- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 118
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 118
- تىزىملاتقان
- 2014-8-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- UID
- 61368
- يازما
- 118
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 118
- تىزىملاتقان
- 2014-8-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- توردا
- 68 سائەت
|
كىچىك ۋاقتىمدا بىز داداملارنىڭ خزمىتى يۆتكەلگەنلىك سەۋەبىدىن چۆڭكۆل كەنتىگە جايلاشقان يول ئاسراش بەنىگە كۆچۈپ كېلىپ، شۇيەردىكى مەكتەپتە ئوقۇدۇق، تۇنجى كۈنى مۇئەللىم بىر ئوغۇل بالىدىن « ئىنەڭ» كەلدىمۇ؟» دەپ سورىدى، ئۇ بالا« ياق تېخى، خەت ئەۋەتىپتۇ، يەنە بىرەر ئايدىن كېيىن كېلىدىكەن» دەپ جاۋاپ بەردى. مەن «ئىنەك »دىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، «كالىسى بىر يەرگە كەتسە تېخى قاچان كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەت ئەۋەتەلەيدىكەن، قانداق كالىدۇ ؟»دەپ ھەيران بولۇپ، ئاغزىمنى ئېچىپ قاپتىمەن، ئۆيگە بارغاندا ئانامدىن سورىسام، ئانام«مۇئەللىمىڭ ئىنەڭ دىدىمۇ، ئىنەك دىدىمۇ؟» دىگەنتى، مەن «ئىشقىلىپ ئىنەك دىدىمۇ ئىنەڭ دىدىمۇ شۇ بىر نىمە دىدىغۇ» دىسەم ئانام كۈلۈپ كېتىپ«ئىنەڭ دىگەن ئوخشايدۇ، ئىنەڭ دىگىنى ئاپىسى، ئۇ بالىنىڭ ئاپىسى بىرەر يەرگە كەتكەن بولسا شۇنى سورىغان گەپ» دىگەنتى مەن ئاندىن ھە.............دەپ چۈشەندىم، ھازىرمۇ يېزىلارغا بېرىپ قالسام بەزى گەپلىرىنى ئۇقالماي قالىمەن. |
|