ئەسلى تەمدىكى لوپنۇر قوشىقى يالغۇز داراق ياشناپ، سايەسى چۆلگۆ تۈشۈپ. دەت تۈشۈپتۇ دەيدۇلار، ئىززەپ كەلدىم ئاڭلاشىپ. دەتمەن بولساڭ بېرى كەل، مۇڭ تۆكۆلۈ يىلغاشىپ. مۇڭ تۆكۆلۈ يىلغاشىپ، دەتتى ئىچىمگە يۇتۇپ. نەزمە بىلەن كۈلدۈردۈڭ، ئۆز شەرىممى ئۇنۇتتۇم. قاتارىڭڭا ئالماساڭ، ھارام قىلاي يۇتتۇ. قاتارىڭڭا سەن ئالساڭ، مۇرادىمغا يىتەرمەن. پەرگانەدەك چۈرۈلۈپ، ئالدىن تۇغرۇ ئۆتۈرمەن. كۆرمۆسۆم چىدامايمەن، مەسسەت سالىپ كېتەرمەن. لوپنۇر چارادىن ئىسلام ئاخۇن ئېيتىپ بەرگەن. كۆرلۆگۆ بارالى دەپ، سەھەردە ئاتتى توقۇ. ئەلدە قۇلدەك ئىشتەگەن، قولدو پۇلۇممۇ يوقۇ. ئىجىلىمدىن ئايرىلسام، كۆزۈممۈ قارغا چوقۇ. ئىجىلىمدىن ئايرىلسام، قارغا چوقۇر كۆزۈممۈ. ماللەلىككە ئەرگىتەي، رەتكە ئۆتمۆگۆن ئۆزۈممۈ. ياخشىلارنى قۇلاغى، ئاڭلامايدۇ سۆزۈممۈ. ئاڭلامايدۇ سۆزۈممۈ، ياخشىلارنىڭ قۇلاغى. چىداغالى بولمويدۇ، جاجاڭ بەككى سۇراغى. كۆچكۆندۆ يىتىشالماي، ئاجىز كەلىپ ئۇلاغىم. ئاجىز كەلىپ ئۇلاغىم، بۇ يوللورنۇ ئىراغى. نارى باقىپ ماڭڭانىڭ، ئۇز قىززارنىڭ سىياغى. تىلىممى كۈيە يېسۇن، مەللەمىززى چىراغى. لوپنۇر مىرسالىدىن ئاتاۋۇللا قاسىم ئېيتىپ بەرگەن. مەنبە:مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندىنىڭ"ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالىكتى"ناملىق كىتابى. خەلقئارالىق تىرانسكىرپىسىيەدىن ھازىر قى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرغۇچى:لوپنۇرى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ11-كۈنۈ
بۇ ماقالە لوپنۇرى بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://lopnuri.blogbus.com/logs/112358300.html
|