ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 6676|ئىنكاس: 20

تورغا چىقىڭ ، ئەمما «تور»غا چۈشۈپ قالماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10162
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 19:54:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا چىقىڭ ، ئەمما "تور"غا چۈشۈپ قالماڭ  
 
نۆۋەتتىكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر دۇنياسى زامانىمىز كىشىلىرىگە خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش جەھەرلەردە نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ كەلمەكتە. تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ كومپيۇتېر ئائىلىلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. شۇنداقلا شەھەردىن تارتىپ يېزا - قىشلاقلارغىچە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە كەڭ ئومۇملاشماقتا.  
يېقىندا تۇققان يوقلاش ئۈچۈن يۇرتقا بارغان ئىدىم، شۇ جەرياندا بىر ساقچى ساۋاقدىشىمدىن ئۆزى مەسئۇل بولغان بىر دېلونى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز ئائىلىسىدىكى كومپيۇتېردا ئۈرۈمچىدىكى بىر يىگىت بىلەن توردا ئۆزئارا تونۇشۇپ، كۈندە دېگۈدەك پاراڭلىشىپ تۇرغان، بۇ قىز بۇ جەرياندا ئۆزىنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ، 21 ياشقا كىردىم دەپ تونۇشتۇرغان، ئۇلار شۇ تەرەقىدە توردا ئىككى يىلدەك ئارىلىشىپ، ئاشىق- مەشۇقلاردەك بولۇشۇپ ، ئاخىرى يۈزتۇرانە كۆرۈشمەكچى بولۇشقان. ھەم ئۇ قىز يىگىتنى يۇرتىغا تەكلىپ قىلغان، نەتىجىدە يىگىت ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇ قىزنىڭ يۇرتىغا كەلگەن. ئاخىرىدا ئۇ قىز بۇ يىگىت بىلەن بىللە ئۇ يىگىتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇرالغۇسىغا كەلگەن. بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالغان قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى قىزىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچىلار ئۇلارنى يىگىتنىڭ تۇرالغۇسىدىن تېپىپ، ئۇلارنى قاتتىق سوراق قىلغان، نەتىجىدە بۇ ئىشلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇ قىزنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغانلىقى ئېنىقلانغان.  
دېمەك، بىر قىز ئوقۇغۇچى توردا باشقىلار بىلەن سۆزلىشىش، مۇھەببەتلىشىش نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلغان. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مىساللار ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن، بىرسى ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم، سىزنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپ يەنە بىرسىنى ئالدىسا، يەنە بىرسى ئېرىمگە ئۆچ بولدۇم دەپ توردا تونۇشقان ناتونۇش بىرسىنى ياخشى كۆردۈم قالدىم دەپ بىر-بىرىنى ئالدىشىپ يۈرمەكتە، يەنە بەزىلەر ئىنساپ- دىيانەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ بىر-بىرىنى ئالدىشىپ، بىر-بىرىدىن پۇل-مال ئۈندۈرۈشۈپ يۈرۈشمەكتە. . .  
ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، كەڭ ئاممىنىڭ جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپيۇتېردىن توغرا پايدىلىنىشىنى، توردىكى شىرىن-شېكەر سۆزلەرگە ئىشىنىپ، مەستانە بولۇپ كەتمەسلىكىنى، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى سەگەك تۇتۇپ، توردا سۆزلەشكەن ۋاقتىنىڭ ئورنىغا ئىلغار بىلىملەرنى ئىگەللەپ، ئۆز-ئۆزىنى كامالەت تاپقۇزىشىنى، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئۇلار بىلەن بولغان چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىشى ھەم ئۇلارغا توغرا بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇندىلا ئۇلارنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.  
 
 
مەنبە: ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى

ئاللا ھىم بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يىدايىتىڭگە ئىرىشتۇرگىن
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
5189
يازما
571
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 22:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا ئۇ ھەممىمىز ئۈچۈن ھەقسىز دەرس ،ئەكسىچە بولغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس .  مەنمۇ ئانا - بالا توردا بىلىشمەي مۇھەببەتلىشىپ قاپتۇ دىگەننى ئاڭلىغاندىن كىيىن بەكمۇ ھەيران قالغانىدىم ،  
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەخمەت قېرىندىشىم !

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
5883
يازما
55
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
2435
تىزىملاتقان
2010-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 22:43:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىز بەك ئەھمىيەتلىك بوپتۇ.توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي،پەقەت دوست تۇتۇشنىلا ۋاستە قىلىۋالغان باللىلىرىمىزغا ياخشى بىر ئاگاھلاندۇرش بوپتۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-17
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 22:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور دۇنياسى باللىرىمىزنى بۆشۈكىدىلا قىرىتىۋىتىۋاتىدۇ .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

دەلىللەنگەن ئەزا

كىملەرنىڭ ئەزىز

UID
1959
يازما
927
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
30171
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-21
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 12:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قوش بىسلىق قۇرالدىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلنىشىمىز كېرەك .
  ئالدىنقى قىتىم مىسرانىم مۇنبىرىگە مەشئەل 20دىگەن تورداش ئۇكىمىز يوللىغان < قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تورغا چىقسا بولامدۇ يوق ؟>دىگەت بەس مۇنازىرە تىمىسى خىلى كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتقان ئىدى ،
مىنىڭچىمۇ ئۇلارنى توسمىغان ئاساستا ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلنى ۋە توردا قانداق مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بىرشىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۈلۈش كېرەك ،

ئىتقاد ___ ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتنى ئاپىرىدە قىلدۇ.

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
128 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-17 12:43:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ساۋاقدىشىم تەتىلدە بىر كومپىيوتۇر مۇلازىمەت مەركىزىدە ئىشلەپتىكەن. بىر كۈنى ئولتۇرسا 10ياشلىق ئاكىسى، 8ياشلىق سىڭلىسى بولۇپ، ئىككى بالا كىرىپتۇ. ‹ دادام-ئاپام يوقتى، كومپىيوتور بۇزۇلۇپ قالدى، ئوڭشاپ بېرىڭ...› دەپ. ساۋاقدىشىم ئۆزىنىڭ ئائىلىلەرگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنىڭ يوقلىقىنى، مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشىنى ئېيتىپتۇ. ئۈستەل كومپىيوتورى بولغاچقا، ئۇ بالىلار ئەكىلەلمەيمىز، بېرىڭە ئۆيگە، دەپ يالۋۇرۇپ بېقىپ، كېتىپ قاپتۇ. بىر چاغدا قارىسا ئاساسى ساندۇقنى سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئەكىلىپتۇ ھېلىقى بالىلار. ساۋاقدىشىم نېمە بولغاندۇ كۆرۈپ باقاي، دەپ ئۇنى كۆرۈپ تۇرىشىغا ھېلىقى ئىككى كىچىك بالا بىردەمنىڭ ئىچىدە يانا بىر تەرەپتىكى كومپىيوتورنى ئېچىپ، چ چ لىرىنى قوزغۇتۇپ...دېگەندەك قاچىلىۋالغان ئادەملەر بىلەن قىززىق پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ ئىشىدا يوق. تېخى ساۋاقداشلىرى بىلەن ‹ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولدۇڭمۇ، كۆچۈرىشەيلى...› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ. ساۋاقدىشىم ھەيرانلىقتا كۈلۈش ئارىلاش نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ...

چوڭ بولۇپ، تور ئىچىدە گاڭگىراپ يۈرگەنلەرنى قويۇپ تۇرايلى، ئاشۇ كىچىككىنە بالىلار كېيىن قانداق بولۇپ كېتەر...

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

تارازىغا ئەڭ ئېغ

UID
8321
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2418
تىزىملاتقان
2010-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 01:24:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 1قەۋەتتىكىpariay يوللىغان 2011-03-16 22:27 غا قارتىلغان  :
توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا ئۇ ھەممىمىز ئۈچۈن ھەقسىز دەرس ،ئەكسىچە بولغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس .  مەنمۇ ئانا - بالا توردا بىلىشمەي مۇھەببەتلىشىپ قاپتۇ دىگەننى ئاڭلىغاندىن كىيىن بەكمۇ ھەيران قالغانىدىم ،  
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەخمەت قېرىندىشىم !

مۇشۇنداقمۇ ئىش بارمىكەن تېخى؟ توۋا!!!

UID
2571
يازما
43
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1575
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 02:31:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋھۇملۇقنىڭ قۇلى بولماي بۇ مەۋھۇم دۇنيانى ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۆزىمىزگە نەپ يەتكۈزۈش ئۇچۇن ئىخچام، ئۇنۇملۇك پايدىلىنىدىغان قورال قىلساق بىزمۇ دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى مىللەتلەردىن بولۇپ قالىمىز... شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشتا ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز... ۋاھاكازالار...

UID
4121
يازما
191
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
5801
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 12:26:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىدىكى بۇزۇقچىلىقچۇ تىخى؟
تورغا چىقىشنى يىڭىدىن ئۈگەنگەن چىغىم ئىدى. قايسى بىر چايخاندا تۇنۇشۇپ قالغان بىر ئەر چ چ دا پاراڭلىشىشنى ئوتتۇىغا قويغان ئىدى. چ چ ئىچىشىمغىلا كامىرانى ئىچىشنى تەلەپ قىلغان ئۇچۇر كەلدى. نىمە بولغاندۇ ؟ دەپ كامىرانى ئاچىپ نىمىنى كۆردۈم بىلەمسىلەر ؟ ھەي بۇ راست بولغان ئىش ، دىمەي دىسەم ئىچىمگە پاتمىدى .
  بەل تەرەپنىڭ يۇقۇرىنى كۆرگىلى بولمايتى، چىرايلىق بىزەلگەن سۇپىلىق ئۆيگە ، ھاۋا رەڭ ئىمپىرۇت يۇڭ گىلەم سىلىنغان ئىدى. سۇپىغا يىقىن قۇيۇلغان كومپڭيۇتۇر ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا بىر يىگىت ، ئىشتىتىنى سىلىپ ئولتۇرغان بولۇپ....................... ھەي بولدىىلا ، ئاخىرىنى دىيىشكە يۈزۈم چىدىمىدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ كومپىيۇتورنىڭ كامىراسىنى ئىلىپ تاشلىۋەتتىم.

مەن دوستقا مۇىتاج

UID
8105
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3037
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-18 13:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا راسلا پەسكەش ئادەملەر كۆپ.ئادەم ئۆزىلا دىققەت قىلسىلا،بۇ پىشكەللىكتىن قۇتۇلالايدۇ.ھەر كاللىدا بىر خىيال.شۇڭا ئادەملەر تورغا چىققان چاغدا مەدىنيەت ساپاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ سۆزلىشى كېرەك.بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش