كۆرۈش: 6725|ئىنكاس: 54

سىز مەغلۇبىيەتچىمۇ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنەمسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-14 22:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىز مەغلۇبىيەتچىمۇ ؟ئۆزىڭىزگە ئىشىنەمسىز؟

تۇردى توختى


-مەغلۈپ بولمىدۇق،بەلكى مۇۋاپىقىيەتكە يېقىنلاشتۇق_____ئېينىشتىيىن

ئېينىشتىيىنىڭ يۇقارقى ھۈكىمىدىن بىز ئىككى بىسلىق مەننىگە ئىگە بولىمىز.بىرىچى خىل مەنىسى بولسا داۋاملاشتۇرۋاتقان ئىشىدا ئاللىقاچان مەغلۇپ بولۇپ،نەتىچىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىچىلەنگەنلىكى،بىراق شۇ مەسىلىگە نىسپەتەن ئىشەنچىسىنى يوقاتمىغانلىغىنى،يەنە داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ بارلىغىنى بىلىمىز.ئىككىنچى خىل مەنىسى بولسا ،مەغلۇپ بۇلۇشتىكى سەۋەپلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ،تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،مەغلۇبىيەتنى غالىبىيەتنىڭ ئانىسى قىلىپ،داۋاملاشتۇرۋاتقان ئىشىدا چۇقۇم كۆزلىگەن نىشانغا يېتىدىغانلىغىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈمۈتۋار بۇلۇپ،ئاخىرغىچە تىرشىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى بىلىمىز.


مەغلۇبىيەت بىلەن غالىبىيەت(غەلىبە)قوش كېزەك بۇلۇپ،بىز ئۆزىمىز يۈرگىزىۋاتقان،داۋاملاشتۇرۋاتقان،قول سېلىپ ئىشلىۋاتقان ئىش-ھەركەتلىرىمىزدە مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان ئاقىۋەتلەر ھىساپلىنىدۇ.قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئاخىرى چىقماسلىق،ياكى پايدا-زىيىنى تەڭ بۇلۇش دىگەن سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىش-ھەركىرىمىزنىڭ(ئەمىلى ئىشلىگەن ئىشىمىزنىڭ) نەتىچىسىز ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرۈدۇ.چۈنكى بۇ يەردە نۇرغۇن،ئەقلى ۋە جىسمانى كۈچ خوراش بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپچىلىغى كىلىپ چىقىدۇ.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ بىز مۇۋاپىقىيەتسىزلىكنىڭ كىشىگە نۇرغۇنلىغان مەددى ۋە مەنىۋى زىيانلارنى كەلتۈردىغانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز.


قانداق كىشىلەر مەغلۇپ بولغۇچىلار ھىساپلىنىدۇ؟


مەغلۇبىيەت بولسا كىشىلەرنىڭ قول سېلىپ،ئەمىليىتىدىن ئۆتكىزىۋاتقان ئىش-ھەركىتىنىڭ نەتىچىسىز ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردىغان بەلگە بۇلۇپ،ھەقىقى مەغلۇبىيەتچى-مەغلۇبىيىتى ئۈستىدە ئۆيلانماي ،مەغلۇبىيەتنى كۈرۈپ،چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن كىشىلەردۇر.


مەغلۇبىيەتچىلەر تۈۋەندىكىدەك ئىككى خىل كىشىلەردۇر.بىرىنچى خىلى-ئۈزىنى قالتىس چاغلايدىغانلار،ئىككىنچى خىلى بولسا-ئۈزىنى تۈۋەن چاغلايدىغان كىشىلەر بۇلۇپ،بۇلارنىڭ نىشانى ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغانلىغى ئۈچۈن،ئۇلاردا نەتىچە قازىنىش مۇمكىنچىلىكى بەك ئاز بۇلۇدۇ.


ئۈزىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەر ،ئۈزىنىڭ ئەمىلى ئىقدىدارى بىلەن ھىساپلاشماي ھەممىنى مەن قىلىمەن،ھەممنى مەن بىلىمەن دىگەن نوقتىنەزەرنى ئۈزىگە پىرىنسىپ قىلىپ،ھەمىشە ئۈزىنىڭ ئەمىلى ئىقدىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.بۇنداق بىراقلا <<ھۈجۇم قىلىش>>تەكرار ئەمىليەتتىن ئۆكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدىن يىراق بولغانلىغى ئۈچۈن داۋاملىق شۇ كىشىنى مەغلۇبىيەتلىك،ئېچىنىشلىق نەتىچىگە باشلايدۇ.بۇلار مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى بىراقلا يوقۇتۇپ،چۈشكۈنلىشىپ،قايتا باشلاشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن قىزىلكۆزلىشىپ،باشقىلارنىڭ نەتىچىسىگە ھەسەت قىلىدىغان،ھەسەتخورلۇقنى ئۈزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ياپىدىغان يېپىنچا قىلىۋالىدۇ.بۇنداق يېپىنچا پىسخىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى پەيدا قىلىپ،كىشىلەرنى مەڭگۈ ئۈزىگە ئىشەنمەيدىغان بىچارىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇدۇ.


ئۈزىنى كەمسىتىدىغان كىشىلەر بولسا <<مەن قىلالمايمەن>>دىگەن نوقتىنەزەرنى ئۈزىگە پىرىنسىپ قىلىپ،داۋاملىق ئۈزىدىن ئاغرىنىدىغان كىشىلەر بۇلۇپ،بۇنداق كىشىلەر قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىشتەك شىجائەتتىن مۇستاسنا بولغانلىغى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىنى باشلىمايلا،ئۇ ئىشتىن ۋاز كېچىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇنداق كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ مەڭگۈ ئاخىرى چىقمايدۇ.


ئۈزىنى كەمسىتىدىغان كىشىلەردە مۇنداق ئىككى تەرەپتىكى ئوخشاشلىق دايىم كورۈلۈپ تۇرۇدۇ.بىرى ئۇلار داۋاملىق ئۈزىنى كەمسىتىدۇ.يەنە بىرىسى بولسا ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۈزىنى كەمسىتىشكە يول قويىدۇ.بۇنداق چۈشكۈلۈك بارا-بارا ئىشەنچىنى سۇزلاشتۇرۇپ،كىشىلەرنى چۈشكۈنلەشتۇرۇدۇ.ئۇلارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئىززەت-ھۆرمىتى بولمايدۇ.چۈنكى ئۈزىنى قېدىرلىمىگەن كىشىلەردە باشقىلارنى قېدىرلەش ئىستىكى بولمايدۇ،باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى باشقىلارمۇ قىلمايدۇ.بۇنداق كىشىلەر ئۈزىنى بەك يالغۇز،غېرىپ چاغلايدۇ،ئۇلار يالغۇزلۇقۋە غېرىپلىقنىڭ مەنبەسىنى ئۈزىدىن ئىزدىمەي داۋاملىق باشقىلاردىن ۋە كوللىكتىپتىن ئاغرىنىدۇ.ئاغرىنىشتىن ئىبارەت بۇ خىل پىسخىكىنى دوست تۇتقان بۇ كىشىلەردىكى ئۈزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى ئاخىرقى ھىساپتا ئۇ كىشىلەرنى دۇنيادىكى<<ئارتۇق>>ئادەملەر تۇپى تەرەپكە يىتەكلەيدۇ.


مەيلى ئۈزىنى قالتىس چاغلاش بولسۇن،مەيلى ئۈزىنى كەمسىتىش بولسۇن ئوخشاشلا ساغلام بولمىغان پىسخىكا بۇلۇپ،ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالغا بېسىش،تەرەققى قىلىشىنى توسۇپ قويىدىغان ناچار روھى ھالەت ھىساپلىنىدۇ.


ئۈزىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۈزىنى كەمسىتىدىغان كىشىلەردە پىسخىكا جەھەتتە ئورتاقلىق بۇلۇپ ئۇ بولسىمۇ ئۈزىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىنى بايقىماسلىق،يەنى ئۈزىنى بايقىيالماسلىق ۋە ئۈزىگە ئىشەنمەسلىكتىن ئىبارەت.


قانداق قىلغاندا مەغلۇبىيەتنى مۇۋاپىقىيەتكە ئايلاندۇرغىلى بۇلۇدۇ؟


مەشھۇر شائىر لى بەي <<ياراتقان ئىگەم،قىسمىتىم بىلەن بىرگە ياراتقان>>دىگەن قىممەتلىك ھۈكۈمنى ئوترىغا قويغان.بۇ يەردىكى<<قىسمەت>>تەقدىرنى يارتىش جەريانى بۇلۇپ،كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۈزى يارىتىدىغانلىقتىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى بىزگە چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ.يىغىنچاقلىساق بۇ دىگەنلىك تەڭرى ئاتا قىلغان ئېقىلنى ئىشلىتىپ،تەقدىرىنىڭ تەبىرىنى بەلگىلەش،شۇ ئاساسىدا ئۈزىنىڭ ياشاش جەريانىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش،تەقدىرىنى بەلگىلەش  دىگەنلىكتۇر.


<<تەتبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ>> دىگەن ھۈكۈمدىنمۇ،مەغلۇبىيەتنى غالىبىيەتكە(مۇۋاپىقىيەتكە)ئايلاندۇرۇشنىڭ جەريانىنى ھىس قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس.بىز تەقدىرىمىزنى،غەلىبەتلىك ئۆزگەرتىمىز دەيدىكەنمىز،چۇقۇم ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تۇرغۇزۇشىمىز لازىم.


بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىشىمىز كېرەك.


1.ئۈزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تۇنۇش لازىم.


كىشىلە كۆپىنچە ھاللاردا ئۈزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا كۈرۈپ،كەمچىلىكىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ.بۇ ھال كىشىلەرنى تەبئى ھالدا ئۈزىنى قالتىس چاغلايدىغان پىسخىك كىسەلگە گىرىپتار قىلىپ قۇيۇدۇ،بۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتنى ئۈزىمىگە يار قىلىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزگە توغرا باھا بىرىپ ،ئارتۇقچىلىقىمىز بىلەن كەمچىلىكىم ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىپ،ئارتۇقچىلىقىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ،كەمچىلىكىمىزنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇشقا(ئۈزىمىزنى يىڭىشكە)تىرشىشىمىز،ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىن ئەمىليەت جەريانىدا توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم.


2.ئۈزىگە ئىشىنىش بىلەن ئۈزىنى قالتىس چاغلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش لاشىم.


ئۈزىگە ئىشىنىش كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى توغرا تۇنۇپ،ئۈزى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ،ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى ھىساپلىنىدۇ.ئۈزىگە ئىشىنىش،يېڭىلىق يارتىشنىڭ ئاچقۇچى شۇنداقلا ئۈزىنىڭ ھىسىياتىنى كونتۇرۇل قىلىشتىكى زۈرۈر ئېقىل ھىساپلىنىدۇ.ئۈزىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئىشلىرىدا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار،ئۇلار بۇنداق نەتىچىنى توغرا چۈشەنمىسە،ئۈزىگە ئىشىنىش ئاسانلا ئۈزىنى قالتىس چاغلاشقا ئايلىنىپ،بىزنىڭ ئۆزىمىزنى(شۇ چاغنىڭ ئۈزىدىن باشلاپ)چۈشىنىشىمىزگە توسقۇنلۇق،قىلىدۇ.


ئۈزىنى قالتىس چاغلاش ئەمىليەتتە ئۈزىگە ئىشىنىشكە تەڭ ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىشنىڭ ئۈزىنى قالتىس چاغلاشقا ئايلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،قول سېلىپ،ئىشلەشكە جۇرئەت قىلىپ،نەتىچە يارتىشقا ماھىر بۇلىشىمىز كېرەك.بۇ ئىككىسى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلمىغاندا،كىشىلەر ئوخشاشلا مەغلۇبىيەتنىڭ پاتقىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ.


3.ئەمىلى ئىقدىدارىمىز بىلەن،مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئىگەنلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم.


كىشىلەرنىڭ ئەمىلى ئىقدىدارى ھامان چەكلىك بۇلۇدۇ،بىز ئۈزىمىزنىڭ ئەمىلى كۈچىنى توغرا مولچەرلىشىمىز،ھەرگىزمۇ بەك يۇقىرى ھەم بەك تۈۋەن مۆلچەرلەپ قويماسلىقمىز كېرەك.بىز مەيلى يۇقىرى ئولچەيلى،مەيلى تۇۋەن ئۆلچەپ قۇيايلى،ھەر ئىككىلىسى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئىگەنلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.يەنى بىز مەسىلىلەرگە ئۇبىكتىپ باھا بېرەلمەيمىز،شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ پىلانىمىز ساختىلىققا يول قۇيۇدۇ-دە،بىز تېبئىلا مەغلۇپ بولغۇچىغا ئايلىنىپ،قالىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئىقدىدارىغا توغرا باھا بىرىشىمىز،ھەم مەسىلىنىڭ قىيىنلىق دەرجىسىگە توغرا باھا بىرىشىمىز،شۇ ئاساستا ئىشنى ئەمىليىتىمىزگە ئاساسەن باشلىشىمىز لازىم.


4.قەتتئىلىك بىلەن،ئۈزلۈكسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش لازىم.


بىزدە يەنە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قەتتئى ئىرادا بۇلۇش لازىم،قەتتئى ئىرادىنىڭ بۇلۇشى شۇ ئىشنى ئاخىرغا ئېلىپ چىقىش-چىقالماسلىقتىكى مۇھىم مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.بىز غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قۇشۇپ،قەتتئى ئىرادىمىز بىلەن تىرىشساق چۇقۇمكى ئىشلىرىمىزنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئۈمۈت بار.بىز بىرلا ئىشنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ بۇلۇپ،توختاپ قالساق قەتتئى بولمايدۇ،بىز ئىشلىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئويلايمىز،شۇنداق بولغان ئىكەن بىز،قەيەردە يىقىلساق شۇ يەردىن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشقا،ئىرادىمىزنى داۋاملىق مۇستەككەملەپ،قەيسەر ئىرادىلىك بولۇشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك.ئۈزلۈكسىزلىك توختاۋسىز مەشىقتۇر،قەيسەر ئىرادىمۇ ئاشۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان مەشىق ئاساسىدا تاۋلىنىدۇ.


5.بىلىش بىلەن بىلىم يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش لازىم.


بىلىش بولسا كىشىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى بىلىم  دائىرىسىنىڭ چۇڭقۇر-تارلىغىغا مۇناسىۋەتلىك،مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بۇلۇپ،كىشىلەر مەسىلىلەر ئۈستىدىن ھۈكۈم چىقارغاندا شۇ زاماننىڭ بىلىمى ئاساسىدا ھۈكۈم چىقىرىدۇ.بۇنداق كونىراپ قالغان بىلىم قارارنىڭ توغرا چىقىرىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسۈتۈپ،كىشىلەرنىڭ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تۇنىشىنى تار دائىرىدە چەكلەپ قۇيۇدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۈزىنىڭ ئىلگىركى بىلىمىنى كۆز-كۆز قىلىپ،يېڭى بىلىملەر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلانىڭ يېڭى شەيئىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى،بىلىشى،بىر تەرەپلىمىلىك بۇلۇپ قېلىپ،مەسىلىنىڭ ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.بۇنداق ھالدا غەلبە قازىنىش مۇمكىنچىلىكى تۈۋەنلەپ كېتىدۇ،ئىشلىرىمىز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۈزلۈكسىز بىلىم يېڭىلاپ،ئۆمۈرۋايەت ئۈگۈنىشتىن ئىبارەت ھازىرقى زامان ئۈگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزىمىزگە ھەمرا قىلىپ،شەيئىلارگە توغرا باھا بىرىپ،ئۇلارغا بولغان بىلىش،تۇنۇش ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۈتىرىشىمىز لازىم.بىلىشنىڭ دېرىجىسى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك پەنني ۋە ئىجدىمائى بىلىمى بىلەن زىچ باغلانغان بۇلۇدۇ.

مەغلۇبىيەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتكە ئايلىنىشىدا  ئۈزىگە ئىشىنىپ،ئۈزىنى توغرا تۇنۇپ،ئۈزىنى چۈشىنىپ،ئۈزىنى يېڭىلاپ،تەرەققىيات ئېڭى بىلەن،مەڭگۈ ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئامىللار بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
(ئىجادىيەت)  

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2272
يازما
294
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9534
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 16:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەق گەپنى دەپسىز جۇمۇ ! رەھمەت ماڭىمۇ خىلى ئىلھام بولدى !

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 19:50:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان  ياشايمەن دەيدىكەن چوقۇم بىرە كەسىپتە نەتىجە قازىنىشنى ئويلايدۇ ،،،شۇ كەسىپنى قول سېلىپ ئىشلەشنى ئويلايدۇ ،،، ھېچقانداق كىشى بۇ جەرياندا توسالغۇسىز  نەتىجە قازىنىپ ،غەلبە قىلىمەن دەپ ئويلالمايدۇ ،،،شۇڭا توسالغۇلارغا،مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ،،، بۇنىڭلىق بىلەن  مەن تۇگەشتىم دەپ ئويلىسا بولمايدۇ ،،،ئۆزىگە ئىشىنىپ يەنە تىرشىشى كېرەل ،،،  شۇنداق قىلغاندىلا ئاخىرقى  غەلبىگە ئېرىشىدۇ ،،،،

ماقالىڭىزدا  بۇ نوختىلارنى  بەكلا يارقېن چۇشەندۇرۇپسىز   ،،،،ماقالىڭىز ھەمىمىزگە ئىلھام بولغۇدەك

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

تىرىشچان ئەزا

قار_ قۇياق ھەممى

UID
3258
يازما
75
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
940
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 23:08:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەغلۇبىيەت-غەلبىنىڭ ئانىسى =زەھەر سۆز...

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-15 23:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ugenguqi
زەھەردەك بولغاندا،ئادەم سىلكىنىدۇ

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

تىرىشچان ئەزا

قار_ قۇياق ھەممى

UID
3258
يازما
75
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
940
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 00:16:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەھەر ئادەمنى نىمجان ھەتتا ئۆلتۈرۈپ  قۇيىدۇ ،قىرىندىشىم.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 00:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ugenguqi
سىز دىگەن زەھەردەك سۆز ،ھەرگىز زەھەرنىڭ ئۈزى ئەمەس،زەھەردەك سۆزنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭغا تاقابۇل تۇرماي،نىم جان بولغانلار،ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئىشىغا كەلسەك،ئۇلاردا بەرداشلىق بىرىش،بىر تەرەپ قىلىش ئىقدىدارى يوق،ياكى تۈۋەن.يەنا بىر رىۋاياتتىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ ئىچى تار،ئىچى يامان بۇلۇپ،كۆپ ھاللاردا ھەسرەت چىكىپ،ھەممىدىن ئاخرىنىپ يۈرۇيدۇ.شۇڭا بۇنداقلار ئۈزىدىكى بۇ نوقساننى تۈگىتىشكە تىرشىشى لازىم.بولمىسا مەڭگۈ ھەسرەت ئىچىدە ،ئۈزىنى نابۇت قىلىدۇ.
كوز قارىشىڭىزنى ئوترىغا قويغىنىڭىزغا راھمەت قېرىندىشىم.
يۇقارقىلار ئۈزەمنىڭ قارىشى،ماڭىلا ۋېكىللىك قىلىدۇ.

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

تىرىشچان ئەزا

قار_ قۇياق ھەممى

UID
3258
يازما
75
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
940
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 01:11:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىمىزدىكى خاتا ئىستىمال قىلىۋتقان سۆزلەر قارماققا توغرىدەك قىلغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ئادەمنى بېخوتلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

UID
9438
يازما
282
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4992
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 02:35:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەغلۇبىيەت-غەلبىنىڭ ئانىسى = ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ بىر ئىمىزگە، ياكى مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ باھانىسى.

UID
8105
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3037
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-16 12:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىمىدىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆز  دىمىسىمۇ غەلىبە نەتىجىنىڭ نامايەدىسى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش