ئىگىسى: mahzun

تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9182
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
180
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 18:48:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزرا يازسىڭىز بوپتىكەن

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-28 20:50:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-باب:
     پولك قىسىملىرى داخىيەنزىدە بىر كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن،ئەتىسى 20 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى يۈنجۇخۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئازغىنە بىر قىسىم ئەسكەرلىرىمىز بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەنلەرنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كۆپ سانلىق ئەسكىرى قىسىم بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈش ئۇسۇلىمىز ئارقىلىق دۈشمەننىڭ يۈنجۇخۇدىكى ئالدىنقى قاراۋۇل دەپ ئاتالغان<<قۇمۇش بۇلاق>> مۇداپىئە ئىستىھكامىنى ناھايىتى تېزلا ئىگەنلىدۇق.بۇ جاي دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىمىزدىكى مۇداپىئە بازىسى قىلىنىپ،ئىستىھكاملار مۇستەھكەملەندى.يەر ئاستى داۋالاش پونكىتلىرىمۇ ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ئاشپەزلەرگىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىلدى.ئەمما،يەنە دۈشمەننىڭ ئېغىر قۇراللار بىلەن بومباردىمان قىلىشلىرىدىن خالىي بولالمىدۇق.دۈشمەنلەر ئۇۋىسىدىن زادىلا چىقالمايتتى.بىزمۇ ھۇجۇمنى توختاتمىدۇق.يۈنجۇخۇدىكى گومىنداڭنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى تەبىئي توساقلاردىن باشقا،خۇددى شەھەر بىنالىرىدەك قاتمۇ-قات سېلىنغان چوڭ-كىچىك پوتەيلىرى،ھەربىر قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىگەلاي-كېسەكتىن مۇستەھكەم قىلىپ سېلىۋالغان پىلىمۇت ئېتىش بىلىنداژلىرى، ئەگرى-توقاي قىلىپ كولانغان يەر ئاستى ئاكوپلىرى،مۇداپىئە تۈرلىرىنى يەر يۈزىگە ئوخشۇتۇپ ئوت-چۆپ، شاخ-شۇمبىلار بىلەن ئۈستىگە كېلىپ دەسسەپ كۆرمىگىچە بىلىنمەيدىغان قىلىپ ماسكىرۇپكا (تەبىئەتكە ئوخشىتىپ نىقاپلىنىش) قىلىنغان مۇداپىئە لىنىيەلىرىگە بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولساقمۇ،ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. بۇ ھال قوشۇنىمىزدىكى ئىرادىسى ئاجىز بەزىبىر جەڭچىلەردە ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان ئىدى.
     پولك كوماندىرلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىدا مايۇر ئاخۇنبايوپ كۆپچىلىككە:
     _نوقۇل ھالدا تەلۋىلەرچە ھۇجۇم قىلىۋەرسەك، قوشۇنىمىزنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يوقۇتۇپ قويۇشتەك پاسسىپ ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بىز بۇياقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، ئۇياقتىن زەربە بېرىش تاكتىكىسىنى قوللۇنىشىمىز كېرەك!_دېدى. بۇ دانا سۆز روھى چۈشۈپ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ ئويچان ئولتۇرغان كوماندىرلارنىڭ مېڭىسىنى سەگەكلەشتۈردى. ئۇلارنىڭ روھى جانلىنىپ، كەيپىياتى بۆلەكچىلام يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
     يارىدارلار يەر ئاستى داۋالاش پونكىتلىرىغا جايلاشتۇرۇلۇپ، دورىلار يېتەرلىك قالدۇرۇلۇپ، بۇلارغا بىر نەپەر سېستىرا قىز مەسئۇل قىلىندى. پارۇتچىك ياقۇپنىڭ ئىسكادىرۇنى مۇداپىئەگە قالدۇرۇپ، باشقا قىسىملار شەرقى جەنۇبقا قاراپ، دۈشمەنلەرگە تۇيدۇرماي، بىر كېچىدىلام يۆتكەلدى. پولك يۆتكىلىشتىن بۇرۇن مايۇر ئاخۇنبايۇپ:
     _سىلەر دۈشمەنلەرنى ئۆزەڭلەرگە جەلب قىلىپ، مۇداپىئەنى باتۇرلارچە قوغداپ، مۇستەھكەم تۇرالىساڭلار، جىڭنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا زور تۆھپە قوشقان بولىسىلەر، چۈنكى دۈشمەن بۇ يەردىن باشقا ئۇرۇش مەيدانلىرىغا ئەسكەر يۆتكىيەلمەيدۇ، بۇ يەردە خېلى نۇرغۇن يارىدارلار قالدى. ئۇلارنى غۇلجىدىن ماشىنا كېلىپ يۆتكەپ ئېلىپ كەتكىچە، ئۇلارنىڭ ھاياتى سىلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن قوغدىشىڭلارغا مۇھتاج! سېستىرا قىز يالغۇز قالدى. ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن. قوشۇنىمىزنىڭ يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى دۈشمەنلەر زادىلا ئۇقۇپ قالمىسۇن، بۇ مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلىشىڭلار كېرەك! ۇنداق بولمىسا، سىلەرگە ئېغىر خەۋىپ تۇغۇلىدۇ،_دېدى مۇداپىئەدە قىپقالغان ئسكادىرۇندىكى بارلىق جەڭچى-ئوفتسىرلارغا قاراپ غەمخورلۇق بىلەن.
     بۇ ئىسكادىرۇن داخىيەنزىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا ئالدىنقى سەپلەردە خىزمەت كۆرسەتكەن جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك قسىم بولۇپ، پاروتچىك ياقۇپ ئۆز قىسمىدىن بەش نەپەر جەڭچىنى باشلاپ، دۈشمەننىڭ يەر ئاستى 3 بىلىنداژىنى پارتىلىتىپ داخىيەنزىنى ئازاد قىلىشقا ئاساس سالغان ئەڭ ئىشەنچىلىك جەسۇر ئىسكادىرون ئىدى.
     پولك يۆتكىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، مەنسۇرنىڭ تۇڭگان قىسمىدىن 11 نەپىرى قېچىپ، دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ،خائىنلىق قىلىدۇ. بۇنىڭدىن، گومىنداڭ قاراقچىلىرى ئۆزلىرىگە نىجاتلىق تاپقاندەك بولىدۇ-دە، توپ زەمبىرەكنىڭ ھىمايىسىدە ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. مۇداپىئەدىكى جڭچى-كوماندىرلار ئىسكادىرۇن كوماندىرى پاروتچىك ياقۇپنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىر پايمۇ ئوق چىقارمايدۇ-دە، دۈشمەنگە بىرمۇ ئادەم يوقتەك ھېس قىلدۇرىدۇ، دۈشمەنلەر بىخارامان ھالدا50 مېتىرچە يېقىنلاپ كىلىدۇ،خۇددى قارا قاغىلار يەمچۈككە يوپۇرۇلۇپ كەلگەندەك، ئۇلار يەنە <<سا!سا!>> دەپ (چاپ، قىر دېگەن مەنىدە) ۋارقىرىشىپ 40 مېتىر، 30 مېتىر ئارىلىققا قەدەر يېقىنلايدۇ. غەلبە كۆزلىرىگە كۆرۈنگەندەك بولۇپ ئەسەبىلىشىدۇ.....ئىسكادىرون كوماندىرى پارۇتچىك ياقۇپنىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن قول بومبىلىرى، چوڭ-كىچىك ئاپتوماتلاردىن بىرلا ۋاقىتتا شىددەتلىك ئوت ئېچىلىپ، خۇددى چالغا بىلەن ئۇرۇلغان بىدىدەك قاراقچى باندىتلار قىرىپ تاشلىنىدۇ. دۈشمەننىڭ ئارقىدىكىلىرى قېچىشىپ،چاشقانلار توشۈكلىرىگە كىرىۋالغاندەك غال-غال تىترىگەن ھالدا يەر ئاستى ئۇۋىلىرىغا كىرىۋېلىشىغا ئاران-ئاران ئۈلگىرىدۇ.
     گومىنداڭ قاراقچىلىرى:<<بىز زىۋازىلارغا ئالدىنىپتۇق، سىلەر ئىشپىيون ئىكەنسىلەر>> دەپ خائىنلىق قىلىپ قېچىپ بارغان 11 نەپەر تۇڭگاننى قەتلى قىلىدۇ. ياقۇپنىڭ ئسكادىرۇنىي يەنە دۈشمەننىڭ 2-3 قېتىملىق ھۇجۇمىنى باتۇرلۇق بىلەن چېكىندۇرىدۇ. ئەمما دۈشمەننىڭ ئېغىر تىپتىكى قۇراللىرىنىڭ زەربىسىدە نۇرغۇن چىقىم بولۇپ،يىنىك يارىلانغانلىرىدىن باشقا قورال تۇتقىدەك ئادەم قالمايدۇ.يەر ئاستى داۋالاش پونكىتى يارىدارلار بىلەن توشۇپ كېتىپ،ئاكوپلارمۇ بوش قالمايدۇ، ئسكادىرون كوماندىرىمۇ ئېغىر يارىلىنىدۇ.
     _رىزۋان ئايۇپ ساقلاردىن پەقەت سىزلا قالدىڭىز،مۇداپىئەمىزنىڭ تەقدىرى سىزگە باغلىق بولۇپ قالدى،قۇرال تۇتقىدەكلام يارىدار جەڭچىلەرنى ئىمكان قەدەر جەڭگە قاتناشتۇرۇڭ! يۈكىڭىز ئېغىر، غەيرەت قىلىڭ!_دېدى ئىسكادىرۇن كوماندىرى ياقۇپ يارىسىنى تېڭىۋاتقان رىزۋانغا قاراپ ئىنجىقلاپ تۇرۇپ.
     _خاتىرجەم بولۇڭ،مۆھتەرەم كوماندىر!ھاياتلا بولىدىكەنمەن،دۈشمەن بۇ يەرگە ھەرگىزمۇ ئاياغ باسالمايدۇ!_دېدى رىزۋان ئايۇپ ناھايىتى ئىشەنچىلىك تەلەپپۇز بىلەن.
