كۆرۈش: 10780|ئىنكاس: 19

تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 14:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئەسلىمىسى
ئەخمەت  تۇردىيۇپ
زالىم مۇستەبىت گومىنداڭنىڭ زۇلمىنى يەتكىچە تاتقان ئىلى خەلقى1944-يىلى قوزغۇلۇپ.بىر شەھەر.ئون ناھىيەدىكى گومىنداڭ ھاكىميىتىنى  تىزلىكتە ئاغدۇرۇپ تاشلاپ.جايلاردا خەلىق ئىنقىلابى ھاكىميىتىنى قۇرۇپ،خەلىقىنىڭ جاسارىتىنى نامايان قىلدى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرلگەن ئىنقىلاپ ئېھتىياجنىڭ تەققازاسى ئاستىدا ئىلى ئىنقلاۋى كومىتېتىنڭ رەھبەرلىكىدە،گېنىرال ئىسقابەك مۇنۇنۇۋ.زۇنۇن تېيىپ قاتارلقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە.1945-ييىلى-4-ئايلاردا.قەھىرمان.جەسۇر پىدائىلاردىن تاللاپ 47مىڭ نەپەرگە يېقىن پىيادە. ئاتلىق.زەمبىرەكۋە توپچى قىسملاردىن تەركىپ تاپقان كۆپ مىللەتلىك مۇنتىزىم مىللى ئارمىيە قۇرۇلدى.مىللى ئارمىيە تىز سۇرئەت ئىچىدە  مۇنتىزىم تەلىم -تەربىيە ئىلىپ بېرىپ ئولجا ئالغان قوراللار بىلەن سوۋېت ھاكىميىتى تەمىنلىگەنقوراللارنىڭ تېىنىكىسىنى  ئىگەللەپ.شىنجاڭنى ئازا قىلىش جەڭگىېارلىغىنى يىتىشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن ئالتاي.چۆچەك ۋىلايەتلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان شىمالى فۇرۇنىت،لىسكىن بىرگادىسى.شىخو،ماناس،ئۈرۈمچى  قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا فۇرۇنىت.زۇنۇن تېيىپ گېنىرال  باشچىلىغىدىكى سۈيدۈڭ پىيادىلەر  مۇگۇتۇپ 1-پولكى[شىخو  ئازاد بولغاندىن كېيىن  شىخو 40-پولكى بولۇپ ئۆزگەرگەن].ئاقسۇ،قەشقەر ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبى فۇرۇنىت ئابدىكىرىم ئابباسۇپ.قاسىمجان قەمبىرى رەھبەرلىك قىلغان سوپاخۇن پولكى قاتارلىق قىسملار 3 لىنىيە بويىچە پۈتۈن شىنجاڭنى ئازاد قىلىش  پىلانىنى ئىلى ئىنقىلابى كومىتېتى تەرپىدىن بىكىتىلدى.ئوتتۇرا يۆلۈنۈشتىكى زور توسقۇنلۇق جىڭ ناھىيەسىدىكى گومىنداڭنىڭ مۇداپىيە ئىستىكاملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ.دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ،سۈيدۈڭ پولكى بورتالا قىزىل تۇز كۆلىنى ئايلىنىپ ئۆتۆپ،شىخونىڭ جەنۇبىدىنھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتىنى تۇغدۇرۇپ،ئاخىردا جىڭ ناھىيەسىنى ئازاد قىلىش ۋەزىپىسىنى تېكەس ئاتلىق1-پولىك ئۇستىگە ۋەزىپە قىلىپ يۇكلەندى.
1-باپ
_ۋاي-ۋۇي-ئەتىگەندىلا چىقىپ كەتكەن پېتى ھازىر كەلدىلا،بىر چىقىپ كەتسىلا يوقاپ كېتىدىكەنلا،يا ماڭغان -تۇرغان يەرلىرىنى بىز بىلمىسەك؛_دەپ كايىپ كەتتى ئايالى ئېرىنىڭ  يالاڭ پەرىجىسى بىلەن سەللىسىنى قوزۇققا ئىسىپ قويۇپ،
_ۋاي تولا كوتۇلدۋەرمەڭلارچۇ خوتۇن! نەگە باراتتىم [بېدىلىك]تىكى كېرەم ئاخۇن قازا قىپتىكەن شۇنىڭ نامىزىنىچۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشۇپ كەلدىم؛_دېدى ئېرى ھارغىن تەلەپپۇزدا
_ھېلىقى ئىسمايىل  ئاخۇن بالىسى رېھمجاننى سىزنى باشلاپ كېلىشكە ئەۋىتىپتىكەن.سىلىنى ئېلىپ كېتىمەن دەپ جىق ساقلاپ بولماي.كەينىمدىن بارغاي دەپ قويۇپ كەتتى؛_دېدى ئايالى مۇلايىملىق بىلەن .
_ۋۇي مەن ھەجەپ يادىمغا ئالالمايمەنا،قايىسى ئىسمايىلنى دەيسەن؟
_ۋاي خۇدايىمەي ما ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكىننى قارىمامدىغان.باجاخودىكى دوسھاجىمنىڭ تۇگمىنىنى چۆرىۋاتقان ئىسمايىل ئاخون بولمامدۇ؟!_دېدى ئايالى قولى بىلەن باجاخو تەرەپنى كۆرسىتىپ.موللامنىڭ كۆڭلىگە بىر ئەندىشىلىك خىيال چۇشىتىدە.خۇددى يىلان چاققاندەك ئورىنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.ئۇ ھارغىنلىقىغا قارىماي پېرىجىسنى ئېلىپ.ئالدىرغىنچە ئايالىنىڭ چايغا تۇتقىنىغىمۇ قارىماي ئېشىگىنى توقوپ ئالدىراپ باجاخو تەرەپكە قاراپ يولغا چۈشتى[بۇ كىشىنىڭ ئىسىمى ساقى  قارى بولۇپ يۇنجۇخۇ كەنىتىنىڭ ئىمامى ئىدى.ئولۇم-يېتىم.نەزىر-چىراغ توي-تۆكۆنلەردىن قالمايدىغان يۇرتداچىلىغى ياخشى كىشى ئىدى ئۆزى قۇرئان ساۋادلىق.ئىشقا چىۋەر.ئاۋازى جاراڭلىق.تاقىلداپ مېڭشىلىرى كىشىنىڭ دېققىتىنى  تارتقانلىقتىن،ئۇنى كىشىلەر تاقتاق موللام]دەپمۇ ئاتايتى.1946-يىلى-7-ئاينىڭ پىژغىرىم ئاپتاپلىق كۇنلىرى بولغاچ موللامنىڭ  يۈزىدىن توختىماي  تەر ئاققان تەرلەر ساقىلىنى بويلاپ ئۇچۇلۇققا تامچىيتى،موللام تەرلىرىنى سۇرتكەچ  خىيالغا چۆمدى؛[تېخى مۇندىن 3 كۈن ئىلگىرى ئىسمايىل ئاخۇن بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ مېنى يۇقلايدىغان ئادەم چىقمىدى.يالغۇز قالدۇردىڭلار،مەن يىتىمسىراپ قالدىم،دەپ بىر ھەربى سېستىرا قىز ئەينەن ھەربى فورما بىلەن كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ.نەچچە قېتىم چۈشۈمگە كىرىپ.ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم.دېگەندىن كېيىن.شۇ يەردىكى  ئەل-جامائەتنىچاقىرىپ،ياغ پۇرۇتۇپ. بىر قازان ئاش ئېتىپ،نەزىر قىلىپ،قۇرئان تىلاۋەت ئۆتكۈزگەنتۇققۇ؟]
موللام تار يولدا ئېشىكىنى ئىلداملاتقاچ يەنە خىيالغا چۆمدى؛[توۋۋا دەيمەن.بۇ چۈش مۇنداقمۇ ئۇختىسىغا كىلەمدىغان.ھەقېقەتەنمۇ
بۇ يەرلەردە تېخى يېقىندىلا  ناھايتى قاتتى ئۇرۇش بولۇپ نۇرغۇنلىغان جەڭچىلەر قۇربان بولغان،تالاي قانلار  تۆكۆلگەن،مانا مۇشۇ ئۇرۇشتا خۇددى سورەتتەك چىرايلىق ھەمشىرە قىزلارمۇ ۋاپات بولغان ،ئۇلار پەرىشتىدەك پاك  گۇناسىز شېھىتلاردۇ...ئاللاھ پەقەت يېقىن بەندىسىگىلا مۇشۇنداق ياخشى چۈشنى نېسىپ قىلىدۇ.ئىسمايىل تۈگمەنچى خالسى نىيەت كىشىكەن.....]
تۈگمەن بېشىغا يېقىنلاشقاندا،تۈگمەنچىنىڭ ئالا-بويناق ئىتى موللامغا قاراپ قاۋاپ يۈگۈردى.ئىتنىڭ ئاۋازنى ئاڭلىغان تۈگمەنچىنىڭ ئايالى ئۆيدىن چىقىپ ئىتنى چاقىرۋالدى ۋە موللامنى ئۆيگە باشلىدى.ئايالى سۇنايلىنىپ ياتقان ئېرىنى ئويغاتتى؛_دادىسى قوپسىلا ،موللام كەلدى؛-ئىسمايىل ئاخۇن موللام بىلەن تېنىچلىق سورۇشۇپ ،ئايالى قويغان ياسۇتققا يۆلەندى.موللام ئىسمايىل ئاخۇنغا قاراپ؛_سىلى بىر نەرسىدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىپتىلا،نېمىدىن قورقۇپ كەتتىلا؟-دەپ سورىدى ئۇنىڭغايېقىن كېلىپ ئولتۇرۇپ.ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرۇنلىرىغا چىقىپ كەتكەن ئۇچۇقلارغا قاراپ.
_ئاخشام يېرىم كېچە بولغاندا سۇگەندە ئۈگۈت قالمىغان ئىدى.مەن نودىكى سۇنى چۈشۈرگىگە چۈشۈرۋىتەي دەپ تالاغا چىقىپ تاختاينى بېسىپ،بېشمنى كۆتىرىشمگە ئالدىمدا ئېرىق بويىدىكى چىملىقتا مىللى ئارمىيە سېستىرا قىزلىرىنىڭ فورمىسىنى كەيگەن،ئوڭ مۈرىسىدە دۇگىلەك دېسكىلىق ئاپتۇمات.سول مۈرىسىدە[9]بەلىگىلىك دورا سومكىسى،قولىدا سۇدان،ئىسپانكىسىغا قادالغان كاكاردىن خۇددى پىشانىسىدە تۇرغان يۇلتۇزدەك تۆت ئەتراپقا نۇر چېچىپ تۇرغان،شۇنداق چىرايلىق پەرىشتىدەك  بىر سېستىرا قىزنى كۆردۇم.ئۇ قىز ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتى،ئۇنىڭ كۈلكىسى خۇددى ئۈنچە-مارجان چېچىلغاندەك ئىدى.ئۇ ماڭا قاراپ؛_رەھمەت ئاكا،مەن سىلىدىن رازىمەن مەن ھازىر يالغۇز ئەمەس ،،_دېدى-دە،غايىپ بولۇپ كەتتى،مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ناھايتى ئوچۇق ئاڭلىدىم ئۆزىنى ئوچۇق كوردۇم .پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى.يا ئاللاھ بۇ  نېمە ئىش ئۆزەڭ ساقلا ئىلاھىم!،دەپ ئاغزىمغا كەلگەن سۆزلەرنى دېدىم.ئۆيگە قانداق كىرگىنىمنى بىلمەيمەن؛_ئىسمايىل ئاخۇن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ ھېكايىسىنى ئاران سۆزلەپ تۇگەتتى..
_ئىنشئاللاھ.بەرھەق شېھىت دېگەن ئۇلۇغ ئاللاغا يېقىن پاك بەندىسىنىڭ كۆزىگىلا كۆرۈنۈدۈ.ئۆزلىرىگە ئامەت كەپتۇ.بۇنىڭدى قورقۇش بېھۇدە،سىلىنى ئۇچۇقداپ قويساملا ياخشى بوپ قالىلا!،_دېدى موللام ئۇزۇن ساقىلىنى سىيپاپ تۇرۇپ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر! بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى  بولسىڭىز.توۋەندىكى قانلىق پاجىئەگە نەزەر سالغايسىز

ئىلاۋ:3 ۋېلايەت ئىنقىلاۋىدا شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۇلگە ئوخشاش قەھىرمان قىزلاردىن خىلى كۆپ قىزلارمۇ ئۆتكەن،بۇ تارىخ ئەنە شۇنداق بىر پىداكار قىزنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان،لېكىن بۇ 10نەچچە باپ بولغاچقا ھەم خەت بېسىش سۇرئىتىم سەل ئاستا بولغاچقا ،ئامال بار 2 كۇندە بىر بولسىمۇ بىر باپتىن يوللايمەن.توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
مەنبە::ئىلى دەرياسى ژورنىلى.2000_يىلى_5_سان

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
5268
يازما
53
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1869
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 16:58:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەن نەق ئىزدەپ تاپالمىغان ماتىريال ئىدى. بۇ قايسى زورنالنىڭ  ياكى قايسى گىزىتنىڭ قايسى سانىدا بار دەپ بىرەلەمسىلەر؟

نەزەر

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 17:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-باپ
ھەر قايسى جەڭ چېنىقىپ،تاۋلىنىپ ئۇرۇش قىلىش ماھارىتىنى ئىگىلىگەن قەدى-قامەتلىك،جەسۇر چەۋانداز ھەر مىللەت جەڭچى-ئوفىستىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان تېكەس 1_ئاتلىق پولكى غۇلجا ھەرمباغ ھەربى فزارمىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئالدىنى ئوچۇق قويۇپ.ئۈچ تەرەپكە ئۈچتىن يېرىم ئاي شەكلىدە جەڭگىۋار ھالەتتە.دىۋزىيۇن ئىسكادۇرۇن قاتارلىق قىسملار تىزىلىپ تۇرىشاتتى.پولىك كۇماندىرى مەۋلانۇپ رازاق،مۇئاۋىنلىرىدىن ئابدۇغۇپۇر سابىر ھاجىيۇپ.ئىبراگىمۇپ.پولىك كومىسسارى ئابدۇرېھىم ھاجىم ھەسەنۇپ.پولىك ناچالنىك ئىشتاپ قالپاقوپ،پولىك دۇختۇر خانىدا باشلىغى غەنى خوجا،پولىك تىببى بۆلۈم باشلىغى ئابدۇللا مەخپىرۇپ ھەم سېسىتىرالار باشلىغى قاتارلىق كوماندىرلار ھەربى دەرىجە ئۇنۋانلىرى بويىچە ئۆز قىسملىرىنىڭ ئالدىدا ھەربى فورمىلىرنى تۈزەشتۈرۈپ.قەددىنى رۇسلاپ.كۆتىرەڭگۈ روھ بىلەن گېنىرال ئىسقاقبەكنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.قىسملار بىلەن بىللە[9] بەلگىلىك سومكىلىرىنى ئاسقان ھالدا رەيھانە غابىدىن[تاتار]،رۇشەنگۇل شەۋكەت.رىزۋان ئايۇپ،لىيۇسە[رۇس]،ئايشەم [ئۆزبىك]،لۇسۇ[تۇنگان] شەۋقىيە،ئامىنەم قاتارلىق 30 نەپەردىن ئارتۇق ھەر مىللەت سېستىرا قىزلار سەپنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چىلىقاتتى.ئۇلارنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە ماس ھالدا چىرايىدىن يېغىپ تۇرغان جەسۇرلۇق كىشلەرنىڭ دېققىتىنى تارتاتتى..شۇ كۈنكى پولىك دژورنىسى مايۇر ئاخۇنبايۇپ سىدىقجان.گېنىرالىنىڭ كېلىۋاتقانلىغىدىن خەۋەر قىلدى.پۇتۇن پولىكنىڭ كۆزى  ئالدى تەرەپكە مەركەزلەشتى.تولۇق ھەربىچە كىينگەن بەستىلىك كەلگەن ئىسقاقبەك گېنىرال بىر قانچە ھەمرالىرى بىلەن مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كېلىۋاتاتتى،پۇتۇن  پولكقا  يۇقىرى ئاۋاز بىلەن [دېققەت] دەپ ھۆرمەت كوماندىسى  بەرگەندىن كېيىن.ئاخۇنبايۇپ ئون قەدەم ئالدىغا  ھۆرمەت قەدەم بىلەن بېرىپ گېنىرالغا چاس بەردى:
_سالام قوماندان ېكەس ئاتلىق1_پوللك قىسىملىرى بىلەن جەڭگىۋار ھالەتتە مەيدانغا يىغىلىپ بولدى! سىزدىن بۇيرۇق كۈىمىز.پوللك زام ناچالىنك ئىشتاپ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى مايۇر ئاخۇنبايۇپ.
قوماندان:_راھەت،_دېدى-دە مايۇر بىلەن قىزغىن كۆرۇشتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئاۋىن گېنىراك زۇنۇن تېيىپ.باش ئىشتاپ باشلىغى گېنىرال ماژارۇپمۇ بار ئىدى.قوماندان روھى ئۇرغۇپ  تۇرغان قوشۇننى كۆزدىن كەچۇرۇپ مەمنۇن بولغان ھالدا:_
_بالىلىرىم ياخشىمۇ سىلەر؟،_دېدى ئۈنلۈك ئاۋازدا.
_ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا تەييارمىز!،_دېدى مەيداندىكى بارلىق جەڭچىلەر يۇقىرى ئاۋازدا بىردەكلاسېستىرا قىزلارنىڭ زىل ئاۋازى بوم ئاۋازلاردىن ئۆزگىچە ئىدى،قوماندان ھەرخىل قوراللار بىلەن قوراللىنىپ جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرغان جەڭچى_ئوفىستىرلارغاقاراپ ھەۋىسى كەلدى ۋە بەزىدە توختاپ ئۇلاردىن ئۇرۇشقا دائىر سوئاللارنى سورىدى،ئۇلاردىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالغاندىن كېيىن خۇشاللىغىدا؛-يارايسەن ئەزىمەت؛-دەپ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قوياتتى،ئۇ پولىك كوماندىر مەۋلانۇپقا قاراپ رازىمەنلىكىنى بىلدۇردى،ۋە ماژارۇپقا قاراپ:_ بۇ قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىغى بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىنىمۇ ئىشىپ كىتىپتۇ،_دېدى رۇسچە.