كۆرۈش: 79861|ئىنكاس: 121

نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ دادىسى بىلەن سۆھبىتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7294
يازما
73
تېما
35
نادىر
1
جۇغلانما
2190
تىزىملاتقان
2010-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-8
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 22:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىز قانداق ئۆتكەن؟
مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەقلىمگە كەلگەندىن باشلاپلا ئائىلىمىزنىڭ ئىلمى مۇھىتى ماڭا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
پەدەر مەرھۇم دىنى ئىلىمىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئەللامە شۇنداقلا ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە، پارىسچە ئەدەبىيات بويىچە يىتىلگەن بەكامال ئەدىب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىلمى پائالىيەتلىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان.
ئەينى زاماننىڭ سەۋىيەسى بۇيىچە ئېيتقاندا ئائىلىمىزنىڭ باي كۈتۈپخانىسى بار ئىدى، كۆپلىكىدىن پەدەر مەرھۇمنىڭ ھوجرىسىغا سىغماي، مىھمانخانا، دالان، ئاشخانا ئۆيلەرنىڭ تەكچىلىرىگىمۇ تىزىلغان دۆۋە دۆۋە كىتاپلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
تېخى ساۋادىم چىقماي تۇرۇپلا كىتاپلار (ئارىسىدا) دۇنياسىدا ياشىغان ئىدىم، ھەر بىر كىتابنى قولغا ئالغان چېغىمدا مۇقاۋىلارنىڭ ئىسىللىقىغا ھەيران قالاتتىم. بەزى مۇقاۋىلارغا نەپىس ئالتۇن ھەل بىرىلگەن بولسا، بەزى مۇقاۋىلار كۈمۈشرەڭ ھەل بىلەن بىزەلگەن ئىدى.
بەزى كىتاپلار خوتەننىڭ پاتلىق سامان قەغىزىگە كۆچۈرۈپ يېزىلغان بولسا، بەزى كىتاپلار قەغەز سانائىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئەڭ نەپىس نەمۇنىلىرىدىن بولغان مەشۈت قەغەزگە يېزىلغان ئىدى.
بەزى كىتاپ ۋاراقلىرىنىڭ چۆرىسىگە بىرىلگەن رەڭدار نەقىشلەر كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ئۇستا خەتتاتلارنىڭ كۆزلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان گۈزەل خەتلىرى ئىنىقلىقى، رەتلىكلىكى، بىلەن مىنى ئەسىر قىلىۋالاتتى.
قوليازمىلارغا قارىغاندا باسما كىتاپلار تېخىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇخارا، تاشكەنت، سەمەرقەنت، قازان، ھىندىستان، مىسىر ۋە كابۇللاردا بېسىلغان ئەڭ قەدىمى نۇسخىلارمۇ بار ئىدى.
تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئۇسۇل، بالاغەت، مەنتىق، پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، لۇغەت، نەھۋى، سەرف ... كە ئائىت ھەممىلا مەزمۇندىكى كىتاپ تېپىلاتتى.
گۈدەكلىكىمدە گەرچە خەت تۇنىمىساممۇ، كىتاپلارنى قۇلۇمغا ئېلىپ، ئۇيان ئۆرۈپ بۇيان چۆرۈپ كۆرگىنىمدە كىتاپنىڭ مۇقاۋىللىرىنى، بەتلىرىنى سىلاپ بۇنىڭدا تۈگىمەس، سىرلىق مەنالار خەزىنىسىنىڭ تۇلۇپ ياتقانلىقىنى ئويلاپ، ۋۇجۇدۇمدا كىتاپقا نىسبەتەن ئالاھىدە ھۆرمەت، قىزىقىش ۋە قانداقتۇر بىر تۈرلۈك يۇشۇرۇن ئىشتىياق پەيدا بۇلاتتى. خەت قۇرلىرىدا ئاجايىپ بىر تىلسىماتلار باردەك تۇيۇلاتتى.
«بالدۇرراق چوڭ بۇلۇپ دادامغا ئوخشاش بۇ كىتاپلار سىرلىرىنى بىلەلەيدىغان بولسام ...» دىگەن تەقەززالىق قەلبىمدە كۈندىن كۈنگە ئاشاتتى. بۇ كىتاپلاردىن بەھرىمەن بۇلۇش ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇش لازىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم.
شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇۋاتقان چوڭ بالىلارغا ئوخشاش مەنمۇ ئۇقۇسام دەپ يېشىم بەشكە بارماي تۇرۇپلا غەلۋە قىلغىلى تۇردۇم. ئۆيدىكىلەر يېزىمىزدىكى مەكتەپكە قۇلۇمدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ بەردى. تەختىيۇن كەنتىدە ئېچىلغان بۇ مەكتەپتە قۇناخۇن خەلپىتىم بىلەن موللا ھۇشۇر خەلپىتىم دەرس بېرەتتى. ئىسىمدە ھازىرمۇ شۇنداق ئىنىق تۇرۇپتىكى موللا ھۇشۇر خەلپىتىم بىرىنچى بۇلۇپ چىرايلىق ياسالغان بىر پارچە كىچىك تاختايغا ئالدى بىلەن ئەرەپ ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرىپنى قۇمۇش قەلەمنى سىياھقا چىلاپ چىرايلىق يېزىپ بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كەتتىم.
بۇ ھەرىپلەرنى باشتىن ئاخىر بىر – بىرلەپ تۇنۇپ چىقىش ۋە ھەر بىر ھەرىپنى ئۆزىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى (مەخرىجى) بويىچە توغرا تەلەپپۇز قىلىش تەلەپ قىلىناتتى.
