى بىر مىساللارنى كەلتۈردۈم خالاس  يەنە بىر  ھەر بىر ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىش نىكاھتۇر.   بىز نىكاھقا قانداق پوزىتسىيە تۇتىۋاتىمىز
        ئاخىرىدا مەن بەزى بىر سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويماقچى  بىز تىزلىكتە كۆرۈپ باقايلى!!!
       
         ئەمەلىيەتتە بىز ئۆزىمزنى تەكشۇرۈپ باقىمىز    سىز  مۇشۇ سۇئاللار ئارقىلىق ئۆزۈڭنىڭ كوكا-كولا مۇسۇلمانمۇ ئەمەسلىكىڭنى بىلەلايسىز ...بۇ سۇئاللار رەت تەرتىپكە ئاساسەن تىزىلمىغان.
       
       
         بىرىنجى سۇئال :  سىزنىڭ ئىمانىڭىز دائم گاھ ئۆرلەپ گاھ تۆۋەنلەپ تۇرامدۇ؟  بۇ بىرىنجى سۇئال سىزنىڭ ئىمانىڭىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۇراقسىزمۇ ؟؟  سىزدىمۇ مۇشۇنداق سىزىم بارمۇ؟ سىزنىڭ ئىتىقادىڭىز تۇراقسىزمۇ ؟ ناۋادا مۇشۇنداق بولسا سىز ئۆزىڭىزنىڭ كوكا-كولا مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزگە بىر نۇمۇر قوشۇڭ.
       
       
        ئىككىنجى سۇئال :  سىزنڭچە پەقەت  بىر ئەر بىر ئايالغىلا ئىگە بولۇش كىرەكمۇ؟ ناۋادا سىز بىر ئەر بىرلا ئاياللىق بولۇش كېرەك دېسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كوكا-كولا مۇسۇلمان ئكەنلىكىڭىزگە يەنە بىر نۇمۇر قوشۇڭ
       
       
        ئۈچىنجى سۇئال : سىزنىڭچە نىكاھ پەقەت  ئاددىيلا مۇھەببەتنىڭ بىرلىشىشىمۇياكى بىرخىل مۇسۇلمانلار  مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان تۈگۈنمۇ؟ناۋادا سىز نىكاھ پەقەت مۇھەببەتلىشىش دېسىڭىز  ياكى ۋولللىۋود ياكى  بوللىۋود كىنولىرىدەك دېسىڭىز  ئۇ چاغدا ۋوللىۋودلىشىشىڭىزغا  يەنە بىر نۇمۇر قوشۇڭ  ۋوللىۋود مۇسۇلمان  ياق  كوكا-كولا مۇسۇلمانلىقىڭىزغا ...
       
       
        تۆتىنجى سۇئال :  سىز پەقەت ئىككى ئۈچ بالا تۇغۇپ گۆھەردەك پەپىلەپ باقماقچىمۇ ياكى بولمىسا  پۇتبول -كوماندىسى تەشكىل قىلغۇدەك بالا تۇغماقچىمۇ؟؟؟!!  ناۋادا سىز بىر-ئىككى بالا تۇغۇپ  ئۇلارنى پەپىلەپ بېقىشنى پىلانلىغان بولسىڭىز سىز شەكسىز كوكا-كولا مۇسۇلمان ھىسابلىنىسىز .  بۇ شەكسىز كوكا-كولا مۇسۇلمان بولغانلىقىنىڭ تۈپ بەلگىسى  غەرب مەدەنىيىتىگە ئەسەر بولغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى .
       
        بەشىنجى سۇئال :  سىز بىر نۇتۇق ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا ،بىر ناتىققا ئۇچرىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ سۆزلىگىنىنى ناھايىتى ياخشى كۆردىڭىز  سىز ئۇنىڭ ئىمزاسىنى ئالغۇڭىز بارمۇ؟؟  ئالغۇڭىز كەلسە سىز كوكا-كولا مۇسۇلمانلىقىڭىزغا يەنە بىر نۇمۇر قوشۇڭ .
       