     رىزۋان ئىستانكىۋاي پىلىموتتىن بىرنى،دىكتار پىلىموتتىن ئىككىنى، ئەپلىك ئۈچ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ قۇربان بولغانلارنى ئايرىم جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،يارىدارلارنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىرىنى ئايرىپ، يارىلىرىنى تاڭغاندىن كېيىن، ھەر قايسىسىنىڭ تاماق ئىچىدىغان قاچىلىرىغا سۇنى تولدۇرۇپ،ئۇلارغا بىر سىقىمدىن سۇخار سېلىپ ئالدىلىرىغاقويۇپ قويدى. ئۆزىگىمۇ شۇنداق قىلىپ پاكىز يەرگە قويدى.ئۇ ئۇيقۇسى كەلگەندە ئۇنىڭدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپ قوياتتى. يېرىم كېچە بولاي دېگەندە رىزۋاننىڭ بۇ غەيرەت جاسارىتىدىن تەسىرلەنگەن بىر يارىدار جەڭچى جەينەكلەپ يەر بېغىرلاپ ئۆمىلەپ رىزۋاننىڭ يېنىغا كېلىپ:
     _رىزۋان، سىز كۆپ جاپا تارتتىڭىز، چارچاپمۇ قالدىڭىز، سىز بىردەم ئارام ئېلىڭ،ئەمدى مەن قاراۋۇللۇق قىلاي،_دېدى-دە،ئاكوپ قېرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ،دۈشمەن تەرەپنى كۆزەتتى. رىزۋان گەپ سۆز قىلمايلا بېشىنى قىسايتىپ، ئاكوپ قېرىغا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالدى. شۇ كۈنى تۇڭگان قىسمىدىكى يەنە پەيسار، يۇجاڭيۇ، لەيچىخۇا ئىسىملىك 3 نەپەر ئادەم قېچىپ بېرىپ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ، خائىنلىق قىلىدۇ. ئاكوپلاردا ئىڭىراپ ياتكان يارىدارلارمۇ ئاكوپ قىرلىرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، قوللىرىغا قورال ئالىدۇ. رىزۋان بىردەم ئۇ پىلىموتقا بېرىپ ئوق ئېتىپ، بىردەم بۇ پىلىموتقا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئوت ئاچىدۇ. ئۇ خېلىغىچە ئاكوپ ئىچىدە شۇنداق يۈگىرەپ يۈرۈپ، دۈشمەنگە زەربە بېرىدۇ. رىزۋان ئۆزىنىڭ سېستىرالىق كەسپىدىن تاشقىرى، قولىغا قۇرال ئېلىپ، دۈشمەنلەر بىلەن ئۆز پىسخىكىسىدىن ھالقىغان ھالدا باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ، ئاجايىپ قەھرىمانلىق بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يەر چىشلىتىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە، پىلىموت ۋە باشقا قوراللاردىمۇ ئوق قالمايدۇ. رىزۋان تىت-تىت بولۇپ، يەرنى مۇشتلاپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇ بىلىكىدىكى <<تى تى>>ماركىلىق يان قۇرالىنى ئېلىپ قارىسا، ئۇنىڭدىمۇ ئاران ئىككى پايلام ئوق قالغان ئىدى. ئۇ دۈشمەننىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالغىنىدىن كۆرە، ئۆزىنى ئېتىۋېلىپ ئۆلىۋېلىشنى ئەلا كۆرۈپ، يارىدارلار بىلەن خوشلىشىدۇ.يارىدارلارمۇ يانلىرىدىكى خەنجەرلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشىدۇ. رىزۋان تاپانچىسىنى ئۆز چىكىسىگە تەڭلەپ، <<ئەلۋىدا!>> دەپ تۇرىشىغا، بۆرتالا پارتىزانلىرى<<ھۇررا!>> دەپ ئات چېپىپ چىقىپ كېلىدۇ. پارتىزانلار قەھرىمان سېستىرا قىز رىزۋاننى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ.
     گومىنداڭ قاراقچىلىرى رىزۋانلارغا يەنە ئالدىنىپتۇق دەپ ھېلىقى قېچىپ بېرىپ، خائىنلىق قىلغان 3 نەپەر تۇڭگاننى ئىشپىيون دەپ ئۆلتىرىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دۈشمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇۋىسىدىن چىقىشقا پېتىنالمايدۇ. بەش كۈندىن كېيىن غۇلجىدىن ماشىنا كېلىپ، قۇربان بولغانلارنى شۇ يەردە دەپنە قىلىپ، يارىدارلارنى ئېلىپ كەتتى. بەختكە قارشى قەھرىمان باتۇر ئىسكادىرون كوماندىرى ياقۇپتىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن دورا يېتىشمەي، ئاكوپتا قۇربان بولدى.
     بىر كىنو تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدىن نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇبالىغە قىلىنغان بولىدۇ. لېكىن، قەھرىمان سېستىرا قىز رىزۋان ئايۇپنىڭ باتۇرلۇق خىسلەتلىرى قىلچىمۇ مۇبالىغە قىلىنمىغان، ھەقىقىي بولغان ۋەقەدۇر. (ئەينى ۋاقىتتىكى شەپقەت ھەمشىرە سېستىرا قىز رىزۋان ئايۇپ، ئىلى ۋىلايەتلىك خەلق بانكىسىدا ئۇزۇنغىچە ئىشلەپ، 1984-يىلى پىنسىيەگە چىقىپ، ئائىلىسىگە دەم ئېلىشقا قايتقان.)

     قالغان بابلىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
     ئىلاۋ: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار! بۇ ئوچىرىكنىڭ 4 بابىنى يوللاپ بولۇپ، بىر ئايغىچە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاخىرىنى يوللىيالمىغانتىم، بۈگۈندىن باشلاپ يەنە يوللاشنى  باشلىدىم، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 16:44:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-باب
     پولك كېچە-كۈندۈز ئىلگىرىلەپ،ئاچال،ئالۋاستى گۆرساي، كۆكۆرچىن،قۇلانساي قاتارلىق ئورۇنلارنى بېسىپ قازان بۇلاققا يېتىپ كەلدى.بۇ يەردە ئاتلارنى يېرىم كۈن دەم ئالغۇزۇپ،دادىخاينىڭ قۇمى ئارقىلىق توختاخۇن ئاقساقالنىڭ جاڭزىسىنىڭ 500 مېتىرچە نېرىسىدىكى مۇداپىئەگە ئەپلىك يەرگە كېلىپ توختىدى. بۇ جاي ئاساسى بازا قىلىنىپ، باجاخۇ قۇملىرى<<72-ئېگىزلىك>>دەپ ئاتالدى. بۇ يەرنى يەرلىك خەلقلەر<<ئۈچ قارا ياغاچ>> دەپمۇ ئاتايدىكەن. باجاخۇ ئەسلىدە 1948-يىللىرى جەنۇبى شىنجاڭدىن سەككىز ئائىلىلىك ئۇيغۇر ئىلى تەرەپكە كېلىۋېتىپ،جىڭغا كېلىپ توختاپ قېلىپ،باجاخۇنىڭ سۇسىز بوز يەرلىرىگە قىزىقىپ، توختاجىنىڭ باشچىلىقىدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ ئامبىلىغا نۇرغۇن سوۋغا-سالام بېرىپ بۇيەرلەرنى سېتىۋېلىپ،ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ، جىڭ دەرياسىدىن سۇ باشلاپ كېلىپ، تۈگمەن ياساپ،تېرىقچىلىق قىلغان. شۇنىڭدىن بېرى،بۇ يەرنى خەنزۇلار <<باجاخۇ>> <<8 تۈتۈن>> دەپ ئاتاشقان. توختاخۇن ئاقساقال دېھقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ جاڭزىسى دېھقانچىلىق قىلىدىغان يېرى يەنى قورىقى ئىدى.كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئاقساقال دېيىشەتتى. بۇ جاڭزا قېلىن قارا ياغاچلىق بولۇپ، باجاخۇنىڭ شەرقى تەرىپىگە جايلاشقان. گومىنداڭ قىسىملىرى مۇشۇ جاڭزىنى ئاساس قىلىپ، مۇداپىئە ئستىھكاملىرىنى قۇرىۋالغان. بۇ جاڭزىنىڭ جەنۇبى تەرىپى 150 مېتىر نېرىسى تاشلىق ، شىۋاقلىقلاردىن ئىبارەت تۈزلەڭلىك ئىدى. بۇ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىنسا دۈشمەنلەر كېكىرتىگىدىن بوغۇلۇپ قالاتتى. بىراق، ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. مايور ئاخۇنبايۇپ بۇلارنى ئويلاپ تېنى شۈركەندى:
     _بۇ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئايلىنىپ ئۆتۈپ، جىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، يىلاننىڭ بېشىنى كەسسەك!-دەپ تەكلىپ بەردى ئۇ.
     پولك ئىشتاپ كوماندىرلىرىنىڭ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىش ھەققىدىكى بۇ مۇزاكىرە يىغىنىدا پولك كوماندىرى مەۋلانۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ:
     _بىز قورقۇنچاقلىق قىلىپ،قاچانغىچە ئايلىنىپ يۈرۈپ، مۈكۈ-مۈكۈلەڭ ئوينايمىز؟-دېدى ئاچچىق قىلغان تەلەپپۇزدا. بۇ سۆز ئاخۇنبايۇپنىڭ غورورىغا تەگدى. ئۇ:
     _مۆھتىرەم ،پولك كوماندىرى! بىز مۇشۇ تەرەپتىن قەتئىي ھۇجۇم قىلىشىمىز كېرەك!-دەپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى ۋە_ئۇرۇش بولىدىكەن،چىقىم بولىدۇ، چىقىمسىز ئۇرۇشنى ئۇرۇش دېگىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك،_دېدى قوللىرىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ.
     مايور ئاخۇنبايۇپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ لەۋلىرى بىلىنە-بىلىنمەس تىترەيتتى. پۈرلىشىپ كەتكەن ئىككى يانچۇقلۇق گىمناستوركىسىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئىككى قولى بىلەن كەڭ ئوفىتسىرىسكى رېمۇنىنى ئوتتۇرىسىدىن تۇتۇپ، گېمناستۇركىسىنى ئارقىسىغا سېرىۋېدى، ئالدى سىدام، ئارقىسى گارمۇشكىدەك بولۇپ چىقتى. قورسىقى ئىچىگە كىرىپ، كۆكرىكى ئالدىغا چىقىپ، ھەربىي ئىنتىزامى كۈچلۈك، روھى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان بىر كوماندىرنىڭ تۈسىنى ئالدى. ئۇ يەردە ئولتۇرۇشقان يۇقىرى-تۆۋەن ئونۋانلىق كوماندىرلار ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ، قىزىقىش بىلەن قارىشاتتى.
     ئۇنداقتا سىز دېگەندەك پولكنىڭ جەڭچى-ئوفىتسىرلىرى گومىنداڭنىڭ ئوقىدا قىرىلىپ تۈگەپ كەتسەك، ئۇرۇش بولغان بولامدۇ؟ بۇ ئۇرۇش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سەپسەتە ئەمەسمۇ؟_دېدى ئاخۇنبايۇپ كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئۇ يەنە،-<<بىرى جەڭ، توققۇزى رەڭ>> دەپ زادى نېمىگە ئېيتىمىز؟رەڭۋازلىق ئەسلىدىن ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلىدىغان بىرخىل جانلىق تاكتىكا ئەمەسمۇ؟ ئاز چىقىم بېرىپ، زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسا كوماندىرلارنىڭ كوماندىرلىق سەنئىتىگە باغلىق، ئەگەر بىز دۈشمەنگە ھېچقانداق پەم-پاراسەت ئىشلەتمەيلا، دۈشمەن ئوقىغا كۆكرەك كېرىپ ئالغا يۈگۈرسەك، دۈشمەنلەر بىزنى قىرىپ تاشلىسا، بۇنى ئۇرۇش دەمدۇق؟ ياق، بۇنى دۆت قەھرىمانلىق دەيمىز. بۇنداق تاكتىكىنى ياۋروپالىقلار 17-18 ئەسىرلەردە قوللانغان. ھازىر قوراللار تەرەققىي قىلىۋاتقان 20- ئەسىر تۇرسا، ئۇنداق ئۇسۇللار كارغا كېلەمدۇ؟ دۈشمەنلەر كۆپ، بىز ئازچىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارائىتى دۈشمەنگە پايدىلىق، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دۈشمەننى ئالداش تاكتىكىسىنى قوللانساق دەيمەن،- دېگەن پىكىرنى بەردى. ئۇ كۆپچىلىككە ئۇرۇش قائىدىلىرى ۋە دۈشمەن ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ دىللىرى يورۇپ كەتكەندەك بولدى. ئەمما، پولك كوماندىرى مەۋلانوپ رازاق ئۆز ئابرويىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالدى ۋە چىرايى ئۆڭگەن ھالدا:
     _مەن كوماندىر، مۇشۇ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشنى بەلگىلەيمەن!،-دېدى. تومتاقلا قوپاللىق بىلەن بۇيرۇق قىلىپ، بۇيرۇققا بوي سۇنۇش، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ۋە كاماندىرنىڭ بۇيرۇقىنى مۇقەددەس بىلىش مىللىي ئارمىيەنىڭ قاتتىق ئىنتىزامى بولغانلىقتىن ھۇجۇم قىلىش قارارىغا كەلدى ۋە ھۇجۇم تەرتىبىنى بەلگىلىدى.