يىڭى ساۋات چىقىرىشنى باشلىغان بالىلارغا ھەرىپلەرنى تاختايغا يېزىپ ئۈگىتىش بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىر خىل ئەنئەنە ئىدى. بۇ يۇرتىمىزدىلا ئەمەس، چەتئەل مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارىخانلىرىدىمۇ بار قائىدە ئىكەن. (1983- يىلى جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى زىيارەت ئۈمىكى تەركىبىدە شىمالى ئافرىقىد زىيارەتتە بولغىنىمدا، بىر قارىخانىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېلىپبە ھەرىپلىرىنىڭ ۋە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ چوڭ – كىچىك تاختايلارغا يېزىلىپ ئۇقۇتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەنە شۇ بالىلىق چاغلىرىمدىكى مەكتەپ ھاياتىم كۆز ئالدىمغا كەلدى).
يېزىمىزدىكى مەكتەپتە قۇرئان ساۋادىمنى ۋە خەت ساۋادىمنى چىقارغاندىن كىيىن، تىجەن يېزىسىدا چوڭ ئانام (ئانامنىڭ ئانىسى) نىياز خېنىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇقۇدۇم.
نىيازخان خانئانام تىجەننىڭ يۇرت مۆتىۋىرى ئىمىن ھاجىمنىڭ قىزى بۇلۇپ ئۇ ناھايىتى تەقۋادار، ئىلىمپەرۋەر، رايىش مەزلۇم بۇلۇپ ماڭا بەك ئامراق ئىدى. تىجەندە شىيەنلى مەكتەپ دىيىلىدىغان ناھىيلىك مەكتەپتە چۈشتىن بۇرۇن ئۇقۇيتتۇم، چۈشتىن كىيىن تىجەن مەدرىسىدە ئۆزبىك ئىسھاق قارىھاجىمنىڭ مەدرىسىدە قۇرئاندىن دەرىس ئالاتتىم.
ئىككى مەكتەبنىڭ دەرىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەتىگەندىن – كەچكىچە دەرىسلەرنى تەكرار قىلىشقا ۋە يادلاشقا توغرا كىلەتتى. ھويلىدىكى تال باراڭنىڭ ئاستىدا، باغدىكى مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سايسىدا، دەرۋازا ئالدىدىكى كۆل بۇيىدا زىرىكمەي دەرىس تەكرارلايتتىم.
رەھمەتلىك خانئانام مىنىڭ ياخشى ئۇقۇۋاتقانلىقىمدىن سۆيۈنۈپ، مەن ئامراق تاماقلارنى ئىتىپ بىرىپ، مىنى ئۆي ۋە تالانىڭ ھېچقانداق ئىشىغا سالمايتتى.
1947- يىلى تەختىيۈن يېزىسى جامەسىنىڭ خەتىبى ۋە ئىمامى بولغان دادام سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ جامائەتنى سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن مەزكۇر جامەنىڭ قوروسى كىڭەيتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە تەختىيۈن مەدرىسىسى سېلىندى. مەدرىسىنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرى ئالدى بىلەن قارى تەربىيلەش بىلەن باشلاندى.
مەدرىسكە ئالىم، ئەدىب، ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيىچە نام قازانغان داڭدار قارى مۇھەممەد ئەمىن سۇپىزادىنىڭ قىرائەتتە مۇرەتتەپ قارى بۇلۇپ، ئۇزۈپ چىققان باش شاگىرىتلىرىدىن بىرى بولغان ئاتۇش بۇيىچە نامدار ئوڭرۇڭلۇق قارى پازىل قارىم قارى تەربىيلەيدىغان باش ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىندى. گەپتىن گەپ چىققاندا سۇپىزادە تۇغرىلىق ئىككى ئېغىز دەپ بىرەي.
مۇھەممەد ئەمىن سۇپىزادە ئەسلى نامانگانلىق بۇلۇپ، ياش ۋاقتىدا مىسىر، مەككە – مۇكەررەمە، مەدىنە – مۇنەۋۋەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، دىنى ئىلىملەرنى تۇلۇق ئىگەللەشتىن تاشقىرى مەشھۇر ھافىزلاردىن يەتتە خىل قىرائەتنى مەخسۇس تەلىم ئېلىپ ۋايىغا يەتكۈزگەن. ئەرەپ ئاھاڭىدا چىرايلىق، تەسىرلىك ئۇقۇشتا ئۆز دەۋرىدە كەم ئۇچرايدىغان ھافىز دەپ تۇنۇلغان. نەمەنگاندىن قەشقەرگە كىلىپ ساھىبە خەيرات موللا تۇردىھاجىمنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئاتۇش ئۆڭئېرىقتا مەخسۇس قارىخانا ئېچىپ، يىڭى ئۇسۇلدا يۇقىرى سەۋىيەلىك قارىلارنى تەربىيلەپ چىققان.
مىنىڭ ئۇستازىم پازىل قارىم، لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىللە گومىنداڭ تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ئىنقىلاۋى قۇربان تۇراپ قارىلار شۇ قارىلار جۈملىسىدىن ئىدى.
پازىل قارىم ئۇستازىدىن تەلىم ئالغان يىڭى ئۇسۇل بۇيىچە قارى تەربىيلەشكە باشلىدى. بۇ ئۇسۇل بۇيىچە تەربىيلەنگەن شاگىرىتلار قۇرئاندىن يادا ئېلىپ بولغان ئايەت، سۈرىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي داۋاملىق تەكرارلاپ تۇرۇش شەرتى ئاستىدا يىڭىدىن ئالغان دەرىسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ باراتتى. ئۇنداق قىلغاندا قۇرئاننى يادلاش ۋاقتى تىزلىشەتتى. شۇنداقلا ئۇقۇۋاتقان قارى مۇرەتتەپ قارى بۇلالماي قالغاندىمۇ، قۇرئاندىن قانچىلىك يادا ئالغان بولسا، ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايتتى. قۇرئاندىن يادا ئالغان قىسمىغا خەتمىدىن ئۈتەلەيتتى. مانا بۇ ساھابىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنى يادلاش ئۇسلۇبىغا ئۇيغۇن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەجۋىد دەرىسى ئۈتۈلۈپ قۇرئان تەلىم قىلىنغاندا ئەمىلىيەتكە تەتبىق قىلىناتتى. دىمەك قۇرئاننى ئاز يادا ئالغان ھالەتتىمۇ چۇقۇم تەجۋىد بىلەن يادقا ئېلىش بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇلاتتى.
بۇ چاغلاردا مەن ئاجايىپ تىرىشچانلىق بىلەن بالىلارنىڭ ئالدىدا ماڭدىم ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقت ئىچىدە قۇرئاننى تولۇق يادقا ئېلىپ بولۇپ ئۇن يېشىمدا 180 بالا ئىچىدە بىرىنچى بۇلۇپ خەتمە كەردە بولدۇم.