       
        ئالتىنجى سۇئال: سىز سىن -ئالغۇدىن ياكى ئۈن -ئالغۇدىن  بىلىم ئېلىشنى بەكرەك ياخشى كۆرەمسىز ياكى بىر ئىلىم ئەھلىگە ئەگىشىپ بىلىم-تەھسىل قىلىشنىمۇ؟؟؟ ناۋادا سىزنىڭ بىلىم ئېلىشىڭىزنىڭ بىردىن بىر ۋاستىسى  سىنئۈن ئالغۇ ماتىرىيالى بولسا  ئۇنداقتا ئۆزىڭزنىڭ كوكا-كولا مۇسۇلمانلىقىزغا بىر نۇمۇر قوشۇڭ .
       
       
        يەتتىنجى سۇئال:  سىز ئاشۇ مودا-مۇزىكا ، كىنو دۇكانلىرىنىڭ  دائىملىق خىرىدارىمۇ؟  ئەگەردە شۇنداق بولسا ئۆزىڭىزنىڭ كوكا-كولا مۇسۇلمانلىقىزغا يەنە بىر نۇمۇر قوشۇڭ.سىز ئاشۇ مودا مۇزىكا چولپانلىرىنىڭ كىيىمىنى،پىلاستىنكىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتامسىز ؟ ياكى كىيىنكى ئىسلام ئەسەرلىرىنىمۇ؟؟  ئەگەردە پەقەت ئاشۇ ناخشا چولپانلىرىنىڭ مۇزىىكىسىلا بولسا ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەت سىز ھەتتا مۇسۇلمان دائىرىسى ئىچىدىمۇ ئەمەس ناۋادا ئاللاھ خالىسا سىز  مۇسۇلمان دائىرىسى ئىچىدە   سىز  مۇسۇلمان لىكىن بۇ ياخشى قېلىق ئەمەس  كوكا-كولا مۇسۇلمانلىقىڭىزغا 2نۇمۇر قوشۇڭ ناۋادا ئىسلام ئەسەرلىرى بولسا ناھايىتى ياخشى ئەگەردە ئىككىلىسى بولسا بىر نۇمۇر قوشۇڭ .  چۈنكى كوكا-كولا مۇسۇلماننىڭ پەرقى بۇنىڭدىنمۇ قىلىپ بېقىش ،ئۇنىڭدىنمۇ قىلىپ بېقىش دېگەندەك
        سەككىزىنچى سۇئال :  سىز كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ مودا ژۇرنىلى  ئوقۇمسىز؟؟ ياكى  مودىغا مۇناسىۋەتلىك ھەۋىسىڭ قىززىقىشىڭ بارمۇ ؟سىز بۇلارنى ئوقۇپ ۋاقىت سەرپ قىلامسىز؟؟ تىلىۋىزوردىكى مودا پىروگراممىلارنى كۆرەمسىز؟؟  ياكى ۋاقىت سەرپ قىلىپ قۇرئان ئوقۇشقىمۇ ۋە ياكى ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈشكىمۇ؟؟؟  ناۋادا كۆپلىگەن ۋاقتىڭنى قىززىقىشقا سەرپ قىلسىڭىز ... مەن قىززىقىشنى ھارام دېمەكچى ئەمەسمەن. بەلكىم سىز  كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن ئۇنداقتا سىز كوكا -كولا مۇسۇلمانلىقىڭىزغا يەنە بىر نۇمۇر قوشۇڭ .
       
        توققۇزىنجى سۇئال: سىز ئۆسۈم ۋە ئىجارە ئېلىشقا ھىرىسمەنمۇ ؟؟  قېرىنداشلار ئەگەردە سىلەر  ئۆسۈم ئېلىشقا ھىرىسمەن بولساڭلار سىلەر كوكا -كولا مۇسۇلمانلىقىڭلارغا 5 15 35 نۇمۇر قوشساڭلارمۇ بولىۋېرىدۇ .  ئىنشائاللاھ  يۇقاردىكى سۇئاللار مىنىڭ يېغىنچاقلىغىنىم كۆپچىلىكنىڭ كوكا-كولا مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن  ئىنشا ئاللاھ   مەن كۆپچىلىكنىڭ بۇلاردىمۇ كۆپ نۇمۇر ئالماسلىقىنىمۇ ئۈمىد قىلمايمەن مەنمۇ سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ قانچە نۇمۇر ئالغانلىقىمنى دەپ بەرگۈم يوق .
        ئىنشائاللاھ ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا يىتەكلىسۇن !!  بىزگە ئەڭ توغرا يولنى كۆرسەتسۇن بىز ئاشۇ نۇمۇرلارغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ   ئەلۋەتتە قېرىنداشلار بىزنىڭ مۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىز بىر مۇھىم مەزمۇن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش. گەرچە قېرىنداشلار ئاخىرىدا بىز ئەركىن -كەيپىياتتا ئاخىرلاشتۇرغان بولساقمۇ  لىكىن بەزى ئىشلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈشىمىز كېرەك ھەقىقىي تەكشۈرۈپ تەپەككۇر قىلىشىمىز لازىم چۈنكى ئۇ قىيامەتتە ئاخىرەتلىگىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە بىزنىڭ ئاخىرەتلىگىمىزگىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بارار جايىمىزغا يەنى خۇشاللىقمۇ ياكى نادامەتمۇ ؟   جەننەتمۇ ياكى دوۋزاقمۇ ؟ھەم بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى قەلبىمىزنىڭ ھەقىقىي ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك  بىز ھەقىقىي خۇشال كىشىلەرمۇ ؟؟ ھەقىقىي قانائەت ۋە خاتىرجەملىك ھىس قىلدۇقمۇ؟  ياكى پەقەت بىردەملىك خۇشاللىق ھىس قىلىدىغان بولدۇقمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ھاياتىمىز بالا-قازاغا ئەگىشىپ خوراپ كېتىۋاتىدۇ بىز توختىماي ئىستىمالچىلاردىن بولۇپ ئۆزىمىزنى  ۋەيران قىلامدۇق؟ ئۆز قولىمىز بىلەن  بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنى،دۇنيارىمىزنى ۋەيران  قىلامدۇق ؟  
       
        بىز ئاللاھتىن بىزنى بۇخىل ئاقىۋەتتىن  ساقلىشىنى تىلەيمىز !!!!!!!      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم    !!!!!!!!!  
        ..               
         .         
         2012 -يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
        تەرجىمە قىلغۇچى : مۇراتشاھ  
سىن ئادرىسى بۇ يەردە :  http://www.56.com/u36/v_NTg0MTgyMTE.html            
                                       

UID
19687
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 21:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزىرە خانىم سالام،دادىڭىز ئۆگەنگەن شۇ قولاي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەرەپچىنى تېز،ئوڭۇشلۇق ئۆگۈنىدىغان بىر يولنى كۆرسۈتۈپ قويسىڭىز،سىزدىن ئىلتىماس.

UID
34909
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-22
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 21:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oztekin يوللىغان ۋاقتى  2011-5-1 00:21
تىما ئېگىسىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.  مەن ئالىمىمىزنىڭ ھ ...

كەينىڭىزنى قىلىپ تۇرغان سىز شۇمۇ ؟

UID
6825
يازما
605
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
11866
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
411 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 18:12:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجرىنى بېرەر

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

UID
10139
يازما
134
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2444
تىزىملاتقان
2011-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 22:46:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە . مەن بۇ  ئۈلۈغ ئالىمنى بەكمۇ تۇنۇغۇم بار ئىدى . تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم.

UID
38017
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-19
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:51:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    اللە رەھمەت قىلسۇن! تېخىمۇ كوپ نادىر تىمىلىرىڭىزغا تەشنا بىز!

UID
13642
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2755
تىزىملاتقان
2011-7-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-20
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 23:47:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ھەممەيلەنگە ئۇ قىزغا رەھمەت نېسىپ قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش