- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 716
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1106
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- UID
- 16846
- يازما
- 716
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1106
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- توردا
- 773 سائەت
|
مەن ئۆتكەن يىلى مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنلار تىزىملىكىنى توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم. مېنىڭ بۇ تىزىملىكتىن ئەڭ چوڭقۇر ھىس قىلغىنىم: بۇ رىقابەت پەقەت ئادىل ئەمەسكەن. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە. قانۇنغا ئوچۇق ئاشكارە خىلاپلىق قىلىنغان.
1. ئەمگەك قانۇنىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ «ئەمگەكچىلەر جىنسى، مىللىتى، دىنىي ئېتىقادى ....لار چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق بۇنىڭدىكى ھەممە ئىش ئورۇنلىرىغا مىللەت چەكلىمىسى قويۇلغان، جىنىس چەكلىمىسىمۇ قويۇلغان. يەنە كېلىپ خەنزۇلارنىڭ نىسبىتى پەۋقۇلاددە يۇقىرى ۋە ياخشى ئورۇنلار، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مىللەت تەلىپى خەنزۇ دەپ قويۇلغان.
2. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قويۇلغان شەرتلەر ئالاھىدە ئېغىر. كۆپىنچىسىگە تولۇق كۇرس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تەلەپ قويغان. خەنزۇتىلى سەۋىيە نەتىجىسىگە قويۇلغان تەلەپمۇ ئېغىر كەتكەن، كۆپىنچە ئالتىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلغان. بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنى ۋە ئىستىقبالىنى خەنزۇتىلىدىكى مانچىنچى دەرىجە دېگەن چەكلىمىگە باغلىۋېلىش مېنىڭچە ئانچە ئادىل ئەمەس. ئەلۋەتتە مەن خەنزۇتىلىنى بىلمىسىمۇ بولىدۇ دېمەيمەن. بىراق تەلەپنى مۇناسىپ تۆۋەنلەتسە دەيمەن. خەنزۇ تىلىنى ئانا تىل قىلغانلار (ۋە خەنزۇۋانلار) ھېچقانداق چەكلىمىسىز شۇ ئورۇنغا ئىگە بولالايدۇ يۇ شۇنچە مۇنەۋۋەر، بىراق سۈنئىي ھالدا ئىگىزلىتىپ قويۇلغان شۇ بوسۇغىدىن ئۆتەلمىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى پۇتلىشىپ كەتسە، بۇ ئادىل بولارمۇ؟
بۇلار مېنىڭ شەخسىي ھىس قىلغىنىم، خالاس. تېخى پاكىتلىق، سىستىمىلىق تاسقاشتىن ئۆتكىنى يوق. شۇڭا تەنقىدىي پوزىتسىيىدە بولارسىزلەر. |
|