سۇئال: سىز ئەرەپ تىلىغا ئانا تىلىڭىزدىنمۇ بەك پۇختا، يەنە چاغاتايچە، پارىسچە، تۈركچە، تاتارچە، ئۆزبىكچە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن ۋە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىسىز. خەنزۇ تىلى ماتىرىياللىرىدىنمۇ بىمالال پايدىلىنالايسىز. سىزنىڭ ئىلمى جەھەتتىن بۈگۈنكىدەك ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئىستىداتىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئۈزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا ئامىللارنىڭمۇ تەسىرى بولغانمۇ؟

ھەئە، ئۆزۈمنىڭ مۇستەھكەم ئىرادە، بۇشاشماسلىق ئىزچىللىق، ياخشى – يامان كۈنلەردىمۇ مەۋقەيىمدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ئاخىر نىشانىمدىن چەتنەپ كەتمەي مىنۇت سىكۇنت ۋاقتنىمۇ قەدىرلەپ قاتتىق سۆڭەكلىك بىلەن تىرىشىشىمدىن باشقا يەنە ئائىلىمىزدىكى قۇيۇق ئىلمى مۇھىت، دادام مەرھۇمنىڭ كىچىكىمدىن مىنى يىڭىچە ئىلمى ئۇسۇلدا نىشانلىق، سىستىمىلىق دەرس ئۆتۈپ، تەلەپنى قاتتىق قويۇش بىلەن بىرگە رىغبەتلەندۈرۈشنى تەڭ قوللۇنۇپ تەربىيلىشى ئۇقۇشۇم ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئۈنۈمى يۇقىرى، چۈشىنىشلىك، مۇۋاپىق دەرىسلىكلەرنى تاللاپ بېرىشى ۋە ماڭا دادامدىن قانائەت تاپماس ئىلىم ئىشتىياقىنى ئىلىم يۇلىدىكى رىيازەتلەرگە چىداش روھى، ئۈنۈملۈك، جانلىق مۇتالىئە ئۇسۇلى ۋە ئۈگىنىش، تەتقىقات ئۇسلۇبىنىڭ يىتىلگەنلىكى دەپ ئويلايمەن.
دادامدىن ماڭا بۇ ياخشى خىسلەتلەر سىڭگەنلىكىگە ئوخشاش دادامغىمۇ پەزىلەتلىك، ئىلىملىك، دىيانەتلىك، ئاتا – بۇۋىسىنىڭ روھى سىڭگەنىكەن. دادامنىڭ ئاتا تەرەپ چوڭ دادىسى موللا سالىھ خەلپىتىم نامدار ئادەم بۇلۇپ ئۆز يۇرتى تەختىيۈندە ئۆز زامانىسىدا مەكتەب ئېچىپ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ دىلىغا ئىلىم سېلىپ، ئۇلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىسىلەرگە لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيلىگەن ئىكەن. ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى مەشھەدلىك ياقۇپ ھاجىم بۇلۇپ «مەھكىمە شەرئى»دە ئەئلەم ئاخۇنلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ دەۋا سوراشتا ئادىل – ھەققانىيلىقى بىلەن ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان ئىكەن. (قىزىم مەن سىنىڭ ئىلىم ئۈگىنىش ۋە ئاقارتىش يولىدا ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە بۇشاشماي ئىجتىھاد كۆرسىتىپ ئۇلۇغ بۇۋىلىرىڭنىڭ روھىنى خۇشنۇد قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن).

سۇئال: قۇرئاننى يادلاپ ئون يېشىڭىزدىلا قارى بولۇپ خەتمىدىن ئۆتكىنىڭىزدىن قارىغاندا ئىلىم ئىزلەشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپسىز. ئەرەپ تىلى ۋە باشقا دىنى ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنى قايسى تەرىقىدە داۋاملاشتۇردىڭىز؟
مىنى ئىلىم ئىزلەش يولىدا بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازاندى دىيىلسە بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى ئامىللاردىن ئىزدەش كىرەك.
ھازىر ئەسلىسەم پەدەر مەرھۇم تەلىم – تەربىيە قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن ھالدا مىنى باشتىن ئاخىر تولىمۇ سىستىمىلىق يىتەكلەپتىكەن. قۇرئان ۋە ھەدىس ۋە باشقا دىنى ئىلىملەرگە دائىر پەنلەر ئەرەپ تىلىدا بولغاچقا ئالدى بىلەن ئەرەپ تىلى ئۆتكۈلىدىن ياخشى ئۈتۈشنىڭ زۆرۈۈلىكىنى كۆزدە تۇتقان، ئەرەپ تىلى گىرامماتىكىسى بىر قەدەر قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلماي بولمايتتى. يىڭى ئۆگەنگۈچىگە دەسلىۋىدىلا ئەرەب تىلىدىكى گىرامماتىكا دەرىسلىكلىرىنى ئۆگىنىش خېلىلا قىيىن تويۇلىدىغان ئىش.
كونا مەدرىس ئۇسۇلى بويىچە ئيتقاندا ئەمدىلا ئەرەپ تىلى ئۆگىنىشنى باشلىغان ئوقۇغۇچىغا ئالدى بىلەن ئەرەب تىلى مورفولۇگىيەسى (سەرف) توغرىسىدا پارىسچە يېزىلغان «بىدان» كىتاۋى ئوقۇلاتتى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان «زەنجانىي»، «ھەرەكات»، «مۆئزى» قاتارلىق كۇنا ئۇسلۇپتا يېزىلغان دەرىسلىكلەر ئۇقۇلاتتى.
پارىسچە بىلەن ئەرەپچىنى ئەمەس ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنىمۇ تېخى ياخشى چۈشىنىپ كىتەلمەيدىغان تالىپچاق ئۈچۈن بۇ كىتاپلار تولىمۇ چۈشىنىكسىز تۇيۇلاتتى. مۇنداق قالاق ئۇسۇل نۇرغۇن تالىپلارنىڭ قايمۇقۇپ ھېچنەرسىنى چۈشىنەلمەي مەدرىسىدىن قېچىشىغا ياكى نۇرغۇنلىرىنىڭ دەرىسلەرنى ئۇقالماي 5-10 يىل مەدرىسىلەردە قېلىشىغا سەۋەپ بولاتتى. ئەنە شۇنداق ئۇسۇلغا قارىتا مۇنداق ھەجۋى شىئىرلار مەيدانغا كەلگەن.

زەنجانىي كىتاپ كۈندۈزىمىزنى كىچە قىلدى،
ئالتەيلەندۇق يەتتىمىزنى گاچا قىلدى.

يەتتە يىلدۇر تىنىم تاپماي ئۇقۇيمىزلا – ئۇقۇيمىز،
بابى ئىستىنجاغا كەلدى ئەمدى بىزنىڭ دەرىسىمىز.

ئاندىن كاپىيەنىڭ شەرھى «شەرھى موللا»، «تەفتەززانى»، «خىيالى»، «سەيەلكۇتى»، «ئىسا غۇجى»، «شەمسىيە»، «ھاشىيە»، «ھىكمەتۇلئەين»، «مۇللا جەلالىدىن» قاتارلىق كىتاپلارنى ئۇقۇيتتى.
مۇشۇنداق دەرىسلىكلەرنى ئۇقۇغانلىقى ئۈچۈن خېلى يىللار مۇدەررىسلەردە ئىستىقامەت قىلغانلارمۇ مۇتالىئەسى چىقىش تۈگۈل ئاخىرىدا پىئىل بىلەن پائىلنى پەرق قىلالماي چىقىپ كىتىدىغانلار كۆپ ئىدى.
بىزنىڭ يۇرتتا بىر خەلپىتىم بولىدىغان. قەشقەر مەدرىسىلىرىدە ئۆز زامانىسىدا ئون نەچچە يىل ئىستىقامەت قىلغان. ئۇقۇش جەريانىدا «شەرھى موللا»نى دەرىسلىك قىلغان بولۇپ، كۈزلۈك ئۇقۇش باشلانغاندا «شەرھى موللا»نىڭ باش تەرىپى «مەرفۇئات» بابىدىن باشلاپ بىر مەۋسۇملۇق دەرىس ئاياغلىشىپ، ياز بولغاندا «مەنسۇبات» بابىغا كىلىپ توختايدىكەن. يەنە كۈزدە يىڭىدىن دەرىس باشلىغانلارغا قوشۇلۇپ «مەرفۇئات» بابىدىن باشلاپ بىر قىش دەرىس ئۆتۈپ «مەنسۇبات» بابىغا كەلگەندە تەتىل قىلىدىكەن. ئۇ خەلپىتىم ئوقۇغان بۇ «شەرھى موللا» كىتابىغا قارايدىغان بولساق، مۇشۇ يۇسۇندا بۇ كىتاپنىڭ باش تەرىپى ھەر يىلى تەكرار ئوقۇلۇۋۋەرگەنلىكتىن، كىتاپنىڭ باش تەرىپى ۋاراقلىرى يىرتىلىپ، كونىراپ، خەتلىرى ئۆچۈپ تۇنۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن. «مەنسۇبات» بابىدىن باشلاپ، كىتاپنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان كىتاپنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان ۋاراقلىرى ئۇقۇلمىغانلىقتىن، يىڭىچە پېتى تۇرغان.
تالىپلارنىڭ ئىلىمدە چوڭقۇرلاپ، نەتىجە قازىنىشىدا ئۇستازنىڭ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ توغرا يىتەكچىلىك قىلىشى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
سابىت داموللام ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدا «نەفەھات» كىتابىنى ئۇقۇماقچى بولۇپ، ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئالدىغا كىرىدۇ. داموللام: سەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ «قۇساق باقتى» بولاي دەمسەن. (چۈنكى بۇ چاغلاردا بۇ كىتاپ بەزى مەشرەپلەردە، چاي سورۇنلىرىدا ئۇقۇلاتتى) دىگەن. سابىت داموللام: «ئەمىسە نىمە ئۇقۇي» دىگەندە، ئىسلامىي ئىلىملەردە پۇختا بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەرەپ تىلى ۋە ئەرەپ ئەدەبىياتىنى ياخشى ئۇقۇماي بولمايدۇ. سەن بۇ جەھەتتىكى سەۋىيەڭنى «ماقاماتى ھەرىرى»نى ئۇقۇغىن دىگەن. شۇنىڭ بىلەن سابىت داموللام «ماقاماتى ھەرىرى»نى ئابدۇقادىر داموللامدا ئوقۇپ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئاتۇشقا كىلىپ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۇزى مۇتالىئە قىلىپ 40 قېتىم ئوقۇپ ئۆتكۈزگەن.
پەدەر مەرھۇم مەدرىسىلەرنىڭ كونا – ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، توغرا يەكۈن چىقارغاندىن كىيىن مىنىڭ ئۇقۇشۇمغا يىتەكچىلىك قىلىشتا، باشقا يول تۇتۇپ، يىڭى ئۇسۇل قوللانغان. مىنىڭ ئەينى چاغدىكى سەۋىيەمگە قاراپ، ئانا تىلدا دەرىسلىكلەرنى تۈزۈپ ئۈگەتكەن. ئەرەپ تىلى مورفولوگىيە قائىدىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە «ئونۋان سەرف» كىتاۋىنى تۈزۈپ، ماڭا دەرىسلىك قىلىپ ئۆگەتكەن. ئارقىدىنلا بۇ كىتاپنى تېخىمۇ ئىخچاملاپ مەسنەۋى شەكلىدە نەزمىلەشتۈرۈپ «ئىقدۇلمەرجان» دىگەن كىتاپنى يېزىپ چىقىپ ماڭا يادا ئالدۇرۇپ ئۈگەتكەن.
قۇرئان ئۇقۇشنىڭ فونتىكىلىق قائىدىللىرى بايان قىلىنغان تەجۋىد كىتاۋىنىمۇ ئۇيغۇرچە دەرىسلىك قىلىپ تۈزۈپ ئوقۇتقان. ئۇنىڭدىن باشقا مىنىڭ شۇ چاغدىكى سەۋىيەمنى كۆزدە تۇتۇپ ئەدەبىيات، ئۇسۇل، ھەدىس، فىقھى، ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئەڭ چۈشىنىشلىك تۈزۈلگەن كىتاپلارنى تاللاپ ئۈگەتكەن.
پەدەر مەرھۇمنىڭ دەرىسى ئۈنۈملۈك بولۇپ، دەرىس ئۆگىتىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ئىدى، ئۇ ئۈگەتمەكچى بولغان ھەر بىر دەرس ئۈستىدە ئالدى بىلەن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزەتتى. بىر سائەت دەرىس ئۈگەتمەكچى بولسا، شو قېتىملىق دەرىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى كىتاپقا قارىماي تۇرۇپ 15 مىنۇتچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ يىغىنچاقلاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئالدى بىلەن بىر سۆزلەپ بېرەتتى. ئاندىن كىتاپنى ئېچىپ ئەرەپچە ئىبارىلەرنى شەرھىلەپ، چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ بېرەتتى. دەرىس ئالدىدىكى چۈشەندۈرۈشىدىن دەرىسنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، دەرىسنى ئوڭاي ئۆزلەشتۈرىۋېلىشقا پايدىسى زور بولاتتى.
دەرىس ئۆتۈشتىكى تىلى مەدرىس تىلىغا كۆرە ئەدەبى تىلغا يېقىن ئىدى. دەرىس ئۈستىدە تىكىستنى، چۈشەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە دەرىس ئارلىقىدا دەرىسكە ئالاقىدار زۆرۈر قىستۇرما ۋە ئىزاھاتلارنى بېرىپ ماڭاتتى. دەرىستىكى قىيىن مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇراتتى. قانداقلا سۇئال بولمىسۇن ئەستايىدىل، چۈشىنىشلىك قىزغىن جاۋاپ بېرەتتى. مىنى جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يېتىپ، مىنۇت – سىكونتمۇ قولدىن بەرمەي، زىرىكمەي كىتاپ كۆرۈشكە ئۈندەيتتى. ھارماي، تالماي ئۆگىنىپ ئۆز ئىقتىدارىمنى ئىشقا سالساملا بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسگە ئۆرلەپ كۆزلىگەن نىشانغا يىتىدىغانلىقىمغا ئىلھاملاندۇراتتى. ئىلمى جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمنى دىققەت بىلەن كۈزۈتۈپ باراتتى. ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم توغرا بولغانلىقى، باشتىن ئاخىر ئىزچىل بىر نىشاننى بويلاپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈن تەھسىل جەريانىدا ئەگرى – توقاي يوللارنى بېسىش بولمىدى.

سۇئال: ئاتۇشتىكى چېغىڭىزدا ئوقۇغان ئىسلام ئىلىملىرىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدىكى كىتاپلاردىن ۋە يازغان ئەرەپچە شىئىرلىرىڭىزدىن خېلىلا يۇقىرى سەۋىيە ھاسىل قىلغانلىقىڭىز بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى بېيجىڭدىكى جۇڭگۇ ئىسلام ئىنىستىتوتىغا بارغاندىن كىيىن، سىزدە قانداق يۈكسىلىشلەر بولدى؟
جاۋاپ: جۇڭگو ئىسلام ئىنىستۇتىغا شىنجاڭدىن تۇنجى قارارلىق ئوقۇشقا بارغان 30 نەچچە ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەر ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بويىچە ئۆتۈلەتتى. ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام ئىلىملىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەرىسلەر مىنىڭ تەشنالىقىمنى ئەلۋەتتە قاندۇرالمايتتى.
ئەينى يىللاردا مىسىر ئەزھەر ئۇنۋىرىستىتىدىن شەيخ ئابدۇلەتىف، دوكتۇر بەھىيۇددىن زەييانى، ھامىد سۇلايمان قاتارلىق ئۇستازلار جوڭگۇ ئىسلام ئىنىستىتوتىغا دەرىس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇلار دەرس ئۆتۈشكە كىرىشىشتىن بورۇن ئالدى بىلەن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىناپ كۆرمەكچى بولدى. ئۇلار ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپ ھاياتى ئۈستىدە بىرەر پارچىدىن ئەرەپچە ماقالە يېزىشنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازغىنە قىسمىدىن باشقىلىرىنىڭ بۇ تاپشۇرۇقنى ئۇرۇندىشى قىيىن ئىدى. مەن مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرىمىزنى ئەرەپچە نەسرى ئەمەس شىئرى نەزمە قىلىپ يېزىپ چىقتىم. ئۇستاز ھامىد سۇلايمان بونى كۆرۈپ «سەن ئەرەپچە شىئىر يازالايدىغان شائىر ئىكەنسەنغۇ، سەن مىسىرغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرساڭ بولغۇدەك» دىدى. مەن ئوقۇش جەريانىدا ئەرەپ پەلسەپىسى ۋە ئەرەپ ئەدەبىياتى ئۈستىدە ئايرىم ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن تەلىم ئالدىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئىسلام ئىنىستوتىنىڭ پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئەرەپچە كىتاپلارغا باي كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. مەن ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەي شۇ كىتاپلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ تىلى ۋە دىنى ئىلىم سەۋىيەم كۈندىن – كۈنگە ئۆستى.
مەكتەپكە يىڭى بارغان مەۋسۈمدە، يىڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. شۇ چاغدا يىڭى يىلغا ئاتاپ ئەرەپچە بىر شىئىر ۋە بىر نەسىر يېزىپ سورۇندا ئوقۇغىنىم ئىسىمدە.


گۈلگۈن قۇياش كائىناتقا زەر نۇرلىرىنى چاچقان ھالدا پارلاپ چىقتى، ئۇنىڭ چىھرىدە خوشاللىق – جىلۋىلىنىپ، گويا يىللارنىڭ ئەڭ پەخىرلىك تاجىنى كىيگەن بۇ يىلنى قارشى ئېلىۋاتاتتى. جىمى جاھان يىڭى يىلنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن خۇددى چىڭقى چۈشتىكى قۇياشتەك يورۇپ كەتتى. قاپ قاراڭغۇ كىچىلەرمۇ ئاي نۇرىسىز ئاپپاق ئايدىڭ بولۇپ كەتتى. جانۇ جانىۋارلار يىڭى يىلنى كۈيلەپ تەنتەنە قىلماقتا. يىڭى يىلنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىق خەۋىرى شەھەر – قىشلاقلارغىچە يەتتى. ئاھ يىڭى يىل كۈنلەر گۈزەللىكىڭدىن ئۈلگە ئالدى. قۇياش بىلەن ئايمۇ سىنىڭ نۇرۇڭدىن نۇر ئالدى. باھار چىچەكلىرىمۇ سىنىڭ ھۆسنۈڭگە قايىللىقىنى بىلدۈردى. جىمى ئادىمىزات سىنىڭ كىلىشى بىلەن بەخىتكە چۆمدى، بارچە تىللار بەس – بەس بىلەن سىنى تەرىپلەشمەكتە، بىز ئىسلام ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار كۈچىمىز بىلەن سىنى قارشى ئالماقتىمىز. چۈنكى سىنىڭ مۇھەببىتىڭ زامانلاردىن – زامانلارغىچە ۋۇجۇدىمىزغا چوڭقۇر سىڭگەن. گەرچە لايىقىڭدا بولمىسىمۇ شىئىردىن تىزغان مۇنۇ گۈلدەستەمنى ساڭا سۇندۇم.

شىئىر

يازغان شىئىرلىرىمنى سورۇندا ئوقۇشۇم تۇنجى قېتىم بولغاچقا ئەزھەردىن كەلگەن ئۇستازلىرىم ۋە باشقىلارنىڭ بۇ شىئىرنى يۇقىرى باھالىشى ماڭا تۇلىمۇ ئىلھام بولۇپ، شىئىر يېزىشقا بولغان قىزغىنلىقىم تېخىمۇ ئاشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپچە ئەدەبى كىتاپلارنى، شىئرى دىۋانلارنى كۆپ كۆرىدىغان، ۋاقىت چىقىرىپ شىئرىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بولدۇم. بۇ جەھەتتىكى سەۋىيەم بارغانسىرى ئۆسۈپ باردى. ئۇندىن باشقا پەدەر مەرھۇم بېيجىڭگە ماڭا يازغان خەتلىرىنىڭ ئاخىرىغا مىنى ياخشى ئوقۇشقا، تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەرغىپ قىلىنغان ئەرەپچە شىئىرلارنى يازاتتى. نۆۋىتىدە مەنمۇ يازغان خەتلىرىمدە ئەرەپچە نەزمىلەرنى تۈزۈپ ئەۋەتەتتىم. بىر قېتىم دادام ئۈرۈمچىگە سىياسى كېڭەشنىڭ يىغىنىغا كەلگەن چاغدا بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن ئىدىم. ئۇنىڭغا بىر پارچە شىئىرمۇ يېزىپ قويغانتىم. دادام بىلەن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۆلىمالار مىنىڭ بۇ شىئرىمنى كۆرۈپ ئالاھىدە ئاپىرىن ئوقۇشۇپتۇ. مىنى كەلگۈسىدە ئىلمى جەھەتتىن يىتۈك ئادەم بولۇپ چىقىشىمغا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ.

سىزنى مۇشۇنداق قىلىپ تەربىيلىگەن چوڭ دادام توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

پەدەر مەرھۇم ئىلىم تەھسىل قىلغان مەزگىللىرىدە تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر خىل ئالىيجاناپلىق، قانائەتچانلىققا، كىشىدىن نەرسە تەمە قىلماي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان خىسلەتكە ئىگە ئىدى. كىشىلەردىن نەرسە تەمە قىلمايتتى. سەدىقە – ئىھسان، ئىسقات قاتارلىقلارنى ئالمايتتى.
پەزلى كامالەتلەر ساھىبى، توشقان ئىلىمدار، يۇقىرى ئابرويلۇق جامائەت ئەربابى بولسىمۇ لېكىن نام شۆھرەتنى قوغلاشمايتتى، ئەمەلنى دوست تۇتمايتتى. قەشقەرنىڭ ۋالىيسى ئۆمەر داموللام ئالاھىدە ئاتۇشقا كىلىپ، دادامنى ئاتۇشنىڭ ھاكىملىقىغا تەكلىپ قىلغان ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ مەنسەپنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قوبول قىلمىغان.
ئەھلى ئىلمى، تالىبۇل ئىلمى ۋە يارەنلىرى كەلسە بىرە نەرسە سوۋغا قىلماي ئۇزاتمايتتى . ئۆز ۋاقتىدا (1930) يىللار گۇچۇڭدىكى چوڭ جامىئەدە ئىمام ۋە خەتىپ بولۇپ تۇرغان چېغىدا، (رامىزان ئېيىدا جامىئەدە قۇرئان كەرىم باشتىن ئاخىر ئوقۇلۇپ چوڭ خەتمە ئۆتكۈزۈلگەن. قۇرئان خەتمىسنىڭ تۈگىگەن كىچىسى جامائەت قارىلارنى ئۇزىتىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا پۇل – مال قويغان چاغدا پەدەر مەرھۇمغا «ئالىم ۋە جامائەتنىڭ خەتىبى» دەپ بايلار يىغىش قىلىپ 35 سەر ئالتۇننى ھەدىيە قىلىپ ئالدىغا قويغان. پەدەر مەرھۇم: «مەن بولسام ھال – كۈنۈم ياخشى، بىھاجەت ئادەممەن. بايلارنىڭ زاكات سەدىقىسىدىن بىرىلگەن بۇ پۇلنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايمەن. بۇنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بەرسەم بۇ پۇل يەنىلا چۆنتىكىڭلارغا چۈشۈپ كىتىدۇ. يۇرتتىكى پېقىر – نامراتلارنى تىزىملايلى، مۇشۇ يەردە بۇنى شۇلارغا تارقىتىپ بىرەيلى» دەپ بۇ پۇلنى يوقسۇزلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتكەن.
يۇرت چوڭلىرى تەرىپىدىن ئاتۇش مەھكىمە شەرئىنىڭ (1946-1949) قازى كالانلىقىغا (باش قازى) تەكلىپ قىلىنغاندا. دادام: «ئەگەر بۇنى قوبۇل قىلمىسام بولمايدىغان بولسا، قوبۇل قىلاي، لېكىن شەرتىم بار دەپ مەھكىمە شەرئىنىڭ ئىش بىجىرىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ئالدى بىلەن قازىلارنىڭ قولىدىكى موھۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، دىۋاندا مەخسۇس ساقلاش، دەۋا سورىغاندا مۇزاكىرە قىلىپ ھۆكۈمنى بېكىتىشنى، ئاخىرىدا ھەممە قازىلار جامائەت ئالدىدا ئاشكار يوسۇندا موھۇرلىرىنى بېسىش قاتارلىق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شەرتلەر ماقۇللانغاندىن كىيىن، ئاتۇش مەھكىمە شەرئىدە قازى كالان بولغان. مەھكىمە شەرئىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئادىللىقتا، ھەققانى ئىش بىجىرىشتە، پاكلىقتا نەمۇنە بولغان.
پەدەر مەرھۇم دىنى ۋەزىپىدىن كەلگەن كىرىمگە ياكى نەزىر چىراقلاردىن كەلگەن كىرىمگە يۆلىنىپ ياشاشنى خوپ كۆرمەيتتى. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشتا پۈتۈن ئەھلى ئىلىملەرگە ئۈلگە ياراتقان ئىدى.
دىھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن پۈتۈن ئائىلىمىزدىكى 10 نەچچە جاننى گۈلدەك باقاتتى. ئالدى باغ، كەينى باغ دەيدىغان باداملىق ئەنجۈرلۈك، ئانارلىق، مول ھۇسۇللۇق چوڭ باغلارنى ئۆز قولى بىلەن ئەھيا قىلغان ئىدى. ئۇرۇق تاللاشتىن تارتىپ ئۇغۇتلاشقىچە ھەر بىر كىچىك ھالقىللىرىدا گۈلدەك باقاتتى. تۈجۈپىلەپ ئېتىزلاردىنمۇ مول ھۇسۇل ئالاتتى.
كىچىك تىپتىكى كارخانا ئېچىپ ماشىنا بىلەن پايپاق ۋە رومال توقۇيتتى. توقۇلغان پايپاق ۋە روماللار قەشقەرگە ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا «ئاتۇش پايپىقى» دىگەن نام بىلەن تارقىلاتتى. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا دادام بۇ كەسىپنى قانات يايدۇرۇش بىلەن مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا تىگىشلىك ھەسسە قوشقان ئىدى.

ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىگە يازغان مەكتۇبى.

دادام مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇستازىنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام تەشەببۇس قىلغان تەرەققىپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك روھى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭگەن ئىدى.
پەدەر مەرھۇم ئەينى چاغلاردا ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىدىن داموللام، مەھمۇد داموللام، موللا ئىسلام داموللام قاتارلىق قەشقەرنىڭ ناياپ مۇدەررىسلىرىدە ئوقۇپ تەبىئەت، مەنتىق، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەدەبىيات قاتارلىق 16 خىل دەرىسنىڭ ھەممسىدە ئەلا ئوقۇپ، مەدرىسىنى پۈتتۈرۈش چوڭ مۇراسىمىدا ئۇستازلارنىڭ ئالدىدىن ئەلا دەرىجىدە ئۆتۈپ خەتمە كەردە بولغان. ھەرەمدە 40 يىل مۇدەررىسلىك قىلغان داڭدار ئالىم مۇراد ھەزرەتنىڭ چۆچەكتە ئېلىپ بارغان تەلىم تەربىيە جەھەتتە ئېلىپ بارغان ئومۇمى) ئىسلاھاتچىلىق ھەققانى، دادىل، يىڭى مەرىپەتچىلىك تەشەببۇسلىرىنى ۋە بو جەھەتتىكى كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن بىر ئۇزۇن ئەرەپچە قەسىدە يېزىپ ئەۋەتكەن. بۇ قەسىدە مۇراد ئەپەندىنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ئۇنىڭغا قارشى مەيداندا بولغانلارنىڭ دۈشمەنلىك ھەركەتلىرى ئەيىپلەنگەن. مۇراد ھەزرەتكە ئۆز مەيدانىدا بەر قارار تورۇپ، خاسىيەتلىك ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

داۋامى بار..

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئويلانماقتىمەن..

UID
10201
يازما
108
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
3191
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-22
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 23:30:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىسى بىلەن قىزى ئەجەپ ئىلمىي، تەرتىپلىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىكەن - ھە!
ئاتا- بالىنىڭ بۇنداق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
بۇ سۆھبەت ئارقىلىق بۇ ئالىمنىڭ تەپسىلىي تارىخىدىن خەۋەردار بولىدىغان بوپتىمىز.
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

كۆيۈمچان ئەزا

ھېچ ئىش قىلمىغان

UID
4991
يازما
47
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1458
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 00:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئېگىسىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر.  مەن ئالىمىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت ماتىرىياللارغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدىم.  ئويلىمىغان يەردىن نەق چىقىپ قالدى.

ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى خاتالاشمايدۇ.

UID
8707
يازما
11
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
311
تىزىملاتقان
2011-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 00:31:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل ئىش بولدى، داموللام ھەققىدە مۇشۇنداق بىر يازما كەمچىل ئېدى زادى.
داۋامىنى كۈتىمىز .

UID
7294
يازما
73
تېما
35
نادىر
1
جۇغلانما
2190
تىزىملاتقان
2010-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-8
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 00:41:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى بۇ يېقىنلاردا كۈتۈپ ئاۋارە بولماي مۇشۇنى ئۇقۇغاچ تۇرۇڭلار ئەمدى...  بەك كەينىگە سۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن....

UID
8631
يازما
115
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3417
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-9
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 00:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھلى ئىلمى، تالىبۇل ئىلمى ۋە يارەنلىرى كەلسە بىرە نەرسە سوۋغا قىلماي ئۇزاتمايتتى . ئۆز ۋاقتىدا (1930) يىللار گۇچۇڭدىكى چوڭ جامىئەدە ئىمام ۋە خەتىپ بولۇپ تۇرغان چېغىدا، (رامىزان ئېيىدا جامىئەدە قۇرئان كەرىم باشتىن ئاخىر ئوقۇلۇپ چوڭ خەتمە ئۆتكۈزۈلگەن. قۇرئان خەتمىسنىڭ تۈگىگەن كىچىسى جامائەت قارىلارنى ئۇزىتىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا پۇل – مال قويغان چاغدا پەدەر مەرھۇمغا «ئالىم ۋە جامائەتنىڭ خەتىبى» دەپ بايلار يىغىش قىلىپ 35 سەر ئالتۇننى ھەدىيە قىلىپ ئالدىغا قويغان. پەدەر مەرھۇم: «مەن بولسام ھال – كۈنۈم ياخشى، بىھاجەت ئادەممەن. بايلارنىڭ زاكات سەدىقىسىدىن بىرىلگەن بۇ پۇلنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايمەن. بۇنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بەرسەم بۇ پۇل يەنىلا چۆنتىكىڭلارغا چۈشۈپ كىتىدۇ. يۇرتتىكى پېقىر – نامراتلارنى تىزىملايلى، مۇشۇ يەردە بۇنى شۇلارغا تارقىتىپ بىرەيلى» دەپ بۇ پۇلنى يوقسۇزلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتكەن.


ھەقىقىي سەھىھ ئالىم دىگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ ،، بۇ سىناقتىن ئوننىڭ بىرى ئۇتۇشى تەس ،،
ئاللاھ ئەنە شۇنداق ھىكمەتلىك سەھىھ ئالىملارنى بىزدىن ئايرىمىسۇن ،

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
294
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8305
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 11:38:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسسۇزلۇقۇم ئازراق بولسىمۇ بېسىلغاندەك قىلدى.

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

UID
9650
يازما
18
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
858
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 11:55:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋرىمىزنىڭ يېتۈك ئالىمى ،تۆھپىكار ئالىمىمىز نىڭ سۆھبەتلىرى نەقەدەر مەزمۇنلۇق ! مۇمكىن بولسا ئۆز تەرجىمھالىنى يېزىپ چىققان بولسا،ياكى نەزىرە خانىم يېزىپ چىققان بولسىمۇ،بىز  ئالىمىمز نىڭ ھاياتى ۋە ئۇ ئارقىلىق شۇ دەۋر تارىخى توغرىلىق بلىملەرگە ئىگە بولۇپ قالساق....نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلاتتى!

UID
9520
يازما
99
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2291
تىزىملاتقان
2011-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسسۇزلۇقۇم ئازراق بولسىمۇ بېسىلغاندەك قىلدى.

_______________________________________________________

ئەفىيفىنىڭ كاۋىسىمان قوغۇنلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپمۇ ئۇسساپلا تۇرىدىغانلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتىمەن .  [s:2]

UID
10888
يازما
24
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
654
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-3
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 13:29:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنى  سۈيۈندۈرىدىغان  ئەمگەكلەر ....مەھزۇن بېيگە تەشەككۈر ئېيتىمىز

باھا سۆز

islam622  اللە رەھمەت قىلسۇن! ئسىل تىملىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي!  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:23:31
ئاللاھ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش