بۇ 14قەۋەتتىكىgulnazi يوللىغان 2011-04-24 21:18 غا قارتىلغان Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز ! :
بەرنا قىز ناھايىتى ئەتراپلىق جاۋاپ بىرىپتۇ ، پاكىز ، رەتلىك ، ياسىنىپ يۇرۇشنىڭ ھىچ يامىنى يوق .ئۇنچە قايناپ كىتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى . 
«پاكىز» يۈرۈشنىڭ يامىنى يوق، بەلكى پاكىز يۈرۈش بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى مەجبۇرىيەت. سىزنىڭ پاكىزلىق ئۆلچىمىڭىز قانداقكىن؟ سىرتقا چىققاندا يۈزىگە بوياقلارنى سۈرتىۋالغان، پۇراقلىق ئەتىرلەرنى سېپىۋالغان ئايالنىڭ پاكىز بولۇشى ناتايىن، ( بۇ سۆزنى سىزگە قاراتمىدىم).
«رەتلىك» يۈرۈشمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى. سىزنىڭ رەتلىك بولۇشتىكى ئۆلچىمىڭىز قانداقكىن؟ بەدەنگە چاپلىشىپ( شامالدا ئۇچماي «رەتلىك» ) تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىش ۋە چاچنى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك تۈگىۋېلىشنى رەتلىك كىيىنىش دىمەيدىغانسىز؟
«ياسىنىپ يۈرۈش» نىڭ زىيىنى يوق ھەم بار. ئايال كىشى ئۆز ئۆيىدە ئېرىغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قانچىلىك ياسانسا بولىۋېرىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزمۇ ئاياللارنى ئۆي ئىچىدە چىرايلىق ياسىنىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ جەھەتتىن ياسىنىشنىڭ زىيىنى يوق. ياسىنىشنىڭ زىيىنى بار ـــ ئايال كىشى سىرتقا چىققاندا ياكى يات ئادەملەرگە كۆرۈنۈش ئېھتىمالى بولغان جايلاردا ياسىنىپ يۈرۈشىنىڭ ئەلۋەتتە زىيىنى بار. 1- ئىنكاسىڭىزدا ئېيتقىنىڭىزدەك، ئەرلەر ياسىنىپ چىققان ئاياللارنىڭ كەينىدىن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. يات ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىن كېتىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇشنى زىيىنى يوق ئىش دېسەك خاتالاشقان بولارمىز؟؟؟