شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتاھانىغا تىزىملاتقانلار 140 مىڭ ئادەم بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەك ئۈرۈمچىدىكى ئىمتاھان بەرگۈچىلەر يەرلىك ئورۇنلارنى تاللىغان ئەلكۈيى تورىنىڭ 20-ئاپرېلدىكى خەۋىرى: بۇ يىللىق شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتاھانى تىزىملىتىش، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق باسقۇچلار ئاخىرلاش، 7194 ئورۇنغا تىزىملىتىپ بولغان كىشى 140 مىڭ كىشى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 19:1 نىسبەت بولغان، بۇ ئۆتكەن يىلقى رىقابەتتىنمۇ كەسكىن بولغان، تىزىملاتقان كىشىمۇ تارىختىكى ئەڭ يېڭى رېكورتنى يېڭىلىغان.
19-ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگەللىنىشىچە، بۇ يىلقى مەمۇرلۇق ئىمتاھانىغا تىزىملاتقان كىشى 215 مىڭ ئادەم، ئەمەلىي پۇل تاپشۇرۇپ، تىزىملاشتىن ئۆتكەن ئادەم 140 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىمتاھان بەرگۈچىلەردىن 66 مىڭ 300 ئادەم، قىزلاردىن 89 مىڭ 600 ئادەم ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ئادەمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇرۇنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى ئوقۇغۇچىلار مەركىزىي شەھەرگە ئېسىلىۋالمىغان بولۇپ، باشقا شەھەرلەرنىمۇ تاللىغان. مەسىلەن: ئۈرۈمچىدىكى ئىمتاھانغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى 46 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 21 مىڭ ئادەم شىنجاڭنىڭ باشقا شەھەرلىرىنىمۇ تاللىغان، بىز ھېسابلاپ كۆردۇق، خوتەندىكى 476 ئورۇنغا 7000 دىن كۆپرەك ئادەم تىزىملاتقان، بۇ ئىمتاھانغا تىزىملاتقۇچىلار توپىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئورۇنلارنى تاللاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىگەللىنىشىچە، ئۆتكەن يىلقى مەمۇرلۇق ئىمتاھانىغا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى 12.93:1 بولۇپ، بۇ يىلقى نىسبەت بولسا 19:1 ، يەنە كېلىپ ئۆتكەن يىلقى 10 مىڭغا يېقىن ئورۇن 123 مىڭ ئادەمنى جەلىپ قىلپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى يېڭىلىغان، بۇ يىل بولسا 7000 نەچچە يۈز ئورۇن 140 مىڭ كىشىنى جەلىپ قىلىپ، ئۆتكەن يىلقى سانلىق مەلۇماتتىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىلقى مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىمۇ يەنىلا قىزلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، بۇ يىلقى قىزلاردىن ئىمتاھانغا تىزىملاتقۇچىلار ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگەللىگەن.
5-ئاينىڭ7-كۈنى،8-كۈنى يېزىقچە ئىمتاھان بولۇپ، يېزىقچە ئىمتاھان بېرىدىغان تۈرلەر : "مۇھاكىمە ۋە بايان" ، "ئىقتىدار سىناش"، سوتچى، سوتچى ياردەمچىسى، تەپتىش ئەمەلدارى، تەپتىش كەسپىي ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقانلارغا "قانۇن كەسپىي بىلىملىرى" تۈرى قوشۇلىدۇ. ھەرقايسى ج خ ئورگانلىرى (ئورمان ساقچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ساقچىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تىزىملاتقۇچىلارغا "ج خ ئاساس بىلىرىملىرى" تۈرى قوشىلىدۇ. ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئىمتاھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا"خەنزۇتىلىدىن ئاساس" تۈرى قوشىلىدۇ.
يېزىقچە ئىمتاھاندا ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت: خەنزۇ يېزىقىدا ئىمتاھان بېرىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، شىبە، تاجىك، داغۇر، ئۆزبېك، تاتار، روس مىللىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 10 نومۇر قوشۇلىدىكەن، ئاپتونۇم رايوندىن يېزا-بازارلارغا بىر تۇتاش ئەۋەتكەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ جۆرىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستىكى يېزا-بازار ئورۇنلىرىغا، خوتەندىكى بەزى ئورۇنلارغا تىزىملاتقۇچىلارغا 5 نومۇر قوشۇلىدىكەن.
مەنبە: ئەلكۈيى تورى خەۋەرلەر قانىلى ،مائارىپ سەھىپىسى،روخسەتسىز ھالدا ھەرقانداق تور بېكەتكە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇhttp://news.alkuyi.com/show.php?mid=8033 |