تىرىشسىلا مۇۋاپپىقىيەت قولغا كېلەمدۇ؟
قولغا كېلىدۇ. گەپ شۇ يەردىكى، تىرىشچانلىقنىڭ دەرىجىسى، مىقدارى بىزنى بىز نىشانلىغان مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرەلىگۈدەك بولۇشى لازىم.
بىر تال قېرىنداش قەلەمنى ئۇچلاش ئۈچۈن قەلەم ياسىغۇچنى ياكى كىچىككىنە تىغلىق ئەسۋاپنى قولىڭىزغا ئېلىپ بىردەم ھەپىلەشسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ. بىر تال دەرەخنى يىقىتىش ئۈچۈن ھەرە سېتىۋېلىپ ياكى ئارىيەت ئېلىپ، ئون نەچچە مىنۇت ئىشلىسىڭىز بولىدۇ، يەنە بىخەتەرلىك تەدبىرىنى كۆرىشىڭىز كېرەك. بۇ چاغدا سىز تېخى بىرەرسىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىشىڭىز مۈمكىن.نۇرغۇن دەرەخنى كېسىپ ئۆي سالماقچى بولسىڭىز، كېتىدىغان ۋاقىت، ماتىرىيال، قاتنىشىدىغان ئادەم ..قاتارلىقلارنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئوت يۈرەك شائىرلار، ئىنقىلاپچىلار قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئاغدۇرماقچى بولغىنى ۋە ئارقىدىنلا تىكلىمەكچى بولغىنى ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئۇلار مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ بەخت، خوشاللىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان غايەت زور قۇرلۇشقا تۇتۇش قىلغان. بۇ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىش
دەرەخ كېسىش، ئۆي سېلىشتەك ئاددى ۋە ئوڭاي ئەمەس. مۇشۇ ئىشتىمۇ تەييارلىق دەرىجىسى، ئىقتىدار قاتارلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان گەپ.يېڭى تۈزۈمنىڭ تەلەپكارلىرى، قۇرغۇچىلىرى بىلەن كونا تۈزۈمنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى، ھىمايىچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بولىدىغان كەسكىن كۆرەشنى باشتىن كەچۈرىدىغان گەپ.
يەنە، دەرەخ كېسىۋاتقىنىڭىزدا ئەگەر ئارىيەت ئالغان ھەرىڭىزنى خەق ئۇشتۇمتۇت قايتۇرىۋالسا
ياكى ئۇشتۇمتۇت بوران چىقىپ كەتسە، قانداق بولىدۇ؟
تىرىشچانلىق بەك مۇھىم، يەنە پايدىلىق تاشقى شارائىتمۇ بولىشى لازىم
( يىگانە گۈلنىڭ بەزى جۈملىلىرىگە ياندىشىپ يېزىلدى )