     يېرىم كېچە، دۈشمەنلەر قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇخلاۋاتقان مەزگىل ئىدى. پۈتۈن پولك قىسىملىرى تەرتىپلىك ھالدا شەپە چىقارماي يوشۇرۇنچە نىشانغا قارااپ ئومومىيۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى. كوماندىرلارنىڭ قوللىرىدا ئېتىشقا تەييارلانغان يان قوراللار، جەڭچىلەر بولسا ئاللىبۇرۇن بەتلەپ قويغان مىلتىقلىرىنى ئالدىغا قارىتىپ، بېقىنلىرىغا تىرىگەن ھالدا، پۇتلىرىنىڭ ئۇچلىرىدا دەسسەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. كۆپكۆك تېنىق ئاسماندىكى يۇلتۇزلار خۇددى ھەۋىسى كېلىپ ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك نۇرلۇق كۆزلىرىنى جىمىرلىتاتتى. بەزىبىر يۇلتۇزلار چىدامسىزلىق قىلىپ، قۇيرۇق چىقىرىپ تۆۋەنگە ساقىيتتى. قاياقلاردىندۇر مۇزايلىرىدىن ئايرىلغان كالىلارنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ مۆرەشلىرى، ئىتلارنىڭ قورقۇنۇشلۇق ھۇۋلاشلىرى ئاڭلىنىپ، بىرەر شۇملۇقتىن بىشارەت بەرگەندەك ھېس قىلدۇراتتى. ئەتراپ تىمتاس ئىدى. ھەتتاكى بېسىلغان ئاياغ تىۋىشىمۇ، قىلىچ، باكۇلۇشكىلارنىڭ تاراق-تۇرۇق ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانمايتتى. شىۋاقلار ئارىسىدا بىخارامان ئۇخلاۋاتقان تورغايلار ئۈستىدىن بېسىلغان جەڭچىلەرنىڭ ئاياغ تاۋۇشلىرىنىڭ تەسىرىدىن چۆچۈپ كېتىپ<<پۇررىدە>> قىلىپ ئۇچۇشۇپ جىملىقنى بۇزۇپ تۇراتتى. جەڭچى-كوماندىرلار دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا يېقىنلاشقانسېرى خۇددى بىرسى دەرۋازىنى ئۇرغاندەك يۈرەكلەرنىڭ قاتتىق سوقۇشلىرى تەپتىدىن ھارارىتى ئېشىپ، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمىلگەن ئىدى. دۈشمەنگە يېقىنلاپ قالغان ئارىلىقتا، ئۆمىلەپ مېڭىش جەريانىدا بىر پالاكەت جەڭچى نېمىگىدۇر بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يېقىلىپ كېتىپ، ئوڭ قۇلىنىڭ بىگىز قولى مىلتىقنىڭ تەپكىسىگە تېگىپ<<پاڭ!>> قىلىپ بىر پاي ئوق چىقىپ كەتتى. تاڭ ئالدىدىكى بۇ بىر تال ئوقنىڭ ئاۋازى خۇددى ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چاققاندەك يەر-جاھاننى زىل-زىلگە سالدى. ئوق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتكەن گومىنداڭ چىرىكلىرى ئۈگدەرىگەن ھالدا پىلىموت، ئاپتۇمات،توپ-زەمبىرەك...قاتارلىق ئېغىر-يىنىك قۇراللىرىدىن ئوت ئېچىپ بىز تەرەپكە قارىتىپ ئوق ياغدۇردى. جەڭچى-كوماندىرلار ئونلاپ ، يۈزلەپ ئوق تېگىپ يىقىلدى...
     بۇ قانلىق پاجىئەنىڭ تىراگىدىيىلىك ئاقىۋىتىنى بۇ يەردە تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە!؟ نى-نى قىران يىگىتلەر، نى-نى باتۇر قەھرىمان جەڭچى ئەزىمەتلەر مانا شۇ تاڭ سەھەردە قۇربان بولۇپ كەتكەن بۇ قانلىق تارىخقا، جىڭنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلىرىمىز گۇۋاھ-شاھىت بولۇپ تۇرۇپتۇ. جىڭنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا، بولۇپمۇ مۇشۇ قانلىق ۋەقەگە بىۋاستە قاتناشقان يولداش ئابدۇللا مەخپىرۇپ بۇ ھەقتىكى خەتەرلىك سەزگۈزەشتىلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
     <<ئەتىمالىم، مەن سۆزلەۋاتقان بۇ ۋەقە 1945-يىلى 9-ئاينىڭ5-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق ھەم دىمىق، تىنجىق بىر كۈن بولغان ئىدى. ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. كېچىچە دۈشمەن تەرەپتىن ئېتىلغان زەمبىرەك، مىنامىيۇت، پىلىموت ئوقلىرى تاڭ سەھەردىلا جىمىغان ئىدى. ئەمما، زەمبىرەك، سىنارەكلەردىن تارقالغان قويۇش ئىس-تۈتەكلەر بىلەن قان ھىدلىرى دىماقنى ئېچىشتۇرۇپ ئاچچىق پۇراپ تۇراتتى.
     تاڭ بارغانسېرى سۈزۈلۈپ، ئۇپۇق قىزىرىپ كۈنمۇ كۆتۈرۈلدى. مەن بۇ كەڭرى كەتكەن ئۇششاق شېخىللىق سايدا غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ تاش يولنىڭ بويىدا ئۆسكەن قارا ياغاچنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئازگالدا قىرغا يۆلەنگەن ھالدا نىمجان ھالەتتە ئولتۇرىمەن. ئەتراپ جىمجىت ئىدى. دەل-دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىمۇ ئوقلارنىڭ زەربىسىدىن يالىڭاچلىنىپ قالغان، شېخىللىقتىكى شىۋاقلارمۇ ئوق ئوتلىرىنىڭ تەسىرىدىن قىرقىلىپ كەتكەن ئىدى. مېنىڭ بېشىم سىرقىراپ ئاغرىيتتى. ئۇسسۇزلۇق مېنى ئازابلايتتى. شېخىللارنى تاتىلاپ، نەم تاشلارنى ئاغزىمغا سېلىپ شورايتتىم. يەنىلا ئاغزىم، گېلىم قۇرۇپ تۇراتتى. كۈن كۆتۈرۈلگەنسېرى ئۇسسۇزلۇق مېنى شۇنچە قىينايتتى، خۇددى شىلىم يەۋالغان ئادەمدەك مېنىڭ كالپۇكلىرىم چاپلىشىپ كەتكەن ئىدى. بەزىلەر سىيىپ سۈيدىكىنى ئىچكەنمۇ بولدى. ئۈستى-بېشىم پاسكىنا، خۇددى ئىت تالىۋەتكەندەك تىتىلىپ كەتكەن، قاپاقلىرىم يېرىلغان، ئاياغلىرىم قانغا مىلەنگەن، ئۆزەمنى ناھايىتى ھارغۇن سېزەتتىم، پۇتۇمنى بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكىگىچە نەچچە پاتمان كۈچ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم. ئۆتۈكۈمنىڭ ئاپقۇتىدا شىپۇر (ئاتلىق ئەسكەر قامچا ئورنىدا ئۆتىكىنىڭ ئاپقۇتىغا باغلىۋالىدىغان شارقىلىق تۆمۈر) جىرىڭلاپ تۇراتتى، بېلىمگە ئېسىۋالغان قىلىچىم ئالدىمدىكى ياغاچ كۆتۈك ئۈستىدە ساپلىرى قان داغلىرى قېتىپ كەتكەن ھالدا، تاپانچام قولۇمدا قان ئارىلاش تۇرۇپتۇ. ئېسىمنى يىغىۋېلىپ،ئېڭىكىمنى ئاستا ئېگىز كۆتۈرۈپ يىراققا قارىسام، كۆز ئالدىمدا دەھشەتلىك مەنزىرە كۆرۈندى. سەپداشلىرىم يۆتكىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھۇشسىز گەۋدىلەر ئۇيەر-بۇيەردە ئىنجىقلايتتى. بەزىلىرى سەل-پەل مىدىرلىغاندەك قىلاتتى، ئۆلۈكلەر خۇددى ساينىڭ تېشىدەك قاتار-قاتار يېتىپ كەتكەن ئىدى، بايقاپ باقسام ئۆزۈممۇ يارىدار ئىكەنمەن. بىر سوتكىدىن بۇيان نەدە تۇرۇپ، نەگە بېرىپ، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىم ئەمدى يادىمغا كېلىشكە باشلىدى. پۈتۈن بەدىنىم سىرقىراپ ئاغرىيتتى. مېنىڭ يارامنى بىرسى تېڭىپ قويۇپ كېتىپ قالغان ئىكەن. كېيىن ئۇقسام يارامنى سېستىرا قىز رەيھانە غابىدىن (تاتار) تېڭىپ بولۇپ،مېنى ئېلىپ كېتىشكە ئىمكان بولماپتۇ، شۇڭا مېنى بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قپيۇپ كېتىپ قالغان ئىكەن.(رەيھانە غابىدىن ئىلگىر-ئاخىىر بولۇپ، جەڭ جەريانىدا بەش قېتىم ئوردىن ئالغان، كېيىن ئابدۇللا مەخپۇرۇپ بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغان. ئۇ 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ۋاپات بولغان.) ئەسلىدە بىز گومىنداڭ ئىستىھكاملىرىغا يېقىنلىشىپ قالغاندا، بىر جەڭچىمىز پۇتلىشىپ كېتىپ، مىلتىقىدىن ئوق چىقىپ كەتكەن ،بۇ ئوقتىن چۆچۆپ كەتكەن دۈشمەنلەر توختاخۇن ئاقساقالنىڭ جاڭزىسىنىڭ ئەتراپىغا قۇرىۋالغان مۇداپىيە ئىستھكاملىرىدىن،بولۇپمۇ،<3 قارا ياغاچ> ئۈستىگە قۇرۇلغان پىلمىوتلىرىدىن بىزگە قارىتىپ ئوق ئاچتى.بىزپەستە،دۈشمەنلەر بولسا يۇقىرىدا بولۇپ،بىزگە دالدا بولغۇدەك قوغۇنچىلىكمۇ بىر تال تاش يۇق ئىدى.بىز كېلىشتىن بۇرۇن دۈشمەنلەر بۇ يەردىكى تاشلارنى بىرنىمۇ قويماستىن ئېلىۋەتكەن ئىكەن.سېستىرا قىزلارمۇ ياردالارنى يۆتكەپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمەپتۇ. تاڭ ئاتقاندا بىزنىڭ مەرگەن جەڭچىلىرىمىز قارا ياغاچلارنىڭ ئۈستىدىكى گومىنداڭنىڭ ئۈچ نەپەر پىلىموتچىسىنى ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىنلا،دۈشمەننىڭ ئوق سېتكىسى سەل-پەل شالاڭلاشتى. مەن ئورنىمدىن تەسلىكتە تۇرۇپ،سەل ئالىمغىراق ماڭدىم. شۇ ھامان  تاشيول ئۈچۈن شېغىل كولىغان ئازگال ئىچىدىن  ۋاقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
        _ئابدۇللا مېنى ئېتىۋەت!مېنى ئېتىۋەت دەيمەن!
مەن قارىسام،بۇ ۋاقىرىغان سېستىرا قىز سائادەت ئىكەن.ئۇن ڭىدىن ئون مېتىر نېرىدىكى ئازگالدا سېستىرا قىز گۈلسۈم يۇۋاشىۋامۇ بار ئىكەن. ئۇلار بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا ياردارلارنىتېڭىپ قويۇش ئۈچۈن ئومىلەپ كېتىپ بارغاندا،ئوق تەككەن ئىكەن. سائادەتنىڭ يارىسى سەل ئېغىر ئىدى.ئۇ ئارقا تەرەپ قۇيرۇقنىڭ ئارىسىدىن،ئىنچىكە بىلىدىن كىندىك ئارلاپ،پىلىموت ئوقىدا يارلانغانكەن.گۈلسۈمنى بولسا چوڭ يامپاش ئىچىگە قاراپ دوۋسۇن ئارلاپ ئوق تېشىپ ئۆتكەن ئىكەن.
         _تېز بولغىن،ئوغۇل بالا بولساڭ مېنى ئېتىۋەت!؛_دەپ ھەر ئىككىسىلا ۋاقىراپ زارلايتى.ئەھۋال خەتەرلىك ئىدى.دۈشمەن تەرەپتىن ئوق چىقىپ قالسا،ھەر ئۈچىلىمىز ئولەتتۇق.ئادەتتىمۇ بۇ سېستىرا قىزلارنى ئېتىۋىتىشكە قانداقمۇ قول بارسۇن! ئۇلار فۇرۇنتتا جانلىرىنى ئالقانغا ئىلىپ قويوپ،نى-نى جەڭچىلىرىمىزنى يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي يۇگۇرۇپ يۇرۇپ يارىلىرىنى تېڭىپ داۋالاۋاتقان تۇرسا،يەنە بەزىلىرىنى ھاپاش قىلىپ قۇتۇلدۇرۇپ قالغان شەپقەەت ھەمشىرلەر  ئەمەسمۇ؟ ئۇلار مەن بىلەن بىر سەپتە تۇراتتى.مەن ئۇلارنى بىر ئامال قىلىپ قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش قارارىغا كەلدىم.ئۇلار مېنى تىللاپ ئۇرۇپ كەتسىمۇ مەيلى دېدىم ئىچىمدە ئويلاپ. ئۇلار بولسا كەلگۈسىدە  مېيىپ بولۇپ ياشىغاندىن كۆرە،ھازىرلا ئۆلۈپ كېتەيلى دەپ ئويلاپ، ساقىيىشقا كۆزلىرى يەتمىگەن ئىدى. مەن ئاۋۋال سائادەتنى تېڭىشقا باشلىدىم.ئۇ ماڭا بوي بەرمەي ۋاقىرايتى.ئۇ بەكمۇ چىرايلىق.كېلىشكەن،ھەم قورقماس جىگەرلىك  قىزلاردىن ئىدى.قانچە ۋاقىرىسىمۇ بەرىبىر ،مەن دېگەن ئوغۇلبالىدە دېگەن ئوي-پېكىر بىلەن  سائادەتنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تەتۈر مېنىۋالدىم-دە،ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ ئوبدانلا تېڭىپ قويدۇم.ئۇ ئىككى قولى بىلەن دۈمبەمگە دۇمباق چالغاندەك مۇشلايتى. مەن جاننى ئالقانغا ئېلىپ جەڭ قىلىپ ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك پىداكىرانە  روھ بىلەن ئۇنىڭ جان-جەھلى بىلەن ئۇرغېننى سەزمەيتىم.مەن قىلچننى قىنىدىن چىقىرىپ شىنە قىلىپ،ئۇنىڭ پۇتىنى مىدرىلماس قىلىپ تېڭىۋەتتىم.ئاندىن ئۇنى ئورۇپ ئازگالنىڭ قىرىغا يولەپ قويدۇم.ئۇ ماڭا كىيىك بالىسىدەك تەلمۇرۇپ قارايتى.ۋە:<ھوي يۇزى قېلىن،سەن جان يېرىمنى كۆرۇۋىلىش ئۈچۈن مېنى تاڭدىڭمۇ؟ياكى ھەقېقى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ؟ ھۇ قورقۇنچاق!سەن مېنى قورقۇپ ئېتىۋەتمىدىڭ-ھە!ھۇ بېشىنى يەيدىغان!>،-دەيتتى.مەن ئۇنىڭغا:
       _سەندەك بىر گۈزەل بەرنا قىزنى ئېتىۋەتسەم،كېيىن مەن سېنىڭ يىگىتىڭگە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن؟ قورقمىغىن،ياراڭنى مەن ياساپ قويدۇم،ساقايساڭ.ماڭىمۇ قارىمايسەن ھەر قاچان؟!ھېلىمۇ تەلىيىڭ باركەن؛-دېدىم چاقچاق تەلەپپۇزدا.
       _ئول،ئاۋاق ساراڭ!،_دېدى ئۇ كۈلۈپ يەنە_ھوي ئولمە! مىڭ-مىڭ ياشىغىن! مەن ساقايسام سېنى ئىزدەپ بارىمەن.ساڭا رەھمەت ئېتىمەن،_دېدى.
مەن گۈلسۈمنىمۇ شۇنداق قىلىپ قىلىچىمنىڭ غېلىپىنى شىنە قىلىپ  پۇتىدىن تېڭىپ قويدۇم.ئەمما،ئۇ بەكمۇ ۋاقىراپ كەتتى.ئۇنىڭ يارىسىمۇ ۋاقىرىغىدەك يېرىدە  ئىكەن.مەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئالقىنىم بىلەن بېسىپ تۇرۇپ،بىر پۇتۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتىلدۇرۇپ يارىسىنى تاڭغىچە،ئۇ مېنى تاتارچە تىللار بىلەن تىللاپ كەتتى ۋە:
          _تاپانچاڭنى ماڭا بەر،مەن ئۆزەمنى ئېتىۋالىمەن!-دېدى.
مەن ئۇنىڭغا:
                    _سەن نېمە دېسەڭ دەۋەرگىن،مەن بۇرچۇمنى ئادا قىلساملا بولدى.ھەر ئىككىڭلارنى سىلەرنى ساقايتىدىغان جايغا ئەۋەتىپ بېرىمەن.دېدىم.ئۇ:
    _ھۇ پاشنىسىز قاشقالىق! خەپ توختاپ تۇر،مەن ساقايسام كۆرىسەن تېخى،پۇچۇق!-دېدى .مەن:
            _سېنى ئەگەر ئەر ئالمىسا،مېنىڭ قىشىمغا كىلەرسەن،سەن مېنى بۇرۇندۇنلا ياخشى كۆرەتتىڭغۇ؟ ئاتقا بېدە تۇغرۇشۇپ بەرگەنلىرىڭنى ئۇ نتۇپ قالدىڭمۇ؟-دېدىم.
      _ئى ئاللا سېن شۇل ئابدۇللامىدىڭ؟ كېل بىر سۆيۈپ قوياي.شۇ كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئېلىپ مېنى ئېتىۋەت دېسەم ئاتماپسەندە،مېنى ئاتمىغىنىڭغا رەھمەت!-دېدى ئۇمېنى تونىۋىلىپ.
مەن 1942-يىللىرى گۈلسۈملەرنىڭ قورۇسىدا ئىشلىگەن ئىدىم.ئۇچاغ مەنيېتىم بالا بولۇپ،پاناھلىنىدىغان ئۆيۈم شۇ ئىدى.
  _كېيىن سەن ماڭا كېرەك بولىسەن ئەمەسمۇ.-دېدىم مەن ئۇنڭغا چاقچاق قىلىپ،_خۇش گۈلسۈم،غانجۇغىدە كۆرۈشەرمىز، مەن كەتتىم....دېدىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ.
[ھازىر بۇ ئىككى سېستىرا قىز ھايات،بالا-چاقىلىق بولدى،گۈلسۈم بولسا قىرغىزستاننىڭ مەركىزى بېشكەكتە تۇرىۋاتىدۇ،ئۇلار بىلەن قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىمىز بار]. ئۇ ئىككى قىزنىڭ جارائىتنى تاڭىمەن دەپ دورا سومكاممۇ قۇرۇغدىلىپ قالدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ دورا سومكىسىدىكى دورىلارنى ئېلىپ،تۈزلەڭدە ئەلەملىك زارلىنىپ ئىڭراپ ياتقان سۈيدۈڭلىك جالالىدىن قاتارلىق نۇرغۇن يارىدارلارنىڭ يارىسىنى تاڭدىم.يەنە بىر تەرەپتىن سېغىزخاندەك ئەتراپىمغا سەپ سېلىپ قارايتىم.< يولدا ياتقان ئەسكى تېرىنى جۇۋا دەپ قالمىغىن،يەنە ئۇ سېنى چىشلەپ يەيدىغان يولۋاس بولۇپ قالمىسۇن> دېگەندەك،بىر تەرەپتىن ھوشيارلىغىمنى يۇقىرى كۆتۆرۈپ،يان قورالىمنى دەررۇ قولۇمغا چىقىدىغان ئەپلىك يەرگە قىستۇرۇپ قويۇپ،جەڭچىلەرنىڭ يادرىسىنى تاڭدىم.تۇيۇقسىزدىن بىر  جىرا ئىچىدىن ئۈستى-بېشى قانغا مىلەنگەن،تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن بىرسى ئۆمىلەپ چىقىۋاتاتتى.مەن دەھال تاپانچامنى قولۇمغا ئېلىپ،تەپكىسىنى باساي دەپ تۇرغۇنىمدا ئۇ:
        _ھەي،ئابدۇللامۇ سەن؟ يائاللا جىن-شەيتانمۇ سەن؟-دەپ توۋلاپ چىقىپ كەلدى ئۇ. مەن:
     _خۇدا ئۆزى ساقلىدى. سېنى ئېتىۋەتكىلى تاسلا قاپتىمەن دېدىم.
     بۇ كىشى تىكەس 1-ئاتلىق پولكنىڭ مال دوختۇرلۇق بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىمىن ھاجىيۇپ ئوسمان ئەپەندى.(ئىمىن ھاجىيۇپ ئوسمان ئەپەندى مۇز داۋاندىكى جەڭدە خىزمەت كۆرسىتىپ ئالتۇن مىدال بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى. ئۇ دەسلەپتە پات پۇرىتچىك، كېيىن مايورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئىدى)
     ھاجى ئوسمان ئەپەندى شۇ مىنوتتىن باشلاپ، ماڭا يارىدارلارنى تېڭىشىپ ھەم تۇتۇشۇپ بېرىپ، زور ياردەم قىلدى. 18 نەپەر جەڭچىنىڭ پۇت- قوللىرى ئۈزۈلگەن، ھايات قالدى دېگەنلەرمۇ چالا ئۆلۈك ئىدى. 3-ئىكادىروندىن ئارانلا 30 نەچچە ئادەم قاپتۇ، 2-ئىسكادىروندىن 40 نەچچە ئادەم قۇربان بوپتۇ. سېستىرا قىزلارنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن بىز يارىدارلارنى بىخەتەر يەرگە ئەكىۋالدۇق..
     (ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۇ ۋەقەنى بىزگە سۆزلەپ بېرىۋاتقان يولداش ئابدۇللا مەخپۇرۇپ ھازىر ھايات. ئۇ غۇلجا شەھەر 4-دىۋىزىيە دوختۇرخانىسىدا ۋىراج ئۇنۋانى بىلەن ئۇزۇن يىل ئىشلەپ، ھازىر پىنسىيەگە چىقىپ، ئائىلىسىدە دەم ئېلىۋاتىدۇ. يولداش ئابدۇللا مەخپۇرۇپ شۇ كۈنى ئۆزى جەڭدە يارىلانغان تۇرۇقلۇقمۇ، پىداكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، خەتەرگە قارىماي، نۇرغۇنلىغان يارىدار بولغان جەڭچى، كوماندىرلارنىڭ يارىسىنى تېڭىپ، ئۇلارنى بىخەتەر يەرگە يۆتكەپ، ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. قەھرىمان ئابدۇللا مەخپىرۇپ گەرچە<<4 كىشىلىك گۇروھ>> تەرىپىدىن ئېغىر رىيازەت چەككەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىگە بولغان قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن خىزمەتنى جان پىدالىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىگەن.)
     شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن رەيھانە غابىدىن، روشەنگۈل، ئاسىيە قاتارلىق سېستىرا قىزلارنىڭ ھەر قايسىسى بىخەتەر يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ھاياتى ساقلاپ قېلىندى. يارىدارلارنى جاراھىتىدىن كۆپرەك ئۇسسۇزلۇق قىينايتتى. ئۇلارغا قاراپ چىدىمىغان سېستىرا قىز روشەنگۈل ئون نەچچە باكولۇشكىنى دولىسىغا سېلىپ بېرىپ، 150 مېتىر يىراقلىقتىكى تۈگمەن بېشىدىن سۇ ئېلىپ كەلمەكچى بولغانىدى. بۇ ئارىلىق ناھايىتى تۈپتۈز بولۇپ، ئەگەر دۈشمەن كۆرۈپ قالسا، ئۇنى ئاسانلا قارىغا ئالالايتتى. شۇڭا، ئۇنى كوماندىر-جەڭچىلەر <<ئۇ يەرگە بېرىش خەتەرلىك!>>دەپ توستى. ئەمما،روشەنگۈل ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن يارىدارلارنىڭ ھاياتىنى ئەلا بىلىپ<<تۈگمەنگە بېرىپ سۇ ئېلىپ كېلىشىم پەقەت يارىدارلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن! مېنى توسماڭلار، مەن يارىدارلارنىڭ ئۇسساپ، چاڭقاپ زارلىنىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن>>دېدى-دە، باكولۇشكىلارنى كۆتۈرۈپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. زىلۋا بويلۇق چېۋەر سېستىرا قىز روشەنگۈلنىڭ دۈشمەن ئوقلىرىدىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىپ، ئىلان باغرى يۈگۈرۈپ مېڭىشى گوياكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاغزىدا لاي توشۇپ ئۇۋا ياساۋاتقان قارلىغاچنىڭ پەرۋازىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان جەڭچى-ئوفىستىرلار:
     _ پاھ!قوشۇنىمىزنىڭ بۇ پەرىشتەسى قالتىس جۇمۇ،-دېيىشىپ ئۇنىڭ مېھرى-شەپقىتى ۋە قەھرىمانلىق خىسلىتىنى چىن دىللىرىدىن ماختىشاتتى. روشەنگۈل ھالسىرىغان ھالدا تۈگمەن ئۆستىڭىگە يېتىپ باردى. بەختكە قارشى ئۆستەڭدە سۇ يوق بولۇپ، روشەنگۈل ئارمىنىنى ئىچىگە يۇتقان ھالدا<<ھەتتاڭەي!>>دېدىدە، ئۆستەڭگە سەكرەپ چۈشتى ۋە يۇقىرىغا قاراپ بىر نەچچە قەدەم ماڭدى. ئۇ ئۆستەڭ ئىچىدىكى كۆلچەكتە توختاپ قالغان توختام سۇنى كۆردى ۋە:<<مۇشۇ سۇدىن بولسىمۇ ئېلىپ كېتەي>>دەپ باكولۇشكىلارغا توختام سۇنۇ قاچىلاشقا باشلىدى. ئۇ باكولۇشكىلارنى سۇغا تولدۇرۇپ كۆتۈرۈپ، ئەمدىلا ئۆستەڭنىڭ قىرىغا چىقىشىغا بىر پاي ئوق كېلىپ ئۇنىڭغا تەگدى. روشەنگۈل <<ۋاي!>>دەپ باكولۇشكىلارنىڭ يىپلىرىنى مەھكەم تۇتقان پېتى يېقىلدى. بۇ ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان جەڭچىلەردىن بىر نەچچىسى روشەنگۈلگە قاراپ يۈگۈردى.....
     
     مۇشۇ ۋەقەنى كۆرگەن سامساقۇپ ئىسلام بۇ ھەقتە ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
<< مەن رۇشەنگۈلنىڭ قېشىغا يۇگرۇپ يېتىپ بارغان چاغدا،رۇشەنگۈلنىڭ كۆزى تېخى يۇمۇلمىغان ئىكەن. كۆكرىكىدىن قىپ-قىزىل قان توختىماي چىقىۋىتىپتۇ.سېستىرا قىز ئاسيە رۇشەنگۈلنىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭغا رازىلىق بېرىۋاتقان ئىكەن.رۇشەنگۈلنىڭ  ئايدەك چىرايىدىن،بولۇپمۇ ئۇنىڭ جىلۋىلنىپ تۇرغان بىر جۇپ يۇلتۇزدەك كۆزلىرىدىن نېىمىلەرنىدۇ،بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولىۋاتقانلىغىنى كۆرگىلى بولاتتى.شۇ ئەسنادا كىمدۇ بىرى،
       __ۋاي ئىستەي،ئاجايىپ چىرايلىق،كېلىشكەن،چىۋەر قىز ئىدى.تۈنۈگۈنكى چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئۇ ئۆمىلەپ  ھەم يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، ياردارلارنىڭ يارىسىنى تېڭىپ،بەزىلىرىنى سۆرەپ ھاپاش قىلىپ،بىخەتەر يەرگە ئاپىرىپ نۇرغۇن جەڭچىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئەمەسمىدىئ ئۆزى ساپساق تۇرۇپ،سۇ ئېلىۋىتىپ مۇنداق قۇربان بولىشىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۇرسۇن؟،_دېدى.مەن:
  __ ئوق يېقىنلا يەردىن تەگكەندەك تۇرۇدۇ،يۇرۇڭلار، ئاۋۇ تۈگمەننىڭ ئىچىگە كىرىپ،قاراپ باقايلى،_دېدىم. بىر نەچچەيلەن يۈگرۈپ تۈگمەننىڭ ئىچىگە ئىچىگە كىردۇق.ھېچكىم كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ئارقىمىزغا يانماقچى  بولىۋىدۇق، شۇ چاغدا ئابدۇقادىر سۆگەتنىڭ سۇپىسىغا چىقىپ:
     _مانا، بۇ ئەبلەخ ماۋۇ يەردە ئىكەن!،-دېگىنىچە بىر گومىنداڭ ئەسكىرىنى گەجگىسىدىن تۇتۇپ قاماللىغىنىچە سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. لەنىتى مەخلۇق قورققىنىدىن تۈگۈلۈپلام قالغان ئىدى. ئابدۇقادىر ئۇنى روشەنگۈلنىڭ جەسىتى يېنىغا ئاپىرىپ:
     _ مانا سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدۇق،-دېدىدە خەنجىرىنى غېلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ھېلىقى چىرىكنىڭ كۆكرىكىگە تىقتى.
     تۈگمەننىڭ باش تەرىپىدە ئىككى تۈپ قېيىن دەرىخى شۇنداق مەزمۇت چىرايلىق ئۆسۈپ قەت كۆتۈرۈپ تۇراتتى.بۇ ئىككى دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەش مېتىرچە ئارىلىق بار بولۇپ، بىز روشەنگۈلنى شۇ يەرگە دەپنە قىلدۇق. كېيىن تونىۋېلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بەزى ئىچكى ۋە سىرتقى كىيىملىرى بىلەن ئادرىسىنى يېزىپ، تۇپراق بېشىغا قويۇپ يوغان تاش بىلەن باستۇرۇپ قويدۇق. ئۇنىڭ گېمناستۇركىسىنىڭ يانچۇقىدىن يېرىمى قانغا مىلەنگەن بىردانە قولياغلىق چىقتى. قول ياغلىققا ئىككى قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسى كەشتىلەنگەن ئىكەن. ئۇنى كۆرۈپ روس سېستىرا قىز كالىئە يىغلاپ تاشلىدى، ھەممىمىز ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئولاشتۇق.
  __ئېسىم قۇرۇسۇن! مەن نېمە دېگەن دۆت،_دەپ ئۆزىنى ئەيىپلەپ كەتتى ئۇ.
__ سەن ئۆزەڭنى  نېمىشقا دۆت دەپ ئەيىپلەيسەن؟،-دەپ سورىدى ئاسيە،
     __ مەن بۇ قىز بىلەن چىڭسىخۇزۈدا تونۇشقان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز تۈنۈگۈن كېچە دۈشمەن ئوقىدىن ئۆزىمىزنى  ھىمايە قىلىپ بىر يەردە ياتقان ئىدۇق، مەن ئۇنىڭ پىداكارلىق ھەم قورقماس خسىلىتىگە ھەۋىسىم كېلىپ،<< سېنىڭ يىگتىڭ بارمۇ؟>> دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ<< بار ھەەم يۇق>> دەپ جاۋاپ بەرگەندى، مەن << بۇ نېمە دېگىنىڭ،ئوچۇقراق ئېتمامسەن؟>. دەپ قىستاپ تۇرۇۋالدىم. ئۇ ئاخىرى<< مېنىڭ يىگتىم بولسا مەن بىلەن بىللە پىدائى بولۇپ ئازدلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان، بىر مەھەلىلىك،ئۇنىڭ ئىسىمى بىر نېمە جان >>دېگەنىدى،ئېسىم قۇرۇسۇن،ئۇ يىگىتنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.ئۇنىڭ ئۈنۋانى پىراپۇرچىك،سۈيدۈڭ 40-پولىكتا ئىشلەيدۇ،ئۇ ماڭا تەلەپ قويغان، مەن ئۇنىڭغا<< ئالدىنقى سەپ فىرۈنتىدا خىزمەت كۆرسۈتۈپ باھادىرلىق مىدالى ئالسىڭىز،سىز بىلەن ئۆمۆرلۇك بىللە بولىمەن،ئۇنداق بولمىسا ئاۋارە بولماڭ دېگەنتىم>> دېگەندى.مانا مەن ئۇنىڭغا ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ قول ياغلىق ئاشۇ يىگىتكە بىرەر توھپە ياراتسا بېرەرمەن دېگەن ئارزۈسىنىڭ بارلىغىنى ئىپادىلەپ تۇرمامدۇ،_دېدى سېستىرا قىز قول ياغلىقنىڭ يۈزىنى قوللىرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ، بىز ھەممىمىز قول ياغلىقنى قولدىن -قولغا ئېلىپ،كۆز يېشى قىلشتۇق.....
[ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، رۇشەنگۈل ھەققىدىكى بۇ ئەسلىمىنى سۆزلەپ بەرگەن پىشقەدەم جەڭچى  سامساقۇپ ئىسلام ھازىر جىڭ ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق.دەم ئېلىشتا]
     ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئۇرۇشلاردا بولسۇن، ھەممىسى ئالدى بىلەن سۇ مەنبەسىگە قاراپ بارىگاھ ياكى مۇداپىيە ئىستىھكاملىرىنى قۇرۇشقان، ھەربىي دەستورلاردا ئېيتىلىشىچە:<<ئۆزەڭنىمۇ بىل، ئۆزگىنىمۇ بىل، شۇ چاغدىلام ئاندىن ئۇرۇشتا يېڭىلمەيسەن>>دەيدىغان ئەق؛ىيە سۆزى بار. پولك كوماندىرى بۇ نۇقتىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن، تولىمۇ بىپەرۋالىق بىلەن، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھادىسىگە يۈزە قارىغان، ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىدا سۇ باشلاپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى نەپەر جەڭچىنى ئەۋەتكەن، (بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر، بىرى مۇڭغۇل جەڭچى ئىدى.) لېكىن بۇ ئىككى جەڭچىنىمۇ،سۇنىڭمۇ ئىز دېرىكى بولمىغان، پولك كوماندىرى شۇ چاغدا خۇددى بىر دېھقان ئېچىققا سۇ باشلاپ كېلىپ ئېتىزنى سۇغىرىدىغاندەك تۇيغىدا بولغان. پەقەتلا، روشەنگۈل پاجىئەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ كوماندىرنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ، ئۇرۇشلاردا سىنىلىپ پىشقان ئىنتايىن زېرەك ھەم چەبدەس مىرزا قۇلۇپنىڭ ئىسكادىرۇنىنى ئەۋەتكەن، بۇ ئسكادىرون سۇ باشلاپ كېلىپ، قوشۇننى بولۇپمۇ، يارىدارلارنى تەشنالىقىغا قاندۇرۇپ، بىر شەھەرنى ئازاد قىلغاندەك ھېسسىياتى بىلەن ناھايىتى تېزلىكتە ئون كېلومېتىر يىراقلىقتىكى تۈگمەنگە ئايرىلىدىغان، تولا يار كېتىدىغان سۇ بېشىغا (ھازىرقى كىچىك دىيەنزەن) كېچىدە يوشۇرۇن يېتىپ بارغان. بۇ يەرنى ساقلاپ ياتقان 3 چىدىر ئچىدىكى گومىنداڭنىڭ بىر ئىزۋوت(بىر پەيگە تەڭ) ئەسكىرىنى تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ زەربە بېرىپ، ھەممىسىنى تەل تۆكۈس يوقاتقان. ھېلىقى ئىككى نەپەر جەڭچىنىڭ شۇ يەردە قۇربان بولغانلىقىنى ئاندىن بىلگەن. گومىنداڭ قاراقچىلىرى ئۆزىنىڭ مۇداپىئەسىگە پايدىلىق بولغانلىكى نەرسىلەردىن پايدىلانغان، جۈملىدىن تۈگمەنگە بارىدىغان سۇنىمۇ شاخ-شۇمبىلار بىلەن ئېتىپ مەھكەم قىلىپ توسىۋالدى. كۆچۈپ قاينام ھاسىل قىلىپ تۇرغان سۇنىمۇ ئاخىرى جەڭچىلەر توغاننى بىرلا ئىتتىرىپ ئۆرىۋەتتى. سۇلار قەپەزدىن چىققان شىردەك ھۆكۈرەپ تۈگمەن ئۆستىڭىدە ئۆركەشلەپ ئاقتى.
     تۈزلەڭدە قاتار-قاتار يېتىپ كەتكەن قۇربان بولغان جەڭچى-كوماندىرلارنىڭ جەسەتلىرى كىشىنىڭ يۈرىگىنى ئېچىشتۇراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆزى ئوچۇق بولۇپ، كۆز قارچۇقلىرىدا<<ھۇررا!>>دەپ ئاتاكىغا ئۆتىۋاتقان جەسۇرلۇق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى يۇمۇق، قاپاقلىرى تۈرۈك، چىرايلىرىدىن غەزەپ چىقىپ تۇراتتى. ھايات جەڭچىلەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ<<ئەلۋىدا باتۇرۇم! جېنىم دوستۇم!>>دەپ يىغلىشاتتى. كوماندىر-جەڭچىلەر قۇربان بولغانلارغا قاراپ:
     _سىلەرنىڭ خەلق پەرۋەر، پىداكار روھىڭلار، بىزلەرگە تولۇپ تاشقان جاسارەت ۋە ئىرادە بېغىشلىدى! بىز دۈشمەنلەرنى چوقۇم تەل تۆكۈس يوقۇتۇپ، جىڭ ناھىيىسىنى ھەم پۈتۈن شىنجاڭنى ئازاد قىلىش ئارقىلىق سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى ئاقلايمىز،-دەپ قەسەم بېرىشتى. نۇرغۇن جەڭچىلەر بىردەكلام كوماندىرغا قاراپ:
     _ كوماندىر، بىزگە بۇيرۇق بېرىڭ! بىز دۈشمەنگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىمىز، بىز قۇربان بولغان سەبداشلىرىمىزنىڭ ئەھتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، گومىنداڭنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى خاتىرجەم قىلىمىز،-دەپ ۋارقىراشتى. بۇ كۈچلۈك سادالار، مەيۈس ھالدا تۇرغان كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ روھلىرىنى ئۇرغۇتتى.
     80 نەپەردىن ئارتۇق بۇ شېھىتلارنىڭ جەسەتلىرى توختاخۇن ئاقساقالنىڭ جاڭزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىككە دەپنە قىلىندى.(بۇ شېھىتلىكنىڭ ئورنى ھازىرقى جىڭ ناھىيىسىدە سېموت جىڭلايدىغان گۇپاڭنىڭ دەرۋازىسىدىن شەرق تەرەپكە قارىغاندا، تەخمىنەن 20 مېتىر ئارىلىقتا تۇرغان ئاق بىر پارچە يەردە) بۇ شېھىتلارنىڭ ئىچىدە ئامىنەم، پاتىمە، ساشا-خىرىستوۋا(روس) قاتارلىق ھەمشىرە قىزلارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنى ئىگىلىرىنىڭ ئاسانراق تونىۋېلىشى ئۈچۈن ئىسىم فامىلە-ئادىرىسلىرى يېزىلىپ، كىيىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ، تۇپرىقى بېشىغا تاشنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قويۇلدى.(ئۇرۇشتىن كېيىن بەزى جەسەتلەرنى ئىگىلىرى تونىۋېلىپ ئېلىپ كېتىشتى) قالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم شېھىتلار دۈشمەنلەرگە يېقىن جايدا بولغاچقا ئۇلارنى دەپنە قىلىشقا مۇمكىن بولمىدى. ناھىيە ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، جەسەتلەر چىرىپ كەتكەچكە شۇ جايللارغىلام دەپنە قىلىنېۋېتىلدى. ئەزىز خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر قىز-ئوغۇللارنىڭ جەسەتلىرى، جىڭ ناھىيىسىنىڭ چۆل-جەزىرە، قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا نام نىشانسىز قالدى. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازىمۇ ئىزدېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتتى....
     يارىدارلار يۈز نەپەردىن ئاشاتتى. ئۇلارنى بىخەتەر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بار بولغان دورىلار، بىر نەچچە سېستىرا ۋە ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن بىر ئىسكادىرون قالدۇرۇلدى.


     داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 16:46:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7-باب
     _ئوڭغا قاراپ توغرىلان! دىققەت!- دەپ كوماندا بەردى ئىستىرۇيدا زەبەردەست تۇرغان پولكنىڭ كوماندىر ئىزۋۇتىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئوفىتسىرلىرىغا، پولكنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى پات پولكونىك ئىبراگىمۇپ،- مۆھتىرەم ئوفىتسىرلار، بىز<<72-ئېگىزلىك>> ھۇجۇمىدا مەغلۇب بولدۇق، 500 نەپەردىن ئارتۇق قەھرىمان سەبداشلىرىمىزدىن ئېچىنىشلىق ھالدا ئايرىلدۇق. بۇ ھادىسە بىزگە نىسبەتەن زور يوقۇتۇش، ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ كۆڭىللىرىمىز ئىنتايىن يېرىم بولماقتا. ئەمما، بۇ ۋەقە ئارقىلىق پۈتۈن پولكىمىزدىكى جەڭچى، ئوفىتسىرلىرىمىزنىڭ ئىرادىسى ھەرگىز سۇنمىدى! جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتمىدى، بىز قايغۇمىزنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان سەبداشلىرىمىزنىڭ قىساسىنى ئېلىشىمىز كېرەك!
     باتۇرلۇق روھى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان بىزنىڭ جاسارەتلىك جەڭچىلىرىمىزنىڭ  يۈرەك سادالىرى بىز كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ تەخىرسىزلىكىمىزنى بەلگۈلەپ بەردى، بىزنىڭ ئاداققى غەلبىگە ئۈمىد-ئىشەنچىمىزنىڭ يالقۇنىنى چاقناتتى، دانالار<<ئوڭۇشسىزلىق-ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولىدۇر>> دەپ ئېيتقان، مەن ھازىر سىلەرگە پولك شىتاب رەھبەرلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارارىنى يەتكۈزىمەن، پولك زام ناچالنىڭ ئىشتاب مايۇر ئاخۇنبايۇپ سىدىقجان ئىستۇرۇينىڭ ئالدىغا چىقسۇن!
     ئاخۇنبايۇپ ئىستۇرۇيدىن بەش قەدەم ئالدىغا چىقىپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئىستۇرۇيدا مەزمۇت تورغان ئوفىتسىرلارغا ئالدىنى قىلىپ، ئاۋالقىدەكلام فورمىسىنى تۈزەپ، دىققەت بىلەن بۇيرۇقنى كۈتتى. ئۇنىڭغا سەپتىكى بارلىق ئوفىتسىرلار ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى. پەقەتلا، مەھلانۇپ رازاق بولسا، چىرايى تاتارغان ھالدا، خۇددى گۆردىن ھېلىلام تارتىپ ئېلىۋالغاندەك، ئىنتايىن خۇنۈك، پاسسىپ ھالەتتە، سەپنىڭ بىر بېشىدا شۈمشىيىپ تۇراتتى.( مەۋلانوپ رازاق شىڭ سىسەي دەۋرىدە ئاتۇشتا مەمتىلى ئەپەندى باشلىق ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى ئۆلتۈرۈش، قىرىش، ئوت قۇيۇش ئىشلىرىغا غوللۇق ئۈنسۈر بولۇپ قاتناشقان ئىدى. ئۇ بولسا 1975- يىلى قىرغىزىستاندا قىساسچىلار تەرىپىدىن قەتلە قىلىنغان.)
     ھاۋا پەرەڭدەك ئوچۇق ئىدى، سېخى قۇياشنىڭ زەر نۇرلىرى ئاخۇنبايۇپنىڭ كۆزلىرىنى چېقىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شەپكىسىنىڭ كازۇكىنى پىشانىسىگە بېسىپ قويدى. ئۇنىڭ شەپكىسىدىكى كاكار كۈننىڭ نۇرىدا چاقناپ كەتتى. شىپۇرلۇق ئۆتۈك،سۇس جىگەر رەڭدىكى تىرىكىدىن تىكىلگەن گەلەپى ئىشتان، گىمناستۇركا، ئوفىتسىرىسكى بەلباغ تاسما، مايۇرلۇق ئۇنۋان بەلگىسى ۋە ئوڭدىن-سولغا ئېسىلغان قىلىچ ئۇنىڭ قەددى-قامەتلىك بەستىگە خويمۇ ياراشقان ئىدى. ئاخۇنبايۇپنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان روھى، تېنىدە ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ قۇۋۋىتى، ئۇنىڭ پاراسەتلىك كوماندىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيتتى.
     _ يولداش ماۋزىدۇڭ:<< سۇغا كىرمىسەڭ، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنەلمەيسەن>> دېگەنىدى، ئۇرۇش مەيدانى ئىقتىدارلىڭ كوماندىرلارنى، پاراسەتلىك قەھرىمانلارنى يېتىلدۈرىدىغان جەڭگاھ. مايور ئاخۇنبايۇپ سىدىقجان بولسا، ئەنە شۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا يېتىلىپ چىققان ئىقتىدارلىق قوماندانلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر، بىز مايور ئاخۇنبايۇپنىڭ ئەسلىدىكى << يىلاننىڭ بېشىنى كېسىش>> دېگەن تاكتىكىسى بويىچە دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىشىمىز كېرەك. ھازىردىن باشلاپ پولكنىڭ قوماندانلىقى مايور ئاخۇنبايۇپ سىدىقجانغا تاپشۇرۇلدى!-دېدى ئىبراگىموپ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن تەلەپپۇزدا. ئاخۇنبايۇپ كۆڭلىدىن <<ئۆپكىسى كېتىپ، كارنىيى قالغاندا>> دېگەن پىكىرنى ئۆتكۈزدىيۇ، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي جىم تۇردى. ئۇنىڭ روھى ئاۋالقىدەكلام كۆتىرەڭگۈ، چىرايى ئىللىق ئىدى. ئىستىرۇيدا تۇرغان ئوفىتسىرلار  ئۇنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىڭدۈرۈپ، گۈلدۇراس چاۋاك چېلىشتى. بۇ ئالقىش ساداسى ئاخۇنبايۇپنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
     ئاخۇنبايۇپ:
     _ مۆھتىرەم پولكىۋنىك مەۋلانۇپ باشچىلىقىدىكى پولك ئىشتاب رەھبەرلىرىنىڭ ماڭا ئىشىنىپ تاپشۇرغان بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى كۈچۈم بىلەن ئورۇنلاشقا ۋەدە بېرىمەن!-دەپ ئوڭ قولىنى چېكىسىگە ئېلىپ چاس بېرىپ ئوفىتسىرلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى.
     ئوفىتسىرلار خۇددى غەلبە يورۇقلۇقىنى كۆرگەندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت ئىچىدە قىزغىن چاۋاك ياڭراتتى. مەۋلانۇپ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن ئاخۇنبايۇپقا قاراپ، ئۇنىڭ پەزىلىتىگە قايىللىقىنى بىلدۈردى. ئاخۇنبايۇپ شۇ يەردىلام پولكنىڭ ھۇجۇم يۆنۈلۈشىنى، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ۋەزىپىسىنى، ۋاقتى-سائەتلىرىگە قەدەر تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇردى. كوماندىرلار ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇشتى.
     بۇ دەل 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى مەزگىل ئىدى. شۇ مىنوتتا قوشۇن شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلدى. قوشۇن جىڭ دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىن تۆۋەنلەپ، رازۋىتچىك ھەم يول تازىلىغۇچى قىسىملارنى ئالدىغا قويۇپ، چاتقاللىقلاردىن يول ئېچىپ، يوشۇرۇن ھالدا ئالغا ئىلگىرىلىدى، تېرەك ساي، ئۇلان داۋان قاتارلىق يەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، زۇمۇدۇندا گومىنداڭنىڭ بىر پوتىيىنى پارتىلىتىپ، تىرىك قالغان لىيەن دەرىجىلىك بىر گومىنداڭ ئوفىتسىرىنى ئەسىرگە ئالدى ۋە بىر دانە رادىئو ئاپاراتىنى قولغا چۈشۈردى. بۇ گومىنداڭ ئەسىرى<<گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ جىڭ دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىن سەككىز كېلومېتىر ئارىلىققا قەدەر تەتۈر قوزۇق قېقىپ، ھۇجۇمچى قىسىملىرىمىزغا زور توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى ۋە باشقا گومىنداڭنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئىقرار قىلدى.>>
     بىزنىڭ قوشۇنىمىز داخىيەنزىدە ئەسىرگە چۈشكەن گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ سونەيچىسى سوپەككە گەپ ئۆگۈتۈپ، ئۇنى ئەسىرنىڭ تۇرمۇشىغا قارايدىغان خىزمەتچى قىلىپ بەلگۈلەيدۇ ۋە مەقسەتلىك ھالدا ھېلىقى ئەسىرنى بوشراق تۇتىدۇ. ئويلىغاندەك، بۇ ئەسىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىدۇ. قىسمىمىز ئەسىر قېچىپ كېتىشى بىلەنلا ئاتلارنىڭ قۇيرۇقلىرىغا شاخ-شۇمبىلارنى باغلاپ، توپىلاڭلىق يولدا ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىپ، نۇرغۇن چاڭ-توزانلارنى ھاسىل قىلىپ، زور بىر قوشۇننىڭ كېلىۋاتقانلىق بەلگۈسىنى بېرىدۇ. قېچىپ بارغان ھېلىقى ئەسىر گومىنداڭنىڭ جىڭدىكى باش قوماندانىغا:<<ئىلى زىۋازى>> لىرىنىڭ بىز بىلەن ئۇرۇشقان قىسىمى، ئالدىن ئەۋەتىلگەن بىر ئاتلىق رازۋىت پولكى بولۇپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يەنى 4 دىۋىزىيىسى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ خەۋەر قىلىدۇ. گومىنداڭ گېنىرالى بۇ ئەسىرنىڭ بۇ سۆزىگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي ئىككىلىنىپ تۇرغاندا، غەرپ تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن ناھايىتى ھەيۋەتلىك چاڭ-توزاننى كۆرۈپ قالىدۇ<<ئۇنىغانغا-يونىغان>>دېگەندەك، نەق شۇ كۈنى گومىنداڭنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بىر ئايروپىلان (3 ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانى ) كېلىپ چوكان بۇت شەھەر ئىچىگە بومبا تاشلايدۇ. ( شەھەر سېپىلى 1782 -يىلى سېلىنغان ) قورقۇپ جان-پېنى چىقىپ كەتكەن بۇ گېنىرال دەرھال قوشۇنلىرىغا بۇيرۇق قىلىپ، ھەممىنى تاشلاپ ئالدى ئارقىسىغا قارىماي شىخۇ تەرەپكە قاچىدۇ.

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 16:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8-باب
    قوشۇنىمىز دەريادىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، قارشىلىقسىزلا جىڭ بازىرى ئىچىگە كىرىدۇ. گومىنداڭنىڭ باش ئىشتابىدا (كونا سوۋىت گەرىژىغا-ھازىرقى سودا-سانائەت ئىدارىسى ) كالىلارنى تۆت پۇتىدىن باغلاپ قويۇپ، تېخى سويۇشقا ئۈلگۈرىگەن، ئالدىراشچىلىقتا بىر كالىنى تىرىك تۇرغۇزۇپلا كەينى پۇتىدىن كېسىپ تاشلىغان. گاڭپەن قىلماقچى بولغان قازانلىرىدا گۈرۈچلىرى قاينىماي قالغان، شەھەر ئىچىدە گومىنداڭ  چىرىكلىرى ئوت قويۇپ بەرگەن ئۆيلەر كۆيۈپ، ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىپ كەتكەن، گومىنداڭ باش ئىشتابى بىلەن جاڭدىرىن ئىسىملىك بىر خەنزۇنىڭ ئۆي-قورۇسى ساق قالغان، شەھەر ئىچى ئوت يالقۇنى ئىچىدە خارابىلىققا ئايلانغان...دۈشمەنلەر جىڭ دەرياسى كۆۋرۈكىنى پارتىلىتىپ قاچقان مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. شەھەردە چۇقچىيىپ تۇرغانلارنىڭ كۆپى گومىنداڭنىڭ پوتەيلىرى ئىدى. شەھەر خەلقىنى گومىنداڭ چىرىكلىرى 1944-يىلى 12-ئايدا شىخۇغا ھەيدەپ كەتكەن ئىدى. بىر قىسىم خەلقلەر چۆل-جەزىرە، تاغ-ئورمانلارغا قېچىپ كېتىپ، شەھەر چۆللىشىپ قالغانىدى. جىڭنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان خەلق ئاممىسى تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ جەڭچىلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. قېرىلار بولسا جەڭچىلەرگە نۇسرەت تىلەپ دۇئا قىلىشتى. ياشلار پىدائى بولۇش ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ، بەس-بەس بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشتى. بەزى ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە قېرىلار ئۆزلىرىنىڭ پىدائى بولۇش تەلىپىنى ئېيتىپ، تىزىمغا ئالغۇچى ئوفىتسىرلارنىڭ ئارامىنى قويمايتتى. ئوفىتسىرلار ئۇلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ قايتۇراتتى. بەزى تۇل خوتۇنلار بالىلىرىنى يېتەكلەپ كېلىپ، ئۇلارنى پىدائىلىققا تىزىمغا ئالدۇراتتى. تىزىمغا ئالدۇرغانلار ئىچ-ئىچىدىن قەۋەتلا خوش بولغان بولسا، تىزىمغا ئالدۇرالمىغانلار مەيۈسلەنگەن ھالدا قايتىشاتتى. تىزىمغا ئېلىش جەريانىدا جىڭدىن رېھىماخۇن، يولۋاس، نىياز تۆمۈرچى، تاشاخۇن قاتارلىق 50 نەپەردىن ئارتۇق ياشلار پىدائى ئەسكەرلەر قاتارىغا قوشۇلدى.
     قېچىپ كەتكەن گومىنداڭ قاراقچىلىرى كۈل ئۆرتەڭ ئەتراپىدا يوقۇتۇلدى، قورال تاشلاپ تەسلىم بولغانلىرى ھايات قالدۇرۇلدى. كۈل ئۆرتەڭدىكى چوڭ تاشيولنىڭ شىمالىدىكى سوكسوكلۇق ۋە توغراقلىق ئىچىدە جىڭدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى گېنرال جۇپاڭگاڭ ئايالى ھەم كانىۋىيىسى بىلەن تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى. گومىنداڭنىڭ باجاخۇ ۋە يۇنجۇخۇدىكى جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان قىسىملىرى كەسكىن ھۇجۇم بىلەن تارمار قىلىندى.
     گېنرال جۇپاڭگاڭنىڭ ئىقرارىغا قارىغاندا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى جىڭ ناھىيەسىدىكى يەر ئاستى پارتىزانلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن كەرىم توختار، دۇنەنباي باتۇر، قۇنانباي قاتارلىق ئىنقىلابى ياشلارنى 1944-يىلى10-ئايدا قولغا ئېلىپ، شۇ يىلى 12-ئايدا جىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىي تەرەپ سېپىل يېنىدىكى خەندەككە ئاغزىلىرىغا پاختا تىقىپ، مەخپى ھالدا تېرىك كۆمىۋەتكەن ئىكەن. جىڭ ناھىيەسى ئازاد قىلىنغاندا خەلقىمىز بۇ قۇربان بولغان ياشلارنىڭ جەسىتىنى كولاپ ئېلىپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ، قازاق قەبرىستانلىقىغا دەپنەقىلدى.
     ئەسىگە ئېلىنغان گومىنمداڭ گېنىرالى جۇپاڭگاڭ ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدى:
     _گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ جىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان ئەسكىرى كۈچۈم بار ئىدى. بىگە پايدىلىق بولغان يەر شارائىتىدىن باشقا 3000 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك پوتەي، يەر ئاستى ئاكۇپ، بېلىنداژ قاتارلىق مۇداپىئە تۈرلىرى مۇستەھكەم ئىدى. مىللى ئارمىيە قوشۇنلىرىنى مەن << ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتسە ئۆتىدۇكى، يەردىن ئۆتەلمەيدۇ>> دەپ ئويلىغان ئىدىم.مەن قىزىل ئارمىيە ۋە ياپونلار بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلغان، تەجىربەممۇ يېتەرلىك ئىدى. يەنىلا سىلەردىن يېڭىلىپ شەرمەندىلەرچە قاشتىم. بۇ مېنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى، سىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماس پىداكار روھىڭلار بىزنىڭ مۇداپىئە لىنىيىمىزنى يىمىرىپ تاشلىدى. بولۇپمۇ، ئۇرۇش دەستورلىرىدا كورۈنمەيدىغان ئاجايىپ ماھارەتلىك تاكتىكاڭلار مىنى قېچىشقا مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە بىزگە ھۇجۇم قىلغان پەقەت بىرلا پولك ئىكەن. ھەربىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ بىر مۆجىزە. ئەسلىدە مۇداپىئە ئەسكىرى كۈچىدىن ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئون باراۋەر ئارتۇق بولغاندا ئاندىن كۈچ تەڭپۇڭلىقى بولاتتى. مەن سىلەرنى ياۋايى دەپ ئويلىغان، لېكىن سىلەرنىڭ ئادەمگەرچىلىك، ئىنسانپەرېەرلىك خىسلىتىڭلار بەك يۇقۇرى ئىكەن.
     ئەخمەت ئەپەندىم باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى11-بېتىمدىن كېيىن جۇپاڭگاڭ باشلىق بارلىق ئەسىرلەرنى گومىنداڭ تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى.1945-يىلى9-ئاينىڭ9-كۈنى جىڭ ئازاد قىلىندى.11-چىسىلا بۇ شانلىق غەلبىنى تەبرىكلەپ گېنرال ئىسھاقبەگ ھەمرالىرى بىلەن جىڭغا كەلدى. ئۇ پولكنىڭ سىياسى كومىتسارى ئابدۇكېرىم ھاجى ھەسەنوۋ بىلەن بىر سائەت ئايرىم سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىز ئىشغال قىلغان گومىنداڭ ھەربىي باش ئىشتابىنىڭ قوروسىدا (ھازىرقى جىڭ قاتناش بېكىتىنىڭ ئورنىدا) مىللى ئازادلىق ئارمىيە پولك قىسمىدىكى جەڭچى ئوفىتسىرلارغا نۇتۇق سۆزلىدى:
     _ مۆھتىرەم جەڭچى-ئوفىتسىر، كوماندىر يولداشلار! سىلەر بۇ ئۇرۇشتا كۆپ جاپا چەكتىڭلار ، نۇرغۇنلىغان قۇربانلارنى بەردىڭلار، شۇنداقتىمۇ زور چىدام جاسارەت بىلەن دەل ۋاقتىدا جىڭنى ئازاد قىلىپ، خەلقنى خۇشال قىلىپ، مىللى ئارمىيەنىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلدىڭلا-ر! مەن 3 ۋىلايەت ھۆكىمىتى ۋە ھەربىي قىسىم نامىدىن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن،-گېنرالنىڭ بۇ سۆزلىرىگە جەڭچىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئىسھاقبەگ ئوفىتسىرلار بىلەن كۆرۈشكەچ، مايور ئاخۇنبايۇپ سىدىقجاننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
     -سىز بۇ ئۇرۇشتا ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاجايىپ زور خىزمەت كۆرسۈتۈپ، باشقىلارغا ئۈلگە ياراتتىڭىز! سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،-دېدى.
     _رەھمەت سىزگە گېنرال! بارلىقىم ئازادلىق ئۈچۈن!،-دېدى مايور
     1945-يىلى9-ئاينىڭ12-كۈنى گېنرال ئسھاقبەگ ناھىيە بازىرىدىن ئون كېلومېتىر يىراقلىقتىكى باجاخۇ كەنتىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان، توختاخۇن ئاقساقالنىڭ جاڭزىسىنىڭ جەنۇبى تۈزلەڭلىكىدىكى80 نەپەر شېھىت دەپنە قىلىنغان جايغا كېلىپ،جىڭنىڭ چوڭ مەسچىد ئىمامى زۇنۇن ئاخۇن قارىم ۋە بىرقىسىم جامائەتلەر بىلەن بىر ئۆكۈز سويۇپ، خەتمە-قۇرئان ئۆتكۈزۈپ نەزىر بەردى، ئۈچ پاي سالىيوت ئېتىلدى. نەزىردە ئىسھاقبەگ مۇنداق دېدى:
     _سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تۆھپەڭلار ئۇلۇغ، خلقىمىز سىلەرنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ، سىلەرگە جەننەتنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، سىلەر ئىككىلا دۇنيانىڭ ئەزىزلىرى!
     شۇ كۈنى گېنرال بۇ يەرگە قاشا قىلىپ مەخسۇس قاراشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇردى. ئاندىن ئۇ يەردىكى يارىدارلاردىن ھال سورىدى. غەنى كەرىموپ باشچىلىقىدا يارىدارلارنى بازار ئىچىگە ئەكىلىپ، مەخسۇس ماشىنا بىلەن غۇلجا شەھىرىگە يولغا سالدى. ( غەنى كەرىموپ 1949-يىلى ئەخمەتجان ئەپەندىم بىلەن قۇربان بولدى.) ئىسھاقبەگ پولك ئىشتاب رەھبەرلىرىگە خىزمەت كۆرسەتكەن بارلىق خادىملارنىڭ ماتېرىيالىنى يۇقۇرىغا يوللاشنى بۇيرۇپ، قالغان خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ماناس بىلەن شىخۇغا يۈرۈپ كەتتى.1945-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا رەئىس ئىلىخان تۆرە ئىسھاقبەگ گېنرالنىڭ نامى بىلەن مايور ئاخۇنبايۇپ سىدىقجانغا << ئازادلىق ئالتۇن مېدالى ۋەباھادىرلىق كۈمۈش مېدالى>> ئىككى مېدال تارقاتتى. بۇنىڭدىن باشقا500 دىن ئارتۇق ئالتۇن-كۈمۈش مېداللارنى خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان جەڭچىلەرگە تارقاتتى. بۇنىڭ بىلەن جەڭچى-ئوفىتسىرلارنىڭ روھى تېخىمۇ كۆتۈرۈلدى. خەلقنىڭ مىللى ئارمىيەگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى. نۇرغۇنلىغان قىزلار ئۆزلىرىنى سېستىرالىققا تىزىملاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن قولياغلىق، تاماكا خالتا قاتارلىق بۇيۇملارنى جڭچىلەرگە تەقدىم قىلىپ، مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشاتتى.ئەسكەرلىككە ئۆتەلمىگەن بەزى يىگىتلەر جەڭچىلەر بىلەن قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورنىتىشىپ، ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىشاتتى.

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 16:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9-باب
     ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۇ قانلىق تىراگىدىيەلىك ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە مانا توپ-توغرا 55 يىل بولدى. بۇ ۋەقەلەر كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئاللا بۇرۇنلام كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. تەبىئەتنىڭ ئاپەتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى تۈلۈك ئىجتىمائىي ھادىسلەر تۈپەيلىدىن، قەبرىلەرمۇ تۈزلىنىپ كەتتى. ئاشۇ قىرغىنچىلىققا گۇۋاھ بولغان شاھىتلاردىن كۆپلىرى ئۆلۈپ كەتتى. ھاياتلىرىنىڭ بەزىلىرى قېرىپ ئەسلەش ئىقتىدارىنى يوقاتتى. بەزىلىرى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن كۆپ رىيازەت چەككەشكە ئەسلەشنى خالىمىدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خەلقىمىز بۇ قانلىق تارىخنى ھېكايە قىلىپ،ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد سۆزلەپ كەلدى.ئەينى يىللاردىكى جىڭ ناھىيەسىنىڭ باجاخۇ كەنىتىدىكى دوس ھاجىم تۈگمىنىنى چۆگىلەتكەن ئىسمايىل ئاخۇننىڭ چۈشىگە<<شېھىت>>بوپكەتكەن شەپقەت ھەمشىرىسى روشەنگۈلنىڭ كىرگەنلىكى ۋە كۆزىگە ئاشكارا كۆرۈنگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلەرنى ئىسمائىل ئەر-خوتۇن ئىككىسى قىزى پاتەمخانغا، پاتەمخان داۋاملىق ئوغلى نۇرمەمەتكە سۆزلەپ قەلبىگە سىڭدۈرىۋەتكەن ئىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە 3-ئەۋلاد نۇرمەمەت چوڭ بولۇپ، شۇ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ۋەقەلىكنى ئىزدەش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ جىڭ، تېكەس، مۇڭغۇل كۆرە، غۇلجا، سۈيدۈڭ، نىلقا، بۆرتالا،ئارشاڭ قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم بارىدۇ. ئۇ تاپقان مۇشۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى << بۇ ۋەقە ئېسىمدە قالماپتۇ>> دەپ سىلىق رەت قىلسا، بەزىلەر قوپاللىق بىلەن رەت قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ نىشانىدىن قايتماي، ئابدۇللا مەخپىرۇپ، يۈسۈپجان، سامساقۇپ ئىسلام قاتارلىق مۇشۇ ۋەقەنىڭ بىۋاستە شاھىدلىرىنى تاپىدۇ. لېكىن ئۇلارمۇ ئەنسىرپ، تولۇق جەريانىنى دەپ بەرمەيدۇ. نۇرمەمەت ئۇلار بىلەن ئۈچىنجى قېتىم كۆرۈشكەندە<< ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلاۋى يېڭى جۇڭگو دېمكۇراتىك ئىنقىلاۋىنىڭ بىر قىسمى دەپ ماۋجۇشى ئېتقان بەزى ئۈچ ۋىلايەت جەڭچىلىرى ھازىر ئەسلىمىلىرىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر سىلەرمۇ ئۆزەڭلەرگە شاھىد بولغان شۇ ۋەقەلەرنى دېمەي ئۆلۈپ كەتسەڭلار،كېيىنكىلەرگە قانداق يۈز كېلىسىلەر؟!>>دەپ سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چەككەن 14 يىللىق جاپا-مۇشەققەتلىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنى ئاخىرى تەسىرلەندۈرۈپ شۇ قېتىملىق قانلىق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولىدۇ ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي پاكىتنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ.

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

UID
6226
يازما
65
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1715
تىزىملاتقان
2010-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 08:43:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ گۈلگۈن،ئەجەپ  گۈلگۈن  ئىلى بويلىرى،
   زوقى كۈچلۈك باھار ئايلىرى
      يۇرتىمىزنىڭ  قىزىل گۈللىرى،
        شېھىدلارنىڭ تۆككەن قانلىرى...........

                 ئىسىت روشەن،ئىسىت  ئېچىلمىغان غۇنچە!

UID
10625
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-4 15:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوزۇمدە لىق ياش    ~~~

UID
10657
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
370
تىزىملاتقان
2011-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 20:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتمۈشنى ئويلىساق پەخرلىنىمىز،
ھازىرنى ئويلىساق ئېغىر تېنىمىز!

UID
32569
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2012-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-30
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 14:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ كەمگىچە تارىختىن پەقەتلا خەۋىرىم يوق ئىكەنتۇق سەۋەبى مەكتەپتە ئقۇيالمىغانلىقىمدۇر، مۇشۇ ئانا يۇرت روماننى ئوقۇپ شۇنچىلىك تەسىرلەندىمكى،مەن دۇنيادا قارغۇلارچە ياشاۋاتقانلىغىمغا بەكمۇ ئۆكۈندۈم، ئىچىندىم، ھەسرەتلەندىم. بىزنى نىمانچىۋالا ئالداپ كەتكەن-ھە، ئەمدى بولسىمۇ ئالدانمايلى ئاشۇ ئالدانغانلىرىمىز يېتەر،،،،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش