- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 191
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- UID
- 2095
- يازما
- 191
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- توردا
- 2 سائەت
|
ئەتتىگەن تېلىفۇن نومۇرۇمنى بىلمەيدىغان مۇنبەرداشلاردىن بىرنەچچىسى فاكىس يوللاپتۇ '' سالام مۇختەرباي بىن تۇماقى ئەل كالاچى ! '' ئەلكۈيى مۇنبىرى '' دە نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ . مۈمكىن بولسا سىزمۇ كېلىپ بىر ئىككى ناخشا ئېيتىپ بەرمەمسىز ؟ '' دەپ . فاكىسنى ئوقۇپ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپلا كەتتىم . توۋۋا ! ''ئېشەك ئۆلسە مۈڭگۈزى ئۇسۇل ئويناپتۇ '' دىگەندەك ، مۇنۇ قەرىزدارچىلىقتىن قۇتۇلالماي يۈرسەم مەشرەپ ئويناش يارىشارما ماڭا ؟ بىر تەرەپتىن قەرىز ئىگىلىرى قەرىز سۈيلەۋاتقان ئەتىگىچە بەرمىسەڭ ئۈستۈڭدىن ئىستىمالچىلار جەمىيىتىگە ئەرىز قىلىمىز دەپ . شۇنچە دىدىم بولمىسا '' كالاڭلارنى چوقۇم قايتۇرىمەن . ئاۋۋال مۇنۇ قىزىل بايتىلىم بىر ساق سالامەت بوشىنىۋالسۇن ، ھە ئاندىن تايچىقى چوڭ بولۇپ بەيگىگە چۈشكۈدەك بولغاندا بەيگىگە سېلىپ ئۇتقان پۇلنى تۆتكە بۆلۈپ قايتۇرىمەن .... '' يا...يا ...يا قەتئىي ئۇنار ئەمەس ھە بۇلار !
ۋاي تېخى بەزىلەر '' بۇ مۇختەر باي يوقاپ كەتكىنىدى . مانا ئەلكۈيىدە قىز - ئاياللار ئولتۇرىشىنىڭ ھېدىنى پۇراپ قاپتىكەن يەكپاي كالىچىنىڭ پاشنىسىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي ئۆمىلەپ كىرىپتۇ ، سورۇنغا شۇنداق قارىسا ھېلىقى بودۇشقاق دىدار پايتىمىسىنى بېشىدىن ئېگىز پۇلاڭشىتىپ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادنۇشكىغا دەسەۋېتىپتىكەن بۇنى كۆرگەن مۇختەرباي بۇرنىغا تۇمىقىنى تۇتقىنىچە تىكىۋېتىپتۇ ... '' دەپ يۈرگۈدەك . ''مۇشۇكنى ھارۋىغا قاتساڭ ،كاتنىڭ ئاستىغا سۆرەيدۇ '' دەپتىكەن مەن تونىمايدىغان بىرى . ھە راست ھارۋىنىڭ گېپى چىقىپ قالدى . مۇشۇ ھارۋا توغۇرلۇق سىلەرگە ئېچىنىشلىق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرەي .
ئادەم دىگەننىڭ چىرايى يېشىغا مۇناسىپراق بولمىسا پەقەت بولمايدىكەن قاراڭلار . مىسالەنگە مانا مەن . يېشىم قىرىقتا بولغان بىلەن مېنى كۆرسىڭىز ئاز كەم 50 - 55 لەردە بار دىيىشىڭىز ئېنىق . شۇڭا مۇنۇ دىدار رەسىمىمنى بىر كۆرگەندىن باشلاپ مېنى ئۆزى بىلەن دېمەتلىك دەپ قېلىپ تا بۈگۈنگىچە كەينىمدە پايپاسلاپ يۈرىدۇ . بولمىسىغۇ دىدار مېنىڭ ئاۋۇ كىچىك ئاپاملار دېمەتلىك بار ....... ئا ...يەنە مۇشۇ خوتۇننىڭ گېپىگە چۈشۈپ كېتىپتىمەنا !
شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى كۈنى ھارۋامنى ھايداپ كېتىپ بارسام 55 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال توراپ قالدى . يېنىدا بىر كىچىك بالا بار ( كېيىن بىلسەم نەۋرىسىكەن ) . '' نەگە بارىسىز ؟ '' دىسەم '' بەشكۆۋرۈككە ئاپىرىپ قويامسىز ئاكا ؟ '' دەيدۇ . نىمە دەيمەن ھەي جېنىم قېرىنداشلىرى ، نىمە دەيمەن ؟ ..................................
'' چىقىڭ ئۇكا ، چىقىڭ ئاپىرىپ قوياي '' دىدىم . ھارۋامنى ھايداۋاتىمەن ...كۆڭلۈم دىگەن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ . '' ئەي خۇدا شۇنچىلا بوي - بەسىت ، شۇنچىلا قاش - كۆز ، شۇنچىلا گەپ ، شۇنچىلا '' ھۈنەر '' ....بېرىپسەنۇ مۇشۇ يۈزۈمدىن كىچىككىنە ئېيتىۋەتكەن بولساڭ قانچىلىق رازى بوپكېتەر ئىدىم ھە..... '' دەپ يۇم - يۇم يىغلاپ كېتىپتىمەن . بىر چاغدا ھېلىقى ئايال '' نىمە بولدىڭىز ئاكا ، كۆڭلىڭىزنى بىرسى ئاغرىتتىمۇ ؟ '' دەيدۇ . ''ياق ئۇكام ، سىزنى كۆرۈپ ئىككى يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن رەھمەتلىك نەۋرە سىڭلىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى . رەھمىتى سىز دىمەتلىك يەنە كېلىپ سىزگە شۇنداق ئوخشايتتى '' دىسەم '' ۋىيەي....بولدى كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ '' دەپ يانچۇغىدىن قولياغلىغىنى چىقىرىپ ''ياشلىرىڭىزنى سۈرتىۋېلىڭ ئاكا '' دەپ تەڭلاۋاتىدۇ . ياغلىقنى ئېلىپ مۆلدۈر سوقىۋەتكەندەك ئوڭغۇل - دوڭغۇل بوپكەتكەن يۈزلىرىمنى ئېرتىپ كىچىككىنە پەسلىگەندەك بوپتىمەن .......
ئەستەخپۇرۇللا نەدە مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىر ئىش چىقىدۇ-دە .... كەچۈرۈڭلار !
بۈۋىم ''موزاي ئېغىلدا يوق تۇرىدۇ '' دەيدۇ . مال ئېگىسىنى دورىمىسا ھارام دەپ قايسى دانا ئېيتىۋېدىكىن....مۇنۇ گۇي موزاينىڭ مېنى دوراپ ئۆيدە تۇرمايدىغىنىنى دەيمەندە..... |
|