ماژارۇپمۇ  قايىل بولغانلىغىنى بىلدۇرۇپ،_كەنىشنا[ ئەلۋەتتە،راس دېگەن مەنىدە]،_دەپ تەستىقلىدى.قوماندان ئارلاپ ،بويلىرى زىلۋا،ئەمما روھى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان،مېھرى شەپقەتلىك سېستىرا قىزلار سېپىگە كەلگەندە.بۇ قىزلارغا يارشقان فورما ۋە ئۇلارنىڭ  جەسۇرلىغىدىن سويۇنۇپ كەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە كۆزگە چىلىقپ تۇرغان قاڭشارلىق،كەڭ پىشانىلىق ئالمىدەك قىزل يۇزلۇك ئىنتايىن ياش ۋە چىرايلىق بىر سېستىرا قىز قومانداننىڭ دېققىتىنى تارتتى.
_نەچچە ياشقا كىردىڭىز قىزىم؟_دەپ سورىدى قوماندان ئۇنىڭدىن
_17 ياشقا!_دەپ جاۋاپ بەردى سېستىرا قىز دېققەتتە تۇرۇپ.
_ئىسمىڭىز نېمە؟
_رۇشەنگۈل
_دادىڭىز نەدە  ئىشلەيدۇ؟_دەپ سورىدى قوماندان يەنە.
رۇشەنگۇلىنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدىيۇ،گىپىنى دىيەلمىدى.
_رۇشەنگۈلنىڭ دادىسى ئىلغار ئوقۇتقۇچى ئىدى.بىز ئۇنى شەۋكەت مۇئەللىم دەيتۇق، ئۇ 1942-يىلى شىڭشىسەينىڭ تۇرمىسىدە ئولۇپ كەتتى.بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان ئانىسى گۇلچىھرە  ئاچچىق يۈتۈپ،1943-يىلى قازا  قىلدى رۇشەنگۈل ئاتا-ئانىسىدىن 15 ياشتا يېتىم  قىلىپ.ئۆيدە  يالغۇر قالدى.1944-يىلى ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ،ئۇ ئۆيگە قۇلۇپ سىلىپ،ئۆينى خوشنىلارغا تاپشۇرۇپ ئۆزى ئىنقىلاپقا  بولۇپ پىدائى قاتناشتى.كىچىكلىكىگە قارىماي.ھەرەمباغ،لەڭشاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئىلىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتنىشىپ.قاتتق جەسۇرلۇق كۆرسەتتى.ئۇ يەنە سەنەۋەر خانىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە ناھايىتى تىزلا سېستىرالىق بىلىملىرىنى
ئۈگۈنىۋالدى،_ئۇنى قوماندانغا تۇنۇشتۇردى ئابدۇغۇپۇر سابىر ھاجيۇپ،
_بارىكاللا قىزىم، جاسارىتىڭىزگە ئاپىرىن،غەيرەتلىك بولۇڭ،_قوماندان كۆزىدىكى ياشنى سۇرتىۋىتىپ رۇشەنگۇلگە قارىغاچ سۆزىنى داۋام قىلدى؛_تېخى ئازات بولمىغان رايۇنلاردا گومىنداڭنىڭ زۇلمىنى يەتكىچە تارتىۋاتقان ،خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى خۇددى سىزنىڭكىدەك بولماقتا،شۇڭا بىز گومىنداڭنى ئاغدۇرۇپ ،خەلقىمىزنى ئازات قىلساق سىزمۇ قىساسىڭىزنى ئالغان بولىسىز.،_قوماندان ئۇنىڭ تىكەندەك يالغۇزلىغىنى نەزەردە تۇتۇپ.ئۇنى ئارقا سەپتە قالدۇرۇشنى ئىيتىۋىدى،رۇشەنگۈل؛_مۆھتىرەم قوماندان،مەن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشمىسام قەلبىمدىكى جاراھەت ھەرگىز ساقايمايدۇ،مېنى كىچىك دەپ  ئارقا سەپتە قالدۇرۇپ قويماي،چوقۇم ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەيسىز،مېنى جەڭ مەيدانىدىن توسماسلىغىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئۇنىڭ جەسۇرلىغى قومانداننى قايىل قىلىدى،قوماندان  مەيداننىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ؛_ھۆرمەتلىك جەڭچى-ئوفىستىرلار! سىلەرنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىغا بولغان جەڭگىۋار ھالىتم قىلدىڭلار مېنى خاتىرجەم قىلدى.مەن ئەمدى يۇقىرنىڭ يوليۇرىغىنى يەتكۈزۈمەن،_قوماندان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئىخچام قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:_تېكەس 1- ئاتلىق پولكنى جىڭ ناھىيەسىدىكى گومىنداڭنىڭ ھەربى ئىستىكاملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرا  يۆلۈنۈشتىكى بۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەپ،ئۇ يەردىكى خەلىقنى ئازاپتىنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلدۇرۇشىڭلارنى بۇيرۇيمەن!
قومانداننىڭ سۆزلىرى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كۆتىرەڭگۈ ھالدا ئۈنلۈك ئاڭلاندى.مەيداندىكى جەڭچىلەرنىڭ[ھۇررا!ھۇررا!]دېگەن ئاۋازلىرى ئەتراپنى بىر ئىلىپ دەرەخلەردىكى مۈگدەپ ياتقان قۇشلارنى چۆچىتىۋەتتى.بۇ دەل  1945-يىلى 8-ئاينىڭ-16 كۈنى ئىدى ،ئەركىنلىكنى ئۆز قوللىرىغا ئالغان ئىلى خەلقى تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىپ پىدائى بولۇپ،ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ،ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن بەس-بەستە تىزمغا ئالدۇرۋاتقان مەزگىل ئىدى.
داۋامى بار

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

يېڭى يۇلتۇز

ياشا ئۇيغۇرۇم!  

UID
10158
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 18:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھ رىزۋانگۈلنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن .

ئۇيغۇر ئاي

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 19:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-باپ
ئاللىقاچان ئۇرۇش تەييار لىغىنى پۇتتۇرۇپ قويغان تېكەس 1-ئاتلىق پولكى ئازالىق ئۇرۇشى ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى.ھەرەمباغ ھەربى گازارمىسىنىڭ چوڭ دەرۋازسىدىن بىرىنجى بولۇپ ئاق ئات مىنگەن پولىك ئىشتابىغا قاراشلىق قىسملار چىقتى،ئارقىسىدىن تورۇق ئات.قارا ئات.ئالا ئاتلىقلار.قىسملار بويىچە ئارلىق قالدۇرۇپ.ئۈچ رەتتىن تىزىلىپ.ھەيۋەت بىلەن يۇرۇش قىلغان قوشۇن[بوينى كېسىك]  كە كەلگەندە يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سانجاق-سانجاق تۇرۇشۇپ ،ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چىققان شەھەردىكى شەھەر گارنىزۇندىكى ھەربىلەر،ھەر مىللەت،ھەر ساھە،ئەر-ئايال شەھەر خەلقى[غەلبەڭلارنى كۈتىمىز!.سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز! ئاللاھ سىلەرگە يار بولسۇن!] دەپ شۇ ئار توۋلىشىپ،قېرىلار قوللىرىنى كۆتىرىپ،دۇئا قىلىشاتتى.جەڭچى_ئوفىستىرلار مۇ جاۋابەن ئوڭ قوللىرنى كۆتىرىشىپ ،باشلىرىنى لىڭىشتىپ سالام بېرشەتتى.كىشلەر توپىنى كۆرگەن،ئاتلار تېخىمۇ قىزىپ كېتىپ ئالدىغا يۇلقۇناتتى.بىر بوۋاي دوڭغاقلاپ يۈگۈرگەن پېتى
رۇشەنگۈلنىڭ بېشى كىچىك ،قۇلاقلىرى قەلەمدەك دىڭ،كىيكتەك ئۇچقۇر چىلان تورۇق ئېتنىڭ تېزگىنىنى تۇتتى:_قىزىم رۇشەنگۈل،مەن سىز بىلەن كۆرۈشىۋالاي.سىزگە دۇئا قىلاي،_دېدى بوۋا.ئۇنىڭ  ئاپئاق ساقاللىرى تىترەيتى.كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلىرى ساقاللىرىدىن سىرغىپ چۈشەتتى.رۇشەنگۈل بىلەن ياندىشىپ كېتىپ بارغان،ئابدۇللا مەخپىرۇپ ئۇنىڭغا؛_سەپىتىن چىقىپ كۆرىشۋىلىڭ!_دېدى
موماي بىر خالتا توقاچنى كۆتىرىپ كېلىپ،رۇشەنگۈلىنى قۇچاقلاپ بوزلاپ يىغلاپ كەتتى ۋە؛_گۇلچېھرەنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز قىزى ئىدىڭىز قىزىم.خۇدايىم سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!_دەپ  دۇئا قىلدى ۋە يۈزلىرىگە سۆيدى.
_ھە راس،ئۇرۇش تەييارلىقى بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆيگىمۇ چىقالمىدىم.بوۋا-موما ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن.مانا ماۋۋۇ ئۆيىمىزنىڭ ئاچقۇچى بىلەن ۋەسىيەتنامە،قورۇ جاي بىلەن ئۆي سايمانلىرى  سىلەرگە قالدى.مەن ئۆلمەي ساق-سالامەت قايتىپ كېلەلىسەم،ئۆزەم ئولتۇرىمەن،ناۋادا كىلەلمىسەم،سىلەرگە قالسۇن!_دېدى رۇشەنگۈل ۋە يانچۇغىدىن ئاچقۇچ بىلەن بىر پارچە خەتنى ئىلىپ بوۋايغا تۇتقۇزدى ۋە  ئالدىراشلىق بىلەن ئاتقا مىنمەكچى بولغانتى،بوۋاي تىزلىكتە ئۇنىڭ قولتۇغىدىن يۆلەپ قويماقچى بولدى.
_بوۋا مېنى يۆلىمىسىلە .ئۆزەم ئاتقا مىنەلەيمەن!،_دېدى رۇشەنگۈل بوۋاينى ھۆرمەتلەپ.
_ياق قىزىم!_دېدى بوۋاي يالۋۇرغان قىياپەتتە،_سىز ئاللاھ يولىدا  خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن  جەڭگە ئاتلاندىڭىز.بۇ سەپىرىڭىز بەك ئۇلۇغ قىزىم! شۇڭا سىزنى مەرھۈم دادىڭىز شەۋكەت ئەپەندىنىڭ ئورنىدا ئۆز قولۇم بىلەن ئاتلاندۇراي،ئۇنىڭ رۇھى سىزنى قوغدىسۇن!،_دېدى-دە رۇشەنگۈلنى قولتىغىدىن يۆلەپ[بىسمىلاھىر  رەھمانىر رەھىم] دەپ ئاتقا مىندۈردى.
رۇشەنگۈل بوۋاي-موماي ئىككىسى بىلەن خۇشلىشۋاتقاندا،موماي قولىدىكى بىر خالتا توقاچنى ئاتنىڭ غانجۇغىسىغا باغلىدى.
_نېمە قىلغانلىرى بۇ موما!،_دېدى رۇشەنگۈل مومايغا قاراپ.
_ئاز بولسىمۇ يولدا سىزنى يىسۇن دەپ مايلىق توقاچ ياققان قىزىم_دېدى موماي كۆزىدىكى ياشلىرىنى كۆينىكىنىڭ كەڭ يەڭلىرى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ.
_رەھمەت موما.بوۋا مەن كەتتىم خۇش ئەمسە!،_رۇشەنگۇل ئېتىنى چاپتۇرۇپ قىسمنىڭ كەينىدىن مىڭىپ كەتتى.
_ئۇ ئاقساقال ئادەم سىزنىڭ بوۋىڭىز بولامدۇ؟سىڭلىم!،_دەپ سورىدى  ئابدۇللا مەخپىرۇپ.
_ياق،بۇ سېلىم بوۋاي بىزنىڭ قورۇدا ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە قوشنا ئولتۇرۇدۇ.ئۇلار بەك كۆيۇمچان خۇددى ئۆز تۇققانلىرىمدەك..ئەشۇ موماي ئاوام تۇگەپ كەتكەندە ئۆز قولى بىلەن يۇيۇپ-تاراپ دەپنە قىلغان ئىدى،تولىمۇ مېھرىۋان كىشلەر! قاراڭە ماۋۇ توقاچلارغا! بىزدىن ئەنسىرەپتۇ!_رۇشەنگۈل ياشلىق كۆزلىرىنى ئاستا سۇرتتى .ئۇنىڭ جەڭ سەپىرى ئالدىدىكى ئايرىلىش مىنۇتلىرى گەرچە كۆزلىرىنى ياشلىسىمۇ.ئەمما تولىمۇ مەنىلىك ۋە قىممەتلىك ئىدى.
سۈيدۈڭ.لوسگۇڭ قاتارلىق جيلاردىكى خەلىقلەر مىللى ئارمىيە قوشۇنىنى قىزغىن قارشى ئالدى.ھەر خىل شەكىلدىكى ئۇزۇتۇش پائاليەتلىرىنىڭ ئايىغى  ئۈزۈلمەيتى.قوشۇن گۈزەل سايرام كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان سىمپوتوزىغا كەلگەندە.يوغان-داشقازانلاردا گۆش سېلىپ.شورپا پىشۇرۇپ كۈتۈپ تۇرغان چارۋىچىلار ئات،تۆگە.ئۆكۆزلىرىنى مېنىشىپ ئالدىمىزغا قارشى ئالغىلى كېلىپ،بىزنى ئالدىنئالا راسلاپ قويغان كىگىز ئۆيلەرگە جايلاشتۇردى ۋە ئەتىسى دۇئا-تېلەكلىرى بىلەن ئالدىنقى سەپكە ئۇزۇتۇپ قويۇشتى.خۇددى تەڭرىتاغ قارغايلىرىدەك  ئىگىلمەس-سۇنماس
باتۇر مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرىگە خەلقىنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى ،چەكسىز ئۇمىدى غايەت زور كۈچ بېغىشلىغانتى...
داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.........................

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 23:44:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخرىنى  ئۇقۇپ بوپ ئاندىن ئىنكاس يازاي،،،،،،،،،
مۇشۇ 3 ۋېلايەت ئىنقىلاۋى دېسىلا   ئەخمەتجان قاسىمى ،،يادىمدىن كېچىدۇ ،،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
2272
يازما
294
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9534
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 17:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىزۋانگۈل قۇربان بولغاندا ئەمدىلا 19 ياشتا ئىكەنتۇق !

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

UID
9825
يازما
32
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
902
تىزىملاتقان
2011-3-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 22:02:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:

جىڭ ناھىيەسى ئىلىدى-ئۈرۈمچى ،ئالتاي.چۆچەك ۋە باشقا ۋىلايەتلەرگە ئۆتىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ.ئىستىراتىگىيەلىك ئورنى بەك مۇھىم ئىدى.جىڭدىكى تۇز كان پۈتۈن ئىلى خەلقنى تۇز بىلەن تەمنىلەيتى جىڭ ناھىيەسى باجاخو.يۈنجۇخۇ.داخىيەنزى قاتارلىق يېزا-كەنىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.بۇ ئورۇنلارنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ،تۈزلەڭلىك،قومۇشلۇق[كېيىن گومىنداڭ قومۇشلارغا ئوت قويۇپ تاقىر قىلىپ قويغان]،سازلىق،دۆۋە-دۆۋە قۇملۇق ئىدى.جىڭنىڭ مۇشۇنداق يەر شارائىتى دۇشمەننىڭ مۇداپىيەلىنىشگە پايدىلىق بولۇپ،ھۇجۇم قىلىشىمىزغا تەبىئى توساق ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەنلەر پوتەي،ئاكۇپ،ئېغىر ىوراللار بىلىنداژى قاتارلىق قاتمۇ-قات ئىستىكاملارنى قۇرۇپ،ئۇنىڭغا زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان مۇنتىزىم ئەسكەرى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.جىڭ ناھىيەسى گومىنداڭنىڭ ئىلى ئىنقىلاۋىغا قارىتىلغان بىرىنجى ئىستھكامى ئىدى.
1945-يىلى 8-ئاينىڭ-22-كۈنى تاڭ سۇبھىدە،پولىك ئىشتاپ بارات ئىسىملىك يەرلىك دىخاننىڭ جاڭزىسىنى ئاساسى بازا قىلىپ،جىڭغا ئۆتۈش يۆلىدىكى داخىيەنزىگە قاراپ گومىنداڭنىڭ مۇداپىيە ئىستھكاملىرىغا  كەڭ دەپ تۈزۈپ.قىسملار بويىچە تەرتىپلىك ،ئالغا ئىلگىرلەپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.بىر قىسىم ھۇجۇمغا ئۆتكەندە يەنە بىر قىسىم يېتىپ تۇرۇپ قوغدايتى.
ئالدىدىكىلەر ئوت ئاچسا كەينىدىكىلەر يېتىپ كېلەتتى.دۈشمەننىڭ ئالدىنقى پوتىيىدىن ئېتىلغان ھەر خىل كۈچلۈك قوراللارنىڭ ئوت كۈچى ئۇلغۇيۇپ،قىسملىرىمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلاتتى.قاسىم،بەكرى باشلىغان بەننىڭ جەڭچىلىرى ئۆمىلەپ بېرىپ،قول بومبىلىرىنى بىركتۇرۇپ باغلاپ دۈشمەننىڭ پوتىيگە تاشلاپ پارتىلاتتى.مۇشۇ پوتەيلەردىن سۇپەك ئىسملىك گومىنداڭنىڭ بىر كانايچىسى،يەنە بىر  خەنزۇ  ئەسكەر قولغا چۈشتى. قىسىم ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان پەيىتتە.ئويلىمىغان يەردىن گومىنداڭنىڭ يۇشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئاكوپلىرىدىن ئېتىلغان پېلىمۇت ئوقلىرى ئالغا ئىلگىرلەش يولىمىزنى توسۇپ قويدى.مۇشۇنداق پەيىتتە مايۇر ئاخۇنبايۇپ سومكىسىدىن قەلەم قەغەزنى ئىلىپ گومىنداڭنىڭ مۇداپىيە ئورۇنلىرىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ.يۇشۇرۇن ئېغىر-يېنىك قوراللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوت كۈچلىرىگە بەلگە  قويىۋالدى.[مايۇر ئاخۇنبايۇپ،1943-يىلى ئىلى گېمىنازىيەسىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ،ئۇستا رەسسام ھەم يېزىق-سىزىق ئىشلىرىغا كامىل كىشى ئىدى.] دۈشمەنلەر يۇشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوت كۈچىنىڭ ھېمايىسىدە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئوتتى.قوشۇنىمىزدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر قەتئى تەۋرەنمەي،قىلچە ھۇدۇقماي دۈشمەنلەگە ئوت كۈچىنى كۈچەيتتى،ھەتتا قۇچاقلاشما جەڭگە تاييارلاندى.بىراق پولىك كوماندىرى مەۋلانۇپ[قۇچاقلاشما جەڭنىڭ ھاجىتى يۇق]دەپ قاراپ قىسىملارنى چىكىنشكە بۇيىرىدى.جەڭچىلەرنىڭ شۇ جاسارىتىدە،چېكىنىشكە رايى بارمىسىمۇ،كوماندىرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ھەربى تۈزۈم بولغانلىغى ئۈچۈن،تەرتىپلىك ھالدا
قۇربان بولغان ھەم يارلانغانلارنى  كۆتىرىپ،بىخەتەر جايغا چىكىندى.كوماندىرلار ئۆز قىسىمدىكلەرنى كۆزدىن كەچۇردى.شۇ چاغدا 1-ئىسكادۇرۇندىكى رۇشەنگۈل كۆرۈنمىدى.تىت-تىت بولۇپ تۇرغاندا،رۇشەنگۈل يان تاپانچىسىدىن بىر نەچچە پاي ئوق ئاتقاندىن كېيىن،دۈشمەننىڭ مىنامىيۇت ئوقىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بىر جەڭچىنى خۇددى كۈچلۈك ئەرلەردەك ھاپاش قىلىپ،دۈشمەن ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يىلان باغرى ھالاتتە يۈگرۈپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆردى.دۈشمەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوق ئېتىپ قوغلاپ كېلىۋاتاتتى.ئۇنى دۇرۇ  قۇتقۇزمىسا ئەسىرگە چۇشۇپ كېتىش خەۋپى بارتى،مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيىتتە بورتالا پارتىزانلىرىدىن[بورتالا پارتىزنلىرىمۇ پولىك بىلەن جىڭ ئۇرۇشغا قاتناشقان ئىدى] نۇراخۇن زەيدىن ئەپلىك جايدىن ئورۇن ئېلىپ.[سا.سا] دەپ كېلىۋاتقان گومنداڭ ئەسكەرلىرىدىن تاللاپ تۇرۇپ 8 نەپىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يەر چىشلەتتى.باشقا چېرىكلەر بۇنىڭدىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قىلىشتى.[نۇراخۇن زەيدىننىڭ ئوۋچىلىق كەسپى بولۇپ،كۆزگە كورۇنگەننى خاتاسىز ئېتىپ چۇشۇرەتتى.شۇڭا ئەل ئىچىدە بالا مەرگەن دەپ نامىمۇ بار ئىدى.بۇ مەرگەن 1991-يىلى بۆرتالادا ۋاپات بولدى] دەل شۇ چاغ زاپاس ئاتلىق دىۋىزيۇن ھەيۋەتلىك ھۇررا سادالىرى ئىچىدەھۇجۇمغا ئۆتتى رۇشەنگۈل بىلەن يارىدار جەڭچى قۇتقۇزۇپ قېلىندى.رۇشەنگۇلنىڭ تەرگە چۆمۆلگەن تۇرقى لاي كۆلچىكىدىن ھېلىلا تارتىۋالغاندەك ئىدى .ئەمما ئۇنىڭ رۇھى ھالىتى يەنىلا جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى.يۈزىدىكى تەر تامچىلىرى قۇياش نۇرىدا  مەرۋايىتتەك يالتىرايتى،ئۇنىڭ قورقماس.باتۇر  رۇھىغا پۈتۈن قىسمدىكىلەر ئاپىرىن ئوقۇشتى.پولىك كوماندىرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە.ئىزۋۇتتىن يۇقىرى كوماندىرلار باراتنىڭ جاڭزىسىغا يىغىلدى.مۇداپىيەنى كۈچەيتىپ،تاجاخۇن،تۇرسۇنجان قۇتلۇق ھاجى قاتارلىق 32 نەپەر قۇربان بولغانلارنى دەپنە قىلدى.پولىك كوماندىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:_مۆھتىرەم كوماندىرلار!سىياسى رەھبەرلەر! مەن سىلەرنىڭ ماڭا بولغان خاپىلىقىڭلارنى چۈشىنمەن.دۇرۇس بىز بۇ قېتىمقى جەڭدە مەغلۇپ بولدۇق.مەن يەرلىك تاجاخۇن كىشىنىڭ ۋە بەزىبىر  رازۋىتچىكلىرىمىزنڭ يۈزەكى مەلۇماتىغا ئېشىنىپ كېتىپ، دۈشمەن كۈچلىرىگە سەل قاراپ،ئۆزىمىزنىڭ باتۇرلىغىمىزغا تاينىپ يېڭىمىز دەپ ئويلاپ ھۇجۇم تەشكىللەپتىمەن،نەتىجىدە پىستۇرمىغا دۇچ كەلدۇق،بۇ خاتالىغىمنى تۇنۇيمەن.بۇ قېتىملىق مەغۇلۇبىيەتتىن ئاچچىق ساۋاققا ئېگە بولدۇم. مايۇر ئاخۇنبايۇپ جەڭدە خەتەرگە قارىماي دۇشمەننىڭ پىستۇرما ئوت كۈچلىرنى خەرىتىگە ئىلىۋالدى.ئەمدى كېيىنىكى ھۇجۇمنى مايۇر ئورۇنلاشتۇرۇدۇ،_دەپ خەرىتىنى مايۇرغا بەردى.
_دۈشمەننىڭ قۇچاغلاشما جەڭگە ئۆتكىنى يالغان.ئۇ بىر ھېلە،ئەەەر بىزمۇ قۇچاغلاشما جەڭگە ئۆتۈشكە ئۆرنىمىزدن تۇرۇپ قارشى تەرەپكە يۈگۈرسەك.ئۇلار يۇشۇرۇنغان پىلىمۇت بىلەن بىزنى قىرىپ تاشلىماقچى،،_دەپ  چۈشەندۇردى مايۇر خەرىتىدىكى  دۇشمەن بىلىنداژلىرىنى بىرمۇ-بىر كۆرستىپ.غەزەپ ئوتىدا ئۆرتىنىۋاتقان  كوماندىرلارنىڭ چىرايى بۇ چۈشەندۈرشتىن كېيىن ئاپتەپتەك ئېچىلىپ كەتتى ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى مايۇر ئاخۇنبايۇپنىڭ  قوماندانلىق سەنئىتىگە قايىل بولۇشتى.پولىك ئىشتابىدىن[ مايۇر ئاخۇنبايۇپ. جەڭچىلەردىن قاسىم،بەكرى،سېستىرا قىزلاردىن،رۇشەنگۇل رايھانە غابىدىن،پارتىزنلاردىن نۇراخۇن زەيدىن] قاتارلىقلار  تەغدىرلىنىپ.نەق مەيداندە ئەنگە ئېلىندى،بەزىبىر رازۋىتچىكلار تەنقىد قىلىندى.مۇ ئاۋىن پولىك كوماندىرلىرىدىن ئابدۇغۇپۇر سابىر ھاجيۇپ مايۇر ئاخۇنبايۇپنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ سۆز قىلدى.ئاخىرىدا ئەسىرگە چۈشكەن  سۇپەك باشلىق ئىككى چېرىكنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن ،سىزلىغان خارىتە بويىچە كېيىنكى ھۇجۇم نىشانى بەلگىلەندى. ھۇجۇمنىڭ ئىككىنجى تۇن يانغاندا ئىككى دىۋزىيۇننى ئارقىدا قالدۇرۇپ بىر دىۋزىيۇن قاراڭغۇ تۇندىن پايدىلىنىپ تېۋىش چىقارماي ھۇجۇمغا ئۆتتى.قىسىم بەلگىلەنگەن جايغا بارغاندا توختىدى.سەپ ئىچىدىن 5 نەپەر جەسۇر جەڭچى.بىر نەپەر كوماندىر چىقىپ ،ئۆمىلەپ ئالغا قاراپ ئىلگىرلىدى.پۈتۈن سەپتىكىلەر دۈم يېتىپ،پۈتۈن دېققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇپ،6 نەپەر سەبدىشىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيتى. 6 نەپەر جەڭچى 2 دىن 3تەرەپكە بۆلىنىپ.خۇددى ئوۋغا چقىقان يىلپىزلاردەك ئۆز نىشانلىرىغا قاراپ ئىلگىرلىدى.ئۇلار قارا لاي-پاتقاق كىيىملىرىنى بولغۇسىمۇ.ئورۇپ تاشلىۋەتكەن قومۇشلارنىڭ پىچاقتەك كۆتەكلىرى جەينەك-تېزلىرىنى تىلىپ يارلاندۇرسىمۇ پىسەنت قىلماي ئۆمىلەيتى،چۈنكى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل زېھنى ئالدىدىكى دۈشمەننى يوقىتىپ،قىسمغا يول ئېچىشتا ئىدى.ئۇلار دۈشمەنگە تۇيديرماي يېقىنلىشىپ ،ئالدىن تەييارلىۋالغان قول بومبىلىرى بىلەن،بىردەك ۋاقىت ئىچىدە،دۈشمەننىڭ يۇشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرغان ئوت كۈچلىرنى گۈمبىرلىتىپ پارتىلاتتى.سەپتىكىلەر كچىك تىپتىكى مىنايۇمت،گىراناتلار بىلەن دۈشمەننىڭ مۇداپىيە لىنىيىسى ۋە
ۋە باشقا پوتەيلىرىنى پارتىلاتتى.تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن دۈشمەنلەر  پاي-پېتەك بولۇشۇپ كەتتى.دەل مۇشۇنداق پەيىتتى كۈتۈپ تۇرغان زاپاستىكى ئىككىنجى دىۋىزيۇن ئاتاكىغا ئۆتتى. بۇ كۈن ئارغامچا بويى ئۆرلىگەن چاغ بولۇپ[ھۇررا!!!!!] سادلىرى  بىلەن قوللاردا كۆتىرلىپ قۇياش نۇرىدا چاقنىغان قىلچلار خۇددى ئاسمانداچاقماق چاققاندەك جەۋلان قىلىپ،قىياندەك يامراپ كېلىۋاتقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى  ئالاقزادە قىلىۋەتتى.ئۇلار ئىستھكاملىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى.پولىك قىسىملىرى داخىيەنزى بازىرىدا كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن يولنىڭ غەرىبى تەرپىنى ئىگەللىدى،يولنىڭ شەرقى تەرىپىدە گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قارشلىق بىلدۇرەتتى.ئۆي-مەھەلىلەرنىڭ تاملىرىنى تېشىپ يەنە ئېتىشازلىق باشلاندى.ئەمما ھۇجۇم قىلنمىدى قىسمىمىز  گومىنداڭ تەرەپتىن سوپەك بىلەن ئەسىرگە چشكەن يەنە بىر خەنزۇ چېرىكنى ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەپ ،دۈشمەن تەرەپكە ئەۋەتتى،بىراق بۇ ئەسىر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە  قايتىپ كەلمىگەنلىكتىن،يۇشۇرۇن ھالا ئىككى ئىسكادۇرۇن يۈنجۇخۇغا كېتىداغان يەنى دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى يولغا پىستىرما قىلىپ قويۇلدى.پەرەز قىلغىنىمىزدەك.گومىنداڭ چېرىكلىرىنىڭ يېرىم كېچىدىن كېيىن قاچقانلىغى مەلۇم بولدى.ئارمىيىمىز قاچقان دۈشمەنلەرنىڭ ئالدى- كەينىدىن تازا كېلىشتۇرۇپ زەربە بەردى!تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تېرىك قالغان دۈشمەنلەر قۇم تاغدىن ئۆتۈپ[ھازىرقى ساسەنزە] يۈنجۇخۇغا كىرىپ كىتىشتى.دۈشمەنلەردىن نۇرغۇنلىغان مىناميۇت،ئىستانكىۋاي پىلىمۇت قاتارلىق ئېغىر -يېنىك تىپتىكى قوراللار غەنىمەت ئىلىندى.مەنسۇر رەھبەرلىك قىلغان بىر لىيەن تۇنگانلار قىسمى شۇ چاغدا پولىك قىسىملىرى بىلەن جىڭنى ئازات قىلش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى. داخىيەنزە ئازات قىلىنغاندىن كېيىن غەلبە-زەپەر بايرىقىنى ئۇلار قادىغانىدى،نەتىجىدە داخىيەنزىنى تۇنگانلار ئازات قىپتۇ دېگەن سۆزلەر تارقالدى.داخيەنزىنى ئازات قىلش ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىدىن جەسۇرانە كوماندىر -جەڭچىلەرنىڭ قەھىمانلىق ئوبرازى نامايەن بولدى.شۇنىڭ بىلەن مىللى ئارمىيە مۇنتىزملاشقاندىن كېيىنكى مۇنتىزم ئۇرۇش قىلىش تەجىربە -ساۋاقلىرىغا ئىگە بولدى

ئەمدى دېققىتىڭلار بۇدا يوللىنىدىغان 5-باپتا بولغاي...

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ

UID
9606
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
213
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 17:53:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 1قەۋەتتىكىsaymahun يوللىغان 2011-04-11 16:58 غا قارتىلغان  :
بۇ مەن نەق ئىزدەپ تاپالمىغان ماتىريال ئىدى. بۇ قايسى زورنالنىڭ  ياكى قايسى گىزىتنىڭ قايسى سانىدا بار دەپ بىرەلەمسىلەر؟
سىز دېگەن سۇئالنىىڭ جاۋابىنى مەن دەپ بېرەي بىرىنجى قېتىم ئاخىرلاشقان قۇرنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز بۇنىڭ جاۋابى چىقىدۇ.

تىرىشچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

UID
10032
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
530
تىزىملاتقان
2011-3-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-17 20:47:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى دەرياسى ژورنىلى.2000_يىلى 5_سان

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش