- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 370
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12103
- تىزىملاتقان
- 2010-8-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-21
- UID
- 4583
- يازما
- 370
- تېما
- 13
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 12103
- تىزىملاتقان
- 2010-8-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-21
- توردا
- 0 سائەت
|
مۇشۇ مۇختەربايمۇ دىگەن بىلەن يامان تاز ھە ، ئەمىلىيەتتە ۋاي دىگۈدەك نە چىرايى نە يانچۇقتا بىرە تال پۇچۇق تەڭگىسىمۇ يوق قىپ -قىزىللا يالاڭتۆش .
ئۆزىمۇ ئېيتىپتىغۇ ئەنە :
"ئادەم دىگەننىڭ چىرايى يېشىغا مۇناسىپراق بولمىسا پەقەت بولمايدىكەن قاراڭلار . مىسالەنگە مانا مەن . يېشىم قىرىقتا بولغان بىلەن مېنى كۆرسىڭىز ئاز كەم 50 - 55 لەردە بار دىيىشىڭىز ئېنىق . - ئەي خۇدا شۇنچىلا بوي - بەسىت ، شۇنچىلا قاش - كۆز ، شۇنچىلا گەپ ، شۇنچىلا '' ھۈنەر '' ....بېرىپسەنۇ مۇشۇ يۈزۈمدىن كىچىككىنە ئېيتىۋەتكەن بولساڭ قانچىلىك رازى بوپكېتەر ئىدىم ھە..... '' دەپ يۇم - يۇم يىغلاپ مۆلدۈر سوقىۋەتكەندەك ئوڭغۇل - دوڭغۇل بوپكەتكەن يۈزلىرىمنى ئېرتىپ كىچىككىنە پەسلىگەندەك بوپتىمەن ......."
شۇنداق قىلىپ بۇ جىرتاق ھىلىقى "ھۈنەر" لىرىنى تولا ئىشقا سېلىپ ئاخىر بىر كۈن بېلىقتەك نەقلا تورغا چۈشۈپ قاپتۇ . ئۇنىڭ قىلمىش -ئەتمىشلىرىدىن شىكايەت قىلىنىپ سوت ئېچىلىۋاتقان كۈنى سوتتىكى تەكشۇرۇشلەر ئاخىرلىشىپ ، ئۇنى ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلىۋېلىشقا پۇرسەت بەرگەن مىنوتلاردا باي شۇنداق سۆزلەپ كېتىپتۇكى :
- مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى چىراي شەكلىم نەق قاراقچى ، باندىتقىلا چۈشىدۇ . چىرايىم سەت بولسىمۇ ، قوتۇر بولسىمۇ سەل سۈزۈكرەك بولسا نىمە دەي ، خاڭدىن چىققان كۆمۈرچىمۇ مەندىن تۈزۈكرەكتۇ بەلكىم . يا مۇقىم كەسپىم ، يا تۈزۈكرەك ئۆي بىساتىم يوق .مۇھىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بىرە تۇققىنىم بولسا بىر كاشكى ...ئۇنى ئاز دەپ رەھمەتلىك دادام ھەممە دەرتنى ماڭا تاشلاپ ، بالدۇرلا كېتىۋاپتىكەن .
خەقنىڭ ئاتا -ئانىسى ئۆلۈپ كەتسە ، نەچچە يەردە ئۆي -زىمىن ،داچا ، بانكىدا ئالتۇن -كۈمۈش ئاقچا مىراس قالىدىكەن . مېنىڭ دادام ئۆلۈپ كەتكەندە ئاپام بىلەن بەش بالا ماڭا پاك -پاكىز مىراس قاپتىكەن ...
-ئەمما لېكىن خۇدايىم ئوڭ كۆزىدە قاراپ ، يۇلتۇزۇمنى ئوت يۇلتۇزلۇق قىلىپ يارىتىپ قويۇپتىكەن دىسە ، سەت بولغۇنۇم بىلەن مېھرىم ئىسسىق تازمەن جۇمۇ بۇ دۇنيادا ... شۇڭىچۇ مۇشۇ قىز -چوكانلارنىڭ دەردىدە نىمە كۆرسەم ئەرزىيدۇ . مۇشۇ قاملاشقان ، پۇلدار ، ھوقۇقدار ئەرلەر نىمە دەپ بىر خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمىدى ؟ نىمە دەپ مەندەك بىر گىلدىڭشىپ تۇرىدىغان ، بېشىدىن يىللار بويى ئەسكى تۇمىقى چۈشمەي تېكە پۇراپ تۇرىدىغان "كۆك ياقىلىق" نى خوتۇنلىرىدىن كۈنلەپ سوتقا تارتتى ؟ سەۋەبى زادى نىمە ؟
-ھۆرمەتلىك باش سوتچى :
-مېنىڭ يەنە دەيدىغانلىرىم تۈگىدى . سوت يېپىلسۇن ! باي ئېتىلسۇن ! -دەپ ھۆكۈم چىقىرىڭ !!! |
|