كۆرۈش: 11841|ئىنكاس: 30

ئاياللار، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئەلچى گۈلچىلىكى

UID
2515
يازما
43
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
1544
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 00:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ! بىز ئەرلەر سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز !
راستىنى ئېيتقاندا ، سىلەر بىز  ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم . شۇڭا بىز ئەڭ باشتىلا سىلەرنى ئۇلۇغلاپ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيتى قۇردۇق. سىلەرنى ئۇلۇغلاپ ، ئۇماي رىۋايىتىنى ياراتتۇق ؛سىلەر ئۈچۈن ، داستان ،نەزمىلەرنى يازمىغان بىرمۇ يازغۇچى ، شائىرنى، سىلەر ئۈچۈن شىرىن خيال قىلمىغان بىرمۇ ئەر زاتىنى تاپقىلى بۇلمايدۇ!!!
سىلەر قەلبىمىزدە ئەنە ئاشۇنداق ئۇلۇغ ، گەرچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام :« ئادەمنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇشقا توغرا كەلسە ، ئاياللارنى ئەرلىرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتىم» دېگەن بۇلسىمۇ ، بىز سىلەرنى سەجدە قىلدۇرماي ، ئەكسىچە سىلەرنىڭ ئىتىكىڭلارغا باش قويۇش ئۈچۈن يۈرەكلىرىمىزنى سەكپارە قىلىپ ، مەيدىمىزنى مۇزدەك يەرگە يېقىپ ياتقان كۈن ۋە تۈنلىرىمىز ئاز ئەمەس .
ياشلىقنىڭ گۈزەل چاغلىرىدا ، بىز سىلەرنى مەھبۇبىمىز ئورنىدا كۆرىمىز ؛ ھايات چەرغى ئانىللىرىمىز ئامانىتىنى ئەرشكە كۆتۈرگەندە بىز سىلەردىن ئانا مىھرىنى تەمە قىلىمىز ؛ بىشىمىزغا كۈن چۈشكەندە سىلەرنى دوستىمىز قاتارىدا كۆرۈپ دەرت – ئەلەملىرىمىزنى ئورتاقلىشىمىز؛ بىشىمىزغا غەم چۈشكەندە سىلەرنىڭ مىھرىبان قوللىرىڭلار بىلەن بېشىمىزنى سىلاپ قويۇشۇڭلارغا تەشنا بۇلىمىز ! سىلەر بىلمەيسىلەر ، راستىنى ئېيتقاندا ، سىلەر بىزنىڭ ھەممە نىمىمىز !
ئەمما ئاياللار ، سىلەر مۇھەببەت ھۇجرىسىدىن ، تۇرمۇش قايناملىرىغا چۈككەندە ، ئازراق ئۆزگۈرۈپ كىتىسىلەر ! يېڭى توي قىلغان چاغلاردا ئىشقا ماڭساق ، كىيىملىرىمىزنى چىرايلىق قىلىپ ، ئۆز قولۇڭلار بىلەن كەيدۇرۇپ ، بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزدىن ئۆزۈڭلار خۇشال بۇلۇپ ، ھۇزۇر قىلىسىلەر ! ئاخشىمى تاماقنى ئېتىپ ساقلاپ ئولتۇرۇشمۇ سىلەرگە بىرخىل راھەت، چۈنكى بىزنىڭ راھەت تاماقلىنىشىمىز سىلەرنى سۈيۈندۈرىدۈ! مۇھەببەت پاراڭلىرىڭلارنىڭ ، يۈرەكنى جۇغۇلدىتىدىغان ، شىرىن ھېسلارغا چۈمدۇرۇدىغان قىلىقلىرىڭلارنىڭ راھىتىنى بىزگە قانغۇچە بىرىسىلەر !
ئەمما ئاياللار ....
ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ، بىز ئاستا-ئاستا دىققەت نەزىرىڭلاردىن چۈشۈپ قالىمىز. سىلەر ھۇزۇرنى بىزدىن ئەمەس ، ئۆي  بىزەشتىن ، ياخشى كىيىنىشىتىن ، گىرىم قىلىپ ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتىن ، بالىلارنى چىرايلىق ياساپ تاراشتىن ، ئۇلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشكە كۈچ  چىقىرىشتىن تاپىسىلەر ! بىز ، ئەزەلدىنلا نەزىرىڭلارنىڭ مەركىزىدە تۇرغان بىز ئاستا – ئاستا چەمبەر مەركىزىدىن يىراقلىشىمز، سىلەر يۇقۇرقى ئىشلاردىن ئېشىنغاندىن كىيىن ، ئاندىن بىزنى ئەسكە ئالىسىلەر !
بۇمۇ مەيلى دەيمىز ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە ، بالىلار ۋە جەمىيەتتىكى ئىناۋەت ئۈچۈن؛ ھەتتا بىزنىڭ بەزىدە سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنىڭ ئېغىر بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىدىن يۈرىكىمىز پۇچۇلىنىدۇ. سىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش خىزمەت قىلىسىلەر ، ئائىلىگە كىلىپ تاماق ئىتىش ، بالا بېقىش ، ئائىلە ئىشلىرى ، يەنە تېخى ئايىقى ئۈزۈلمەس ئادەمگەرچىلىكلەر سىلەرنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
ئەمما ئاياللار ...
سىلەر ئاستا –ئاستا ئەرلەرنى ئەيىپلەشنى ، ئۇلاردىن قۇسۇر تېپىشنى ئۆگىنىۋالىسىلەر . ئۇلارغا بوتنايسىلەر ،« ئۇ ئشنى قىلىش كېرەك ئىدى، بۇ ئىشنى قىلىش كېرەك ئىدى» دەپ خىزمەتتىن ، ئېتىزلىقتىن ھېرىپ  كىرگەندە ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى ھارغىنلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىسىلەر ، سىلەر بەلكىم بىلمەيسىلەر ، سىىلەرنىڭ ھەر بىر قىلغان گىپىڭلار بىز ئەرلەر ئۈچۈن قۇمانداننىڭ بۇيرۇقى! بىز قىلىمىز ، ئەمما سىلەرنىڭ مۇنداق تەلىپىڭلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ :« كىرئالغۇنى  پۈتۈن ئاپتۇماتىك كىرئالغۇغا ئالماشتۇرساق بۇلارمۇ ؟»«يېڭى ئۆيگە كونا گاز ئوچاق ماس كەلمەيدىكەن ، يېڭىسىنى ئالايلى ».... بارغانسرى زىرىكىش ھېس قىلىمىز .
بۇلا ئەمەس ، ئەرلەر بەزىدە بىر قىسىم ئىشلارنى خاتا قىلپ قالغاندا ، ئۇلارنى خۇددى كىچىك بالىلارنى ئەيىپلىگەندەك ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى تەنقىدلىگەندەك ئەيىپلەيسىلەر ، تەنقىدلەيسىلەر!خۇددى ئەرلەر ھەممە ئىشنى مۇكەممەل قىلىشى لازىمدەك ، خۇددى ئەرلەر ھەممە ئىشنى كەم-كۈتىسىز قىلىشى لازىمدەك ! ھەتتا ئازراق ئىشلار ئۈچۈن ئائىلىدە جىدەل قوزغايسىلەر !  مۇنداق تەنقىدلەرنىڭ ، ئەيىپلەشلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەنسىرى بىز ئەرلەر ئائىلە كۆزۈمىزگە جەننەتتەك كۆرىنىدىغان تۇيغۇلارنىڭ ئاستا –ئاستا ئۆزىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز ! ئىشتىن چۈشۈپ ئائىلىگە قايتىشقا ئالدىرىماي ئىشداشلار بىلەن قۇرۇق پاراڭ قىلىدىغان ، ياكى يۇقىلاڭ باھانە –سەۋەپ بىلەن ئائىلىگە قايتمايدىغان يامان ئادەتنى يىتىلدۇرىۋالىمىز.
سىلەرنىڭ يەنە ئەيىپلەيسىلەر ، ئاچچىقلايسىلەر ، سىلەرنىڭ ئەيىپلىشىڭلار ، ئاچچىقلىشىڭلار بىزنى مەركەزدىن يەنە يىراقلاشتۇرىۋىتىدۇ.مۇشۇنداق بۇلىدۇ ،ئاياللار !
ئاقىۋەتچۇ ؟ بەزى ئەرلەر ئائىلىدە ھەممىگە بىپەرۋا قارايدىغان بۇلىۋالىدۇ؛ بەزى ئەرلەر تالادىن مىھر – مۇھەببەت ئىزدەيدىغان بۇلىۋالىدۇ؛ بەزىلەر ھەتتا سىلەردىن كەچمەكچىمۇ بۇلىدۇ.مۇشۇنداق بۇلىدۇ ، ئاياللار !
سىلەر قان يىغلايسىلەر  ، نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەلمەي ، نىمىنى خاتا قىلغانلىقىڭلارنى چۈشەنمەي ئۇلارنى بىۋاپاغا ، قارايۇزگە چىقرىۋىتىسىلەر .ئازاپ ئىلكىدە پۇچۇلىنىسىلەر .
ئاياللار ، بىز ئەرلەر ئەيىپلەشكە ئەمەس، خۇددى كىچىك بالىلاردەك ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج؛ بىز ئەرلەر نەزەردىن ساقىت بۇلۇشقا ، بىزگە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىشىڭلارغا ئەمەس، دىققەت نەزىرىڭلارغا بۇلۇشقا  ، تالاي ئىشلار ئارىسدا بىزنىمۇ ئويلىشىڭلارغا ئىھتىياجلىق؛ نارازىلىقلارغا، كوتۇلداشلارغا ئەمەس، شىرىن سۆزلەرگە ، لىرىك تۇيغۇلارغا، ماختىشىڭلارغا ئىھتىياجلىق . سىلەر بىزنى ماختاپ قويساڭلار ، خۇددى دەستە ناچارراق ئۇقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ماختىشىغا ئىرىشكەندەك خۇشال بۇلۇپ كىتىمىز ، ئۆزۈمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز ئاشىدۇ. ئاشۇنداق بۇلىدۇ ،ئاياللار !
سىلەر ئائىلدە ئىچىدىن ئۆزۈڭلارغا قانائەت تاپىسىلەر ، ئۆي چىرايلىق بىزەلسە، بالىلار ساغلام ، ئەقىللىق چوڭ بولسا، تاماقنى ئوخشىتىپ ئەتسەڭلەر ، ھەممە تەل بولسا . ئەمما بىز ئەرلەرنىڭ يۇقۇرقىلاردىن قانائەت تاپقاندىن باشقا يەنە  بىر قىسىم  قانائىتىمىز  سىرىتتىن كىلىدۇ، خىزمەتتە ئۇتۇق قازانساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار غايىللىرىغا بىر قەدەم يېقىنلىشالىساق ، دوست – بۇرادەرلىرىمىز ئالدىدا ئىناۋىتىمىز بولسا . شۇڭا بەزىدە سىلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئۇششاق ئىشلار بىلەن مەشخۇل بۇلۇشقا ئۇندىشىڭلار  ۋە بۇ ھەقتە بىزنى ئەيىپلىشىڭلار بىز ئۈچۈن قىلىنغان ئادالەتسىزلىك ! ئوزۇڭلارنىڭ تۇرمۇش قارىشى ۋە قانائىتى ئۈچۈن بىزنى قۇربان قىلماڭلار ۋە بىزنى ئىش-ھەرىكىتىمىزنى ئۆزۈڭلارنىڭ قارىشىنى ئۆلچەم قىلىپ باھالىماڭلار !
ئاياللار ، سىلەر بىز ئەرلەر ئۈچۈن تاڭغا نۇرىغا باشلايدىغان پەرىشتە ياكى زۇلمەتكە باشلايدىغان ئالۋاستى. بىز سىلەرنىڭ ئۇماق شىۋىرلىشىڭلار ئارقىلىق ، ئۆز تالانتىمزنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ، مۆجىزە يارىتالىشىمىز مۇمكىن ؛ بىز سىلەرنىڭ ئەيىپلەشلىرىڭلار ئارقىلىق ، قۇرۇتتىنمۇ بەتەر ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىمىزمۇ ھەم مۇمكىن .
ئاياللار ، پەرھاد سىلەر ئۈچۈن تاغ تىشىپ سۇ ئېلىپ كەلدى؛ پوشكىن سىلەر ئۈچۈن دوئىلغا چۈشۈپ ياش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. مانا مۇشۇنداق ، بىز ئەرلەر سىلەر ئۈچۈن ھەممىنى قىلىمىز ،
ئەمدىكى گەپ ، راستىنى ئېيتقاندا ، بىز سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا، ئىلھاملاندۇرىشىڭلارغا مۇھتاج. مۇشۇ ھاجىتىمىزنى ھاياتىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە راۋا قىلساڭلار ، بىز بەلكىم بۇ قىسقا ھاياتىمىزدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز مۇمكىن . شۇڭا ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز « ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن ، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن»دېگەن بولسا ، مۇۋاپپەقىيەتشۇناسلار :« ھەر بىر مۇۋاپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسدا ،ئۈنسىز ئەجىر قىلىۋاتقان بىر ئايال بۇلىدۇ » دېيشىدۇ. راستىنلا شۇنداق، ئاياللار !
ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز  ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ


ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەرنىڭ ئىلان قىلىنىشى ئۆردەك بىلوگىئۆردەك بىلوگى ۋە ئەلكۇيى مۇنبىرىدە بۇلىدۇ . باشقا ئورۇنغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئەلچى گۈلچىلىكى gulqi.biz
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6683
يازما
47
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1757
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-28
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 12:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

ئاياللار بەزى ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپلا بىزنى زىرىكتۈرۋېتىدۇ،ئائىلىدىن يىراقلاشتۇرۋېتىدۇ.كىمنىڭ راھەت تۇرمۇش كەچۈرگىسى يوق دەيسىلەر؟
بىز داۋاملىق تىرىشىمىز ئاياللار،بىراق سىلەرمۇ ۋىتۋىلاق ئېغىزىڭلارنى يۇمۇڭلار! ئىتائەتچان بولۇڭلار....

پۇلنى دەپ ئۇنداق قىلماڭ!!!

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمنىڭ ئۆتكەن

UID
10819
يازما
152
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3632
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
99 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 13:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

ئانىلار ئۇلۇغ ، ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە ، يەتتە رەت ئاپارماق كىرەك مەككىگە .
      ئەمما شۇ ئاياللارنىڭ ئەينەك ئالدىدىكى مىس مىسلىغىنى قانداق قىلاي .   
      بۈگۈن يەنە ئىشقا كىچىكىدىغان بولدىم ..  
      ئەينەككە قارايدىغان ۋاقتىڭلارنى قىسقارتىپ ، ئائىلە ئەزالىرىغا ھەمراھ بۇلىدىغان ۋاقتىڭلارنى ئۇزارتىڭلار .
       گىرىمسىز ھالىتىڭلارمۇ شۇنچە چىرايلىققۇ . نىمە قىلىسىلەر خېمىيۋى بۇيۇملار بىلەن تىرەڭلارنى زەھەرلەپ .  

UID
4049
يازما
155
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
4980
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-25
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 13:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

بۇ 3قەۋەتتىكىriwayat0601 يوللىغان 2011-04-24 13:00 غا قارتىلغان Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز ! :
      ئانىلار ئۇلۇغ ، ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە ، يەتتە رەت ئاپارماق كىرەك مەككىگە .
      ئەمما شۇ ئاياللارنىڭ ئەينەك ئالدىدىكى مىس مىسلىغىنى قانداق قىلاي .  
      بۈگۈن يەنە ئىشقا كىچىكىدىغان بولدىم ..  
      ئەينەككە قارايدىغان ۋاقتىڭلارنى قىسقارتىپ ، ئائىلە ئەزالىرىغا ھەمراھ بۇلىدىغان ۋاقتىڭلارنى ئۇزارتىڭلار .
       گىرىمسىز ھالىتىڭلارمۇ شۇنچە چىرايلىققۇ . نىمە قىلىسىلەر خېمىيۋى بۇيۇملار بىلەن تىرەڭلارنى زەھەرلەپ .  

ئامال يوق،بولمىسا سىلىنى تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئوبدان ساقلاپ بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتكىلى بولمايدۇ.

UID
5782
يازما
113
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2484
تىزىملاتقان
2010-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 15:21:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

مەن بەرنا قىزنىڭ  قىزنىڭ  پىكرىگە قۇشىلىمەن . سىلەر بىزنىڭ گىرىم قىلىشىمىزنى ياقتۇرمايسىلەر يۇ ، گىرىم قىلغانلارنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالىسىلەر . بىزنىڭ گىرىم قىلىشىمىزمۇ شۇ ئىرىمىز ئۇچۇن ئەمەسمۇ .

UID
5782
يازما
113
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2484
تىزىملاتقان
2010-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 15:29:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

بۇ تىما بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا بۇلىدىكەن ،  مەن بۇندىن كىيىن ئازراق كۇتۇلداي بۇ ئىللات مەندىمۇ ئازراق بار ئىكەن . سىرتتىن خوشاللىق ئزلەپ يۇرمىسۇن يەنە ، ھە .

كۆيۈمچان ئەزا

ئويلانماقتىمەن..

UID
10201
يازما
108
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
3191
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-22
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 16:36:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

بۇ 7قەۋەتتىكىgulnazi يوللىغان 2011-04-24 15:21 غا قارتىلغان Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز ! :
مەن بەرنا قىزنىڭ  قىزنىڭ  پىكرىگە قۇشىلىمەن . سىلەر بىزنىڭ گىرىم قىلىشىمىزنى ياقتۇرمايسىلەر يۇ ، گىرىم قىلغانلارنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالىسىلەر . بىزنىڭ گىرىم قىلىشىمىزمۇ شۇ ئىرىمىز ئۇچۇن ئەمەسمۇ .
سىزنىڭ ئېرىڭىز گىرىم قىلغانلارنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالسا،  سىز بۇنى باھانە قىلىپ سىرتقا گىرىم قىلىپ چىقسىڭىز، باشقا ئەرلەر سىزنىڭ كەينىڭىزدىن كېتىپ قالماسمۇ؟ ئاشۇ باشقا سىزنىڭ كەينىڭىزدىن قاراپ قالغان ئەرنىڭمۇ ئايالى باردۇ؟ ئۇ ئايالمۇ ئېرىنىڭ باشقىلار كەينىدىن كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن سىرتقا ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ چىقسا، يەنە باشقا ئەرلەر ئۇ ئايالنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالماسمۇ؟
ئۇنداق قۇرۇق باھانىلىرىڭىزنى قويۇڭ!   گىرىم قىلسىڭىز ئېرىڭىز ئۈچۈن قىلىدىغان بولغاندىكىن ئۆيىڭىزنىڭ ئىچىدە، پەقەت ئېرىڭىز كۆرىدىغان يەردە قانداق  گىرىم قىلسىڭىز قىلىڭ!  ئەمما، ئېرىم ئۈچۈن، دەپ تۇرۇپ  سىرتقا ياسىنىپ چىقىشىڭىز ئېرىڭىزنىڭ بۇ ئېرىڭىزنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغانلىق، باشقا ئەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىق!

باھا سۆز

islam-ogli  مەن بۇ پىكىرگە قۇشىلىمەن. بۇ پىكىر ناھايىتى توغرا بولدى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 14:30:18

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
499
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15081
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 18:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

مېنىڭچە بۇ تېما ناھايتى ياخشى يوللىنىپتۇ،ھېس قىلىشىمچە ئەلكۈيىدىكى ئەزالار ئىچىدە ، تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى بار.بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن،لېكىن،مېنىڭ سەل باشقىچە كۆز قاراشلىرىممۇ باردەك قىلىدۇ،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تەپسىلىي يازالماي قالدىم ،ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاسىمنى تولۇقلايمەن.
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

كۆيۈمچان ئەزا

ئاھ ئۇرۇش __ ئاجى

UID
2132
يازما
165
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
5489
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 19:33:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

تېما ئىگىسىگە رەھمەت .
ئەرلەر ،بىزمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ھەم سۆيىمىز .بىر -بىرىمىزنى قەدىرلەپ ،ھۆرمەتلەپ ئۆتەيلى .ھېچكىمنىڭ ھېچكىمىدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق .

.

UID
4049
يازما
155
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
4980
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-25
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 19:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز !

بۇ 10قەۋەتتىكىmutepekkur يوللىغان 2011-04-24 16:36 غا قارتىلغان Re:Re:ئاياللار ، بىز سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇھتاجمىز ! :

سىزنىڭ ئېرىڭىز گىرىم قىلغانلارنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالسا،  سىز بۇنى باھانە قىلىپ سىرتقا گىرىم قىلىپ چىقسىڭىز، باشقا ئەرلەر سىزنىڭ كەينىڭىزدىن كېتىپ قالماسمۇ؟ ئاشۇ باشقا سىزنىڭ كەينىڭىزدىن قاراپ قالغان ئەرنىڭمۇ ئايالى باردۇ؟ ئۇ ئايالمۇ ئېرىنىڭ باشقىلار كەينىدىن كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن سىرتقا ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ چىقسا، يەنە باشقا ئەرلەر ئۇ ئايالنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالماسمۇ؟
ئۇنداق قۇرۇق باھانىلىرىڭىزنى قويۇڭ!   گىرىم قىلسىڭىز ئېرىڭىز ئۈچۈن قىلىدىغان بولغاندىكىن ئۆيىڭىزنىڭ ئىچىدە، پەقەت ئېرىڭىز كۆرىدىغان يەردە قانداق  گىرىم قىلسىڭىز قىلىڭ!  ئەمما، ئېرىم ئۈچۈن، دەپ تۇرۇپ  سىرتقا ياسىنىپ چىقىشىڭىز ئېرىڭىزنىڭ بۇ ئېرىڭىزنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغانلىق، باشقا ئەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىق!
ئەگەر ھەممە ئەرلەر سىزدەك بۇنداق قىلىشنىڭ ئەرنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغانلىق بولدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىدى ئېيتىمەنكى ئاياللار چۇقۇم مەمنۇن بولاتتۇق.ئەمما 5 قول ئوخشاش بولمىغىنىدەك سىزگە ئوخشاش غورۇرلۇق يىگىتلەرنىڭ ئەتراپىدا يەنە غورۇرىنى يۈز –ئابروي،مەغرۇرلىققا ،تەكەبۇرلىققا يەم قىلۋەتكەنلەمۇ يوق ئەمەس.ھالال جۈپتىنى ‹‹گۈلدەك ››ياساپ قولتىقىغا قىستىرىپ نەمۇ نە سوكىلدىىتپ ئەل-ئاغىنە،يۇرت-مەھەللە ئالدىدا ماختىنىپ بازاغا سالدىغانلامۇ با،خۇددى ئاياللار بازاردىكى مالدەك.مۇشۇ ئۆينى پىقىرتىمەن دەپ ياسانماي قويسا ئۈزۈڭنى تاشلىۋەتتىڭ ،خەقنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكتۈڭ دەپ كوچىدىكى ‹چىرايلىق›نى تېپۋالدۇ.ياسىنىپ ئۆيدە ئولتۇراي ،ئېرىم ھەققىگە خىيانەت قىلماي دىسە ،سىرتتا جاپالىق ئىشلەۋاتقان يولدىشىنىڭ تاپا – تەنىسىگە قالدۇ مەن تېپىپ بەگەنىلا يەمتىڭ دەپ.
ئاللاھ كۆڭلىڭزگە داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئىنساپ بەرسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش