كۆرۈش: 3484|ئىنكاس: 17

كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 22:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى





 
   ئەڭ دەسلەپ قايسى كىتابنى ئوقۇغۇنۇمنى ئەسلىيەلمەيمەن. مەن مەكتەپكە كىرمىگەن ۋاقىتلىرىمدا بىر قوشنىمىز بولىدىغان. ئۇ زوق-شوخ  بىلەن «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «سۇ بويىدا» دېگەندەك رومانلارنى ئوقۇيدىغان، ساۋادىم چىققاندىن كېيىن، ئاشۇ كىتابلارنى ئوقۇشنى بەكمۇ ئازرۇ قىلاتتىم، بىراق، تارتىنچاقلىقىم ئۇنى سوراشقا بولغان جۈرئىتىمنى بىتچىت قىلىۋېتەتتى. بىز باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلاردا ئېلىپبە ئۆتكەندە ھۆسىنخەت دەرسىمۇ بار ئىدى، ئىككىنچى سىنىپقا چىققاندا ھۆسىنخەتنى چىرايلىق يازغانلىقىم ئۈچۈن سىنىپ بويىچە مۇكاپاتلانغانىدىم، شۇ ۋاقىتلاردا ھەدەمنىڭ قولىدا باشقا بىر «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «مىڭبىر كېچە» دېگەن كىتابلارنى كۆردۈم. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ كىتابلارنى قىزىقىپ ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە. كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇغان كىتابلارنىڭ مەزمۇنى خېلى ئەستە قالىدىكەن، كېيىن، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىمۇ ئوقۇدۇم. بۇ چاغ توغرىسىدىكى ھازىرقى تەسىراتىم: گەرچە ياش كىچىك بولسىمۇ، ئادەم شۇ ۋاقىتلاردا خېلى نەرسىلەرنى چۈشىنەلەيدىكەن. بەشىنچى يىللىققا چىققاندا، ئۆيدىكىلەر ھەپتىيەك ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بەردى، ھەپتىيەك ئوقۇش جەريانىدا قۇرئانغا قىزىقىشىم باشلىنىپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئازراق ئوقۇغان ئىدىم. سۈرە «قەدر»نىڭ تەرجىمىسىنى سىنىپتىكى بىر نەچچە بالىغا ئوقۇپ بەرگىنىم ئېسىمدە....
     كېيىن، تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن ئانچە كىتاب ئوقۇيالمىدىم. بۇ ۋاقىتتىكى كىتابىي «قەھەتچىلىك» مېنى دەرسلىك  كىتابلارنى تولۇق ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئالاقىدار كىتابلارنى قالدۇرماي، تولۇقى بىلەن ئوقۇيتتىم (دەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇ ۋاقىتلاردا تەبىئىي پەنگە بولغان  مايىللىقىم ۋە تالانتىم ئىجتىمائىي پەنگە قارىغاندا ئۈستۈن ئىدى؛ كېيىنكى مەن ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىت مېنى ئىجتىمائىي پەن قوينىغا ئەكىرىپ قويدى). تارىخىي شەخسلەر، تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن خېلى  تەپسىلى تونۇشقانىدىم. ناپولېئون، ئارىستوتېل، گەندىي ، پېتىر... دېگەندەك شەخسلەر توغرىسىدىكى چۈشەنچەم خېلى باركەن شۇ چاغلاردا. جۇغراپىيەدە سىنىپ بويىچە ئالدىدا ئىدىم، سىنىپ مەسئۇلى جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغاچقا، ماڭا ئامراق ئىدى. ئەمما بىر قېتىم بۇ پەندىن چەك تارتىپ ئىمتىھان ئالماقچى بولدى، بۇ قېتىم بۇ پەنگە پەقەتلا تەييارلىق قىلالمىغان ئىدىم. قورقتۇم، يۈزۈمنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقتۇم، مېنىڭ ئىسمىم چاقىرىلغاندا ھودۇققۇنۇمدىن، «ئى خۇدا، بىسمىللا» دەۋېتىپتىمەن، بوش ئاۋازدا. بىر ۋاقىتتا بىر قىز: « بىسمىللا » دەۋاتىدۇ !! دەپ، سىنىپتا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. تەلىيىمگە تۆت سۇئالنىڭ ھەممىسى مەن بىلىدىغان سوئاللار چىقىپ قالدى... شۇ ۋاقىتلاردا «ئىز» ناملىق شېئىرنى ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، قوي باققاچ يادلاپ ئوقۇغانلىرىم ئېسىمدە. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئايرىلمىغىل» دېگەن شېئىرلىرى قەلبىمگە ئورناپ قالغانىدى. بوغدا ئابدۇللانىڭ «ئانا» داستانىنى تولۇق يادلىغان ئىدىم، تېيپچان ئېلىيىفنىڭ «ۋالاقتەككۈرنىڭ ئۆلىمى» سىنىڭ يېرىمى تولا ئوقۇپ يادا بولۇپ قاپتىكەن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى دەرسلىكتىكى نەرسىلەر ئىدى.  تولۇقسىز 7-سىنىپقا چىققاندا ئاندىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇيالىدىم. «ئىز» ناملىق شېئىر ماڭا بەك تەسىر قىلغاچقا، «ئىز» دېگەن كىتابنى ئوقۇسام بولاتتى دېسەم، بىر باي ساۋاقدىشىم مەندە بار دەپ قالدى، بۇ دوستۇم ئاتۇشتىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ ئوغلى بولۇپ، دەرستە ئىككىمىز رىقابەت ئىدۇق (ئۇ ھازىر فرانسىيەدە ئوقۇۋاتىدۇ)، ئۇنىڭ دادىسى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ساقلايتتى. ئۇ ماڭا «ئىز»گە قوشۇپ، «ئويغانغان زېمىن»نىڭ ئىككى قىسمنى ئەكىلىپ بەردى. بۇ كىتابلار ئەينى ۋاقىتتىكى  مەن ئۈچۈن گوياكى گۆھەر ئىدى، ئۆيدىكىلەر مەلۇم سەۋەبتىن كىتاب ئوقۇشۇمنى چەكلەپ تۇرسىمۇ، مەندىكى ئوتتەك قىزغىنلىق، ھامان پۇرسەت تاپاتتى. تالاي قېتىم قوي بېقىۋېتىپ كىتاب ئوقۇپ، قويلار خەقنىڭ بېغىغا كىرىپ كەتتى. مەن ئۆگزىگە چىقىشنى ۋە ئۆگزىدە كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم (ھازىرمۇ ئالەمچە كۆرىمەن بۇ ئىشنى). ئۆگزىمىزگە چىقسام تاغ بويىدا قەشقەرگە كېتىۋاتقان ماشىنىلار كۆرۈنەتتى، بۇ تەرەپتە باغلار، ئەگرى-بۈگرى يوللار، ئىگىز- پاكار ئۆيلەر، كىملەرنىڭدۇر ۋارقىرىغىنى  ئاڭلىناتتى، ئۆگزىدىكى ۋاسىلار، خىشلار، كونا مىخلار، ئەسكى ياغاچلار شۇ ۋاقىتتىكى مېنىڭ ئەركىن پىكىرلىرىم ئىدى. بىر كېسەكنى قوڭغا قويۇپ، ئاپتاپتا كىتاب ئوقۇش دۇنياغا تەڭ قىلمايدىغان ھوزۇر ئىدى. بۇنداق ۋاقىت كۆپ بولمىسىمۇ، مەندە ئاجايىپ ھېس-تۇيغۇلارنى قالدۇرغان.
      ئەنە شۇنداق ھالدا «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانلارنى ئوقۇپ بولدۇم ۋە ئاجايىپ تۇيغۇغا كەلدىم. «ئويغانغان زېمىن» دىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى دەپ تۈرمىگە تاشلانغان، روسلارنىڭ روسچە تىللاپ تۇرۇپ سوراق قىلغان يەرلىرىنى سىنىپتا، دەرىس ۋاقتىدا ( بىر ياۋاشراق مۇئەللىم بولىدىغان، شۇ ئادەم دەرس ئۆتسىلا پارتا ئاستىدىن كىتاب ئوقۇيتتىم) ئوقۇۋاتاتتىم. ئۆيدىكىلەر ئۆي يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن بىر يەرگە كېتىپ قالسا، ئاچقۇچنى ئۇدۇللا سىنىپقا ئەكىرىپ بېرەتتى، دەل شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇلار ئاچقۇچنى ئەكىرىپ بېرىپ كېتىپتۇ، مۇئەللىم ئالدىمغا كېلىپ، «مە ئاچقۇچۇڭنى!» دەپ ئىككى قېتىم توۋلىسىمۇ ئاڭلىماي، بېشىمنى سالغىنىمچە كىتابقا چۆكۈپ كېتىپتىمەن ( بەلكىم دەل شۇ ۋاقىت ئورۇسلار خوجىنىياز ھاجىنى «ياپتۇۋايامايت!» دەۋاتقان ۋاقىتقۇ دەيمەن). ئاخىرى بالىلارنىڭ پاراقلاپ كۈلۈپ كېتىشىدىن ئۆزۈمگە كەپتىمەن، بىر ۋاقىتتا مۇئەللىم دېۋەيلەپ تۇرۇپتۇ، دېمەك، ياۋاش مۇئەللىمنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغىۋېتىپتىمەن. «نېمە كىتاب ئوقۇۋاتىسەن، سەن زادى!؟» دەپ ئۇرۇۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا كەلگەن مۇئەللىم «ئويغانغان زېمىن»نى كۆرۈپ، يالتىيىپ قالدى ۋە «تەلىيىڭگە ياخشى كىتاب ئوقۇۋېتىپسەن، مە ئاچقۇچۇڭنى!» دەپ كېتىپ قالدى.
شۇ ۋاقىتلاردا قايسىدۇر بىر پاكىستانلىق يازغۇچىنىڭ «ئاللاھنىڭ زېمىنى» دەيدىغان بىر رومانى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى، ئۇنىمۇ شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇۋاتاتتىم، ئۇنىڭدا رېمونتچىلىققا كىرىدىغان بىر بالا، ئۇنىڭ كەمبەغەللىكى، كېيىن بىر جازانىخورنىڭ  ئۆگىتىشى بىلەن رېمونتخانىدىن مىس ئوغۇرلاپ ساتقانلىقى، كېيىن تۇتۇلۇپ قېلىپ، دەھشەتلىك ئۇرۇلغانلىقى، باشقا دوستىلىرى بىلەن قېچىشنى پىلانلاشقانلىقى، بىر ئەر ئايالى ئاغرىپ قالسا، ئۇنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ ، دوختۇر بىلەن كېلىشىۋېلىپ، ئاستا –ئاستا ئۆلتۈرۈدىغان دورا بەرگەنلىكى، ئىككى ئادەمنىڭ تەڭگە روپىيەلىرىنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ، قايسى روپىيەگە بالدۇر چىۋىن قونسا شۇ ئۇتىدۇ دەپ قىمار ئوينىغانلىقى ۋە چىۋىننى زوق-شوخ بىلەن ماختاپ كېتىشكەنلىرى، ھېلىقى بالىلارنىڭ بېلەتسىز پويىزغا چىقىپ، ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدىغان شەھەرگە (قايسى شەھەر بولغىيتى) ماڭغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردىكى ئوخشاشمىغان تەقدىرى ... بىر ئوبدان كېتىۋاتاتتى، ئەپسۇسكى،  كىتاب ئېگىسى ئۇ كىتابنى داۋامىنى ئوقۇۋېلىشىمغىمۇ ئۇنىماي ئەكەتكەن. بىر قېتىم داداملار مېنى ئۆيدە دەرس ئوقۇسۇن دەپ دەرۋازىنى ئىچىدىن ئېتىۋېلىشىمنى تاپىلاپ بىر يەرگە كېتىشتى، مەن تازا ئۇخلاپتىمەن، يازنىڭ سايە ئاستىدىكى ئۇيقۇسى مېنى تازا ئېزىپتۇ. دادام چۈشلەردە كېلىپ، مىڭ قېتىم توۋلاپ ئويغىتالماي، دەرۋازىنىڭ ئۈستىدىن بىر كىتابنى ئۆيگە ئىرغىتىۋېتىپ، كېتىپ قاپتۇ. چۈشتىن كېيىن بولغان بىر ۋاقىتلاردا ئويغىنىپ، ئۆگزىگە چىقىپ تاماشا قىلماقچى بولۇپ، چىقىۋاتاتتىم، بىر ۋاقىتتا قارا دېگەندەك بولۇپ، بىر كىتابقا كۆزۈم چۈشتى، بۇ «مەمتىلى ئەپەندى» دېگەن كىتاب ئىدى ( 1997-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارغا مەجبۇر سېتىپتىكەن، دادام ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ كېتىپتىكەن). ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بولۇپ، بۇ كىتابنىمۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئوقۇۋەتكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا ئوسمانلىلار، مۇستاپا كامال دېگەنلەرنى ئازراق چۈشەنگەن... لېكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ۋاقىتلاردا كىتابنى دورىلىققىمۇ تاپالمايتتىم، كىتاب  مەن ئۈچۈن خېلىلا قىممەتلىك نەرسە ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا جىق كىتابلارنى ئوقۇيالمىغان.  
15 يېشىمدا ئۈرۈمچىدىكى ئىنىستىتوتقا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. شۇنداقتىمۇ، مەكتەپتىكى بالىلار ئۇنچە كىتاب ئوقۇشۇپ كەتمەيتتى، بىر نەچچە بالىلار بار ئىدى، ئۇلار بېرىلىپ ئوقۇيتتى. ئەلۋەتتە ئۇ ۋاقىتتىكى كىتاب ئوقۇشلىرىم ھۇزۇرلىنىشنى مەقسەت قىلاتتى(ھازىرقى كىتاب ئوقۇش مەقسىدىممۇ ئايلىنىپ يەنە ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن دېگەن يەرگە كەلدى). بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قارايدىغان، يۈزى تارتۇق تۇرپانلىق ئادەم، «خەسىس»بايلاردەك ئادەم ئىدى، كىتاب بايلىق بولسا، ئۇ شۇ «خەسىس» بايلاردىن ئىدى، نېمىشقىدۇر، كىتاب سورىساق، شۇنداق سوغۇق، مۇزدەك گەپ قىلاتتى، شۇنداقلىقتىنمۇ نۇرغۇنىمىز نۇرغۇن كىتابلارنى سوراشتىن خىجىل بولۇپ ئوقۇيالمايتتۇق. بىر كۈنى بالىلار بىلەن كېلىشىپ يەنە كىتاب سورايمىز دەپ كىردۇق، پالانى كىتابنى ئەپبېرىڭ، پۇستانىنى ئەپ بېرىڭ دېيىشتۇق چۇرۇلدىشىپ، بۇ ئادەم شۇنداق دېدى:
- نېمە قىلىسىزلەر كىتابنى؟!
- يەيمىز!!!!
چۇرقۇرىشىپ ھەمىمىز پاراققىدە كۈلۈپ كەتتۇق، ئۇ ئادەم سوغۇق ئالىيىپ قويۇپ، بېرىش تەس كەلگەن قىممەتلىك نەرسىسىنى بەرگەندەك كىتابلارنى بېرەتتى. «بالدۇر ئەكىرىپ بېرىڭىزلەر جۇمۇ!» دېيىشنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايتتى ئۇ. بىزمۇ بوش كەلمەيتتۇق، مەكتەپنىڭ مەسجىتىگە ئۇ ناماز ئوقۇغىلى كىرگەندە ، كەشىنى تىقىپ قويۇپ «ئۆچ»ۈمىزنى ئالاتتۇق. بىرى «قۇم باسقان شەھەر»نى تەۋسىيە قىلدى، بىر كېچىدە ئوقۇپ بولدۇم، كېيىن قارىسام، مەن ئارىيەت ئالغانچە، بىر يېرىم يىل ئايلاندى بالىلارنىڭ قولىدا، كېيىن قولۇمغا قايتقاندا بۇ كىتاب رېپىدىدەك جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەنىدى. بىر ساۋاقدىشىم بۇ كىتابقا قاراپ: «يا ئاللا، ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ باللىرى بىر كىتابنى ئوقۇپ يىرتىپ بېقىپتۇ!» دېدى، بۇ گەپكە كۈلۈشتۇق، «ھاجى مۇرات» نى ئوقۇدۇم، بۇنى رومان دەپتۇ (كېيىن قىرغىزچە نۇسخىسىنى كۆرسەم پوۋېست دەپ تۇرىدۇ). تولستوي شامىلنىڭ قول ئاستىدىكى ھاجى مۇراتنىڭ روسلارغا ئەل بولۇشى، ھاجى مۇراتنىڭ شۇ جەرياندىكى ئىدىيىۋىي ئۆزگىرىشلىرى، روسلارنىڭ چېچەنلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرى، ئەمەلدارلارنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىرى، ھاجى مۇرات ۋە ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە نەزەر بەنتكە ئېلىشى ، كېيىن ھاجى مۇراتنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنەلمەي قېچىشى، روسلارنىڭ قوغلاپ بېرىپ، جىق ئادەم ئاز ئادەم بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى كېسىپ ئەكىتىشى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى پوۋېست شەكلىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ چېچەنلەر توغرىسىدىكى پىكرىنى بايان قىلىدۇ، ئۇنىڭچە، ئۇلارنىڭ ھاجى مۇراتتەك ساتقىنىمۇ، روسلارنىڭ خېلى ئادەملىرىدىن ئۈستۈن ئىدى، ئۇلارنى تاڭ قالدۇرغان ئىدى. بۇ كىتابتا تولستوينىڭ بىر ساتقىننى قەھرىماندەك يېزىۋېتەلىشى ۋە قايىل قىلىشى ماڭا تەسىر قىلغانىدى. تولستوي پوۋېستىنى شېئىردەكلا باشلايدۇ، بىر گۈلنى (قايسى گۈل بولغىيتى) ھارۋا چاقى بېسىۋېتىدۇ، ئارقىدىن ئۇنىڭ بىرنەچچە شاخچىلىرى سۇنۇپ كەتسىمۇ، بۇ گۈل يەنىلا ئورنىدىن تۇرىدۇ، مانا بۇ تولستوينىڭ نەزىرىدىكى ھاجى مۇرات ئىدى؛ چېچەنلەر ئىدى. 


 




بۇ ۋاقىتلاردا ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئەسەد سۇلايماننىڭ ماقالىلىرى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئىكەن. «بۇ ئىككى ئىسىمنى نەدە كۆرسىڭىز، ماقالىسىنى ئوقۇڭ» دېدى بىر ساۋاقدىشىم، شۇ ۋاقىتلاردا ئەسەد سۇلايماننىڭ مەركىزى ئاسىيا توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش ماقالىلىرىنى، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار»،  «مەدەنىيەتتە مۇنازىرە روھى» قاتارلىق ماقالىلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇدۇم ۋە كىتابقا، بىلىمگە ، ئوقۇشقا كىرىشىپ قالدىم. ھە ئەلۋەتتە، ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىمۇ قىزىق تېما بولغان سىنىپتا، قايسىبىر ژۇرنالدىكى «ئوتۇن بازىرى» دېگەن شېئىرىنى تالىشىپ ئوقۇشقانىدۇق، بۇ دەل مېنىڭ 17~18 ياشقا كىرگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى، تولۇقسىزدا جىجىلاپ قويغان شېئىرلىرىمنى ۋە شۇ ۋاقىتتا يازغان شېئىرلىرىمدىن 10 پارچىنى «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»غا ئەكىرىپ بەردىم، بۇلاردىن تۆتنى بېرىپتۇ، 16 ياشقا كىرگەندە يازغان شېئىرىم 18 يېشىمدا ئېلان قىلىنىپتۇ، بۇ ماڭا ئالەمچە ھۇزۇر ۋە بەخت ئاتا قىلغانىدى، بۇ گەرچە تۇنجى ۋە ئاخىرقى ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان شېئىرىم بولسىمۇ، مېنى كىتابىي ھاياتقا ئەكىرىشتە مىسلىسىز رول ئوينىغان ئىدى. كېيىن ئادىل تۇنيازنىڭ «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى سېتىۋالدىم، «سۇنۇق كاسام سۇنغان سەنمۇ مەن، شاراپ قېنى مەن ئىچتىممۇ سەن؟»، «ئايرىلىمىز بىز چوقۇم» دېگەندەك مىسرالىرى كاللامدا قاپتىكەن. ماڭا ئاجايىپ سۆز ئويۇنىدەك بىلىنگەن شائىرلىق شۇ چاغلاردا. كۆپلىگەن ئەرزىمىگەن شېئىرلارنى يازغان بولساممۇ ھەممىسى خاتىرەمدىلا قالدى خالاس، ھازىر كونا يازمىلىرىم ئۇچراپ قالسا ئوقۇپ، مىيىقىمدا كۈلۈپ قويىمەن، نېمە دېگەن سەبىي، نېمە دېگەن سەمىمىي تۇيغۇلار-ھە!
ئەسەد سۇلايمان بىلەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماقالىلىرى توپلام بولسىدى دەپ تۇرساق، بۇ كىتابلار توپلام بولۇپ چىقتى، بۇلارنى زوق بىلەن ئوقۇشتۇق. مەمەت ئاۋاقنى بالىلار بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ، ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇشتۇق. كىتاب دېگەننى بۇ كىتابنى تالىشىپ ئوقۇغاندەك ئوقۇپ باقمىغان، قايسىدۇر بىرى نۆۋىتى كېلىپ كىتابنى ئاچىقىپ كەتكەندە، ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۈچ تۆت ۋاراقنى يىرتىۋېتىپتىكەن، دەھشەت غەزەبلەنگەن ئىدىم. «شاھنامە»نى ئارىيەت ئاچىقىپ، كۆپ ئوقۇيالماي، قايتۇرۇپ بەرگەن. «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، دېگەندەك كىتابلارنى ئارقا-ئارقىدىن بەس-بەستە ئوقۇشتۇق، ئوقۇدۇم. لېكىن بۇ ۋاقىتلاردا سەزگۈرلۈك ئېتىش، چاستۇتىنى يۇقىرى توغرىلىۋېلىش، يەنى ئاپتورنى مۇقەددەس بىلىۋېلىش بەك كۈچلۈك ئىدى. مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ ئىككى قىسمىنى ۋە پوۋېستلار توپلىمىنى ئاچىقتىم، پوۋېستلار ئۇزۇنراق بولغاچقا ئوقۇشقا خوشياقمىغان، ھېكايىلىرىنى شۇنداق قىزىقسىنىپ ئوقۇغان، ھېكايىلىرىنى ۋ س د پىلاستىنكىسى بولۇشتىن بۇرۇن ئوقۇغان، پىلاستىنكا چىققاندىن كېيىن سىنىپ بويىچە ھوزۇرلىنىپ كۆرۈشكەن ئىدۇق.
ئۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپنىڭ 1995-يىلى نەچچە ئون نەچچە مىڭغا ئالغان ۋ س د ئاپىراتى ۋە يوغان بىر تېلېۋىزورى بار ئىدى، ئارىيەت ئاچىقىپ كۆرىشىمىزگە رۇخسەت قىلاتتى. يانچۇقىمىزدە نەچچە ئون كوي تۇرۇپ «بۇزۇلۇپ كەتسە تۆلەيمەن» دەپ قول قويۇپ ئاچىقىۋالاتتۇق. ئۇ ۋاقىتتا كىنو دېگەننى (شەنبە، يەكشەنبىلەردە) سىنىپتا كۆرەتتۇق، بەك بولمىسا كىچىككىنە ياتاققا 30~50 بالا قاغا قونغاندەك كارىۋاتلارغا قونىۋالاتتۇق. «ھابابام سىنىپى» دېگەنلەرنى كۆرگەندە مەكتەپنى كۆتۈرۈۋەتكەن. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تارىخى»نى ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ كۆرگەن. ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇشۇ يەرلىرى بولاتتى. سىنىپ بويىچە ئەڭ ئاز ئۆگىنىش قىلىدىغان ئوقۇغۇچى ئىدىم. كۆپىنچە ۋاقتىم كىنو كۆرۈش، باشقا كىتابلارنى ئوقۇش، توپ (ۋالىبول، ۋاسكىتبول، تىكتاكتوپ) قاتارلىقلارنى ئويناش بىلەن ئۆتۈپ كېتەتتى، تىكتاكتوپنى ئويناۋېرىپ، ئىشخانىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ كاللىسىنى ئاغرىتىۋەتكەن بولساق كېرەك، بىر قېتىم چىقىپ خاپىلاپ كەتكەن، بىز ئەينەك قۇرۇلمىغا مۆكۈۋالغان ئىدۇق. ئۇ ۋاقىتلار يېزىپ تەسۋېرلىگۈسىز گۈزەل ۋە نوچى ئىدى. مەكتەپنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇغاچ دەرس تەكرارلاش ئۈرۈمچىگە تەڭ ئىدى.

بىر نەچچە بالا بىلەن مەكتەپنىڭ ئۆگزىسىدە قايسىدۇر بىر كىتابنى ئوقۇۋاتاتتىم، بىر ۋاقىتتا  ئۆگزىدىن پەسكە قارىدىم، بەشىنچى قەۋەت ئۆگزىدىن پەستىكى ئادەملەر قىزىقارلىق كۆرۈنەتتى، بىر ۋاقىتتا: «ئەگەر بىرى مۇشۇ ئۆگزىدىن تاشلىۋېتىمەن، ئىمانىڭدىن يانامسەن، يانمامسەن؟  دېسە قانداق قىلارمىز، توۋا، ئەجەب ئېگىزكەن بۇ يەر!» دېدىم، شۇنداق دېگىنىمنى بىلىمەن، بىردەمدىن كېيىن، قوللارنىڭ ئارىسىدا قالدىم، ھېلىقى ئىككى ساۋاقدىشىم يۈگۈرۈپ كېلىپ مېنى كۆتۈرۈۋېلىپ، پەسكە ساڭگىلاتقان ئىدى، «ئېمانىڭىزدىن يانامسىز؟» ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە پىخىلداپ كۈلۈشەتتى، مېنىڭ يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالدى، گەپمۇ قىلالماي قالدىم، ھەسىرەپ كەتتىم، بىر نەچچە دەقىقە بىر نەچچە ئەسىردەك بىلىنىپ كەتتى، ئۇلار چاقچىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مېنى ئۆگزىگە قويۇپ قويغاندىمۇ، خېلى ۋاقىتلارغىچە ئېسىمگە كېلەلمىدىم، ھازىرمۇ ئېگىز يەرگە چىقسام، سەل ھۇدۇقىمەن.
مەكتەپتە «كەلىلە ۋە دەمىنە» نى تەرجىمە قىلغان ئۇستازلار، شۇنداق بىلىملىك مۇئەللىملەر بار ئىدى، ئۇلار ئىلمىي پاراڭلارنى كۆپ قىلىپ بېرەتتى، ئەتراپغا قوزىلاردەك ئولىشىۋالاتتۇق. «ئانا يۇرت» نى تالىشىپ ئوقۇشقان، شۇ ۋاقىتلاردا «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»نى قالدۇرماي ئوقۇيتتىم. ئادىل يىلدىرىم ھېكايىلىرىگە مەھلىيا قىلىۋالغانىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئادىل يىلدىرىم، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن دەسلەپتە تونۇشقان. بىر دوستۇم ژيۇل ۋېرننىڭ «سىرلىق ئارال» دېگەن كىتابىنى دۈم يېتىپ ئوقۇپ كەتكەن ( بۇ كىتابنى كېيىن ئوقۇدۇم). سىلەرمۇ ئوقۇڭلار دېسە، خېتىغا قاراپ ئوقۇغۇم كەلمەپتىكەن. مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا «بۈگۈنكى جوڭگو» قاتارلىق ئەرەپچە ژۇرنال ۋە خەنزۇچە ژۇرناللار  بار ئىدى، بىلگىنىمىزچە، بىلمىگەننى رەسىمگە قاراپ بولسىمۇ كۆرۈشەتتۇق، شىنجاڭ مەدەنىيىتى ئاشمايتتى، ئۇنى يەنىلا سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ۋاقىتلاردا خالىدە ئىسرائىلنىڭ بەزى ھېكايىلىرى، نۇرمۇھەممەد توختىكامنىڭ بەزى ھېكايىلىرى، ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ ھېكايىسى، ياسىنجان سادىقنىڭ «بېلىقچى ھەققىدە ھېكايە» دېگەندەك ھېكايىلىرىنى ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «تەييا باي» قاتارلىق يومۇرىستىك ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان، نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ»ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇپ، يىغلاپ كەتكەن. ساۋاقدىشىمىز ھەبىبۇللا توختىنىڭ «تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى» ناملىق شېئىرى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا قۇربان مامۇت ئەپەندى مەكتەپكە كەپتىكەن، «ۋاي! شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ باش مۇھەررىرى» دېيىشىپ كەتكەن ئىدۇق. مەكتەپتىن ئارىيەت ئاچىققان بەزى كىتابلارنى تولۇق ئوقۇمىغان، مەسىلەن: «شاھنامە»، «مەجالىسۇن نەفائىس»، «تارىخى ئەمىنىيە»، «ھەيراتۇل ئەبرار»،«ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»....قاتارلىقلارنى. داۋۇت ئوبۇل قاسىمنىڭ«ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» ناملىق تەرجىمە كىتابى ئۆزى ئەرزان، كۆرۈمسىز بولسىمۇ كۆپ نەپ بەرگەن. بۇ ئادەمنىڭ ماقالە، تەرجىمىلىرى ئاز بولسىمۇ، بەك نەپ بېرىدۇ. ھەقىقىي ئەھمىيەتنى تونىتىدۇ.
بۇ ۋاقىتلاردا ئابدۇرېھىم دۆلەت نام چىقىرىۋاتاتتى. بۇ ئاكىمىزنىڭ ماقالىلىرىگە مەھلىيا بولۇپ قالدىم، مۇھاكىمىلەر قىلىشىپ كېتەتتۇق سىنىپتا، ئادىل ئابدۇقادىرنىڭ ماقالىلىرىمۇ تەسىر قىلىپتىكەن شۇ چاغلاردا. مەنمۇ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى جىجىلاپ بېقىشقا باشلىدىم. بىر سان جوڭگو مۇسۇلمانلىرىغا ئىككى پارچە ماقالە بەرسەم، ئىككىلىسى ئېلان قىلىنىپتىكەن، ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى ئېلان ئىشلەپ ، ماقالەمدىن بىر پارچە ۋە مەن توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، مەكتەپنىڭ تام دوسكىسىغا ئېسىپ قويغانىدى، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە«نامىم» چىقىپ كەتتى، ھالبۇكى مەن مەكتەپتىكى ئەڭ تارتىنچاق، ئەڭ كەمسۆز، مۆڭ بىرى ئىدىم. لېكىن ئويۇنخۇمار ئىدىم. مەكتەپ مۇدىرىمىزمۇ ئالاھىدە ياتاققا كىرىپ، مۇبارەكلەپ چىقىپ كەتتى، مۇشۇنداق ئىشلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەھمىيىتى بولىدىكەن،  سېنى ئىلىمگە تېخىمۇ باغلاپ قويىدىكەن، كىتابقا سېنى تېخىمۇ ئامراق قىلىۋېتىدىكەن، مەكتەپتە خېلى جىق كىتابلارنى ئوقۇغان.
بىزنىڭ كەسپى پەنلەر كىتابلىرى قەدىمىي قول يازمىلار بولۇپ، ئەرەب ھۆسىنخەتلىرى جۇلا قىلىپ تۇراتتى. مەن شۇ سەللە يۆگىۋالغان ئىلىم سۆيەر كىشىلەرنىڭ يۈكۈنۈپ ئۈچبۇرجەك بولۇپ ئولتۇرۇپ، جىنچىراغ يورۇقىدا قومۇش قەلەمنى دۆۋەتكە تەككۈزۈپ، قۇرمۇ قۇر، رەڭنى چاچرىتىۋەتمەي، ئىنتايىن يۈكسەكلىك بىلەن بۇ كىتابلارنى پۈتۈپ چىققانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. مۇسۇلمانلارنى ئىلىمنى سۆيمەيدۇ دېگەنلەرنىڭ ھەر جايدا دەككىسىنى بەرسەم دەيمەن، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدەك ئالىملار بىر ئۆمۈر سىيا ۋە دۆۋەتنى كۆتۈرۈپ ئۆتكەن ئادەملەر ئىدى. شۇ جەرياندا ئابدۇقادىر داموللام تۈزگەن «مىفتاھۇل ئەدەب» (ئەدەبىياتنىڭ مۇقەددىمىسى) قاتارلىق ئەسەرلەرنىمۇ ئوقۇدۇق. دېمەككى، بىزنىڭ مەكتەپ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە پۈتمەس – تۈگىمەس بۇلاق ئىدى، ئىجتىمائىي پەننىڭ بۆشۈكى ئىدى، شەرقنىڭ ئەسەرلىرى، ئەرەبىي، پارىسىي، تۈركىي ئەسەرلەردىن مەڭگۈ ئايرىلالمايدۇ. شەرق دېمەك، ئىسلام مەدەنىيىتى دېمەك؛ شەرق دېمەك، تۈرك مەدەنىيىتى، پارىس مەدەنىيىتى ، ئەرەب مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى دېمەك. شىنجاڭ داشۆدىكى پروفىسسورلارمۇ بەزىبىر قەدىمىي مىراسلارنى دەلىللەتكىلى بۇ مەكتەپكە ئەكىلەتتى.
مەكتەپتىكى كىتابلارنى ئارىيەت ئاچىقىپ كىتابلار دۇنياسىنى چۈشەنگەچ، كىتابخانىغا كۆپ قاترايدىغان بولدۇم،  كىتاب يېڭىلىقلىرىغا كۆپ دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. كۈندە دېگۈدەك كىتابخانىغا باراتتىم. مەكتەپنىمۇ پۈتتۈردۇق، يالغۇز قالدىم، ئۇنى بۇنى جىجىلىدىم، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قالدۇرماي باستى، نەچچە يۈز پارچە تەبرىك خەت تاپشۇرۇۋالدىم، بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان ئىدىم. كىتاب دۇنياسى مېنى ئۆز قوينىغا تولۇقى بىلەن ئەكىرىپ كەتتى....
ئەمدى كىتابقا ھەۋەس قىلغان تۇيغۇلىرىمغا ئازراق قۇر بېرىپ(بۇنداق قىلساق ئۇششاق گەپلەر كۆپ بوپ كەتكۈدەك)، ماڭا تەسىر قىلغان بەزى نوپۇزلۇق- چوڭ كىتابلار توغرىسىدا سۆزلەي:
ئىزدىنىشقا ئېلان قىلغان ئالدىنقى «كىتاب ئوقۇش تەسىراتى» ناملىق يازمامدا «يۈز يىل غېرىبلىق»، «مەمەت  ئاۋاق»، «تىرىلىش»لار توغرىسىدىكى قىسقىچە تەسىراتىمنى يازغانىدىم، تۆۋەندىكىسى  شۇنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يوللىنىدۇ:












  4. «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»: تولستويغا بولغان قايىللىقىم ھاجى مۇراتتىن ئۆتۈپ، «تىرىلىش»تا ۋايىغا يەتكەن ئىدى، 2006-يىللىرى ئۇنىڭ «دۇنيا ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىنغان «ئىقرارنامە» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»نى ئالغانىدىم، بۇنى قىرغىزىستاندا ھۇجرامدا ئوقۇپ تۈگەتتىم... ئاپتور روستوف، كېنەز ئاندېرىي، پېيىر، كورچاگىنلاردىن ئىبارەت تۆت ئائىلىنى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋېتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، روس جەمئىيىتىنىڭ ناپالېئون تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنىڭ ئالدى-ئارقىسىدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىدۇ. رومان بىر ئاقسۆڭەكلەر يىغىلىشىدىن، يەنە كېلىپ ئاننا پاۋلوۋنانىڭ سۆزىدىنلا  باشلىنىدۇ، ماڭا بۇنداق باشلىنىشى ھەيۋەت بىلىنگەن. تولستوينىڭ بابلىرى ئۇزۇن ئەمەس، ئەمما، ئۇ تورمۇشنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنىڭ ئوبدان يورۇرۇتۇشقا تىرىشىدۇ، ناپالېئون تاجاۋۇز قىلىپ كېرىشتىن بۇرۇن، روس ئاقسۆڭەكلىرى فرانسوز تىلىنى ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدا قوللىنىدۇ، بۇ كىتابتا بايىقى تۆت ئائىلىنى مۇناسىۋېتى، كىنەز ئاندېرىي بىلەن پېيىرنىڭ مۇنازىرىلىرى، ناتاشانىڭ كۈلكىسى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى، مارىيەنىڭ سىرلىق ھاياتى، ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى ، پېيىرنىڭ ئايالىنىڭ شاللاقلىقى، ناپولېئوننىڭ  روس ۋە ئاۋستىرىيە قوشۇنى بىلەن ئائۇستىرلىتس ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىشى ۋە روس بىلەن ئاۋستىرىيىنىڭ مەغلۇب بولىشى، كېنەز ئاندرېي دېگەن ياشنىڭ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ يارىدار بولۇشى ۋە ئۆلۈم –ھايات توغرىسىدا ئويلىنىشى، پېيىرنىڭ ئايالىنىڭ ئىشلىرىدىن يىرگىنىپ، ماسۇن بولۇشى، كېيىن ناپولېئوننىڭ رەسمى تۈردە روسىيەگە 500مىڭ كىشىلىك خىل قوشۇن بىلەن تاجاۋۇز قىلىشى، ئوردىدىكى مۇنازىرىلەر، قېرى گېنىرال كۇتۇزۇفنىڭ باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىشى، بەزىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشى، پادىشاھ ئالېكساندېرنىڭ قېنى قىزىقلىق بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولۇشى، ئەكسىچە كۇتۇزۇفنىڭ چوڭ ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ ئانچە –مۇنچە قارشىلىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا كەينىگە چېكىنىشى، (مەن ھېلى كىنولاردىكىدەك چوڭ ئۇرۇش بولىدۇ، ئىككى قوشۇن قوشۇلۇپ كېتىدۇ، دەپ ھاياجانلىنىپ ئوقۇغان، لېكىن تۆت توم كىتاب تۈگىگىچە ئەسلا بۇنداق ئۇرۇش بولمىدى)، شەھەرلەرنى پەيدىنپەي تاشلاپ چېكىنىشى(كوتۇزۇف بىر قېتىم ئەتە جەڭ بولىدۇ، دەپ چىقسا، ئەسكەرلەر خىيالى پاراڭلىرىنى سېلىپ، ئۇخلايدىغانلار ئۇخلاپ تۇرىدۇ، بۇ بىچارە قوماندان تىللاپ كېتىدۇ)، دېھقانلارنىڭ ئاندا ساندا قارىشىلىقلىرى، ئوردىدا باشقا قوماندان تەيىنلەش توغرىسىدىكى ئىختىلاپلار، ھەتتاكى ناپولېئون موسكۋاغا بېسىپ كىرگەندىمۇ چوڭ ئۇرۇشنىڭ بولماسلىقى، ياش-قېنى قىزىق  پادىشا ئالېكساندېرنىڭ كۇتۇزۇفنىڭ قېرى ئەبلەخ دەپ تىللىۋېتىشى، راستوپچىن قاتارلىقلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، خەلقنى ناپولېئونغا قارشى قۇترىتىشى (بۇنى ئەينى ۋاقىتتا روسلار خاتالىق دەپ قاراشقان، بۇنداق قىلغاندا، ناپالېئونغا باھانە بولۇپ بېرىدۇ)، روسلارنىڭ ئەل بولماي، شەھەرنى تاپشۇرماي ئەكسىچە نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، موسكىۋانىڭ يېرىمىدەك يەرگە ئوت قويۇۋېتىپ چىقىپ كېتىشى، ناپولېئوننىڭ شەھەرنى تاپشۇرىدۇ، دەپ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى، «نېمە دېگەن چېركاۋ كۆپ، خۇراپىي يەر بۇ» دېگەنلىكى، كېيىن، مەقسەتكە ئېرىشكەندەك بولۇپ قالغان فرانسوز قوشۇنلىرىنىڭ موسكىۋانى بۇلاڭ تالاڭ قىلىپ، ھارۋىلاردىكى زەمبىرەكلەرنى تاشلىۋېتىپ، بايلىقلارنى بەس-بەستە ھارۋىلارغا بېسىشى، قايسىدۇر بىر كۆۋرۈكتىن، قىستاڭچىلىقتا بەك ئۇزۇن ۋاقىتتا ئۆتكەنلىكى (تولستوي بۇ يەرنى بەك ئۇزۇن تەسۋېرلەيدۇ)، فرانسوزلاردا چېچىلاڭغۇلۇق بولۇپ، كېيىن روسلارنىڭ پارتىزان، دېھقانلار قوشۇنلىرى ئۇلارغا زەربە بەرگەنلىكى، ئارمىيىنىڭ قايتا ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى، ئاخىرى، ناپولېئوننىڭ ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى سەلتەنەتلىك ئۇسلۇبتا بايان قىلىدۇ. تولستوي كۇتۇزۇفنىڭ چوڭ ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ (بۇ قوماندان ئەسكەرلىرىنىڭ ناپولېون قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە كېرەك)، چېكىنىشىنى ئاقىلانىلىق دەپ تەسۋېرلەيدۇ، ھەمدە راستوپچىن قاتارلىقلارنىڭ قۇتراتقۇلىقىنى خاتالىق سۈپىتىدە يازىدۇ، ھەتتا ئوردىدىكى باشقا قوماندان تەيىنلەش ئىختىلاپلىرىنىمۇ خاتالىق قىلىپ يازىدۇ. بۇ ۋەقەلەردە ئائىلىۋىي تۇرمۇشلار بىلەن ئۇرۇش بىر گەۋدىلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا تولستوي ئۆزىنىڭ ئالەم، تەقدىر، ئۇرۇش، پادىشاھلار توغرىسىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلىرىنى بايان قىلىدۇ. تولستوي ناپولېئوننى گەرچە «ھارامدىن بولغان» دېمىسىمۇ،  لېكىن شۇنداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيدۇكى، فرانسوزلارنىڭ چوقۇم ئاچچىغى كېلىپ كېتىدۇ (قايسدۇر بىر كىتابتا رومىن روللان تولستوينىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىقىدۇ، ئۇ بېشىدىلا «تولستوي فرانسوزلارنىڭ ياخشى دوستى» دەپ باشلايدۇ، بۇنىڭدىن فرانسوزلارنىڭ تولستويغا مەلۇم ئاچچىقىنىڭ بارلىقى چىقىپ تۇرىدۇ): ئۆزى فرانسوز بولمىغان، يەنە كېلىپ كېلىپ چىقىشى ئېنىق بولمىغان، ئىنتايىن ساختىپەز بولغان (ناپولېئون سىياسى ئۆزگىرىش بىلەن ھوقۇقنى تارتىۋالغان)، رەھىمسىز بولغان (ئۇ مىسىردىكى 400مىڭ قوشۇننىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى يوق فرانسىيەگە يېنىپ كەلگەن)، خائىن بولغان( ئۇ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېمپىراتورلۇقنى تىرىلدۈرگەن).. تولستوي ئەنە شۇنداق سۈپەتلەر بىلەن ناپولېئوننىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. بۇ كىتابنىمۇ چوقۇم بىر ئوقۇش كېرەك دەپ قارايمەن، مەن بۇ كىتابنى بىرلا قېتىم ئوقۇغان 2007-يىلى، كېيىن، قېرىندىشىم جۇشادا قالغان بۇ كىتاب.







5. «ئۆتكەن كۈنلەر»: ئابدۇللا قادىرىينىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان، «ئۆتكەن كۈنلەر»نىڭ داڭقىنى كۆپ ئاڭلىغان. بۇ ئادەم ئەسەرلىرىنى روھ بىلەن يازىدۇ، ئەلۋەتتە روھ ئەدەبىياتنىڭ جېنى، قېنى؛ روھ بولمىسا ئەدەبىيات بولمايدۇ، سەنئەتمۇ بولمايدۇ، شۇ نۇقتىدىن كىنولارمۇ بۇ «روھ»نى ئەسلى ئەدەبىي ئەسەردىكىدەك ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، يۈكسەك دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىدۇ خالاس. ئابدۇللا قادىرىينىڭ ھاياتى، تۇرمۇشى، ئىش-پائالىيەتلىرى، نەزەربەنتكە ئېلىنىشى، پاكىز قەلەم تەۋرىتىدىغانلىقى، ئىنسانپەرۋەر يازغۇچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپ ھېكايەتلەرنى ئاڭلىغان. بۇ ئادەمنىڭ روھىنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا يېقىن ھېس قىلغان. بۇ ئادەمنى يەنە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغىمۇ ئوخشىتىمەن؛ ناۋادا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر رومان يازسا «ئۆتكەن كۈنلەر»نى يازاتتى؛ ئابدۇللا قادىرىي شېئىر يازسا «ئابدۇخالىق شېئىرلىرى»نى يازاتتى. بۇ روماندا جۇلقۇنباي- يەنى ئابدۇللا قادىرىي دەۋرنى كەينىگە ياندۇرۇپ تۇرۇپ، قەلەم تەۋرىتىدۇ، روماندا يېڭىلىقپەرۋەر، روس دىيارلىرىدا سودا قىلىپ يۈرۈپ يېڭىلىق بىلەن ئۇچراشقان ئاتابىك يۈسۈپ بېك ھاجى ئوغلى تاشكەنتتىن مەرغۇلانغا كېلىدۇ، ئۆستەڭ بويىدا كۈمۈش بىبىنى كۆرۈپ ئاشىق بىقارار بولىدۇ، دادىسى تاشكەنتتىكى قىپچاقلارنى قىرىۋاتقان ھاكىمنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، سىياسەت توغرىسىدا ئوغلىغا ئويلىنىپ سۆزلەش توغرىسىدا خەت يازىدۇ، چاكىرى ئۇنىڭ ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىدىن خاۋاتىرلىنىپ، غەم يەيدۇ، ئاتابىكنىڭ كەلگەنلىك  خەۋىرىنى ئاڭلىغان بىر دوستى، ھامىد ئىسىملىك بىرى بىلەن ئۇنى يوقلاپ كېلىپ، پاراڭلىشىدۇ، ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ، كېيىن، بىر باي بۇلارنى مېھمان قىلىدۇ، شۇ يەردە ئاتابىكنىڭ ئىستىداتى ئايان بولىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ چاكىرى بىلەن قۇتىدار دېگەن باي كېلىشىپ، ئۇنىڭ تويىنى قىلماقچى بولىدۇ، ئاتابىك، غەمكىن ھالدا قوشۇلسىمۇ، لېكىن توي كېچىسى قىزنىڭ كۈمۈش بىبى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەر ئىككى ياش خۇشاللىققا چۆمىدۇ،
بۇ روماندا ئاتابىك بىلەن كۈمۈش بىبىنىڭ ساپ مۇھەببىتى باش تېما قىلىنىپ ، شۇ ۋاقىتلاردىكى قۇقەنت خانلىقى، مۇسۇلمانقۇلنىڭ ئىستىبداتى، ئەيش-ئىشرەتكە چۆككەنلىكى، بۇ خانلىقنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ  خارابلىششى،   روس دىيارلىرى بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسى، ئاتابىكنىڭ ئانىسىنىڭ ئوغلىغا تەتۇر قاراپ ، باشقا زەينەب ئىسىملىك بىر قىزنى ئەپبېرىشى، كۈمۈشتىن ئىشتەي ساقلاپ يۈرگەن ھامىدنىڭ ئارىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ، كۈمۈش بىلەن ئاتابېكنى ئايرىۋېتىشى، كېيىن ئاتابىكنىڭ ھامىدنى ۋە ئىككى شېرىكىنى تەڭ ئۆزى ئۆلتۈرۈپ ھەممە رەزىللىكنى ئاشكارا قىلغانلىقى، كۈمۈشنىڭ مەرغۇلاندىن تاشكەنتكە كېلىشى، زەينەب بىلەن كۈمۈش- بۇ ئىككى كۈندەشنىڭ كۈندەشلىك كۆرىشى، زەينەبنىڭ باشقا بىر خوتۇننىڭ ئۆگىتىشى بىلەن كۈمۈشكە زەھەر بېرىشى ، ئاخىرى ئاتابېكنىڭ بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، روسلارغا قارشى ئۇرۇشقا كېتىشى، كېلىپ كۈمۈشنىڭ قەبرىسىنى يوقلىشى، زەينەبنىڭ ساراڭلاردەك «مەن كۈمۈش» دەپ ئۇنىڭ كەينىدە جۇل-جۇل كېيىملىك قورقۇپ تۇرىشى .. قاتارلىق ۋەقەلەر تەسۋېرلىنىدۇ، بۇ روماندا ساپ ئۆزبېك تۇرمۇشى تەسۋېرلىنىدۇ، ئاتابېكنىڭ دادىسىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى، يىراقنى كۆرەرلىكى، كۈمۈش بىلەن ئاتابېكنىڭ قەدىمىي دىۋانلارنى ئوقۇپ، مۇشائىرە قىلىشى، ئاخىرىدا ئاتابېكنىڭ روسلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قازا قىلىپ بۇ روماننىڭ تۈگىشى ئادەمنى ئاجايىپ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، مانا بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىدە بايا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «روھ» بار...
«مېھرابتىن چايان» گەرچە «ئۆتكەن كۈنلەر»دەك مۇكەممەل ۋە پىشقان ئەسەر بولمىسىمۇ، لېكىن، بۇمۇ ئابدۇللا قادىرىينىڭ ئاشۇ خىل «روھ»ىنىڭ داۋامى، تېخىمۇ كەسكىن ئىپادىلىنىشى، ئەنۋەر تىلىدىن بېرىلگەن: «مېنى قۇتقۇزۇپتۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، مەن ۋىجدانىمنى قۇتقۇزدۇم» دېگەن ۋە رەقىبىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: «كۈلۈشكە ھەققىڭ بار، سەن ئىپلاس ۋىجدان بىلەن غالىپسەن؛ مەن پاك ۋىجدان بىلەن مەغلۇبمەن» دېگەن گەپلىرى كىشىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئابدۇللا قادىرىي ياش بولسىمۇ، ئەدەبىياتتا ئۇتۇق قازانغا شەخس بولۇپ، ئابدۇللا توقاي، لۇتپۇللا ، ئابدۇخالىقلاردەك تەسىر بېرىدۇ كىشىگە. ئۆزبېكلەر «ئۆتكەن كۈنلەر»دەك بىر رومان يازدىمۇ، يازمىدىمۇ بىلمەيمەن ھازىر!




6. «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»: مەكتەپتە چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ «جەمىلە»سىنى ئوقۇغان، ئانچە تەسىر قىلمىغان، كېيىن قىرغىزىستاندا قىرغىزلاردىن بۇ ئەسەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىسام، بىر قىرغىز «ھە، ھېلىقى بېتى يوقنىڭ ھېكايىسىمۇ» دېدى، ئۇ جەمىلە نى  ئېرىنى قويۇپ باشقىلار بىلەن كەتكەن نومۇسسىز  دەۋاتاتتى. ئەمما بۇ ئەسەرنى سەنئەتكارلار ناھايىتى نەپىس چىققان ئەسەر دەپ قارايدىكەن. كېيىن بۇ ئادەمنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن» ناملىق رومانىنى ئوقۇدۇم، بۇ ئادەم باشتىن ئاخىر بۇ روماندا بىر كۈننى يازىدۇ، ئۇنىڭدا قازاقىستاننىڭ ئالەم قاتنىشى قۇرۇلمىسىغا يېقىن بىر ئۆتەڭ پويىز بېكىتىدە ياشايدىغان بىرنەچچە شەخسنىڭ ھاياتى تەسۋېرلىنىدۇ، ئاپتور قازانقاپ دېگەن بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى تۇتقا قىلىپ، دەۋرنى ئۆتمۈشكە ۋە كەلگۈسىگە سوزاپ ، ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ، قازان قاپنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ئۇنىڭ يېقىن سەپدىشى يېدىگەينىڭ ئۇنى ۋەسىيىتى بويىچە تۆگىسى ئاقماياغا مىندۈرۈپ بۇرۇنقى قەبرىستانلىققا قويماقچى بولغانلىقى، قازانقاپنىڭ ئوغلىنىڭ شەھەردە ياشاپ ياتلاشقانلىقى، مىللىتىنىڭ ھەممە نېمىسىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى، مۇشۇ يەرگە كۆمسەكمۇ بولىدۇ، ئالدىراش ئىشىم بار دەپ غۇدۇرىغانلىقى، ئامالسىز ئۇلارغا ئەگىشىپ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇندىماقچى بولغانلىقى، ئۇلار بارىدىغان قەبرىستانلىقنىڭ قەدىمىي بىر يۇرت ئىكەنلىكى، ئۇ يۇرتتا بىر پادىشاھلىقنىڭ بولغانلىقى، ئۇ پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىقى جۇرجانلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، شاھ ۋە شاھزادىلەر ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، پەقەت بىر شاھزادە –يولئامان بىلەن ئانىسى قالغانلىقى، خانىشنىڭ يولئاماننىمۇ ئۇرۇشقا ئەۋەتكەنلىكى، ئۇنى جۇرجانلارنىڭ تۇتۇۋېلىپ، بېشىنى پاكىز چۈشۈرۈپ، يېڭىلا سويۇلغان تۆگىنىڭ ئىسسىق قېرىنىنى بېشىقا كىيدۈرۈپ قويغانلىقى، ئۇنىڭغا    ئاش نان تاشلاپ بېرىپ، ئاپتاپقا باغلاپ قويغانلىقى، بۇ ئىسسىقتا قېرىننىڭ تارىيىپ، باشنى كۈندىن كۈنگە سىققانلىقى ۋە باشتىن ئۈنگەن چاچنىڭ قېرىننى تېشىپ چىقالماي، ئارقىغا ئۆسۈپ، مېڭىگە كىرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن شاھزادىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتىغانلىقى، ئۇلارنېمە دېسە قىلىدىغانلىقى، نېمە دېسە دەيدىغانلىقى، بەك ياۋاش ئادەم بولۇپ قالغانلىقى، كېيىن ئانىسى كېيىنكى كۈنلەردە يېدېگەي مېنىپ كەلگەن ئاقمايانىڭ بوۋىلىرىدىن بىرنى مېنىپ، ئوغلىنى ئىزدەپ كەلسە، ئوغلىنىڭ ئانىسىنى تونىماي ئوق ئۈزگەنلىكى، ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ، سېنىڭ داداڭ دۆنەباي دەپ قۇشقا ئايلىنىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكى، يېدىگەينىڭ قازانقاپ جەسىتىنى شۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن قەبرىستانلىققا قويماقچى بولۇپ ماڭغاندا، روسلارنىڭ ئالەم قاتنىشى سېستىمىسى تەۋەسىگە كىرىشكە بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى توسۇپ قويغانلىقى، بۇ ئالەم قاتنىشى سېستىمىسىدىن بىر ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇپ چىقىپ، (تېنچ ئوكياندىكى ئالەم قاتنىشى سېستىمىسىدىنمۇ بىر ئامېرىكىنىڭ ئالەم كېمىسى ئۈچۇپ چىقىپ ) ئالەمدە بىرلىشىپ، تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ خەتلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنىپ، يەردىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشمەيلا ئۇلار بىلەن تاشقى پىلانتقا بېرىپ كەلگەنلىكى، تاشقى پىلانتتا نوپۇسنىڭ جىقلىقى ، مۇھىتنىڭ ياخشىلىقى، تاشقى پىلانتلىقلارنىڭ ئەسلا ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقى ئەكسىچە، قانداق قىلىپ كۈنىمىزنى تەرەققىي قىلدۈرالايمىز دېگەننىلا ئويلايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى روس ۋە ئامېرىكىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈنلىكى ، ئۇلاردا بىر مەسىلىنىڭ- يەنى ئەللىك مىليارد يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ پىلانتىغا تەسىر كۆسىتىدىغان   ھەمرا تاشلار بۇلۇتى مەسىلىسى ئىكەنلىكى (بۇلارنى يەرشارىدىكى ئورۇنسىز ئىختىلاپلار  بىلەن سېلىشتۇرما قىلىدۇ)........... قاتارلىق ۋەقەلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بىر كۈننى ئۆتمۈشكە ۋە كەلگۈسىگە ئۇلايدۇ، ئۇنىڭدا تەرەققىي قىلغان ئەللەر بىلەن تەرەققىياتى تۆۋەن يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئەھۋالى سۆزلىنىدۇ، بىر جۈملە سۆز دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ «  پويىزلار غەربتىن شەرققە، شەرقتىن غەربكە ئۆتۈپ تۇرىدۇ...»
بۇ ئادەمنىڭ «قىيامەت» رومانىنى ئوقۇيالمىدىم. «ئاق پاراخۇت» پوۋېستىمۇ ناھايىتى ياخشى  يېزىلغان، مۇھىتنى بۇلغىماسلىق، دەرەخلەرنىڭ قالايمىقان كەسمەسلىك، بۇغىلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرمەسلىكنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان پوۋېست شەكلى بىلەن بايان قىلىدۇ، ئەمما بۇ ئادەمنى توتېمنى بەك كۆپتۈرۈۋېتىدىكەن، دەپ ھېس قىلدىم.


7.«خارلانغانلار»: ۋىكتور ھيۇگونىڭ بۇ كىتابىنى ئۆزھال كۆپ قېتىم ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئېلىپ قويۇپ ئالاھىدە بىر كەيپىياتقا توغرىلايمەن دەپ ئوقۇيالمىغان ئىدىم. بۇلتۇر بەشىنچى ئايدا بىر ئىككى باب ئوقۇپ، تاشلاپ قويغانچە قايتا قولۇمغا ئالماپتىكەنمەن. بۇ قېتىم ئوقۇپ كىرىشىپلا كەتتىم، مېنى بىئارام قىلىۋاتقىنى، كىتابنىڭ بەدىئىيلىكى ئەمەس، بەلكى، قەلبىمدە تىكلەنگەن گىگانت يازغۇچى تولستويدىنمۇ گىگانت تۇيۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر يازغۇچىنىڭ سىماسىنىڭ قەلبىمدە تىكلىنىۋاتقانلىقى ئىدى. بۇ كىتابنى 2008-يىلى بىر كونا كىتاب ساتىدىغان ئاتۇشلۇق كىتابپۇرۇش تونۇشۇمدىن ئالغان. بىرىنچى كىتاب كونىراق ئىدى؛ ئىككىنچى كىتابنىڭ مۇقاۋىسى يىرتىلىپ كەتكەنىكەن؛ ئۈچىنچى كىتاب بولسا، پاتقاققا، ياكى ئۈرۈمچىنىڭ قاپقارا بولۇپ كەتكەن قاردىن شەكىللەنگەن يۈندىگە چۈپكەتكەندەكلا كۆرۈمسىز ئىدى، مۇقاۋىسىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان سېرىق سۇ، بىر كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكىمىكىن دېگەن قاراشقىمۇ كەلتۈرەتتى، مۇشۇنداق بىر دۇنياۋىي  ئەسەرنىڭ مۇشۇنداق كونا كىتاب ھالىتى مېنى بىئارام قىلاتتى، چۈنكى، مەن دەپتەردىن باشقا،كىتابقا ئىسمىمنىمۇ يازمايتتىم، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا قۇرئان ئوقۇغاچ، سىزماسلىق، يىرتماسلىق، قاتلىماسلىق، خەتكۈچ سېلىش دېگەنلەرگە بەك رېئايە قىلغاچقا، بۇ كاللامنى خېلى ۋاقىتلارغىچە بىئارام قىلدى، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىشىم كېرەك ئىدى. كىتابنىڭ بابلىرى قىسقا، ۋەقەلىك ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھيۇگو تولستويدەك سەلتەنەتلىك ئۇسلۇبتىلا يېزىپ قالماي، بەلكى بەدىئىي  قىممىتى يۇقىرى بولغان ئىنتايىن، ھەتتا بىزلەرمۇ مۇنداقلا ئىشقۇ دەپ ئۆتۈپ كېتىدىغان كىچىك، ئىنتايىن كىچىك بايانلارنىمۇ راستچىللىق بىلەن دىققىتىدىن ساقىت قىلىۋەتمىگەنىدى. بۇ كىتابنى ئوقۇپ چۆكۈپلا كەتتىم، قالتىس ھاياجانلاندىم، ھيوگو رومانتىزملىق ئەدەبىياتنىڭ چوققىسىدىكى شەخس بولغاچقا، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنىڭ نەدە بولىدىغانلىقىنى، قانداق يەرنى قانداق يېزىش كېرەكلىكىنى، ئوقۇرمەنلەرنى قانداق قىلغاندا لەرزىگە سېلىپ، ۋۇجۇدىنى تىتىرىتىپ، ئۇيان-بۇيان ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئوبدان بىلەتتى. زەنجىرسىمان باغلىنىپ چىقىۋاتقان ھېكايىلەر، تەسىرلىك ئىشلار، بىزدىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار مېنى خىياللار دۇنياسىغا ئەكىرىپ تاشلىۋەتتى؛ نەچچە كۈنلەرگىچە بۇ روماندىكى پېرسوناژلارنى خىيال قىلىپ چىقتىم، بۇنداق پېرسۇناژلار بىزدە يوقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ يازمىنى- «كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى»  ناملىق يازمىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلغان نادىر ئەسەرمۇ مۇشۇ ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ دۇنياۋىيلىقى باركەن، ھەقىقەتەنمۇ نامىغا چۇشلۇق سەنئەت، گۈزەللىك، ماھارەت باركەن!
روماندا باشتىلا بىر ئېپىسكوپ يېزىلىدۇ، بۇ ئېپىسكوپ كۆپ نەرسە بىلمىسىمۇ(دىنىي بىلىملەردىن باشقا)، شۇ زامانلاردىكى پادىشاھلىق ۋە جۇمھۇرىيەتچىلىك توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلانمىسىمۇ، لېكىن ئادىمىيلىك توغرىسىدا ئوبدان ئويلىنىپ يېتىدۇ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا ئاتايدۇ، خەيرى-ساخاۋەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئايالى ۋە بېقىندى سىڭلىسىغا ھېچقانداق چوڭ خىراجەت قىلمايدۇ، ئۆزىمۇ ئاددىيلا ياشايدۇ، ھەتتا مۇھىم مېھمانلىرى كەپ قالسىمۇ، ئورۇندۇقلىرى يېتىشمەي، بىر پۇتى كەم ئورۇندۇقنى تامغا يۆلەپ ئۆزى ئولتۇرىدۇ، مۇساپىرلاپ كېلىپ قالسا دەپ ئىشىكنى پەقەتلا ئەتمەيدۇ. ژان ۋالژان ئىسىملىك مەھبۇس كىچىك ۋاقىتدا ئاچىسىنىڭ ھامىيلىقىدا چوڭ بولىدۇ، كېيىن ئاچىسىغا كۆپ قارىشىدۇ، ئۇنىڭ يەتتە بالىسىنى تەڭ باقىدۇ، ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، قاۋۇل بولۇپ ئۆسىدۇ، ئاچارچىلىق يۈز بەرگەندە ئاچىسىنىڭ بالىلىرىغا ئاشلىق يېتىشمەي، يىغلاپ كەتكەندە چىدىماي، بىر تال بولكىنى ئوغۇرلاپ، بولكا ئېگىسى ئەرز قىلىپ تۈرمىگە بۇلاڭچى بولۇپ كىرىدۇ (دېرىزىنى چاققانلىقى ئۈچۈن)، ئۇ يەردە كۆپ قېتىم قاچماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالتە يىل ئۇزىراپ، ئون توققۇز يىلغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇ بۇ جەرياندا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۆچ بولۇپ تۈرمىدىن چىقىدۇ، ھەتتا چىقىۋاتقاندىمۇ، تۈرمىدە ئون يىللاپ ئەمگەك قىلىپ يىغقان پۇلنى، تىزىملىغۇچىلار قىسىۋالىدۇ، ئۇ ئۆيىگە قايتىش سەپىرىدە يولدا مېھمانخانىلارغا پۇل تۆلەپ كىرمەكچى بولغاندا، ياتاققا ئالمايدۇ، ئەرزان ياتاقلارمۇ ئالمايدۇ، تۈرمىدىن چىقىپتۇ دەپ، ئۇ ناھايىتى سىقىلىدۇ، ناھايىتىمۇ ئۇزاق يوللارنى پىيادە بېسىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ھېرىپ ھالى قالمايدۇ، ئاخىرى بىر ئۆڭكۈردەك يەردە ياتسا، بۇمۇ ئىتنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ چىقىدۇ، ئۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ، بىر تاش ئورۇندۇقتا ئۇخلاۋاتسا، بىر ئايال ئۇنىڭغا بېنۋىنيو ئىپىسكوپنىڭ ئۆيىنى، ئۇنىڭ خەيرى-ساخاۋەتچى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭكىگە كەلگەندە، ئېپىسكوپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شەھەرگە بىر ئوغرىنىڭ، ياق، بۇلاڭچىنىڭ پەيدا بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئەپتىدىنلا ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق مەخلۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەۋاتاتتى، ئېپىسكوپ بۇنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆز ئايەملىرىدىلا ئىشلىتىدىغان كۈمۈش قاچىلىرىنى ئېلىپ مېھمان قىلىدۇ، كۈمۈش شامدانلارنىمۇ ئىشقا سالىدۇ، مامۇق تۆشەك تەييارلاپ بېرىدۇ، كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەن ژان ۋالژان، بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، كۈمۈش قاچىلىرىنى بۇلاپ كەتمەكچى بولىدۇ، كۆپ ئىككىلىنىدۇ، ئاخىرى، بۇ نىيىتىدىن يېنىپ، كۈمۈشلەرنى ئوغۇرلاپ قاچىدۇ، ئەتىسى ئاياللار توپىلاڭ كۆتۈرىدۇ ۋە ئېپىسكوپنى ئەيىپلەيدۇ، دە شۇ چاغدا ساقچىلار ژان ۋالژاننى تۇتۇپ كېلىپ، بۇ سىزنىڭ نەرسىلىرىڭىزنى ئوغۇرلاپتۇ دەيدۇ، بىراق ئېپىسكوپ: «مەن بۇنى بۇ جانابقا سوۋغا قىلدىم» دەپ جاۋاب بېرىپ، ساقچىلارنى كەتكۈزۈۋېتىدۇ. مەن سىزگە بۇلارنىمۇ قوشۇپ بەرگەن، ئەمما ئۇنتۇپ قاپسىز، دەپ ئىككى كۈمۈش شامداننىمۇ ئاچىقىپ بېرىدۇ، ژان ۋالژان تېڭىرقاپ قالىدۇ، ئۇ تۈرمىدە ئون توققۇز يىل جەريانىدا ياۋۇزلىقنىلا، رىقابەتنىلا، ئىنسانىيەتنىڭ قاراڭغۇلىقىنىلا كۆرگەن، شۇڭا بۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ، «ئەمما سىز ماڭا ياخشى ئادەم بولۇشقا ۋەدە بەرگەن، ئۇنى ياخشى ئورۇنداڭ» دەيدۇ ئېپىسكوپ، ژان ۋالژان يولدا كېتىۋېتىپ، شەھەرنى، يېزىلارنى قالايمىقان ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ناھايىتى بېرىلىپ، شەيئىلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ئويلىنىدۇ، ئۇ بىر كۆتەكتە ئولتۇرۇپ، ئىنتايىن چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقاندا، بىر بالا كېلىپ، تەڭگىسنى ھاۋاغا ئېتىپ ئويناپ، بىر قېتىم چىڭراق ئېتىۋېتىپ، تەڭگە ژان ۋالژاننىڭ ئايىغى ئاسىتىغا چۈشىدۇ، ئۇ بىلمەي دەسسىۋالىدۇ، بالا تەڭگەمنى بېرىڭ دەپ نەچچە قېتىم دەيدۇ، بىر قېتىم چىڭراق دېسە، قاتتىق ئويلىنىۋاتقان ژان ۋالژان ئۇنىڭ ئاچچىق بىلەن قوغلىۋېتىدۇ، بۇ بالا ئۇدۇل ساقچىخانىغا بېرىپ، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى دەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق «بۇلاڭچىلىق»ئى دەپتەرگە چۈشىدۇ، خىيالدىن ئويغىنىپ، ئايىغى ئاستىدىكى تەڭگىنى كۆرگەن ژان ۋالژان بالىنى توۋلاپ، ئىزدەپ تاپالمايدۇ ۋە تەڭگىسىنى ھامان بىر كۈنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يانچۇقىدا ساقلاپ قويىدۇ.
پارىژدا تۆت ئوقۇغۇچى قىز، تۆت ئوقۇغۇچى ئوغۇل بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، بۇلارنىڭ ئۈچ قىز، كۆپ مۇھەببەتلەشكەنلەر، بىرى تۇنجى مۇھەببەتلەشكىنى؛ ئوغۇللار ھەممىسى پىشىپ كەتكەنلەر ئىدى، تۇنجى مۇھەببەتلەشكەن قىزنىڭ ئىسمى فانتېنا ئىدى، ئۇلار دالىلاردا ئوينايدۇ، كۆپ قېتىم بىللە ساياھەت قىلىدۇ، بۇ جەرياندا فانتېنانىڭ بويىدا قالىدۇ، ئوغۇللار قىزلارنى تاشلاپ كېتىدۇ، فانتېنا بالىنى ئاتا-ئانىسى يوق شارائىتتا تۇغۇپ، ئازراق چوڭ بولغاندا پارىژدا ياشاشقا ئىقتىسادىي قۇربىتى يەتمەي، ئۆيىگە قايتماقچى بولىدۇ، يولدا خەقنىڭ ھارۋىسىغا چىقىۋالىدۇ، كىراغا پۇلى يەتمەيدىغانلىقىنى، ماڭسا قىزى كوزېتتاغا جاپا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنى بىرسى بېقىپ تۇرسا، مەن پۇل تېپىپ، قايتۇرۇپ ئەكەتسەم دەپ ئويلايدۇ، يولدا بىر ئاددى ساراي ئالدىدا ئېلەڭگۈچە ئۇچۇپ تۇرغان ئىككى قىزنىڭ ئانىسىغا قىزنى بېقىپ تۇرۇشنى، ئۆزىنىڭ خىراجەتنى تۆلەيدىغانلىقىنى، ئايلىق ئەۋەتىدىغانلىقىنى، كېيىن پۇل تېپىپ ئەكىتىدىغانلىقىنى دەيدۇ، كوزېتتانى ئەر –ئايال ساراي خوجايىنلىرى تېناردىلار ئېلىپ قالىدۇ، بۇلار ئىنتايىن پەس ئادەملەر بولۇپ، يۇلۇۋېلىشنىلا كۆزلەيتتى، ئۇلارمۇ تارىخىي شارائىتىتا ۋاتېرلو جېڭىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە كېپەن ئوغۇرلۇقى، يەنى ئۆلۈكلەرنىڭ يانچۇقىدىكى نەرسىلەرنى ئوغۇرلىغان، تاسادىپىي ئۇدۇل كېلىپ قېلىش بىلەن بىر سېرژانتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، بۇ كۆرۈنۈشنى رەسىم قىلىپ سىزدۇرۇپ ساراينىڭ ۋىۋىسكىسى ئورنىدا ئېسىپ قويۇشقانىدى، بۇ پەس ئەر-ئايال فانتىنادىن  بالىسى كوزىتتا ئۈچۈن كۆپ پۇل ئۈندۈرۈۋالىدۇ، ئايلىقنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇدۇ، فانتىنانىڭ قىلمىغان ئىشلىرى قالمايدۇ، قىزىڭ كېسەل بولۇپ قالدى، ئۆلىدۇ، قىشلىق كىيىم دەپ يۈرۈپ نۇرغۇن پۇل ئۈندۈرۈۋالىدۇ، بۇ پۇللار فانتېنا ئۈچۈن قان ئىدى، ئۇلار كوزىتتانى «ئالتۇن تۇغۇدىغان مېكيان» قىلىۋالغانىدى،
ژان ۋالژان ياخشىلىق يولىغا ماڭغاندىن كېيىن، ئىسمىنى مادلېن دەپ ئۆزگەرتىدۇ، ساقچىلار پېيىگە چۈشۈپ ئىزدەپ تاپالمايدۇ، ئۇ بىر شەھەرگە كېلىپ، بىلەيزۈكنى ئازراقلا ئىسلاھ قىلىپ، شۇ شەھەرنىڭ سانائىتىنى گۈللەندۈرىدۇ، بېيىپ كېتىدۇ، كىشىلەرگە داۋاملىق خەيرى ئېھسان قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، ساقچى ژاۋېر ئۇنىڭ ژان ۋالژان ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلسىمۇ، لېكىن  تولۇق ئىسپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ، مادلېن جاناپ بېيىپ زاۋۇتلارنى قۇرىدۇ، كۆپ پۇلى بولسىمۇ، كىشىلەرگە بەك تولا ياردەم قىلىپ، كىشىلەر ئارقىمۇ-ئارقا تەلەپ قىلىپ ئاخىرى شەھەر باشلىقى بولىدۇ، كوزىتتانىڭ ئانىسى فانتىنا ئۇنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، مادلېن جاناپ، زاۋۇتتا ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن ئەخلاقنى ئالاھىدا تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن، كاسسىر بۇ جانابقا مەسلىھەت سالمايلا فانتېنانى (خوتۇنلارنىڭ يامان ئايالكەن، بىر يەردىكى ھاراملىق بالىسىغا پۇل ئەۋەتىدۇ دېگەن غەيۋەتلىرىگە ئاساسەن) قوغلىۋېتىدۇ، ئۇ بەك قىيىن كۈنگە قالىدۇ، ئاخىرى ئىككى تال ئۇدۇل چىشىنى قىزى كوزىتتا ئۈچۈن سېتىۋېتىپ، پۇل تاپىدۇ، بىراق ئاخىرى قىلچە ئامال بولماي، بوپتۇلا، ساتمىغان شۇ بىر نەرسە قالغان دەپ پاھىشە بولۇپ كېتىدۇ، بىرى، ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ قەھرىتان سوغۇقتا دۈمبىسىدىن قارنى كىرگۈزۈۋېتىدۇ، ئۇ ئۇ كىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ، ساقچى باشلىقى ژاۋېر سېزىمىگە تايىنىپلا مەسىلىنى فانتېنادا قويۇپ، ئالتە ئايلىق كەسمەكچى بولىدۇ، نەق مۇشۇ چاغدا مادېلىن جاناپ كىرىپ قالىدۇ ۋە قويۇۋېتىشنى سورايدۇ، دەل شۇ چاغدا فانتېنا، مادېلىن جاناپقا تىل سالىدۇ، سەن مېنى   زاۋۇتتىن ھەيدىۋەتكەچكە، مەن مۇشۇنداق ھەممە نېمەمنى سېتىۋەتتىم دەيدۇ، مادلىن جاناپ ئۇنى چىقىرىۋېتىدۇ، كەچۈرىدۇ، ئۆزى كەچۈرۈم سوراپ، مەڭگۈلۈك تەمىنات بېرىدىغانلىقىنى دەيدۇ، فانتىنا ئاغرىپ قېلىپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ، قىزى كوزىتتانى بىر مېنۇت بولسىمۇ كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
كوزىتتا بولسا تېناردىلارنىڭ ئۆيىدە يەتكۈچە ئازاب چېكىدۇ، جۇل-جۇل كېيىم كېيىدۇ، ئانىسى ئەۋەتكەن پۇللارنى تېناردىلار قىزلىرىغا بېرىدۇ، بۇنى ئېغىر يېنىك ئىشلارغا سالىدۇ، ئوت قالاتقۇزىدۇ، قاتتىق يەردە  ياتقۇزىدۇ، قاتتىق بولكا بېرىدۇ، ئەتتىگەن سەھەر تۇرۇپ (قوشنىلار بۇ قىزنى بۇلبۇل دەۋالىدۇ) كوچىنى يوغان سۈپۈرگىدە سۈپۈرگۈزىدۇ، «ئۆزى ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرسىمۇ بولىدىغان چېلەك»تە يىراقلاردىن سۇ ئەكەلگۈزىدۇ، قىزلىرىغا قونچاقلارنى ئەپبېرىدۇ، بۇ قىزغا ئويناشقىمۇ، خىيال سۈرۈشكىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ( مۇشۇ يەرلەرگە كەلگەندە يىغلىماي دەپ ئامال بولمىدى، ئۆگەيلىك قاتتىق!!!) ۋارقىرىسىلا قورقۇپ تۈگۈلۈپ كېتىدۇ، تۇغۇلۇپلا خۇشاللىق دېگەننى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا مۇشۇ ئەر-ئايال تېناردىلارنىڭ قۇللىقى ئاستىدىلا ئىدى.
دەل مۇشۇ پەيتلەردە مادلىن جاناپ بىر خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، يەنى، ئۇنى ژان ۋالژانمىكىن دەپ گۇمان قىلغان ژاۋېر ئۆزى، مەن سىزنى شۇ ئادەممىكىن دەپ قارىغان، كەچۈرۈڭ جاناپ، ھەقىقى ژان ۋالژان تۇتۇلۇپتۇ دەيدۇ، بۇ ئىش مادلىن جاناپنى ساراسىمىگە سالىدۇ، ئۆزىنى ئاشكارىلاي دېسە، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان نۇرغۇن تۇل خوتۇن، يېتىم  بالىلار ئاچ قالىدۇ؛ ئاشكارىلىماي دېسە، ساختا ژان ۋالژان ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىگە بۇلاڭچى بولۇپ چۈشىدۇ، ئۇ ئۇدا بىر كۈن قاتتىق ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى تېز چاپار ئاتلارنى كىرا قىلىپ، قوشنا ناھىيىدىكى سوتقا ئۈلگۈرۈپ، ھېلىقى ئادەم كېسىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن، مەن مادېلىن جاناب ئەمەس، ژان ۋالژان بولىمەن، بۇ بىگۇناھ ئادەمنى قويۇپ بېرىڭلار دەيدۇ... كۆزلەر تاڭ قالىدۇ، سوت ئاجايىپ ھالغا چۆمۈپ كېتىدۇ...
بىرىنچى توم كىتاب شۇنداق تۈگەيدۇ، ئەسلى بۇ كىتاب ئۆز تىلىدا ئون توم بولۇپ نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كېيىن قىلىنغان نەشرىكەن. ھيۇگو زور ۋەقەلەر ۋە ئاددى تۇرمۇشلارنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن يازغانىدى، بەزى يەرلەر خۇددى زەمبىرەك سۇپىسى ياسالغاندەك سەۋىرچانلىق بىلەن يېزىلىپ، شۇنداق گەپلەرنى يازاتتىكى، ئۇ گەپ ئۇدۇل بېرىپ يۈرەككە تېگەتتى ۋە ئادەمنى زىلزىلىگە سېلىۋېتەتتى. بەزى يەرلىرىنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ، رومان يېزىشقا قىزىقىپ قالاتتىم ، ھەتتا يازالايدىغاندەكمۇ ھېس قىلىپ كېتەتتىم... جۈملە تۈزۈش، قۇرۇلما، باش ئاخىرىنى توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم.... ۋىكتور ھيۇگو ئۆزىنىڭ سىماسىنى قەلبىمدە تولستوي بىلەن بىر يەرگە قويۇۋاتاتتى... بىزدىمۇ يازىدىغان ھەر پېرسۇناژلار، ھەر ئىشلار بار.. گەرچە ناپولېئون، روبىسپىرلىرىمىز بولمىسىمۇ، بېنۋىنيو ئېپىسكوپتىنمۇ پەزىلەتلىك داموللاملىرىمىز بار، كوزىتتالىمىز بار، ئۈرۈمچىدە دۇكان ئاچسىڭىز كۆرىدىغان «دۇكىنىڭىزدا ئىشلىتەمسىز؟»دەپ كېلىدىغان فانتېنالىرىمىز بار... يازىدىغان نۇرغۇن – نۇرغۇن ھېكايىلەر بار... نېمىشقا يېزىشقا جۈرئەت قىلمايدىكەنمىزكىن.... ؟ مەن  يازالارمەنمۇ؟ ھالبۇكى، تۈزۈكرەك بىر ھېكايە ياكى پوۋېستمۇ يېزىپ باقمىدىم!








بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
800
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
34757
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 23:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافىيفىي،گۈلەن قاتارلىقلارنىڭ  يازمىلىرىنى شۇ قەدەر سۆيۈنۈپ تۇرۇپ سۆيۈپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن...

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
9786
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-11 23:52:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى تەسىراتلاركەن!مەنمۇ سىزنىڭ<< شىنجاڭ مەدەنىيتى>> گە بىسىلغان ماقالىلىرىڭىز ئارقىلىق سىزنى غايىۋانە ھۆرمەتلەپ كەلگەن ئىدىم.بۇ تەسىراتىڭىز ئارقىلىق سىزگە بولغان ھۆرمىتىم يەنىمۇ ئاشتى.مەن قاچانمۇ سىزدەك بولالارمەن؟

UID
8105
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3037
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 00:33:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەرگىيەگە ئوخشاش شۇ لارنىڭكىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.بۇلار يازغان ئەسەرلەرنىڭ غايىۋىلىكى كۈچلۈك.

UID
10036
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
270
تىزىملاتقان
2011-3-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 01:21:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى بىر قۇر ئۇ يەر بۇ يەردىن كۆرۇپ چىقتىم، گويا مۇنتىزىم ژورناللاردىكى ماقالىلارنى كۆرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولدۇم، ھازىر بەك كەچ بولۇپ قاپتۇ، ئەتە تەپسىلى ئوقۇپ ئاندىن تەپسىلى ئىنكاس يازارمەن ،   ۋىكتور. ھىيوگونىڭ " پاجىئەلىك دۇنيا " رومانى ماڭا بەك يارايدۇ، ژان ۋالژان دەك يۇڭرىكى قېتىپ كەتكەن ئادەم  ئاخىر  بىر ساخاۋەتچىگە ئايلىنىدۇ، ئەدەبىيات دىگەن مانا شۇ، ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئەنە شۇنداق بولىشى كىرەك.

ئۆزەڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغىمۇ بەرمە

UID
2104
يازما
119
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3759
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 17:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاق  بوپتىكەن   بىرەر  تىمىنى  بۇنداق  تەپسىلى ئوقۇپ  باقمىغىلى  .
  ئاخىرى باردەك  ئاخىرى  بۇلۇشى كىرەكتەك  بىلىنىۋاتىدۇ  ماڭا  بۇ  تېمىنىڭ  .

كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-12 20:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى شۇ ئوقۇغان كىتابنىڭ تەسىراتىغا ئاساسەن ئاز-ئازدىن يوللىنىدۇ، قەرەلسىز... شۇڭا ساقلاپ قالماڭلار...

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

دائىملىق ئەزا

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

UID
2255
يازما
655
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
22240
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-13 20:42:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت .
ساقلىۋالدىم .   ئەستايدىللىقىڭىزدىن سۈيۈندۈم .

كۆيۈمچان ئەزا

ئەلچى گۈلچىلىكى

UID
2515
يازما
39
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
1540
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-13 21:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى ياخشى كىتابلار

ئەلچى گۈلچىلىكى gulqi.biz

UID
2091
يازما
1529
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50483
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-28
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-13 22:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى  تەسىراتلاركەن .... مەنمۇ كىچىكىمدىنلا كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقاتتىم ...14-15ياشلار ۋاقتىمغۇ دەيمەن بىر ئاخشىمى توك كېتىپ شام ياقتۇق ، مەن تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇپ شامنى باش تەرىپىمگە ئەپكېلىپ قويۇپ، كىتاپ ئوقۇپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن شام كۆيۈپ  كىتاپقا ،يوتقانغا ياستۇق... ئۆزەملا ساق قاپتىمەن  ئاتام كىرىپ ئويغاتمىسا مەنمۇ يوق دە ...بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ يەنە شۇ مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كەلدى .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش